باشبەت » ئىلىم-پەن, خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

مەك دۇنياسى يىغىلىشىدا Macworld 2009

8 يانۋار 2009 800 قېتىم كۆرۈلدى بىر پارچە ئىنكاس


مەك دۇنياسى يىغىلشى ۋە كۈرگەزمىسى Macworld Conference & Expo ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى ئامرىكىدا ئۈتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى يىغىلىش بولۇپ بۇ يىغىلىشتا مەك كومپۇتېرىغا مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دە يۇمشاق دىتال ياسايدىغان شىركەت، كارخانىلار، ئوچۇر تېخنىكا خادىملىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە ھەۋەسكارلار يىغىلىپ ئەڭ يىڭى مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى ئورتاقلىشىدۇ، مەھسۇلاتلارنى كۈرگەزمە قىلىدۇ، داڭلىق تېخنىكا خادىملىرى لىكىسيە سۈزلەيدۇ، تېخنىكا ساھەسىدە چولپان ئاتالغان مەشھۇرلار قاتنىشىپ كۈرىدۇ ياكى نۇتۇق سۈزلەيدۇ. شۇڭا بۇ يىغىلىش ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى مۇھىم يىغىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يىغىلىشنىڭ بىلىتىمۇ قىممەت ھىساپلىنىدۇ.


بۇ يىللىق يىغىلىش بىرىنچى ئاينىڭ 4 -كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئامرىكىنىڭ San Francisco شەھىرىدە ھازىر ئۈتكۈزۇلۈۋاتقان بولۇپ پېقىرمۇ تەتىل ۋاختىدا بۇ شەھەرگە كەلگەن پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ دولان ئەپەندىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ كۈردۈم ۋە كۈپ ھاياجانلاندىم. بۇ يەردە تورداشلار بىلەن بۇ يىغىندا كۈرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمنى ئورتاقلاشماقچىمەن.

بۇ يىللىق يىغىلىشنىڭ قىززىق نوقتىلىرى بىرەر ئاي بۇرۇنلا باشلاندى. ئالما كومپۇتېرى ئاۋال ئۈزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق بۇلىدىغانلىغىنى، بۇندىن كىيىن بۇلارنىڭ قاتناشمايدىغانلىغى ۋە مۇھىم ئېچىلىش نۇتىقى Keynote Speak قىلمايدىغانلىغىنى ئىلان قىلدى. ئارقىدىنلا يەنە بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا ئالما كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ CEO, يەنى باش ئىجرائىيەچىسى سېتىۋ جوبس Steve Jobs نىڭ مۇھىم نۇتۇق سۈزلىمەيدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا شىركەتنىڭ مۇھىم ئەمەلدارى Phil Schiller نىڭ سۈزلەيدىغانلىغىنى ئىلان قىلدى. يەنە يىغىن ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن Steve Jobs ئوچۇر يوللاپ ئۈزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەس ئىكەنلىگىنى ئىتراپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن كۈزەتكۈچىلەر ئالما شىركىتىدە ئەگەر Jobs بولمىسا قاندا بۇلار دەپ ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى، پاي چېكىمۇ چۈشۈپ كەتتى. ئۇندىن باشقا ئىقتىسادى كىرزىس سەۋەبىدىن بۇ يىللىق يىغىنغا كىلىدىغانلار جىق بولماسلىغى مۇمكىن دىگەن گەپلەرمۇ چىقىشقا باشلىدى. بۇ ئىشلار ھەممىسى بۇ يىللىق يىغىلىشنىڭ بۇرۇنقىدەك ”قىززىمايدىغان“ لىغىدىن دىرەك برىپ تۇراتتى.


ھەر يىللىق مەك دۇنياسى يىغىلىشنىڭ باش رولچىسى ئالما شىركىتى بۇلۇپ كىلىۋاتاتتى. سېتىۋ جوبس Steve Jobs ئۈزىنىڭ بۇ ساھەدىكى چولپانلىق رولى بىلەن ئېچىلىشتا مۇھىم نۇتۇق بىرىپ ئەڭ يىڭى، تاماشىبىنلار ئويلاپ باقمىغان نوچى مەھسۇلاتلارنى ئىلان قىلىپ بۇ ساھەدىكىلەرنى كۈندۈرۈپ قويغان ئىدى. ئالما نىڭ ئەڭ مۇھىم مەھسۇلاتلىرى بولغان Macbook, Macbook Air، iPhone, iPod, دۇنيادىكى ئەڭ نىپىز كومپۇتېر قاتارلىقلارنى مۇشۇ يىغىلىشتا ئىلان قىلغان. شۇڭا ھەر يىللىق يىغىلىشتىن بۇرۇن ئالما شىركىتى بۇ يىل نىمە مەھسۇلات ئىلان قىلار دەپ ھەۋەسكارلار ۋە كۈزەتكۈچىلەر چوڭ ئۈمىتلەرنى كۈتىدۇ. بۇ يىللىق يىغىلىشتا بەلكىم ھەجىمى كىچىك، لېكىن سىغىمۇ چوڭ بولغان iPhone Nano, يەنە 17 سۇڭلۇق Makbook Air، سېغىمى 64 Gb لىق iPod, يىڭىچە Apple TV قاتارلىق يىڭىچە مەھسۇلاتلار بۇلۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان ئىدى.

