كەلگەندىن كىيىنكى دەسلەپكى ھاياتىم
بۇ تىمىنى كۆرۈشتىن ئاۋال مەن ئامرىكىغا يالاڭئاياق كىردىم نى ئوقۇڭ.
كەلگەندىن كىيىنكى دەسلەپكى ھاياتىم
بۇ ئايرۇدۇرۇمدىم چىقىپ دەممۇ ئالماي يەنە بىر ئايرۇپىلانغا ئولتۇردۇم.چۇنكى مىنىڭ بارىدىغان يېرىم يەنە بۇ يەردىن 40 مىنوتلۇق ئايرۇپىلاندا بارىدىغان يەردە ئىدى. يىڭى ئايرۇپىلانغا چىققاندىن كىيىن بىر دەمدىلا نىشانغا يىتىپ كەلدۇق. بۇ چاغدا يەرلىك ۋاقىت چۇشتىن بۇرۇن سائەت 11 بۇلغانىدى. بۇ يەرنىڭ ئايرۇدۇرۇمى بەك كىچىككەن. ئايرۇدۇرۇمدىم چىقسام جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئالدىمغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بلەن قىزغىن كۈرۈشكەندىن كىيىن مەن ئۈچۈن بىر نەچچە كۈنلۈك تۇرىدىغان يەر تەمىنلەپ بەرمەكچى بۇلغان يەنە بىر جۇڭگۇلۇقنىڭ ئۈيىگە ئەكىلىپ قويۇپ كىتىپ قالدى. مەن تېخى بۇ يەردە تۇرىدىغان يەرنى ئالاقىلىشپ بۇلالمىغاچقا كىلىشتىن بۇرۇن تۇرىدىغان يەر ئىزدەپ ياردەم سوراپ توردا ئىلان بەرسەم مۇشۇ ساۋاقداش ”مىنىڭكىدە بىرەر ھەپتە تۇرۇپ تۇرۇڭ. لېكىن ساپادا ياتىسىز، كارۋات يوق“ دەپ جاۋاپ خەت قايتۇرۇپتىكەن، مەن “ بىر نەچچە كۈن تۇرىدىغان يەر بولسا داق يەردە يېتىپ تۇرساممۇ مەيلى، مەن ئۇندا ئىشلارغا كۈنۈك“ دەپ جاۋاپ قايتۇرغانىدىم. كىلىدىغان كۈنى ئۇنىڭ ئايالى ئۈيدە ساقلاپ تۇرۇپتۇ. كىرىپ قىزغىن كۈرۈشتۇق. بىكار بىر ئۈينى كارىۋات قوپۇپ تەييارلاپ قويۇپتۇ. كۈپ رەھمەت ئىيتتىم. تاماق ئىتىپ بىرەي نىمە يىگۇڭىز بۇلسا دەڭ دەپ كەتتى. لېكىن بۇلارنىڭ قازىنىدا ھەرخىل گوشلەر قورۇلىدىغان بۇلغاچقا ”سىزنى ئاۋارە قىلماي ، ئالغاچ كەلگەن يەيدىغان نەرسەم بار“ دەپ ماڭار ۋاقتىمدا ئانام ئۇنىمىسام ئۇنىماي سومكامغا سېلىپ قويغان ياغلىق توقاچلارنى چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن قاچامدا چاي دەملەپ قاتتىق ناننى چايغا چىلاپ يۇمشىتىپ يىدىم. بۇ نانلارنى مەن بېيجىڭدا يىيىشنى باشلىغانچە تاكى ئامرىكىغا كىلىپ 3 كۈن يىدىم. ئەسلىدە مەن خىيالىمدا بۇ يەرلەرنىمۇ ئۈرۈمچىدەك خىيال قىلىپ ”ئىشىكتىن چىقساملا ھەرخىل ئاشخانىلار بار، يەيدىغان نەرسە چوقۇم چىقىدۇ“ ئويلىغانتىم. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن. مەن چۈشكەنيەر باھاسى ئەڭ ئەرزان، ئوقۇغۇچىلار ئەڭ جىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنكەن. لېكىن ئەتراپىدا بىرمۇ ئاشخانا، دوكان چاغلىق نەرسىلەر يوقكەن. بىر كۈنى ئوڭغا 20 مىنۇت، سولغا 20 مىنۇت مېڭىپمۇ بىرەر تال دوكان يە باشقا نەرسە ئۇچرىتالماي قايتىپ كەلدىم. ئىچىمدە ئانامنىڭ ئالدىن كۈرەرلىكىگە رەھمەت ئېيتتىم. ئىككىنچى كۈنىمۇ مەن بۇ نانلارنى يەۋەرسەم ئۇ قىز زىرىكىپ ”بۇنداق نەرسىلەرنى يەۋەرسەڭ كىسەل بوپ قالىسەن “ دەپ ماڭا ئىچى ئاغىرىپ كەتتى. ۋە ئەتىسى بازارغا بېرىپ قازان قۇمۇچ، سەي كۈكتات دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋىلىپ ئەكەلدۇق. لېكىن مەن نىمە تاماق قىلىدىغانلىغىمنىمۇ ئوخمايتتىم.