«جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» نىڭ بىرى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم.
«جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» نىڭ بىرى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم.
بۈگۈن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەھەت جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياشنىڭ بىرسى بولۇپ باھالاندى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 نەپەر IT (ئۇچۇر تېخنىكىسى)دىكى ئەزىمەتلەر شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىگە جەم بولدى. ئۇچۇر ۋە سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى، جىنەن شەھرىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار كۈتىۋېلىش زىياپىتى بەردى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شەندوڭ سارىيىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، «يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» تەقدىرلەندى.
2001-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر تۆت قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 40 نەپەر كىشى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش بولۇپ تەقدىرلەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇلاردىن باشقا يەنە ئازاتلىق ئارمىيە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتى يۇمشاق دېتال كافېدىراسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يۇڭجوڭ (تۇجيا مىللىتى)، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ئالىم ئەھەت قاتارلىقلارمۇ ئېرىشتى.
بۇ قېتىممۇ مەملىكەت بويىچە نەچچە يۈز نامزات ئىچىدىن 100 نەپەر تاللىنىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن يەنە 30 نامزات تاللىنىپ، جامائەتكە ئېلان قىلىنىپ، ئاشكارە پىكىر توپلاش ۋە نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى بىلەن 10 نەپەر ياش بېكىتىلدى.
ئالىم ئەھەتنىڭ مەملىكەت بويىچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگەن كۆرۈنگەن 10 ياشنىڭ بىرسى بولۇپ باھالىنىشى، ئالىم ئەھەت ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال سەۋىيىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بەلگىلىك تەسىرىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ تىما ئىزدىنىش تورىدىن ئارخىپ ھىساۋىدا كۆچۈرۈپ كىلىندى.
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!