ئۇيغۇر گېنىرالنىڭ ھوزۇرىدا
ئاپتۇرى: گۇلەن
ئۇيغۇر گېنىرالنىڭ ھوزۇرىدا
2000-يىلى ”ئانا يۇرت“ نىڭ داغدۇغسىدىن تەسىرلەنگەن دوستلارنىڭ تەۋسىيسى بىلەن ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر گېنىرال سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولۇش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. خىيالىمدا سوپاخۇنىكامنىڭ مەزكۇر روماننىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق پاگۇن تاقىغان جەسۇر تۇرقى ھەرخىل كەيپىياتتا گەۋدىلىنىپ يول بويى ماڭا ھەمراھ بولدى. ئاخرى ئۇ تەۋەرۈك غازىمىزنىمۇ كۆردۈم. كۆز ئالدىمدا مۇقاۋىدىكى كەسكىن قۇماندان ئەمەس، كۆزلىرى ياشاڭغىراپ بەللىرى مۈكچەيگەن بىر بوۋاي تۇراتتى. سوپاخۇنىكام بىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندى بولغاي، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىز بولۇشىغا قارىماي ھەممەيلەن بىلەن تەپسىلى كۆرۈشۈپ ئوقۇشىمىزنى سۇراشتۇرۇپ چىقتى. بىز ”ئانا يۇرت“تا تەسۋىرلەنگىنى بويىچە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي سوئال سورۇشۇپ بوۋاينىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق.
ئەسكەرلىرىمنىڭ كوماندىلىرى ئۇيغۇرچە ئىدى
سوپاخۇنىكامدىن خوجانىياز ھاجى قوزغىلىڭى ۋە مىللي ئازاتلىق ئىنقىلابىغا قاتنىشىش جەريانى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ مۇڭلىنىپ تۇرغان كۆزلىرى بىراقلا نۇرلانغانىدى. شۇ چاغدا بۇ مۇبارەك زاتنىڭ ئاۋازىنى ساقلىۋالمىغىنىمغا كۆپ پۇشمان قىلىمەن. ئۇ كىشىنىڭ دېگەنلىرى ئىچىدە “ قوزغىلاڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ قېلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىشقا توغرا كەلدى. دۇشمەن نەچچە مىڭ ئەسكەر بىلەن يول بويى قوغلاپ توسۇپ زەربە بېرىپ كۆپ ھالسىراتتى. غۇلجىغا يېتىپ بارغىنىمدا 200دىن ئارتۇق ئەسكىرىمدىن ئاران 90 نەچچىسى ھايات قالغانىدى. غۇلجىغا بېرىشىمىزغا بىزنى روس ئوفىتسىرلار قورالسىزلاندۇرۇشتى. كېيىن ئېلىخان تۆرەم ئارىلىشىپ قوراللىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى. بىز بارغاندا چوڭ كوماندىرلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس بولۇپ ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇقلىرى پۈتۈنلەي روسچە ئىكەندۇق. چوڭراق ھەربى يىغىنلاردا پىلان روسلاردىن بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن مەخسۇس ھەربى تەلىم كۆرگەنلەرنىڭ كەملىكى بەكمۇ بىلىنگەنىكەن. بىز كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشلار بىر ئاز ئۆزگەردى. دەسلەپتە بىزنىڭ قىسىملا ئۇيغۇرچە كوماندا بويىچە مەشغۇلات قىلاتتى. كېيىن بارا-بارا ئۇيغۇرچە كۇماندا ئومۇملاشتى…“
”ئانا يۇرت“نى ئەسلى يەتتە قىسىم دېگەنتى