چۇنكى مەن تاكى شۇ يېشىمغىچە بىرەر قېتىم قازان بېشىغا بېرىپ چۈمۈچ تۇتۇپ تاماق قىلىپ باقمىغانىدىم. ئۇ كۈنى سەينى بىر نىمە قىلىپ توغراۋاتسام قولۇم كەلمىگىنىنى كۈرۈپ ئۇ قىز بىلەن يولدىشى بىر دەم مىنى زاڭلىق قىلىپ چاخچاق قىلىشقاندىن كىيىن ماڭا قاندا سەي قورۇشنى بىر مۇ بىر بېشىمدا قاراپ تۇرۇپ ئۈگەتتى. شۇندا قىلىپ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئۈزەم چۈمۈچ تۇتۇپ تاماق ئەتتىم.
ئەسلى گەپكە قايتسام مەن ئۇنىڭ ئۈيىگە كىرىپ بىرەر سائەت قىززىق پاراڭ سېلىشقاندىن كىيىن ئۇ ”ئارام ئېلىڭ، ئەتە مەكتەپكە مەن ئاپىرىپ قوياي“ دەپ ئۇزىنىڭ ئۇيىگە كىرىپ ئىشىغا كىرىشپ كەتتى. لېكىن مەندىكى ھارغىنلىق يوقاپ كەتكەنىدى. ئوخلاي دەپ بىردەم ياتسام ئويقۇم كەلمىدى. سائەتكە قارىسام سائەت 2لەر بوپتۇ. چۇشتىن كىيىن ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقىتمۇ بۇلغاندۇ، بىر مەكتەپكە بېرىپ كۈرۈپ كەلمەيمۇ دەپ قىززىقسىنىپ ئۇ قىزنى چاقىرىپ شۇندا دىسەم ”مەكتەپ بەك يىراق، پىيادە بېرىپ بۇلالمايسەن، ئەتە بىز ماشنىدا ئاپىرىپ قويايلى دىدى “ ، قانچىلىق يول دىسەم ”پىيادە ماڭساڭ40 مىنۇتلاردا بېرىپ بۇلارسەن“ دەيدۇ. ”ئۇندا بۇلسا بارىمەن، يىراق ئەمەسكەن“ دەپ تۇرۋالسام “ مەيلى ئەمىسە، يولدا يۈتۈپ كەتسەڭ ماۋۇ نۇمۇرغا تېل قىل، قايمۇقۇپ قالساڭ ھەرقاندا ئادەمدىن سورىساڭ كۈرسىتىپ قويىدۇ “ دەپ بىرمۇنچە نەرسىلەرنى جىكىلەپ يولنى كۈرسىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈيدىن چىقىپ يول ياقىلاپ ئامرىكىدىكى ئىشىمنى باشلىدىم. 10 نەچچە مىنۇت ھەممە يەرگە ھاڭۋېقىپ قاراپ ماڭسام بىرمۇ پىيادىلىك ئوچراتمىدىم. بىر ئاچا يولغا كىلىپ قاياققا قايرىلىشنى بىلەلمەي قارىسام 50-60 مىتىر يىراقلىقتا بىر ئاپتۇۋۇز بىكىتى تۇرۇپتۇ، ئۇ يەردە ئىككى مودا قىز تۇرىدۇ، قارىغاندا ئاپتۇۋۇز ساقلاپ تۇرغان ئوخشايدۇ. شۇلاردىن سوراپ باقاي ئۇلارنىڭ يېنىشغا كىلىشمگە ئۇلار ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ “ خېللو“ دىدى. بۇ بىر غەلىتىلىك بىلىندى. چۇنكى ئۈرۈمچىدە ياكى ئىچكىردە بىر مۇنچە تۇنۇشمايدىغان ئادەم بىر يەردە بىرەر سائەت بىللە تۇرۇپ بىر نىمە ساقلىساقمۇ قەتئى بىر بىرمىز بىلەن پاراڭلاشمايمىز، سالام قىلىشمايمىز. ئۇنىڭغا مەنمۇ ھە دەپ كۈلۈمسىرەپ سالام قىلغاندىن كىيىن مەقسىتىمنى دىسەم “ ھە، بىزمۇ مەكتەپكە بارىمىز، مۇشۇ يەردا بىردەم ئاپتۇبۇس ساقلاپ ئاپتۇبۇستا بېرىڭ، پىيادە بارسىڭىز بەك يىراق ” دىدى. لېكىن مىنىڭ پىيادا بارغۇم بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا بىر قەغەزنى چىقىرىپ خېلى چۈشەندۇردى. قارىسام خېلى مۇرەككەپكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كوچىدا سورايدىغان ئادەم تاپالمىسام كىمدىن سورايمەن. ”شۇنىڭ بىلەن بولدىلا، ئاپتۇۋۇزغىلا چىقاي“ دىدىم. سورىسام بۇلارنىڭ ئاپتۇۋۇزىمۇ تەڭگە تاشلايدىغاندىن كەن. ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بولسا ھەقسىزكەن . لېكىن مەندە ئۇ چاغدا تەڭگە نىمىش قىلسۇن . يېنىمدا سومكامنىڭ بىر يەرلىرىگە يۇشۇرۇپ قويغان 100 دوللارلىق پۇللار بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ”،مەندە بىر دوللارلىق پۇل يوقكەن، ئەاڭ ياخشىسى پىيادىلا باراي“ دىسەم بىرسى يېنىنى ئاختۇرۇپ ”مەندە باركەن، مەن تاشلاپ قوياي“ دىدى. شۇنداق قىلىپ بىرلىكتە ئاپتۇۋۇز ساقلىدۇق. ھازىر تەتىل بۇلغاچقا ئاپتۇۋۇز ھەر يېرىم سائەتتتە بىر كىلىدىكەن، ئوقۇش ۋاختى بۇلسا ھەر 15 مىنۇتتا بىر كىلىدىكەن. ھەر بىكەتكە سائەت نەچچىدىن نەچچە مىنوت ئۈتكەندە ئاپتۇۋۇز كىلىدۇ ئىنىق ۋاختى باركەن ھەم دەل شۇ ۋاقىتتا كىلىدىكەن. ئۇلار 35 ئۈتكەندە ئاپتۇۋۇز كىلىدۇ دىگەنتى نەخ شۇ ۋاقىتتا ئاپتۇۋۇز كەلدى.
ئاپتۇۋۇزنى 20 مىنۇتتەك ساقلىدۇق. ساقلىغۇچە ئۇلار مەندىن ”يىڭى كەلدىڭىزمۇ “ دەپ سورىدى، شۇنىڭ بىلەن قىسقىلا سىۈھبەت باشلاندى. ئۇلاردىن سورىسام يەنە بىر يىلدىن كىيىن ئوقۇش پۈتتۇرىدىكەن. قەيەرلىكلىكىنى سورىسام “ ھەر ئىككىلىمىز تۈركىيەدىن “ دىگەنتى بىرخىل خوش بوپ كەتتىم. توۋۋا، ئامرىكىغا كىلىپ تۇنجى پاراڭلاشقان ئادىمىم تۈرككەن. شۇنىڭ بىلەن مەندىن سورىمىسىمۇ ”ۋاي مەنمۇ تۇرك بۇلىمەن، ئويغۇر يورتىدىن كەلدىم“ دىسەم قىزلار بىرخىل تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن تەپسىلىراق دىسەم “ ۋوي بىلدۇق ، بىزگە تارىخ دەرسىدە ئۈتكەن، سىلەر بىزنىڭ ئەجدادىمىز بۇلىسىلەر“ دەپ ئۇلار مەندىنمۇ بەكراك خوش بولۇپ كۈزىدىن نۇر چاقناپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كەتتۇق. مەن جىق نەرسىلەرنى سوراپ كىتىپتىمەن،ئۇلارمۇ مەندىن خېلى جىق نەرسىلەرنى سوراپ كەتتى. گىپى چقىمىغان تاركانمۇ قالمىدى. شۇ پاراڭلاشقانچە ئاپتۇۋۇز مۇ كەلدى، مەكتەپكىمۇ باردۇق. يول بويى ناھايتى قىزغىن پاراڭلىشىپ مەكتەپكىمۇ بېرىپ چۇشكەندىن كىيىن ئۇلار مەن بارىدىغان يۈنۈلۈشنى كۈرسىتىپ قويغاندىن كىيىىن مڭىشقا تەڭشەلدى. مەن بىر ئاز خىجىل بولۇپ بۇلسا ”ئالاقىلىشىش ئوسۇلى بولسا بەرسەڭلار“ دىسەم ئۇلارنىڭ چىرايى بىرخىل قۇرۇلۇپ كەتتى، خۇددى مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالىدىغاندەك. ۋە بىر دەم تۇرۋېلىپ “ بىز ئادەتتە تېلفۇن ئىشلەتمەيمىز،. ئەگەر بىرەر ئىشلار بۇلسا ماۋۇ ئېلخەتكە خەت يېزىڭ “ دەپ بىر ئادىرس يېزىپ بىرىپ كىتىپ قالدى. لېكىن ئۇلارنىڭ شۇۋاخىتتىكى چىراي ئىپادىسى ماڭا خۇددى بىرسىدىن يىرگىنىپ كەتكەندەك تەسىر بەرگەن بۇلغاچقا، مەنمۇ كىيىن ئۇلارغا خەت يازمىدىم ۋە باشقا بىر يەردىمۇ ئۇچراتىمىدىم. كىيىن بىلسەم بىرسىنىڭ ئالاقە ئادىرسىنى بولۇپمۇ تېلفۇن نۇمۇرى دىگەندەك نەرسىلەرنى خىزمەت مۇناسىۋىتى بۇلمىسا ئالدىراپ سورىسا بولماسمىش.
ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەندىن كىيىن يەنە بىر ئاسىيالىق چىراي بىر قىز مەن بىلەن تەڭ كىتىپ بېرىپتىكەن، ماڭغاچ سالام قىلدى، مەنمۇ قايتۇردۇم. سىز قەيەرلىق بۇلىسىز دىسەم جۇڭگۇدىن دىدى، مەنمۇ جۇڭگۇدىن كەلدىم دىسەم ئادەم ئالدىماڭ دەيدۇ. راس دەپ چۈشەندۈرسەم ھەيران قالدى ۋە ئىككى سائەت بۇرۇن ئامرىكىغا كەلگەنلىكىمنى ئوقۇپ ، بىرسىگە تېل قىلىپ ئۈزىنىڭ ئازراق ئىشى چىقىپ قالغانلىغىنى دەپ قويۇپ ”مەن سىزگە بۈگۈن ياردەم قىلاي، مۇتقا “ دەپ تەييار بۇلدى. مەن كۈپ رەھمەت ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن مەكتەپكە تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرى بىجىرەي دىگەن ئەمىسە شۇنى قىلايلى دىسەم ھە بۇلىدۇ دەپ بىر بىناغا بېرىپ ئوقۇغۇچىلار كىنىشكىسى بىجىرىدىغان ئىشخانىنى تېپىپ كىنىشكا بىجىردۇق. شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى دەيدۇ. ھەيران قاپتىمەن. جۇڭگۇدا مەكتەپكە يىڭى ئوقۇغۇچى كەلسە قولىغا چوڭ بىر قەغەزنى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ئىچىدە 15 كە يىقىن تامغا باسىدىغان يەر بار. ھەر بىر يەرگە بۇر مۇنچە ئۈچرەتتە تۇرۇپ ئاران ئىش بىجىرىدىغان يەرگە بېرىپ تۈلەيدىغان پۇللىرىنى تۈلەپ تامقا باسدۇرىمىز. بىر كۈندە تۈگىمەيدۇ. بەزىبىر سىنىپ بويىچە كوللىكتىپ بىجىرىدىغان رەسمىيەتلەرنى قوشقانغا 15 كۈندە ئاران تۈگەيدۇ. بىز بۇ يەردە بىرلا تۈشۈككە باردۇرق. تېخى رەسىم لازىم دەپ قالسا ئامرىكىدا رەسىمگە چۈشۈدىغان يەرنى تېپىپ بۇلالماي قالماي دەپ بىر مۇنچە كىنىشكىغا كىتىدىغان رەسىمگە چۈشۈب ئالغاچ كەلگەن. رەسىم دەپمۇ سورىمىدى. بىر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ شۇ يەردىلا رەسىمگە تارتىپ شۇ يەردىلا بىر ئوقۇغۇچىلىق كارتسى چىقىرىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىم تۈگەپتۇدەك. شۇ كىنىشكا چىقاندىن كىيىن ياكى ئوقۇغىچىلىق نۇمۇرى بۇلغاندىن كىىن مەكتەپتىكى كۈتۈپخانا، دوختۇرخاغا، ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەسمىيتى بىراقلا پۈتىدىكەن. باشقا رەسمىيەت يوقكەن. ھەممە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار شۇنىڭغا ساقلانغان بۇلىدىكەن. ئۇنى يەنە كارتا ھىساۋىدا پۇل قاچىلاپ مەكتەپ .ئاشخانىسنى ئۈز ئىچىگە ئالغان بارلىق يەرلەردە خەجلىگىلى بۇلىدىكەن. بۇ رولى تاماق كارتىسىغا ئوخشايدىكەن. كىين قارىسام مەكتەپ سىرتىدىكى دوكان، مۇلازىمەت ئورۇنلىرىمۇ ھەممىسى بۇ كارتىنى قۇبۇل قىلىدىكەن.
رەسمىيەت تۈگىدى دىگەندىن كىيىن ئەمىسە فاكولتىتىقا بېرىپ كۈرۈشۈپ كىلەيلى دەپ فاكولتىتقا كەلدۇق. قىينالمايلا مەن توختىماي ئىلخەت يېزىپ كۈپ ئاۋارە قىلىۋەتكەن كاتىپنى بىردەمدە تاپتىم ۋە ئۈزەمنى تۇنۇشتۇردۇم. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئالىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. بۇ يەردە بىر مۇنچە پاراڭلاشتۇق. ئۇندىن كىيىن باشقا كاتىپلارغا ئاچىقىپ تۇنۇشتۇردى. كىيىن بىر ئىشخانىغا ئاچىقىپ خەنزۇلار باركەن شۇلارغا يۇرتدىشىڭلار كەلدى دەپ تونۇشتۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. شۇ چاغدىلا ھېلىقى مەن مىنى باشلاپ كەلگەن قىز ئەمدى سىلەر ئالدىرماي پاراڭلىشىڭلار ، مەن ماڭاي دەپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. مەن فاكولتىتتىكى خەنزۇلار بىلەن بىر مۇنچە پاراڭلىشىپ كۈننى كەچ قىلدىم. ئارلىقتا يەنە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر بىلەن كۈرۈشۈپ تونۇشلۇق بىرىپ چىقتىم. كەچ بۇلغاندا خەنزۇلاردىن بىرسى مىنى بارىدىغان يىرىمگە ئاپىرىپ قويۇپ كىتىپ قالدى. كەلسەم ئۈيدىكىلەر مىنى ئېزىپ قالغانمىدۇ، نىمىشقا كەلمەيدىغاندۇ دەپ تىت تىت بولۇپ چىقىپ .ئىزدەپ باقايلى دەپ ئولتۇرۇپتىكەن. ئۇلارغا بۇلغان ئىشلارنى دەپ بىرىپ ، بىرنىمە يەپ بىردەم تېلۋىزور كۈرۈپ خىلىلا ئويقۇ باستى. ھەقىقى گەپنى قىلغاندا ماڭا شۇ ۋاقىتتا ئوخلىمىغىلى 30 سائەتتىن ئاشقانىدى. چۇنكى بېيجىڭدا ئەتە ماڭىمەن دىگەن كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى چامدىنىمنى تاپىمەن، مىللەتلەر ئىنىستوتىغا بارىمەن، تاماق يەيمەن دىگەندەك ئىشلار بىلەن خېلىلا كەچ ياتىقىمغا قايتقانىدىم. قايتىسام شۇ مىھمانخانىغا چۈشكەن ئىككى چەتئەللىك يولۇمنى تۇساپ سالام قىلىپ بىزگە ياردەم قىلساڭ دەپ كەتتى. نىمە ئىش بۇلدىكى دىسەم پوكەيدىكىلەرگە گەپ ئوختۇرالماپتىكەن. ئۇلارغا ياردەم بەرگەچ تونۇشۇپ قېلىپ ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى پىۋا ساتىدىغان يەردە قۇرۇق پاراڭ سوقۇپ كىچە سائەت ئىككى –ئۈچ بوپ كەتتى. ئۇلار ئىككى سائەت بۇرۇن تېخى جۇڭگۇغا كەپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا يول كۈرسىتىپ ، ئۇلار ماڭا يول كۈرسىتىپ ، ئىككىلىمىز بىرخىل ھاياجان ئىچىدە بەك جىق پاراڭلىشىپ كىتىپتۇق. پاراڭ تۈگىگەندىن كىيىن قارىسام يېرىم كىچىدىن ئېشىپتۇ. ھەم ھېرىپ كەتتىم. ئۇخلىساملا بەك ئۇخلاپ كىتىمەن، ئايرۇپىلان ئەتىگەن سائەت 8 دە ئچىدۇ. ئايرۇدۇرۇمغا 6 دە بېرىپ رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشنى باشلىشىم كىرەك. مەن شۇ خىياللار بىلەن ئەتىگەندە قوپالماسلىغىمدىن ئەنسىرەپ تېلىۋىزورنى ئۈنلۈك قويۇپ ، ھېلىقى چەتئەلللىكنىڭ قېشىغا چىقىپ بۇلدى ئۇخلىمايلا ئۈتكۈزىۋەتمەيلىمۇ دىسەم ئۇلارغا تازا خوشياقتى. شۇنىڭ بىلەن تالاغا چىقىپ كىچە مەنزىرىسى كۈرۈپ تاڭ ئاتقاندا ئۇلار مىنى ئۇزىتىپ قويۇپ ئاندىن ئوخلاپ قالغانىدى. شۇلاردىن ھىساپلاپ باقسام 36 سائەتكەن يىقىن ئۇخلىماپتىمەن. ئۈيدىكىلەرگە ئەمىسە مەن ئوخلاپ قالاي دەپ ماڭا تەييارلاپ قويغان ئۈيگە كىرىپ كارىۋاتقان چىقىپلا ئويقۇغا كىتىپتىمەن . ۈشلەرنى كۈرۈپتىمەن، بۇ ئىشلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. ئۈرۈمچىدىكى ئىشلارنى چۈشەپ كىتىپتىمەن. بىر چاغدا قوشقاچلار سايرىشىپ مىنى ئويغۇتىۋەتتى. قارىسام تاڭ ئېتىپتۇ. سىرتقا چىقىپ قارىسام ئەسلى مەن ئۇخلىغان دەرىزىنىڭ كەينىدە كىچىك باغچە بار ئىكەن، ھەرخىل قۇشلار مىغ -مىغ بوپ كىىتىپتۇ.
بۇنداق مەنزىرىنى مەن 17 يېشىمدا خوتەندىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئاساسەن كۈرمىگەنىدىم. يېزىلارغا بارغاندا ئۇچراپ تۇرسىمۇ لېكىن مەن ئوقۇغان، خىزمەت قىلغان شەھەرلەردە ئەتگەندە قۇشقاچلارنىڭ سايراپ ئويغىتىشى ئەمەس قۇشقاچ كۈرسەكمۇ سەل=-پەل ھەيران قالاتتۇق. كىيىن ئۇخسام مەن تۇرۋاتقان يەر گەرچە شەھەر دەپ ئاتالسىمۇ لېكىن يېزىغا ئوخشايدىكەن. چۇنكى ئامرىكىدا كىشىلەر بىر يەرگە بەك توپلىشىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۈرمەيدىكەن. خىزمەت ئورۇنلىرى، ئۈيلىرىنىڭ ھاۋالىق جايلاردا بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. سودا بىلەن جىق مۇناسىۋىتى بۇلمىغان، مەسىلەن ئۇنۋېرسىتىت. تەتقىقات ئورۇنلىرى دىگەندەك يەرلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ شەھەرلەرگە ئەمەس بەلكى كىچىك يېزىلارغا جايلىشىدىكەن. شۇنداقلا ئۇ يەرنىڭ ئەسلى قىياپىتى بۇزۇلماي تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدىكەن.ئىشەنمىسڭىز توردىن ئاختۇرۇپ باقىسڭىز ئامرىكىدىكى داڭلىق 50 ئۇنۋېرسىتىتنىڭ كەم دىگەندە 40ئى چوڭ شەھەرلەردە ئەمەس ئىكەنلىگىنى بايقايسىز. شۇنداق قىلىپ بۇ يەرگە بارغانسىرى ئامراق بولۇپ قالدىم. ئۈزەم ئۈچ كۈندىن كىيىن باشقا بىر باغچىنىڭ قېشىدىن مەكتەپكە پىيادە 10 مىنۇتتىلا بارغىلىى بۇلىدىغان يەردىن ئۈي تېپىپ كۈچۈپ كەلدىم. لېكىن