ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى تۆھپىكار— پەخىردىن شىرىپ(قارلۇق)
پەخىردىن قارلۇق1981-يىلى9-سېنتەبىردە تۇغۇلغان.1994-يىلى BasicۋەAssemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن.1996-يىلى7-ئايدىن1997-يىلى8-ئايغىچەئەقلى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە،1997-يىلى8-ئايدىن1998-يىلى11-ئايغىچەپەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە يېزىق-جەدىۋەل ۋە ساندان بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.1998-يىلى11-ئايدا ھازىرقى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئاساسىي بولغان«قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى»نى قۇرغان.2000-يىلى3-ئايغىچە خەنزۇچەUCDOS-7.0 مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، DOSمۇھىتىدىكى كۆپ تىللىق مەتبەئە،جەدۋەل ۋە ساندان باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان گرافىك يۈزلۈك قوللىنىش پروگراممىسىUyghur-Word، مالىيە-مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىدىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستىكايۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەن.2000-يىلى3-ئايدىن باشلاپ نىشاننى3D كومپيۇتېر گرافىك ساھەسىگە قارىتىپ،رايۇنىمىزنىڭ كومپيۇتېر گرافىكى ساھەسىدە نۇرغۇن تۈرلەرنى ئىشلىگەن ۋە سىستېمىلاشتۇرغان. بېيجىڭ پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي ئېستېتىكاتەتقىقات مەركىزى،CG PowerۋەDays of view قاتارلىق شىركەتلەردەCCTV-4،CCTV- 9 ،CCTV-8 بېيجىڭ ۋە تىيەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ كومپيۇتېر گرافىكىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى،3Dكۆرۈم ئېففىكتى مەسئۇلى ۋە تېخنىكا يىتەكچىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.پەخىردىن قارلۇق- قارلۇق مېدىيا تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى،رايۇنىمىزنىڭ3D كومپيۇتېر گرافىكى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى. ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگۇدىكى تۇنجى خۇسۇسىي شىركەتلەر ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتال تەجىرىبىخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ھازىر ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە3D تەقلىدلەش ۋە ئانالىزلاش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال تۈرلىرى ئىشلەنمەكتە.
تەييارلىغۇچى: بەختىيار يۈسۈپ(مەڭگۈتاش). تەرجىمھال «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى»نىڭ2009-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.

 Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!