ئېينىشتىيىننى ئىزدەش (1) Seek Einstein

1.رەسىمدىكى ئېينىشتىيىن
رەسىم ئۈستىدە.
2.تۇرمۇشتىكى ئېينىشتىيىن
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1879-يىلى3-ئاينىڭ14-كۈنى. گىرمانىيە ئولىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى لەقىمى:مۆمىن. .بىر نەچچە قېتىم ئالي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن.ئىلىم ئەركىنلىكى ۋە ساپ بولغان سىياسى ھاۋا ئىزدەپ 1896-يىلى1-ئاينىڭ28-كۈنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەن. ئالاھىدىلىكى:5ياشتا ساۋادى چىققان. ئۇنىڭ ئادەت خارەكتىرلىك ئۇنۋىرسال كىسىلى:ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قېلىش. تۇنجى خوتۇن ئالغان ۋاختى:1903-يىلى.نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن چاغ 1921-يىل. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەخمەقلىق قىلغان ۋاقىتى:1952-يىلى. ئەينى يىلى يەھۇدىلارئۇنى ئىسرائىليە زۇڭتۇڭى بولۇشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.
3.ئېينىشتىيىن ۋە ئەدەبىيات
ئېينىشتىيىن كىچىكىدىن قۇيۇق بولغان ئەدەبىي مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان.ئانىسى بولسا ساپالىق ئەدەبىياتچى ئىدى. تۇنجى ئەسىرى ئۆيىدىكىللىرىنىڭ چوشقا گۆشى يىيشنى قارغاپ يازغان ۋە خۇدانى مەدىھلەيدىغان قىسقا شىئىرلاردىن ئىبارەت. ئۇ گېتى ۋە شىللىرنىڭ شىئىرلىرىغا مەستانە ئىدى.رومىن روللان،تاگور،رۇسسىل قاتارلىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن دۇنياۋى ئەدىبلەر بىلەن ئاغىنىدارچىلىقى بار ئىدى.
ئېينىشتىيىننىڭ رومىن روللانغا يازغان خېتىدىن ئارىيە: ”بىزنىڭ ياۋۇرپادا 300 يىللىق ئىزدىنىش ھازىر دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئورنىغا مىللەتچىلىك ئەسەبىيلىكىنى دەسسەتتى.كىيىنكى ئەۋلادلار بىزنىڭ ياۋۇرپاغا تەشەككۈر بىلدۈرەرمۇ؟نۇرغۇن مەملىكەت ئالىملىرىنڭ ھەركىتىدىن ،گويا ئۇلارنىڭ كاللىسى ئېلىۋېتىلگەندەك بىلىنىدۇ…ئەگەر سىز مىنىڭ ئازغىنە كۈچۈمنى كىرەك بولۇپ قالار دەپ قارىسىڭىز،ئۇنىڭدىن خالىغانچە پايدىلىنىڭ.“
ـــ ئالبىرت ئېينىشتىيىن.1915-يىل3-ئاينىڭ22-كۈنى.
… بىز ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرامدۇق ياكى ئىنسانلار ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرامدۇ؟
ـــ رۇسسىل-ئېينىشتىيىن خىتاپنامىسىدىن.
ئېينىشتىيىننىڭ بىر پارچە ھەجۋى شىئىرى:
ئىزلىگىنىڭلار قەترىچە ھەقىقەتمۇ، گۇمانلانسا ناۋادا قايسى باتۇر،
تەرلەپ پىشىپ،جاپا چىكىپ ئاھ ئۇرۇپ . تىگەر كالتەك بېشىغا مۇكاپات بولۇپ.
كىلۇر پىرقە پەرمانىدىن ھەقىقەت، قۇلاق سالسۇن بۇ ئەخمەقلەر گىپىمگە،
يۈرمەڭلار ئەخمەق بولۇپ باش قاتۇرۇپ. ياخشى چارە گەپ ئاڭلاشتۇر جىم تۇرۇپ.
بۇ شىئىر 1953-يىلى يېزىلغان.
4.ئېينىشتىيىن ھەققىدە ياخشى- يامان باھالار
نىسپىيلىك نەزىريىسى ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ بىرى.
ـــــ تومسۇن.نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى.
كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيىسى بەلكىم ئىنسانلار ياراتقان ئەڭ ئۇلۇغ ئىلمىي كەشپىياتتۇر.
ــــ دىراك.نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى.
كىمنى دەيمىز ماتىماتىكىدا بەكمۇ قالتىس دەپ؟
كىم سۆيىدۇ دىففېرسىنئال –ئېنتىگرالنى بەك؟
كىم ئىچمەيدۇ ھاراقنى،سۇ ئىچىدۇ دائىم؟
يوق باشقىسى ئۇستازىمىز ئېينىشتىيىندەك.
ئۇستازىمىز تەرك ئەتكەن تاماشايۇ-سەيلىنى،
ئۇستازىمىز ھەممىدىن قەدىرلەيدۇ ۋاقىتنى.
ئېينىشتىيىن ئۇستامنىڭ قىسقارتىشقا چېچىنى،
تەكلىپ-تەلەپ قىلىمىز ئاسماندىكى خۇدانى!
ـــــ پىرىنسىتۇن ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى.
”بازارغا «ئېينىشتىيىن »ماركىلىق سىگار،«نىسپىيلىك نەزىريىسى» ماركىلىق تاماكا چىقتى. بىر ئامىرىكىلىق «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسى» نىڭ قول يازمىسىنى 6 مىليۇن دوللارغا سېتىۋالدى. ئېينىشتىيىننىڭ ئۇلۇغ نەزىريىسىنى پەقەت ئىككىلا كىشى چۈشىنىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭ بىرى ئۈلۈپ كەتكەن،يەنە بىرى بولسا ئېينىشتىيىننىڭ ئۆزى شۇ بولۇپ،ئۇ قېرىغانلىقتىن ئۆزى كەشىپ قىلغان نەزىريىسىنى ئۇنتۇپ قالغان“ .
يوقارقىسى بولسا نىسپىيلىك نەزىريىسىگە قارشى شىركەت ئېلان قىلغان نۇتۇقتىن پارچە. 1920-يىلى بىرلىندا نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ئۇچۇق سوت ئېچىش باشلاندى.يەھۇدىلارغا قارشى ئارىئان ئالىملىرىدىن نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى(1905-يىلى) لېنارد قاتارلىق نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ،ئىنىقىنى ئېيتقاندا ئېينىشتىيىنغا قارشى شىركەت ئەزالىرىدىن 100 كىشىنىڭ ماقالىلەر توپلىمى ئېلان قىلندى.ئېينىشتىيىن ئۇلارغا مۇنداق جاۋاپ بەردى:
100 نۆلنى قوشسا يەنىلا 0 گە تەڭ.ئەگەر مىنىڭ نەزىرىيەم خاتا بولسا، بىر پىراففىسور چىقىپ ئىسپاتلىسىلا بولىدۇ،100 كىشى ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ نىمە ھاجىتى بولسۇن؟
5.نىسپىيلىك نەزىريىسى دىگەن نىمە؟
چىرايلىق بىر قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ ئىككى سائەت ئولتۇرسىڭىز بىر مىنۇت ئۆتكەندەك ھىس قىلىسىز،ئەگەر مەشكە يۆلىنىپ بىر مىنۇت ئولتۇرسىڭىز ئىككى سائەت ئۆتكەندەك ھىس قىلىسىز.نىسپىيلىك نەزىرىيىسى دىگەن ئەنە شۇ.
6.ئېينىشتىيىننىڭ مەشھۇر سۆز- جۈملىلىرىدىن ئارىيە.
ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئىشسىزلىق.
نىسپيلىك نەزىرىيەمدە ماكاننىڭ ھەر بىر نوختىسىغا بىردىن سائەت قويغان ئىدىم.لېكىن تۇرمۇشتا يانچۇقۇمغا بىرەر سائەت سېلىشقىمۇ قادىر بولالمىدىم.
پەقەت يۇلىنىلا باركى،چوڭ مېڭىسى يوق.(ئېينىشتىيىننىڭ قارغىشى)
سىياسى بولسا ۋاقىتلىق،تەڭلىمە بولسا مەڭگۈلۈك.
خۇدانى بىلمەك تەس،ئەمما ئۇنىڭغا يامان نىيەتتە بولماسلىق كىرەك.
فىزىكا ئالىملىرىغا قارىغاندا،مەندە پەيلاسوپلارنىڭ پۇرىقى كۆپرەك چىقىپ تۇرىدۇ.
خۇدا شىشىخال تاشلىمايدۇ.
ماڭغىلى بولمايدىغان بىر يولنى تاپقانلىقنىڭ ئۆزى ئىلىم- پەنگە قوشولغان بىر چوڭ تۆھپە.
ماڭا نىسپەتەن ئېيتقاندا ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى،باشقىلار ئۈچۈن ئويلاش،باشقىلار غەم قىلسا غەم قىلىش،باشقىلار خوشال بولسا خوشال بولۇشتىن ئىبارەت.
ئەسكەر ۋە قورال-ياراق بولمىسا تىنچلىق بولىدۇ.
نىيوتۇن،مېنى كەچۈرۈڭ!
7.ئۇ دۇنيادىكى ئېينىشتىيىن نىمە قىلىۋاتقاندۇ؟
ئاق چاچلىق بۇ بوۋاي 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76 يېشىدا ھاياتلىق بىلەن ۋىدالاشتى.بۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇپ بولغان ئىدى.شۇندىن كىيىن مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئۆچەكەشكەن دەۋىر باشلاندى.ئوتتۇرا شەرىقتە بىر قانچە قېتىم زور ئۇرۇشلار بولدى.يەھۇدىلار ئەرەبلەرگە سىنارەدلەر ئېتىشتى.ئىرۇسالىم قانغا بۇيالدى.ئۇرۇش توختىغىنى يوق.ئېينىشتىيىن گۆر ئىچىدە يېتىپ ئەۋلادلىرىدىن پەخىرلىنىۋاتقانمىدۇ؟ئۇ،مەن ياراتقان يادرو بومبىسىنى ئەۋلادلىرىم تەرەققى قىلدۇرۇپتۇ،شۇنداقلا ئۇنى دۈشمەنلەرگە قانداق ئىشلىتىشنى بىلىۋاپتۇ دەپ قاقاقلاپ كۈلىۋاتقانمىدۇ؟ تۇلىمۇ ئەپسۇس، ئېينىشتىيىن ئۇنداق ئادەم ئەمەس ئىدى.ئۇ تىنىچلىقنى سۆيەتتى.قان تۈكۈشنى يامان كۈرەتتى.ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ھەر قانداق ئىشنى ئاڭلىسا كۆڭلى بۇزۇلۇپ قەلبى يىغلايتتى. گۆر ئىچىدىكى ئېينىشتىيىن چوقۇم ئازابلاندى. يۈرىكى مۇجۇلدى.ئۇ چوقۇم يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن سەسكىندى.
8.ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇسى
سىلەرنىڭ بىر تۇتاش مەيدان نەزىريىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا ئىشەنمەيدىغانلىقىڭلارنى ئۇقىمەن.بىر تۇتاش مەيدان نەزىريىسىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ئۇرۇنلىنىشىغا ھەتتا ئۆزەممۇ ئانچە ئىشەنمەيمەن.ئېلىكتىر ماگىنىت مەيدانى بىلەن تارتىشش كۈچى مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە،ماددىنىڭ تۈزۈلىشىنى بىر تۇتاش چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.بۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەھمىيىتى بولمىسۇن؟ئېينىشتىيىن زامانداش فىزىكا ئالىملىرىغا شۇنداق ئېيتقان. زامانداشلىرى ئۇنى قېرىغانسىرى خىيالغا بىرىلىپ كەتتى دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي،70-يىللارغا كەلگەندە،پاكىستانلىق ئابدۇسالام قاتارلىقلار ئېينىشتىيىن تاماملىيالمىغان ئىشتىن چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئەمىليەتتە بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار بىر ئىشكەن. ئېينىشتىيىن بۇنى بىلسە چوقۇم خوشال بولاتتى. چۈنكى ئۇ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن20 نەچچە يىل سەرىپ قىلغان ئىدى.ئېينىشتىيىن مەغلۇپ بولغان بىر ئىشنى بىر مۇسۇلمان ئالىم مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇرۇندىدى. ئەمەليەتتە بۇنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالىدىغان يىرى يوق. دۇنيا ئالىملىرى ئۆز- ئارا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلىدى. مىللەت ئۇقۇمىمۇ،دۆلەت ئۇقۇمىمۇ فىزىكىنىڭ بۇ مۇنبەت تۇپرىقىدا غايىپ بولدى.
9.شەرىقنىڭ ئېينىشتىيىنى
مەن نىمە ئۈچۈن ئىلىم ئىجاد قىلىش ئىشلىرىنى ناھايىتى قىزغىن تەشەببۇس قىلىمەن.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،بىزدە ئاللا ئاتا قىلغان كۈچلۈك ئىلىم ئېلىش ئارزۇسى بۇلۇشتىن تاشقىرى،بۈگۈنكى شارائىتتا بىلىم- كۈچ،ئەمەلي پەن- ماددي ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ۋاستە بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، بىز خەلىقئارادا ئىجتىمائىيەتنىڭ ئەزاسى بولساقمۇ،باشقىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ.بىز بىلىمنى ئىجاد قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىشى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچراۋاتىمىز.
ــــ مۇھەممەد ئابدۇسالام
10.تىرىك ئېينىشتىيىن سىتىفىن خاۋكىڭ
سىتىفىن خاۋكىڭ 1942-يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان.ئۇ مېيىپ شۇنداقلا باتۇر ئالىم.خاۋكىڭنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ۋە زامانىمىز ئالەمشۇناسلىق ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسى ئۇنى زامانىمىزنىڭ «تىرىك ئېينىشتىيىن» لىق مەرتۋىسىگە ئىگە قىلدى.1978- يىلى ئۇ شەرەپ بىلەن «ئېينىشتىيىن مۇكاپاتى» غا ئىرىشتى.خاۋكىڭ بىلەن پىنرۇس بىرلىكتە بايقىغان كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ ئاجايىپ نوختا تىئورمىسى بولسا،چوڭ پارتلاشنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېينىشتىيىن بەرپا قىلغان نەزىريىۋى ئالەمشۇناسلىقىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى.ئارقىدىنلا خاۋكىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسى بىلەن كىۋانىت مىخانىكىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈپ،قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ پارلىنىش مىخانىزىمىنى ئېچىپ بەردى .ئۇنىڭ بوشلۇق ئۆلچىمى ئېينىشتىيىن ئىجاد قىلغان 4 ئۆلچەمدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى.خاۋكىڭ ئېينىشتىين باشلاپ بەرگەن ئالەمشۇناسلىق نەزىريىسىنى تەرەققى قىلدۇردى.شۈبىھىسىزكى ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىدىن ئىبارەت ماكان ۋە زامانغا ئائىت بۇ ھەل قىلغۇچ نەزىريىنى،پىلانىكلار باشلاپ بەرگەن كىۋانىت مىخانىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،مىكرو دۇنيا بىلەن ماكرو دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تۇتاش تەپەككۈر قىلىشىمىزغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى.ئۇ بولسا ماكرو ساھەدىن،ئابدۇسالام بولسا مىكرو ساھەدىن ئېينىشتىيىنغا ۋارىسلىق قىلدى.شۈبىھىسىزكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ھەققىدىكى بارلىق ھىكايىلەردە ئۇ ھەر قاچان باش قەھرىمانلىق رول ئوينىدى.ئۇمۇ ئابدۇسالامغا ئوخشاشلا ئېينىشتىيىن قىلىشغا ئۈلگۈرمىگەن بەزى ئىشلارنى قىلدى.كىشىلەر ئۇنى تىرك ئېينىشتىيىن دەپ ئاتاشتى.پەقەت مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات بولسا كىرەك.كۆپچىلىك ئۇ ياراتقان نەزەرىيەلەرگە ئائىت بىلىملەرنى «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاپتىن كۈرۈۋالسا بولىدۇ.شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى ھەتتا«زاماندىن ھالقىغان ـــ خوككىنىگ» دىگەن نامدا مەخسۇس كىتاپچىمۇ نەشىر قىلدى.كىشىنى ھەقىقى ھاياجانلاندۇرالايدىغىنى بولسا يەنىلا« ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» دۇر.
مېنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ [ئېينىشتېيىن :فىزىكا ۋە مىتافىزىكا] ناملىق كىتابى ئېلان قىلندى.
ھەقىقەتەن ئېنىسكىلوپىدىك ئالىم دەپ قارالدى.رەھمەت.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
you have a lot of athor for your blog
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر