باشبەت » ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر

بىز توردا نىمە قىلالايمىز

13 مارت 2007 541 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس

يىقىندىن بۇيان ماڭا بەزى ئىلخەتلەر كىلىپ ئۈزلىرىنىڭ توردا ئادەتتىكى بولىسىمۇ بىر ئىش قىلىش خيالى بارلىغىنى، لېكىن  نىمە قىلىشنى،  ئۇخمىغانلىغىنى يول كۈرسىتىشىمنى سوراپتۇ. يەنە ئويلاپ باقىسام مۇشۇ توغرىسىدا سىستمىلىق بىرەر قېتىم مۇلاھىزە ئېلىپ بارماپتۇق. بۈگۈن ئىككى ئۈچ كۈنلۈك بىكار بۇلۇپ قالدىم. بىر نەرسە يازمىغىلىمۇ ئۇزۇن بۇلۇپ قاپتۇ. شۇڭا  بۇ توغرىلىق بىر يېزىپ باققۇم كەلدى. بەلكىم پاراڭلار ئىنتېرنت-كومپۇتېردىن باشقا تىمىلارغىمۇ ئانچە مۇنچە يۈتكىلىشى مۇمكىن

ئۇيغۇرلاردىكى تور بەت تەرەققىياتى ناھايتى ئاستا بۇلدى ھەم كۈپ خىللىشالمىدى. ھازىرمۇ تېخى تور بەت دىسە كۈپىنچەيلەننىڭ كۈز ئالدىغا دەر ھال كىلىدىغىنى ناخشا مۇزىكا ۋە مۇنبەر. ئۇنىڭدىن نېرىسغا تېخى ئۈتۈپ  بۇلالمىدۇق. ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ قىززىق تور بەتلىرى دەپ دىيارىم، سەلكىنلەرنى ئاچساقمۇ مۇنبەردىن باشقا يەرلىرى ناھايتى ئاز يىڭىلىنىدۇ. بىزگە بىرەر نەرسە لازىم بۇلسا ئىزدەپ تاپقىلى بۇلمايدۇ. ئۈتكەن ئايدا بىرسى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىكى 11 ماددىلىق بىتىمنىڭ مەزمۇنىنى توردىن تاپالىسىڭىز تېپىپ بەرسىڭىز، بىر ماقالە يېزىۋاتاتتىم دىگەنتى، پۈتۈن ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئاختۇرۇپ تاپالمىدىم. تورلاردا بەزىدە ”ئۇيغۇر تور بەتچىلىگىنىڭ تەرەققىياتى“ “ ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېت زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدى“ دىگەن مۇلاھىزىلەرنى ئانچە-مۇنچە كۈرۈپ قالىمەن. مىنىڭ كۈزىتىشىمچە تېخى ئىنتېرنىتتا ئۇيغۇرتور بەتچىلىگى دەپ دەپ ئىسىم قويغۇدەك كۈلەم ۋە مەزمۇن شەكىللەنمىدى. سان ۋە سۈپەت، مەزمۇن جەھەتتىن سېلىشتۇرساقمۇ خەنزۇلارنىڭ 98-يىلىدىكى تور بەت تەرەققياتى بىزدە تېخى يوق.ئەمدىلەتىن تېخى ئەمدى شۇ يۈنۈلۇشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.  دىمەك بىز تېخى قىلىشقا تىگىشللىك ئىشلار جىق. ھۈكۈمەت ئۇچۇرلاشتۇرىمىز دەپ پۇل خەجلەۋاتقىلى خېلى بۇلدى، لېكىن شۇ پۇلنى ئالغانلارنىڭ نىمىلەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۋاتقانلىغىنى بىلگىلى بۇلمايدۇ. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى تور بېتىنىڭ خالىغان فاكۇلتىتىغا كىرىپ لازىم بۇلغان ئۇچۇرنىمۇ تېخى تاپقىلى بۇلىدىغان بۇلمىدى. ئەلۋەتتە بۇلار ھۈكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قىلغىلى بۇلىدىغان ئىشلار. بۇ يەردە بۇنى مۇھاكىمە قىلمايمىز. ئادەتتىكى تورداشلار توردا نىمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەك، ياكى قىلالايمىز دىگەن مەسىلىلەرنى ئۇيلاپ كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

1. ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن توردىن پايدىلىشنى ئۈگىنىشى كىرەك. توردىن پايدىلىنىش دىگەنلىك لازىم بۇلغان ئاممىۋى ئۇچۇرنى قەيەردىن قانداق ئىزدەپ تېپىشنى كۈرسىتىدۇ. بولۇپمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك. ماڭا پات پات ئىلخەتلەر كىلىپ قالىدۇ، مەسىلەن: مەن ئامرىكىنىڭ پالانچى شەھىرىگە بارماقچىدىم، ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى قانداق، ئايلىق قانچىلىك خىراجەت كىتىدۇ؟ مەن ماۋۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلاي دىگەن، ئۇ مەكتەپنىڭ مۇنداق كەسپى بارمىدۇ؟ پالانچى مەكتەپكە قانداق ئىلتىماس قىلىمەن، مەن توفىل ئىمتاھانى بەرمەكچىدىم، بۇنىڭغا قانداق تىزىملىتىمەن، مەن مۇھىت توغرىسىدا بىر ئلمى ماقالە يېزىۋاتقان، شۇ توغرىلىق ماقالە لازىم بۇلۇپ قالدى، ياردەم قىلسىڭىز..،دىگەندەك.  ئىشقىلىپ بىرەر يىلنىڭ ياقى مۇنداق ئۇچۇرلار كۈپ كەلدى. ئۇلارغا مۇۋاپىق جاۋاپ بىرىپ كەلدىم. لېكىن مەن ئەمەلىيەتتە شۇ سۇئاللارنىڭ كۈپىنچىسى ماڭا مۇناسىۋەتسىز ئىشلار. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەنمۇ ئۇخمايمەن. توردىن ئاختۇرۇپ ئىزدەپ جاۋاپ قايتۇرۇپ قويىمەن. ياكى ئۇلىنىشنى ئەۋەتىپ بىرىمەن. ئەسلى شۇ سۇئاللارنى ئۈزىلا توردىن ئىزدەپ تاپالايتتى. ھىچقايسىسغا ياردەم سوراپ خەت يېزىش كەتمەيتتى.ماڭا كەلگەن سۇئاللارنىڭ ھەممىسىنى توردىن ئىزدەپ تاپقىلى بۇلىدۇ. ماڭا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، توردىن ئىزدەپ تاپقىلى بۇلمايدىغان سۇئاللار تېخى كىلىپ باقمىدى. بىلىشىمچە ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە بۇنداق سۇئاللار ناھايتى كۈپ كىلىدۇ. ئۇ ئاكىمىز ھەممىسىگە ئىرىنمەي بىردىن بىر جاۋاپ بىرىدۇ. ئەسلى شۇ سۇئاللارنى ئۈزى توردىن ئىزدەپ تاپالىسا ، تاپالمىغان نەرسىلىرىنى ياكى مەسلەھەت خاراكتىرلىق سۇئاللارنى سۇرىغان بۇلسا بۇلاتتى. مەسىلەن“ پالانچى شەھەرگە ئوقۇشقا بارماقچىدىم، ئۇ يەردېە ئۇيغۇرلار بارمىدۇ؟“ ، “ سىلەرنىڭ فاكولتىتتا  مۇنداق پىروفىسسور باركەن، ئۇنىڭ ھازىر تەتقىقات خىراجىتى بارمۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن بالىلىرى خىزمەت تېپىۋاتامدۇ“ دىگەندەك. مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغاندا شۇنداق ئۇچۇرلارمۇ بەك مۇھىم.  توفىل ئىمتاھانىغا قانداق تىزىملىتىشنى توفېل بىكىتىنىڭ تور بېتىگە چىقسىڭىزلا تاپىسىز، لازىم بۇلغان ماقالىنى مەكتەپنىڭ تور بېتىدىن ۋەنفاڭ تورىغا كىرسىڭىز، چەتئەلدە بۇلسا مەكتىۋىڭىز تەمىنلگەن سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىدىن ئىزدىسڭىز تاپالايسىز، شۇنچىلىك ئۇچۇرلارنى تاپالماي يۈرگەن ئادەمنىڭ ئامرىكىنى تېپىپ كىلەلىشىدىن، بۇ يەردە ئۇقۇيالىشىدىنمۇ گۇمانلىنىمەن. قىسقىسى ئۇيغۇرلار لازىم بۇلغان ئۇچۇرلارنى قەيەردىن ئىزدەپ تېپىشنى ئۈگىنىش كىرەك. بولۇپمۇ FTP دىن قانداق ئۇچۇر ئىزدەشنى ئۈگىنىش كىرەك. ئۇ يەرلەردىن سىستىمىلىق نەرسىلەرنى تاپالايدۇ. بۇرۇن شۇ يەردىن چۈشۇرۋالغان چەتكە چىقىش توغرىلىق بەك جىق ماتىرىياللىرىم بار ئىدى. يۈتۈرۈپ قويدۇم. 
بۇ يەردە بىر ئىش يادىمغا كىلىپ قالدى. مەن تۇرۋاتقان شەھەردە يەنە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ 6 ياشلىق بىر ئۇماق قىزى بار. قۇربان ھىيتقا ئاز قالغاندا ”ھىيتتا سىزگە بىرەر سوۋغا ئېلىپ بىرەي، سىز نىمىنى ياخشى كۈرىسىز “ دىسەم، ئالىمەن دەپ كۈڭلىگە پۈكۈپ قويغان قونچاقلىرى باركەن، ئىسمىنى دەپ بەردى، مەن ئۇخمىغاچقا ”قانداق نەرسە ئۇ، تەپسىلى دەپ بىرىڭ، خاتا ئېلىپ قالىمەن“ دىسەم دەرھال كومپىۇتېرنى ئېچىپ گوگىلغا كىرىپ ئېچىپ شۇ نەرسنيڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ بىر مۇنچە رەسىمىمن تاپتى ۋە ماڭا كۈرسىتىپ تۇرۇپ ”ئۇ بۇلمىسا بۇ بۇلسىمۇ بۇلىدۇ“  دەپ بىر قەغەزگە 5-6 تىزىملىكنى يېزىپ بەردى. يەنە ئۇنى گەپكە سالغۇم كىلىپ “ بۇ نەرسىنى بىز تۇرۋاتقان شەھەردە ساتماسلىقى مۇمكىن، قەيەردە ساتىدۇ دەپ بىرىڭ“ دىسەم  يەنە توردىن ئىزدەپ مۇشۇ شەھەردىكى ئىككى-ئۈچ دۇكاننى دەپ بەردى، تېخى ئۇلارنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنىمۇ ئىزدەپ تېپىپ يېزىپ بەردى. شۇنى ئۈز كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ تۇرغاچقا ئامرىكنىڭ ئادەم تەربىيلەش مىخانىزىمىغا قول قويماي تۇرالمىدىم.

2. ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىر ئادەمنىڭ ياكى بىرەر شىركەتنىڭ ياكى يالغۇز ھۈكۈمەتنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەنلا قىلغىلى بۇلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا تورغا چىقىۋاتقان تورداشلار قاتنىشىى كىرەك. شۇندىلا ھەر خىل مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار توپلىنىدۇ. تور دىگەنلىك ئورتاق پايدىلنىش دىگەنلىكتۇر. ئورتاق پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كىرەك. بۇنىڭغا سىز چوقۇم تور بەت قۇرۇشىڭىز كىرەك ئەمەس، ياكى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ماقالىنى يېزىشڭىز كىرەك ئەمەس. پەقەت ئاددى بۇلسىمۇ ئۈزىڭىز بىلگەن باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارنى يېزىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ. مەسىلەن پالانچى دوختۇرخانىغا بارسىڭىز مانچە پۇل ئالدى، ماۋۇ دوختۇر ياخشى داۋالىدى، ماۋۇ دوختۇر ياخشى داۋالىمىدى، ماۋۇ يەردە مۇنداق نەرسە ئەرزانكەن، ماۋۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى ناچاركەن، ماۋۇ ئوقۇتقۇچى دەرىسنى ياخشى ئۈتىدۇ، ماۋۇ ياخشى ئۈتمەيدۇ دىگەنگە ئوخشاش ئادەتتە ئۈز ئارا دىيىشىدىغان نەرسىلەرنى يېزىپ قويسىڭىزمۇ باشقىلار پايدىلىنىدۇ.خىزمەتتە يازغان ھەرخىل دوكلاتلار، ئۈگىنىش، تەسراتلارنى چىقىرىپ قويساڭلار ياخشى. بارا  بارا شۇنداق ئۇچۇرلار توپلىنىدۇ. يەنە ھەممەيلەن ئۈزىدە بار ئىلىكتېرونلۇق نەرسىلەر بۇلسا مۇۋاپىق يەرگە چىقىرىپ قويىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرسە، باشقىلارمۇ ئۇنى ئىشلىتىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرسە ناھايتى ياخشى. مەن ئامرىكىغا كەلگەندە يېنىمدا خېلى جىق ماتىرىياللار بار ئىدى، 30-40 گىگالىق ناخشا-مۇزىكىلارمۇ بار ئىدى. FTP قىلىپ ئامرىكىدا خالىغانلار چۈشۈرۋىلىڭلار دەپ ئىلان بىرىپ قويساممۇ بىر ئايغىچە كىرىپ ئىشلەتكەن ئادەم 10 غا بارمىدى.شۇنىڭ بىلەن توختىۋەتتىم. ئىچكىردە ئۇقۇۋاتقانلار بىلىدۇ. مەكتەپ تورى، ياتاق بىنا تورلىرى دەپ قىلىۋالغان. بالىلارنىڭ كومپيۇتىرى ئىچىدىكى كۆپىنچە نەرسىلەر شۇ يەردىن چۈشۈرۋالغان نەرسىلەر. شىندادىكى ۋاختىمدا شەخسى ئاز بىر قىسىم ماتىرىاللىرىمدىن باشقا ھەممە نەرسىلىرىم FTP قىلىپ چىقىرىپ قويۈغلىق ئىدى. ھىچ يەرگە ئىلان بەرمىسەممۇ بىركىملەر FTP رىمنى توردىن ئىزدەپ تېپىپ نەرسىلىرىمنى چۈشۈرەتتى. تېخى بەزىدە جىق كىرىپ كىتىپ پالەچ بۇلۇپ قالاتتى.ئامرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تېخى ھازىرغىچە بىرەرسنىڭ ئۈزىدە بار ياخشى ماتىرىياللارنى تورغا قۇيۇپ پايدىلىنىڭلار دەپ چىقىرىپ قويغىنىنى كۈرمىدىم.  قارىغاندا بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تېخى ئورتاق ئىشلىتىش ئۇقۇمى شەكىللەنمەپتۇ. ئانچە مۇنچە سۇئاللارنى سورىغانلارنى كۈرۈپ قالىمەن، ئەسلىدە شۇ سۇئاللارغا ئامرىكىدا ياشاۋاتقان ھەممە ئۇيغۇر بىر قىتىمدىن ئۇچرىغان ئىشلار ئىدى. بۇرۇن قىلغانلار ئاددىلا بىر نىمە يېزىپ ”ماۋۇ ئىشنى مۇنداق ھەل قىلدىم“ دەپ يېزىپ قويغان بۇلسا كىيىنكىلەرگە كۈپ پايدىسى بۇلاتتى. قىسقىسى ھەممەيلەن ئازدۈر كۈپتۇر ئۈزىمىزدە بار نەرسىلەرنى تورغا چىقرىىپ تورساق ئۇچۇرلاشتۇرۇش دىگەن مۇشۇ. شىركەتلەرمۇ، چوڭ كىچىك دۇكانلارمۇ ئاددىلا بىر بەت قىلىپ ياكى باشقا سودا تور بىكەتلىرىگە ئۈز ئۇچۇرلىرىنى بىرىپ قويسا ئۈزىنىڭ سودىسىغا پايدىلىق. مەن تۇرۋاتقان شەھەردە ساتىراچتىن تارتىپ كىچىك بىر ئېغىزلىق دوكانغىچە ئاددىلا تور قىلىپ چىقىرىپ قويىدۇ، ساتىراشقا بارماقچى بۇلساممۇ توردىن ئىزدەپ تېپىپ قاچان ئىشلەيدۇ شۇنى كۈرۈپ، تېلفۇن ئۇرۇپ قاچان بىكار شۇنى سۇراپ دەل ۋاختىدا بارىمەن. ھۈكەمەت ئورگانلىرىدىن تارتىپ كىچىك يەككە تىجارەتچىگىچە شۇنداقكەن. شۇڭا تا ھازىرغىچە بىر يەرگە بىر ئىش قىلغىلى بېرىپ ئۇلار ئىشتىن چۈشۈپ كىتىدىغان، ياكى ساقلاپ قالىدىغان ئىش بۇلۇپ باقمىدى.

3. مۇنبەر خاراكتىرىدىكى تورلار ھۈكۈمەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى بەرگەن ئۇچۇر، خەۋەرنى بەرسە تامامەن بۇلىدۇ. مەسىلەن، شىنخۇا تورى، شىنلاڭ تورىدا بىرىلگەنلىكى ھەر قانداق خەۋەرنى، شىنجاڭ گىزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتلىرىدە بىرىلگەن ھەر قانداق خەۋەرنى مەنبەنى يېزىپ ئۇلار بەرسە بۇلىۋىرىدۇ. ئۇنىڭدىن قۇرقۇپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

4. ئەمدىكى مەسىلە. كۈپلىگەن مۇنبەرلەردە نىمە قىلىۋاتىمىز. نىمە قىلىشىمىز كىرەك دىگەن مەسىلە. مىنىڭ كۈزىتىشىمچە نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئوخشاشلا  تۇرمۇشتىكى ئەمەلى مەسىلىلەر بۇلسا بەك قىززىقىدۇ ھەم قاتنىشىدۇ. مەسىلەن ”پالۋان غەۋغاسى“ بۇلغاندا ئىزدىنىشنىڭ كۈرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. شۇنداقلا ئەنە شۇنداق ئەمەلى مەسىلىلەر قىلايلى دىسەك ناھايتى كۈپ. مۇنبەرلەر ئەمەلى مەسىلىلەر توغرىلىق كۈپراق مۇلاھىزە قىلىشقا مېڭىشى كىرەك. شۇنداق دىسىلا ھۈكۈمەت، سىياسى، بۇنداق ئىشلار خەتەرلىك دەپلا چۈشىدۇ. سىياسىدىن باشقىمۇ جىق ئىشلار بار ياكى قىلساق قانۇنلۇق قىلغىلى بۇلىدۇ. بۇنداق دىگەنلىك سىياسەتكە قارشى چىق، ھۈكۈمەتنىڭ ئۇنداق قىلماسلىققا زورلا دىگەن گەپ ئەمەس. چوڭ ئىشلار،چوڭ ۋەقەلەر توغرىلىق ھۈكۈمەتمۇ ئاممىنىڭ رايىنى بىلىشكە قىززىقىدۇ. ھەم خەنزۇ تور بەتلىرىگە كىرسەك شۇنداق نەرسىلەر ئەڭ جىق. بىزنىڭ تور بەتلەرگە كىرسەك قولغا چىققۇدەك تىمىدىن بىرسى يوق. مۇنبەر دىسىلا ئەدبىياتچى، شائىرلار كۈز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. چوڭ ۋەقە، چوڭ ئىشلار توغرىسىدا بىزمۇ تەڭ مۇلاھىزە قىلىپ تۇرىشىمىز، زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشىمىز كىرەك. مەسىلەن: بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا ۋەكىللىرىمىز قانداق تەلەپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى، كىملەر شىنجاڭدىن ۋەكىل بۇلۇپ باردى. شىنجاڭنىڭ كىينكى بەش يىللىق پىلانىدا نىمىلەر بار، شىنجاڭنىڭ ئۈتكەن يىللىق تەرەققىيات كۈرسەتكۈچى قانچە، جۇڭگۇدا قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھۈكۈمەت بۇ يىل نىمىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكچى؛يىقىنقى مائارىپ ئىسلاھاتىدا نىمىلەر بار،ھاللىق جەميەتكە بىز قانداق قىلىپ بارماقچى، ھۈكۈمەتنىڭ پىلانى قانداق بۇلۇۋاتىدۇ،  بۇيىل شىنجاڭدا ياكى ئۈرۈمچىدە قايسى سودا ئەڭ ئېقىۋاتىدۇ، بۇ يىل قايسى كەسىپلەر ئەڭ بازارلىق بۇلۇۋاتىدۇ، ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىدىغانلار قايسى كەسىپنى تاللىسا مۇۋاپىق، يىقىنقى مائارىپ ئىسلاھاتىدا نىمىلەر بار،داۋالاش ئىسلاھاتىدا نىمىلەر بار، ئۈتكەندە ئۈرۈمچىدە چوڭ پار توختاپ جىق ئادەم سۇغۇقتا قالدى،نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ، ….دىگەنگە ئوخشاش كۈرمىڭلىغان بىز بىلەن ئەڭ مۇناسىۋەتلىك تىمىلارغا بىز ئەزەلدىن قىززىقمايمىز. مۇنبەرلىرىمىزنى تۈكى يوق تىمىلار قاپلاپ كەتكەن.  ئەسلى شۇ تىمىلار مۇنبەردە ئەڭ كۈپ بۇلۇشى كىرەك ئىدى. ياكى قولىمىزدىن كىلىدىغانلار شۇنداق يولغا يىتەكلىشى كىرەك ئىدى.

5. يۇقارقىلارنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى بىزدە تېخى مۇتلەق كۈپ ساندىكى ھۈكۈمەت خىزمەتچىلىرى، زىيالىلار تورغا كىرمەيدۇ، نۇرغۇنلارنىڭ ”مەن تورغا كىرمەيمەن“ دەپ ماختانغىنىنى كۈردۈم ياكى ئاڭلىدىم. ئەسلىدە تور ئىشلىتىشنى ئۇخمايمەن دىسە توغرا بۇلاتتى. ھازىرقى دۇنيادىكى ساۋاتسىزلىقنى ئۈلچەشنىڭ يىڭى بىر ئۈلچىمى بۇلۇپ قالغان نەرسىنى “ ئۇقمايمەن“  ياكى ”قىلمايمەن “ دەپ ماختانغان ئاخماقلارنى شىنجاڭدا كۈردۈم. ئەسلى شۇنداقلا كىرسە، بىلمىسە ئۈگەنسە ئاندىن ھەممەيلەنگە پايدىسى بار ئىدى. 98-يىلى كومپۇتېر ئومۇملىشىشقا باشلىغاندا بەزى چوڭلارنىڭ ياكى ھۈكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كومپۇتېر ئىشلىتىشنى ئۇخماي باشقىلاردىن ماۋۇنى قانداق ئاچىمەن دەپ سوراپ يۈرگىنىنى كۈرەتتىم، شۇلارنىڭ 2005-يىلىمۇ شۇنىڭغا ئۇخشاش سۇئالنى ياكى ئاددى مەشغۇلاتلارنى يەنە باشقىلاردىن سوراپ يۈرگىنىنى كۈردۈم. ئۇلار كۈپىنچىسى ئاددى بۇلسىمۇ بۈلۈم باشلىقلىرى ياقى ئۇنىڭدىن چوڭ ئەمەلدارلار ئىدى، ئۇلار ياكى بىر ئىككى يىل ئىچىدە پىنسىيگە چىقىپ كىتىدىغان كادىرلار ئەمەس ئىدى. كومىيۇتېر، ئىنتېرنېت دىگەن تەس نەرسە بۇلمىغاندىكىن  ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۈگىنىپ قويسا نىمە زىيىنى بار. 8 يىلدىمۇ ئۈزىگە كۈندە لازىم بۇلىدىغان نەرسىنىڭ ئاددى مەشغۇلاتىنى ئۈگەنمەي ، تورغا كىرىپ بىر پارچە ھۈججەتنى يۈكلەپ يۇقىرىغا ئىلخەت سالالمىغان باشلىق تېخى سورۇندا ”مەن تورغا چىقمايمەن“ دەپ كىرىلىپ ماختانسا بىز يەنە قانداق تەرەققى قىلماقچى. بۇ يىللىق ئىككى يىغىنغا ۋەكىل بۇلغانلارغا قاراڭلار، ئىچكىردىكى نۇرغۇنلىغان ۋەكىللەرنىڭ ئۈزىنىڭ بىلوگى بار، شۇلار بىلوگى ئارقىلىق بىۋاستە ئۈزى ۋەكىل بۇلغان خەلىق بىلەن پىكىرلىشەتتى.  دۈلىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىلوگى بار، ئۇلارمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شىنجاڭدىكى قايسى ۋەكىلىمىزنىڭ بلوگى بار. مىنىڭچە كۈپىنچىسى ئىلخەتتە ھۈججەت ئەۋەتەلمەسلىگى مۇمكىن.  ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى تېخى شىنجاڭغىمۇ يەتمىگەن ئىران زوڭتۇڭى ئەھمەد نىجاتنىڭ 4 خىل تىلدا چىقىدىغان بىلوگى بار، خوشىمىز كەلسە  كىرىپ كۈرۈپ قويىمىز. ئىسىمدە قېلىشىچە، ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا 98-يىلىلا بىزنىڭ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى مەكتەپ BBS قا كىرەتتى. كىيىن بىلىشىمىزچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىككىدىن ئىسمى باركەن، بىرسى ئۈز ئىسمى، بىرسى باشقا بىز ئۇخمايدىغان ئىسىم.شۇلارنىڭ بىرسى ئاشكارا بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن ئاختۇرۇپ قارىساق بۇرۇن بىز قاتناشقان جىق تىمىلارغا قاتنىشىپتۇ. ئىچ ئىچىمىزدىن ئامراق بۇلۇپ كەتكەن ئىدۇق. ھازىر قارىسام قايسى بىر مىنىستىرلىككە مۇئاۋىن مىنىستىر بۇلۇپتۇ. 2004-يىلى يازدا ئۈرۈمچىدە  70 ياشتىن ئاشقان جۇڭگۇدىكى ئەڭ داڭلىق ئاكادىمىكلاردىن 4-5ئى  بىلەن بىر نەچچە كۈن بىللە بولدۇم. ئۇلار ھەر يىلى ھۈكەمەتنىڭ نەچچە مىليارد پەن تېخنىكا ياكى دۈلەت مۇداپىئە مەبلىغىنى ئۇ ياق بۇياقلىق قىلىدىغان، دۈلەت رەئىسىگە بىۋاستە  مەسلەھەت. پىلان بىرىدىغان مىنىڭ كەسپىمدىكى جۇڭگۇدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق  ئادەملەر ئىدى. ئۇلار ھۈكۈمەت تەرەپ ئوقۇپ قالسا ئاۋارە بۇلىدۇ دەپ ئۇلارغا خەۋەر قىلمىغاچقا 3-4 كۈن خېلى كەڭ تاشا ئۇلارغا ھەمرا بۇلغاچ كۈپ پىكىرلەشتىم. بىر ئاددى ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق بىرسىگە مائارىپ مىنىستىرى جوۋجىدىن تېلفۇن كىلىپ ئۇنىڭدىن مەسلەھەت سورىدى. دىمەكچى بولغىنىم ئەنە شۇنداق يېشى 70 تىن ئاشقان قېرىلارمۇ، قاچان نىمىگە، كىمگە ھاجىتى چۈشسە دەرھال ئادەم تېپىپ قىلدۇرالايدىغان چوڭ ئادەملەرمۇ تورغا چىقىدىكەن، كومپۇتېردىن پايدىلىنالايدىكەن. شۇ ئاكادىمىك بىلەن چىڭخۇا تورىنىڭ BBS توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ تور ئىسمىنى شۇ يەردە كۈرگەنكەنمەن. يەنە بىرسى ئەتىسى بىزنىڭ ئۇنۋېرسىتىتتا  چوڭ تىپتىكى دوكلات بەرمەكچىدى، كەچتە شۇنى تەييارلمىسام بۇلمايدۇ دەپ بالدۇرراق كىرىپ كەتتى. ئەتىسى تەييارلىغان PPT ئارقىلىپ دوكلات بەردى. ئۇ تەييارلىغان ئەسلى ماتىرىياللار بار دىگەندىمۇ ئۇلارنى PPT قىلىپ ئۇ تەييارلىغان سەۋىيەدە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ناھايتى پىششىق بۇلۇش كىرەك. تېخنىكىلىق جەھەتتىن باھالىغاندىمۇ ئۇ تەييارلىغان PPT نىڭ تېخنىكا سەۋىيسى يۇقىرى ئىدى، خېلى كۈپ ۋاقىت كىتەتتى.  ئۇ شۇنى بىر ئاخشامدا قىلىپ چىقىپتۇ. ئىش ئۈنۈمىمۇ ناھايتى يۇقىرى ئىكەن. شۇ كۈنى كەچتە شۇ توغرىلىق پاراڭلىشىپ ئۈزۈڭ قانداقمۇ قىلىپ بۇلغانسەن دىسەم ، ئۇ ”  كومپۇتېر بىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىدىغان قەلەمگە ئوخشاش قۇرالىمىز. باشقىلارغا بېقىنىپ قالسا نۇرغۇن نەرسىلەر ئۈزەڭ ئويلىغاندەك چىقمايدۇ. كاتىپقا ياكى تېخنىكقا تاپشۇرساڭمۇ ئۇ سىنىڭ نىمە ئويلايدىغىنىڭنى بىلمىگەچكە ماشنا ئادەمدەك قىلىپ قويىدۇ، ئۈزەم بىلگەچكە ھەم تىز قىلىمەن ھەم ئۈزۈم ئويلىغاندەك قىلىمەن “ دەپ جاۋاپ بەردى.

بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلمىسىمۇ مۇرىتى كەلگەندە قىستۇرۇپ قوياي. ئۇلار ئادىمىگەرچىلىك جەھەتتىنمۇ ئادەمنى كىچىك دىمەيدىكەن. مەن كىم، ئۇلار كىم. ئۇلار تۈمۈر يولى تەرەپتىكى بىر كىچىك كوچىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى مىھمانخانىدا ياتقان. بىر كۈنى چۈشتە بارسام “ سەن ئىككى كۈننىڭ ياقى بىز بىلەن بۇلۇپ جىق ئىشلىرىڭنى قىلالمىدىڭ، ھەم ھېرىپ چارچىدىڭ، بۈگۈن سىاڭا رەھمەت ئېيتىىپ بىر مىھمان قىلىۋالاي، ئۈزەڭ ياخشى كۈرىدىغان بىر يەرگە باشلاپ بار “ دەپ مىنى ئاچىقىپ مىھمان قىلدى. )ئەمەلىيەتتە شۇلار بىلەن بىللا بۇلۇپ تارتىنماي پىكىرلىشىش مىنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى، ھەم مىنىڭ قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىممۇ يوق ئىدى(. ھەر كەچلىك تاماقتا بىرەر بۇتۇلكىدىن  پىۋا ئىچتۇق. بۇ قېتىم قايتىپ كىتىپ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئۇ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم كىلىپ ماڭا تېل قىپتۇ. كەچتە  يەنە شۇ مىھمانخانىغا باردىم. بىرەر سائەت پاراڭلاشتۇق، مەن كىتىدىغان چاغدا مەن ماڭاي دىسەم مىنى ئۇزىتىپ چىقتى. پەرىزىمچە ئۇلار تۇرىدىغان مىھمانخانا بىلەن بېيجىڭ يولىغىچە بىر كىلومىتېردەك يول بار. ئۇ يەرگە پىيادە بىرىش كىرەك. ئۇ مىنى سىنى چوڭ يولغىچە ئۇزىتىپ قويىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. مۇشۇ يەردىلا خوش دەي دىسەم ئۇنىمايم ماڭىمۇ چېنىقىش بۇلىدۇ، قېرىپ قالغاندا پايدىلىق دەپ بانا كۈرسىتىپ   شۇ يولنى مەن بىلەن بىللە مېڭىپ چوڭ يولغا ئاچىقىپ خوش دەپ قويۇپ كىرىپ كەتتى. شۇلارغا قاراپ باشلىق بۇلساڭ، ئالىم بۇلساڭ سەندەك بۇلسا دەپ ئىچ ئىچىمدىن قايىل بۇلۇپ كەتتىم. مۇھىم ئىشىم بۇلمىغاچقا، ئۇنداق نۇپۇزلۇق ئادەملەر بىلەن ئاغىنىگە خەت يازغاندەك قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئىلخەت قىلغىلى بۇلمىغاچقا مەنمۇ كىيىن ئۇنچە ئالاقە قىلىپ كەتمىدىم. 8-9 ئايلاردىن كىيىن مەن شەخسى ئىشىم بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ چىڭخۇانىڭ ئالدىدىن ئۈتكەچ ئۇ بۇلسا بىر سالام دەپ قويۇپ ئۈتەي دەپ كىرسەم ئىشخانا بىناسىغا بىر ساقچى تۇسۇۋېلىپ كىرگۇۈزمىدى. ۋە كاتىۋىغا تېل قىلدى، ئۇ ھەم بۈگۈن يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن كاتىۋىغا ئىسمىمنى  دەپ  “ مۇشۇنداق بىرسى كەپتىكەن، سالام دىدى دەپ  يەتكۈزۈپ قويساڭ بۇلىدۇ“ دەپ گەپ قالدۇرۇپ قويۇپ ئەتىسى ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كىتىپ قالدىم. ياتىقىمغا كىلىپ ئىلخىتىمنى ئاچسام ئۇنىڭدىن خەت كەپتۇ،ئالدىنقى كۈنى كەچتە يېزىلغان خەت ئىكەن.   مىنى  شۇ كۈنى ئىشخانىسىغا بېرىشىمنى، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەيدىغانلىغىمىزنى، مىنىڭ بېيجىڭ غاز كاۋىپى بىلەن مىھمان قىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. بىزنىڭ فاكولتىت مۇدىرىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەكمۇ ئىككى پۇتىنى ئۈستەلگە ئېلىپ كىرىلىپ ئولتۇرۇپ، بەزىدە تېخى پۇتىنى ساڭا قارىتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇتەخەسسىلىرىمىز ئەمەس شىندا دەرىجىلىق مۇتەخەسسىلىرىمىزدىنمۇ ماڭا قىلمىسىمۇ ماڭا ئوخشاش باشقىلارغا ئۇنداق قىزغىن مۇئامىلىدە بۇلغانلىغىنى كۈرۈپ باقمىدىم. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قېشىغا بىر ئىش بىلەن كىرىپ ، گىپىمنىڭ بېشىنى چىقىرا چىقىرمايلا سۇغۇق مۇئامىلە قىلىپ چىقىرۋەتكەن. ئۈزلىرىنىڭ مۇشۇنداقلىغىنى بىلىپ بۇلار ئىچكىردە 98-99-يىلىلا بازاردىكى مومىدەك ئومۇملىشىپ كەتكەن BBS نى تا 2005-يلىغىچە شىندادا ئاچمىدى.) ئۇنىڭدىن كىيىن ئاچقان ئاچمىغانلىغىنى ئۇخمىدىم(  تېخى ھەممە ئوقۇتقۇچىنى يېغىپ يىغىن ئېچىپ  ئىش بىجىرىشنى تورلاشتۇرىمىز دەپ جار سالىدۇ. ھۈكۈمەتمۇ ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 20 مىليۇندەك  مەبلەغ سالدى.لېكىن   تورغا كىرسىڭىز سىزگە لازىم بۇلغان ئۇچۇرنى كۈپىنچىسىنى تاپالمايسىز. بېيجىڭدىن مەكتەپنى باھالايمىز دەپ ئۈتكەن يىلى 9-.ئايدا كەلگەچكە، شۇنىڭدىن ئۈتىمىز دەپ مەجبۇرى ھالدا يالغانلاردىن ئانچە مۇنچە تورلاشتۇرغان بۇلدى، كۈرۈكتىن ئۈتۈۋالغاندىن كىيىن ھازىر كىرىپ قارىسىڭىز بىر ئاي بۇرۇن چىقىرىپ قويغان نەرسىسى تېخى شۇ پېتى تۇرغان، نۇرغۇن نەرسىسى يىڭىلانمىغان. ئالى مەكتەپ دىگەن ئەسلى تېخنىكا قوللىنىش دىگەندە ئەڭ ئالدىدا ئۈلگە بۇلۇپ ماڭىدىغان گەپ ئىدى. تاكى ھۈكۈمەت كەينىدىن ئىتتىرىپ  Push دىمىگىچە ئالغان نەرسىلىرى ئىشلىتىمىز دەپ ئىشلەتمەي ئامباردا توپا بېسىپ ياتقان. تاكى 2005-يىلى ئەتىيازغىچە ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپ ئادىرسدىن ئىلخەت بەرمىدى. ئەسلى بۇ دىگەن ئالى مەكتەپنى ئوچۇرلاشتۇرۇش قۇرلۇشىدىكى ئەڭ بىر ئاددى تەلەپ ئىدى.  نۇرغۇنلىغان مەمۇرى خىزمەت قىلىدىغان ئۇ باشلىق، بۇ باشلىقنىڭ ئالدىدا ئەڭ نوچى كومپۇتېر، ۋوردنى ئاران ئىشلىتەلەيدۇ. capslock بېسلىپ قىلىپ بىر نەرسىسگە كىرەلمىگەن بۇلسا ئۇرۇدىغان تېلفۇنى تېخنىك بۈلۈمنىڭ باشلىقى، تېخى “ ئون  مىنىۇتقىچە كىلىپ بول“ دەپ بۇيرۇق سۇقۇشلىرى بار.شىندادا تېخى بۇلار قىسمەن ئەھۋاللار. ئۈرۈمچىنىڭ نۇرغۇن ئىدارە ئورگانلىرىدا ئەھۋال بۇنىڭدىن بەتتەر. كۈپىنچىسىنىڭ سەپلىۋالغىنى داڭلىق لەپتۇپلار. ياكى ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپۇتېرلار. ھەممىسىنى ھۈكۈمەت ئوچۇرلاشتۇرۇش قۇرلۇشى قىلىمىز دەپ نەچچە يۇز مىليۇن پۇل خەجلەپ سەپلىگەن. كومپۇتير ئىشلىتىدىغان ئەڭ ئىھتىياجلىق بۈلۈم، ئورۇنلارغا قارىسىڭىز ئىككى ئۈچ ئادەم بىر كومپۇتىېرنى تالىشىپ ئىشلىتىۋاتقان. نىمە دىگەن زور ئىسراپچىلىق.

ئۈرۈمچىدىكى ئادەتتىكى بىر كادىرمۇ نىسبەتەن سېلىشتۇرساق خوتەن، قەشقەر تەرەپتىكى بىر يېزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا ھەرگىز مۇنداق مۇئامىلە قىلمايدۇ.ئۇ ئاكادىمىكلار ئەنە شۇنداق كىچىك پىئىل، كىبىرى بۇلمىغاچقا بىلىمى تېخىمۇ چوڭقۇر بۇلىدىكەن، تېخىمۇ ئۈسىدىكەن. بەلكىم قانچە تۈەنگە چۈشكەنسىرى ئەمەلدار، كادىرلارنىڭ كىبىرى شۇنچە يۇقىرى بۇلىدىغان ئۇخشايدۇ. بىر چاغدا قەشقەرنىڭ بىر ناھىيسىنىڭ ئەڭ نامرات بىر يېزىسىدىن بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ دادىسى بالىسىنىڭ مەكتەپتە قېلىپ قالغان دىپلومى ئۈچۈن چىقىپتۇ. جۇڭسەنفۇ چاپاننى دەزماللاپ كېيگەن، كاللىسىدا تەلپىكى بار، بىر قارىسڭىزلا دىھقاننىڭ ئۈزى. ئۇ قايسى باشلىقنىڭ ئىشخانىسغا كىرسە ئۇلار چاي قۇيۇپ كۈتۈپ گىپىنى تىڭشاپتۇ، باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇلسا تېلفۇن ئۇرۇپلا سۇراپ بىرىپتۇ، خەنزۇغا مۇناسىۋەتلىك بۇلسا ئالدى بىلەن ئۇ خەنزۇغا تېل ئۇرۇپ نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى دەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئاندىن ئۇنى ئەۋەتىپتۇ. ئىش بىجىرىش بىناسىغا كىرسە ئالدىدا تىزىملايدىغان ئادەم ئۇنى لازىملىق ئادەمنىڭ ئىشخانىسىغا ئاچىقىپ قويۇپتۇ. مائارىپ نازارىتى بىناسىغا كىرسە لازىم بۇلغان ئادەم ئۈزى چۈشۈپ ئۇنىڭ گىپىنى تىڭشاپ ئۇنى باشقا ئىشخانىسىغا باشلاپ ئېلىپ چىقىپتۇ.يەنە قايسىدۇر بىر ئىدارىغا بىر باشلىقنى ئىزدەپ بېرىپتىكەن، چۈشلۈك تاماق ۋاختىدا ئۇ باشلىق ئۇنىىڭ تامىقىنى   ئىدارىنىىڭمۇ بىر يەرنىڭ كوللىكتىپ تاماق يەيدىغان ئاشخاناسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ ھەركۈنى كەچتە ماڭا تېل قىلىپ ئەھۋاللارنى دەپ تۇردى، مەن يول كۈرسىتىپ تۇردۇم. كىتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلاشتىم. ئۇ “ توۋا ھەممە كىبىرلىك، ئادەم ياراتماسلىق بىزنىڭ شۇ تۈۋەندە باركەن، مەن ھۈكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى بىر بۈلۈم باشلىقىنى ئىزدەپ بارساممۇ ماڭا قاپىقىنىمۇ ئاچمايدۇ، سىلىگە كۈرسەتكىلى ئەكەلگەن مۇشۇ خەتنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ بىر ھەپتە ۋاختىم كەتتى، ئۇنىڭدىن چوڭ  باشلىق بىلەن كۈرۈشۇشنى بىز ئويلاپمۇ كۈرۈشەلمەيمىز. مەنمۇ ئەسلى مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئادەم ئىدىم، تەقدىرنىڭ دىشىۋارچىلىقلىرى بىلەن مۇشۇنداق دىھقان بۇلۇپ قالغان، ئادەم دىگەن چوڭ شەھەردە ياشىسا بۇلىدىكەن“ دەپ ئۈزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى.

6. ئۇنداقتا بىز توردا يەنە قىلىشىمىز كىرەك. 
توردا قىلىدىغان ئىشلىرىمىز بەك كۈپ. ناخشا-مۇزىكا كىنو تور بەتلىرىمىز كۈپ بۇلغان بىلەن ھىچقايسىسى تېخى كەسىپلەشمىدى. كىرىپ ناخشا ئاڭلايسىز چىقىپ كىتىسىز. قايسى تور بەتكە كىرىپ ئاڭلىسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ. ئىككىنچى قېتىم سىز ياقتۇرغان ناخشىنى قەيەردىن ئاڭلىغاننى ئۇنتۇپ قالىسىز. بىزدە تېخى كىنو، ناخشى مۇزىكىلارنى مەخسۇس چۈشەندۈرۈدىغان، باھا بىرىدىغان Review  تىپىدىكى  电影评论 قىلىدىغان، ھەر بىر كىنو ، چولپان ئۈچۈن مەخسۇس بەت ئاجرىتىپ ماتىرىيال قىلىدىغان تور بەتلەردىن بىرسىمۇ چىقىپ باقمىدى. ئادەتتە ئەنە شۇنداق تور بەتلەرگە ئادەم جىق كىرىدۇ. مۇنبەرلەرىمىز جىق بۇلغان ھەم كەسىپلەشمىدى. 4-بۈلەكتە دىيىلگەن نەرسىلەر ھەممىسى مۇنبەرلەردە قىلىدىغان ئىشلار. نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغلىرىمىز ئۈتتى. باشقىسىنى قىلالمىساقمۇ ئۈتكەن ئەسىردىن تارتىپ ياشاپ ئۈتكەن ئەدىبلىرىمىز، ئىنقىلاپچىلىرىمىز، ئالىملىرىمىز، پىشۋالىرىمىزنىڭ  تۇغۇلغان كۈنى ياكى ۋاپات بۇلغان كۈنلىرىنى ئەسلەپ بىرەر ھەپتە بۇلسىمۇ مەخسۇس تىما قىلىپ تۇرساق تامامەن بۇلىدىغان ئىشلار.ئەلۋەتتە بۇلار مەلۇم تەشكىللەش بىلەن بۇلۇدىغان ئىشلار. تور بەت قۇرغۇچىلار، باشقۇرغۇچىلار ئەزالارغا، تۇنۇش بىلىشلەرگە ھاۋالە قىلىپ ئىشنى ئۈلەشتۈرۈپ بەرسە ھەممىنى قىلغىلى بۇلمىسىمۇ بىر قىسمىنى قىلغىلى بۇلىدۇ.  ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن تېخى تور بەتلەر يوق. مەخسۇس ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تور بەتلەر يوق. شۇنداق قىلسىمۇ ئۇنىڭغا ماتىرىيال يازىدىغان ئادەم يوق. ئىشقىلىپ قىلاي دىسە ئىش جىق. ھەممە نەرسىنى پۇلغا تاقاپ، باشقىلاردا پۇل بۇلغاچقا قىلدى، بىزدە پۇل بۇلمىغاچقا قىلالمىدۇق دەپ ئۈزىمىزگە بانا تېپىپ مۇشۇ يەرگىچە كەلدۇق. پۇلى يوق بىزدىن ياخشى قىلىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدۇق. 
7.  مىنىڭچە ئۇيغۇر تور بازىرى تېخى ئچىلمىغان بازار، گەرچە بەك كۈپ پۇل تاپقىلى بۇلمىسىمۇ لېكىن ياخشى قىلسا تاپقىلى بۇلمايدۇ ئەمەس تامامەن تاپقىلى بۇلىدۇ. بەك چونە نەرسىگە ئېسلىۋېلىپ شىنلاڭ دەك بەت ياساي دىمەي مەلۇم بىر نەرسىنى تۇتۇپ شۇنى كەسىپلەشتۈرۈپ ياخشى قىلسا باشقىلار پۇل خەجلەشنى خالايدۇ. ئىچكىردە، چەتئەلدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر بار، ۋەتەندىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ، لېكىن ئۇنداق نەرسىلەرنى ساتىدىغان بىرەر تور بەت تېخى چقىپ باقمىدى. چىققانلىرىمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالدى. سىزگە بىرەر نەرسە لازىم بۇلغاندا پۇلنىڭ كۈزىگىمۇ بەك قاراپ كەتمەيسىز. 
8. تو رئارقىلىق جىق پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇشقا، تەشۋىقات قىلىشقا بۇلىدۇ. كۈپ ئادەمنىڭ بىلىشى كۈپ. ئىچكىردە توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ ئىزدىگەن ئادەمنى تاپتى ۋە تىگىشلىك قانۇنىڭ جازاسىغا تاپشۇردى. بىزمۇ ئۈتكەندە  پالۋان ۋەقەسى بۇلغاندا ناھايتى ياخشى ئويۇشۇپ تەشكىللىنىپ ئاخىرى ئەركىن بىلەن پىكىر بىردەكلىگى ھاسىل قىلدۇق. تىل يېزىق كومىتىتىغا ئۇيغۇر نامىنىڭ لاتىنچە يېزىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىنامە يېزىلىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى ۋە شۇ توغرىلىق مەخسۇس ھۈججەت تارقىتىلدى. ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى ئۇچۇر ساھەسىدە قۇللىنىش ۋە قوش تىللىق مائارىپتا ئۇيغۇر تىلىغا سەل قارىماسلىق توغرىسدا ئىمزا توپلىنىپ ئارزۇ-تىلەكلىرىمىزنى ھۈكۈمەتكە بىلدۇردۇق. ئىككى يىغىن داۋامىدا تورداشلاردىن بىرىلگەن پىكىر تەلەپلەر 100مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. قانۇنلۇق، يوللۇق تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ توغرا يول بىلەن ھۈكۈمەتكە سۇنۇلۇشى بىر مەسىلە. ھىچ بۇلمىسا ھۈكۈمەت ياكى باشقىلار خەقنىڭ قانداق قارايدىغانلىغىنى بىلدى. توغرا دەپ قارىسا ياكى شارائىتى يار بەرسە قىلىدۇ. ئەركىننىڭ شارائىتى يار بىرىپتىكەن قىلدى، تىل يېزىق كومىتىتى قىلدى. قىلمسىمۇ تەكلىپ يوللىغۇچىلار ئۈزىنىڭ ئارزۇ تىلەكلىرىنى  مەسىلە ئىگىسىگە بىلدۇرۋالدى. بۇنىڭ ئۈزىمۇ چوڭ ئىش.

9. ئەمدى يەنە تەپسىلىرەك سۈزلىسەم، يەنە ئەمەلى ئىش قىلغۇسى بارلار بۇلسا تۈۋەندىكىلەرنى ئويلىىشپ باقسا بۇلىدۇ. بەزىلىرىنى ئۈزەمنىڭ قىلغۇم بار، لېكىن ۋاقىت يوق، يول كۈرسەتسەم ئەمەلى ئىشنى سوزماي قىلىشىپ  بىرىدىغان ھەمكارلاشقۇچىمۇ يوق. شۇڭا قىلالايدىغانلار ئويلىشىپ كۈرۈپ بېقىڭلار. ياكى مەندە چاتاق يوق، بىللە قىلايلى دىگۇچىلەر بۇلسا، ئارىسىدىكى بىرەر ئىككى تۈرگە مەلۇم مەبلەغ سېلىشنىمۇ خالايمەن. 
(1 ئىككى ئۈچەيلەن بىرلىشىپ توردا چىقىۋاتقان ياخشى مەزمۇنلارنى يىغىپ PDF شەكلىدا ژورنال قىلىپ تارقىتىشنى ئويلىشىپ باقساڭلار بۇلىدۇ. ئۈزى يازمىغاندىكىن جىق ئىش كەتمەيدۇ. ياخشى نەرسىلەرنى قەرەللىك توپلاپ قەرەللىك ھالدا تارقاتساڭلار بۇلىدۇ. ژورنال قىلغاندىمۇ ئۇنى شۇنداقلا قويۇپ قويماي ، ئۇنى چىرايلىق ژورنالدەك مۇقاۋىسى، مۇندەرجىسى بار قىلىپ، ياخشى رەسىملەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ژورنالغا ئوخشاش قىلىپ ئىشلىسەڭلار مىنىڭچە چوقۇم قارشى ئېلىنشىقا ئىرىشىدۇ. شۇ بانىدا ژورنال تەھرىرلەش سەۋىيەڭلارمۇ ئۈسۈپ قالىدۇ. بۇنى بۇلۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار قىلسا مۇۋاپىق. كۈرگەندىن كىيىن بېسىش بۇيرۇقىنى بەرسىلا شۇ پېتى بېسىپ چىقرىلىدىغان بۇلسۇن، چۇنكى جىق نەرسىلەر بۇلسا ئادەم كومپۇتېردا ئوقۇسا زىرىكىپ قالىدۇ. بېسىپ چىقىرىپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ.
(2 ئۈستىدىكى پىلاننى ھەر خىل تىمىلارغا قىززىقىدىغانلار دىيىشىپ ئىككى ئۈچتىن بولۇپ ھەر خىل مەزمۇندىكى ژورنالنى چىقارساڭلار بۇلىدۇ. مەسىلەن، ئەدىبىات سەنئەت، كومپۇتېر تېخنىكىلىرى، جەميەت پاراڭلىرى، پەن تېخنىكا… ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە تورلاردا بەك ئىسىل ماقالىلەر بار، ئۇلارنىمۇ كىرگۇزۈپ ئايرىم ژورنال قىلساڭلارمۇ بۇلىدۇ. بارا-بارا خەق كۈنگەندە 4-5 كويدىن ساتساڭلارمۇ خەق ئالىدۇ.  يەنە ئىنگىلىسچە ياخشى بالىلار بۇلسا ئامرىكىدا چىقىدىغان قەرەللىك ژورناللاردىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ تارقاتسىمۇ مىنىڭچىمۇ خېلى بازىرى بۇلىدۇ. 
(3 مەن ئوزۇن بۇلدى بىر ئۇيغۇر پەن تېخنىكا تورى قىلىپ مەخسۇس تور قۇرسام دەپ ئويلايمەن. لېكىن ئۈزەم تەشكىللەش ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنىلا قىلالايمەن، تور بەت تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، تورنى رەتلەش ئىشلىرىغا جىق كۈچ چىقىرالمايمەن. ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي پەن تېخنىكىغا ئائىت يىڭى ئۇچۇرلارنى بىرىمىز، ئامرىكىدا چىقىۋاتقان scientific america دىگەندەك ژورناللاردىن تەرجىمە قىلىپ قويۇپ قويىمىز، يەنە قىلايلى دىسەك ئىشلىرى خېلى بار. بولۇپمۇ ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر كۈرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ پەن تېخنىكىغا بۇلغان قىززىقىشىنى يىتىلدۈرۈشىگە ياردەم بىرىدىغان نەرسىلەرنى قويساق ئاتا ئانىلار ياخشى كۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن. 
(4 ئۇيغۇرلاردا تېخى مەخسۇس چەتئەل تىلى ئۈگىنىشنى مەخسەت قىلغان تور بەتلەر قۇرۇلمىدى. قۇراي دىسە توردا ماتىريىال دىگەن قۇمدەك تولا. يىغىپ ئەكىلىپ قويۇپ قويساڭلار، بەزىلىرىنى ساتساڭلارمۇ بۇلىدۇ. 
(5 مەلۇم رايون ئىچىدە، مەسىلەن ئۈرۈمچىدە تورداشلار ئىشلەتكەن نەرسىلىرىنى ساتىدىغان تور بەت قىلساڭلا ئاقىدۇ، ھەممە ئادەمدە ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەر جىق. تورغا چىقىرىپ قويسا سېتلىپ قالسا سىزمۇ پۇل تېپىۋالىسىز. ئامرىكىدا ئەڭ پۇل تېپىۋاتقان تور بەتنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردا تېخى پەيدا بولمىغىنىغا ھەيرانمەن. كىيىن پۈتۈن شىنجاڭغا كىڭەيتسەڭلار بۇلىدۇ. تەشۋىقاتنى ياخشى قىلساڭلار ئېقىپ قالار. 
(6 يەنە بىكار قالغانلار بولسا، سودىگەر تونۇشلىرى كۈپلەر بۇلسا بۇنى قىلىپ باقساڭلار ئاقسا پايدا بار، ئاقمىسا بىر پۇڭچەنلىك زىيان يوق. 
ئاۋال توردا دوكان قۇرىسىز.  يەنى سىز ئۈرۈمچىدىكى ئشەنجىلىك چوڭ سودا سارايلىرى، كىتاپخانىلار، ئىشقىلىپ ئۈزىڭىز ئىشەنچ قىلالىغان دوكانلارنى ئارىلاپ، تونۇشلىرىڭىز بۇلسا ماللارنىڭ رەسىمىنى تارتىپ ئەكىلىپ دوكىنڭىزغا قويۇپ ئالىدىغان پايدىڭىزنى قېتىپ باھاسىنى چىقىرىپ قويىسىز. ئىچكىردىكىلەر ئېلىشى مۇمكىن، چەتئەلدىكىلەر ئېلىشى مۇمكىن. يەنە شىنجاڭنىڭ ئىچىدىمۇ ئېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرەرسى مالنى ئالىمەن دىسە سىزگە ئاۋال پۇلنى سالىدۇ. سىز پۇلنى ئېلىپ دۇكانغا بېرىپ شۇ مالنى ئېلىپ ئالغۇچىغا سېلىپ بىرىسز. پايدىسى سىزگە قالىدۇ. بىر نەرسە ساتمىسىڭىز كەتكەن ۋاختىڭىزدىن باشقا زىيان چىقمايدۇ، خەق بىر نەرسە ئالسا سىزگىمۇ پايدا بار. خىزمەت تاپالماي قالغان 3-4 ئادەم بىرلىشىپ دوكانغا 4-5 مىڭ تۈرلۈك نەرسە سېلىۋىتىپ بازارغا سالسىڭىز ئاقماسلىغىغا مەن ئىشەنمەيمەن. كىتاپ سالسىڭىزمۇ شىنجاڭ ھەر يەرلىرىدىن ئالىدىغان ئادەم چىقىدۇ. لېكىن بۇنى ياخشى قىلىمەن دىسىڭىز كۈندە مەخسۇس ئادەم قۇيۇپ بازار چۈرگىلەپ بازاردا يوق مالنى چىقىرۋىتىپ يىڭى مالنى چىقىرىپ تۇرۇشىڭىز كىرەك. شۇڭا بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى سودا سارايلاردىن مال كۈرسىڭىز بىر قەدەر ئىشەنچلىكراق. ئامرىكىدا توردا دوكان جىق بۇلغان بىلەن مۇشۇنداق دوكانلارمۇ بەك جىق. ھېچقايسىسى ئۈزىنىڭ نەرسىسىنى ساتمايدۇ، خەقتىن ئېلىپ سىزگە ئەۋەتىپ بىرىپ پايدا ئالىدۇ. 
ياكى بۇلمىسا تورغا تۇنۇشلىرىڭىزنىڭ ماللىرىنى چىقىرىپ قويۇپ ، خەق ئالسا مەن مانچە پىرسەنت پايدىسىنى ئالىمەن دەپ تۇنۇشلىرڭىزنىڭ نەرسىسىنى ساتسڭىزمۇ بۇلىدۇ. ئىشتىن سىرت ئىشلەيسىز. پۇل تېپىش ئىھتىماللىقى بار. 
(7 ئۈرۈمچىمۇ جىق چوڭ بۇلۇپ كەتتى، ھەر ھەپتە ئاخىرى جىق يەرلەردە ھەر خىل مەزمۇندىكى باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتقان پائالىيەتلەر بۇلىدۇ. بۇنىڭ ۋاختى بار. بىرەر ئىككى ئادەم بۇلۇپ شۇنداق يەرلەرنى چۈرگىلەپ شۇنداق ئوچۇرلارنى بىرىپ، كىيىن ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ پۇلغا ساتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ياكى بۇلمىسا بازار تەكشۈرۈپ قانداق نەرسە قەيەردە ئەڭ ئەرزان ، مەسىلەن، كىنو كۈرسىڭىز قەيەردە ئەڭ ئەرزان، ياكى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ باھاسى قانچە، دىباغا بارسڭىز قەيەردە ئىستىمال ئەڭ تۈۋەن، قەيەردە مۇلازىمەت ياخشى، قايسى دوختۇرخانا ئەرزان، قەيەردە گوش ئەرزان.. دىگەندەك ھەرخىل ئۇچۇرلارنى بەرسىڭىزمۇ، ئەزالارنى ئايلىق پۇل تۈلەيدىغان قىلسىڭىزمۇ ياكى مەخسۇس ئۇچۇرنى مەخسۇس ساتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. 
(8 رەسساملار  ھەر خىل ھەر خىل ياڭزا لاھىيەلەرنى ئويلاپ T- كۈينەك قىلىپ كىچىك رەسىمىنى چىقىرىپ قويىسىلەر. باشقىلار كۈرۈپ ياقتۇرسا سىزگە ھاۋالە قىلىدۇ، سىز  باستۇرۇپ ئەۋەتىپ بىرىسىز. ياكى لاھىيىڭىز ئۈچۈن پۇل ئالىسىز ياكى پايدىڭىزنى باھاغا كىرگۈزىۋىتىسز. تازا مودا ياكى قىزىقارلىق قىلىپ لاھىيلىسىڭىز ياشلار جىق ئالىدۇ. مەن تېخى ئامرىكىنىڭ بىر تور بېتىدىن قايسى كۈنى شۇنداق بىر كۈينەك ئالغانتىم تۈنۈگۈن كەلدى. چوڭ كىچىكلىكى بىلەن لاھىيە نۇمۇرىنى دەپ بەرسەم بىر ھەپتىدە كەپتۇ. دەل كەلدى. بەلكىم سەل قىممەتراق بۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن لاھىيە ۋە رەخىت ياخشى بۇلسا يەنە جىق ئادەملەر باھا بىلەنمۇ بەك ھىساپلىشىپ كەتمەيدۇ. 
(9  يەنە كۈپراق پۇلى بارلار بۇلسا ئويۇن تور بىكىتىدىن بىرنى قۇرۇڭلار، دەسلەپتە 3-4 مۇلازىمەتچى ماشىنا كىتەر، ئەرزانراق ئويۇننى قۇيۇسىلەر، خەق كۈنگەندە، يەنە پۇلغا يىتىشكەندە ياخشى ئويۇنلارنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ قىلساڭلار بۇلىدۇ، ھازىر ھەممىنى شېڭدا شىركىتى مۇنۇپۇل قىلىۋالغان بىلەن يەنە ئادەملەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئويناپ باققۇسى كىلىدۇ. 
(10 تېخى مەخسۇس ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تور بەت قۇرۇلمىدى. بەلكىم پۇل تاپقىلى بۇلماس. لېكىن قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. 
(11 پۇل تاپاي دىسەڭ  ئۈچنى چەنلە دىگەن گەپ بار، يەنى  قىز- ئاياللارنى، قۇساقنى، بالىلارنى.  قۇساقنى بەلكىم توردا بەك چەنلەپ كەتكىلى بۇلماس. لېكىن ئاياللارنى ۋە بالىلارنى چەنلەپ باقاي دىسە يەنە ھەر خىل خىياللار چىقىشى مۇمكىن. بالىلار قىزىقىدىغان، ئاتا ئانىلار قىزىقىدىغان بىرەر تۈر ئويلاپ تاپساڭلار مىنىڭچە پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ. ئەنگىلىيەدە  بىر 12 ياشلىق شۇم كىچىك بالىلارنىڭ بىر تور بىتىنى قۇرۇپتىكەن، ھازىر 8 مىليۇن فوند سىتىرلىڭغا ساتماپتۇ. 
(12 يەنە ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىلىشىپ ئۈي تازىلايدىغان، ئۈي كۈچۈشۈپ بىرىدىغان، بالىلارغا قارىشىپ بىرىدىغان ، مىھمان كەلسە تاماق ئىتىشىپ بىرىدىغان  بولۇپ توردا ئىلان بىرىپ قويساڭلار لازىم ئادەملەر ئىزدەپ كىلىدۇ. مەن شىندادا ئىشلەيدىغان ۋاختىمدا شۇنداق ئادەمگە لازىملىقلار ماڭا جىق تېلفۇن قىلىدىغان. مەن ئوقۇغۇچىلاردىن چىقىرىپ بىرەتتىم. ئەگەر شۇنداق ئىلان بىرىدىغان يەر بۇلسا ئۇلار مىنىمۇ ئىزدەپ ئاۋارە بۇلۇپ يۈرمەيتتى.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ چوڭ پىلانلىرىڭلار بولسا ھازىر جۇڭگۇدىمۇ تەۋەككۈل مەغلەغ سېلىش شىركەتلىرى جىق بۇلۇپ كەتتى. 2001-يىلى، مەن ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن نەچچە قېتىم ئالاقىلاشقان. ھەم مىنىڭ پىلانىمغىمۇ نەچچە مىليۇن مەغلەغ سالماقچىمۇ بۇلغان. كىيىن ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئۇنى قىلمىدىم. تەۋەككۈل مەبلەغ دىگىنىمىز سىزدە بىر ياخشى پىلان بولسا، ھەم سىزدە شۇنى قىلالىغۇدەك ئىشەنچ بىلەن ئۇلارنى ئىشەندۈرەلىسڭىز ئۇلار پۇل چىقىرىدۇ سىز پىلانىڭىزنى قىلىسىڭز. سەن ئەقىل چىقىرىسەن مەن پۇل دىگەن شۇ. پىلان ئاقسا تاپقان پايدىنى تەڭ ياكى مەلۇم نىسبەتتە بۈلۈشىسىز، ئاقماي زىيان تارتىپ قالسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ يولىغا ماڭىسىز، ئۇلار زىياننى تۈلەپ بەر دىمەيدۇ. ناھايتى ياخشى بىر ئىش. جۇڭگۇدىكى چوڭ تور بەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق مەبلەغقە تايىنىپ ھازىرقى ھالەتكەن كەلگەن. ئۇلار مىللەت ئايرىمايدۇ، پەقەت ياخشى پىلاننىلا ئايرىيدۇ. ياخشى پىلانى بارلار شۇلارنى ئىزدەپ باقساڭلار بۇلىدۇ. توردىن  风险投资 دەپ ئىزدەپ باقساڭلار جىق.  ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتى مەن دىگەندەك ئاددىلا ئەمەس. جەريانلىرى خېلى مۇرەككەپ. ماتىرىياللارنى ئىزدەپ كۈرۈپ بېقىڭلار. كومپۇتېر، تور ساھەسىدە ئۇيغۇر دەپلا تۇرۇۋالماي جۇڭگۇ، دۇنيا دەپ ئويلاپ خەق نىمىگە ئىھتىياجلىق، بازاردا قانداق نەرسە يوق، مۇنداق نەرسە قىلسام پۈتۈن جۇڭگۇدا ئاقامدۇ دەپ ئاقىدۇ دەپ خۇلاسە چىقىرالىساڭلار تىرىشىپ باقساڭلار بۇلىدۇ.  پۈتۈن دۇنيا تور بازىرىغا چۈشىدىغان ئەگەر شۇنداق ياخشى پىلان بۇلۇپ ئىشلىتەلمەي قالساڭلار ماڭا بەرسەڭلار مەن ئۈزەم بۇ پىلاندىن ئامرىكىدىكى شىركەتلەردىن پۇل ئېلىشقا تىرىشپ باقىمەن. ھەممەيلەن كەڭ قۇرساق بۇلۇپ، مەن قىلالمىسام سەن قىل دەپ بىر بىرىمىزگە ئەقىل، ياردەم ئۈگىتىپ تۇرساق تەرەققى قىلىمىز.  تور دىسە مۇنبەر، چايخانا، ياكى مۇزىكا ئاڭلاش  دەپلا ئەتىدىن كەچكىچە بىر مۇنبەر قۇرسام، مانچە ئادەم يىغسام دەپ ئويلىماي كەڭرى ئويلاڭلار. ھەممەيلەن  بىر پېتىققا كىرىۋالماي باشقىلار قىلمىغان ئىشلارنى قىلىڭلار.  تور بەتلىرىمىز خىلللاشسۇن، سەرىپ قىلغان ۋاقىتقا چۈشلۈق ئانچە مۇنچە ئىقتىسادى پايدىمۇ بۇلسۇن.

ئەسلى تىما: http://jeck.blogbus.com/logs/26271039.html

3 ئىنكاس بار »

  • sadaket120 :

    مەن تور توختاپ كىتىشتىن بۇرۇن بىلوەىڭىزغا پات- پات كىرىپ تۇراتتىم ، لىكىن تور توختاپ قايتا ئىچىلغاندىن بۇيان تاپالمىغان . يەنە تىپىۋىلىپ بەك خوش بولدۇم!~~

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • otkvr :

    [توردا نىمىلەرنى قىلالايىز؟]دىگەن ماقالىنىڭ ئىچىدە [پالىۋان غەۋغاسى]دىگەن ئاتالغۇنى ئۇچراتتىم.بۇ قانداق ۋەقە،چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • man :

    men bu esiringizni bek yakturdum .kixi oz yiridin ayrilgandin kiyin andin ozidiki ketuklerni sizeleydigan ohxaydu .sizning xunqe aldirax bolsingizmu yene wakit qikirip makalilarni yizip turguningizga koptin-kop rehmet iytimen.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..