بۇ ئۈينى ئۈي قىپ بولغۇچە خېلى جىق جاپا تارتتىم. ئۈينىڭ تۈلەيدىغان پۇللىرىنى تۈلەپ ئاچقۇچنى ئېلىپ قولۇمغا كىرسەم ئۈينى پاكىز تازىلاپ قويۇپتۇ. يەرگە پالاز ياتقۇزۇپتۇ. ئاشخانىسى يۈرۈشلۈشتۈرلگەنىكەن، ۋاننىلىق مۇنچىسى، توڭلاتقۇ ، كىچە كۈندۈز ئىسسىق- سۇ تەلكەن. ئەمما ئۈينىڭ 4 تېمىلا بار. ئىچىدە ھىچنىمىسى يوق. كىرىپ چامدانلىرىمنى قويۇپ ئاخىرى ئۈزەمگە تەۋە بۇلغان ئۈي بۇلدى دەپ ئۇھ دىدىم. بىرىنچى كۈنى يەردىلا سومكامدىن كىيىملىرىمنى ئېلىپ ياستۇق قىلىپ ئۇخلىدىم، ئىككىنچى كۈنى بىنانىڭ ئالدىغا بىرسى بىر يىڭى سافانى قويۇپ قويۇپتۇ. سورىسام بۇ يەرگە قويۇپ قويۇلغان نەرسىلەر كىم ئەكىرىپ ئىشلەتسە بۇلىدۇ دەپ قويۇپ قويۇلغان نەرسىلەركەن. خۇداغا شۈكرى دەپ بىر قوشنام بىلەن سافانى كۈتۈرۈپ ئۈيگە قۇيدۇم. بۇ تۇنجى ئۈي جاھىزى بۇلدى. شۇ كۈنىدىن تارتىپ تاكى 15 -كۈنى كارۋات تېپىپ يۈتكەپ كەلگۈچە مۇشۇ سافادا ئوخلىدىم. ھەم ئاستا ئاستا ئۈيگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۈينى ئۈي قىلدىم. قارىسا ئۇنچە كۈرۈنمىگەن بىلەن بىر ئۈيگىمۇ جىق نەرسى كىتىدىكەن. خېلى جىق پۇلۇم كەتتى. ھەم ماشىنام بۇلمىغاچقا، يىڭى بولغاچ جىق ئادەم تۇنۇمىغاچقا خېلىلا قىينالدىم. چۇنكى بۇ يەردە ئىشىكتىن چىقىپلا تاكسى، كوچا ئاپتۇۋۇزى تاپقىلى بۇلمايدىكەن. بەلكىم چوڭ شەھەرلەردە شۇنداقمىكى تاڭ. ھەممە ئادەمنىڭ ئۈزىنىڭ ماشىنىسى بۇلغاچقا ھۈكۈمەت ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىغا كۈچەپ كەتمەيدىغان ئوخشايدۇ. بىرەرسىنىڭ ماشىنىسىنى ئىشلتىدىغان بۇلساممۇ ئىككى ئادەمنىڭ ۋاختىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدىكەن. ئىشقىلىپ ئۇنى بۇنى قىپ يۈرۈپ بىرەر ئاي بولغاندا ئۈينى ئۈي قىلىپ ئولتۇرغۇدەك، تاماق ئىىتپ يىگۇدەك، كەچتە ئۈگىنىش قىلغۇدەك قىلدىم. ئارلىقتا يەنە بىللە تۇرىدىغانغا ئادەم ئىزدەپ تاپتىم. چۇنكى مەن كىرگەن ئۈي ئىككى ئېغىزلىق ئۈي بولۇپ باھاسىمۇ ئىككى كىشىلىك ئىدى. بىرىنچى ئېيىدا ئۈزەم يالغۇز تۈلىگەن بۇلدىم. ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ بىرسى كۈچۈپ كىردى. ئادەم ئىزدىگۇچە بۇ يەرنىڭ قائىدىلىرىنى ئوخمىغاچقا، مۇشۇنداق ماڭا ئوخشاش يىڭى كەلگەن، تەجرىبىسى يوقلارنى ئالدايدىغان بىر قويمىچى شىركەتكە ئۇچراپ قېلىپ تاس قالدىم ئەسلى ۋەسلىمدىن ئايرىلىپ قالغىلى. بۇلارنىڭ قويمىچىلىرىمۇ يامانكەن. بۇ ئىشلارنى كىين ۋاختىم چىققاندا ھىكايە تەرىقىسدە يېزىپ قويغۇم بار.
يىڭى ئۈيدىمۇ تاكى قىش كىلىپ قار ياغقىچە كۈندە ئەتىگەندە قۇشلار ئويغىتىپ تۇردى. كىيىن مەن بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئاداش گۈل بېقىشغا ھىرىسمەن ئىكەن،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈينىڭ ئالدىكدىكى ئازراق يەرگە گۈل تېرىدۇق. كىيىن قۇشقاچ باقتۇق. يىقندا باشقا بىر ئۈيگە كۈچۈپ كەلدىم. بۇ ئۈينىڭ ئالدىدا بىر گۈللۈكى،. كەينىدە بىر گۈللۈكى بار. ھازىر بۇ يەرگە نىمە تىرىيمىز دەپ مەسلەھەت قىلىپ تالىشىپ ئولتۇرىمىز. مەن بىلەن بىللە تۇرىدىغان قالغان ئىككەيلەننىڭ بىرسىنىڭ مۇشۇكى بار، بىرسىنىڭ ئىتى بار، كۈندە بۇ ھايۋانلار ئانچە مۇنچە سۇقۇشۇپ قالىدۇ. مىنىڭ كەپتەر باققۇم كىلىپ ئىزدەپ باقسام بىز تۇرۋاتقان يەردە بۇنى ساتمايدىكەن، ساتىدىغان يەردە قىممەتمىش. بوپتۇ ئەمىسە دىدىم. ئالدىرماي باقىدىغان بىرەر نەرسە تاپىمەن. ھەم ئۈچەيلەن بىرلىشىپ بۇ قېتىم ياخىشى بىر نىمە تېرىماقچى. چۇنكى گۈللۈك خېلى چوڭ. مەن بۇنداق بىر نەرسە تېرىيدىغان، باقىدىغان ئىشلارنى ئۇنچە بىلمىگەچكە شۇلارغا قاراپراق ئولتۇردۇم. ئىشقىلىپ تۇرۇپلا ئۈزەمنى تەبىئەت بىلەن يىقىنلىشىپ قالغاندەك ھىس قىپ قالدىم. بۇرۇن يېزىغا بارساق تەبىئەتنى ھىس قىلاتتۇق. لېكىن ئىشلەيدىغان، ئوقۇيدىغان يىرىمىزنى تەبىئەت بىلەن ئۇنچە بىرلەشتۈرۈپ كەتمەيتتۇق. بۇ يەردە ئوقۇۋاتقاچ، ئىشلەۋاتقاچمۇ ھىس قىلغىلى بۇلىدىكەن. بۇ تەرىپىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. ھەم ئاستا ئاستا بۇ يەرگە سىڭىپ قالدىم. ھازىر ئۈزەمنى چەتئەللىكتەك ھىس قىلمايمەن.
كىلىپ بىرەر ئىككى ھەپتىلەرگىچە، كەچ تەرەپتە ياكى ھەپتە ئاخىرى مەكتەپنىڭ ، فاكولتىتنىڭ، جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ۋە ياكى يەنە باشقىلارنىڭ يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىشنى مەزمۇن قىلغان پائالىيەتلىرى ئۈزۈلمىدى. مەكتەپ ھەم فاكۇلتىت بىرلىشىپ يىڭى ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيلەش ئېلىپ بىرىپ ناھايتى تەپسىلى چۈشەنچە بەردى. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەرلەرنى ئۇختۇردى. بىر ھەپتىدىن كىيىن رەسمى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم.
بۇ يۈرۈشلۈك تىمىلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز يەنە تۈۋەندىكى تىمىلارنى ئوقۇڭ:
مەن ئامرىكىغا يالاڭئاياق كىردىم
كەلگەندىن كىيىنكى دەسلەپكى ھاياتىم
ئامرىكىلىقلار قانداقكەن
ئامرىكىدا ھاراق-تاماكا
ئامرىكىدا خوتۇننى ئۇرۇش
ئامرىكىدا بالا بېقىش ۋە تەربىيلەش
ئامرىكىدا دوختۇرغا كۈرۈنۈش، داۋالنىش، سوغۇرتا ۋە ئۇيغۇرلار
ئامرىكىدا سوقۇشۇش، ساقچى، زەھەرلىك چىكىملىك
ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېر
ئامرىكىدا سورۇندارچىلىق
ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ
قازاننىڭ قۇلىقى تۆت
جېك دىگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتەيمۇ
[...] جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنى دوختۇرغا ئۆچ بولدۇم مەن ئامرىكىغا يالاڭئاياق كىردىم كەلگەندىن كىيىنكى دەسلەپكى ھاياتىم [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!