باشبەت » ئىلىم-پەن

ئېينىشتىيىننى ئىزدەش (2) Seek Einstein

7 نويابىر 2008 531 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس

بۇ تىمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئاۋال تىمىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ.

11.ئېينىشتىين ۋە مەن
بەزى دوسلىرىم مېنى ئېينىشتىين دەپ ئاتىشىدۇ.مەن خوشال بولىمەن،كىيىن تۇرۇپلا ئۈمۈدسىزلىنىمەن،ئۇلار سىنىپ، كارىدۇر، تەجىربىخانىلارنىڭ تاملىرىدا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرغان بۇ ئۇلۇغ ئادەم توغرىسىدا جېق نەرسە بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ يەھۇدى ئىكەنلىكى،ئالىم ئىكەنلىكى،ئۆتمۈشتە قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ فىزىكا ئالىمى ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىدىغانلارمۇ ئانچە كۆپ بولمىسا كىرەك. مىنىڭ ئۇنىڭغا قايسى يىرىم ئوخشايدىغاندۇ،دەپمۇ قالىمەن بەزىدە.مىنىڭ فىزىكىغا قىزىقىدىغانلىقىمنى ئۇلار بىلمەيدۇ.مەن ئەڭ ھەيران قالىدىغان ئىش دەل مۇشۇ.ئىشقىلىپ بىر كۈنى پىشانەمنىڭ كەڭلىكى،چېچىمنىڭ بۈدرىگە يېقىن، پاخپىيىپ تۇرىدىغانلىقىدىن بىر خىل ئوخشاشلىقنى بايقىغاندەكمۇ بولدۇم. كىچىكىمدىن ياخشى ئوقۇغانلار قاتارىغا كىرمەيتتىم. تۇلۇق ئوتتۇرىدا ھەتتا 7 تە پەندىن ئىمتىھان ئالسا بىر ئەدەبىياتتىن ئۆتكەنلىكىم ھېلىھەم يادىمدا. ئۈستەل- ئۇرۇندۇقلارغا پۇتلىرىمنى ئارتىپ گىزىت-ژورنال ۋە ھىكايە كىتاپلارنى ئوقۇش مىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقىم بولسا كىرەك. ئالي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۈچۈرۈپ يۈرۈپ ئادەتتىكى بىر ئالي مەكتەپكە قوبول قىلىندىم. نىمىلا بولمىسۇن، تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۆلكە دەرىجىلىك گىزىت-ژورناللاردا بىر قانچە پارچە ھىكايە ۋە ئەدەبي ماقالەم ئېلان قىلىنغان ئىدى.ئۆيدىكىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن كىتاپقا خۇمار بولۇش مىنىڭ ئېينىشتىين دىگەن بۇ ئادەمنىڭ تەرجىمھالى بىلەن تۇنۇشۇشۇمنىڭ سەۋەبكارى بولدى. شۇ ۋاقىتلاردا «ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى» دىگەن كىتاپ يىڭىدىلا نەشىردىن چىققان ئىدى گېزىت –ژورناللاردا «مۇۋاپىقىيەت قازانغان»دىگەندەك ناملار بىلەن بەزى كىشىلەر ۋە ئىشلار ھەدەپ تۇنۇشتۇرۇلدى. مەنمۇ بۇلىشىچە ھاياجانلىنىپتىمەن. ئەدەبىيات-سەنئەتتىن تەبىئى پەن ۋە تېخنىكا مۇھىم، شۇنداقلا مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ زۈرۈرى شۇ دىگەندەك بىر يوشۇرۇن ئاڭ مېنى پۈتۈنلەي ئىسكەنجىگە ئاپتۇ. قىزىقارلىق ئىشلار شۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگىلى تۇردى. «ئويغانغان زىمىن»،«ئىز» دىگەندەك بەزى رومانلىرىمنى، فارادى، ئېينىشتىين دىگەندەك كىتاپلارغا تىگىشتىم. قاسىم سىدىق ھەققىدىكى ئوچرېك مېنى خېلىلا ھاياجانلاندۇردى. بۇ غولجىلىق شائىرنىڭ ، ماكاننىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە  ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ماڭا بەك ئۇلۇغ بىلىندى. ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يوقلۇق نەزىريىسىگە ماتىماتىكا نوختىسىدىن توپلام ئانالىزى ئېلىپ بارغانلىقىم يادىمدا. مەيلى شۇ ۋاقىتتىكى بولسۇن، ياكى ھازىرقى بولسۇن، ماتىماتىكا سەۋىيەمىنى ئويلىسام بەكمۇ كۈلگۈم كىلىدۇ. قاسىم سىدىقنىڭ قانداق تەتقىق قىلغانلىقى،ئۈرۈمچىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ئادەملەردىن قانداق ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. مەن شۇ كىشىنىڭ نەتىجىسىدىن تەڭ بەھرىلىنەي دىگەن ئارماندا،ئۇنى ئىزدەشكە كىرىشتىم.كۆپ كىشى ئۇنىڭ غولجىلىق ئىكەنلىكىنى،ئۇقوتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھازىر دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.لېكىن تىلىفون نومۇرىنى ئىنىق بىلمەيدىكەن.«ئىلى دەرياسى»ژورنىلىغا،«ئىلى گىزىتى» گە تىلفون قىلىپ،قاسىم سىدىقنىڭ تىلفون نۇمۇرىنى سورىدىم.لېكىن ئېيتىپ بەرگەن نۇمۇر ئۇلانمىدى.ئامال يوق غولجىغا بېرىشنىمۇ ئويلىدىم. مانا بۇ تۇلۇق ھاياجانلىنىشمنىڭ ئۆزى ئىدى. مەن ھازىرمۇ بۇ كىشىنىڭ ئىزدىنىش روھىدىن ئۈگۈنۈش كىرەك دەپ ئويلايمەن. قەشقەردە قەقىنۇس تەخەللۇسلۇق بىر ئادەم بار.ئۇنىڭ يازغان ماقالىلىرى بەكمۇ قىزىقارلىق.ئۇنىڭ ئەدەبي- تارىخى ماقالىلىرىدا،گىئومىتىريىنىڭ بەزى ئىزنالىرى بار.قاسىم سىدىقنى  يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقىنۇسنى شائىر ۋە پەيلاسوپ ئابدىقادىر جالالىدىن ئاكىمىز تۇنۇشتۇرغانغۇ دەيمەن. جېك مەھەللىسىدە،مۇشۇلار ۋە يەنە باشقا بىر قانچە نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. ئەمەلىيەتتە بۇ سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەسكەن. قۇرۇق ھاياجانلىنىش ئادەمنى خەتەرلىك يولغا باشلايدىكەن. جېكنىڭ ماقالىسىنى ئۇقۇپ ئىچىمنى بىر خىل ئاچچىق كۈلكە قاپلىدى. خوشال بولغان يەرلىرىممۇ، قايغۇرغان يەرلىرىممۇ بار. قاسىم سىدىق بىلەن قەقىنۇس ئەپەندىمنىڭ يازمىللىرىنى پەلسەپە نوختىسىدىن كۈزۈتۈپ باقساقمىكى دەپ ئويلايمەن.كىيىن ئېينىشتىيىن،نىسپىيلىك نەزىريىسى،قاراڭغۇ ئۆڭكۈر… تۇنۇشتۇرۇلغان ماقالە ۋە كىتاپلار مېنى بەكلا مەپتۇن قىلىۋالدى.فىزىكا ئاشىقى بولدۇم. ئالي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا تارىخ فاكولتىدىن فىزىكا ياكى ماتىماتىكا فاكولتىتىغا ئالمىشىشنى تەلەپ قىلدىم.يازغان بىر قانچە ماقالەم بىلەن فىزىكا فاكولتىتىنىڭ مۇدىرىنى قايىلمۇ قىلدىم.ئۇلارمۇ شۇنداق بولۇشىغا قوشۇلدى.بىراق تارىخ فاكولتىتى مېنى قويۇپ بەرمىدى.بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى ھازىرمۇ بىلمەيمەن.ئەمىليەتتىغۇ ئۆزەم ئوقۇغان بۇ فاكولتىت ئۈچۈن 4يىل ئوقۇپ باش ئاغرىقىدىن باشقا ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم.ئۆزەمنى بۇ مەزگىلدە پەن- تېخنىكا تارىخچىسى بولىمەن دەپلا بەزلەپ يۈردۈم.ئەمەلىيەتتە فىزىكا قانۇنلىرى ئىچىگە خېلىلا چۈكۈپ كەتكەن ئىدىم. ھەر دائىم مۆجىزە يۈز بىرىدىغاندەكلا ھىس قىلاتتىم. ئارىدا 2 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ،«مىكرودىن ماكروغىچە:ئالەمنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىگەن نامدا 8 باپلىق بىر كىتاپچە يازدىم.بۇنىڭ 5 باپى تارىخقا ۋە پەلسەپىگە ئالاقىدار ئىدى.پەقەت 3 باپىلا فىزىكا ۋە ئاستىرونومىيىگە ئائىت كەسپى بىلىملەر ئىدى. ئۆزەمدىن خېلى رازى بولغاندەكمۇ قىلدىم.لېكىن تەبئى پەن بىلىملىرى ئۈگۈنىمەن دەپ سەرىپ قىلغان ۋاختىمدا ھىكايە ۋە رومان دىگەندەك ئەدەبي ئەسەرلەرگە كۈچىگەن بولسام، دوسلىرىم مىنى ئېينىشتىيىن دىمەي،پۇستانى يازغۇچى دەپ ئاتىشار ئىدى.(چاخچاق) راستىنى ئېيتقاندا،ئەدەبي مەشىقنى مەندىن5 يىللار كىيىن باشلىغان بىر قىسىم ياش يازغۇچى-شائىرلارنىڭ كىتاپلىرى نەشىر قىلىندى.بەزىللىرى خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى دىگەندەك مۇكاپاتلارغىمۇ ئىرىشتى.ئۇلارغا ھەسەت قىلىغىنىم يوق.لېكىن بىر نەرسە،ئۇيغۇر قول-ھۈنەرۋەنچىلىكىگە ئائىت بىر قانچە پەن- تېخنىكا ماقالىسىدىن باشقا،فىزىكىغا،مۇنداقچە ئېيتقاندا تەبىئى –پەنگە ئائىت  ئەسەر  ئىلان قىلدۇرالمىدىم،ئېلان قىلغۇچىلىك سەۋىيەدىمۇ يازالمىدىم.قىسقىسى ھازىر ئىرىشكىنىم كۆپمۇ ياكى يوقاتقىنىممۇ دەپ سورىسام،يەنىلا ئىنىق بىر نىمە دىيەلمەيمەن.چاچلىرىم چۈشتى! (خوتۇن ئېلىشمۇ تەسلىشىدىغان ئوخشايدۇ.) بۇ ھەرگىزمۇ مېڭەمنى كۆپ ئىشلەتكىنىمدىن دىرەك بەرمەيدۇ. پەقەتلا توغرا يوسوندا ئىشلەتمىگەنلىكتىن،ئارزۇ-خىيالىم بىلەن ئەمەلي نەتىجىنىڭ ماس كەلمىگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.ئاخىرقى ھىساپتا تاتلىق ھاياجاندىن ئاچچىق ھاياجان كۆپ بولۇپ كىتىدۇ.ئېينىشتىيىن يەنىلا تامدا،كىتاپتا.ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى خىرە ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ سىماسى يەنىلا بۇرۇنقىدەك.مەن بولسام ئۆزگەردىم.رىئاللىق بىلەن خىيال ئارىسىدا يەنىلا ئۆزەمگە تەسەللى ئىزدەۋاتىمەن.

بۇ تىمىنىڭ بىرىنچى قىسمى بۇ يەردە.

تۈگىدى.

4 ئىنكاس بار »

  • مەۋلانجان :

    مەنمۇ فېزىكىغا ناھايتى قىزىققانلىقىم ئۈچۈن ھازىر شۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى (تەييارلىق) ، بۇ يىل 9- ئايدا مەكتىپىمگە قاراپ يول ئالىمەن ، مەن فىزىكا ۋە ئاستورنىمىيەگە ناھايتى قىزقىمەن ، بولسا دوسلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    Email : maulanjan@gmail.com
    بىرىگە ئۈگۈنۈپ ھەممىز مۇرادىمىزغا يىتەيلى !

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مۇھاكىمە :

    مەنمۇ بۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن يەرلىك ئېينىشتىيىن دەپ مەسخىرىلىك نام ئالغان ، زەررىچە ، كۇچلەرنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن ۋاقتىمنى سەرىپ قىلىپ ئىزدەنگەن ، ماكان زامانننىڭ 5- ۋە 6 -ئۇلچەم مەسلىسىنى ھەل قىلىش نىشانىغا يەتتىم دەپ ھىساپلىغان ، سۇپىر نىسبىيلىك نەزەريەسىنى تىكلىمەكچى بولغان ، كۇۋاك مۇدىلىنى ئاغدۇرماكچى بولغان ،ئولتىرا ئالەمىلىك تارتىش كۇچى بىلەن ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنى بىرلىككە كەلتۇرۇش توغرىسدا نۇرغۇن ئىزدىنىپ ، بىرلىككە كەلتۇرۇش فۇرمۇلاسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ،قاراڭغۇ ئۇڭكۇرنىڭ پارتلاش شەرتى توغرىسىدا كوپ ئۇيلانغان…………..، قارىغاندا ئىككىمىز……….

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • نۇرتاش :

    تەبىئىي پەن دىسە جىقىمىز قاچىمىز ، ماتىماتىكا ، فىزىكا ، خىمىيە ، بۈگۈنكى كۈندىكى كومپىيۇتېر ھەممىسى تەستەك بىلىنىدۇ ، يا ئەدەبىياتتا ياخشى ئۇقۇپ پەيلاسوپ بولمىدۇق .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئاداق :

    سىزدەك ھاياجانلاق بەك تەس. ئەگەر توغرا يۆلىنىش بىلەن ماڭغان بولسىڭىز بەلكىم سىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېينىشتىيىنى
    بولۇپ قالاكەنسى.
    ئىشلىرىڭىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولغاي!!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..