باشبەت » ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

(C)دوكتۇر رەيھانگۇل بەكتۇر بىلەن سۆھبەت A Discussion with Dr. Reyhan Bektur

11 ئاۋغۇست 2007 3,355 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس

بۇ يىل بېشىدا دوكتۇر رەيھانگۇل بەكتۇر توغرىىلىق مەلۇمات بىرىلگەندىن كىيىن تورداشلار ئارىىسىدا كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى. شۇنداقلا تورداشلارنىڭ تەلىۋى بىلەن بىلىۋال تور بېكىتى رەيھانگۇل بىلەن سۈھبەت ئۈتكۈزۈلۈپ ئىلان قىلىنغان ئىدى. كۈرمەي قالغان تورداشلار بۇلۇپ قالسا دەپ سۈھبەت خاتىرىسىنى چاپلاپ قويدۇم. رەيھانگۇل سورالغان جاۋاپلارغا ناھايتى ئىخچام لېكىن بەك مېغىزلىق جاۋاپ بەرگەن.

دوكتۇر رەيھانگۇل بەكتۇر بىلەن سۆھبەت
سوئال تەييارلىغۇچى: بورانقۇش تەھرىرلىگۈچى: مۇخبىر

1) 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلاردا ”فامىلە“ توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە ئويغىنىش بولدى. ”بەكتۇر“ فامىلىسى ئاڭلىغۇچىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆيۈملۈك فامىلە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىنى بۇ فامىلە توغرىسىدا توختىلىشنى لايىق تاپتىم. سىزنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرىڭىزنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدا ”بەكتۇر“ قانداق رول ئوينىدى؟

جاۋاب: بۇ فامىلىنى دادام تېپىپ قوللىنىشنى قارار قىلغان. مېنىڭچە، بىر ئادەم ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىسمى ئەمەس. ئەگەر، بىر ئىشنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە، ۋە ئاشۇ ياخشى كۆرگەن ئىشىنى نىشانلاپ توختىماي تىرىشسا، ھەرقانداق ئادام غەلىبە قىلىدۇ. گەرچە ئىسمى “بوشتۇر” بولسىمۇ، غەلىبە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، مەنمۇ بۇ فامىلىنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ فامىلە نامىنى مەن ئەمەس، دادام تاللىغان. مېنىڭچە بىراۋ ئۈچۈن جەزبىدارلىققا ئىگە بولغان فامىلىنى تاللاش ۋە تاللىماسلىقنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى بىراۋنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ فامىلىسىگە باغلىق بولمايدۇ. لېكىن مەن فامىلە قوللانغاننى ياخشى ئىشكەن دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇ ئارقىلىق سىز ئەجدادلىرىڭىزنى يەنى يىلتىزىڭىزنى ئېنىق تونۇيسىز.

2) سىز توغرىسىدىكى ماقالە ۋە ئالبوم بىلىۋالدا بېرىلگەندىن كېيىن، كۆرۈلۈش ۋە ئوقۇلۇش نىسبىتى جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ تەقدىرىنى تەدبىرى ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ، ”بۈيۈك شەخس“لەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىغانلىقى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەھلىنى ئىپتىخارلاندۇردى. تۆۋەندە ئۆزىڭىزنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىڭىز، قالدۇرغان ئىزلىرىڭىز ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەمسىز؟
جاۋاب: مېنىڭ ھېكايەم بەكمۇ ئاددىي ۋە قىسقا. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقتىمدىلا ماتېماتىكىغا قىزىقاتتىم. شۇڭلاشقا، بەلكىم كېيىن تەبىئىي پەندە ئوقۇيمەن دېگەنىدىم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، بۇ ئويۇمدا تېخىمۇ چىڭ تۇردۇم، چۈنكى، دەرسىمىزگە فىزىكا قوشۇلدى ۋە مەن ئۇ دەرسكە شۇنداق قىزىقتىم. ئۆزۈم ئامراق بولغاندىكىن، قىزىقىپ ۋە تىرىشىپ ئوقۇدۇم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ھەممىسى قىزىقىشىمدىن بولدى. مەن پروفېسسور بولۇشنى ئەزەلدىن ئارزۇ قىلاتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇشۇ ئارزۇيۇمغا قاراپ تىرىشتىم ۋە ئاخىرىدا بۇ غايەمنى ئىشقا ئاشۇردۇم. بۇ يەردە، مېنىڭ دەيدىغىنىم: ئۆزنىڭ بىر ئىشقا قىزىقىشى بەكمۇ مۇھىم. بىر ئىشقا قىزىقسىلا قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، تىرىشماق لازىم، توغرا تىرىشىش ئۇسۇلىنى تاللاش لازىم. بەلكىم ئەمدى ”توغرا يولنى قانداق تاللايمىز“ دەپ سوراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ جاۋابىمۇ بەك قىسقا. بىر يولنى تاللاپ ماڭىسىز، ئەگەر يېرىم يىلغىچە ئۈمىد بولمىسا، ئۇ يول بەلكىم خاتا ئىكەن دەپ، باشقا يوللاردا ماڭىسىز. يەنە بىر تەجرىبەم بولسا، سىزنىڭ ئارزۇ قىلغان ئىشىڭىزدا نەتىجە قازانغانلاردىن يول سورىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ كۆرسەتكەن يوللىرىنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ، ياخشى ئويلىنىشىڭىز كېرەك. باشقىلار نېمە دېسە شۇنى قىلسا بولمايدۇ. چوقۇم ئۆزىگە لايىق بىر ئۇسۇلنى قوللىنىشى كېرەك. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ھەرۋاقىت ئۈمىدۋار بولۇش كېرەك. مېنىڭمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ياكى ياخشى بېرەلمىگەن ۋاقىتلىرىم بولغان. لېكىن، قايتىدىن تەييارلىق قىلىپ، باشقىدىن تىرىشتىم. تەييارلىق قىلغاندا بۇرۇن نېمە ئۈچۈن ياخشى قىلالمىغانلىقىمنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئامال بار ئاشۇ خاتالىقنى تەكرارلىمىدىم. ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قېتىمدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتىم. مەن ئىشىنىمەنكى، ھەممە ئادەمدە ئەقىل بار، ھەممە ئادەم ئوخشاش. ھازىرغىچە، بىئولوگىيە ئالىملىرىمۇ ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ دنا سىدا چوڭ بىر پەرقنى تاپالمىدى. شۇڭلاشقا، ھەرقانداق ئادەملەر ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش. باشقىلار قىلغاننى مەنمۇ، سىزمۇ قىلالايمىز، ئەگەر ئۈمىد ۋە تىرىشچانلىقلا بولسا.

3) سىز ۋەتەندە ئاسپىرانتلىقنى، ئامېرىكىدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ئامېرىكىدا ئىشلەۋېتىپسىز. سىز ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قانداق باھا بېرىسىز؟ چەت ئەلدە تەرەققىي قىلىشقا بولغان قارىشىڭىز قانداق؟ دەۋرىمىز ستۇدېنتلىرى ئوقۇش، ھېسسىيات، خىزمەت، جەمئىيەت، مىللەت ۋە تۆھپە قوشۇش مەسىلىسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك؟
جاۋاب: مېنىڭچە ۋەتەندىكى مەكتەپلەر ياخشى. ۋەتەندە ئالىي مەكتەپنى ئوقۇسا ئاساسى ئامېرىكىدا ئوقۇغاندىن ياخشى بولىدۇ. پەقەت، ئامېرىكىدا نەزەرىيىنى جانلىق ئۆگىتىدۇ. مەن مۇشۇنداق چۈشەندىم. ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەردە، بىر سۇئالغا مۇئەللىمنىڭ جاۋابىغا ئوخشىمايدىغان جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، ئۇ جاۋابنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك. مۇشۇنداق ئۆزىڭىز بىر يېڭى جاۋاب تېپىپ ۋە ئىسپاتلاپ قىلغان جەرياندا، سىز جىق ئىشلارنى ئۆگىنىسىز ۋە ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزمۇ ئاشىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە ۋەتەندىكى مەكتەپلەرمۇ مۇشۇنداق ئوچۇق ئۆگىتىشنى قوللىنىۋېتىپتۇ، شۇڭلاشقا، بەلكىم ۋەتەننىڭ مەكتەپلىرى يېقىن زاماندا تېخىمۇ كۈچلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

4رەيھان) جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە بولسۇن، خانىم-قىزلارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئورۇندا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، ئۆز ئارزۇلىرىنى روياپقا چىقىرىش جەھەتتە تەڭسىزلىكلەر مەۋجۇد. سىزنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشىڭىز قانداق؟ جاۋاب: مېنىڭ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى نامزات بولۇشۇم ناتايىن. چۈنكى، مەن بۇنداق تەڭسىزلىكنى كۆرمىدىم. مەن ۋەتەندە ئىشلىمىدىم. ئامېرىكىدا، ئايال ئىنجھېنېر مۇئەللىمگە ئېھتىياجى بار. ھەرقايسى مەكتەپلەردە، مەلۇم ساندىكى ئايال پروفېسسور بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، مېنىڭ قىز بولغىنىم بۇ خىزمىتىمنى تېپىشقا ياردەم بەردى. بەلكىم، ئەگەر قىز ئىنجھېنېرلارنىڭ سانى بەك ئېشىپ كەتسە، قىز خانىملارنىڭ ئىنجھېنېر خىزمەت تېپىشى تەسرەك بولار. مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، مەن ئايال كىشى بولغانلىق سەۋەبىدىن مەيلى ئۆگىنىشتە بولسۇن ۋە ياكى خىزمەتتە بولسۇن، بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققىنىم يوق. ئۇنىڭ ئەكسىچە پايدىسى بولدى، يەنى ئىنجھېنېرلىق ساھەسىدە پروفېسسور بولۇپ، خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىم ئاسانراق بولدى، چۈنكى ئىلمىي ساھەدە ئىنجھېنېرلىق ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار كۆپ ئەمەس. ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ ئوقۇشۇمنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، قىز بالا بولغالىقىم سەۋەبىدىن ئۇلار ماڭا بىرەر بېسىم ئىشلەتكىنى يوق. شۇڭا ئايال كىشى بولۇشۇم مېنىڭ ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇتلاشقىنى يوق. ئەلۋەتتە، جەمئىيەتتە ئۆگىنىشنى ۋە ياكى ئىشلەشنى خالىمايدىغان خانىم-قىزلار بولسا – بۇ ئۇلارنىڭ تاللىشى، ئادەملەرنىڭ ئارزۇلىرى ۋە خىياللىرى ھەر خىل بولىدۇ. بەزىلەر ئائىلە ئايالى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بەزىلەر خالىمايدۇ. ھەممىدىم مۇھىمى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى تاللىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن قانائەت ھاسىل قىلىش ۋە قىلماسلىغىدا، مۇبادا شۇ كىشى ئۆزى رازى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ خىل تاللاش ياخشى تاللاشتۇر.

5) ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ھەممە ئېتىراپ قىلماسلىققا سەۋەب كۆرسىتەلەيدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك. سىز جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلىپسىز. سىزنىڭ بۇ رېئال مەسىلىگە بولغان قارىشىڭىز قانداق؟ قانداق قىلغاندا ”چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا“لىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغىلى بولىدۇ؟ ئەمەلىيىتىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ توختىلىپ ئۆتەمسىز؟ جاۋاب: بىزنىڭ ئۆيىمىزدە ئوغۇل يوق. شۇڭلاشقا، قىزلارنىڭ ئورنى يۇقىرى ۋە مېنىڭ ئاتا-ئانام زىيالىي. ئۇلار ھېچقاچان مېنى ۋە سىڭلىمنى بىرەر ئىشتىن چەكلىمىدى. ئەگەر باشقا ئائىلىلەرمۇ مۇشۇنداق قىلسا، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭمۇ ئەقلى ئۇزۇن بولار. گەرچە مەن جەنۇبى شىنجاڭدىن بولساممۇ، ئەمما ئاتا-ئانام مەسىلىلەرگە ئىلمىي قارايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇلار ھېچقاچان مېنى “قىز بالا” شۇڭا ئەقىل جەھەتتا ئاجىزراق” دەپ ئويلىغىنى يوق. ھەتتا مېنىڭ بوۋاممۇ موماممۇ ئۇنداق ئويلاردا بولمىغان. مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ مېنىڭ ئاتا-ئانامغا ئوخشاش ئويلايدىغانلىقىغا ۋە قىزلىرىنىڭ ئوقۇپ بەختلىك بولۇشىنى قوللايدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن. مېنىڭ قەشقەردىن كەلگەن نۇرغۇن قىز دوستلىرىم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئاياللار ھەققىدە بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك “چېچ ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا بولۇش” مەسىلىسى – تالاش-تارتىش قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ خىل قاراشنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس، ھەم بىز باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىقىمىز لازىم. پەقەت ئۆزىمىز ئويلىغان ئىشنى قىلالىساق، ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، ھەمدە شۇ ئارقىلىق خۇشال بولساقلا، باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. باشقىلار قانداق ئويلىسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. ئۆز نۆۋىتىدە ئېيتىپ قويىدىغىنىم شۇكى – قىزلارنىڭمۇ ئەرلەر ھەققىدە باھا بېرىپ ئېيتىدىغان سۆزلىرى بار. شۇڭا مېنىڭچە، كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ھەپىلىشىپ يۈرمەي، باراۋەرلىك ئىچىدە ئالاقىنى ياخھسى ئورنىتىپ، خۇشال ياشىغان ياخشى.

6) يەھۇدىيلارنىڭ تەقدىر ۋە تەدبىر ھەققىدىكى مۈشكۈلات ھەم ئىزدىنىشلىرى جاھان ئەھلىنى قايىل قىلىدۇ. سىزنىڭچە، ”ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان مىللەت“ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈش ئۈچۈن، مىللەت پەرزەنتلىرى زىممىسىگە قانداق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى يۈكلىشى كېرەك؟ ئىلغار مىللەتلەر بىلەن ئارقىدا قالغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق، ئوخشاشلىق ئوخشىماسلىقلار بار؟ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟ جاۋاب: بىزنىڭ مىللىتىمىز بىر ئالىي مىللەت. ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق نۇرغۇن ئېسىل ئۆرپ-ئادىتىمىز بار. بۇنىڭدىن پەخىرلەنمىسەك بولمايدۇ. لېكىن، بىز بىر ئالىي مىللەت دەپلا تىرىشمىساق بولمايدۇ. مېنىڭچە، بىز ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىپلا قالماي، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىكى ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق تەركىبلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. مەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىللىق مىللەت ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمەن. مەن ھازىرقى دۇنيادا ئورۇن تىكلەپ تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق تەربىيىلەيدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ تارىخى ۋە كىملىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقمىغان. يۈزە بولسىمۇ ھېس قىلىشىمچە ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلۈكى –ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ئېتىقادىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن يەنە تەكىتلەپ ئۆتەي، مېنىڭ بۇ ھەقتە بىلىمىم يوق. ئەمما مېنىڭچە بىز دۇنيادىكى باشقا ئەقىللىق ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئەقىللىق خەلق، شۇڭا بىز پۈتۈن نىيىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا پۇختا بولۇشىمىز ھەمدە كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىقىمىز لازىم. (رەيھانگۈل بىر قىسىم پىكىرلەرنى ئانا تىلدا ئىپادىلەشتە قىينالغانلىقى ئۈچۈن ئىنگلىزچە يازغان ئىكەن، ئىنگلىزچە بۆلەكلىرىنى قەيسەر مىجىت تەرجىمە قىلدى)

7) يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا، بىز قاچانغىچە ”ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى“، ”شېئىرىي مىللەت“ قالپىقىنى كىيىۋېرىمىز، ”تەبىئىي پەن مىللىتى“ دېگەن قالپاقنى قاچانمۇ كىيەرمىز،- دەيدىغان قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. سىز بۇ خىل قاراشنى قوللامسىز؟
جاۋاب: بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرەلىگەن بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟ لېكىن مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن. سەۋەبى مەن خەلقىمىزنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلدا ماھىر ئىكەنلىكىنى يامان ئىش دەپ قارىمايمەن. مېنىڭ قارىشىمدا، كىشىلىرىمىزنىڭ ھاياتتىن قانداق ھوزۇر ئېلىشنى بىلىشىمۇ بىر خىل ئالاھىدىلىكتۇر. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئاممىۋى سورۇنلاردا پائالىيەت قىلالمايدىغان، باشقىلار بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز، ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ خەلقىمىزدە بۇ ئەۋزەللىك بار، بۇ ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ بەلگىسىدۇر. پەن-تېخنىكىدا مەشھۇر بولۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ مەسىلىنى مۇنازىرە قىلىش بىلەن نەتىجە چىقارغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن، خۇسۇسەن ئېيتقاندا، بىز ئۆزىمىزگە ئىشەنگەن ھالدا ئىشنى پۇختا قىلىپ مېڭىشىمىز كېرەك، ئۆزۈمگە كەلسەم، مەن ئەڭ دەسلەپتە ئىشنىڭ كىچىكىدىن ۋە ئاسىنىدىن باشلايمەن، ئەمما ئاستايىدىللىق بىلەن قىلىپ ماڭىمەن. بۇ پەقەتلا مېنىڭ ئۇسۇلۇم ۋە تەجرىبەم. كۆزىتىشىمچە، پارچە-پۇرات بولسىمۇ ئېرىنمەي ئىشلەپ تۇرغاندا، بىر كۈنى بۇ كىچىك ئىشلارنىڭ نەتىجىسى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك چوڭ نەتىجىگە ئايلىنىدىكەن، “تاما-تاما كۆل بولار دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك”. يەنە بىر تەرەپتىن، مەن باشقا ئالىملار ۋە ياكى زىيالىلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىپ تۇرىدىغان مۇنازىرىلەرگە قارشى ئەمەسمەن. چۈنكى ئاشۇ خىل مۇنازىرىلەردىن تەتقىقات ئۈچۈن كېرەكلىك مەلۇم تېما چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، يەنى تارىخ ۋە ئىنسانشۇناسلىققا ئائىت ساھەلەردە. لېكىن مېنىڭ ساھەيىمدە يەنى ئىنجھېنېرلىق ساھەسىدە مەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە جاۋابىنى تاپالمايدىغان ئىشلارنى بىلسەملا، ئۇ توغرىسىدا ئويلانماي قويىمەن. مەن ئاۋال كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ سىناپ باققۇچى.

8) ئەمدى ئەمەلىي مەسىلىگە قايتىپ كەلسەك، سىز ئىلگىرى شىركەتتە، نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسىتېتتا خىزمەت قىلىۋېتىپسىز. دېمەكچى، سىزنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ئويىڭىز يوقمۇ – قانداق؟
جاۋاب: مېنىڭ ئەزەلدىن پروفېسسور بولغۇم بار ئىدى. مەكتەپ پۈتكۈزگەندە، ئۇ ئورۇننى ئالالمىدىم، شۇڭلاشقا شىركەتتە ئىشلەپ تۇردۇم. ئەگەر، ئىككىنچى يىلىمۇ پروفېسورلۇقنى ئالالمىغان بولسام، بەلكىم شىركەتتە ئىشلەۋېرەتتىم ۋە بىر كۈنلىرى مۇستەقىل كىچىك ئىگىلىك تىكلەپ قېلىشىممۇ مۇمكىن ئىدى، پەقەت مېنىڭ تاللىشىم پروفېسسور بولۇش. مەن ئىشلەۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېت – تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز دەرس ئۆتۈشلا ئەمەس، بەلكى يەنە سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ مېڭىش، مۇشۇنداق قىلغاندىلا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلىرىدىن ۋە «موتورولا»غا ئوخشاش شىركەتلەردىن (ئىقتىسادىي) قوللاشقا ئېرىشىپ تۇرالايمىز. شۇڭا مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم ئۆز ساھەيىمىزدىكى باشقا تەتقىقاتچىلار ئۆز تەجرىبىخانىسىدا ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقاتلاردىن ئايرىلىپ تۇرمايدۇ، بەلكى باغلانغان بولىدۇ. ئامېرىكىدا نۇرغۇن پروفېسسورلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شىركىتى بار. پروفېسسورلار ئادەتتە شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋە ياكى ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

9) سىزنىڭ كەسپىي ئىزدىنىشلىرىڭىزدىن، شۇ پەن توغرىسىدا ھېسسىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. بۇ پەن – دۇنيا ئىقتىسادىدا قانداق ئورۇننى تۇتقان؟ بۇ ساھەدە نەتىجە قازىنىشتا قانداق ”پەرھىز“ بار؟ مېنىڭ كەسپ ساھەيىم – ئېلېكتىر ماگنېت ۋە مىكرولۇق دولقۇنلاردۇر. ئەگەر سىز مەندىن ئەمەلىي بىر مىسال كۆرسىتىشنى سورىسىڭىز، ئۇنداقتا مەن سىمسىز ئالاقىنى كۆرسىتىمەن. بۇ خىل ئالاقە كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە ئون يىلغىچە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ. شۇڭا مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ بازىرى بار. بىر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا نېمە كېتىدىغانلىقىغا كەلسەك، مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ياخشى جاۋاب يوق، چۈنكى مەنمۇ ئۇ ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بىرى. مەن تېخى قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئەمدى باستىم، مەنمۇ ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولىنى ئىزدەپ يۈرۈيمەن. مۇبادا تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ قالسام، چوقۇم كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

10) نۆۋەتتە تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر دوكتورلىرى خەلقىمىزنى چەكسىز ئىپتىخارلاندۇرسىمۇ، مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتنىڭ كەينىدە يەنە بەزى مەسىلىلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى نەزەرىمىزدىن ساقىت قىلىۋاتىمىز. نۆۋەتتە بەزىلەر دوكتور قالپىقىنى كىيگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قانچە يىل ئۆتەر – ئۆتمەيلا، بۇ ئىختىساس ئىگىلىرىمىزنىڭ ئاۋامدىن پەرقى قالمايۋاتىدۇ. يەنى ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە كەسپداشلىرى ۋە جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان نەتىجىلىرىنى كۆرۈش، ئاڭلاش ئاساسەن يوق ھالەتتە. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: راست گەپنى ئېيتسام، بۇ سوئالىڭىزنى مەن تازا ئاڭقىرالمىدىم. ئەگەر سىزنىڭ سورىغىنىڭىز – نېمىشقا مەلۇم ساھەدە يۇقىرى بىلىم ئالغانلار ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازىنىشقا ئۇرۇنماي، باشقا ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ كېتىدۇ دەپ سورىماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا مەن ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي: مېنىڭچە كۆپىنچىلىرىمزنىڭ ئالدىدىكى مەسىلە – تىرىكچىلىك يەنى تۇرمۇشنى قامداش. شۇنداق بولغان ئىكەن، بىزنىڭ قىلىۋاتقان تەتقىقات خىزمىتىمىز تىرىكچىلىكىمىزنىمۇ قامدىيالمىسا، ئۇنداقتا بىز قىلىۋاتقان كەسپتىن ۋاز كېچىپ تەمىناتى ياخھسى بولغان كەسپكە كۆچۈمىز. گەرچە بۇ خىل يۆتكىلىش ئەپسۇسلىنارلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ رېئاللىقتۇر. لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنداق قىلىشى ناتايىن. بەزى كىشىلەر تۆۋەن مائاش ئالسىمۇ، قىلىۋاتقان تەتقىقاتىدىن سۆيۈنسە، تەمىنات بىلەن ھېسابلاشماي، شۇ كەسپتە تۇرۇۋېرىشى مۇمكىن ۋە ئاخىرى يېڭى نەرسىلەرنى بايقاپ، كۆپلەپ ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆز ساھەسىدە تونۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن نۇرغۇن ئادەملەر ياخشىراق ياشاشنى ئارزۇلايدۇ، شۇنداق بولغانلىقتىن، كۆپ مائاش بېرىدىغان كەسپكە كۆچۈش ھەرگىز نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس.

