جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنى Jeck’s First Law of Writing Poems
بۇ تىما بۇ يىل (2006-يىل)ئۈچىنچى ئايدا ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللىنىپ 3 كۈن تۇرغاندىن كىيىن بەك «قىززىپ» كىتىپ ئۈچۈرۋىتىلگەن. ئارلىقتا باشقىلار ساقلاپ قويۇپتىكەن شۇ پېتى ھىچنىمىنى ئۈزگەرتمەي چىقىرىپ قويدۇم. ئۈچۈرۋىتىلگەن بۇلغاچقا ئادىرىس يوق.، كەچۇرگەيسىلەر.
———————————————-
مەلۇم بىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى فىزىكا فاكۇلتىتدا ”“فىزىكىنىڭ ئىجتىمائى پەندىكى رولى“"دىگەن تىمىدا لىكسىيە بىرىلدى. چېچى ئاقارمىغان، گىرادوسى يوق كۈزەينەكنى سالاپەت دەپ تاقىۋالغان،ئىقلىمغا نامى تارالمىغان پروفىسسور Jeck ئەپەندى لىكسىيسىنى باشلىدى:
ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىلەر، بۈگۇنكى لىكىسيمىزدە فىزىكىنىڭ ئىجتىمائى پەندىكى رولى دىگەن تىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياغا داڭسىز ”“جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنى“"نى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. قىززىقمىغانلار درەسكە قاتناشمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ. يوقلام قىلىنمايدۇ.
ئۈتكەنكى سائەتتىكى دەرسىمىزدە سۆزلەنگەندەك، فىزىكا ئۇ تەبىئەتتىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ رولىنى تەتقىق قىلىشنى ئۈزىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىسى جەميەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ باشقا ساھەلەرگىمۇ كىڭەيدى. مەسىلەن، ئىقتىساد، جەميەتشۇناشلىق، شىئىرىيەت ۋەھاكازالار. بۈگۇن بىز ئۇنىڭ شىئىرىيەت ساھەسىدە ئىشلىتىشىنى كۈرۈپ باقايلى.
شىئىرىيەت ئۇ بەك ئۇلۇغ ساھە. شائىرلار خەلىقنىڭ بايراقدارى. ئۇلار جەميەتنىڭ يىتەكلىگۇچىسى. شىئىر دىگەن ئۇقۇلمايدۇ، بەلكى چۇشىنىلىدۇ، ئۇ قەلەمدىن چىقمايدۇ،بەلكى يۈرەكتىن چىقىدۇ. شىئىر دىگەننى يازىمەن دەپلا يېزىۋالغىلى بۇلمايدۇ. شىئىر يېزىش دىگەن توغما تالانت بۇلىدۇ، توغما تالانىت بۇلمىسا شائىر بۇلىمەن دەپ بۇلىۋالغىلى بۇلمايدۇ. ”“ئىلھام بۇلمىسا شىئىر چۈشمەس، يازما بۇلمىسا پىكىر ”“ دەپ جېك دىگەن بىر ساراڭ بەكمۇ توغرا دىگەن. خوش، ئەمدىكى مەسىلە، مۇشۇ يەردىكى ئۇلتۇرغان ئۇنداق ئىلھام دىگەندىن بىر ھۈجەيرىسىمۇ يوق سىلەر ۋە مەندەكلەر تۇيۇقسىز مۇھەبببىتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن، ۋە ياكى باشقا ئۈچۈن شىئىر يېزىش توغرا كەپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك. باشقىلارغا يالۋۇرۇپ شىئىر يازدۇرۇش؟ بۇنداق گەپنى ھەرگىز ئاغزىڭدىن چىقارما. بۇ بىز فىزىكىچىلار ئۈچۈن نۇمۇس. قىلالمىساق، قىلالىغىچە تىرىشىمىز. بىز بۇنى تەتقىق قىلىپ باقايلى.
بىرىنچە مەسىلە،ئەگەر بىز ئىلھام دىگەنگە بىر فورمۇلا تاپالىساق ئۇنداقتا شىئىر دىگەننى ئەرىشتىن چۈشتى دەپ يېزىۋىتەلەيتتۇق. لېكىن ھازىرغىچە ئالىملىرىمىز بۇنىڭ سىرىنى ئاچالمىدى. بۇ تېخى دۇنيادىكى بىر ئېچىلمىغان سىر. بۇ سىرنى ئېچىش سىلەردەك ياش ئىز باسارلارغا قالدۇرۇلدى.
ئىلھامغا فورمۇلا تاپقىلى بۇلمىسا ئۇنداقتا شىئىرنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىلىق ئىزدىنىپ باقايلى. ئۇتتۇرا مەكتەپتە شىئىرلار توغرىلىق ئۈگەنگەندە شىئىرنىڭ قاپىيە، تۇراق دىگەندەك ئالاھىدىلىكلىرى توغرىلىق تەپسىلى سۈزلەنگەن. مەسىلەن ”“پائىلاتۇن پائىلاتۇن پائىلاتۇن پائىلۇن“" دىگەندەك. ئەمەلىيەتتە شۇمۇ ئاشۇ خلدىكى شئىرنىڭ بىر خىل فورمۇلاسى. لېكىن ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ئۇ فۇرمۇلاغا چۇشۇرۇپ شىئىر يېزىشمۇ ئۇڭاي ئەمەس. ئۇنى قىلالىغۇچىلىك ئىلھام بۇلسا بىزدە بۇ يەردە قۇرۇق فۇرمۇلا يادلاپ ئۇلتۇرماي شۇنداق شىئىر يېزىپ مەشھۇرلىنىپ خەقنىڭ ئالدىدا ئۈزىمىزنى مىللەتنىڭ داھىسىدەك، يولباشلىغۇچىسىدەك ساناپ كىرىلىپ يۈرمەمدۇق. لېكىن، ھەي، ئۇمۇ تەس.
شۇڭا بىز ئۇنىڭدىنمۇ ئاسان بۇلغان باشقا شىئىر شەكىللىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقايلى. ئەلۋەتتە ئىزدىنىش دائىرىمىز شىئىرنىڭ ئەڭ ئاددى، قۇرۇلما دەي دىسە قۇرۇلما دىگىلى بۇلمايدىغان ، مەلۇم ئالاھىدىلىگى بۇلمىغان شەكىللىرى بىزنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانىمىز. مەسىلەن، چاچما،يىغما، گۇڭگا،خىرە، شولا، سايە، دىگەندەك. بۇنداق شىئىرنىڭ ئالاھىدىلىگى شۇكى، مەلۇم قاپىيە تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇچۇق ۋەزىن، تۇراق يوق، ئەنە شۇ ئالاھىدىلىگدىن پايدىلانساق بىزمۇ بىر نەرسە يېزىپ مابەت دىگەننى خوشال قىلىۋىتىشىمىز مۇمكىن.
بىز تۇۋەندىكى بىر نەچچە كۇپلىت شىئىرنى كۈرۈپ باقايلى.
پۇر قىلىپ ئۇچۇپ ئۆتتى بىر بېيجىڭلىق قۇچقاچ،
مەن مۇشۇنداق قۇچقاچنى كىچىكىمدە خوتەندە كۆرگەن،
خوتەنلىك قۇشقاچ مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان.
كېيىن ئۈرۈمچىدە كۆردۈم ئەنە شۇنداق نۇرغۇن قۇچقاچلارنى
لېكىن ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە كىر ئىدى.
پەيلىرى مايلاشقان ،
كىردىن قارايغان ئىدى
(بۇ شىئىرنىڭ تولۇق تىكىستىنى بۇ يەردىن كۈرۈڭ
http://www.izdinix.com/munbar/showpost.asp?id=12931&forumid=25
بۇ شىئىر بىز تەتقىق قىلماقچى بۇلغان بىر تىپىك مىسال. بىز ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنى كۈزىتىپ باقايلى. (مەنىسى بىزنىڭ تەتقىق قىلىش ئۇبىكتمىز ئەمەس. شۇڭا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ) . بۇ شىئىرنىڭ ئەسلى دىمەكچى بۇلغىنى تۈۋەندىكىچە:
”“يېنىمدىن بىر بىيجىڭلىق قوشقاچ پۇررىدە قىلىپ ئۇچۇپ ئۈتتى، مەن كىچكىمدە خوتەندە بۇنداق قۇشقاچنى كۈپ كۈرگەن ئىدىم، قۇشقاچلارنى مۇشۇنداق بۇلىدىغان ئۇخشايدۇ دەپ ئۇيلايتتىم. كىيىن ئۈرۈمچىدە ئەنە شۇنداق نۇرغۇن قۇشقاچلارنى كۈردۈم، لېكىن ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە كىر بۇلۇپ. پەيلىرى مايلاشقان، قارايغان ئىدى. ”“
خوش ساۋاقداشلار كۈزىتىپ بېقىڭلار بىز ئۈزگەرتىۋالغان جۇملىلەر بىلەن ئەسلى شىئىر ئۇتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق قانچىلىك؟ بىزنىڭ يازغىنىمىز نەسىرگە ئوخشاپ كىتىدىغان بىر نەرسە، ئەسلىدىكىسى بۇلسا بىر شىئىر . لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرىسىدا ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق مەۋجۇت. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شىئىرلارنى ئىزدىنىش شىئىرلار مۇنبىرىدىن توننىلاپ تاپالايسىلەر. تارىم، تەڭرىتاغ دىگەندەك مەتبۇئاتلاردىنمۇ دائىم ئۇچرىتىش مۇمكىن. دىمەك، بىز شۇلارغا ئۇخشىتىپ بىر نىمە قىلالىساق، شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ شىئىر يازغان بۇلىمىز. بەرىبىر بىز ژۇرنالغا بەرمىگەندىكىن شىئىر يازدىم دەپ ئۈزىمىزنى ئۈزىمىز خوشال قىلىپ، مابىتىمىزنى خوشال قىلىپ يۈرۈۋەرسەك بۇلىدۇ.ئەمىسە بىزمۇ ئەنە شۇنداق خاراكتىردىكى شىئىرنى قانداق يازىمىز.
بۇ توغرىلىق زامانىمىزدىكى ئەڭ تېتىقسىز Jeck ئەپەندى ئەڭ بۇرۇن ئىزدەنگەن ۋە ئاخىرى بۇنىڭ ئەسلى ناھايتى ئاددىلا بىر قائىدە ئىكەنلىگىنى بايقىغان. بۇ شىئىرىيەتتە، ”“جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنى“" دىيلىدۇ.
جېك ئالدى بىلەن پۇتۇن جۇملە بىلەن شىئىر مىسرالىرى ئۇتتۇرىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىچكى باغلىنىش بارلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. مەسىلەن ”“ مەن مەكتەپكە يول ئالدىم“" دىسە پۇتۇن جۈملە بۇلىدۇ، ”“يول ئالدىم مەن مەكتەپكە ”“دىسە شىئىر مىسراسى بۇلىدۇ. ”“مەن تىرىشىپ ياخشى ئوقۇيمەن ”“دىسە جۈملە بۇلىدۇ، ”“ ئۇقۇيمەن ياخشى تىرىشىپ“" دىسە شىئىر مىسراسى بۇلىدۇ. ”“ مەن يارىمغا ئامراق ”“ دىسە جۈملە بۇلىدۇ، ”“ئامراقمەن مەن يارىمغا“" دىسە شىئىر بۇلىدۇ. ”“يارىم بەرگەن ئىشتانباغ ئەجەپ ياراشتى ”“ دىسە جۈملە بۇلىدۇ، ”“ئەجەپ ئۇبدان ياراشتى، يارىم بەرگەن ئىشتانباغ“" دىسە شىئىر مىسراسى بۇلىدۇ.
دىمەك شىئىر مىسرالىرى ئەسلى جۈملە بۈلەكلىرىنى قالايمىقان ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن كىلىدۇ. ئۇنداقتا جۈملە ئۇزۇن بوپ كەتسىچۇ؟
مەسىلەن، ”“ئىزدىنىش ھازىر توردىكى مەن ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان مۇنبەر بۇلۇپ قالدى“" دىگەننىچۇ. بۇنى مۇنداق ئۈزگەرتىپ باقايلى:
”“ ئىزدىنىش ئۇ ھازىر توردىكى
ئەڭ ياخشى مۇنبەر
مەن ياخشى كۈرۈدىغان ”“
قانداق ، ئازراق شىئىرى تۇس ئالغاندەك قىلامدۇ. شۇنداق دىسىڭىزلا جېكنىڭ قانۇنى پۈتىدۇ:
1. ئالدى بىلەن نەسىرى شەكىلدە ئۈزىڭىزنىڭ نىمە دىمەكچى بۇلغىنىڭىزنى ئىنىق قىلىپ يېزىڭ. (شۇنداقتىمۇ ئەخمەت ئىمىننىڭ نەسىر يېزىش ئۇسلۇبىنى ئازراق سىڭدۈرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى) . لېكىن جۇملە بەك ئۇزۇن بوپ كەتمىسىۇن. بولمىسا شىئىرگەئۈزگەرتمەك تەس بوپ قالىدۇ.
2. يازمىڭىزنىڭ جۇملىلىرىىنى ئاساس قىلىپ Enterئۇرۇپلا قۇرلارغا ئايرىڭ. بۇ نەسىرنىڭ شىئىرغا ئايلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ.
3. ئۇزۇن بۇپ كەتكەن يەرلەر بۇلسا ئۇنى يەنە قۇرلارغا ئايرىڭ.
4. قۇرغا ئايرىغان جۇملىنىڭ جۈملە بۈلەكلىرىنى ئالدى كەينىگە، بەك قاملاشمىسا ئاستىن ئۈستىن قىلىپ ئۈزگەرتىڭ.
5. ۋاختىڭىز بۇلسا ئازراق پىششىقلاپ ئىشلەڭ. يەنى ئىلاجى بۇلسا ئىسىڭىزگە كەلگىنچە ئازراق شىئىرغا رېتىم ۋە قاپىيە كىرگۇزۇپ قويۇڭ. ھەممە مىسرالارغا ئەمەس. ئۇتتۇرا ھىساپ بىلەن 5-6مىسراغا، ئېىشىپ كەتسە 10 مىسرا بۇلسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ.
بىرسى ئۇزۇن، بىرسى قىسقا بوپ قالسا ھىچ قىسى يوق. ئىككى يەردە بىر سۈز ئارقىمۇ ئارقا كەپ قالسا بىرسىلا قالسۇن. يەنە ”“بۇلدى، ئىدى، قالدى ، شۇنداق، ”“دىگەندەك نەسىرى ئالاھىدىلىككە سۈزلارنى جۈملىدىن چىقىرۋىتىڭ، لېكىن قاپىيەگە لازىم بۇپ قالسا ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
مانا يوقاردىكى بەش باسقۇچ تارىختا ”“جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنى“" دەپ ئاتىلىدۇ. سىز شۇ قانۇن بۇيىچە سىناپ باقسىڭىزلا بىر شىئىر يېزىۋاتتىڭىز دىگەن سۈز.
مىسال ئېلىپ باقايلى . سىز تۈنۈگۇن ئىتىپاق يولىدا كىتىۋىتىپ شۇنداق چىرايلىق بىر قىزنى كۈردىكىز، ئۇقىزنىڭ كىرپىكلىرى تال تال، بەللىرى ئەۋرىشىم، بىر قاراشتىلا ئۇنىڭغا ئەسىر بوپ قالدىڭىز،كىچىچە ئۇخلىيالمىدىڭىز، ئۇ نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ دەپ ئۇيلىدىڭىز، كەينىدىن ئۇ چۇقۇم مىھمانخانىدا پاھىشەلىك قىلىدۇ دەپ ئۇيلاپ ئۈزىڭىزگە تەسەللى بەردىڭىز.
خوش، كۈندىلىك خاتىرىڭىزگە مۇنداق يازدىڭىز:
”“ تۇنۇگۇن ئىتىپاق يولدا كىتىۋىتىپ شۇنداق چىرايلىق بىر قىزنى كۈردۇم، ئۇ قىزنىڭ چىرايلىقلىغىنى تىلىم بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. ئۇنىڭ كىرپىكلىرى تال تال، بەللىرى ئەۋرىشىپ ئىكەن. بىر قاراپلا ئۇنىڭغا مەھلىيا بوپ قالدىم، كىچىچە ئوخلىيالمىدىم. ئۇ نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ دىگەن خىيال كەچكىچە خيالىمدىن چىقمايدۇ. مىنىڭچە ئۇ چۇقۇم مەلۇم ئالى دەرىجىلىك مىھمانخانىنىڭ پاھىشىسى. بۇلمىسا ئۇمىھمانخانا كۈپ ئىتىپاق يولىدا نىمىش قىلىدۇ ”“
خوش بۇنى جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنىنى ئىشلىتىپ بىرمنۇتتىلا شىئىرگە ئايلاندۇرۋىتىمىز. ئايلاندۇرۇش يولىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش سىلەرنىڭ مەشىق قىلىشىڭلارغا قالدۇرۇلدى.
”“ كىتىپ بېرىپ تۇنۈگۈن ئىتىپاق يولىدا
كۈردۈم بىر پەرىنى
ياق بىر چىرايلىق قىزنى،
كىرپىلىرى تال تال
بەللىرى ئەۋرىشىم،
يەتمەيدۇ ئۇنى تەسۋىرلەشكە
مىنىڭ تىلىم
بىر قاراپلا ئۇنىڭغا مەھلىيا بولدۇم
كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم
ياتالمىدىم
ئۇ نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ دەپ ئۇيلۇدۇم
لېكىن تاپالمىدىم
مىنىڭچە ئۇ ئۇقۇغۇچى ئەمەس
بەلكى بىر پاھىشە،
بۇلمىسا مىھمانخانا كۈپ ئىتىپاق يولىدا
نىمىش قىلىدۇ ئۇ قىز
ئاخرىنى سىز يازسىڭىز
ئۇقۇشقا تەييار بىز.
ھا ھا ھا ………قانداق، بۇلامدىكەن، بۇ قانۇننى بىر نەچچە قېتىم ياخشى مەشىق قىلساڭلارلا ئۇ خىل ئۇسلۇپتىكى شىئىر يېزىش ئۇسلۇبىنىڭ مەشھۇرلىرى بوپ قالىسلەر. ئالدى بىلەن ئىزدىنىش نەسىرى ئەسەرلەر سەھىپىسىكى ياخشى يېزىلغان نەسىرلەرنى شىئىرغا ئۈزگەرتىپ كۈرۈپ بېقىڭلار. كىين ئۈزەڭلارلا يېزىپ بېقىڭلار. بارا بارا پىششىق بوپ كەتكەندىن كىيىن ئەسلى نەسىرى يازمىنى يازماي بىۋاستا يازساڭلارمۇ بۇلىۋىرىدۇ.
لېكىن جېكنىڭ بىرىنچى قانۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر شەرتى بار. يەنى، ئەڭ دەسلەپتە بىز مىسال ئالغان شىئىر ۋە شۇ خاراكتىردىكى ئىزدىنىش، تارىم، تەڭرىتاغلاردىكى شىئىرلار شىئىر دەپ قارىلىشى كىرەك. لېكىن ئەنسىرمەڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىئىر دەپ قارىلىۋاتىدۇ،خەلىقنى ئالقىشىغا ئىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر تەجرىبىدىن ئىسپاتلاشتىن ئۈتتى . شۇڭا سىلەر ئۇ قانۇننى ئىشلەتكەندە بۇ شەرتنى ئۇيلاشمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ.
يەنە بىرسى ئەگەر باشقىلار قارشى پىكىر قىلسا، شۇمۇ شىئىر بۇلدىمۇ دىسە، جېكنىڭ بۇ قانۇنىغا ماسلاشقان تەدبىرلىرىنى كۈرۈڭ.. بۇ دىگەن ئالاھىدە شىئىر، ھازىرقى زامان شىئىرى، دەپلا ”“ سەن شىئىرنى چۇشىنەمسەن يوق، ئالدى بىلەن 10 يىل شىئر ئۇقۇپ كىلىپ ئاندىن شىئىرنىڭ نىمىلىگىنى مەندىن سورا. ئۇزەڭنى كىم دەپ ئۇيلاپ قالدىڭ. پالانىكاممۇ يازغان مۇنداق شىئىرنى دەپ بىز مىسال ئالغان شىئىرلارنى كۈرسىتىپ قويۇڭ. بۇلسا ئىلاجى بۇلسا قارشى تەرەپنىڭ شەخسىيتىگە تىگىدىغان ، چۇشىرىدىغان ۋە ياكى باشقا ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ تىمىنى باشقا ياققا بۇراڭ. ئەگەر ئەقلى ھۇششى جايىدىراق بىرسى چىقىپ قېلىپ تىمىنىڭ باشقا ياققا كىتىۋاتقانلىغىنى سىزىپ قالسا ئۇ ھالدا ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن شىئىر توغرىلىق مۇنازىرىلەرگە قارىسڭىز شىئىر سىرلىقلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ خۇدانىڭ سۈزى ئىكەنلىگى، شائىر ئەمەلىيەتتە شىئىر يېزىۋاتقان ئەمەس بەلكى خودا بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىغى . ياكى بۇلمىسا ئۈزى بىلەن ئۈزى پىچىرلىشىۋاتقانلىغى توغرىلىق بىر تالاي نەزىرىيەلەر بار. شۇلارنى پىششىق يادلاڭ. شىئىرنى بارغانسىرى ئىلاھلاشتۇرۇڭ، سىرلىقلاشتۇرۇڭ. ئۇنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ چۇشىنەلمەيدىغانلىغىنى پەش قىلىڭ. ئۇندىن كىيىن كىم قارشى چىقسا شۇ نەزىرىيەلەرنى سۈزلەڭ.
بۈگۇنكى دەرسىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. كىيىن يەنە ۋاختىمىز چىقسا جېكنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۇچىنچى تېتىقسىز قانۇنىنى ئۈگىنىمىز.
يەنە بەش مىنۇت ۋاقىت باركەن، قېنى كىم مىسال كەلتۇرۇپ باقىدۇ. يۇلغۇنجان، سالام ھايات، بىخلانلار قاراپ ئۇلتۇرىسىلەرغۇ؟؟… ئەتىنىڭ ياقى دەرىىس ئاڭلىماي نىمە قىلىشتىڭ؟؟
سىنىپتا ئۇقۇغۇچىلار قۇشۇق بىلەن تاماق قاچىسىنى ئۇرۇپ مۇزىكا چىقارغىلى تۇردى، جېك ناھايتى تەسلىكتە ”“دەرىستىن چۈشۇڭلار“" دىدى
ئىزاھات، بۇنى چاخچاق دەپ چۇشىنىڭلار، شائىرلىمىز ئۈزىگە ئېلىۋالمىغاي.
تۈگىدى.
تۈۋەندىكىلىرى ئۆز ۋاختىدا شۇ تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىرى
——————————————————————————–
jeck
2006-3-14 19:08:31
ھا ھا ھا…..، ھۇرۇن مۇشۇك، مەن قۇسىغىمنى تۇتۇپ كۈلۈۋاتىمەن. ….
——————————————————————————–
avar
2006-3-14 19:11:34
ھاھاھاھا
ئاجايىپ
كارامەت
بىر شىئىر يېزىش قائىدىسى كۆردۈممەن
نەدە دەمسەن؟ ئىزدىنشتا
كىم يازغان ؟
جىك
ئامىرىكىدىكى
——————————————————————————–
kizil-gul
2006-3-14 19:27:26
ئاللا،،،بۇ يۇمۇرنى،،،،
ئىككىنچى شېئىر يېزىشقا جۇرئەت قىلالمىغۇدەك بولۇپ كېتەمدىم نېمە![em48]
——————————————————————————–
Comeon
2006-3-14 19:50:15
ھىھىھى،
قىزىق گەپلەر بوپتىغۇ!
ئىلھام قۇشلىرى قايتا،
يېنىپ كەلدى قېشىمغا،
بۇنىڭدىن كېيىن ئەمدى،
تازا جىق شىئېر يازمىسام،
كىم بىلىدۇ؟
كىمۇ ھە كىم؟
داڭلىق شائىر بوپ كېتەمدىم تېخى!
——————————————————————————–
pis.pas
2006-3-14 20:09:16
كۆرسىتىپ قەستەن شىئىرنى سىرلىق
ياشاپ كەلدى كۆپ ئادەم
شائىرلىق سالاھىيەتتىن مەھرۇم
بۇنىڭغا تارىخ گۇۋاھ
خەلق گۇۋاھ
چىقتى بىزدىن فىزىك
شىئىرىيەت قانۇنىيىتىنى
ئىچىپ بەردى جىك
ھورۇن مۈشۈك بېرىپتۇ
ئۇلۇغۋار بىر تەكلىپ
ئەمدى بىز بولايلى
شىئىرىي مىللەت
يوقالسۇن گىرامماتىكا
يوقالسۇن، قاپىيە، تۇراق…
ھەممە ئادەم شائىرلىقنىڭ
تەمىنى تېتىسۇن، يازسۇن.
ھاياجانغا چۈمۈلسۇن
ئوينىسۇن كۈلسۇن
ئىزدىنىشنى كۆمۈۋىتەيلى
شىئىرىي پۇراققا.
تەبئىي پەننى شىئىرىي
تىلدا يازماسلىققا تارىختا تۇنجى
بەردى جىك خاتىمە.
ياشا جىك!
مارىسقا چىقارسەن.
يۇپتىرنى قوغلاپ
گەر سوۋىسا قۇياش
ئىلىپ كەلگىن
بىزنىڭ دىيارغا
كۆرۈپ قويسۇن
بىزنىڭ شائىرلار!!!
——————————————————————————–
՟shahrizad
2006-3-14 20:34:28
مەن ئەمدى،
بارلىق ھېكايىلىرىمنى
ۋوردقا تىزىپ
ئېنتېرنى تاس-تاس ئۇرۇپ
شىئېرغا ئايلاندۇرىمەن
خۇددى
ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىنى
ئۇيغۇر سوفىت كود ئايلاندۇرۇش سڭستېمىسا
ئۆلچەملىك يونىكودقا ئايلاندۇرغاندەك
يەنە بىر قىلىدىغان ئىشىم
ئەسلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئارىسىغا
قەستەن قىستۇرىمەن
كۆيەئەن بۇغداي،
تاش ئەينەك
تاش پەلەمپەي دېگەن سۆزلەرنى
ئاندىن ئۇ
رەسمىي شىئېر بولار…
——————————————————————————–
afiyfiy
2006-3-14 20:40:58
[em66] [em66] [em66] [em66] ئەجەب كۈلدۈردۈڭلار بالىلار ….
ئىگىز تاغقا چىققاندا ،
پايپىقىڭنى چىم تاتتى .
تونۇ بېشىدا قاغا ،
غاقىلدايدۇ ناۋايدەك.
تېرە ئاپاردىم مايتاققا،
نېسى ساتتىم بويتاققا .[em66] [em66]
——————————————————————————–
shahrizad
2006-3-14 20:43:23
راستىنى دېسەم
جېكنىڭ بۇ يازمىسى
مەن ئوقۇغان ئەڭ ياخشى شىئېر ھەققىدىكى ئوبزور بوپتۇ.
شىئېر چۈشۈنىدىغان نەرسە ئەمەس
ھىس قىلىدىغان نەرسە
ئۇنداقتا
32ھەرپنى قالايمىقان تىزىپ قويۇپ
ھىس قىلساق تېخىمۇ ياخشى
مەسىلەن
كائەئىددھسقل؛90
مۇشۇنداق ئۇرۇلغان خەتتىنمۇ
بىر نەرسىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ
——————————————————————————–
afiyfiy
2006-3-14 20:48:15
شەھرىزاد ،ئۇنداق ھەرىپنى تىزىپ قويسىڭىز ،قۇرئاننىڭ ئۇسلۇبى دەپ تۇرۇۋالمىسۇن .ئەلف ، لام ،مى ….~م دېگەندەك
[...] جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنى دوختۇرغا ئۆچ بولدۇم مەن ئامرىكىغا يالاڭئاياق كىردىم كەلگەندىن كىيىنكى دەسلەپكى ھاياتىم [...]
مەن تېلىقىپ قالدىمغۇ ……ئاللا ………..سىزنىڭ دەرسىڭىزىنى بەك ئاڭلاپ بار
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
شىئىر دىگەننى
يازسا مۇشۇنداق
بولىدۇ پەيزى
ھەم شۇنداق لاۋزا
بولۇپ ئىنتىزار
2-قانۇنغا…..
ھى ھى…ھى ..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پاھ … مۇشۇنداقلا دەرس سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچى بولىدىغان بولسا بىر ئۆمۈر زېرىكمەي ئاڭلايتتتىم ! تەپەككۈرىڭىز بەكلا ئۆزگىچە ئىكەن ، ھەم يۇمۇرلۇق …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel