باشبەت » ياخشى كىنو

نوچى كىنو: قەستلەش Assasins

1 دېكابىر 2007 648 قېتىم كۆرۈلدى ئىنكاس يوق

ھۇللوۋىدنىڭ
ئىككى نوچى بىر كىنودا چىققان فىلىملىرىدىن ناچار چىققىنى ناھايتى ئاز.
"Assassins" ، (قەستلەش) دىگەن بۇ كىنومۇ كۈرگەن  ھەرىكەت فىلىملىرى(
action thriller) ئىچىدىكى ئىسىمدە قالغان ئەي ياخشى فىلىمنىڭ بىرسى. بۇنى
7-8 يىل بۇرۇن بىىر -ئىككى قېتىم كۈرگەن. بۇ ھەپتە تۇيۇقسىز بازاردا كۈرۈپ
قېلىپ سېتىۋىلىپ ئەكىلىپ كۈردۇق. بۇ كىنونى كۈرۈش بىلەن تەڭ خىياللىرىم
7-8 يىل بۇرۇنقى چىڭدۇدىكى ۋاختىملىرىمنى ئەسلەتتى. ھەرىكەتلىك فىلىملەرنى
كۈرۈشنى ياقتۇرىدىغانلار بۇ كىنونى كۈرمىگەن بولساڭلار تېخى كىنو
ھەۈەسكارلىرى دەرىجىسگە توشمايسىلەر.
بۇ كىنودا بىز ياقتۇرىدىغان ئارتىسلاردىن باندېراس (Antonio Banderas)بىلەن سىتالىئون (Sylvester Stallone)
يەنى رامبۇ باش رول ئالغان. ئۇيغۇرلاردىن رامبونىڭ كىنوسىنى كۈرمىگەنلەر
بەك ئاز بولسا كىرەك. مەن باندىراسنى مۇشۇ كىنو ئارقىلىق تۇنۇغان. ۋە شۇ
كىنودىن كىيىن ئۇنىڭغا قىززىقىپ ئۇ ئىشلىگەن فىلىملەرنى ئىزدەپ كۈرىدىغان
بۇلغان. بۇ كىنودا ئۈزىنى مەن جاھاندىكى ئەڭ يامان دەپ بىلىدىغان ئىككى
نوچى يەنى باندىراس بىلەن رامبو باشتىن ئاخىرى تۇتۇشىدۇ. ئۇندىن باشقا
كىنونىڭ ۋەقەلىكى ئىنتايىن جىددى، باشتىن ئاخىر كىنوغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ
جىددىلىشىپ كۈرىسىز. مەن ئادەتتە بىر كىنو باشلىنىپ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 15
مىنوتقىچە ئادەمنى جەلىپ قىلالمىسا ئۇ كىنونى كۈرمەيمەن. پەقەت ئاز
ساندىكى نامى چىققان كىنلاردىن باشقا، ( مەسىلەن پاچىنونىڭ ئاقساقال
GodFather 教父 دىگەن كىنوسى). بۇ كىنودا ستالىيون كەسپى قاتىل بۇلۇپ
باشقىلارغا ياللىنىپ باشقىلار كۈرسەتكەن ئادەمنى ئۈلتۈرۈپ جان باقىدىغان
ئادەم. باشتىلا ئۇ بىرسىنى ئۈلتۈرمەكچى بۇلۇپ بارغاندا تۇيۇقسىز ئۇ
قەستلىمەكچى بۇلغان ئادەم يەنە بىرسى تەرىپىدىن قەستكە ئۇچرايدۇ، يەنى
ئۇنىڭ سودىسىنى باشقىلار تارتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىكايە باشلىنىدۇ….
بۇ
كىنونى ئۈرۈمچىدىكى دەي ئىجارە بىرىدىغان دوكانلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاساسەن
تاپقىلى بۇلىدۇ. مەنمۇ ئۈز ۋاختىدا شۇنداق يەردىن ئىجارە ئەكىلىپ كۈرگەن.
بۇ
كىنونىڭ يەنە بىر مەن ياخشى كۈرگەن يىرى بۇ كىنو ماڭا يىقىن سىئاتىل
شەھىرىدە فىلىمغا ئېلىنغان. باش قىسمى پورتلەند شەھىرىدە سۈرەتكە
ئېلىنغان. بۇ ئىككى چوڭ شەھەر ئامرىكىدىكى ماڭا ئەڭ يىقىن ئىككى شەھەر بىز
دائىم شۇ يەرلەردە بۇلىمىز
.
كىنو ئىسمى: Assasins
خەنزۇچە ئىسمى: 最后刺客
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1995
ئۇلىنىش:
خەنزۇچە: http://www.mov6.com/title/tt0112401/
ئىنگىلىسچە: http://www.imdb.com/title/tt0112401/

 

(جېك
تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ
رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  قوللاش يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ
ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى چىكىپ قويۇڭ. لېكىن
كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم ئىلان قويۇلغاچقا بۇ
ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن بۇ ئەسكەرتىش
ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)

 

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..