ئامرىكىلىقلار قانداقكەن
(بۇ يازما مەن ئۈتكەن يىلى قىشلىق تەتىلدە خېللو لايىف ئېلىپ بارغان «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۈھبەت» دىگەن پائالىيەتكە ئاۋاز قۇشۇپ يازغان. بۇ سۈھبەتنىڭ تولۇق قىسمى ئۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلدى ھەم نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. قىزىقىدىغانلار كىتاپ چىققاندا تولۇقىنى كۈرگەيسىزلەر. ھازىر باشقا يىڭى نەرسە يازىدىغان ۋاقىت بۇلمىغاچقا شۇنىڭدىن بىر قىسمىنى ئۈزۈپ ئېلىپ چىقىرىپ قويۇۋاتىمەن، كىتاپ چىقىشتىن بۇرۇن بۇنى باشقا يەرگە كۈچۈرۈپ چاپلاشقا بۇلمايدۇ)
ئامرىكىلىقلار قانداقكەن
بۇلار ناھايىتى ئەركىن ئىكەن. مەن دەسلەپتە كەلگەندە ناھايىتى كىچىك ئىشلارغىمۇ بەكلا دىققەت قىلدىم، تاماق يېيىشىتىن تارتىپ يول مېڭىشقىچە ئۆزۈمنى سالاپەتلىك تۇتۇشقا تىرىشتىم،بىرەر ئىشنى خاتا قىپ قويماي دەپ ھەممە ھەرىكىتىم، گەپ سۈزۈمگە دىققەت قىلدىم. لېكىن بۇلار ئۇنداق ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە ئەمەس ئىكەن. ئۆينىڭ ئالدىدا بىر باغچا بار ئىدى، باغچا گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ ئادەم ئىنتايىن كۆپ ئىدى، قارىسام باغچىغا كىرىدىغان ھېچ بىر يول كۆرمىدىم، چىملىققا دەسسەشنى لايىق كۆرمىدىم ، بىز چىملىققا دەسسەشنى ئېغىر ئالىمىز. كىيىن قارىسام ئەسلى بۇ چىملقتا مەخسۇس ماڭىدىغان يول يوق ئىكەن. قەيەردىن كىرىپ قاندا ماڭسىڭىز بۇلىدىكەن. ئاخىرى مەنمۇ دەسسەپ كىرىۋەردىم. بۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ دەسسەشكە تىگىشلىك ياكى بىز پايدىلىنىدىغان يەرلەر ئىكەن، دەسسەپ كىرىۋېرىدىكەن. ئادەتتە يول بويىدا ئولتۇرغاندا ئۇ يەردە توپا بارمۇ يوق كارى يوق، ئولتۇرۇۋېرىدىكەن. دەرس بولسا دەرس باشلاشتىن بۇرۇن بېرىپ بولىمىز، بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار كارىدوردىلا پۇتىنى سوزۇپ ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن، دۆلىتىمىزنىڭ مەكتەپلىرىدە بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس.
بۇلار ئۆيدە سافا بۇلامدۇ ياكى گىلەمدە بۇلامدۇ ئاياغ سالماي مېڭىۋېرىدۇ قوشنلىرىم ساپانىڭ ئۈستىدىمۇ ئايىغى بىلەن دەسسەپ يۈريۋىرىدۇ. تاماق يەۋاتقاندا جۇزىغا بىر نەرسە چۇشۈپ كەتسە قولىغا ئېلىپ پۈۋ دەۋىتىپ يەۋىرىدۇ.. . كىيىملەرگىمۇ ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدىكەن، بىر قېتىملا بىرسىنىڭ دوكلات بەرگىلى كەلگەندە كاستيوم كەيگەنلىكى كۆردىم، ھەممە ئادەم ئادەتتىكى كىيىملەر بىلەنلا ئۆزى خالىغاننى كىيىپ چىقىدىكەن. كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ كىيىمى نۇرمال كىيىملەر بۇلۇپ ئادەمنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ئەمەس ئىكەن، بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ كىيىمى كىنولار كۆرگەندەكلا ئىكەن. . شۇنىڭدەك مۇنداق ئىشنى قىلمىسام بولمايتتى دېمەيدىكەن، خالىغاننى قىلىدىكەن، دەرس ۋاقتىدا ئۇيقۇسى كەلسە كەتكەم كېلىۋاتىدۇ دەپلاكېتىۋېتىدىكەن.
ۋەتەندىكى ۋاقىتتا چەتئەللىكلەر كىيىم كىچەككە بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ، سورۇنغا قاراپ كىيىم كىيىدۇ دەپ .ئاڭلىغان. لېكىن تا مۇش كەمگىچە بۇلارنىڭ بۇنداق كىيىم كىيگىنىنى كۈرمىدىم. ئادەتتە قاندا كىيىم كەيگەن بۇلسا ئورۇنلاشتۇرغان سورۇنلارغىمۇ شۇندا كىيىنپ كەلدى. يازدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار كۈپىنچىسى ئىسسق بوپ كەتتى دەپ ”كوساركۇ“ كىيىدۇ. لېكىن كەچتە بىرەر يىغىلىش، سورۇن بۇلسىمۇ شۇ بۇيىچە بىرېۋىرىدۇ. مۇزىكاخانا ، دىىسكوخانا، مەيخانا دىگەندەك يەرلەرگىمۇ ھەپتە ئاخىرلىرىدا بەزىدە بېرىپ قالىمىز. مەن دەسلەپ بارغاندا ئانچە مۇنچە ئايىغىمنى مايلاپ. چاچلارنى تۈزەشتۈرۈپ، كىيملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ بارغان بولدۇم. لېكىن قارىسام ئۇ يەرگىمۇ خەقلەر ئۈزى بۇرۇن قاندا بۇلسا شۇ بويىچە بېرىۋىرىدىكەن، مەخسۇس بارمايدىكەن. تەنتەربىيە كىيىمى، خاشۇ ئاياغ، ئۈتەك، قىسقا يوپكا، ئۇزۇن يوپكا. ئوقۇغۇچىلار سومكىسى دىگەندەك كىيملەر بىلەنمۇ كىيىۋىرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەنمۇ مەنمۇ بۇلارغا دىققەت قىلمايدىغان، نىمە كىيىۋاتقان بۇلسام شۇ بويىچە بېرىۋىرىدىغان بۇلدۇم. مېڭىشتىن بۇرۇن لازىم بۇلىدۇ دەپ بىر يۈرۈش كاستىيۇم بۇرۇلكا ئالغان. لېكىن ھازىرغىچە ئۇنى ئۇچامغا سېپىپ باقمىدىم. توپا بېسىپ تۇرىدۇ. ئۈزەممۇ يىنىك، ئەركىن، كىيىنىىشكە، كىيىم كىچەككە بۇرۇندىن دىققەت قىلمايدىغان بۇلغاچقا بۇلارنىڭ بۇ مىجەزى ماڭا بەك ياقتى.
چەتئەتللىكلەر گەپ سۈزدە بىر بىرىگە بەك ھۈرمەت قىلىشىدۇ دەپ ئاڭلايدىغان بۇرۇن. قاراپ باقسام گەپ سۈزدە ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرى ، مۇلازىمەت خادىملىرى ناھايتى ئەدەپلىك سۈزلەيدىكەن. لېكىن قالغان خىزمەتداشلار، ئاغىنە بۇرادەرلەر ئارا تۈزۈت قىلىشىپ ئۇنداق ھۈرمەت قىلىشپ ئولتۇرمايدىكەن. ئەڭ ئاددى بىر مىسال ، بۇرۇن ئىنگىلىسچە ئۈگەنگەندە باشقىلارنىڭ ئىسمىنى سورىسىڭىز “ May I know your name “ دىيشىڭىز كىرەك. “ what is your name“ دىسىڭىز ھۈرمەتسىزلىك بۇلىدۇ دەپ ئۈگەنگەن. لېكىن تا ھازىرغىچە بىرەرسىمۇ مەندىن “ May I know your name ” دەپ ئىسمىمنى سوراپ باقمىدى. ھەممىسى ئاساسەن “ what is your name“ ياكى “ your name is?“ دەپلا سورايدۇ. ئادەتتە چاخچاققا ئائىت گەپلەرنى تولاراق قىلىشىدىكەن. ئادەتتە بىر يەرگە كەلسەك كىنولارنىڭ گىپىنى، دەرىستىكى قىززىق گەپلەرنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىززىق گەپلىرىنى دىگەندەك گەپلەرنى تولاراق قىلىشىمىز.
ئوينايدىغان ئويۇنلىرى بىر قەدەر ئاددى بۇلىدىكەن. كەچ تەرەپلەردە يىغىلىش قىلىپ قالسا بىرەرسىنىڭ ئۈيىدىلا قىلىدىكەن. قەرتنى ئانچە مۇنچە ئويناپ قويىدىكەن، لېكىن 8-9 ئادەم بىر يەرگە كىلىپ ئوينىسىمۇ ياكى ئىككى ئۈچ ئادەم ئوينىسمۇ ئويناش ئوسۇللىرى بەك بەك ئاددى بۇلىدىكەن. مەسىلەن قەرتتىن بىرسىنى سىزگە ئاچقۇزۇپ ئۇنىڭ 7 دىن چوڭ ياكى كىچىكلىگىنى سىزگە دەپ بىرىدۇ، سىز نىمە قەرتلىگىنى پەرەز قىلىسىز، ئېچىپ بۇلغان قەرتلە قايتىلانمايدۇ دىگەندەك. بەزى نۇمۇر ھىساپلايدىغان ئۇيناش ئوسۇللىرىمۇ باركەن لېكىن يەنىلا بىز ئويناپ كەلگەن قەرتلەرگە سېلىشتۇرغاندە كۈپ ئاددى. قارىسام سوبۇ ئوينايدىكەن. بىز كىچىك ۋاختىمىزدا توزا دەپ ياپىلاق تاشلارنى يىراققا ئېتىپ يەنە بىرسى ئۇنى نەخلەپ ئېتىپ ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمىز بار ئىدى. بۇلارنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئويۇنى بار ئىكەن. لېكىن ئۇ تاش ئەمەس بەلكى بازاردا قوغۇشۇندا ياكى تۈمۈردە ياساپ ساتىدىكەن. باغچىنىڭ ئىچىگە مەخسۇس بىر يەرگە قوم تۈكۈپ شۇنى ئوينايدىغان يەر ياساپ قويۇپتۇ. يەنە بىر خىل بىرسى توپنى ئاسمانغا ئېتىپ بەرسە يەنە بىرسى كالتەك بىلەن يىراققا ئۇرىدىغان ئويۇنى باركەن، بۇ ئويۇنى ماڭا بىزنىڭ كىچىك ۋاختىمىزدا ئوينايدىغان گاڭگا-چۇك نى ئەسلەتتى . ئارلىقتا قوغلىشىپ ئوينايدىغان يىرى دىڭ-دىڭ ئوينىغاننى ئەسلەتتى. كىچىك بالىلىرى بىر يەرگە كەلسە بىللە ئوينايدىغان ئويۇنلىرى ئاساسەن بىز كىچىك ۋاختىمىزدا ئوينايدىغان ئويۇنلار بىلەن ئوخشىشپ كىتىدىكەن. ئەمما قىززىق يىرى بۇلار بۇ ئويۇننى چوڭ بۇلغاندىن كىيىنمۇ ئوينايدىكەن. مەسىلەن، مىنىڭ ئۈيۈمنىڭ ئالدىدىكى باغچىدا بەزىدە مەن بىلەن تەڭ ياشتىكىلار ياكى مەندىن چوڭلار يىغىلىپ سوبۇ ئوينايدۇ. توزا ئوينايدۇ. دىڭ دىڭ ئوينايدۇ. بەزىدە مەنمۇ بېرىپ بىللە ئوينايمەن. ھەتتا تاللا بازاردا مۇشۇ ئوينايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساتىدىكەن. گاڭگا چۇك. سوبۇ، توزا دىگەندەك ئويۇنلارنىڭ يۇرتلاردا 15 ياشتىن ئاشقان ئادەمنىڭ ئوينىغىنىنى كۈرگىلى بۇلمايدۇ. ئوينىسىمۇ باشقىلار زاڭلىق قلىدۇ. لېكىن بۇلار كىچىگىدە ئوينىغان ئويۇنلىرىنى چوڭ بۇلدۇم دەپ تاشلىۋەتمەپتۇ بەلكى .ئۇنى چوڭلارغا ماس ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇپتۇ. دەرىجىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپتۇ.
يەنە بىرى بۇلار بىر يەرگە كەلگەندە چوڭلار، كىچىكلەر، بالىلار دەپ بەك ئايرىپ كەتمەيدىكەن. بولۇپمۇ ئويۇنلاردا. فاكولتىتتىن بىر يىلنىڭ بېرى كەم دىگەندە 4 قېتىم چوڭ تىپتىكى يىغىلىش ئۈتكۈزدى. بۇلارغا كىچىك باللىرىدىن تارتىپ ئۈيدىكى بۇۋاي مۇمايغىچە ھەممىسى كەلدى. بىز تولاراق بارىدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە قېرى ياشتىكىلەرمۇ، پروفىسسورلارمۇ كىلىدۇ. شۇلارمۇ ئەر ئايال بولۇشۇپ ياكى خىزمەتداش. دوست بۇرادەرلىرى بىلەن كىلىپ ئىچىشىدۇ، دىسكۇ ئوينىشىدۇ. ناخشا ئېيتىدۇ. چوڭلار بىلەن ياشلارنىڭ ئايرىۋىتىلگەن يەرلىرىنى كۈرۈپ باقمىدىم. ئۈرۈمچىدە ، بولۇپمۇ جەنۇپلاردا ياشلار بىلەن چوڭلار بارىدىغان يەرلەر،. مۇئامىلە -ئىلتىپاتلار بىر بىرىگە قەتئى ئوخشىمايدۇ.
تاماقلىرىمۇ بەك ئاددى بۇلىدىكەن، تولاراقى بولكىنىڭ ئوتتۇرىسنى يېرىپلار ئىچىگە ئۈزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى سېلىپ يەيدىكەن. قىزلار، ئوغۇللار ھەممىسى ئاساسەن ئۇيدە تاماق قلىدىكەن. بازاردىن يسىمۇ لېكىن بىزدەك كۈندە 3 ۋاخ تاماقنىڭ ھەممىسىنى يەيدىغان ئىش بۇلمايدىكەن. ئارىلاپ يەيدىكەن. چۇشلۈك تاماق ۋاختى دەپ دەم ئېلىش ۋاختى بۇلمايدىكەن، چۇشتە يەيدىغان تاماقلىرىنى ھەممەيلەن سومكىسىغا سېلىپ كىلىپ ئۈزى ۋاقىت چىقىرىپ يەيدىكەن. تاماقلىرىنىڭ كۈپىنچىسگە مىكسىكا بىر نىمىس، ئىتالىيە بىرنىمىسى، جۇڭگۇ، ياپۇن، فىرانسىيە بىر نىمىسى دىگەندەك ئسىملار قويۇغلۇق ئىكەن. ئامرىكىنىڭ ئۈزىنىڭ تامىقى ئاساسەن تىز تاماق تۈرلىرى ئوخشايدۇ.
. ئامرىكىدا يەنە ياش –ئۈسمۈرلەرنىڭ زەھەر چىكىشى بىر قەدەر چوڭ مەسىلە ئىكەن. مەن تۇرۋاتقان يەردىمۇ ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل چىكىملىكلەرنى چىكىپ تۇرىدىكەن. نەچچە قېتىم قوشنىلار نىڭ بىر مۇنچە يىغىلىپ قانداقتۇ بىر ئۈسۈملۈكلەرنى چىكىۋاتقانلىغىنى كۈردۈۇم. بەزىدە نەشە دىگەندەك نەرسىلەرنى تاماكىغا ئۇراپ يىغىلىشلاردىلا تاماكا چەككەننىڭ ئورنىدا چىكىدىكەن. سەندە مەرىۋانا بارمۇ دەپ ئانچە مۇنچە سۇراپ قالىدا بەزىدە.
[...] كىيىنكى دەسلەپكى ھاياتىمئامرىكىلىقلار قانداقكەن ئامرىكىدا ھاراق-تاماكائامرىكىدا خوتۇننى ئۇرۇش [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!