باشبەت » نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار

مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار

2 فېۋرال 2011 1,055 قېتىم كۆرۈلدى ئىنكاس يوق

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تالانتىغا ھەقىقەتەن قول قويماي بولمايدۇ.ھازىرغا قەدەر مائارىپتا بىزگە ئومۇمىيۈزلۈك ئېنگىلىزتىلى ئۆتمىسىمۇ،كىچىكىدىن باشلاپ ئېنگىلىزتىلى ئۈگۈنۈپ چوڭ بولغانلار بىلەن تەڭ رىقابەتتە مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى مۇسابقىلىرىگە شان-شەرەپلەرنى كەلتۈردى.تۆۋەندە مەن ھازىرغا قەدەر مەملىكەتلىك نوپۇزغا ئىگە ئېنگىلىزچە مۇسابىقىلارغا قاتناشقان شۇنداقلىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر قىرىنداشلارنى رەتلەپ چىقتىم.
مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئېنگىلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى 2002-يىلى تەسىس قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلانغان.مۇسابىقىنى مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى ساھىبخان بولۇپ ”CCTVلوڭقىسى“ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىنگىلىزتىلى نۇقۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى نامىدائۇدا 8يىل ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.بۇ 8يىل جەرياندا2002-يىلى ۋە2003-يىلى بىيجىڭغا بىرىپ قاتناشقانلار يوق.
2004-يىلى:
قاسىمجان ئابدىرىھىم،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 3-لىككە ئىرىشكەن.

ئەزىمەت رۇستەم،شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرسىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە ئەڭ ”ياخشى تەلەپپۇز مۇكاپاتى“غا ئىرىشكەن.

2005-يىلى:
ئادىلجان ئابدۇكىرىم،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.

مەرھابا ئىسھاق،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان،كۆرۈنەرلىك ياىشى نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن بولسىمۇ،سەھنىدىكى جانلىقلىقى باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن.

گۇلزار،بۇ قىرىندىشىمىز ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە كىچىككىنە پەرق بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن.

2006-يىلى:
ساباھەت، تىيەنجىن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋىرسىتىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان.بۇ ماھىرىمىز مۇنازىرە باسقۇچىدە قابىلىيتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن.

مىراجىگۇل ئوسمان،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىگە ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە ياخشى باھالارغا مۇ يەسسەر بولغان.

2007-يىلى:

مۇتەللىپ ئەسقەر،قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستۇتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە كىچىككىنە پەرق بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن.

2008-يىلى:
فەرۇق مەردان،شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرسىتىگە ۋاكالىتەن قاتناشقان.ۋە ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن.

2009-يىلى:
مۇتەللىپ ئەسقەر،قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە ئازراقلا پەرق بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن.

بۇندىن كىيىن مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئېنگىلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى چەتئەل تىللىرى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات كافىدارىسى ساھىبخان بولۇپ ”FLTRP لوڭقىسى“ نامىدا ئۆتكۈزىدۇ.
2010-يىللىق 1-نۆۋەتلىك ”FLTRP لوڭقىسى“ غا قاتناشقانلار:

ئىرشات پولات،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.

زۆھرە تۇرغۇن،شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرسىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى تەرپىدىن ئۆتكۈزىلىدىغان ئېنگىلىز تىلى تىلىدا نوتۇق سۆزلەش ۋە تالانت مۇسابىقىسىدە ئالىي مەكتەپلەر تۈرىدىن :

ئۈمۈد ھاجى،شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىگە ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەتلىك چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن

ئەرئوغۇز تەييارلىدى؛

menbesi: http://www.xjabc.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=56&extra=

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..