2008- يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر Xinjiang 2008
بىز بۇ يىلمۇ ئۈتكەن يىلدىكىگە ئوخشاشلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر جەميىتىنى يۈزەكى ھالەتتە بولسىمۇ كۈزىتىپ چىقتۇق. كۈزىتىش ئۇسۇلىمىز ئۈتكەن يىلى يېزىلغان تىمىلاردا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل يەنە قايتىلانمىدى.بىر قىسىم تۈرلەرنى قىسقارتتۇق ياكى ئۈزگەرتتۇق. كىلەر يەنە قىلىپ قالساق يەنىمۇ چوڭ ئۈزگىرىش بۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ئەسكەرتىمىزكى بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر قىسىم تورداشلارنىڭ كۈز قارىشى. پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ
ۋەقەلەر قىسمى
2008-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىدىكى 10 چوڭ ئىش (خەۋەر)
ئىلان قىلىنىپ بولۇندى. تەپسىلى مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۈرۈڭ.
ئادەملەر قىسمى
1. ئۈمۈرلۈك مۇۋەپپەققىيەت مۇكاپاتى: ھىسام قۇربان
داڭلىق خەلىق چاخچاقچىسى ھىسام ئاكىنىڭ 80 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەيمىز ۋە بۇ ئاددى تىمىمىز ئارقىلىق ھىسام ئاكىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خاتىرلەيمىز.
ئۇلىنىش: ئابرال بلوگىدا ھۆرىيەت تورىدا
2. يىللىق تۈھپىكار ئاتا ئانا: ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى سىدىق مەمەت ۋە ئانىسى پاتەمخان.
ئۇلىنىش: مەرىپەت بلوگىدا
3. يىللىق خالىس خەير ساخاۋەتچى: بىر سوم پىلانى پائالىيتىنىڭ باشلامچىسى ئەيساجان( ئىزدىنىش تورىدىكى ۋاپادارىم)
ئۇلىنىش: بىر سوم پىلانى تور بېتىدە
4. يىللىق كارخانا ۋە كارخانىچى: ئاتلان تىل تەربىيلەش مەركىزى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان
ئۇلىنىش: ئاتلان شىركىتى دىيارىم بېتىدە.
5. يىللىق زەپەر قۇچقان ئۈمىتلىك ياش: ئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت.
ئۇلىنىش: دىيارىم تورىدا ئۇيغۇر سوفت شىركىتى تورىدا
6. بۇ يىلدىكى يىڭى ئىسىم، يىڭى چىراي: ياسىن جېكسۇن.
ئۇلىنىش: ئىزدىنىشتە
7. بۇ يىل ئىچىدىكى چوڭ يۇقىتىش:
كومپوزىتور ھېكىم ھەسەن
ھۈرىيەت تورىدا، بىلىك تورىدا، نۇرقۇت تورىدا
جەميەت، ئۇچۇر تېخنىكىسى، تاراتقۇلار قىسمى
1. بۇ يىللىق ئەڭ ياخشى كىتاپ: يازغۇچى مۇھەممەت ئەمەت چوپانى يازغان «سەمەندەر» رومانى.
ئۇلىنىش: بەرقى بوستان كىتاپ مەركىزى بىلىك
2. يىللىق ئەڭ ياخشى ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتى: ئىرپان ئېلېكتېرونلۇق لوغىتى IRPAN 2008
ئۇلىنىش: ئىرپان تورى بەرقى تورىدا
3. بۇ يىللىق ياخشى تور بىكەت: ئۇرخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورى
4. يىللىق ئەڭ ياخشى بلوگ: 80 خالتا بلوگى
( يۈكسەل بلوگى باھالاپ چىققان)
5. يىللىق تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى يازما:
Erturk نىڭ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز».
ئۇلىنىش: دىيارىمدا بىلىقۇت تورىدا( ئاۋازلىق)
6. يىللىق تور چولپىنى: بىرزاد (ئىزدىنش تورى ئەزاسى، 80 خالتا بلوگى يازغۇچىسى)
7. يىللىق ئىجتىمائى قىززىق نوقتىلار
ئۇلىمپىك، مۇقىملىق، ۋېنچۋەندىكى يەر تەۋرەش، ئىقتىسادى كىرزىس، ئوباما، ئۈز ئانىسىنى خۇرلىغان ئايال، سۈت پاراشۇكى
8. بۇ يىلدىكى مودا، يۈزلىنىش:
توردا بلوگ يېزىش، ئىقتىسادچان بۇلۇش، ناۋا پروگراممىسىغا چىقىش
كۈڭۈل ئېچىش قىسمى
1. يىللىق ئەڭ ياخشى كىنو، رىژىسسور:
مەمەتنىڭ 2008 – يىلى، شىرزات ياقۇپ
2. يىللىق مۇنەۋەر سەھىپە\تۈر: مەدىنىيەت بوستانى
3. يىللىق مۇنەۋەر سەنئەتچى: ئابدۇكېرىم ئابلىز
4. يىللىق مۇنەۋەر رىياسەتچى: ئۈمىد غەنى
5. بۇ يىللىق جەلىپكار ئايال( قىز): تۇرسۇنئاي ئىبراھىم (ئۇسۇلچى)
6. بۇ يللىق جەلىپكار ئەر (يىگىت) : ئادىلجان ( 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى)
تۈگىدى.
2007-يىلدىكى 10 چوڭ خەۋەرنى بۇ يەردىن، «نەزەر» نامىدىكى باھالاشلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. بۇ تۈردىكى باھالاشلارنىڭ چۈشەندۈرلۈشىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
باشقا يەرگە كۈچۈرگەندە ئۇلىنىشى ۋە رەسىمى بىلەن كۈچۈرگەيسىزلەر. .
بەك ياخشى بوپتۇ.رەھمەت سىزگە، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت، ئىرپان ئېلېكتېرونلۇق لوغىتى IRPAN 2008
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
2008- يىلى تەرەققىياتى ھەممىدىن تىز ئۇيغۇر تور بېكىتى << باس باس>> نى قوشۇپ قويماپسىز.
Http://Www.Basbas.Cn
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن،خېلى ئەتراپلىق بوپتۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جىكۋاي ،بولسا ئامرىكىنىڭ مائارىپى ھەققىدىكى تىمىلارنى كۆپرەك يوللىغان بولسىڭىز ،مىنىڭ بىلوگۇم بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنى ئاساس قىلىدۇ .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشى بۇپتۇ . ماڭا بەك يارىدى .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەگەر سىز مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز، يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى سىزنىڭ ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا!
http://www.yukselblog.cn/bloglar/
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يىللىق تور چولپىنى: بىرزاد (ئىزدىنش تورى ئەزاسى، 86 خالتا بلوگى يازغۇچىسى)
86 خالتا ئەمەس ، 80 خالتا ئىدىغۇ ..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
6. يىللىق تور چولپىنى: بىرزاد (ئىزدىنش تورى ئەزاسى، 86 خالتا بلوگى يازغۇچىسى)
—————————————————
بىرزاد ھەكىمنىڭ خالتىسى جىق بوپ كىتىپتۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورىنىڭ يىللىق ئەڭ ياخشى تور بېكەت بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشاللاندىم، خۇددى ھۆكۈمەتتىن كاتتا مۇكاپات بەرگەندەك
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەيساجاننىڭ ئىسمىنى كۆرۇپ بەك خوش بولدۇم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
4. يىللىق مۇنەۋەر رىياسەتچى: ئۈمىد غەنى
مېنىڭ نەزىرىمدە "قانۇن ۋە پۇخرا" نىڭ رىياسەتچىسى مەھمۇد ئىسرئىل
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىزدىنىشقا يوللىۋەتتىم ،چاتاق يوقتۇ ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم : ھۆرمەتلىك ئەلى ھېسامىدىن ئاكا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ ئائېلىدىكىلەر سالامەتمۇ ؟ ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ھەم سىزنى تونىماي ...
مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، ...
رەخمەت ئاكا،شۇنداق جاپالارنى چېكېپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭېزنى بەرسۇن.
War of Independence is the best proof.銆侰arney unemployment rate is expected to achieve this goal takes 3 years銆侻eeting noted that ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىق ...
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئالاقىلىشىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن چ چ ياكى ئۈدىدار نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم، قېرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن. مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپىيۇتېر ...
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel