موللام ۋە چەلپەكچى موللام توغرىسىدا Good and Bad Mollah
ئۆتكەن ھەپتە ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تۈركىيە ئاساسىي قانونغا تۈزىتىش كىرگۈزدى دىگەن تىمىدا مىنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن يېزىپ قويغان ىىر جۈملە ئىنكاسىم بىلەن تىمىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆزگىرىپ جىڭ موللا ۋە جا موللا دىگەنگە ئوخشاش باشقىچە يۈنىلىشكە ئۈزگىرىپ كەتتى. چىرايلىق ۋە سەت گەپلەر بولۇندى. جېك بلوگىنىڭ نۇرغۇنلىغان تىمىلىرى ئەسلى مۇنبەرلەردە بولغان مۇنازىرىلەردىن توپلانغان بولغاچقا بۇ تىمىنىمۇ بلوگدا يىڭى تىما سۈپىتىدە ئاڭلىدىم. بۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىنكاسلارنىلا كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم. تولۇق مەزمۇنىغا قىززىققانلار ئەسلى تىمىنى ئوقۇغايىسىلەر. مىنىڭ ئىنكاسىم ئىككىنچى بەتتىن باشلنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىنكاسلىرى نەقىل ئىچىدە ئېلىندى، نورمال يېزىلغانلىرى مىنىڭ ئىنكاسىم.
تۈركىيەدە ھەربىيلەر پات پات ئارلىشىپ تۇرمىسا چەلپەكچى موللاملار پېتىشماي تۈركىيەنى سېتىپ يەپ بۇلىشىدۇ.
abdulehed:
ئاۋۇ ھەربىيلەر چەلپەكچى موللاملار نىكاھىنى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمەي تۇغۇلۇپ قالغانلار. ئۇنداقلار ئۇيغۇر ئىچىدىمۇ بار. كەسپى: موللىنى ئۆچ كۆرۈش.
چەلپەكنى جىق بەرمىگەن چېغى، شۇڭا نىكاھىنى ئوقۇشقا ئۇنىمىغاندۇ.
گەپنىڭ يېرىمىغا ئېسىلىۋالماي باش ئاخىرىدا كەلگەن قوشۇمچىسى بىلەن تولۇق چۈشىنىپ شۇنى نەقىل ئېلىپ ئىسپات يازسىڭىزكەن. مەن موللام دىمىدىم، چەلپەكچى موللام دىدىم. مەن جىڭ موللىغا ئامراق، چەلپەكچى موللىغا ئۆچ. چەلپەكچى موللاملار ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇقادىر داموللامدىن تارتىپ تۇتۇپ بىرىپ چەلپەك تاپقان. شاپتۇل داموللام دىنى داھىڭىز بولسا ئاۋال ئۇختۇرۇپ قويۇڭ، مەنمۇ ئۈزەمنى بىلىۋېلىپ كىيىنچە چىشڭىزغا تىگىپ يۈرمەي.
abdulehed:
دىنىي ئالىملار كۆزىگە ياقمىسىلا چەلپەكچى موللا، دېيىش بەزى ئازغۇن زىيالىيلارنىڭ كۆنۈپ كەتكەن تەمسىلى. شاپتۇل داموللا مېنىڭ داھىم ئەمەس. ئۇنى داھى دېيىش ئاغزىڭىزدىن چىقتى. شاپتۇل داموللىنىڭ ئالاھىدىلىكى: مىللەت ئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىش. بۇ خىسلەت كىمدە تېپىلسا ئۇ شۇنىڭ داھىسى. مەن داۋاملىق ئۆزۈمنى بىلىگلىك.
دىنى ئالىمنى چەلپەكچى دەپ باقمىدىم، دىنى ئالىم ئەمەس جامائەتكە توغرا يول ئۈگىتىدىغان مەھەللە موللاملىرىنىمۇ بەك ھۈرمەيلەيمەن. ئۇلارنى چوڭ سۈزلەشتىن باشقىنى ئۇخمايدىغان بەزى يازغۇچىدىن بەكراق چوڭ كۈرەپ كەلدىم. ماڭا ئىلىم بەرگەن موللام سۈپەت ئۇستازلىرىم بار ئىدى، ئۇلارنىمۇ ھازىر ياد ئىتىپ تۇرىمەن.
لېكىن چەلپەكچى موللىلارنىڭ كۆپلىگىنى ئىنكار قىلماڭ، خۇددى كارغا كەلمەس زىيالىلارمۇ بەك كۆپ بولۇپ كىتىپ بارغانغا ئوخشاش. مىنىڭ نەزىرىمدە ئىككىلىسى ئوخشاش، بىرسى چەلپەككە ئايەت ئوقۇيدۇ، بىرسى داپەنجىگە باشقىلارنىڭ دىسىرتاتسىيەسىنى باھالايدۇ. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى مىللەتنى سېتىپ يەيدىغانلار.
abdulehed:
چەلپەكچىلەرنىڭ يالغۇز موللا سېپىدىلا ئەمەس، ھەممە ساھەدە بارلىقىنى ئاڭقىرالىغۇدەك كاللا باردۇ؟ بىر ساھەدىكى چەلپەكچىنى تىللىسىڭىز بىر يېرىڭىزگە تاقىشىدۇ. يەنە بىرنى تىللىسىڭىز يەنە بىر يېرىڭىزگە. زادىلا ئېغىز ئاچالمايسىز. ئەجەبا يامان سۈپەتنىڭ ھەممىسى موللىغا ھەقلىق بولۇشى كېرەكما؟ سىز چەتئەلدە ئوقۇسىڭىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقى ئۈچۈن. ھېلىقى <<موللا>>چۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئۇزۇندىن بېرى دىنىي ئوقۇش – ئوقۇتۇشنىڭ راۋان ئەمەسلىكى يادىڭىزدىدۇ؟ شىنجاڭدىلا ئەمەس، مەملىكەت بويىچە بىرمۇ ئىسلام ئۇنىۋېرستىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلەمسىز؟ مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ئىچىدە ئوقۇغانلار ۋە بۇ ساھەگە چالا – پۇلا بىلىم بىلەن قېتىلىپ قالغانلارمۇ بولغاچقا، چەلپەكچىنىڭ چىقىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسقۇ؟ ئۆتكەندە بىرى: موللام تامادا، قۇچقاچ كاماردا، دەپ ماقال ئوقۇۋاتىدۇ. ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي: ھەي، موللام نىكاھىڭنى ئوقۇغۇلى ئۇنىمىغاچ ھارامدىن بوپقالمىغانسەن، شۇڭا، تىللىمىغانسەن؟ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتۇق. مۇنۇ مۇنبەردىمۇ بار، ئۇنداقلار. ئۆتەپ ئۆتەپ جۆيۈلۈپ قويىدۇ. يەنە خىجىل بولماي ئانىسى تالاق قىلىنىپ قالسا، شۇ موللىنى چاقىرىدۇ. قىزىنى بىرەرسىگە بەرمەكچى بولسا پوپنى ئەمەس يەنىلا شۇ موللىغا تەلمۈرىدۇ…. شۇڭا، ئارتۇقچە گۇناھقا شېرىك بولغۇچە غىتىنى غ+ت قىسقان ياخشى.
مەن چەلپەكچىنى كۆرسەم قايسى ساھەدە بولسا ئۇدۇل كەلگەندە شۇ ساھەدىكىنى تىللاپ ماڭىمەن. خەلقىمىز موللىنىڭ يامان سۈپەتلىرىگە چەلپەكچى، سودىگەرنىڭ ئەسكىلىرىگە جازانىخۇر، ئايالنىڭ بۇزۇقىغا جالاپ، ئەرنىڭ ئەسكىسىگە لۈكچەك دەپ سۈپەتلەرنى بىرىپتىكەن، ناچار موللىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتقان بولغاندىكىن چەلپەكچى دىدىم. سىزچە نىمە دىسەم بۇلىتتى؟ قولىمىزدىن باشقىسى كەلمىگەندىكىن شۇ تىللاش كىلىدۇ. ئاتا بوۋىلىرىمىز پېتىشماي بىزگە شۇ تىللاش ھوقۇقىنىلا قالدۇرۇپ كىتىپتىكەن.
بۇلار ھىچ يىرىمگە تاقىشىپ قالغىنى يوق. ئەكسىچە مىنىڭ تىللىغىنىم دائىم چەلپەكچىگە تاقىشىپ قالىدۇ، ئۈزىگە ئېلىۋىلىپ كۈڭلىنى بىئارام قىلىۋالىدۇ. چەلپەكچى ئەمەسلەر ئۈزىگە ئېلىۋېلىشنىڭ ئورنى يوق. مەن چەتئەلدە ئوقۇسام ئۈزەم ۋە ئائىلەم ئۈچۈن، چەلپەكچى ئايەت ئوقۇسىمۇ چەلپەك ئۈچۈن، خۇدا ياكى خەلق ئۈچۈن ئەمەس. لېكىن پەرقىمىز مەن خۇدايىمنىڭ نام شەرىپىنى شىپى كەلتۈرۈپ خەقنى قاقتى سوقتى قىلمايمەن.
ئانام تالاق قىلىنىپ قالسا ئەلۋەتتە يەنە شۇ موللىنى چاقىرىمەن، لېكىن ئۈزەم ھۆرمەت قىلىدىغان، ئاللاھ ئۈچۈن ئۇقۇيدىغان جىڭ موللىنى، چەلپەكچىنى ئەمەس. بۇنىڭ خىجىل بولغۇدەك ھىچ يىرى يوق. چەلپەكچىنى تىللاپ ئارتۇق گۇناغا شىرىك بولاپ قالسام جازاسىنى خۇدايىم ئۆزى بىرىدۇ، بەندە ئەمەس. سىزمۇ ئەگەر موللا سۈپەت ئادەم بولسىڭىز تولا خەقنىڭ ئانىسىنى مىسالغا ئالماي باشقىچە مىسالغا ئېلىڭ. موللىلار خەقنىڭ ئانىسىنى ئېغىزغا ئالسا پەقەت ياراشمايدىكەن.
چەلپەكچى موللا، موللام تامادا، قۇشقاچ كامادا، موللا بىلەر، قوپاپ كۆلگە سىيەر دىگەندەك ماقال تەمسىللەر ئوقۇ ئوقۇتۇش راۋان ئەمەس 60 يىلدىن بۇيان پەيدا بولاپ قالغان تەمسىللەر ئەمەس بەلكىم نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى دىنى ئوقۇ ئوقۇتۇش راۋان ۋاقىتلاردىمۇ بار بولغان ماقال- تەمسىللەردۇر. ئىشەنمىسىڭىز باشقىنى ئەمەس ئۇيغۇر خەلق چۈچەكلىرىنى ئوقۇپ بېقىڭ. “ ئەللەزى ئىللەلەزى، سوياپ قوينى ئاساللەزى، زىخغا تىقىپ ماڭەللەزى بۇلاھا“ دىگەندەك ھىكايە چۈچەكلەر خېلى بار. شۇ ۋاقىتلاردا چەلپەكچى موللىنىڭ كۆچى كۆپ، باشقىلار ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىگە قارشى چىقسا دىنغا قارشى چىقتى دەپ بەتناملار بىلەن قازىخانىدىن جازا بەرگىلى تەييار، شۇڭا خەلق ئاشكارا ئەسكى موللىغا قارشى چىقالماي ئۇلارغا بولغان ئۈچمەنلىگىنى شۇنداق ماقال تەمسىللەر بىلەن ئىپادە قلىپ بىزگە يەتكۈزۈپتىكەن. ئەمدى بۇنىڭ كىلىپ سىزگە تىگىپ كەتكىنى قىززىق. ھازىرمۇ تېخى ئاپپاق خۇجامنىڭ قازىىسدەك چەلپەكچى موللامنى تىللاپ بولغۇچە خەقكە دىنى قالپاقلارنى كېيدۇرۇپ، گۇنا، ساۋاپنى شېپى كەلتۈرۈپ غ ت نى قىس دەپ تۇرغىلى تەييار بەزىلەر. قولڭىزدىن كەلسە چەلپەكچىگە يان باسماي دىنى قوشۇندىكى شۇنداقلارنى تازىلاڭ، ئاندىن خەلق چەلپەكچىنى تىللىمايدىغان بۇلىدۇ.
تارىختىكى چوڭ موللىمىز ئاپپاق خۇجام بۇدغا باش ئۇرۇپ مىللەتنى باشقىلارغا سېتىپتىكەن، كىچىك موللىمىز شاپتۇل ئاخۇن مىللەتنىڭ روھى يىتەكچىسى ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپتىكەن، يەنە تېخى “ مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزدىن كىيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، ئەگەر كەلسە شىڭ شىسەي شۇ“ دەپ ۋەز ئېيتىپتىكەن. قارىقاشنىڭ بىر يېزىسىدىن بىر نامى چىقمىغان موللا قارا بۇراندا كىچىنى كىچە دىمەي ئىشەككە مىنىپ خوتەن شەھىرىگە كىلىپ سىنى پالانچى كاپىر دىدى دەپ چېقىپتىكەن. موللا قىلماي باشقىسى قىلغان بولسا بەلكىم تارىخقا يېزىلماي ئۈتەپ كىتەتتى،چۇنكى موللا ئەمەس بۇنداق ئادەملەرمۇ كۆپ چىققان، بۇلارنى خەلىق ئېغىر ئالماي ئۆتكۇزىۋىتىپ دەپتىرىگە پۈتۈۋالماپتىكەن. ئەمما ناچار موللىلارنىڭ قلغان ئەسكىلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنماي بىزگىچە يىتىپ كەپتۇ. ئەگەر قولىڭىزدىن كەلسە شۇ تارىخنى قايتىدىن يېزىپ چىقىڭ.
چەلپەكچىنى ئاقلاپ كەتكىنڭىز قىززىق، خەلقنىڭ كۆزى ئۆتكۈر، نىمىنىڭ ئەسكى يامانلىغىنى بىلەلەيدۇ، چەلپەكچى موللا دەپ ئەسكىلىرىنى تىللاپ تۇرغىنى بىلەن خەلقىمىز موللىغا ئۆچ ئەمەس. يەنىلا موللىنى ھۈرمەتلەپ تۇرىدۇ، گىپىنى ئاڭلايدۇ. مىللەت سۈيەر داھى كەبى موللىلارنى جېنىدىن ئەزىز بېلىپ كۆتىرىدۇ، ھەم بۇنداق موللىلىرىمىزمۇ تارىختا كۆپ ئۆتكەن. ئابدۇقادىر داموللام، ئىلىخان تۈرەمدىن تارتىپ يىقىنلاردا ۋاپات بولغان ئابدىكىرىمخان ھاجىم دىگەنلەرگىچە. شۇڭا چەلپەكچىنى ئاقلايمەن دەپ ئاۋارە بۇلۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
tvman:
دادامنىڭ بىر گېپى بولىدىغان <موللامنىڭ ئېشىگىنى خىت ،دىسىمۇ گۇناھ،چىت دىسىمۇ گۇناھ> دەپ، شۇ يادىمغا كەلدى!
abdulehed:
تۈركىيەدە ھەربىيلەر كامالىزىم قارىشىدا. ھەربىيلەر ئارىلىشىپ تۈرمىگە قامالغان نەجمىدىن ئەرباقانمۇ چەلپەكچى موللا بولغاچ ھەربىيلەرنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى، دېگەن مەزمۇن چىقىدۇ، ئىنكاسىڭىزدىن. يەنە ھەربىيلەر داۋاملىق ھۈرپىيىپ تۇرغان تەيىب ئەردۇئان ۋە ئابدۇللاگۈلمۇ چەلپەكچى موللا بولىدۇ. چۈنكى، بۇلار موللا تەبىقىسىدىن. مۇھىمى ھەربىيلەر يامان كۆرىدىغانلار. نەجمىدىن ئەرباقاننىڭ قانداق چەلپەكچىلىك جىنايىتى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى بىلىدىغان ھەھۈچىلەر بارمىكى؟ قېنى، بىر چۈشەندۈرىشەيلى مۇشۇ ھەقتە.ئىنكاسىمدا دەپ بولدۇم، چەلپەكچى موللىلارنىڭ بارلىقىنى. ھەم مەنمۇ ئۆچ، ئۇنداقلارغا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىمدە كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئايرىماي قاراقويۇق دىنىي ساھەدىكىلەرنى ھاقارەتلىسە، بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
گەپ ئۇزۇراپ كەتمىسۇن. مايا تارىخىنىلا ئوقۇۋەرمەي ئۇيغۇر تارىخىمنىمۇ ئوقۇپ قويغۇلۇق، ھامىنى لازىم بولىدۇ. بولمىسا ئاددى تارىخىي ساۋات بولغان مەسىلىلەردىمۇ نادانلىقتىن كۈلكىگە قالىدىغان ئىش بولىدۇ. تارىختا ئۆتكەن خەلق لەنىتىگە قالغان سوپىي ئاپپاق خوجىنى بىرەر ئۇيغۇر تارىخچىسى چوڭ موللا، دەپ خاتىرلىگىنى يوق. پەقەت سىزنىڭ قويۇن دەپتىرىڭىزدىنلا بۇ << مۆجىزە>> يارىتىلدى!
مەن بەك ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتمەي دىگەنسىرى ئۈزىڭىز پەرەز قىلىپ ئۈزىڭىز جاۋاپ بىرىپ مىنى سۈرەۋاتىسىز. چىرايلىق گەپ قلىپ بەرگەنسىرى كەيدۈرىدىغان قالپاق ئىزدىگىلى تۇردىڭىزمۇ؟ مەن قاچان دىنى ساھەدىكىلەرنى قارا قويۇق ھاقەرەتلىدىم؟ مىنىڭ مايا تارىخى ئوقۇغىنىمنى ياكى سۈزلىگىنىمنى قەيەردىن كۆردىڭىز؟ ھازىرغىچە ئۇ توغرىلىق ھىچقانداق ئوقۇپ باقمىدىم، لېكىن ۋاقىت چىققان پەيشەنبە كۈنى بىر ئوقۇپ چۈشىنىپ باققۇم بار. لېكىن سىزنىڭ مۇنبەردىكى يازمىلىرىڭىزدىن مەن شۇنى ھىس قىلالايمەن، ئۇيغۇر تارىخى توغرىلىق مەن كەم دىگەندە سىز بىلەن تەڭ ئوقۇغان. سىز مەندىن جىق ئوقۇغان بولسڭىز ياكى مەخسۇس تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان بولسىڭىز ئوقۇغۇنىڭىزنى يەپ بۇپسىز. كەچۈرىسىز، مەن مۇنبەردە بىركىم ئۇنداق مۇندا دىمەيتتىم، دىگۈزگىلى سالدىڭىز ھازىرغىچە سىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ياكى ئىسلام تارىخىغا ئائىت يازغان بىرەر پارچە يازمىڭىزنى ياكى قالدۇرغان ئەستە قالدۇرغۇدەك ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ باقمىدىم. توردا يازماي نەشىردىن چىقارغان كىتاپلىرىڭىز بولسا دەپ قويۇڭ ئىزدەپ ئوقۇپ باقىلى. ئۇنداق بولمىسا تارىخ جىدىلى قىلماڭ. ئۇرخۇن تارىخ بېتىنى قۇرۇپ ئۈن تۈنسىز ماڭدۇرغان ياۋۇز ئاكىمىزمۇ ھىچكىمگە تارىخ بىلمەيدىكەنسەن دەپ چوڭ سۈزلەپ باقمىغان. يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دەپ سىز نىمە خەقنى ئۇنى بىلمەيسەن بۇنى بىلمەيسەن،دەپ باھا بىرىپ كەتتىڭىز. بىردەم ئانىىڭز تالاق بولسا ئۇ بۇلىدۇ بۇ بۇلىدۇدەپ ئانامنى چىشلەپ تارتىسىز.يىقىننىڭ ياقى ھەر خىل ئائىلە ئىشلىرى بولۇپ ئانامنى بەك ئەسلەپ قەدرى ئۈتۈلۈپ كىتىپ بارغان ۋاقىتلاردا بىر موللامنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بۇگىپىڭىزگە چىداپ تۇرۇپ بەردىم، ئەمدى ئۇنى بىلمەيسىز بۇنى بىلمەيسىز دەيسىز، ئۈزلىرى ھەممىنى بىلىدىغاندەك. ئەلۋەتتە بىلسىڭىز خوش بۇلىمىز ۋە ھۆرمەت قىلىمىز. لېكىن ئاۋال تۆكۈڭ.
ئۈزلەدىن سوراپ باقاي، قانداق ئادەمنى موللا دەيمىز؟ بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدە ۋە چۈشىنىشىمىزدە ئۆزىنىڭ ئازراق دىنى بىلىمى بار،ئاق قارىنى پەرىق قىلىش ئىقتىدارى بار ۋە باشقىلارغا دىنى جەھەتتە، پەتىۋالار جەھەتتە يول كۆرسىتىپ بىر مەھەللىنىڭ 50-50 جامائىتىنى باشلاپ ماڭالايدىغان ئادىمىنى موللا دەيمىز. ئۈزەڭلارنىڭ دىنى جەھەتتىن ئوقۇسا بىرىدىغان ئۇنۋانىڭلار بولسا ئۇنى مەن باشلىق نۇرغۇنلىغان خەلق ئۇخمايمىز. لېكىن بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى موللا شۇ بۇلىدۇ. سوراپ باقاي، ئاپاق خوجىنىڭ موللا دەپ ئاتىلىشىغا قەيىرى چۈشمەيدۇ. ئۆزىنى دىسە ئۆز دەۋرىنىڭ دىنى ئۆلىماسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋاختىدىكى سىياسى داھىسى، مىليۇن خەلقىمىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرغان ئادەم ھازىر بولغان بولسا كىچىك بىر موللا ئەمەس ئاياتۇللا، ئىمام، شەيىخ ۋە ياكى مەن ئۇخمايدىغان باشقىچە ئولۇغ بىر دىنى ناملار بىلەن ئاتالغان بۇلاتتى. سىياسى جەھەتتىن بولسا يا پادىشا، يا زوڭتۇڭ، يا سۇلتان دەپ ئاتالغان بۇلاتتى، ئاپاق خوجىنى موللام دىمەي سىيت نوچىنى ياكى موللازەيدىننى موللا دەمدۇق پەتىۋاچى؟
يەنى سىزدىن سوراپ باقاي، سىزنى باشقا تىمىدا بەك كۆرمىدىم، لېكىن سىزنى مۇشۇ يەھۇدى بىلەن شىئەنىڭ تىمىلىرى بولسا دائىم كۆرىمەن گەرچە پىكىر قاتناشتۇرمىساممۇ. قاچانلا قارىسا شىئە بىزگە ئۇنى قىلدى، شىئەلەر يەھۇدى بىلەن بىر،ئۇنداق ئەسكى بۇنداق ئەسكى دىگەن گەپتىن باشقا گەپ يوق، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتىڭىزنى چىقىرىپ ئىسپاتلارنى توپلاپ كىتىپسىز. شىئەلەرنىڭ قانداق ئەسكىلىگىنى سىز دەپ بەرمىسىڭىز بىز ئۇيغۇرلار ئۇخمايمىز. ئوتتۇرا شەرىقتە بۇلۇۋاتقان مەزھەپلەر قان تۈكۇشلىرىنىمۇ ئاڭلايمىز لېكىن خۇداغا شۈكرى بىز ئۇيغۇرلاردا شىئەلەرگە قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئۆچمەنلىك يوق. شۇڭا بىز ئۈچۈن سۈننى بولغان ئىراقنى ئامرىكا بۇزەك ئەتسىمۇ، شىئە بولغان ئىراننى بۇزەك ئەتسسمۇ، قوڭىمىزدا ئىشتان يوق ئېتىمىز مارجان بۇۋى بولسىمۇ ئۇلارغا ھىچ بولمىسا ھىسداشلىق قىلىپ قايغۇرىمىز. خۇداغا شۈكرى بىر ئاللاغا تەڭ ئىشىنىدىغان ئىككى مەزھەپنىڭ جىدىلى بىزگىچە كەلمەپتىكەن، ئاپپاق خۇجا دەۋرىدىن كىيىن تۈگەپتىكەن. ئەمدى سىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىلىغا شىئەلەرگە بولغان ئۆچمەنلىك سېلىپ نىمە قىلماقچى، شۇ مەزھەپ جىدىلىنى شۇ ئوتتۇرا شەرققە قويۇپ بىرىپ بىز ئۈزىمىزنىڭ ئىشنى ھەل قىلساق بولمامدۇ؟ نىمە دىگەن كۆپ دە تالاش بۇ؟ سىز نىمىشقا شىئەلەرگىلا دىققەت قىلىپ ئۇيغۇرلاردا شىددەت بىلەن يامراۋاتقان خىرىستىيان دىنىغا دىققەت قىلمايسىز؟ شىئەلەنى تىللاپ ماقالە يېزىشقا سەرىپ قىلغان ۋاختىڭىزنى نىمىشقا ئاشۇ خىرىستىيان بالىلارنى ئىزدەپ بېرىپ شۇنى ئازغۇن يوللاردىن ياندۇرۇپ ئەكىلىشكە ھەرىكەت قىلمايسىز؟ بىرەرىگە ھەق يولىڭىزنى سۈزلەپ ئۇلارنى ياندۇرۇپ ئەكىلىپ باقتىڭىزمۇ ياكى سىز مۇنبەردىكى بىزدەكلەرگە قالپاق كىيدۈرۈشكىلا كۈچىڭىز يىتەمدۇ؟ مەن جىڭ موللامنىڭ ۋەكىلى، ئىسلامنىڭ ۋەكىلى دەپ چىققان سىزدەكلەرنىڭ شۇ بىزگىلا كۈچىڭىز يىتەمدۇ؟
ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىپ باقمىدىم. لېكىن ئۈزىنى دىننىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىپ كۆزىگە سىغمىغان بىرەر .ئىنكاس يېزىپ قالسىلا خۇدايىمدىن ھوقۇق تالىشىپ ئۇلارغا گۇنا يېزىپ كاپىر قالپىقى كېيگۇزۈپ دۇزاخغا بارىدىغانلىغىنى پىچىپ بىرىدىغانلارغا زىت گەپ قىلغىنىم راس. مۇنبەردە ھىچنىمە ئۇخمايدىغان كىچىك بالىمۇ بۇلىدۇ، چوڭلارمۇ بۇلىدۇ، ھەممە ئادەم سىزدەك سالاپەتلىك بىلىملىك ئەمەس. خەقلەر ئانچە مۇنچە خاتا گەپ قلىپ قويسا، زىتىڭلارغا تىگىپ قالسا سىلەر موللا سۈپەت تورداشلىرىمىز قالپاق كېيگۈزەپ قويوپ داجامۇش قا قويغاندىن باشقا نىمە قىلالىدىڭلار؟ قايسى بىرىڭلار، پالانچىىنىڭ دىگىنىنىڭمۇ ئاساسى باردۇ، خاتا بولسا توغرىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويىلى دىدىڭلار؟ بىلىپ بىلمەي زىتىڭلارغا تىگىپ قالسا سەۋىر قىلىپ ياخشى يول بىلەن ھەل قىلىپ باقتىڭلار. سىلەر ئىشنى ناھايتى ئاددى ئۇسۇل بىلەن ئايرىيسىلەر، زىت گەپ قىلدىمۇ يوق؟ ئۇنىڭ دىگەنلىرى قۇرئانغا زىتمۇ يوق، قۇرئانغا زىت بولمىسا ھەدىسقا زىتمۇ يوق؟ ھەدىسقا زىت بولمىسا يەنە پالانچى ساھەبە قىلىپ قالغان بىر ئىشقا زىتمۇ يوق؟ ئىشقىپ ئادەم مەيلى قانداق ئىنكاس يازسۇن سىلەر خالىساڭلارلار ئۇنىڭ دىگەن گىپىنى بىر نىمىگە زىت قىلىپ چىقىدىغانغا ئىسپاتنى چوقۇم تاپالايسىلەر. ھە دىسە ئۇنىڭ ئىنكاسىدىن بۇنىڭ پۇرىقى چىقىدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى چىقىدۇ دەپ ئىنكاس تەھلىل قىلىپ تەشۋىقات بۈلۈمىنىڭ بۇجىڭىدەك قىلىىشپ كىتىسىلەر، شۇنداقلارنىڭ دەردىدە نۇرغۇنلىغان قورقماي ئىنكاس يازالمايدۇ، پالانچى تىما دىنغا تاقىشىپ قالدى، ئىنكاس يازمايلى، پالانچى تىمى مۇنداق بوپتۇ ئىنكاس يېزىپ يۈرمە دەپ مەنمۇ بەزىدە شۇنداق تەكلىپلەرنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن. مەنمۇ شۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئېزىپ قالمىسام ئۇنداق تىمىلارغا ئارلاشماي، ياخشى سۈزلىگەن بىرەرسى بولۇپ قالسا ئوقۇپ بىلىم .ئېلىپ يۈردۇق. بۇ تىمىغا ئىسىمدە يوق شۇنداق ئىنكاس يېزىپ قاپتىمەن. بولمىسا يازمايتتىم. تور مۇشتۇمزورلىرى بۇلۇۋىلىپ خەقنى قورقىتىپ ئىنكاس يازغىلىمۇ قورقىدىغان قىلىۋەتتىڭلار تور دۇنياسىدا. سىلەر دىننى خەقكە مۇشۇنداق يوللار بىلەن چۈشەندۈرەمسىلەر؟ پەيغەمبەرنىڭ ئىسىل پەزىلىتىدىن سىلەرگە نىمىسى يوقتى؟ كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىشنى، چىرايلىق گەپ قېلىشنى، سەۋىرچان بولۇشنى، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەي ئۇنى يېنىغا تارتىش دىگەنلەر پەيغەمبەر تارىخىدىن بولسىمۇ ئۇقىمىدىڭلارما؟ ئورۇپ سوقىدىغان، قالپاق كېيدۈرىدىغان تىما بولسا ھوررىدا يۈگرەپ كىرىشىسىلەر، ئىككى يىلنىڭ ياقى شۇنداق تىمىلاردا دىننى مەسىلىلەر توغرىلىق بىلمىگەن نەرسىلىرىمدىن خېلى سورىغان بولدۇم، قايسى بىرىڭلار شۇنىڭغا قىززىقىپ بىر ۋاختىڭلارنى چىقىرىپ ئەستايىدىل تىما يېزىپ باقتىڭلار دىننىڭ ۋەكللىرى؟ بۇ مۇنبەردە تېخى 86 ۋە ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىككى ئۈچ قېرىندىشىمىزدىن باشقا دىن توغرىلىق باشقىلارغا ۋەز نەسىھەت قىلغۇدەك ساپا ۋە پەزىلەت بايقىمىدىم. سوقۇشقىلى ئاران تۇرىسىلەر خالاس. ئۈزەڭلار شۇنداق ئەھۋالدا قانداق خەقنى يەنە ياخشى گەپ كۈتىسىلەر؟ بىزلەر سىلەرنىڭ ئىمانىمىز تاشتەك بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئۆزىمىزگە يارىشا مۇسۇلماندارچىلىقىمىز بار، چەلپەكچىلەرگە ئۈچ بولغىنىمىز بىلەن دىنغا ۋە دىنى ئۆلىمالارغا ئۆچمەنلىك قىلمايمىز. مۇسۇلماندارچىلىق شەرتلىرىنى ھىچ بولمىسا ئورۇنداشقا تىرىشىمىز. سىلەر ئەتىدىن كەچكىچە بىزنى پاتۇرماي تىللاپ كۆڭلىمىزگە ئازار بەرمەي يىقىنغا قارىساڭلار خىرىستىيان بولۇپ كىتىپ بارغان ئۇيغۇرلىرىمىز بار، ئۇنىڭدىن ۋاختىڭلار ئېشىپ قالسا شىنجاڭدا يەنە 10 مىليۇن خەنزۇ بار، ئىچكىرگە كىرسەڭلار بىر مىليارد خەنزۇ بار. سىلەر شۇلارنى لۇكچەكلىك قىلامسىلەر، تىللامسىلەر ئۇرامسىلەر نىمە قىلساڭلار قىلىپ موسۇلمان قىلساڭلار بۇنىڭدىن چوڭ ساۋاپ بولمايدىغۇ دەيمەن. ئۇنىڭغىمۇ كۈچۈڭلار يەتمىسە ئىچكىرنىڭ مۇنبەرلىرى ئىنكاس تەستىقلىمايدۇ، مۇنبەر ئارقلىق
بولسىمۇ تەشۋىق قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟
abdulehed:
تۈركىيەدە ھەربىيلەر كامالىزىم قارىشىدا. ھەربىيلەر ئارىلىشىپ تۈرمىگە قامالغان نەجمىدىن ئەرباقانمۇ چەلپەكچى موللا بولغاچ ھەربىيلەرنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى، دېگەن مەزمۇن چىقىدۇ، ئىنكاسىڭىزدىن. يەنە ھەربىيلەر داۋاملىق ھۈرپىيىپ تۇرغان تەيىب ئەردۇئان ۋە ئابدۇللاگۈلمۇ چەلپەكچى موللا بولىدۇ. چۈنكى، بۇلار موللا تەبىقىسىدىن. مۇھىمى ھەربىيلەر يامان كۆرىدىغانلار. نەجمىدىن ئەرباقاننىڭ قانداق چەلپەكچىلىك جىنايىتى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى بىلىدىغان ھەھۈچىلەر بارمىكى؟ قېنى، بىر چۈشەندۈرىشەيلى مۇشۇ ھەقتە.
بۇلاردىن كىم چەلپەكچى ياكى ئەمەس مەن ئۇخمايمەن، تەتقىق قىلىپ باقمىدىم. شۇڭا ئۇلارنىمۇ چەلپەكچى دەپ باقمىدىم. موللا تەبىقىسىدنن بولسىلا چەلپەكچى بۇلىدۇ دىگەن گەپنىمۇ قىلىپ باقمىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىنقى يۈز يىللىق تارىخىدا موللا تەبىقىسىنىڭ ئوينىغان ئىجابى رولى ھەم چوڭ. ھەربىيلەر يامان كۆرسىلا چەلپەكچى ئەمەس. تۈركىيەنىڭ سىياسەت قاتلىمىدىكى ئىچكى ئىشلىرىنى سىز بىزلەر ھىچقايسىمىز ئۇخمايمىز. ھەممىسى گىزىتتىن ياكى خەقتىن ئاڭلىۋالغان گەپلەر، مەن ئۆزەم باشتىن كەچۈرۈپ ھىس قىلىپ باققۇدەك بولمىدىم. شۇڭا جىق بىلىپ كەتمەيمەن. لېكىن سىياسى ئويۇننى ئويناۋاتقانلارنىڭ كىمنىڭ چەلپەكچى ياكى ئەمەسلىگىگە تارىخ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئاپپاق خۇجامنىڭ چەلپەكچى ئىكەنلىگىنى يۈز يىللار ئۆتۈپ بىلگەن.
ئاددى كۈزىتىپ بېقىشىمچە تۈركىيەنىڭ موللا تەرەپلىرىمۇ، ھەربى تەرەپلىرىمۇ بەكلا ئىككى تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن، بىردەم قوپۇپ مەكتەپتە ياغلىق چىگىشنى چەكلىدۇق دەپ خەلقى مۇسۇلمان بولغان دۈلەت شۇنداق قارارلارنى چىقىرىپ يۈرسە يەنە بىردەم تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا دەرىس ئوقۇماي ناماز ئوقۇيمىز دەپ غەللە چىقارغان. شۇڭا ئىككىلىسىنى ياقتۇرمايمەن. ۋاختىنچە كىمنىڭ كۈچى كۈچلۇق بولسا شۇ چىقىپ خەقنى ئۆلتۈرمەي، ئورۇشقا سۈرەپ كىرمەي ئىقتىسادنى تەرەققى قىلىپ تۇرسا، خەلقنىڭ ۋە ھۆكەمەتنىڭ دىموكراتىيەگە بولغان تەلىۋى ۋە ساپاسى ئۆسكەندە جىڭ دىموكىراتىيەلىشىۋالسا بۇلىدۇ.
abdulehed:
بىرىنجى سوئال بىلەن ئىككىنىجى سولا مۇناسىۋەتلىك. يەنى سىزنىڭ چۈشەنچىڭىزدىكى ئاق – قارىنى پەرق ئېتىدىغان، ئازراق دىنىي بىلىمى بار 50،60 ئادەمنى يېتەكلەيدىغان كىشىنى موللا ، دەپ چۈشىنىدىغان تەبىر ئاددى تەبىر. شەرىئەت ئۆلچىمىدىكى موللا ئەرەب گرامماتىكىسى، پىقە، ھەدىس، تەپسىر قاتارلىقلاردىن مۇقىم تەربىيە كۆرگەن كىشىگە قارىتىلىدۇ.سوپىيلاردا ئادەتتە بۇخىل شەرتلەر يوق. ئۇيغۇرلاردا قۇرئاننى چىرايلىق ئوقۇيالايدىغان كىشىنىمۇ: موللا، دەپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ ئاساسسىز گەپ. يەنى سىز 14 سۈرە ئوقۇيالسىڭىز، قارىي 114 سۈرە ئوقۇيالايدۇ، بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدۇ. بۇلار موللا، ئەمەس تۈرۈك قارىي، دېيىلىدۇ. ئۇيغۇرچە كىتابلاردىن ۋە ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئاڭلىۋالغانلىرى بىلەن جامائەتكە يېتەكچى بولىدىغانلارمۇ كۆپ ئۇيغۇر دىيارىدا. بۇمۇ موللا، ئەمەس ئېتىقادلىق تىرىشچان مۇسۇلمان، لا نامغا لايىق.
ئەمدى ئاپپاق خوجىدەك سوپىنى موللا، دېيىش يەنىلا بۇ ساھەدىن بىلىمنىڭ يوقلۇقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، سوپىي دېگەن قۇرئان ئوقۇيالايدىغان،پىرلىرىنىڭ ھېكمەت – ئۈزۈندىلىرىنى ئوۇيالايدىغان، مۇھىمى پىرغا قارىغۇلارچە ئىخلاسمەن بولسىلا كۇپايە. دېمەك، بۇلار موللا نامغا لايىق ئەمەس. ئەگەر ئاپپاق خوجىنى موللا، دېيىشكە توغرا كەلسە، سىزمۇ موللا، لىق شەرتىگە توشۇشىڭىز مۇمكىن. يەنى قۇرئاننىڭ قىسقا سۈرىلىرىنىغۇ بىلىدىغانسىز؟ ئاپپاق خوجىنىڭ سەلبىي سۈپەتلىرىنى ئاللاھ ھەممىمىزدىن يىراق قىلغاي. دادىسى، يۇرتتىكىلەر قويۇۋالغان، مولالار موللا قاتارىدا ئەمەس، موللا زەيدىندەكلەر. دېمەك، بۇلارنى بىلىشكە يېرىم يارتا ئەمەس، ئەتىراپلىق ئىگەللەنگەن بىلىم لازىم. ئاپپاق خوجىنىڭ مىليونلىغان مۇرىتىنىڭ بارلىقى يەنىلا بۇ نامغا لايىقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەزىلەرنىڭ مىليون ئەمەس، مىلياردلىغان مۇرىتى بار. بىلمەستىن ئۇلارنىمۇ موللا، دەپ سالمىغايسىز. ئاپپاق خۇجا توغرۇلۇق بىلىمىڭىز كام بولغاندىكىن، نېمانچە چېچىلىسىز. ھېچكىمنىڭ ھەممە ساھەدە ۋايىغا يېتەلمەيدىغىنى ئېنىق. مەن بىلمەيدىغىنىمنى ئېنىقلا : بىلمەيمەن، دەيمەن. سىزدەك پەرەز قىلغىنىمنى بىلگەن قاتاردا قويمايمەن. مېنىڭ كىتابلىرىمنى ئالاھىدە دەرس ئوقۇش شەكلى بىلەن بىلىنىدىغان كىتاب بولغاچقا، ھېكايىدەك ئاددى ئەمەس، ئالاھىدە تەييارلىق لازىم.
سۈننىي ، شىئە مەزھەبلىرى ۋە مېنىڭ شىئە مەزھىبىنى ئۇيغۇر خەلقىگە چۈشەندۈرۈشۈم: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپى شىئە، دېگەن نامنى بىلسىمۇ شىئەلەر توغرىلىق بىلىمى ئانچە چۈڭقۇر ئەمەس. بىر ساھەدىن چۈشەنچىسى، بار، دېيىلگەندە، شۇ ساھەنىڭ كىتابلىرىنى ئەتىراپلىق كۆرۈشكە، ئۆگىنىشكە ئىھتىياج چۈشىدۇ. باشقىلار ئەمەس، ئەرەبچە بىلىدىغان، موللا، ئاتالغانلارنىڭمۇ شىئەلەر كىتابىدىن كۆرگىنى يوق، دىيەرلىك. شۇنداق بولغاچقىلا ئىلگىرى ئانچە كۆزگە كۆرىنىپ كەتمەيدىغان ئۇيغۇر شىئەلىرى يەكەندە خېلى كۆپ مۇرت توپلىغاندىن باشقا، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا تەشۋىقاتىنى بىمالال ئېلىپ بېرىپ مۇرت كۆپەيتمەكتە. موللا، لارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشى يېتەرلىك بولمىغاچ، ئەتىراپتىكىلەرگە ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالماقتا. ئۇلارنىڭ ناماز ئۈچ ۋاخ. ئىككىسىنى مۇھەممەد قوشۇۋالغان(بۇ، بەزى ئازغۇن زىيالىيلار تەرىپىدىن ئىلگىرىلا قوبۇل قىلىنىپ كىتابلارغا قەدەر ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىنننىڭ: ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، دىمۇ مۇشۇ گەپلەر ئەينەن بار.) پۇتنى يۇيۇش خاتا، مەسھى قىلىش توغرا، دېگەندەك، خاتا تەشەببۇسلىرى ناماز ئېغىر كەلگەن بەزى كىشىلەرگە ئاسانلا يېقىپ قېلىۋاتىدۇ. چۈكى، ئۇلارمۇ بۇرمىلاپ بولسىمۇ قۇرئان ۋە بەزى ھەدىستىن دەيدۇ، دە؟ شۇڭا، بۇلارنى چۈشەندۈرۈش مۇھىم دەپ قارىدىم. خىرىستىئانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ خەتىرى شىئەلەردەك ئېغىر ئەمەس. سەۋەبى: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئېڭىدا خىرىستىئانلارنى كاپىر، شىئەلەرنى مۇسۇلمان، دەپ تونىيدۇ. ئەمەلىيەتتە، شىئەلەرمۇ چوڭ دائىرىدە ئالتە مەزھەب، كىچىك دائىرىدە ساناقسىز مەزھەبلەرگە بۆلۈنگەن. ئۇلارنىڭ كۆپى ئازغۇن مۇسۇلمان، ئاز قىسمى مۇسۇلمان ئەمەس، ئاز بىر قىسمى ئىسمى شىئە ئاتالسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىزدەك مۇسۇلمان…. قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىرىستىئانلارنىڭ زەھىرى ، خاتاسى توغرۇلۇق ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ خېلى بار. مەسچىتلەردە داۋاملىق تەشۋىق قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىرىستىئانلارنىڭ خاتالىقلىرى توغرۇلۇق ئىنگىلىزچە كىتابلارمۇ نۇرغۇن. سىزمۇ ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان، ھېسابلىغاندىكىن، تەرجىمە قىلىپ بۇ ساھەگە ھەسسىڭىزنى قوشسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟ موللا، ئاتالغۇسىغا سىز نادان بولغىنىڭىز بىلەن ئىنگىلىز تىلىغا مەن نادان، سىز موللا. بۇ تەشۋىقاتنى ئەرەبچە بىلىدىغان موللالارلا قىلىشى كېرەك، دەيدىغان بەلگىلىمە يوققۇ؟ شىئەلەر توغرۇلۇق تېخى يوق. شىئەلەر: مەن مۇسۇلمان، دەپ تۇرۇپ، خاتا قاراشلىرىنى داۋاملىق تارقىتىۋاتىدۇ. ھەتتا، ئىسلامىيەت دۇنياسىدا مۆتىدىل قارالغان موللا يۈسۈپ قەرەزاۋىيمۇ سۈننىي مۇسۇلمانلارنى شىئەلەرنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھەزەر قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان.
ئۇنداقتا، ھەربىيلەرنىڭ قارىشىسىدىكى موللا لار توغرۇلۇق بىلمىگەندىكىن بىلمىگەندەك تۇرساق مۇشۇ گەپلەر دېيىلمەيتتى. قۇرئاندا: بىلمىگەن نەرسە توغرۇلۇق توختالما، دېيىلگەن. بۇ، ئۆزىنى مۇسۇلمان، چاغلىغان ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئەمەل قىلىدىغان مىزانى بولۇشى كېرەك. تۈنۈگۈندىن بىرى موللىنىڭ چەلپەكچىلىرى ۋە ئەمەسلىرى توغرۇلۇق كۆپ گەپ سېتىلدى. ئەمما، ئۆزىڭىز دېگەن ھەربىيلەر ئارىلىشىپ جازالانغان نەجمىدىن موللا چەلپەكچى، يەنە ئۇ ھەربىيلەر ئۆچ كۆرىدىغان زوڭتوڭ گۈل موللا چەلپەكچى ۋە موللا ئەردۇئان چەلپەكچىلەر توغرۇلۇق بالدۇرراق : ئۇخمايمەن، بولسىمۇ، يەنىلا سىزنى ئالىي مەلۇماتلىق زىيالى، دەۋېرەتتۇق. سەمىڭىزدە بولغايكى، يۇقىرىدا نامى زىكرى قىلىنغان تۈرك ئەلباشلىرى نامى گەرچە، موللا زەيدىن، دېگەندەك موللا نامى بولمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە موللىلار.
matu:
ئابدۇلئەھەدنىڭ ئابدۇلئەھەدلىكىنى بىلىمەن . لېكىن جېك ، بۇ سەنمۇ ؟ سۇتۇق بىلەن بۇرۇندىن تازا كېلىشىپ بولالمايتتىم ، لىكىن بۇ تېمىنىڭ ئۆزىدە ، ئۇنىڭغا سەل – پەل ئۇۋال قىلىنىدى . بۇرادەر جېك ، سەن بىلەن بىز دىموكراتىزىمغا مايىل كىشىلەر ، شۇ نۇقتىدىن ھەربى ھۆكۈمەتنى قوللىشىڭنى قوبۇل قىلالمىدىم .بەلكىم بالىلىق بولغىنىمدىندۇر ، بەلكىم نۇرغۇن ئىشلار بەك قاتتىق تەسىر قىلىپ كەتكىنىدىندۇر ، مۇشۇ كۈنلەردە كۆڭلۈم بارغانسىرى يۇمشاق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ . نەچچە كۈن بۇرۇن ئەرىكتېكىن خېلى يىللار بۇرۇنقى بىر ۋەھشى كاللا كېسىش ئۇلىنىشىنى يوللاپ بەردى ، بۇرۇن كۆزۈمنى چىمىلدىتىپمۇ قويماي كۆرەلەيدىغان نەرسىنى كۆرۈشكە قەتئى كۆڭلۈم ئۇنىمىدى .
يوقنىڭ غېمىدىن بارنىڭ دەردى ياخشى . سۇتۇق بىلەن پۇرچىقىمىز پىشمىسىمۇ ، ھەتتا مۇشۇ تېمىدا مېنىڭ ئىسمىمنى كۆرۈپلا :“ بۇلارنىڭ كالتەكچىلىرى يىغىلىپتۇدە .“ دەپ ئويلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلسەممۇ ، بەكمۇ يىراق بولمىغان تۈركىيىدە ، ئاساسى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىشىگە سۇتۇقنىڭ ھاياجانلىنىپ كېتىشىنى ئانچە چۈشىنىپ كېتەلمىسەممۇ -بىزدە شۇنداق پىكىر ئېقىمىنىڭ مەۋجۇدلىغىنى بىلىمەن ، شۇنداقلا بىزدىكى نىسبەتەن غول پىكىر ئېقىمى ئىكەنلىكىگە تەن بەرمەي تۇرالمايمەن . شۇنداقلا بۇ تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ زور بىر ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە قىلغىنىغا قايىل بولماي ئامال يوق . مېنىڭ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم : مۇشۇ ئاساسى پىكىر ئېقىمىغا بىز قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز ،ئورتاقلىقنى قانداق تەكىتلەپ ئىختىلاپلارنى قانداق ھەل قىلىشىمىز ، ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ يالغۇز پۈتۈن نان تېپىپ يىيىش مەسىلىسىنىلا ئەمەس ، ئۇنىڭدىنمۇ يىراقراق بولغان ئورتاق قىممەت قارىشىنى يارىتىش ، ھىچ بولمىغىنىدا مۇھىم بولغان نۇقتىلار ئۈستىدە ئورتاق ھۆكۈم قىلىش مىخانىزىمىنى بەرپا قىلىشىمىز دىگەندەك “ تۈكسىز “ ئىشلاردۇر .
مەن بىلگەن دىموكراتىزىم زىدىيەت تېرىشنى ئەمەس ، زىدىيەتنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ . مەن بىلگەن دىموكراتىزىم يىغىن مەيدانىدىكى بېزەپ تىللاشلار ياكى گال سىقىشلارنى ئەمەس ، يىغېندىن كېينكى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى مەقسەت قىلىدۇ . ئۇ يەنە بىزدىن :“ سەن ھارامدىن بولغان !“ دىگەندەك ھاقارەتلەرگە يۇمشاقباشلىققا ئوخشاپ كېتىدىغان :“ خوش ئەپەندى ، قانداق پاكىتلىرىڭىز باركىن ؟ “ دىيەلەيدىغان ئېغىر – بېسىقلىق ۋە جاسارەتنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ مەندىكى يېقىنقى بىر يىلدىن بېرىقى ئىدىيىلەر .
خېلى ۋاقىتلاردىن بېرى ، بىز مەپكۈرە ۋە مەزھەپ كۈرەشلىرىگە مەستانە بولۇپ ئۆتتۇق . گاھى ئۇتقان بولدۇق ، گاھى ئۇتتۇردۇق ، ئۇتقىنىمىزنى بىلمىدۇق ، ئۇتتۇرغىنىمىزغىمۇ تەن بەرمىدۇق . باش -ئاخىرى يوق تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن ، ئەقىل بىلەن ئويلىنىپ باقساق ئېرىشكىنىمىز مەنفى قىممەت بولۇپ قالدى . ئەجەپلىنىدىغىنىم : مىلادى 2010 ئۆتۈپ كېتەي دىگەن ۋاقىتلاردا ، شۇنچە قاتتىق ساۋاقلاردىن كېيىن ، بىز نىمە ئۇچۈن يەنىلا بىر – بىرىمىزگە مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلالمايمىز ؟ نىمە ئۈچۈن بىرەر سۆزنى ئېغىزىمىزدىن چىقىرىشتىن بۇرۇن ، شۇ تىلغا بىزگە ئوخشاشلا پۇختا ، شۇ مەدىنيەتكە بىزگە ئوخشاشلا كامىل كىشىلىرىمىزنىڭ ھىسسىياتى توغرىسىدا ئاز – تولا ئويلىنىپ باقمايمىز ؟ نىمە ئۈچۈن ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى – پانى بولسۇن باقى بولسۇن -مەنپەئەتلىرىمىز ئۈستىدە كۆپرەك بىردەكلىك ھاسىل قىلالمايمىز ؟
پېقىر مەتۇ بۇ تېمىدا سىلەرنى يارىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ . كۆنا بۇرادەرلەر :“ ياخشىچاق ئەپەندى ، جەۋلان ياكى باچكا ، يۈكسەلنىڭ ئىزباسارى “ دەپ ھەزىل قىلسىمۇ مەيلى
سۇتۇق بۇرادەر- يەنە كونا ئىسىم بولۇپ قالدى ، ئېغىر ئالماڭ ، بۆرەكچى تىۋىپنى ھازىرغىچە “ ھورۇن مۈشۈك “ دەپ چاقىرغىنىمدەكلا بىر ئىش - مەن قارىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن ، ئەمما سىزدىنمۇ شۇنداق ھۆرمەتنى كۈتۈشكە ھوقوقلىقمەن . جېك بۇرادەر ، تەخمىنەن ئىككى يىل بۇرۇن ، بىز بۇ توغرىسىدا بىردەكلىككە كەلگەن ئىدۇق ، ھېلىھەم مەن شۇ كۆز قاراشتا .
يىغىپ ئېيتقاندا ، قان پۇراپ تۇرىدىغان تۆت بەتتىن كېيىن بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز نىمە بولدى ؟ بۇنى قېرىنداشلارنىڭ ئويلىنىشىغا قويىمەن . چۈنكى ئىنساننىڭ ۋىجدانىغا ، دەۋىرنىڭ ۋىجدانىغا ،ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ھامان ياشاۋاتىدۇ ، ھەم ياشايدۇ .
بۇلارنىڭ موللا ئىكەنلىگىنى بىلىمەن. لېكىن چەلپەكچىمۇ ئەمەسمۇ ئۇنى ئۇخمايمەن. ھىچقانداق ئاساسىسىز ئۇلارنى چەلپەكچى دىيىشكە مىنىڭمۇ تىلىم بارمايدۇ. يەنە دىسەم يەنە شۇ، سىز بىزلەر بىز ياشىمايدىغان يەنە بىر دۈلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام سىياسى ئويۇنىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ھازىر كۆرۈپ يىتەلمەيمىز. لېكىن ئىككىنچى دۇنيا ئورۇشىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئەرەپ، تۈرك، دۇنيادىكى موسۇلمان دۆلەتلىرىدە بولغان سىياسى كۆرەشلەردە چەلپەكچى موللىلارنىڭ دۆلەت مىللەت مەنپەتنىنى سېتىۋەتكەن تارىخى ھەربىيلەرنىڭ ساتقان تارىخىدىن كۆپ جىق. مەن دىگەن بۇ گەپ ئومۇميۈزلىك دىيىلگەپ گەپ. ھەربىيلەرنىڭ ساتقان تارىخىمۇ بار، بۇلار ئاز. ھەم ھەربىيلەرنىڭ سېتىش ئوسۇلى ئاددىراق بۇلىدۇ، ئاتىدۇ، قۇرقىتىدۇ، ئاندىن ساتىدۇ. چەلپەكچىلەرنىڭ بولسا مۇرەككەپ، بۇلار بىر تەرەپتىپ نەيرەڭ ئىشلىتىپ ھەربىنى ئالدايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنى ئالدايدۇ، نۇرغۇنلىغان خەلق ئالدانغىغىنى 30 يىلغىچە بىلەلمەيدۇ. خۇددى ئاپپاق خۇجام قىلغاندەك. شۇلارنىڭ سېتىشى كۆپ بولۇپ كەلگەچكە شۇڭا سىتاتسكا، ئىھتىماللىق نوقتىسىدىن چىقىپ مەن شۇنداق دىدىم. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى مەنمۇ ئۈمىت قىلمايمەن. تۈركىيەنىڭ بولسا تىزراق تەرەققى قىلىپ ئاكىلىق ئورنىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كىچىك دۆلەتلەر ھەممىسى بەك ئۈمىت قىلىدۇ.
تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرىق دۆلەتلىرىدە ھەقىقى تۈردىكى دىموكراتىيە مەۋجۇت بولۇپ باققان ئەمەس، بىز جۇڭگۇچە سۇتسىيالىزىم دەپ ئاتىغاندەك ئۇلاردىكى دىموكىراتىيەمۇ ئوتتۇرا شەرىقچە دىموكراتىيە. دۆلەت خەلقى چىن كۆڭلى بىلەن ئەپۇ قىلىشنى ئۈگەنمەي، باشقىلارغا يول قويۇشنى (tolerance دەمدۇق ) ئۆگەنمەي دىموكراتىيەمۇ مەۋجۇت بۇلالمايدىغان ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىيلىرىنىڭ زىرىكىپ قالسىلا سىياسىغا ئارلىشىۋېلىشىغا مەنمۇ ئۆچ. ئۇلارنى قوللىمايمەن.
مەنمۇ باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن قاراپ كىلىۋاتىمەن، بولۇپمۇ ئۆزەم تەۋە بولغان خەلق، مىللەت، ئرق ۋە دىنغا. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە موللا، قارىم، چوڭ دىگەنلەر بەك ھۆرمەتلىك بىلنىدۇ. بىرەرسى دىننىڭ گىپىنى قىلىپ بەرسە ياكى شۇنى ئاڭلىساق ئۇنىڭ قاندا ئادەم ئىكەنلىگىنى بىلمىسەكمۇ غايىبانە ھۆرمەت قىلىمىز. دىندا ياخشى موسۇلمان بولۇڭلار دىيىلگەن، ھەممىڭلار قارا قويۇق دىننىڭ ئىگىسى بولۇۋېلىپ خەققە ئاناڭنى دەپ تىللاپ تۇرۇپ ئۈگىتىڭلار دىمىگەن. مۇنبەردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلار بىر كىشىلىك مۇسۇلمان، لېكىن دىننىڭ ۋەكىلى دەپ ئوتتۇرغا چۈشۈۋالغان ئەمەس. دىننىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىۋالغانلار بولسا ئۆزەڭلارنىڭ يەتتە ئۆلچەپ بېقىپ، سىلەردە شۇنداق بىلىم بارمۇ يوق، شۇنداق ساپا ۋە پەزىلەت بارمۇ يوق دەڭسەپ بېقىپ چىقىڭلار. ئېغىزدا ئاناڭنى بىلەن ئاچاڭنى، بىر قولدا كالتەك يەنە بىر قولىدا قالپاق كۆتۈرىپ ئوھۇ دىگەن ئادەمگە گۇنا يازغىلى تۇرىدىغانلار بەك يامان تەسىر بەردىڭلار. ئاۋال سۆيۈشنى، ئاندىن سۆيۈلۇشنى ئۈگىنىشى كىرەك. ئادەمگە نەپرەت، ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قارىماسلىق كىرەك، ئاشۇ نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك چوڭ ئىشلاردا بىرلىككە كىلەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. بىر كىشلىك مۇسۇلماندارچىلىقنى بىجا كەلتۈرۈپ باشقىلارغا ئازار بەرمەي ئۆتكەنمۇ ياخشى موسۇلمان. دىنغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پەزىلەت ۋە سەۋىيە بولمىسا ئوتتۇرغا چۈشۈۋالماڭلار، چۈشىدىغان ئادەم چىقمىسا خەلقارادىكى نۇپۇزلۇقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چاپلاپ قويساڭلار شۇنى ئۈگەنسىمۇ كۇپايە.
جەميەتتە شۇنداق غول پىكىر ئېقىمىنىڭ پەيدا بولۇپ تەرەققى قىلىپ كەلگىنىگە ئوزۇن بولدى. بۇ پىكىر ئېقىمىنىڭ ئەسلى كىلىپ چىقىشى ۋە پىرىنسىپلىرىنى مەنمۇ ياقتۇرىمەن. لېكىن بۇنى ئىجرا قىلىۋاتقانلار بىلىپ بىلمەي بەك خىيالى دۇنيادا ياشاۋاتىدۇ، ئۆرپ ئادەت، باشقىلارنىڭ ھىسياتى، تارىخى شارائىت دىگەنلەرنى قەتئى ئويلاشمايدۇ. توردىكى بەزى ئىنكاس ۋە ئەمەلى تۇرمۇشتا ئۇچرىغانلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى يەرشارىدا ئەمەس مارىستا ياشاۋاتقان خەلقمىكى دەپ قالىمەن. دىندا “ ھەممە ئىشنىڭ ياخشىسى ئوتتۇرا يولدا بولغىنىدۇر“ دەپ بەك توغرا دىيىلگەن. ئۇلارنىڭ ئۈزى دەۋاتقان نەرسىنى ئۈزى چۈشەنگىنىدىن گۇمان قىلىپ قالىمەن.
موشۇنىڭغا ئوخشاش تىمىلاردا مەيلى كىم بولسۇن قوساققا سېپ قويۇپ ئۈزىمىزنى ئېپقېچىپلا كەلدۇق، ئاندا ساندا بىر ئىشلار بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇشۇپ قالسا ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنىڭ غەلىتىلىكىگە قاراپ بىر يەردە ياشاۋاتمىغاندەك ھىس قىلىدۇ. مىنىڭچە بۇنىڭغا ئوخشاش تىمىلاردا مەيلى بىرلىككە كېلىنسۇن كىلىنمىسون نورمال ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇشۇپ تۇرۇشقان ياخشى، چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا پايدىسى بار، چۈشىنىش بولسا ئاندىن مۇھەببەتمۇ بۇلىدۇ. ئەرك تۈرك يازغان ”دىنىمىزنى موللا ئاخۇنغىلا ھۆددىگە بىرىۋەتتۇقمۇ“ دىگەن ماقالىنى ئوقۇپ بېقىڭلار، ياقتۇردۇم. مىنىڭ خوش بولىدىغىنىم يىڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ياش بالىلار مەيلى قايسى تەرەپتىكىلەر بولسۇن بىر قەدەر ئوچۇق، چوڭلارغا ئوخشاش دىمىق ئەمەس، ئازراق تىللىشىپ قويغان بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغىلى بۇلىدۇ. ئەمىلىيەتتە ھەممىمىزنىڭ غېمى بىر، بىر كىمىگە تەڭ چىققانلارمىز. نەپرەتنى ئۇنتۇپ كىتىپ ھەمكارلىشىشىنى، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا ئۈزىنىڭكىنى ساقلاپ قېلىپ قارشى تەرەپكە ئاراز بەرمەسلىكنى، يول قويۇشنى، ئەپۇچانلىقنى ئۈگىنىش بىزلەر جىددى يىتىلدۈرمىسەك بولمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
بىز ئەتراپىمىزدە بولۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك. مىنكاۋخەنلەرنى ئۈز قوينىمىزغا ئېلىش نۈۋەتتىكى شۇنداق بىر جىددى ئىشلارنىڭ بىرسى. بولمىسا بىر دەپ ئىككى دەپ ئۇلار راستلا 57- مىللەت بولۇپ كىتىدۇ. دىنى قىرىنداشلارنىڭ باشقىلارنى، باشقىلارنىڭمۇ دىنى قېرىنداشلارنى ئۈز قوينىغا ئېلىشىمۇ بىر مۇھىم جىدى مەسىلە. ھاراق تاماكىغا، قاملاشمىغان چاخچاققا زورلىمىسا دىنى بالىلارمۇ بىر يەردە ئولتۇرۇپ دوست بولۇشنى خالايمىز دەپ كەلدى. ھاراق تاماكا ھەم زولايدىغان ياخشى نەرسە ئەمەس. دىنى بالىلارمۇ خەقنى كاپىر، ئۇنى قىلمىدىڭ، بۇنى قىلمىدىڭ دەپ كۆزىگە كىرىۋالماي يولى كەلگىنىچە دوست بولۇپ ئۇلارنى ئۆز كۈرسە بۇلىدىغان ئىش. مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكىنى شۇكى شۇنداق دىنى بالىلارنىڭ ئۈزىگە ئۇخشىمايدىغان ئادەمنى ئارىغا دوست قىلىپ ئېلىشى بەك مۇشكۈل ئىش، ئانچە مۇنچە ئارىغا ئېلىپ قويغان بىلەن ئۈگەي بالىنى يەكلىگەندەك يەكلەيدۇ. شۇنداق بالىلارنىڭ توپىغا كىرىپ ياشاپ شۇلارنىڭ بىرى بولالماي پىشىنى قېقىپ چىقىپ كەتكەن بىر نەچچەيلەننى تۇنۇيمەن. ئۇلار بۇ ئادىتىنى ئويلىشىپ بېقىشى كىرەك.
مەن زىيالىلاردىكى ساقلىنىۋاتقان كۆزىنى يۇمۇۋېلىش مەسلىسىنى يازدىم، زىيالىنى چۈشۈردى، ئۆزى زىيالى تۇرۇپ زىيالىنى كۆزگە ئىلمىدى دەپ بىر پاتمان تالاشتۇق، شىئېر يېزىش قانونى يېزىپ قويدۇم، شائىرنى تىللىدى دەپ بىر پاتمان تىللىغان بولدۇڭلار. سەنئەتچىنى يازاي دەپ تور ئۈزۈلۈپ قالغان ۋە باشقا ئىشلار بولۇپ، بولۇپمۇ كىملەرنىڭ چولپانلىرىغا ”تىل تەككۈزۈپ“ قالارمەن دەپ ئەنسىرەپ قولۇمغا ۋاختىنچە قەلەم ئالمدىم. چۇنكى مەن ئەزەلدىن ”بىر قىسىم ئادەملەر، بەزىلەر، ئاز بىر قىسىملار“ دىگەندەك ياغىلىما گەپ سۈزلەرنى ئىلاجى بار ئىشلەتمەيمەن. ئۇنداق سۈزلەرنى ئىشلەتسە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئىچىدە مەن يوق دەپ قاراپ يازغان بىلەن يازمىغاننىڭ پەرقى بولمايدۇ. نەخ ئىسىم ۋە ئورۇن بىلەن يازىمەن. شۇڭا چوقۇم ئۇنىڭ بۇنىڭغا تىگىپ كىتىشى ئىنىق. موللىلار توغرىلىق پىكىرلىرىم بولسىمۇ تېخى بۇلارنى ئوچۇق ئاشكارا دەپ باقمىغان، بۇ تىمىدا ئۆزلۈكىدىن چىقىپ قالدى. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىساڭلار بۇلىدۇكى مەن ئەزەلدىن دىققەت ئىتىبارىمنى مەلۇم بىر توپقا ياكى مەنپەئەت گۇرۇپپىسىغا قاراتقنىم يوق. مۇشۇنداق تىمىلار يېزىلىپ ئۇدۇل كىلىپ قالغاندا كۆز قارىشىمنى ۋە پىكرىمنى ئىپادىلەپ قاملاشمىدى دەپ قارىغان يەرلىرىمنى تەنقىد قىلىپ ماڭدىم. بۇلار يالغۇز موللىغا، زىيالىغا، شائىرغا مەخسۇس ھوجۇم قىلىنغان ئىشلار ئەمەس. شۇڭا مىنى موللا بىلەن خوشى يوق دىگۈچىلەر تەڭ زىيالى بىلەن خوشى يوق، شائىر بىلەن خوشى يوق، پەيلاسۇپ بىلەن خوشى يوق، لەغمەن بىلەن خوشى يوق، ئۇيغۇر تويلىرى بىلەن خوشى يوق دەپ ھەممىنى تەڭ دەڭلار.
ئابدۇخېلىل ئەپەندىم. بىز بۇ يەردە جامائەت بىرىدىغان ”ئۆنۋان“ نىڭ گىپىنى قىلشىۋاتىمىز. بىزدە بېشىدا دىگىنىمدەك ئادەمنى موللا دەيدۇ، ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسى ئالسۇن ئالمىسۇن بالىلارغا دەرىس، بىلىم ئۈگەتسە ئۇلارنى مۇئەللىم دەيدۇ. يىشۆيەننى پۈتتەرسۇن پۈتتەرمىسۇن ئادەم داۋالاشنى ئۇخسا ئۇنى دوختۇر دەيمىز. ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان دۇختۇرمۇ ياكى داۋالايدىغان دوختۇرمۇ ئىشقىلىپ ئەسكى ياخشى ھەممىسى دوختۇر، لېكىن خالىساق ئالدىغا سۈپەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ قويىمىز. بۇ يەردە سۈز ئويۇنى ئويناپ مىللەتنىڭ پۈتۈن سۈزلۈكلىرىگە قايتىدىن تەبىر يېزىپ چىقىمەن دىسىڭىز ئاۋال شۇ كىتاپنى يېزىپ بولۇپ بىزگە ئۈگىتڭ.
ئاخرىدا سىزمۇ مىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئانىسى ئاچىسىنى تىلغا ئالماڭ.مىسالغا ئالغۇڭىز كەلسە ئۈزىڭىزنىڭكىنى ئېلىڭ، ھىچقايسىمىز خاپا بولۇپ كىرىشىپ قالمايمىز. بەزى يەردە ئازراق چېچېلىپ قاتتىق تىگىپ سالدىم، كەك قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلارسىز، مەن بولسام بۈگۈن ئۇخلاپ قوپسام ئەتىسى ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىمەن، مۇنبەرنى ئېچىپ ئىككىنچى بىرسى مىنى تىللىمىغۇچە ئىسىمگە كەلمەيدۇ. شۇڭا مەندىن ئەنسىرمەڭ.
شۇنداق قىلىپ بۇ تىمىدا دەيدىغانلىرىم تۈگىدى. ئەمدى يىنىك يىنىك پاراڭ قىلىڭلار بولدى.
abdulehed:
مۇنۇ تېمىدا بىرەر ئادەمنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، موللا – ئالىملارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ يىغىن ئاچتۇق. بۇجەرياندا ھاياجاندىن بەزى ئارتۇقچە سۆز مەندىن، جىكتىن ۋە باشقا تورداشلاردىن ئۆتۈلمەي قالمىدى. مەتۇ، سالام دۇنيا قاتارلىق چوڭ ئەھلى ئىلملەرمۇ خۇلاسە سۆزى قىلدى. يۇقىرىقىلارنى قېرىنداشلار ئارا توغرىنى بىلىش جەريانىدىكى بەس – مۇنازىرە، دەپلا چۈشىنىشىمىز ۋە يۈرىكىمىزدە غۇم ساقلاپ ژۈمەسلىكىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىز نېمىلا دېگەن بىلەن يەنىلا قېرىنداش، ئىزدىنىشداش!
ئەپۇ سورىسام، قېرىندىشىم جىكتىن ئەپۇ سورايمەن.
جىك موللام، ئاۋۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆڭلۈمگە بەك ئېلىپ كېتىپ مۇنۇ ئارتۇقچە گەپلەرنى دەپ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتىپ سالغان تەرەپلىرىمنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋەتكەيسىز
چىقىرىۋەتتۇق، داۋاي.
بۇرۇنقى ئىزدىنىش مۇنازىرىسىدە يۇقارقىغا ئوىشاپ كىتىدىغان مۇنازىدىمۇ ناھايىتى ئۇزاق داۋاملاشقان ‹‹ ئۆتكۈر ›› مۇناىرىدىن كىيىن شۇشەنچە ھاسىل قىلىناتتى ، لىكىن ئۇ ‹‹ چۈشەنچە›› دىن كىيىن ، ئىلگىرىكى خائىشقىلىق ىېلىلا كۈچلۈك بولغان كۆز قاراشلار يەنە ئۆز پېتى داۋاملىشىۋاتىدۇ ( ئادەم ئاساسىي جەھىتتىن ئۆخشاش ئېدى ) ، ھەقىقىي ئقىللىق كىشى ، ئۆز مىللىتى ياكى ئەتىراپىدىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىنى ئويلايدىغان ئەقىللىق كىشى سەمىمىتىەك بولغان ياخشى ، ئىلگىرىكى مىللەتنى سېتىپ يىگەن ساختىپەزلەردىكى ئەڭ ئەجەللىك ئاجخزلىق مانا مۇشۇ ئىدى . مۇنداق بىر مىسال بار 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا قەشقەردە ئابۇقادىر داموللىدىن تەلىم ئېلىپ تۇرپانغا قايىتقان بىر شاگخرىت موللام شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ سەر خېلى بولغان شائېر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى بىلەن ناھايتى ئېباق ئۆتكەن ، تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭ پارتىلىغان دەسلەپكى چاغدا ئابدۇقادىر داموللىنىڭ شاگرىرىتى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە شائېرنى قۇتقۇزۇپ قالغان ،ئىشنىڭ يامان تەرپىنى ھەدىدىدن زىيادە تەكىتلەشنىڭ زورۈرىيىتى يوق.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
چەلپەكچى «موللا»لارنى تىللايدىغان بەزى ئادەملەر بار، ئۇلار سەمىمىيەتسىز ھالدا قارىسىغىلا تىللايدۇ، ئۇلارنى مېنىڭ تىللىغۇم كەپ كېتىدۇ ۋە مۇنبەرلەردە تىللاپمۇ سالىمەن؛ بىراق، سەمىمىي ياخشى كۆڭلىدىن، موللىلار ئارىسىدىكى ئەيىبلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلارۇ بار، مەن ئۇلارغا قوشۇلۇپ، چوڭراق ئەيىبلىشىپ بېرىمەن…. مېنىڭ زىيالىي ۋە موللا ئاغىنىلىرىم بار، زىيالىيلار ئۇچراپ، موللىلار «خائىن» دېسە، ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە، ئۇلارنىڭ ھەر ئېسىللىرى بار دەپ مىسال كەلتۈرىمەن، موللىلار ئۇچراپ، قارىسىغا زىيالىيلارنى تىللىغلى تۇرسا، ئۇنداق دېمە ھوي، دىنىمىزدا تۆھمەت چوڭ گۇنا، ئۇلارنىڭمۇ ھەر ئېسىللىرى بار، يۈرىكى يېنىپ تۇرىدۇ، بىراق، شۇ مۇھىت ئوخشىمىغان دەيمەن…. ئومۇمەن، يۇقىرىقى كۆڭۈلسىزلىكلەر موللىلار بىلەن زىيالىيلارنىڭ ئايرىلىپ تۇرىشى شەكىللەندۈرگەن ئەھۋاللار بۇ….
ئىلگىرى زىيالىيلار بىلەن موللىلار بىر ئۇقۇم ئىدى، موللا زىيالى، زىيالى موللا ئىدى، پەقەت زىيالى دەپ ئاتالماي، موللا دەپ ئاتىلاتتى، تارىختىكى ساتقىنلار «موللا » ئاتىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇلار يەن ئۆز نۆۋىتىدە شۇ دەۋرنىڭ زىيالىيلىرىدۇر. شۇڭلاشقا چەلپەكچى موللا دېگەنلىك، چەلپەكچى زىيالىي دېگنەدەكلا گەپ.
ماۋۇ ئىنكاسلار كېتەەكچە شەكىلدە چىقىۋالغاچقا، نېمە يازغىنىنىمۇ بىلەلمەي قالىدىكەن ئادەم، گەپلىرى تاققا – تۇققا چىقىپ كەتمىگەندۇ .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ تېمىنى ئوقۇپ چىقتىم… ئىككىلا خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ جەمئىيەتتە كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆردۈم… تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ، ئۆمىرىدە بىر قېتىم كۆتىنى يۇيماي تۇرۇپ پەرىشتىدەك موللاملىرىمىزنى تىللايدىغانلارمۇ باركەن، قارا قويۇڭ، ئازلا ئايەت ھەدىس نى بىلىۋېلىپ، كاپىر- مۇناپىققا چىقىرىدىغانلارمۇ ساراڭلارمۇ باركەن، تارىخقا قارىساق، ساتقىنلاردىن بەزى «موللا » ئاتىلىپ قالغانلارمۇ، «زىيالى» ئاتىلىپ قالغانلارمۇ باركەن…. قانداقلا بو لمىسۇن، مۇنازىرە قىلغۇچىلار مىللىتىمىزنىڭ ساپاسىنى مەقسەت قىلىدۇ. پەقەت ئۇسۇل ئوخشاش بولمايدۇ، زىيالىيلار نازۇك، سەن مېنى ئىمانسىز دېدىڭ دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارغا شۇنداق دېگەندەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ، موللاملار نازۇك، سەن مېنى چەلپەكچى دېدىڭ ، موللاملارنىڭ ئىگىسى يوقمىكەن دەيدۇ، ئەنە شۇنداق گەپلەر ئۇرۇشقا سېلىۋېتىدۇ…. بۇ تېمىدا گەرچە ئۆتكۈر خەنجەر ئۇرۇشقاندەك قىلسىمۇ ، ئاخىرىدا چۈشىنىشكەندىن سۆيۈندۈم، بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك، زىيالىيلار بىلەن موللىلارنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇپ، تۇيۇقسىز بىر يەرگە كەپ قېلىپ، راست كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دېيىشىپ، ئاخىرىدا كېلىشكىنىدەك ئىش بوپتۇ …. ئەسلى ئادەملەرنىڭ تەبىئيتىمۇ ئۇنچە يىراق نەرسە ئەمەس، مۇھىت دېگەنمۇ يامان نەرسە… قانداق قىلىمىز، گەرچە ئاندا ساندا رەنجىشىپ قالساقمۇ، ھېچ ئىش قىلماي بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈرگەندىن، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغىنىمىز ياخشى .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قايسى بىرى ئسلام مەڭڭۈ ئىتتىپاقلاشتۇرەىلى بولمايدىغان دۇنيا جەپ قۆيلۈپتىۆكن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بەزىدە شۇنچىلىك ئاددىي ئىشلارنى مەجبۇرلاپ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويىدىكەنمىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسلى تېما ئەخلەتخانىغا تاشلانغان ئوخشايدۇ. ئاچسام ئېچىلمىدى. مۇشۇ يەردە ساقلانغانلىرىنى ئوقۇپ تۇراي بولدى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇھ،تۇنجى قىتىم سافا تىگىپتۇ ماڭا.ئىنكاس يىزىۋىلىپ ئاندىن ئالدىرىماي كۆرەي!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel