قازاننىڭ قۇلىقى تۆت
(بۇ يازما Hello Life نىڭ «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت» دىگەن كىتاۋى ئۈچۈن يېزىلغان)
”قازاننىڭ قۇلىقى تۆت“
بىز ۋەتەن ئىچىدە ئامېرىكىنى خۇددى ھەممىلا نەرسىسى بىزنىڭكىدىن ياخشىدەك، ئىلغاردەك ئويلاپ قالىمىز. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن. مەسىلەن تېلېگراف ساھەسىنى مىسالغا ئالساق، بۇ ساھەدە تېخى بىز بەزى ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگىكەنمىز. مەسىلەن بۇ يەردىمۇ قول تېلېفوننى بىكار بېرىۋەتمەيدىكەن،خۇددى بىزنىڭكىگە ئوخشاش بىكارلىق بېرىشنىڭمۇ شەرتى بولىدىكەن. مەسىلەن مانچە يىللىق ئىشلىتىسەن دەپ توختام بولىدىكەن، يەنى ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدە چوقۇم ھەر ئايدا مانچە دوللارلىق سۆزلىششى شەرتى بولىدىكەن. لېكىن بەك ياخشى تېلېفونلارنىمۇ بۇنداق ئاسانلا بەرمەيدىكەن. مەلۇم شەرىت قويغاننىڭ سىرتىدە يەنە باھاسى باركەن. توختام مۇددىتى توشماي تۇرۇپ ئابۇنتلار تېلېفوننى توختىتىشنى تەلەپ قىلسا توختامدا بەلگىلەنگەن ماددىلار بويىچە تېلېگراف شىركەتلىرىگە جەرىمانە تۆلەيدىكەن. يانفوننىڭ سۆلىشىش ھەققى بىزنىڭكىدەك قوش لىنىيىلىك بولىدىكەن، ئۆي تېلېفونىنىڭ تاق لىنىيىلىك ئىكەن. تاق لىنىيىلىك قىلماقچى بولسا ئايدا 8- 10 دوللار تۆلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىزنىڭكىگە ئوخشاشلا يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تۈرلىرى بولىدىكەن. مەسىلەن، ئايدا مانچە پۇللۇق كۆتۈرە قىلىدىغان. بۇ تەرەپلىرى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش، مىنۇتلۇق سۆزلىشىش ھەققىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش، ھەتتا بەزى تەرەپلەردە دۆلىتىمىزدە ئەرزان ئىكەن. قارىسام ھىچكىم مىنوتى بۇيىچە ھەق ھىساپلايدىغان قول تېلىفۇن ئىشلەتمەيدىكەن. ھەممىسى يۇرۈشلۇك مۇلازىمەت ئىشلىتىدىكەن. مىنوت بۇيىچە ھەق ھىساپلىسا بەك قىممەت بۇلىدىكەن. مەسىلەن 45 سىنىت ئەتراپىدا. )بىر دوللار 100 سىنت( بىزدە ھەم تاق لىنىيىلىك، ھەم ئىجارىسىز مۇلازىمەت تۈرلىرىمۇ بار. سىگىنال سۈپىتىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەسكەن. مەن تۇرغان شەھەردە يانفوننىڭ سىگىنال سۈپىتى دۆلىتىمىزدىكى كىچىك زېرەكنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. شەھەر سىرتىدا ئىشلىمەيدىغان چاغلىرىمۇ بولىدىكەن. مەن تۇرۋاتقان شەھەر بىلەن قوشنا شەھەرنىڭ ئارلىقى 15 كىلومىتېر كىلىدۇ. ماشىنىنى 3-4 مىنوت ھەيدەپ بۇلغاندىن كىيىن سىگنال يوقاپ كىتىدۇ. يەنە بىر شەھەرگە يىقىنلاشقاندا يەنە پەيدا بۇلىدۇ.
تېلېگراف شىركەتلىرىمۇ ئادەتتىكى شىركەتلەر ئىكەن. ئادەتتە، دۆلىتىمىزدىكى تېلېگراف شىركەتلىرى چوڭ شىركەتلەر ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ يەردە بۇ شىركەتلەر چوڭ شىركەت ھىساپلانمايدىكەن. ھەم بۇنداق شىركەتلەردىن ئېلىنىدىغان باج-سېلىقلارمۇ كۆپ بولىدىكەن. مەسىلەن مىنىڭ قول تېلفۇنىمنىڭ بىر ئايلىق مۇلازىمەت ھەققى 40 دوللار، باجنى قوشۇپ تۈلىگەندە ھەر ئايدا 53 دوللار ئەتراپىدا پۇل تۈلەيمەن. دىمەك باج نىسبىتى 25%گە بېرىپ قالىدىكەن. مەن كۆزەتسەم، بۇ يەردە ئادەمنىڭ ياشىشى ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسىلەرگە ئاز باج ئالىدىكەن،زۆرۈر بولمىغان مەھسۇلاتلاردىن كۆپلەپ باج ئالىدىكەن.
سىمسىز تېلىۋىزور يوقكەن. مەن تېلىۋىزور ئېلىپ سىملىق تېلفۇن ئۇلاشتىن بۇرۇن نەچچە كۈنگىچە خېلى قېرىشىپ باقتىم. لېكىن بىرمۇ قانال ئىزدەپ تاپالمىدىم. سىملىق تېلىۋىزىيەنىڭمۇ ئوخشاشلا ھەر خىل باھادا ھەر خىل يۇرۈشلۈك مۇلازىمىتى بۇلىدىكەن. كىشىلەر ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەر خىل مۇلازىمەتنى تاللايدىكەن. مەسىلەن بەزى مۇلازىمەتتە كىنو جىق چىقىدۇ، بەزىلىرېدە مۇزىكا ناخشا قاناللىرى جىق، بەزىلىرىدا تەنتەربىيە نۇمۇرلىرى جىق. ئەرزانراقلىرىدا 50 نەچچە قانال، قىممەترەكلىرىدە 100 نەچچە قانال چىقىدىكەن. ئەگەر ئانتىنا ئورنىتىپ سۈنئى ھەمرا مۇلازىمىتى سېتىۋالسا دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدىكى تېلىۋىزىيە نۇمۇرلىرىمۇ چىقىدىكەن. بىر خەنزۇ تونۇشۇمنىڭ ئۈيىگ بارسام ئۇلار خەنزۇچە چىقىدىغان مۇلازىمەت سېتىۋاپتۇ. cctv نىڭ ھەممە قانلىدىن تارتىپ يەرلىك قاناللارغىچە ھەممىسى چىقىدىكەن. ئۇنىڭ دىيىشچە ئۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ سۇنئى ھەمرا قانىلىمۇ بارمىش. مۇلازىمەتنىڭ ئىنتىرنېت ھەققىمۇ ئاساسەن جۇڭگـدىكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. مەسىلەن مەن ئۆيۈمگە ئېيىغا 50 دوللار تۆلەپ تور ئەكىردىم. بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ”تور دېگەن ئامېرىكىدا ئىجاد بولغان، بىزنىڭكىدىن كۆپ تېز، كۇنۇپكىنى بېسىپ بولغۇچە تور بەتلىرى ئېچىلىپ بولىدۇ“ دەپ ئويلايتتىم، لېكىن ئىش دەل بۇنىڭ ئەكىسچە ئىكەن، مەسىلەن مېنىڭ ئۆيۈمدىكى تورنىڭ سۈرئىتى شىنجاڭدىكى بەزى تورخانىلاردىكى تور سۈرئىتىنىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ.بەزىدە تور بەتنىڭ ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ بۇيرۇق بەرسەم بىرەر مىنۇتلاردىن كېيىن ئاندىن ئېچىلىدۇ.
مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن دۆلىتىمىزدىكىدىن قىممەت بولىدىكەن. ئوخشىمايدىغىنى، كىشىلەرگە زۆرۈر ئاساسىي تۇرمۇش بويۇملىرى دېگەنلەر ئەرزان، باشقىلىرى قىممەت بولىدىكەن.ئاش-، سەي-كۈكتات، دىگەندەك تاماققا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر بەكمۇ ئەرزان بۇلىدىكەن. بۇ يەردە چوڭ نەرسىلەر ئەرزان ، كىچىك نەرسىلەر قىممەت بولىدىكەن. مەسىلەن، ماشىنا ئەرزان ئىكەن. ئادەتتە نورمال ھېسابلانغان يېڭى ماشىنىلار 15مىڭ دوللار دىن30 مىڭ دوللارغىچە ئىكەن. بۇلار جۇڭگوغا نىسبەتەن خېلى ئېسىل ماشىنىلار ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ماشىنىلارنى ئۈچ- تۆت يىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ساتماقچى بولسا 5 مىڭ دوللاردىن 500 دوللارغىچە ئالىدىكەن. ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى جۇڭگوغا سېلىشتۇرساق قىممەت، ئەمما ئامېرىكىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە نىسبەتەن ئەرزان. بۇ يەردە كىرگەن كىرىمگە نىسبەتەن بۇنداق نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئەرزان ئىكەن. ( پەرىزىمچە، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى بولسا كىرىمى يۇقىرى، 30 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى بولسا كىرىمى تۆۋەن ھېسابلىنىدىغان ئوخشايدۇ. ). مەسىلەن، مەن بۇ يەردە بىر ئاي ئىشلەپ ئېشىنغان پۇلۇمدىن 600 دوللار چىقىرىپ Dell ماركىلىق كومپيۇتېردىن بىرنى سېتىۋالدىم، لېكىن مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا 4 يىل ئىشلەپ تۈزۈك بىر كومپيۇتېر سېتىۋالغۇدەك پۇلغا ئېشىنالمىغانىدىم.
مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن دۆلىتىمىزدىكىدىن قىممەت بولىدىكەن. ئوخشىمايدىغىنى، كىشىلەرگە زۆرۈر ئاساسىي تۇرمۇش بويۇملىرى دېگەنلەر ئەرزان، باشقىلىرى قىممەت بولىدىكەن. چوڭ نەرسىلەر ئەرزان ، كىچىك نەرسىلەر قىممەت بولىدىكەن. مەسىلەن، مەن كومپيۇتېرغا بىر كىچىك كامرىرا ئالاي دىسەم 50 دوللار ئىكەن، ئادەتتە بۇ دۆلىتىمىزدە 50 يۈەندىن 3 يۈەنگىچە بولىدۇ. يۈز نەچچە يۈەنلەرگە خېلى ئوبداننى ئالغىلى بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، بارماق دېسكا بىلەن كومپيۇتېرنى چاتىدىغان USB ئېغىزلىق سىمنى 10 دوللارغا ئالدىم، لېكىن بۇنى بىز ۋەتەندە 4-5 يۈەنگىلا سېتىۋالالايمىز.
ئادەتتە بۇنداق كىچىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگودىن كەلتۈرىدىكەن. مەن تۇرۇاتقان شەھەردە ۋولمارت دەپ بىر دۇكان بار. باشقىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ دۇكان ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش دۇكىنى ئىكەن، بۇ يەردىكى نەرسىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى جۇڭگودىن كەلتۈرىلىدىكەن. لېكىن بۇ دۇكاندىكى نەرسىلەرنىڭ سۈپىتى دۆلىتىمىزدىكى دۇكانلارنىڭكىدىن ياخشىكەن. ۋەتەندىكىدەك قەدەمدە بىر ساختا مەھسۇلاتقا يولۇقمايتىكەنمىز. بەزى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ جۇڭگودا ياسالغانلىقىنى بىلىپ ئۆزۈممۇ ھەيران قالىمەن.
گېزىتلەردىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ كۆرىشىمچە، بەزىلەر جۇڭگودىنى ”دۇنيانىڭ زاۋۇتى“ دەپ قارايدىكەن. يەنە بەزىلەر ”ئەگەر جۇڭگو بولمىسا، جۇڭگونىڭ ئەرزان مەھسۇلاتلىرى بولمىسا، ئامېرىكىدىكى تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ كۈنى تەسكە توختايدۇ“ دەپ قارايدىكەن.
ئەمگەك ھەققى بەك قىممەت بۇلىدىكەن. ماشىنا بۇزۇلۇپ قالسا كاللىغا بىر غەم چۈشىدىكەن. ئادەتتىكى بىر ئەڭ ئاددى چاتاققا 500 دوللارسىز ئوڭشىتالمايدىكەنسىز. نۇرمال ماشىنا چاتاقلىرى بۇلسا نەچچە مىڭ دوللار بۇلىدىكەن. ھەممە شىتاتنىڭ ئەڭ تۈۋەن ئىش ھەققى بىكىتىلگەن بۇلىدىكەن. ھەرقانداق ئىشچىغا بۇنىڭدىن تۇۋەن ئىش ھەققى بىرىشكە بۇلمايدىكەن. مەن تۇرۋاتقان شىتاتنىڭ ئەڭ تۈۋەن ئىش ھەققى ئۈلچىمى سائىتىگە 7 يېرىم دوللار.
[...] سورۇندارچىلىقﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚقازاننىڭ قۇلىقى تۆتجېك دىگەن ئىسىمنى [...]
ياخشى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم : ھۆرمەتلىك ئەلى ھېسامىدىن ئاكا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ ئائېلىدىكىلەر سالامەتمۇ ؟ ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ھەم سىزنى تونىماي ...
مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، ...
رەخمەت ئاكا،شۇنداق جاپالارنى چېكېپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭېزنى بەرسۇن.
War of Independence is the best proof.銆侰arney unemployment rate is expected to achieve this goal takes 3 years銆侻eeting noted that ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىق ...
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئالاقىلىشىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن چ چ ياكى ئۈدىدار نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم، قېرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن. مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپىيۇتېر ...
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر