باشبەت » ئىلىم-پەن, تەجرىبە, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

مەك دۇنياسى يىغىلىشدىن رەسىملەر Photos from the Macworld 2009

8 يانۋار 2009 901 قېتىم كۆرۈلدى 24 ئىنكاس


بۇ تىمىنىڭ بېشىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

بۇ يىغىن San Francisco شەھىرىدىكى Moscone كۈرگەزمە زالىدا ئۈتكۈزۈلگەن بولۇپ كۈرگەزمە شىمالى ۋە جەنۇبى زال دەپ ئىككىگە ئايرىلىپتۇ، مەھسۇلاتلار ئاۋاز، سىن، يېزىق تەھرىرلەشتىن تارتىپ ماشىنا، مىدىتسىناغىچە باركەن. iPhone غا ئىشلىتىدىغان قوللانما دىتاللار ناھايتى كۆپ ساندا ئىگەللەيدىكەن. جەمئى 7 سائەتتە ئايلىنىپ بولدۇم.

تۈۋەندىكىسى يىغىن زالىنىڭ سىرتىدىن كۈرۈنۇشى.


زالنىڭ ئىشىكى

چوڭ زالغا كىرىشتىن بۇرۇنقى تىزىملىتىش زالى

بەڭگىلەر

قاتناش ساقچىسى

يىغىننىڭ بەلگىسى

ماشىنا نوچىمىكەن

ماۋۇ ئەڭ يىڭى مىدىتسىنا مەھسۇلاتىكەن. تەشۋىقاتىغا قارىغاندا ئادەم مىڭىسىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئالاھىدە يۇقىرى ، ،كۈتىرىدىكەن. 10 يىلغىچە بولغان مىڭە خاتىرىسىنى ئىسىگە سالالايدىكەن.

قۇياش باتارىيسى. ئۈيدە ئىشلىتشكە تىگىشلىك بولغان مۇھىم ئىلىكتېر سايمانلىرىنى بىمالال قامدىيالايدىكەن.

مۇھىم نۇتۇقلار سۈزلىنىۋاتىدۇ

يانپيۇتېرغا دەسسەۋاتىدۇ

تېخنىكلارمۇ رەسىمگە مۇنداق چۈشىدۇ، ژورنالغا چىقىدۇ دەپ ئويلاپ قالدى لېكىن

21-ئەسىردە تېلىۋىزور قانداق بۇلىدۇ؟

ئامرىكىدا 20 يىللار بۇرۇن Back to the Future دەپ بىر كىنو ئىشلىنىپتىكەن، بۇ ماشىنا شۇ كىنودا چىققان ماشىنىكەن

ماۋۇ كۈزەينەك يارىشىپتىمۇ؟ بۇ لېكىن ئادەتتىكى كۈزەينەك ئەمەسكەن. بۇ كۈزەينەكنى تاقىسا كۈزەينەك ئەينىكىدە كىنو كۈرىدىكەنسىز، سۈپىتىمۇ ناھايتى ياخشىكەن

بۇ مەن ياقتۇرغان يەنە بىر ئەڭ ياخشى مەھسۇلات. يەنى يىڭىچە سكەننىر ( سۈپۈرمە دەپ ئالامدۇق) ئىكەن. قەلەمنىڭ ئۇچچىدىكى ياپىلاق يەر بىلەن قەغەزدىكى خەتلەرنى سىرىسا خەتلەر شۇ ھامان كومپيۇتېردا كۈرۈنىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئاستى رەسىمدىكى ئەسۋاپنىڭ يىرىقىدىن قەغەزنى كىرگۈزسىڭىز قەغەزدىكى يېزىقچە ئۇچۇرلار ھىچقانداق شەكلى ۋە تىزىلىش بۇزۇلماي شۇ پېتى كومپيۇتېردا كۈرۈنىدىكەن. ئىسىم كارتۇچكىسى، ھۈججەت، توختام دىگەندەك مەلۇم يېزىقنىڭ تىزىلىش شەكلى بار نەرسىلەرگە بەك ماس كىلىدىكەن.

مۇخبىرلار زىيارەتتە

گۈزەللەرمۇ باركەن.

پېقىرمۇ ئانچەمۇنچە رەسىمگە چۈشۈپ قويدۇم.

يەنە باشقا رەسىملەر

تۈگىدى.

بۇ تىمىنىڭ بېشىنى ۋە چۈشەندۈرلۈشىنى ئالدىدىكى تىمىدىن كۆرمىگەن بولسىڭى كۆرۈڭ.

ئەگەر بۇ تىمىنى ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز يەنە ئاستىدىكى بۇ تىمىلارنى ياخشى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن:
سان فرانسىسكودا Web 2.0 يىغىلىشىدا

24 ئىنكاس بار »

  • ئىدىقۇت :

    رەسىملەر چىقمىدى. ئوڭشاپ قويسىڭىز كۆرۈپ باقساق.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابدۇغېنى :

    مېنىڭ سىكانىرلىق قەلەمنى سېتۋالغۇم بار ،ماڭا ياردەم قىلالارسىزمۇ؟ قانداق سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ؟ ماڭا بەك زۆرۈر ئىدى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابدۇغېنى :

    رەرەۇڭەاۇقۇقە

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئالمىچى :

    رەھمەت جىك ئەپەندى چەتئەللەرنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن ھەر دائىم خەۋەر دار قىلىپ تۇرغايسىز ……..
    ئەجرىڭىزگە 2 يەشۇك ئالمام بار ئىدى ئەۋەتىپ بىرەي دىسەم ، يول يىراق بارغۇچە ئالتۇننىڭ باھاسىدەك بوپ كىتەمۇ دەيمىنا كاساپەت بەك تاتلىق ئالمىتى جۇمۇ !!!!!!!!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • princealex :

    لىكىن بۇ يىل ئالما شىركىتى ئانچە ھەيران قالارلىق يىڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلماپتۇ!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • 天使 :

    ۋاي -ۋۇي !سىلەرنى شۇ يىغىلشتىن خەۋەردار بۇلۇپ قالسۇن دىسە يەنە شۇ تۇرسۇن تاغام بىلەن قاپسىلەر…..
    ھەجەپ يۇقاپ كەتتىڭىز بامۇ سېز ؟ ئۇماق تاغا.(:

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • بەكتۇر :

    ئوزۇن بوپتۇ بىلوگىڭزغا كەلمىگىلى ،خېلى بىر ۋاقىتقىچە يېڭىلىمايۋاتىتڭىز بوگۇن مانا نۇرغۇن نە رسىلەنى كودۇم ،
    بىزنى يېڭىلىقلادىن بەھرىمان قىلمەن دەپ بەك جاپا چىكىۋاتسىز جۇمۇ ،ئوزىڭىزنى ئاسىراڭ .
    ئاۋۇ ماشىنا چىقىدىغان كىنونىBack to the Future تولا قويۇپ دەنشىدە بىزنىڭ مايەدە ساراڭ قىلۋەتتى
    مىنىڭچە شۇكىنو چۇقۇم شۇ .ھېلىقى ماشىنىڭ ۋاقتىنى توغىرلاپ قانچىنچى يىلغا بارىمەن دىسە شۇ يىلغا باغىلى بولدىغان كىنو شۇ غۇ دەيمەن ئېينىشتىيىندەك چاش قۇيۋالدغان پىروپسور چىقىدۇ …خى خى

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • م.ئەخمەت :

    خاتا-لاشمىسام ئامرىكىدىكلەر بەك قالتىس دىگەن سۆز نى ياخشى كورىدىغۇ-دەيمەن ،ھە!

    ئەمىسە مەنمۇ سىزنى بەك قالتىش دەي- ھە !؟ جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ

    qq:85625627

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • بوغلان :

    ئامېرىكىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشىڭىزنىڭ غەلبىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.
    ئاشۇ يىغىلىشقا بېرىشقا ئىمكان بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما بارغاندەك سۆيۈنۈشكە ئىگە بولدۇم. ئىشىڭىز ئوڭ بولسۇن!
    بولسا تېزراق ئالما لەپتوپىلىق بولۇپ قېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    بىلوگىڭىزنىڭ "ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ"نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى قۇتلۇقلايمەن!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تاۋلان :

    ھەي قېرىنداشلار ،باشقىلارنىڭ چاچ -ساقىلى،كىيىم -كىچىكى…نى باھالاشتىن باشقا ئىشىمىز يوقمابىزنىڭ…؟

    جېك ئاكا سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقاي، مۇشۇ "مەك دۇنيا يىغىلىشى"غا قانتناشقاندىن كىيىنكى ئەڭ چوڭ ھاسىلاتىڭىز، تەسىراتىڭىز قايسى بولدى؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • گ.ئا :

    ئۇف…..نىمىدىگەن جىق "پىكىر-تەكلىپ" لەر بۇ….

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئارمان :

    ساقىلىڭىزنى ئېلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن،سەل مەينەت كۆرۈنۈپ قالىدىكەنسىز. سەمىمىي تەكلىپ

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • فۇرقەت :

    سىز بىلەنمۇ ئالاقىلەشمىگىلى ئۇزۇن بولدى.ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدىن ۋە ئالدىراشلىقىدىن مانا مۇشۇنداق بوپقالدى.مېنى چۈشكۈنلۈك پاتقىقىدىن قۇتقۇزغان بۇ تور بېكىتىڭىزنىمۇ ئاچمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ،مانا بۈگۈن چوڭ ئۆزگىرىشلەر بوپكېتىپتۇ.بۇ بىر يىلدا سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنى قېنىپ زىيارەت قىلىشمۇ تەسكە چۈشتى ،ئېچىپ بىرەر قۇرۇ كۆرۈشكە ئاران ۋاقىت چىقىدۇ.خەتمۇ ئەۋەتەلمەيمەن.بۇ كۈنلىرىمى ياپونلۇقنىڭ ئالدىراشلىقىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.گەپنىڭ قىسقىسى ،سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنى بەكلا سېغىنغانتىم. شۇ ئۇيغۇر باشلانغۇچ بالىلىرىغا پىسىخولوگىيە دەرىسى تۈزۈش ئىشى بىلەن ئالدىراش بوپقېلىپ تۈزۈك ۋاقىت چىقىرالمىدىم .ئاخىرى تۈگىدى بۇ ئىش .بۇ خەيىرلىك ئىشنى تەبرىكلەپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدىكى بىر بوشلۇق تولدۇرۇلدى.شۇنداقلا بۇ كەسىپنى ئوقۇغان نۇرغۇن بالىلارنىڭ خىزمەت مەسىلىسى ھەل بولىدى دىگەن گەپ.ۋەتەن سىرتىدىكى قېرىنداشلارنىمۇ ئوبدان خەۋەردار قىلىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .سىزگە ئامەت تىلەيمەن .سىزدەك بىر ياخشى توردىشىم بولغىنىمدىن مەن بەك خۇش،تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ،ئۆزىڭىزگە ئامەت تىلەيمەن،خۇدايىمغا ئامانەت ،خەيىر-خوش

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • فۇرقەت :

    چېچىڭىزنى ياسىتىۋىتىپسىز -ھە؟ بۇ 21-ئەسىر ئۇيغۇر دۇنياسىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش !!!خا-خا-خا! ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،سىز مىللىتىمىزنىڭ بايلىقى ،ئۆزىڭىزنى ئۆگىنىشكە بۇنداق ئۇرۇپ ،چاچلىرىڭىزمۇ قالمىغىلى تۇرۇپتۇ -ئەنە.ھى،ھى،ھى، مانا بۈگۈن ۋەتەندە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىمۇ ئاياغلاشتى،بۇنىڭغا قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا كۆپ .بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ مىللىتىمىزنىڭ بەختى،چۈنكى ياشلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا بەل باغلاپ چىقىشنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ بەختىمىز. بۇ ياشلىرىمىز ئارىسىدا غەيرەت -شىجائەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.جېك ئەپەندىنىڭ خاپا بولماي بۇ ھەقتە ئانچە -مۇنچە سۆزلەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئاز-تولا ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرەر قۇر چاقچاق يېزىپ قويسىڭىزمۇ مەيلى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مەن :

    كاستيومىڭىزنىڭ پوسونى بەك سەتكەن…تۈگمىسى بەك جىقكەن.قانچىنچىنى كىيىسىز ؟مەن پەيزىلىرىدىن ئەۋەتىپ بېرەي…چاقچاق ئەمەس…………..

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مىردىل :

    فۇتۇ ئاپىراتىڭىز سەل قوتومۇ قانداق ،قۇلىڭىزمۇ ئازىراق تىتىرەيدىكەن ھە؟؟؟؟
    رەخمەتسىزنىڭ دۇنياۋىي كورگەزمىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىز غا ،خۇدا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي.
    ئاۋۇ پەرەڭلەرنى ھەجەپ گۈزەللەر دەپ كىتىپسىز؟؟؟سەل قاملاشماپتۇجۇمۇ بۇگەپ،

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • 007 :

    رەسىمدىن باشقا ھېچنىمە يوقكەنغۇ ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • يۈكسەل بلوگى :

    سىلىنىڭ بلوگنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى 2008 – يىللىق 10 چوڭ بلوگىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمىز! << جېك تور خاتىرىسى >> نىڭ يېڭى يىلدا يەنىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمىز!
    يۈكسەل بلوگى

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئىسمايىل :

    بۇ ماشىنا بەكمۇ چىرايلىق ئىكەن ،

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئاۋلىكىم :

    لىكىن سىلىگە بەك ھەۋەس قىلىمەن ~ خەۋەرلەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • kaspi :

    مېنىڭ ئالمىنىڭ نېپىز لەپتوپىدىن بىرنى ئالغۇم بار ئىدى. .
    كاساپەت، بىزنىڭ بۇ يەرلەردە يوقتە …

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مئىھر :

    < تەدبىركار >نىڭ ئاخۇنۇم ئەزەن توۋلاپ قۇيغان ئىسىمنى مەن دەپ بەرسەم بولامدۇ بومامدۇ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇيغۇرجان :

    ئۇكام ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى قانداق ئەھۋالىڭ ؟مەن سىنىڭ بىلوگىڭنى تورغا چىقساملا تولا كۈرمەن .
    لىكىن سېىڭ ئۆز ئىسمىڭنى ئۇققىم بار ئىدى ئاخۇنۇم قويغان ئىسىملىرى نىمە ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Tedbirkar :

    بلوگلار RSS بىرلەشمە سۇپىسى ئېلان قىلىندى، قوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
    ھە راست، مەن ئىزدىنىشتىكى تەدبىركار شۇ.
    http://www.tedbirkar.com/blog/article/451.htm

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..