11) فرانكىلىن: «جەسىتىم چىرىگەندىن كېيىن باشقىلار مېنى ئۇنتۇپ كەتمىسۇن دېسەڭ، باشقىلار ئوقۇغۇدەك بىر نەرسە ياز ياكى باشقىلار يازغىدەك بىرەر ئىش قىل» دەپتىكەن. سىز بۇ ھېكمەتكە قانداق تەبىر بېرىسىز؟
جاۋاب: ئېنىقكى، فرانكلىن ئۇ سۆزنى مەلۇم مەقسەتتە ئېيتقان. باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى خالىمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ سۆز باپ كېلىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلىش-كېتىلمەسلىكىڭىز بىلەن كارىڭىز يوق ئادەم بولسىڭىز، فرانكلىننىڭ بۇ سۆزى سىزگە باپ كەلمەيدۇ. مەن سۆزلىگەن ۋە قىلغان ئىشىمىزنىڭ خاتىرىلىنىپ ماڭىدىغانلىقىغا ۋە قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنىڭ ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باھاغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بىزنى ئەسلەپ تۇرۇشىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئۇقمايمەن. يەنە فرانكلىننىڭ سۆزىگە كەلسەك، ئالدى بىلەن بىز ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە قانداق ئادەم بولماقچى ئىكەنلىكىمىزنى ئويلاپ يېتىھسىمىز لازىم. ئەگەر بىز باشقىلار تەرىپىدىن خاتىرلىنىپ تۇرۇشنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئارزۇ قىلىدىغان بولساق، ئۇنداقتا چوڭ ئىشلارنىڭ كويىدا بولۇپ، ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ياكى يازىدىغان بىرسى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بىز ئاددى ئادەم سۈپىتىدە خىزمەت تېپىپ ئىشلەپ، ئائىلە قۇرۇپ ياشاپ ئۆتسەك، ئۇنداقتا شۇ ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىشىمىز ۋە باشقىلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، خۇشال ياشىمىغىمىز لازىم. مۇبادا سىز چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى خالايدىغان كىشى بولسىڭىز، ئىشلارنى پۇختا ھەم ئىشەنچ بىلەن قىلىشىڭىز، سەۋرچان بولمىغىڭىز لازىمدۇر. چۈنكى ئادەمنىڭ ھاياتىدا ھەمىشە، نېمە قىلىۋاتقىنىڭىز بىلەن ئارزۇيىڭىزدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا سىز تاقەتسىزلەنمەسلىكىڭىز، ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىڭىز، بەلكى خۇشۇقىڭىز ئالچە چۈشمەي قالغاندا، ئازراق توختىۋېلىپ، ئاندىن يېڭى پىلان تۈزۈپ، ئىشنى قايتىدىن باشلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. بەلكى “شۆخرەت” قازىنىش ئارزۇسىدا تىرىشىش جەريانىدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ “شۆھرەت” كە خۇشتار ئەمەسلىكىڭىزنى بايقاپ قېلىشىڭىز ھەمدە ئاددى ئەمما خۇشاللىققا تولغان ھاياتنى بايقاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

12) مۇھەببەت، ھېسسىيات، ئائىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز تورداشلار ئەڭ قىزىقىدىغان مەسىلە بولسا كېرەك. ئاخىرىدا مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتەمسىز؟
جاۋاب: مەن شەخسلەرنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئارزۇسى ھۆرمەت قىلىنىدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئاتا-ئانام مەن ئۈچۈن ھەرقاچان تەييار تۇرۇپ ماڭا چەكسىز ۋە مۇقەددەس ئاتا-ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزدى، ئۇلارنىڭ قوللىشى ۋە چۈشىنىشى بولمىغان بولسا، مەن ھەرگىزمۇ بۇ نۇقتىغا يېتىپ كېلەلمىگەن بولاتتىم. شۇڭا ئۇلار مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەردۇر. (رەيھانگۈل بىر قىسىم پىكىرلەرنى ئانا تىلدا ئىپادىلەشتە قىينالغانلىقى ئۈچۈن ئىنگلىزچە يازغان ئىكەن، ئىنگلىزچە بۆلەكلىرىنى قەيسەر مىجىت تەرجىمە قىلدى)

تۇگىدى ئەسكەرتىش: در. رەيھانگۇل بەكتۇر توغرىسىدىكى تەپسىلى تونۇشتۇرۇشنى يەنە دوكتور ۋە ئىژىنىر رەيھانگۇل بەكتور دىگەن تىمىدىن كۆرەلەيسىز.

6 ئىنكاس بار »

  • ئالىم :

    تولىمۇ تەسىرلەندىم . ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ . بۇنىڭدىن كىيىن مەنمي تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنمەن . رەيھانگۈل ھەدەمنى ئۆزەمگە ئۈلگە قىلىمەن .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابدۇشۇكۇر :

    مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى ھالاكىتى كېيىنكى پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيلىنىشىگە باغلىق. پەرزەنتلەرنىڭ ياراملىق تەربىيلىنىشى ياراملىق ئانىلارغا باغلىق. ‹‹ئانا››دېمەك -مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى دېمەكتۇر. مىللىتىمىز قىزلىرىنىڭ ئوقۇش-بىلىم ئېلىشنى جان بېقىشنىڭ يولى سۇپىتىدە ئەمەس ‹‹ئانا››لق مەسئۇلىيەت سۇپىتىدە قۇبۇل قىلىشى، ئەركەكلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن تەمەسىز ، مىننەتسىز قوللىشى-كەلگۇسى پارلاق تاڭلارنىڭ تۇنجى سۇبھى نۇرى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. تېرىشىڭ سىڭلىم!پارلاق كەلگۈسى-تىرىشچانلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا.جەننەت-ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Jeck Blog » Blog Archive » رەيھان بەكتۇر: دەرىسلەرنى ياخشى ئوقۇش ۋە ياخشى نەتىجە ئېلىش بەك مۇھىم Reyhan Bektur: Keeping a Good GPA is Very Important :

    [...] تىمىلاردىن دوكتور، ئىنژىنىر رەيھان بەكتۇر ۋە دوكتۇر رەيھان بەكتور بىلەن سۈھبەت دىگەن تىمىلار [...]

  • ئىزتۈرك :

    بۇ ھەدىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنمەن … بىزرلەرمۇ تىرىشايلى ..!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • tursun sawut :

    قارىغاندا، يۇقىرى پەللىگە يېتىشنىڭ يولى ئاساسەن ئوخشاش ئوخشايدۇ، رەيھانگۈل بۇنى ئاساسەن جاديىدا ئىپادىلەپتۇ. گەپ بىزنىڭ قانداق تىرىشىشىمىزدا ۋە بوشاشماسلىقىمىزدا ئىكەن. رەھمەت سىزلەرگە.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • بەندە :

    بلوگىڭىزنىڭ كۆرلۈش قېتىم سانىنى 80،000غا ئاز قاپتىكەن،ئازراق ۋاقتىمنى چىقرىپ تېمىللىرڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم.مانا ،ئەمدى قارىسام كۆرلۈش قېتىم سانى 80،000بوپتۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..