گەپ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكام مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ ئۆزى بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ”مەرھۇم ماڭا 1944 يىللىرىدىكى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلاپ ھەققىدە يەتتە قىسىملىق بىر تارىخىي رومان يازماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. بەلكىم مەرھۇمنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ياكى باشقا سەۋەبلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، كىتاب ئۈچ قىسىم چىقتى. زوردۇن سابىر مەن بىلەن ئۇزاق مۇڭداشقان ۋە بەزى يازمىلارنى ئېلىپ كەتكەنىدى. روماننى نەشىر قىلىنىشى بىلەنلا ئوقۇپ چىقتىم، ئويلىغانلىرىدەك يېزىشقا تىرىشپتۇ، لېكىن كۆپ قىسقارتىپتۇ“. بىز سوپاخۇنىكامنىڭ ئۆيىدە بىر سىزما رەسىمنى كۆردۇق. رەسىمدە ئاتقا مىنىپ تۇرغان ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالنىڭ ئوبرازى توپنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. سوپاخۇنىكامنىڭ ئېيتىشىچە ئىككى ئەرنىڭ بىرى سوپاخۇنىكام، يەنە بىرى ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ بولۇپ رەسىمدىكى ئايال سوپاخۇنىكامنىڭ تۇنجى ئايالى مەرھۇم تۇخان ئانا ئىكەن. زوردۇن سابىر مەزكۇر رەسىمنى كىتابىغا مۇقاۋا قىلىش ئۈچۈن سوراپ كېتىپ رەسىمگە تارتىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرگەنىكەن. بۇ رەسىمنى شىخودىن بىر ئوقۇتقۇچى رەسسام سىزىپ سوپاخۇنىكامغا سوۋغا قىلغانىكەن.
”قورال تاشلىساڭ ئاتمايمىز“ مۇ ياكى ”قۇرال تاشلايمىز ئاتما“مۇ؟
ئاقسۇ سېپىلىنى قۇرشاپ تۇرغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى زەمبىرەك بولمىغانلىقى(سوۋېت ھۆكۈمىتى كاتيۇشا سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغانىكەن) سەۋەبلىك سېپىلنى پارتىلىتىشقا قادىر بولالماي قورشاۋ ئۇزۇراپ كەتكەن. ئارىدا باش شىتابتىن چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرىۋالغان سوپاخۇنىكام ۋە جەڭچىلەر قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دەملەردە گومىنداڭ قىسىملىرى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن. جەڭچىلىرىمىز پىداكارلىق بىلەن ئېلىشىپ دۇشمەننى چېكىندۈرگەن. دۈشمەن بىر ئاز ئېتىشىپ ئوق توختاتقان ۋە قوراللىرىنىڭ ئۇچىنى يەرگە قارىتىپ“ جىياۋ چىياڭ بۇ شا(قۇرال تاپشۇرساڭ ئاتمايمىز)دەپ ئالغا يۈرگەچ ۋارقىراشقان. بۇ چاغدا سوپاخۇنىكام “ ئۇلار قورال تاپشۇرۇڭلار ئاتمايمىز دەۋاتىدۇ، قىرىپ تاشلايلى، دېسە، ئابدۇكېرىم ئابباسۇۋ ”قورال تاپشۇرىمىز ئاتما دەۋاتىدۇ“ دەپ ئىككەيلەن تالىشىپ قالغان. سپاخۇنىكام ”ئابدۇكېرىم، تەسلىم بولىدىغان دۈشمەن قوراللىرىنى تاشلاپ بىر يەرگە توپلايدۇ، ئاندىن قۇرۇق قول بولۇپ ۋەكىل ئەۋەتىدۇ“ دېسىمۇ ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ قايىل بولماي ئەسكەرلەرگە تەييارلىق بۇيرۇقى بەرگۈزمىگەن. مۇشۇنداق بىخەستەلىكنى كۈتۈپ تۇرغان دۈشمەن ئارمىيىسى غالجىرلارچە ھۇجۇمغا ئۆتكەن، نەتىجىدە نۇرغۇن جەڭچى شېھىد بولغان.
”بىزنىڭ بالىلار قىزىقمايدۇ“
پاراڭ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكامنىڭ ئايالى ”ۋاي بالىلىرىم، سىلەر باشقا باشقا مەكتەپتىن تۇرۇپ، ئۇقۇشۇپ ئاتايىن ئىزدەپ كەپسىلەر، ئاڭلاپ تۇرسام شۇنچە جىق تارىخلارنى سوراپ كەتتىڭلار. بىزنىڭ بالىلار دادىسىدىن بۇلارنى سوراپمۇ قويمايدۇ، دادىسى توغرا كېلىپ سۆزلەپ سالسىمۇ قىزىقمايدۇ. ئورنىدىن دەس تۇرالمايدىغان مۇشۇ ئادەم جېنىدا توختىماي كىتاب ئوقۇيدۇ. بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى بۇرۇنلا كىتاب قىلىپ يېزىپ بولغان ئەمما مۇھەرىرلەر جىق ئۆزگەرتىۋەتكەچكە نەشىر قىلىشقا ئۇنىمىدى. چىقمىسا چىقمىسۇن، لېكىن يالغاننى قاتقۇزمايمەن دەيدۇ. بۇ ئادەمدىكى قانداق جانكى، سوغۇقتا دۈگدەيمەيدۇ، ئىسسىقتىن سالپىيىپ كەتمەيدۇ. مىدىرلىيالىسىلا چېنىقىدۇ. ”ئانا يۇرت“ نىمۇ كىتاب چىقىپ بولغىچە تاقەتسىزلىنىپ چىقىشىغىلا ئېلىپ ئوقۇپ بولدى. بىزنىڭ بالىلار كىمنى دورىدىكى، دادىسى شۇنچە يىل ئەتىۋارلاپ ساقلىغان ئوردىنلىرىنىمۇ يوقۇتۇپ بولدى“ دېدى ھەسرەتلىنىپ.
خاتىمە، گېنىرالنىڭ ۋەسىيىتى
سوپاخۇنىكام مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشىمىزنى تەكىتىلگەن ئېدى. مەنچە ئۇ بۈگۈنكى بوغۇنغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇ ئىككى ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىرى مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش يەنە بىرى كەسپ ئىگىلەش. “ بالىلىرىم، مەن ئەسكەر باشلاپ قورال كۆتۈرۈپ سوقۇش قىلدىم، تۇرمىگە چۈشۈپ مەھبۇسلار قاتارىدا ئېغىر ئەمگەكمۇ قىلدىم، زەي زىندانلاردا، قورقۇنچلۇق قىيناقلاردا خورلاندىم، ئەمما باش ئەگمىدىم، تىزلانمىدىم. مېنى ئىككى نەرسە يىقىلغان يېرىمدىن تۇرغۇزدى، بىرى مەن ئۆگەنگەن تارىخ يەنە بىرى مەن ئىگىلگەن ھۈنەر. مەن بىلگەن تارىخ ماڭا قەۋمى ئۈچۈن ھەق ئىزدىگەن، ھۆرلۈك تەلەپ قىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىلىرى ئارقىلىق مەنىۋىي يۆلەك بولدى. بوۋىلىرىمىزنىڭ ھايات، دۇنيا، ئۆلۈم ۋە ھۆرلۈك ھەققىدىكى ھىكايەت، ئۆگۈتلىرى ماڭا زەي زىندانلاردىمۇ باش پاناھ، روھىي ئوزۇق بولدى. دۈشمەن ئاچ قويدى ئەمما ئۈمىتىسزلەندۈرەلمىدى، تېنىمنى قىينىدى، ئەمما روھىمنى باش ئەگدۈرەلمىدى. چۈنكى مېنىڭ روھى دۇنيايىمدا ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن توم توم كىتابلاردىكى ھىكمەتلەردىن ئاللىقاچان يېقىلماس ئىرادە مۇنارى تىكلەنگەن ئېدى. بۇ خاسىيەتلىك مۇنارنى ھىچكىم قىيناپ يىقىتالمايتتى، ئازاپلاپ يوقۇتالمايتتى. مەن بوۋىلىرىمىزنىڭ ”ئىنسانغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرمۇ ئاز“ دېگەن تەۋسىيىسى بويىچە پۇرسەتلا بولسا ھۈنەر ئۆگەندىم. تۇرمىگە تاشلانغان چېغىمدا قولۇمدىن ناۋايلىق، شوپۇرلۇق، رېمۇنىتچىلىق، كۆۋرۈك ياساش، تامچىلىق قاتارلىق ھۈنەرلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ماڭا ئىھتىياج چۈشۈپلا تۇردى. بەلكىم مۇشۇ ھۈنىرىم خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك، شۇنچە قىينىدىيۇ ئۆلتۈرۈشمىدى. ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى سەۋەبلىك ھايات قالغان مەنلا ئەمەس، مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم خىزمەتتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ياغاچچىلىق بىلەن جان ساقلىغان، ئۈرۈمچىدە كونىلار ھېلىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىمنى ”دارازا ياغاچچى“ دەپ ئاتىشىدۇ. بالىلىرىم، ئىشخانىدا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن دېمەڭلار، قىزىل ۋاراقلارنى يىغىۋېلىپ بايلىقمىكىن دېمەڭلار. بوۋىلىرىمىز، ”كىمدىن قالمىغان بۇ جاھان“ دەپ توغرا ئېيتقان. بىز جىق جاھان كۆردۇق، باغلام باغلام پۇللار بىر كېچىدىلا قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندى، ھەيۋەتلىك قەسىرلەردە غادايغانلار بىر كۈندىلا ئاچ-زارلارغا ئايلاندى.روھىمىز سۇلمىسۇن دېسەڭلار تارىخ ئۆگىنىڭلار، قەددىمىز سۇنمىسۇن دېسەڭلار ھۈنەر ئۆگىنىڭلار ”.
كەمىنە ئۆمۈرلۈك جەڭچى، يىقىلماس ئەزىمەت سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن كۆرۈشكەن مىنۇتلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن. بۇ ئەرزىمەس يازمام ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمەن. ئۇلۇق ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي، مەرھۇمنىڭ غايە مەشئىلىنى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈلۈك قىلغاي.
تۈگىدى.
گۇلەننىڭ توردىكى يازمىلىرى جۇغلانمىسى بۇ بەتتە بار.
كىچىك ۋاقتىمدا بىر قوشنىمىز بولدىغان 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرگەن.ئاڭلىسام ئۇ قوشنىمىز ئۆز ۋاقتىدا بۇرھان شەھىدىنىڭ قوغدىغۇچىسى بوپتىكەن،مەن تۇلۇق 1-يىللىققا چىققان يىلىم تۈگەپ كەتتى،بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتكەنتى.بەزىلەر ماڭا شۇ ئادەمنى زىيارەت قىپ سۆزلىگەنلىرىنى يېزۋىلىشنى دىگەندە مەن كېيىن بىر ۋاقىت چىقرىپ يېزۋالارمەن دەپ ئويلىغانتىم،ئەپسوس،بەك ئەپسوس………………بەزىدە ئويلاپ قالىمەن،مىنىڭ كىچىكلىكىممىدۇ بۇ دەپ.ھازىر مەن نىمىلا دىمەي ،قانداق ئازاپلانماي بولدىغان ئىش بوپ كەتتى،بۇ ئىشتىن بەكمۇ ئۆكۈنىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
باتۇر ئوق يەيدۇ،باللىرى پوق.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[...] ئۇيغۇر گېنىرالنىڭ ھوزۇرىدا [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىلەرگە ئاپىرىن، باشقا ئەللەردە ياشاۋاتقان بالىلارمۇ سىلەردىن ئۈلگە ئالسا بولغۇدەك، مەن ئامېرىكىدىكى شۇنچە جىق ئۇيغۇرنىڭمۇ بۇنچە جانلىق ۋە ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel