باشبەت » جەميەتكە نەزەر, خەۋەر

2008-يىللىق شىنجاڭدىكى 10 چوڭ ئىش Top 10 News of Xinjiang in 2008

17 يانۋار 2009 573 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس

بىز ئۈتكەن يىلى بىر قىسىم تورداشلار بىرلىكتە 2007-يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر نامىدا بىزنىڭ نەزەرىمىزدىكى 2007-يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىدىكى 10 چوڭ ئىش ۋە 2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەرنى ئىلان قىلغان ئىدۇق. گەرچە تەسىرى بەك چوڭ بۇلۇپ كەتمىسىمۇ، بىز ئۈزىمىز ھەم بەك كەسپى قىلىپ كىتەلمىسەقمۇ بۇ يىلمۇ يەنە قىلىشنى ئويلاشتۇق. مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر ئۆتكەن يىلى تەپسىلى بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلمىدى. قىززىقىدىغانلار ئۆتكەن يىلدىكى تىمىنى ئوقۇپ ئۈتكەي. بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىز بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

2008-يىلدىكى شىنجاڭدىكى 10 چوڭ ئىش (خەۋەر)

1. نۇر بەكرى شىنجاڭنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

2008-يىلى بىرىنچى ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ 11 نۆۋەتلىك 1-ئومۇمى يىغىندا نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇنىڭ بىلەن نۇر بەكرى ئازاتلىقتىن كىيىن شىنجاڭدىكى ئەڭ ياش رەئىس، شۇنداقلا جۇڭگۇ سىياسى سەھنىسىدىكى 60-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى رەئىس نۇر بەكرىدىن چوڭ ئۈمىتلەرنى كۈتىدۇ.

ئۈلىنىش: http://news.sina.com.cn/c/2008-01-22/153114801479.shtml

2. ئۇلىمپىك ھارپىسىدا قەشقەرۋە كۇچادا تىرورچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى.
8-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنى ئۇلىمپىك ئۈتكۈزۈشكە 4 كۈن قالغاندا قەشقەردە ئىككەيلەن ئەتىگەندە چىنىقىشقا چىققان قەشقەر چىگرا ئامانلىقىنى ساقلاش قۇراللىق قىسىملىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ 16 ئادەم ئۈلگەن، 16 ئادەم يارىلانغان بولۇپ بۇ شىنجاڭ يىقىنقى يىللاردىكى بۈلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش داۋامىدا يۈز بەرگەن  چوڭ ۋەقە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندە كۇچادا تىرورچىلار قۇراللىق ھالدا ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەلىق ئەسلىھەلىرىگە ئۈزىنى ئۈلتۈرۋېلىش خاراكتىردىكى ھۇجۇم قىلغان بولۇپ 17 ئورۇندا پارتلىتىش ئېلىپ بارغان. بۇ ئىشلار شىنجاڭدىكى بۈلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى ئەسلىتىدۇ.

ئۇلىنىش:
http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=57089&ntitle=366bd5f5c022e11edccbc745b1f23a41
http://news.sina.com.cn/c/2008-08-04/125616058130.shtml
http://www.caijing.com.cn/2008-08-11/110004465.html

3. ئۈرۈمچى دېخۇي خەلقارا سارىيىغا ئوت كەتتى
1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى چاڭجىياڭ يولىغا جايلاشقان دېخۇي خەلقارا بىناسىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن بولۇپ بىنادىكى توپ تارقىتىش دوكانلىرىدىكى ماللار ئاساسەن كۆيۈپ كەتكەن. بىناغا ئوت كىتىپ ئوت ئۈچۈرۈش خادىملىرى ناھايتى تىزلا يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئوت ئۇلۇغ بولغاچقا بۇ ئوت 33 سائەتتىن ئارتۇق كۆيگەن.

ئۇلىنىش: http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=50352&ntitle=8a88c9ec40f7491e3f4fea006d59f88d

4. شىنجاڭدا مال باھاسى ئۈرلەپ كەتتى.
خەلقارادا يۈز بەرگەن ئىقتىسادى كىرىزس،  شىنجاڭدىكى تەمىنلەش ۋە ئىھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزگىرىشى ۋە باشقا ئىقتىسادى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭدىكى مال باھاسى بولۇپمۇ خەلىقنىڭ كۈندىلىق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇن، ماي، گوش، يىقىلغۇ دىگەندەك تاۋارلارنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز ئۈرلەپ كەتتى. بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خەلىقنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال ۋە پائالىيتىگە تەسىر قىلدى،

5. 21-ئەسىردىكى تۇنجى قېتىملىق كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلىشىدا شىنجاڭ ئەڭ ياخشى كۈزىتىش ئورنى بولدى.
8-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ئەسىردىكى كۈننىڭ تۇنجى قېتىملىق تۇلۇق تۇتۇلىشىدا قۇمۇل بۇ ھادىسىنى كۈزىتىدىغان ئەڭ ياخشى ئورۇن ھىساپلىنىپ خەلقارا ۋە جۇڭگۇدىكى نۇرغۇنلىغان ئاستىرنومىيە تەتقىقاتچىلىرى، ھەۋەسكارلار ۋە مۇخبىرلار قۇمۇلغا يىغىلىپ بۇ ھادىسىنى كۈزەتتى. نۇرغۇنلىغان خەلقارا ۋە جۇڭگۇدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى نەخ مەيدان خەۋىرى بەردى.

ئۇلىنىش:
http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=56577&ntitle=be6fab74b40be7651a1c8be1ee906f6c
http://www.tianshannet.com.cn/news/content/2008-08/01/content_2759407.htm

6. مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىغا نەخ 1000 يىل بولدى.
بۇ يىل ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىغىنىغا 1000 يىل بولغان يىل بولۇپ خەلقارادىمۇ بۇ يىلنى مەھمۇد قەشقىرى يىلى قىلىپ بىكىتكەن ئىدى. 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بېيجىڭدا مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا خەلقارادىكى تىل تەتقىقاتچىلىرى يىغىلىپ داغدۇغىلىق ھالدا ئولۇغ ئالىم تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىغىنى تەبرىكلىدى.

ئۇلىنىش:
http://www.uighurbiz.cn/news/2008/1201/article_8193.html

7. ئانىسىنى خۇرلىغان ئايال سوتقا تارتىلدى.
بۇ يىل يازدا توردا ئوغۇرلۇقچە تارتىلغان بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ  يەنە بىر ياشانغان ئايالنى ئورۇپ خۇرلاۋاتقان قىسقا كۈرۈنۇشى تۇيۇقسىز توردا پەيدا بولۇپ بۇنى كۈرگۈچىلەرنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى قۇزغىدى. بۇ ئايال كىم، نىمىشقا ئۇ ئايالنى ئۇرىدۇ، نىمىشقا مۇنچىۋالا قىينايدۇ، نىمىشقا بۇنى سۈرەتكە تارتقۇچى ئۇ ئايالنى توختاتمايدۇ دىگەن سۇئاللارنى تورداشلار سوراشتى. كىيىن بۇ ئايال تورپاندا سوتقا تارتىلىپ ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى.  توردىكى ئىشلارنىڭ رىئال تۇرمۇشقا تەسىر كۈرسىتىشى يەنمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەندى.

8. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى سىچۋەندىكى ئاپەت رايونىغا 100 مىليۇن يۈۋەندىن ئارتۇق ياردەم قىلدى.
بۇ يىل ئەتىيازدا يۈز بەرگەن سىچەندىكى يەر تەۋرەشتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇن ۋە خەلىقنى قۇتقۇزۇش چاقىرىقىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قۇشۇپ نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك ھىكايىلەر بارلىققا كەلدى. شىنجاڭدا ياردەمگە ئاتىلىپ ئىئانە قىلىنغان پۇل ۋە ماددى بويۇم قىممىتى 100 مىليۇندىن ئېشىپ شىنجاڭ خەلقىنىڭ خالىسانە روھىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.

9. كاۋاپ يىسە ئەيدىز كىسىلى يۇقىدۇ دىگەن ئۈسەك سۈز تارقىلىپ زىيان سالدى.
بۇ يىل ئىچكىرنىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىدا ۋە شىنجاڭدا «كاۋاپ يىسە ئەيدىز كىسىلى يۇقىدۇ» دىگەن ئۈسەك سۈز تارقىلىپ ناھايتى يامان تەسىر پەيدا قىلدى. شىنجاڭ كاۋاپلىرىنىڭ ئىچكىردە ۋە شىنجاڭدا نامى بار ۋە بۇ كەسىپ نۇرغۇنلىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسى بولغاچقا بۇ ئۈسەك سۈزنىڭ چىقىشى شىنجاڭلىق ۋە شىنجاڭنىڭ كاۋىپىنىڭ ئوبرازىغا ناھايتى يامان تەسىر پەيدا قىلدى. 4-ئايدا ھۈكۈمەت ئالاھىدە مۇخبىرلارنى چاقىرىپ بۇ ئۈسەك سۈزگە رەددىيە بەردى.

ئۇلىنىش:
http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=53738&ntitle=eaa5f646f76f45905d21f6dc3cae2ca8

10. ئىككىنچى قېتىملىق تىرورچىلار تىزىملىكى ئىلان قىلىندى.
شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۈكۈمىتى ئالاھىدە كۈڭۈل بۇلىدىغان ئىش. شۇڭلاشقا شىنجاڭدىكى مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان خەۋەرلەرمۇ شىنجاڭدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە دۈلەت بىخەتەرلىكگە زادى كىملەر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ دىگەننى ھەممەيلەننىڭ بىلگۈسى كىلىدۇ. 2003-يىلى 12-ئايدا دۈلەت جامائەت خەۋپىسىزلىك مىنىستىرلىكى تۇنجى بۇلۇپ بىرىنچى تۈركۈمدىكى تىرورچىلار تىزىملىكىنى ئىلان قىلغان ئىدى. بۇ يىل 10-ئاينىڭ 21-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى خەۋەر بىرىپ بۈلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىكىنچى تۈركۈمدىكى تىرورچىلار تىزىملىكىنى ئىلان قىلدى.

ئۇلىنىش:
http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=60321&ntitle=6d6c299926ad330445f1dc1dc739a5c7

http://egov.xinjiang.gov.cn/10013/10031/10003/2008/47536.htm

تۈگىدى.

«2008- يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر» نامىدىكى بىر يۈرۈش باھالاشلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. 2007-يىلدىكى 10 چوڭ خەۋەرنى بۇ يەردىن، «نەزەر» نامىدىكى باھالاشلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. بۇ تۈردىكى باھالاشلارنىڭ چۈشەندۈرلۈشىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

باشقا يەرگە كۈچۈرگۈچىلەر ئۇلىنىش بىلەن بىللە كۈچۈرگەيسىزلەر.

18 ئىنكاس بار »

  • ئەلقۇت :

    ياخشىمۇسىز !؟
    مەن يازمىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا بىلوگىمغا يوللىۋالدىم ، باشقىچە بۇلۇپ قالماس ….

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • uyghurix :

    -ئاينىڭ 4-كۈنى يەنى ئۇلىمپىك ئۈتكۈزۈشكە 4 كۈن قالغاندا قەشقەردە ئىككەيلەن ئەتىگەندە چىنىقىشقا چىققان قەشقەر چىگرا ئامانلىقىنى ساقلاش قۇراللىق قىسىملىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ 16 ئادەم ئۈلگەن، 16 ئادەم يارىلانغان بولۇپ بۇ شىنجاڭ يىقىنقى يىللاردىكى بۈلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش داۋامىدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندە كۇچادا تىرورچىلار قۇراللىق ھالدا ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەلىق ئەسلىھەلىرىگە ئۈزىنى ئۈلتۈرۋېلىش خاراكتىردىكى ھۇجۇم قىلغان بولۇپ 17 ئورۇندا پارتلىتىش ئېلىپ بارغان. بۇ ئىشلار شىنجاڭدىكى بۈلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى ئەسلىتىدۇ.
    +++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
    بۇ تىرورلۇق ۋەقەسى ئەمەس سىز بولسىڭىزمۇ توغىرا يىزىڭە، بۇ ئىشتا ئاشۇلارنىڭ سەۋەنلىكى بار كىم ئۇلارنى 5 ياشلىق بالىنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ پالاچ قىپ قويسۇن دەپتىكەن . ھۆكىمەتمۇ بىلىدۇ . خەلىق ئالاممۇ بىلىدۇ .بۇ ئىشنى .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • قاملاشمىغان :

    ئەگەر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى خەۋەر بەرگەن تەسىرى چوڭ ئىشلارنى باھالايدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ بلوگىڭىز جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن قېلىشمىغىدەك. يەنە مۇشۇنداقلا توختىماي تىرىشسىڭىز، ئۇلۇغ پارتىيە سىزگە بىرەر مۇكاپات بېرەر!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • نامسىز :

    ئەگەر باھالاش مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، يەنە نەچچە يىللاردىن كېيىن، بۇ باھالاشمۇ ھۆكۈمەتنىڭ باھالىشىدىن ھېچ پەرقلەنمىگۈدەك.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مەلىكە :

    مەن بەزەنلىرىنى راستىنلا ئاڭلىماپتىكەنمەن. كۆرۈۋالدىم.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مىھىر :

    < سەرخىل > قىرىندىشىمىزنىڭ ئىنكاسىنى …، ھى ھى ، قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت جۇمۇ ، < جىك > قىرىندىشىمىز ۋاختىڭىز يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا جاۋاپ بىرىڭە. ئۇنداق ئەمەسمۇيا .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • سەرخىل :

    بەك ئامراق جۇمۇ مەن مۇشۇ جېككامنىڭ بىلوگىغا …ھې ھې … لېكىن ئەڭ قىزىقتۇردىغىنى ئۆزلىرى ئامرېكىدا ..

    خۇدايىم بۇيرىسا چوقۇم بارىمەن …. ئاشۇنداق دېمىكۇراتىك دۆلەتتە ياشاپ كوچىدا ئوق تىگىپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازى ئىدىم …

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • كەسپى ساغلاملىق :

    كۆپ تەشەككۈر !
    كاۋاپنىڭ خەۋىرى ئاڭلاپ باقمىغان خەۋەركەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • سۇمۇرۇخ :

    ياخشىمۇسىز؟ مەن ئۆزەم كۇچاردىن كۇچادا بولغان ئىش ھەقىقەتەن شىنجاڭدا راۋرۇس غۇل-غۇل پەيدا قىلدى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇيغۇرتېكىن :

    6. ئىش بەك خەيرىلىك ئىش بولدى . دېمەك ئالىمىمىز 1000 يىلدىن كېيىن دۇنيا يىلىغا ئىگە بولدى . بىزدە شۇنداق ئىش بار ئىكەن . تۇرغۇن ئالماس دېگەن بىر ئالىمىمىزنىڭ يازغان كىتابى چەكلىنىشتىن بۇرۇنمۇ يەنە شۇ كىتاپ ئىكەنتۇق . كىتاپ چەكلەنگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇ كىتاپنىڭ غۇلغۇلىسى بىلەن تۇرغۇن ئالماس دېگەن بىر ئىنساننىڭ نامىمى كىشلەر قەلبىگە ئورناشقان . ئەمما ، بىز ئۈچۈن ، تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن بىر خەيرىلىك ئىش بولدى . بىزدىن يەنە مۇشۇنداق ،ھەتتا كىلاسسىك ئالىملىرىمىزنى بېسىپ چۈشكىدەك ئالىملىرىمىز چىقىشى كېرەك !

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئىدىقۇت بىلوگى :

    كاۋاپنىڭ خەۋىرى ئاڭلاپ باقمىغان خەۋەركەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ھىكمەت :

    بىلوگىڭىزدىكى سۆرىتىڭىزنى بىلوگۇمنىڭ باش بەت رەسىمىگە ئىشلەتسەم قانداق دەيسىز ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ناكا :

    كاۋاپ ۋەقەسى ، تىغ ئۇچى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نومۇسسىز بىر ئىش.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مىھىر :

    < كاۋاپ يىسە ئەيدىز كىسىلى يۇقۇدۇ > بۇ ئاڭلاپ باقمىغان كۈلكىلىك خەۋەركەن .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • فانتىكىن :

    ئۇلىنپىك مەشئىلىنىڭ ئۇرۇمچى ۋە قەشقەرگە يەتكۇزىلىشىمۇ بۇ يىلقى چوڭ خەۋەرلەرنىڭ بىرى،

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مەمەتجان :

    2008-يىلى بىرىنچى ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ 11 نۆۋەتلىك 1-ئومۇمى يىغىندا نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.9-ئايدىن باشلاپ
    باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش %100كە يەتكۈزۈلدى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئىزباسار :

    مۇشۇ تىمىنى قاچان يازاركىن دەپ ھەركۈنى بۇ بلوگقا قاراۋاتقان ،راست گەپنى دىسەم ئەرزىمىدى . خاسلىق يوق ،شىنجاڭ گىزىتىنىڭ خەۋىرىدەك تۇيۇلدى .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • يۈكسەل بلوگى :

    جېك تور خاتىرىسىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى تەشكىللىگەنلىكىگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز! بەزى نۇقتىلاردا ئورتاقلىققا ئىگە بولساقمۇ، ئايرىم جايلاردا قارىشىمىز ئوتتۇرىسىدا پەرق باركەن. بەزى ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ ئىشلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىپ قېلىنغاندەك تۇيۇلدى. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، مۇشۇنداق باھالاشنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى كاتتا ئىش بولدى. ئۈمىدىمىز شۇكى، بۇ پائالىيەت ھەر يىلى ئۈزىلىپ قالمىسا !

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..