يىغىن قىسقا ئېچىلىش تەبرىك سۈزى سۈزلەنگەندىن كىيىن گرەممى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن سەنئەتكارلارنىڭGrammy Award winning artist نۇمۇر كۈرسىتىشى بىلەن باشلاندى. ئاندىن ئالما كومپۇتېرىدىن Phil Schiller چىقىپ سۈزىنى باشلىدى. بۇ يىلدىكى يىغىلىشتىكى ئالما كومپۇتېرى تەييارلىغان نۇمۇرلار تۈۋەندىكىچە:

1. iTune مۇزىكا ئامبىرى ھازىردىن تارتىپ تېخنىكىسىنى 3G غا كۈتەردى. بۇندىن كىيىن 3G تېخنىكىسى ئامبارنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرىدۇ. ئەمدى بۇ تېخنىكىنى iPhone غا ئىشلىتىشكە كىرىشىمىز. بۇندىن كىيىن ئىشلەتكۈچىلەر ئامباردىكى 8 مىليۇندىن ئارتۇق ناخشا-مۇزىكىلارغا ئەقلى مۈلۈك ھەققى تاپشۇرمايدۇ. ناخشى مۇزىكىلارنىڭ باھاسى 3 كاتىگورىيەگە بۈلىنىدۇ يەنى 69 سىنىت، 99 سىنىت ۋە 1.29 دوللار.
2. 17 سۇڭلۇق نىپىز Makbook يانپيۇتېرى (خاتىرە كومپيۇتېر) مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرغىچە بازارغا سېلىنىدۇ. توردىن سېتىۋالىدىغانلار ھازىردىن تارتىپ سېتىۋېلىشنى باشلىسا بۇلىدۇ، باھاسى 2799$ (پۇلۇم بولسا ئالاي)، سەپلىمىسى inch LED display, 2.66GHz proc, 4GB of RAM, 320GB HDD. ئارسىن، مېركۇرى قاتارلىق مۇھىت بولغىغۇچى ماددىلار ئىشلىتىلمىگەن، ئۇندىن باشقا كەم دىگەندە 5 يىل ئىشلىتىشكە چىدايدۇ( مودىدىن قالمىسا)، شۇڭا بۇ يېشىل كومپيۇتېر ھىساپلىنىدۇ. تولۇق زەرەتلەنگەن باتارىيسي 8 سائەتكە يىتىدۇ ( مىنىڭكى ئاران ئىككى يىرىم سائەتكە يىتەتتى). ئۈتكەنكى 8 ئايدا Macbook سېتلىش مىقدارى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان يانپيۇتېر بولدى.
3. 3. iWork تور بېتى ئېچىۋىتىلدى. بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئوخشاش ھۈججەتنى ئورتاق ئىشلىشىگە ماس كىلىدۇ. iLife, iWork ۋە ئالما سىستىمىسسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ساتىمىز، باھاسى ئەرزان، ئاران 169 دوللار.
تۈگەپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ يىل يىڭى مەھسۇلات يوقكەن. ھەر يىلى يىڭى نەرسە سوغا قىلىپ ھەۋەسكارلارنى كۈندۈرۈپ قويغانغا تويە. نۇتۇق تۈگىگەندىن كىيىن غۇدۇراشلار…، ئارقىدىنلا پاي باھاسى چۈشۈپ كىتىپتۇ.
ئەمدى كەينىدىكى تىمىدىن مىنىڭ تارتقان رەسىملىرىمنى كۆرۈڭ.

بىر ئىنكاس بار »

  • ياسىنجان :

    ھە ھەر ھالدا ياخشكەن بولۇپمۇ 17 سۇڭلۇق يانپىيوتىرنى كۆرۈپ كۆزۈم پىيالىدەك بولۇپ كەتتى
    تەكلىپىم؛بىلوگىڭىزنى ھەممىز ياقتۇرىمىز ۋاقتى ۋاقتىدا يېڭى تېمىلار يوللانسىكەن ،كونا تېمىلارنى كۆرىۋېرىپ يادقا بولۇپ كەتتى ،بۇنداق كونا پېتى تۇرىۋەرسە داتلىشىپ قالارمىكن .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..