سېئاتىلدىكى جېك: Sleepless in Seattle
مەن سىئاتىلدىن ماشىنىدا 5 سائەتلىك يىراقتىكى بىر كىچىك ئۇنۋېرسىتىت شەھەرچىسىدە تۇرىمەن. لېكىن بۇ شەھەرنى ھېچكىم تۇنۇمايدۇ. مەن تۇرۇۋاتقان شىتاتنى ولسا ۋاشىنگتون شىتاتى دەيدۇ. لېكىن بۇ ۋاشنگتون ئادەتتە بىز جۇڭگۇدا دەپ كۈنگەن ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەمەس. ئامرىكىدا چوڭ كىچىك بولۇپ نۇرغۇنلىغان ۋاشنگتون بار، چوڭ جەھەتتە بىرسى ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى. بۇ جۇڭگۇنىڭ خەرىتىسىدە بېيجىڭنىڭ ئورنىغا توغرا كىلىدۇ. يەنە بىرى مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىگتون شىتاتى. بۇ جۇڭگۇنىڭ خەرىتىسىدا شىنجاڭنىڭ ئورنىغا توغرا كىلىدۇ. يەنى مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىڭگتون شىتاتى ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىگتون شەھىرىدىن 5000 كىلومىتىر يىراقلىقتا. شۇڭا ئامرىكىدا بۇ ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى يالغۇز ۋاشىگتون دەپلا ئاتىماي كەينىدىكى ئاتالغۇسىنى بىللە ئاتايدۇ. يەنە ئامرىكا پايتەختىنى ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايونى دەپ Washington DC ، مەن تۇرۇۋاتقان شىتاتنى ۋاشىگتون شىتاتى دەپ Washington State دەپ ئاتايدۇ. دەسلەپ كەلگەندە مەندىن ۋەتەندىكىلەر سىز ئامرىكىنىڭ قەيەرىدە تۇرىسىز دەپ سورىسا "ۋاشىگتون شىتاتىدا" دەپ جاۋاپ بىرەتتىم. لېكىن ھەممە ئادەم مىنى ئاقساراينىڭ يېنىدا دەپ ئويلاپ قالاتتى. شۇڭا ھازىر "سىئاتىلدا" دەپ جاۋاپ بىرىمەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ سىئاتىلنىڭ ئۈزىدە ئەمەس. 5 سائەتلىك يىراقلىقتا. ئامرىكىغا دەسلەپ كەلگەندە ھەرخىل مەكتەپنىڭ ئىشلىرى بىلەن سىئاتىلغا باراتتىم ھەم بارىدىغان ئىش بولسىلا مەن باراي دەپ ئالدىغا چىقىۋالاتتىم. لېكىن ھەر قېتىم ئۇدۇل بېرىپ ئۇدۇل قايتىپ كەلگەن. ئۈتكەن يىلى كۈزدە مەكتەپتىكى بىر نەچچە يىقىن ئۈتىدىغان بالىلار مەخسۇس ئوينىغىلى بارايلى دەپ ئويناپ كەلگەن. شۇ چاغدا بىر مۇنچە رەسىمگە تارتىپ قويۇپتىكەنمىز، شۇنى چىقىرىپ قويدۇم.ھەممىسى ئاساسەن ئىختىيارى ھالدا بىر بىرىمىزنىڭكىنى ئوغۇرلۇقچە تارتقان.
مىنىڭ ئۈچ كۈنلۇك ماشىنام. ھەممەيلەن تەڭ پۇل چىقىرىپ ئىجارە ئالغان. ئامرىكىدا ماشىنىسى يوقلار لازىم بولسا بارغانلا يىرىدا ئىجارە ئېلىپلا ئىشلىتىدۇ. بۇ قۇلايلىق ھەم ئەرزان
سىئاتىلغا ئاز قالغاندىكى مەنزىرە
سىئاتىلغا كىرگەندىكى چوڭ دېڭىز كۈۋرۈكى، بەزى كىنولاردا چىقىدۇ. قاتناش بىر قەدەر قىستاڭچىلىق
سىئاتىل شەھەر ئىچىگە كىرگەندە
سىئاتىلدىكى داڭلىق ئالەم يىڭنىسى Space needle
دىخانلار بازىرى
ئاشپەز نىمە پىشۇرۋاتىدىكىن ئۇخمىدىم، بەك جىق ئادەملەر ئۈچرەتتە تۇرۇپ يەيدىكەن
كوچا سەنئەتچىلىرى
ئۇخلاۋاتقاننى كۈرۈپ خوتەندىكى ئۈچ بۈرجەك باغچىنى ئەسلەپ قالدىم
ئۈگدەپ قالدىممۇ نىمە
ئامرىكىدا تاماكا چىكىدىغانلار ئاز، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىزلارمۇ خېلى بار
I am not cool
ياتاقدىشىم سىھرىگەر
رەسىمنى مۇندا تارتىسىمۇ بۇلىدىكەن
خىزمەتكە چىقىپ بىر سەمىرىپ، ئامرىكىغا كىلىپ يەنە سەمىرىپ قوساق سېلىپ ئاسان ھارىدىغان بولۇپ قالدى بۇ ئەدەم، بىر دەم ماڭسىلا ئولتۇرىدىغان يەر ئىزدەيدۇ
بىلىق بولكىسى، چۈشلۈك تاماق
ھىندىستانچە نان، كەچلىك تاماق
ياپۇنچە تاماق، يەنە چۈشلۈك. دەسلەپ يىسە تېتىمايدىكەن،كىينن كۈنۈپ قېلىپ ئادەم ئىزدەپ بارىدىغان بۇلۇپ قالىدىكەن
يارىسا ئوڭ تەرەپتىكى ئىلاننىمۇ چىكىپ قويۇڭلار دەيمەن باللا
.
)我是你学生(成教04--3班
؟ چچ 你
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام ئەلەيكۇم تۇسۇنجفن ئەپەندى ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن . مەن ئۇزۇمنى تۇنۇشتۇراي ئسمىم ئەخمەتچان مۇختەر سىز دىن سوراپ باخسام بۇرۇن بىلۋال تۇربىتىچىكىتى ھازىر چىخمايدىغان بۇلۇپ قالدى نىم سەۋەپتىن چىخمايدۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇ سىز ؟ مەن سىزنىىڭ تۇرمۇشىڭىزنى كۆرۇپ سىزگە بەك ھەۋەس قىلىپ قالدىم ،چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىزدەك يۇقۇرى ئۇرۇنلارغا بېرىپ يۇقۇرى خىزمەتلەرنى ئىشلىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ، شۇنداققۇ ؟؟؟؟
سىز خوتەنلىكمۇ ياكى خوتەنگە كەلگەنمۇ ؟ سىزنىڭ ئۈچ بۈرجەك باغچىا دىگىنىڭىزىدن مەن سىزنى خوتەنلىك ئۇخشايدۇ دەپ ئويلىدىم …
سىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ مىللەت ئۈچۈن كۆپلەپ شەرەپ قۇچىشىڭىزغا تىلەكداشمەن !!!!!!!
خوتەن نىيا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ 1-يىلىلىق 3- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Hi! Hello . Mr Jeck . What a wonderful the life of yours in the USA.I hope that let me have the fantastic and fun of your life just a few minute . I am really happy to see the website of yours and I am envying you for seeing the informations about the life of yours in the USA . I would like to study abroad but I have no way right now .How could you gone to the USA for study ?
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Men sizning her –bir makalingizni kaldurmay korup qiktim .siz bek oquk –yuruk kirindiximkensiz.sizdin pehirlinimen .kelguside balilirimni qetellerde okusiken dep umut kilimen .birak tordiki hetlerni bek kiqikmikin dep kaldim .qunki bizdek korux kuwwiti towenlermu bar emesmu .rehmet .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Men sizning her –bir makalingizni kaldurmay korup qiktim .siz bek oquk –yuruk kirindiximkensiz.sizdin pehirlinimen .kelguside balilirimni qetellerde okusiken dep umut kilimen .birak tordiki hetlerni bek kiqikmikin dep kaldim .qunki bizdek korux kuwwiti towenlermu bar emesmu .rehmet .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck,گىگ خاربېرغا بارغانمۇ؟
سۇشىغا نىسبەتەن مەنمۇ سىزدەك كۆز قاراشتا،بولۇپمۇ شاردونېي ئىچىپ يىسە كارامەت پەيزى بولىدىكەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن ئىنتىل سەيناسىدا بىر تورداش يوللىغان < jeck تور خاتىرىسى ئەسلىگە كەپتۇ> دىگەن تىمىنى كۈرۈپ كۆرۈپ باقاي دەپ كىرگەنتىم.
تور خاتىرىڭىز ھەقىقەتەن بەك ياخشىكەن .مەن ئامراق بوپ قالدىم. بۇندىن كىيىن داۋاملىق كىرىپ تۇرىمەن
تور خاتىرىڭىزنى كۆرۈۋېتىپ ئويلاپ قالدىم . سىز قانداق بولۇپ ئامېرىكىغا بېرىپ قالغان؟
تۈغۈلما ئامىرىكىلىقمۇ يا؟
سىز ۋاشىنگىتون شىتاتىدا نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىسىز ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel