ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا Cranks in Uighurs
(بۇ يازما 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يېزىلغان، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى بۇرۇن ئېلىنغان خەنزۇچە گەپلەر پۈتۈن ئۇيغۇرچە ئېلىنىپ يىڭىلاندى ۋە مەتبۇئات تەلىۋىگە چۈشىدىغان قىلىپ بۇرۇن ئۇلىنىش ھالەتتە بىرىلگەن مەنبەلەر پايدىلانغان مەنبە شەكلىگە ئۆزگەرتىلدى, جۈملىدە ئۇچرىغان [1].[2] دىگەندەك ئىبارىلەر ئەسلى مەنبەنى بىلدۈرىدۇ.)
بىزھازىر كۆرۈۋاتقان ۋە بەھىر ئېلىۋاتقان ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەت ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسى. ئىلىم – پەن تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش بىر مۇشەققەتلىك جەريان بولۇپ ئىلىم- پەن تەتقىقاتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ياخشى
بىر ئۇسۇل ۋە مىتود بولۇشى كىرەك. شۇڭلاشقا تارىختىن بۇيان ئىلىم- پەن تەتقىقاتىنى قانداق ۋە قايسى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىشمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بۇلۇپ كەلدى. ياۋرۇپا مەدىنىيەت ئۇيغىنىشىدىن كىيىن ئىنسانلار تەتقىقاتنى قايسى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىش كىرەكلىگىنى ھىس قىلغاندەك بولدى ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇپ 19-ئەسىرگە كەلگەندە كەسىپلەشتى. 20-ئەسىرگە كەلگەندە ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ يۈز يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئىرىشكەن بارلىق نەتىجىلرىدىن ئىېشپ كەتتى.
ئىلىم- پەن تەتقىقاتى ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق خىزمەت. ئۇنىڭغا ئۈزىنى ئاتاپ شۇغۇللىنشىنى ئارزۇ قىلغانلىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى قىلىش ئەركىنلىكى بار. شۇڭلاشقا ئىلىم- پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللنىۋاتقانلارنىڭ ئەسلى ھىچقانداق پەرقى يوق بۇلىشى، ئۇلارنى يەنە« ئەل ئىچىدىكى» ۋە «كەسپى» تەتقىقاتچى دەپ ئايرىپ يۈرۈشنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق ئىدى. ئەمما يىقىنقى يىللاردا كەسپى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلمايدىغان، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتقا مۇناسىۋەتلىك پەنلەردە سىستىمىلىق تەربىيلەنمىگەن كىشىلەرنى ئاساسى گەۋدە قىلغان بىر قىسىم كىشىلەر پەيدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىلىم پەندە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، تەتقىقاتىنى بايان قىلىش، تەتقىقاتىغا بولغان تۇنۇش دىگەندەك ئىشلاردا ئاساسى ئېقىمدىكى پەن- تەتقىقات قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن روشەن پەرىق بولغاچ ھەم جەميەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغاچقا «ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقاتچىلىرى» دىگەن سۆز جۇڭگۇنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا ئاساسەن 90-يىللاردە قۇبۇل قىلىنىپ مەتبۇئاتلاردا ۋە تورلاردا ئىشلىتلىشكە باشلىغان. ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقاتچىلىرى دىگەن سۆز خەنزۇچىدىكى 民间科研工作者 دىگەن سۈزدىن كەلگەن بۇلۇپ، خەنزۇچىدا قىسقارتىلىپ民科 دىىيلىدۇ. بىلىك كۇلۇبىدامەسلەھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىدا ئەل-ئىچى تەتقاتچىلىرى، يالىڭاياق تەتقىقاتچىلار، ئەلپەنچى دىگەن سۆزلەر بىلەن ئېلىشنى ماقۇل تاپتۇق ۋە بۇ يازمىغا ئەلپەنچى دەپ ئالدىم. ئەلپەنچى دىگەن سۆز «ئەلنەغمىچى» دىگەن سۆزدىكى «ئەل» سۆزى بىلەن «ئىلىم-پەن» دىگەن سۆزدىكى «پەن» دىگەن سۆزنى بىرلەشتۈرۈپ ياسالغان.
ئەلپەنچى [1] [2] [3] دىگەن ئوقۇم ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جۇڭگۇدا مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدىن كىيىن بارلىققا كىلىپ، تەرەققى قىلىپ ھەتتا CCTV، خەلق گىزىتىدىن تارتىپ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ يىغىنلىرىغىچە ئورۇن بىرىلگەندىن تارتىپ ھازىر تەتقىقاتچىلار ئەلپەنچىكەن دىسە يىرگىنىپ ئۇنىڭغا يىقىن كەلمەيدىغان، بەزىدە ھەتتا ئەلپەنچى ئەمەس تەتقىقاتىچلارغىمۇ ئۇۋل قىلىپ قويىدىغان ھالەتكە كىلىپ قالدى. جۇڭگۇ جەميىتى، بولۇپمۇ پەن- تېخنىكا خىزمەتچلىلىرى، گىزىت ژورناللار، تېلىۋىزورلار ئەلپەنچىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالدى، ئۇلار ھازىر تۇيۇقسىز بىرسى چىقىپ « مەن ئالەمنىڭ تۇزۈلۈش مۇدىلىنى قۇرۇپ چىقتىم»، « مەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزىرىيسىنى ئۆرىۋەتتىم»، « مەن گۇلدباخ قىياسىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم»، « مانچە يىلدا نوبىل مۇكاپاتى ئالىمەن» دىسە بەك ھەيران قىلىپ كەتمەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ يىغىنلارغا قاتنىشىشى، ماقالە ئوقۇشى ئۈچۈن مال دۇنيالىرىنى بىرىۋەتمەيدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلار ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەلپەنچىلەرگە بولغان تۇنۇشىمىز، بولۇپمۇ تەجرىبىمىز يىتەرلىك بولمىغاچ ھازىرمۇ بىرسى چىقىپ شۇنداق گەپلەرنى دەپ قالسا قولىمىزدىن كەلسە،ئۆزىمىز بەرگەننى خەلقارا ئىتراپ قىلغان بولسا نوبىل مۇكاپاتىنى ئۆزىمىزلا بىرىۋەتكەن بۇلاتتۇق. ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئاكادىمىكلەر نوبىل مۇكاپاتىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ بۇلالماي خەقنىڭ ئىتراپ قىلىشى قىلماسلىقى بىلەنمۇ كارى بولماي «نوبىل ئالتۇن مۇكاپاتى» دەپ بىر مۇكاپات ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئۆزلىرىگە تارقاتقان. ھەتتا ئۇنىڭدىن بىرنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن شائىر دولقۇن ياسىنغا بىرىپ قويۇپ ھاياجانلىرىمىزنى نەچچە يىل قوزغاتقان بولۇپ بەزىلەرنىڭ ئۇ ھاياجىنى ھازىرمۇ تېخى ئۆچمەكلىك. بولۇپمۇ يىقىندىن بۇيان شۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەر يەنە كۆپىيىپ قالدى، بۇندىن كىيىن بەلكىم يەنە ئۆزلۇكسىز كۆپىيىشى مۇمكىن. پېقىر شۇ ۋەجىدىن شۇ تىمىدا مەخسۇس توختىلىپ ئۆتۈشنى ئويلاپ قالدىم. مىنى بۇ تىمىنى ياكى بۇ گەپنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپتۇ دىمەسلىگىڭلار ئۈچۈن مىنىڭ تۈۋەندە ئالغان مىساللىرىم ۋە كەلتۈرۈلگەن سۆزلەر ھىچقايسىسى ئۆزەم ياساپ ياكى تېپىپ چىققان ئەمەس بەلكى خەنزۇلارنىڭ ياكى ئامرىكىلىقلارنىڭ تور بەتلىرىدىن ئۆز ئەينى ئېلىنغان سۆزلەردۇر. بۇلارنى قىززىقىدىغانلار ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ئوخشاش خىلدىكى ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ باققاي. مەن ۋەكىللىك بولغانلىرىدىن فاڭجۇۋزى (方舟子) [4]، تيەنسۇڭ (田松) ، ليۇخۇاجيې (刘华杰) قاتارلىق جۇڭگۇ جەميىتىدە شۇلار بىلەن كۆپراق ھەپىلەشكەن كىشلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ چىققان يەكۈنلىرىدىن پايدىلاندىم .
جۇڭگۇدا ئەلپەنچىلەر ئاساسەن دىگۈدەك ئۈزى كەسپى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىسى بولمىغانلار، ئۆزى تەتقىقات قىلىۋاتقان شۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاساسى پەنلەردە سىستىمىلىق تەربىيلەنمىگەنلەر بولۇپ ( ھازىر يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم كەسىپى تەتقىقاتچىلارمۇ بار) بۇلارنىڭ كىلىپ چىقىش تەركىۋى ھەر خىل. بۇلار بەلكىم يېزىدىكى دىھقانلار، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىلىرى، ھۆكەمەت مەمۇرى خادىملىرى، شىركەت خىزمەتچىلىرى، سودىگەرلەر، كارخانىچىلار شوپۇرلار دىگەندەك ھەر خىل بۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈزىنىڭ باشقا مۇھىم خىزمىتى بار بولۇپ ئىشتىن سىرت ۋاقىتىدە ئىلىم-پەنگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقى بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈزى تەتقىق قىلىۋاتقان ئىلىم توغرىسىدا ياخشى بولغان ئارقا كۆرۈنۇشكە ئىگە ئەمەس، سىستىمىلىق تەربىيەلەنمىگەن، بىلىم قۇرۇلمىسى ئاساسەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژورناللىرىدىن كەلگەن. ئەمما بۇلارنىڭ تەتقىقات تىمىسى دۇنياۋى خاراكتېرلىك چوڭ تىمىلار بولۇپ كۆپىنچىسىنىڭ نىشانى مەلۇم داڭلىق نەزىرىيەنى ئۆرۈۋىتىش، ئۆزى ئالدىغا ئويلاپ چىققان مەلۇم بىر ئىلىم پەن سىستىمىسىنى قۇرۇش، ئىلىم-پەندە ھازىرغىچە ھەل قىلىنمىغان چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىنسانلار پەن تەتقىقات قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ساھەگە «دادىللىق» بىلەن قەدەم قويۇش … دىگەندەك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن. بۇلار خەنزۇلارنىڭ گىپى بويىچە ئىشكنى تاقىۋىلىپ ھارۋا ياساش ھالەتتە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلار بولۇپ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇلار بىلەن ئاساسى ئېقىمدىكى پەن تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىسىدا ئورتاق پىكىر بىرلىكى بولمايدۇ. بەزىلەر ئورتاق سۆز، ئورتاق تۇراقلاشقان ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەي ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىبارىلەرنىلا ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى جاھىللىق بولۇپ بۇلۇپ بۇلار ئۆز پىكرىگە قارشى چىققانلارنى ئۈزىنى ياكى ئۆزىنىڭ نەزىرىيەسىنى چۈشەنمىدى دەپ قارايدۇ. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىت پەلسەپە فاكولتىتىدىكى تيەنسوڭ ئەپەندى 2004-يىلى ئىلان قىلغان «خەلىق ئارىسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئادىتى ۋە پىسخىكىسىنى تەھلىل قلىش » [5] دىگەن مەخسۇس ئىلمى ماقالىسىنىڭ 4-ئابزاس تا بۇلارغا مۇنداق ئىنىقلىما ۋە چۈشەنچە بەرگەن :
ئەلپەنچىلەر دۆلەت پەت-تېخنىكا تۈزۈلمىسىنىڭ سىرتىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئادەملەر توپىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ئۇلار ياكى مەلۇم ئىلىم-پەندىكى چوڭ مەسىلىنى بىر يولىلا ھەل قىلىۋىتىشقا ئويلايدۇ، ياكى مەلۇم داڭلىق نەزىرىيەنى ئۆرىۋېتىشقا تىرىشدۇ ياكى مەلۇم ئۆزىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولغان نەزىرىيەۋى سىستىمىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچەيدۇ. لېكىن ئۇلار پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسدىكى ئۇسۇللارنى قۇبۇل قىلمايدۇ ياكى چۈشەنمەيدۇ، پەن- تېخنكا تۈزۈلمىسى ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئىلمى جەھەتتە قىممىتى يوق. يۇقارقى ئىنىقلىمىنىڭ ئىچىدە پەقەت «پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ» دىگەنلا تاشقى جەھەتتە كۈزەتكىلى بۇلىدىغان ئىپادە بۇلۇپ قالغان «ئۇيلايدۇ»، «تىرىشىدۇ»، «كۈچەيدۇ» دىگەن ئالاھىدىلىكلەر تەتقىقات قىلغۇچىنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى ۋە پىسخىكىسىغا قارىتىلغان بولۇپ بۇلارنى تاشقى جەھەتتە كۈزىتىپ بايقىغىلى بولمايدۇ.
ئەلپەنچىلەرنىڭ تەتقىقات يۈنۈلىشى ۋە دائىرىسى ئاساسەن نەزەرىيۋىلىگى كۈچلۈك بولغان بىر نەچچىلا نوقتىلارغا مەركەزلەشكەن، يەنى ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزەرىيسى، نىيوتۇننىڭ مىخانىكىسى، ئالەم مودىلى، چوڭ پارتلاش، ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش قانۇنلىرى، گولدباخ قىياسى، گىن ئوقۇملىرى، ئاتۇم تۈزۈلىشى، خېمىيىەلىك رىئاكسىيەلەر، مەڭگۈ ئىنىرگىيە لازىم قىلمايدىغان ماتۇر، سۇنى مايغا، تۈمۈرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش، ئانچە مۇنچە پەلسەپە ئوقۇملىرى… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ جۇڭگۇدىكى ئەل ئىچى تەتقىقاتچىلىرى يېزىۋاتقان ۋە ئىلان قىلغان ماقالىلىرىنىڭ 90% تى مۇشۇ نوقتىلاردىن ئىبارەت. بۇلار پەقەت دۇنيادىكى چوڭ تىمىلارغىلا ئېسلىدۇ، ئاساسى ئېقىمدىكى پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى تەتقىق قىلىۋاتقان مىليۇنلىغان كىچىك ھالقىلارغا دىققىتىنى بىرەلمەيدۇ. ئىككى قېتىم نوبىل مۇكاپاتى ئالغان J. Bardeen غا ئوخشاش فىزىكىچىلارنىڭمۇ نوبىل مۇكاپاتىنى فىزىكا دۇنياسىدا يىڭى سىسىتما قۇرۇپ ئەمەس بەلكى نورمال فىزىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ ئالغانلىغىنى بىلمەيدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تەتقىقاتى ئۈچۈن يىتەرلىك خىراجىتى يوق، تۇرمۇش شارائىتىمۇ ناچار ھالەتتە تەتقىق قىلىدىغان بولغاچقا كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاش ئارقىلىق قوللاشقا ئىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچە ماقالىلىرى پەرەز، قىياس، تەسەۋۇر ئۈستىگە قۇرۇلغان، مۇكەممەل ماتىماتىكىلىق ياكى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش باسقۇچىلىرى يوق. جۇڭگۇدا بۇ خىلدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپ بولۇپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميسسى ماتىماتىكا ئىنستىتوتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىيىشىگە قارىغاندا ئۇلار ھەر يىلى كەم دىگەندە بىر تاغار كەلگۈدەك ئەلپەنچىلەر ئەۋەتكەن «گۇلدباخ قىياسى» سىنى ھەل قىلغانلىق ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلارنى تاپشۇرۋالىدىكەن.
ئەلپەنچىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى:
1) جاھىل، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزاق مۇددەت ئىزدەنگەن بولۇپ ئۈزىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئۈزىنىڭ قۇرۇپ چىققان سىستىما ۋە رامكىسى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ، ياكى تەجرىبە ياكى ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىشى بولمايدۇ. ئىلىم-پەندە قۇبۇل قىلىنىپ ئىشلىتلىپ كىلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئوقۇملىرىنى رەت قىلىدۇ ياكى ئىشلەتمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا پىكر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئۈزىنى ئېينىشتىيىندىن كىين چىققان دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ چاغلايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى باشقىلار «چۈشىنەلمىگەن» بولسا بۇ باشقىلارنىڭ دۆتلىكى، بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىدە بۇلۇپ بۇنى باشقىلاردىن كۆرىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى دۇنيادا ياشايدىغان بولۇپ مۇتەخەسسىلەرنىڭ، كەسپى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالمايدۇ. ئۈزىنىڭ تەتقىقاتنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىغى، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن باسۇرۇپ قويۇلغانلىغى قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۈزىنى كوپېرنىك، بىرونو، گالىلىيلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا جەميىتى. بۇلار ئۆزىگە پايدىسىز گەپ ۋە سۆزلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، پايدىلىق بولۇنغان گەپلەرنىلا سۈزۈۋېلىپ دەستەك قىلىدۇ. مەسىلەن ئالەم مودىلى بىلەن ھەپلىشىدىغانلار 100 يىلدىن بۇيان ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرغا قويغان نۇرغۇنلىغان ( لېكىن قۇبۇل قىلىنمىغان) مودىللاردىن ئۆزىنىڭكىگە يىقىن كىلىدىغانلىرىنى ئەكىلىپ ئاساس كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى «ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلار»، «نۇپۇزغا قارشى چىقىشنى قوللايدىغانلار» دەپ كۆرۈپ قارشى تۇرغۇچىلارنى بولسا « كىتاۋى بىلىملەر بىلەن كاللىسى يۇغۇرۇلغان»، «جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار» دەپ قارايدۇ.
2) ئۈزىنىڭ ۋە نەزىرىيەسىنىڭ رولىنى ھەددىدىن زىيادە چوڭ كۆرىدۇ، مۇبالىغىلەشتۇرىدۇ. ئۆزىنى ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنى تۇنۇشتۇرغان ماقالىلاردىن « ئەگەر قۇبۇل قىلىنىپ قالسا فىزىكىنىڭ ئۇلى يىمىرلىدۇ»، نىسبىلىك نەزىرىيىسى ياكى نيۇتون مىخانىكىسى «گۈمران بۇلىدۇ»، « ھازىرقى زامان ئىلىم پېنىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايقاش»، «نوبىل مۇكاپاتىدىن مانچىسى كەلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ»، «ئىلىم پەن تارىخىدىكى ئاز ساندىكى بايقاش» دىگەندەك گەپلەر تۈكۈلۇپ تۇرىدۇ. گۇمانلىنىش روھى ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مەنىۋى بايلىقى ۋە ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان گىپى بولۇپ باشقىلار ھەر قېىتم ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەندە ئۇلار «ئادەمدە گۇمانلىنىش روھى بۇلۇشى كىرەك»،«گۇمانلىنىش پەن – تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ»، نۇپۇزغا «قارا قويۇق ئىشەنمەسلىك كىرەك» دىگەندەك سۈزلەرنى ھەر ۋاقىت دەپ تۇرىدۇ. ئۇلار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسى خاتا بولۇپ چىققان تەقدىردىمۇ ئۈزى ئېينىشتىيىندىن، نېيوتۇندىن گۇمان قىلىشقا پېتىنغانلىغى ئۈچۈن ئۈزى جەميەت تەرىپىدىن قەدىرلىنىشى كىرەك.
3) ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىشنى ئىستەش،لېكىن ئىلمى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلىش. بۇلار ئۆز تەتقىقاتىدا مەلۇم نەتىجە ھاسىل قىلغاندىن كىيىن تەرەپ تەرەپتىن كەسپى تەتقىقاتچى خادىملارنى ئىزدەپ ئۈز نەتىجىسىنى باھالىتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇچرايدىغان مۇئامىلىلىرى ھەر خىل بۇلىدۇ، بەزىدە كەسپى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ كارى بولمايدۇ، بەزىدە ئىزدەپ كەلگەنلەرنىڭ يازغانلىرىد مەلۇم ئاساس بولسا ئۇلار ئۈچۈن مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىمۇ ئويۇشتۇرۈپ بىرىدۇ. مەسىلەن گولدباخ قىياسىنى «ئىسپاتلاپ چىققان» جۇۋاڭيەن (庄严)، جىياڭ چۈنشۈەن (蒋春暄) قاتارلىقلار ئۈچۈن جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميسى ۋە شەرقى شىمال ئۇنۋېرسىتىتى ماتىماتىكا فاكولتىتى ئىككى قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىنى مۇھاكىمىگە قويغان ۋە مۇتەخەسسىلەر بىردەك ئۇلارنىڭ ئىسپاتىنى خاتا دەپ قارىغان. لېكىن بۇ ئىككەيلەن يەنىلا ئۆز پىكرىدە تۇرۇپ مۇتەخەسسىلەرنى « كاللىسى قېلىپلىشىپ قالغان» « يىڭى كۆز قاراشلارنى چۈشەنمەيدۇ» دەپ قارىغان. جۇڭگۇدىكى داڭلىق ئەلپەنچىلەرنىڭ بىرى بىرى جوۋجىشەن (周吉善) توغرىلىق توردىكى گەپلەرگە[6] قارىغاندا ئۇ ئەتراپىدىكى مۇتەخەسسىلەرنىڭ پىكرىگە ئىشەنمەي ھەتتا مەركەزگىچە بېرىپ خۇجىنتاۋغا يەتكۈزگەنمىش. خۇ رەئىس بۇنىڭغا «چوقۇم ئىلمى مۇئامىلە قىلىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار» دىگەن مەنىدە دۈلەت مۇداپىئە كومىتىتى (国防科工委) نىڭ مۇتەخەسسىلىرىگە يوللاپ بىرىپتۇ. ئۇ يەردىكى ئاكادىمىكلار مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ جوۋجىشەننىڭ ماقالىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ سەككىز بەتلىك باھالاش سۈزى ۋە پىكرىنى بىرىپ خاتالىقىنى ئىنىق كۆرسىتىپ بەرسىمۇ ئۇ ئادەم يەنە «باشقىلار چۈشەنمىدى» دەپ ھەسرەت چەككەنمىش. يەنە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۇيغۇرلاردىمۇ بار. بۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇلار ئىتراپ قىلىشنى ئىزدەپ مۇتەخەسسىلەرنى ئىزدەيدۇ، لېكىن مۇتەخەسسىلەر ۋە كەسىپ ئەھلىنى ئىزدەشتىكى مەقسىتى ئىلمى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەمەس بەلكى ماقالىسىنى توغرا دەپ باھالىتىش بولۇپ، باشقىلار باشقىچە پىكىر قىلغان ھامان ئۇلار ئۆز كۆز قارىشىدا «تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ» باشقىلارنى «چۈشەنمىدى»، « كاللىسى قېلىپلىشىپ قالغان» ، « پەلسەپىۋى پىكىر قىلمايدۇ» دەپ يىڭى مۇتەخەسسى ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا سۇقۇلۇپلا يۈرۈيدۇ.
4) ماقالىسى ئاساسى ئېقىمدىكى كەسپى پەن تەتقىقات ژورناللىرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىغان بولۇپ كۆپىنچىسىنىڭ ماقالىسى، نەزىرىيەلىرى ئەدىبى ژورناللار، گىزىتلەر، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژورناللىرى قاتارلىقلاردا ئوتتۇرغا قويۇلغان. ھازىر تور ئومۇملاشقان بولغاچقا ئاساسەن ئاۋال توردا ئىلان قىلىپ « نوبىل موكاپاتى ئالىدىغاننىڭ»، « دۇنيا ئىلىم پەن تارىخىدا مۇجىزە» يارىتىدىغاننىڭ داۋرىڭىنى قىلىۋېتىپ ئاندىن مۇتەخەسسى ئىزدەيدۇ. ئۈزى ئالدىن داۋراڭ قىلىۋەتكەن بولغاچقا باشقىلار باشقىچە پىكىر بەرسە ئوقۇردىن چۈشۈش ئېغىر كىلىپ بەزىلىرى كۆڭلىدە خاتالىقىنى تۇيۇپ تۇرسىمۇ ئىتراپ قىلمايدۇ. ئىچكىردە كىتاپ چىقىرىش ئاسانلىشىپ كەتكەن بولغاچقا بەزىلىرى كىتاپمۇ چىقىرىدۇ. يەنە بەزى ئىلمى كەسپى ژورناللارمۇ ئانچە مۇنچە بېسىپ قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
5) ماقالىسىنىڭ ئىلمى پايدىلىنىش قىممىتى يوق. بەزەنلىرىنىڭ ماقالىسى پۈتۈنلەي قىياس، پەرەز، تەسەۋۇردىن ئىبارەت. بەزەنلىرىنىڭ ماقالىسى مەلۇم ئىلمى ئاساسى بولسىمۇ ئۈزى نىشان قىلغان پالانچى نەزىرىيەنى ئاغدۇرۋېتىش نىشانىدىن كۆپ يىراق. يەنە كۆپىنچىسى ئۈزى بىر سىسىتما قۇرغان بولۇپ ھەممىىنى ئۆزىنىڭ شۇ سىسمىتىمىسى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرۈشكە بۇلىدۇ، ھازىرقى زاماندىكى قۇبۇل قىلىنغان نەزىرىيەلەرنى تەدبىقلىغىلى ياكى سېغىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا پەن تېخنىكا خادىملىرى ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىنى ئىشلەتمەيدۇ، نەقىل ئالمايدۇ، ئاساسى ئېقىم تەتقىقات ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرمايدۇ،لازىم بولسا ئانچە مۇنچە ياردەم بىرىپ قويىدۇ.
يۇقاردىكى ئالاھىدىكلىكلەر ئەلپەنچىلەر توغرىلىق خەنزۇلاردا ئاساسى جەھەتتىن قۇبۇل قىلىنغان كۆز قاراشلاردۇر. قىززىقىدىغانلار مەخسۇس شۇلارنى تەتقىق قىلىپ باققان تيەنسۇڭ، ليۇخۇاجيې قاتارلىقلارنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ باققاي ياكى ئىلمى ماقالە ئامبارلىرىدىن ماقالە ئىزدەپ كۆرگەي. يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەردىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بۇلىدۇكى ھازىر ئەلپەنچىلەر دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسى يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن پۇزىتسىيە ياكى پىسخىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق پىسخىكا ۋە پۇزىتسىيە بار ئادەملەر ئەلپەنچىلەر دىيىلىدۇ. بۇنداق پۇزىتسىيە ۋە پىسخىكا يالغۇز ئىشتىن سىرت ئۆز قىززىقىشى بويىچە تەتقىقات قىلىدىغان ئادەملەردىلا بولمايدۇ، بەزى كەسپى تەتقىقاتچىلاردىمۇ بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا كەسپى تەتقىقاتچىلارمۇ بەزىدە بىر-بىرىنى ئۆز ئارا « ئەلپەنچى» دەپ تىللىشىدۇ.
ئامرىكا ۋە ياۋرۇپا جەميەتلىرىدە بۇنداق ئىشلار بۇرۇن بىر مەزگىل ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بولۇپ كىيىن كىشىلەرنىڭ بىلىش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۇشىگە ئەگىشىپ بارغانسىرى يوقىلىشقا باشلىغان. ھازىر گەرچە بار بولسىمۇ سانى ئاز، خەلىقمۇ ئەگەشمەيدىغان بولغاچ داۋرىڭى كۆپ يوق، بەزىدە ئانچە مۇنچە چىقىپ قالسىمۇ تېلىۋىزورنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سەھىپىسىدە بىرىدۇ. جۇڭگۇدا بولسا ھازىرمۇ كۆپ ساندا مەۋجۇت بۇلۇپ فاڭجۇۋزى نىڭ گىپىگە ئاساسلانغاندا ھازىر دۇنيا بۇيىچە ئەلپەنچىلەرنىڭ سانى جۇڭگۇدا ئەڭ كۆپ. بۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭلۇقى ۋە كەلتۈرگەن زىيانلىرى جەھەتتىن ئەلپەنچىلەر ھازىر جۇڭگۇ جەميىتىدىكى ئومۇمى زىيانداشقا ئايلاندى [7]. بۇ توغرىلىق ئىلگىرلەپ چۈشىنىشنى خالايدىغانلار يەنە توردىن ئىزدەپ باققايسىلەر ياكى تۈۋەندىكى ماقالىلارنى ئوقۇغايسىلەر: فاڭجۇۋزى: ئەلپەنچىلەر تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ [8]، فاڭجۇۋزى: ئەلپەنچىدىن پەن-تېخنىكا ھەۋەسكارىغىچە [9]، ئەلپەنچىلەر بۈگۈن قايسى نەزىرىيەنى ئۆرىۋەتتى [10]، جۇڭگۇدىكى ئەلپەنچىلەر ۋە ھۈكۈمەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى [11]، ئەلپەنچىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش [12]، ئەلپەنچىلەر نىمىشقا دۇنياۋى تىمىلارغا مەپتۇن[13]. ئۇلىنىشلاردكى يازمىلار توردىكى يازمىلار بولۇپ ئەگەر بۇلارنى ئىلمى ئەمەس دەپ قارىغانلار بولسا ئىلمى ماقالە ئامبارلىرىدىن 民科 دەپ ئىزدەپ باقسا نۇرغۇنلىغان ماقالىلارنى تاپالايدۇ.
ئەلپەنچىلەرنى قانداق بايقاش توغرىلىق ھەر خىل قىززىقارلىق يازمىلارمۇ بار. ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۈستىدە ئېيتىلغان ئالاھىدىلىكلەردىن بىر نەچچىسى بايقالسا ئۇ كىشىنى ئەلپەنچى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشقا بۇلىدۇ. بۇ توغرىلىق يەنە نيۇيۇرك ۋقىت گىزىتىدە [14] مۇنداق يېزىلغان:
Cranks are an occupational hazard that every scientist eventually faces. Fortunately, these characters are usually easy to spot. If someone claims to have a grand theory that overturns centuries of scientific knowledge–especially when the theory spans unrelated fields like physics and biology and economics–the odds are good that he or she is a crank. If the author publishes not in a standard scientific journal but in a book for general readers, watch out. And if the book is issued by the author rather than a conventional publisher, the case is pretty much airtight.
تەرجىمىسى: ئۇساللار ( ئىنگلىزچىدە ئەلپەنچىلەرنى تەتقىقاتچى دەپ ئاتىماي ئۇسال، ئالا-جوقى سۈزلەيدىغان دىگەنگە مەنىداش بولغان cranks دىگەن سۆز بىلەن ئاتىغان) بىر كەسپكە چۈشكەن زىيانداشلار بولۇپ بۇنىڭغا ھەر بىر ئالىم يۇلۇقۇپ تۇرىدۇ. ياخشى يىرى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقىماق ئاسان. ئەگەر بىرسى ئۈزىنىڭ بىر بۈيۈك نەزىرىيەنى ئوتتۇرغا قويغانلىغىنى، بۇ نەزىرىيەنىڭ نەچچەيۈز يىلدىن بۇيانقى نەزىرىيەلەرنى ئۆرۈۋىتىدىغانلىغىنى، بولۇپمۇ بۇ نەزىرىيە بىر بىرىگە ئۇنچە مۇناسىۋىتى بولمىغان فىزىكا، بىئولوگىيە ۋە ئىقتىساد دىگەندەك بىر نەچچە ساھەگە چېتىشقان بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئادەمنىڭ ئۇسال تەتقىقاتچى بولۇش ئىھتىماللىقى بار. ئەگەر بۇ ئاپتۇرنىڭ ئىلان قىلغان ماقالىلىرى ئۆلچەملىك ئىلمى ماقالە ژورناللىرىدا ئىلان قىلىنماي بەلكى كۆپچلىك ئوقۇشى ئۈچۈن چىقىرىلغان نورمال كىتاپلاردا بولسا ئۇنىڭدا دىققەت قىلىڭ. ئەگەر بۇ كىتاپ ئەنئەنىۋى نەشىرىيات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلماي بەلكى ئۆزى تەرىپدىن چىقىرىلغان بولسا ئۇنداقتا بۇ ئەنزە ئاساسەن يېپىلدى ( بۇ يەردە ئەنزە يېپىلدى دىگەن گەپ ئۇ چوقۇم شۇ دىگەن مەنىدە).
خەنزۇلاردىمۇ تور بەتلەردە شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان ھەر خىل بايقاش ئۇسۇللىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ مەيلى خەنزۇلارنىڭ تور بەتلىرى بولسۇن ياكى چەتئەلدىكى تور بەتلەر بولسۇن ئاساسلىق ئۇسۇللىرى ئوخشاش. جۇڭگۇدا ئەلپەنچىلەرنىڭمۇ ۇ ھازىر ئۆز ئالدىغا قۇرغان جەميەتلىرى بولۇپ مەلۇم تەشكىلاتچانلىققا ئىگە. ئانچە مۇنچە يىللىق يىغىن ئېچىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، يىغىندىن كىيىن سۇنۇلغان ماقالىلارنى توپلاپ ئىلمى ماقالە توپلىمى چىقىرىدۇ ۋە تارقىتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈز-ئارا قوللىشىپ چىقىرىلغان بۇ ماقالىلىرى كۆپىنچە ئۆزلىرى ئوتتۇرىسدا ئىشلىتىدۇ ۋە نەقىل ئالىدۇ، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ.
ئەلپەنچىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسدا بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق. فاڭجۇۋزى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇلارنى بىراقلا ساختا ئىلىم پەن (伪科学) قاتارىغا چىقىرىپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقىنى، ئۆز قىززىقىشىغا قويۇپ بىرىشنى (自生自灭) تەشەببۇس قىلىدۇ، «ئۇلارنى يىتەكلەيمەن دىسەڭ ئۇلار كىلىپ ساڭا دەرس سۆزلەيدۇ، سىنىڭ گىپىڭنى ئاڭلىمايدۇ، ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ھۆكۈمەت مۇۋاپىق يىتەكلىشى كىرەك دەپ قارايدۇ. ئادەتتە ئىلمى پەن- تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئىنستوتلىرى ئۇلار بىلەن بەك كارى بولۇپ كەتمەيدۇ، بەزىدە چوڭ يىللىق يىغىلىشىلىرى بولۇپ قالسا ئۇلارنىڭمۇ قاتنىشىشىغا روخسەت قىلىدۇ ياكى بەزەنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرىدۇ، مەقسىتى ئۇلارنىڭمۇ ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن كۆز قاراش ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۈمىت قىلىش بولۇپ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىنى ۋە نەزەرىيەسىنى قوللىغانلىق ئەمەس. يەنە بەزىدەئەلپەنچىلەرنىڭ سۇنغان ماقالىسى قۇبۇل قىلىنمايدۇ دەپ ئىنىق ئەسكەرتىپمۇ قويىدۇ. دۆلەت پەن تېخنىكا مىنىستېرلىكى ۋە ھەر قايسى جايلاردىكى پەن- تېخنىكا جەميەتلىرى بولسا پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساسى ۋەزىپىسى قىلغان بولغاچقا بۇلارئەلپەنچىلەرنىڭ خەلىق ئىچىدىكى رولىنى ئىجابى دەپ قارايدۇ ۋە مەلۇم دەرىجىدە قوللايدۇ. ئۇندىن باشقا ئىجتمائى پەن تەتقىقاتى قىلىدىغانلار، ئەدىبىياتچىلارمۇ قوللايدۇ. بۇ توغرىلىق فاڭجۇۋزى مۇنداق يازىدۇ [8]:
专业的科学工作者因为对科学研究的方法、规律和现实有切身的体会,深知在科学事业高度发达的今天,一个业余研究者要做出重大发现的可能性几乎为零,对这些“民间科学家”大抵持否定、冷淡、蔑视的态度,最多觉得可怜。
一些人文学者的态度则相反,他们由于对科学研究缺乏第一手的了解,并且由于人文学科的专业性不像科学那么强,业余研究者有时也 能独创新论,这使得他们对陌生的科学研究也抱有一种浪漫的想法,支持、赞赏“民间科学家”的所作所为,甚至表示“敬意”,并且呼吁要“鼓励民间科学研究.
كەسىپى پەن-تەتقىقات خادىملىرى پەن-تەتقىقات ئۇسۇلى، قانۇنيىتى ۋە رىئاللىقىغا نىسبەتەن بۇ ئىشلارنى ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان بولغاچ، پەن-تېخنىكا يۈكسەك تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈندە بىر ئىشتىن سىرت تەتقىقاتچىنىڭ ئولۇغ پەن-تېخنكا بايقاشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالىشىنىڭ مۇمكىنچىلىگى ئاساسەن نۆلگە تەڭ دەپ قاراپ بۇ خىلدىكى ئەلپەنچىلەرگە نىسبەتەن ئىنكار قىلىش، سۇغۇق مۇئامىلە قىلىش، كەمسىتىش پۇزىتسىيەدە بۇلىدۇ. لېكىن ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پۇزىتسىيەسى بولسا تامامەن ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلاردا تەبئى پەنلەر تەتقىقاتىغا نىسبەتەن بىرىنچى قول چۈشىنىش كەمچىل بولغاچ، شۇنداقلا ئىجتىمائى پەنلەرنىڭ كەسىپچانلىغى ئالاھىدە يۇقىرى بولمايدىغان بولۇپ بەزىدە بەزى ئىشتىن سىرت ھەۋەسكارلارمۇ ئۆزىگە خاس كۆز قاراش ۋە نەزىرىيە يارىتالايدىغان بولغاچ، ئۇلار تەبئى پەنلەرگىمۇ ئوخشاش رومانتىك پۇزىتسىيە بىلەن قارايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئەلپەنچىلەرگە زوقلىنىدۇ، ھەتتا قاتتىق ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە بۇلارنى قوللاش كىرەك دەپ مۇراجەت قىلىدۇ .
ئۇنداقتا نورمال تەبئى پەنلەر تەتقىقات قانداق بۇلىدۇ؟
ھازىرقى زاماندا تەبىئى پەنلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال شۇ ساھەدە سىستىمىلىق تەربىيەلىنىش كىرەك. بۇ ئەڭ ئالدىنقى زۈرۈر شەرتى. سىستىمىلىق تەربىيەلەنمەي تۇرۇپ، ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان ساھەدە ئاساسىنى پۇختا سالماي تۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاپلىرىدىن ئۈگەنگەن بىلىملەر بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. بۇ ئاساس تولۇق كۇرس باسقۇچىدا توختاپ قالماسلىقى، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بىلىم ئېلىشى كىرەك. ئامرىكىدا PhD (دوكتۇرلۇق) ئۈنۋانى بولمىسا تەتقىقاتچى دەپ ئاتالمايدۇ. ئاندىن تەتقىقى قىلغۇچى نىمىنى تەتقىق قىلىشنى، قاندق تەتقىق قىلىشنى بىلىشى كىرەك. قانداق تەتقىق قىلىشنى يۇقىرى ئۆرلەپ بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى ئوقۇش جەريانىدا يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار ۋە تەجرىبىخانىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تەتقىقاتقا بىۋاستە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۈگىنىدۇ. نەزەرىيۋى فىزىكا ساھەسىدىمۇ شۇنداق. نىمىنى تەتقىق قىلىشنى بولسا ئۆز يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسىدىن مەسلەھەت ئېلىش، چىقىۋاتقان كەسپى ژورناللارنى كۆرۈش، ھەرخىل ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرىغا قاتنىشىش، كەسپى ساھەدىكى نۇپۇزلۇق ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش ۋە ئۇلار يازغان باھا ۋە خۇلاسە خاراكتېرلىق ماقالىلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىزدەيدۇ. پىشانىسىگە بىرنى مۇشلاپلا «مەن كۇانىت نەزىرىيسىنى ئاغدۇرۋىتەي»، « نىسبىلىك نەزەرىيسى بىلەن ئېتىشاي» دەپ چىقىۋالسا ئۆزى جاپا تارتىپ قالىدۇ. ئىلمى تەتقىقات قانداق بۇلىدۇ بۇ توغرىلىق كىيىنچە ئايرىم تىما يازىدىغان بولغاچ بۇ يەردە تەپسىلى توختالمايمەن. تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى چىققاندىن كىيىن ئۇنى چىرايلىق ماقالە قىلىپ تەييارلاپ ئاۋال ئۆز يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە تەتقىقاتقا قاتناشقان ياكى بىلىدىغان شۇ گۇرۇپپىدىكى ئادەملەر كۆرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ،ئۇندىن كىيىن يەنە ئوخشاش ئىشنى قىلىۋاتقان بىر نەچچە تەتقىقاتچىغا ئەۋەتىپ بىرىپ پىكرىنى ئالىدۇ. ، باشقا پىكىر چىقمىسا ئاندىن ئىلمى ژورنالغا ئەۋەتىدۇ. ئىلمى ژورنال خىزمەتچىلىرى بۇ ماقالىنى يەنە شۇ كەسىپتىكى نۇپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن 3-4كە ئەۋەتىپ باھالاتقۇزىدۇ. باھالىغۇچىلار ماقالىنىڭ باسقۇچلىرىنى تەپسىلى كۆرۈپ ماقالىنىڭ ئىدىيسى، تەتقىقات ئۇسۇلى، تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ، چىققان نەتىجە دىگەنلەرنى كۆرۈپ قوشۇلغاندا ئاندىن ماقالىنى ئىلان قىلىشقا بىرىدۇ. ماقالە ئىلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ماقالىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدىيە ۋە نەتىجىلەر دۇنيانى ھاڭ تاڭ قالدۇرغۇدەك بولسا داۋراڭ قىلنىدۇ. گىزىتلەر، تېلىۋىزىيەلەر ۋە تور بەت مەخسۇس ستون يازغۇچىلىرى ئىزدەپ كىلىپ مەخسۇس ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىق ماقالىلارنى يازىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى بۇ ئىشلار سىزنىڭ ماقالىڭىز ئىلمى ژورنالدا ئىلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بۇلۇشى كىرەك. ئامرىكىدىكى شوھرەت مۇتەللىپتىن تارتىپ شىنجاڭدىكى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى ئاۋال ماقالىىسىنى ئىلان قىلىپ ئاندىن مېدىيالاردا تەشۋىق قىلىنغاندۇر. ھەرگىزمۇ بىر مۇنچە قىياس ۋە تەسەۋۇرنى تاشلاپ قويۇپ گىزىتلەر، شىنجاڭ مائارىپى دىگەندەك ژورناللاردا ماقالە ئىلان قىلىپ قويۇپلا «نوبىل مۇكاپاتى» دىن چۈشىدىغان ئىش يوق. سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىز ئىلمى ژورنالدا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۇنى باشقىلار كۆرىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ ۋە ئۆز ماقالىسىدا نەقىل ئالىدۇ. باشقىلار نەقىلنى قانچە كۆپ ئالغانسىرى سىزنىڭ شۇ ماقالىڭىزنىڭ تەسىرى (impact factor ) ئاشىدۇ. شۇ ئاشقانسىرى سىزنىڭ نۇپۇزىڭىزمۇ ئاشىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئارسىدا ۋە جۇڭگۇدا مەلۇم تەتقىقاتچىنى تۇنۇشتۇرغاندا ئۇنىڭ SCI غا كىرىدىغان ژورناللاردا ماقالە ئىلان قىلغانلىغى، نەچچە پارچە SCI ماقالىسى بارلىغى ئالاھىدە تىلغا ئېلنىدۇ. بۇ يەردىكى SCI ئەنە شۇ ئىلمى تەسىرى قانچىلىك شۇنى كۆرسىتىدىغان بىر ئامىلدۇر. نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بەزى ئالىملارنىڭ ماقالىسىدىن ئىشلىتىلگەن نەقىللەر نەچچە مىڭغا بارىدۇ. ئادەتتىكى ماقالىلارنىڭ بولمايدۇ ياكى 2-3، بەلكى 10-20 بۇلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ماقالىڭىزدىن ئېلىنغان نەقىللەر 100 دىن ئاشقان بولسا سىز ئامرىكىنىڭ NIW كاتىگورىيەسىدىكى يېشىل كارتىغا ئىلتىماس قىلىسىڭىز تەستىقلىنىش ئىھتماللىقى 99%. بۇ خىل يېشىل كارتىغا ئامرىكىدا ئەمەس باشقا دۆلەتتە بولسىڭىزمۇ ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ. ئىلمى ماقالىڭىزنى ئىشلەتكەن ئادەملەر سىزنىمۇ بىلىپ ماڭىدۇ. مانا شۇ يۇسۇندا سىزنىڭمۇ نۇپۇزىڭىز ئاشىدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىسز. سىز ئوتتۇرىغا قويغان بايقاش ۋە يىڭى كۇز قاراش قۇبۇل قىلىنىپ ماڭغانسىرى سىزخەلقارادا تۇنۇلۇپ ماڭىسىز. بىر چاغقا كەلگەندە سىزدىن خەۋەرسىز باشقا تەتقىقاتچىلار سىزنى نوبىل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىدۇ، بىر كۈنى يېرىم كىچىدە ئۇخلاپ ياتسىڭىزنوبىل كومىتىدكىلەر سىزگە تېلڧۇن قىلىپ ”سىزنى تەبرىكلەيمىز، ئۆزلىرى بۇ يىللىق نوبىل موكاپاتىغا ئىرىشتىلە“ دەيدۇ. ئۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىرىشىشتىن بۇرۇنلا سىرتتىكىلەر بىلمىسىمۇ شۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئاللىقاچان نۇپۇزىنى تىكلەپ بولغان كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇنى باشقىلار نامزات قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
ئىلىم-پەن تەتقىقاتچىلىرى ئىچىدە ئىلمى ئەمگەك قانداق قىلىپ ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىلىدۇ، ئىلمى ئەمگەكنى، يىڭى بايقاشلارنى، يىڭى قاراشلارنى قانداق قىلىپ باشقىلارغا بىلدۈرىمىز دىگەن تىمىدا يەنە ئامرىكا يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتىدىن دوكتور رەيھان بەكتۇرگە ئىلتىجا قىلدىم. ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى مۇنداق:
Dear readers, I am writing the following short paragraphs to briefly point out some general process of how a scientific discovery is recognized.
I have been going to International conferences since 2003 and have been publishing on internationally recognized journals. Although I am still fairly young in my career, I believe I have enough experience to summarize those generally process about how a work is reviewed and recognized in physics and electrical engineering societies.
The most common process of publishing a research discovery is to present it in a professional conference. To do so, there are two methods: (1) to write an abstract to the conference, (2) to write a full a few page papers. Some conferences do not accept abstracts, and therefore you have to write a paper. Often time, both abstracts and papers will be reviewed by the experts in the field. Therefore, only if those experts believe the work is solid, the paper or abstract will be accepted and then you may go to the conference to present your work. While at the conference, once you read your paper, which will take about 15 minutes, experts in the audience will question your methods. If your work is extremely good, then you will receive many positive comments. If you have only written an abstract, even if your work is great, people may forget about it. But if you have written a paper, and the paper is included in a searchable database such as IEEE Xplora, then some people may later on cite your work. Of course, this is provided that you really have done a great work.
Usually, after a conference, most researchers will refine their work and submit papers to professional journals. The well respected journals are those peer-reviewed journals. A peer-reviewed journal means at least 2 experts will review each paper and only if both experts believe the paper is valuable to publish, then the paper can be published. Publishing a paper on a good journal is not an easy process. Often time, the expert reviewers will ask for a lot of corrections and more data. Therefore, it may take 6 month to even 2 years to publish a paper. After a paper is published, if the work is very good, some people may cite it, and it will take even longer.
So, in summary, to be recognized in scientific community, it means you will need to publish your work in professional journals and conferences. That way, experts in the field will be able to read your work and evaluate your work. If your work is really valuable, then people will cite your work. Later on, book publisher may ask you to write a book. Some people may say that the experts are not smart, and cannot understand his/her newest discovery. But please note that, even if the experts cannot fully understand, they would still evaluate your work and perform appropriate recommendation. For example, when Einstein first published his work, not many people understood his work, but still he was able to publish them even though he was not famous yet. Therefore, if a person really believes that he has a discovery, he should send his work to conferences or journals for publication. If his work is rejected there, then most likely it means his work is not solid.
تەرجىمىسى: «ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر. مەن تۆۋەندىكى قىسقىچە يازما ئارقىلىق پەن-تەتقىقات بايقاشلىرىنى قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا بەزەن مۇھىم ھالقىلارنى ئاددىي قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆتىمەكچىمەن. مەن 2003-يىلدىن بۇيان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژورناللادىمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن.گەرچە مەن ئۆز كەسپىمدە يەنىلا تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمگەن بولساممۇ ، لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بىر فىزىكا ياكى ئېلىكترون ئىنژىنىرلىقى ساھەسىدىكى يېڭى نەتىجىلەرنىڭ باھالىنىشى ۋە ئېتراپ قىلىنىشى جەريانىنى ئومۇمى جەھەتتىن يىغىنچاقلاش توغرىسىدا مەندە تولۇق تەجرىبە بار دەپ ئويلايمەن.
ئادەتتە پەن-تەتقىقاتتىكى يېڭى بايقاشنى(يېڭى نەتىجىلەرنى) ئېلان قىلىشتا كۆپىنچە قوللىنىلدىغان ئۇسۇل ئۇنى كەسپىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.( 1 ) كەسپى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قىسقىچە مەزمۇنىنى يېزىپ ئەۋەتىش.(2) بىر قانچە بەتلىك تولۇق بولغان ماقالىدىن بىرنى يېزىپ تاپشۇرۇش. بەزەن مۇھاكىمە يىغىنلىرى قىسقىچە مەزمۇنىنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا سىز چوقۇم بىر پۈتۈن ماقالە يېزىپ چىقىشىڭىز كېرەك. كۆپنچە ۋاقىتلاردا قىسقىچەمەزمۇن ۋە ماقالە ھەر ئىككىلىسى شۇ ساھەدىكى ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپدىن باھالىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئەشۇ مۇتەخخەسىسلەر سىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىڭىزنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنسىلا قوبۇل قىلىنىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن سىز مۇھاكىمە يىغىنىغا بېرىپ يېڭى نەتىجىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بۇلىدۇ. مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدائەگەر سىز ماقالىڭىزنى ئوقۇسىڭىز 15مىنۇتچە ۋاقىت كېتىدۇ. دوكلاتىڭىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان مۇتەخخەسىسلەر سىزدىن تەتقىقات نەتىجىڭىزگە ئالاقىدار سوئاللارنى سورايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىشىڭىز (قوللانغان ئۇسۇلىڭىز، ئېرىشكەن نەتىجىڭىز قاتارلىقلار) ئالاھىدە ياخشى بولسا سىز ناھايىتى كۆپ ئاكتىپ باھالاشلارغا ئېرىشىسىز. ئەگەر سىز پەقەت قىسقىچە مەزمۇننىلا يازغان بولسىڭىز، گەرچە سىزنىڭ ئىشىڭىز قانچىلىك چوڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەر ئۇنى تىزلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ماقالىڭىز بەزەن ئىزدەشكە بۇلىدىغان سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا (مەسىلەن IEE ، XPLORA دىگەندەك)، ئۇنداقتا بەزى كىشىلەر كىيىن ماقالىلىرىدە سىزنىڭ ماقالىڭىزدىن نەقىل كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەقىقەتەن ناھايتى ياخشى ئىشلىگەن بۇلىشىڭىز كىرەك.
ئادەتتە يىغىندىن كىيىن كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ماقالىلىرىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ۋە رەتلەپ چىققاندىن كىيىن كەسپى ژورناللاردا ئېلان قىلىدۇ. نوپۇزلۇق ژورناللار بولسا ئوخشاش كەسىپتىكىلەر تەھرىرلەپ باھالايدىغان ژورناللارنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشاش كەسىپتىكىلەر باھالايدىغان ژورناللار دىگىنىمىز ئاز دىگەندە 2دىن ئارتۇق مۇتەخخەسىس ماقالىڭىزنى باھالىشىنى ۋە ھەمدە ھەممىسى بىردەك بۇ ماقالىڭىزنىىڭ ئىلان قىلغىدەك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئاساستا ئاندىن مەتپۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. داڭلىق ژورناللاردا بىر ماقالە ئىلان قىلىش جەريانى ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتتا باھالىغۇچى مۇتەخخەسىسلەر سىزدىن نۇرغۇن يەرلەرنى تۈزۈتۈشىڭىزنى ۋە تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ماقالىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئالاھەزەل ئالتە ئايدىن ئىككى يىلغىچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ. ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ، ئەگەر ئۇ ناھايىتى ياخشى بولسا، باشقا كىشىلەر ئۆز ماقالىلىرىدە سىزنىڭ ماقالىڭىزنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىشىلتىدۇ، بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ.
شۇڭا ،يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، پەن-تەتقىقات ساھەسى ۋە جامائىتى ئارىسىدا ئېتراپ قىلىنىشغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز تەتقىقات نەتىجىڭىزنى كەسپى ژورناللاردا ۋە مۇھاكىمە يىغىنلاردا ئېلان قىلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا شۇ ساھەدىكى باشقا مۇتەخخەسىسلەر سىزنىڭ ماقالىڭىزنى ئوقۇش باھالاش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىشىڭىز ھەقىقەتەن قىممەتلىك بولسا، كىشىلەر سىزنىڭ ماقالىڭىزنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىشىلتىدۇ. كىيىن نەشىرىياتچىلار سىزنى ئىزدەپ كىلىپ كىتاپ يېزىشڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزەن كىشىلەر بەلكىم مۇتەخەسسىلەر ۋە باھالىغۇچىلار ئەقىللىق ئەمەس، مىنىڭ ماقالەمنى ياكى بايقىشىمنى تولۇق چۈشەنمىدى دىيىشى مۇمكىن. لېكىن شۇنى ئەسكەرتىش ئۆتۈش كېرەككى، گەرچە مۇتەخخەسىسلەر ماقالىڭىزنى تولۇق چۈشىنىپ كىتەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا مۇۋاپىق باھالاش پىكرى بىرەلەيدۇ. مەسىلەن، ئېنىشتىيىن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندا نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىسىنى چۈشىنەلمىگەن، گەرچە ئۇ شۇ چاغلاردا ئانچە داڭلىق بولمىسىمۇ لېكىن ئۇ يەنىلا ماقالىسىنى ئېلان قىلالىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمەنكى، بىر ئادەم ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ يېڭى نەرسە بايقىغانلىقانلىقىغا ئىشەنسە، ئۇ ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئەمگەك نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ماقالىسىنى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ياكى كەسپى ژورناللارغا سۇنۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ ماقالىسى ئۇ يەردە رەت قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قىلغان ئەمگىكىنىڭ ئاساسى تېخى ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.»
دىمەك ئىلمى تەتقىقات نەتىجسىنى ئىتراپقا ئىرىشتۈرۈشنىڭ بىرىنچى يولى ئۇنى كەسپى ئىلمى ژورناللاردا ئىلان قىلدۇرۇش ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قاراش. ئۈستىدە دوكتۇر رەيھان بەكتۇر دىگەندەك گەرچە ئېينىشتىيننىڭ قاراشلىرى دەسلەپ قۇبۇل قىلىنمىغان بولسىمۇ نۇپۇزلۇق ئىلمى ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان. سىزنىڭ كۆز قاراشلىرىڭىز يوللۇق بولسا، تەتقىقات ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسا، تەمىنلىگەن پاكىت ۋە ئىسپاتلار يىتەرلىك بولسا ئۇ مەيلى باشقىلار چۈشەنسۇن ۋە چۈشىنەلمىسۇن ئىلمى ژورنال ئۇنى ئىلان قىلىۋىرىدۇ. ماقالىڭىزنى ئىشلەتكەن،سىزنىڭ ماقالىڭىزدىن باشقىلار ئالغان نەقىللەر 1000 گە بارمىسمۇ 100 گە بارسا ئاندىن نوبىل مۇكاپاتىنىڭ چۈشىنى كۆرگىلى تۇرسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.
يۇقىرىدا دىيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇ جەميىتىدىن ئېلىنغان گەپلەر بۇلۇپ ئۇيغۇر جەميىتىگە تېخى ئۆتمىدۇق. لېكىن ئوقۇرمەنلەر ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە ھىس قىلدىكى ئۈستىدە دىيىلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر جەميىتىدىن تولۇق تېپىلىدۇ. مىنىڭ نەچچە يىل بۇرۇن يازغان «نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار»[15]، «زىيالى، قىلغان ئىشى خىيالى»[16] دىگەن يازمىلىرىمنى ئوقۇغانلار ئاسانلا ھىس قىلالايدۇ. ئۇيغۇر جەميىتىدىمۇ ئەلپەنچىلەر مەلۇم ساندا بار بولۇپ بۇلارنىڭ چىقىرىۋاتقان شامىلى ۋە تەسىرىمۇ كىچىك ئەمەس. زۇلپىقار باراتقا ئوخشاش جەميەتشۇناسلىق ياكى پىسخىكا ئوقۇۋاتقانلار بولسا ئۇيغۇر جەميىتىدىكى شۇلارنى ياخشى تەكشۈرۈپ، پاراڭلىشىپ چىقسا بەلكى ناھايتى ناخشى ماقالىدىن بىرسى چىقىدۇ.
ئۇيغۇر جەميىتىدە مەن «نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار» دىگەن ماقالەمدە تىلغا ئالغان خوتەنلىك ئادەم، پەيلاسۇپ دەپ ئاتالغان يۈسۈپ ھۈسەيىن قېقىنۇس، «ئېينىشتىينغا جەڭ ئىلان قىلىپ نوبىل مۇكاپاتىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان» قاسىم سىدىق قاتارلىقلار ئۇيغۇرلاردىكى ئەلپەنچىلەرنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇر.
ئۇ خوتەنلىك ئادەم ماڭا ئۈز ئاغزى بىلەن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇن «بىلىم-كۈچ» ژورنىلىدىن «ھازىرقى دۇنيادىكى ئىلىم- پەندىكى ھەل قىلىنمىغان 10 چوڭ مەسىلە» دىگەن ماقالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قىززىقىپ قېلىپ جاپالىق تەتىقىقات ئېلىپ بارغانلىغىنى، ھازىر بۇنىڭ تۆتىنى ھەل قىلغانلىغىنى، قالغانلىرىنى ھەل قىلىشقا قۇربىتى يىتىدىغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرچە قېرىپ قالغان بولغاچقا توختىتپ قويغانلىغىنى، شۇنداقتىمۇ مۇشۇ ھەل قىلغان تۆت مەسىلە خەلقاراغا سۇنۇلسا چوقۇم ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىپ نوبىل مۇكاپاتىدىن نەچچىسىى كىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپ ماڭا 20 بەتلەر ئەتراپىدىكى بىر يازما ماقالىسىنى بەرگەن ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ ماقالسى ھەتتا ھىچقانداق ژورنال ياكى مەتبۇئاتلاردىمۇ بېسىلمىغان بولۇپ بۇ ئادەمدە مەن ئۈستىدە ئېيتقان ئەلپەنچىلەرنىڭ بەش ئالاھىدىلىكى تولۇق تېپىلىدۇ.
يۈسۈپ ھۈسەيىن قېقىنۇس بىلەن مەن ئۇچرىشىپ باقمىدىم، لېكىن داۋرىڭىنى ئاڭلاپ نەزەر سېلىپ تۇردۇم. ئۇ ئادەمنى ھەتتا 2009-يىلى تور ئىتىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن بەرقى مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىپ تورداشلار بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشقان. شۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى بۇ ئادەم ئۆز دۇنياسىدا ياشايدۇ، ئۈزى ئىجاد قىلغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بەك چوڭ دەپ بىلىدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرىنى ئەمەس مۇنبەردە دەۋاتقان گەپلىرىنىمۇ ئەپەندىم ئۆزىنىڭ خېتىنى ئۆزى بېرىپ ئوقۇپ بەرمىسە بولمايدىغانغا ئوخشاش ئۆزىدىن سوراپ بىلمىسە چۈشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئادەم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. كۆزىتىشىمچە بۇ ئادەم ئۆزى ئۇتتۇرىغا قويغان پەلسەپەلىرىنى ئىنتايىن مۇھىم، ھازىرقى زاماندىكى ئادەملەر چۈشەنمەيدۇ، لېكىن كەلگۈسىدە بىر كۈنى دۇنيادىكى ئادەملەر ئۇنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنىپ ئۆزىنى ئۇلۇغلايدۇ دەپ ئويلايدۇ.
قاسىم سىدىققا كەلسەك ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئەلپەنچىلەر ئارىسىدا داۋرىڭى ئەڭ چوڭ، ئۇلارنىڭ ئاقساقىلى بۇلۇشقا مۇناسىپ. تەتقىقاتېنىڭ ئۆز قىممىتىدىن داۋرىڭىنىڭ تەسىرى چوڭ. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا كوچا گەپلىرىدىن ئۇنى نوبىل مۇكاپاتىغا نەچچە قېتىم نامزات بولغانلىغىنى، لېكىن باھالاش كومىتىتدىكىلەر ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى چۈشىنەلمەي ۋاختىنچە توختىتىپ قويغانلىغىنى ئاڭلاپ بىر كىچە ئۇخلىيالماي ھاياجانلىنىپ چىققان ئىدىم. مىنىڭ نەزىرىمدە نوبىل مۇكاپاتى ئالالمىسىمۇ نامزات بولسىمۇ بەك چوڭ ئىش ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نەزىرىيەسى يوقلۇق نەزىرىيەسى دەپ ئاتىلىدىكەندۇق. كىيىن ئۇ زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ «يوقلۇق نەزىرىيەسى» نى « شەكىل نەزىرىيەسى» دەپ ئاتاپتۇ، مەنمۇ زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ فىزىكىچى بولۇپ قالدىم ۋە ئازراق ئۇنى بۇنى چۈشەنگۈدەك بولدۇم.
ئۇيغۇر جەميىتىدە مەن ماقالەمدە تىلغا ئالغان خوتەنلىك ئادەم، پەيلاسۇپ دەپ ئاتالغان يۈسۈپ ھۈسەيىن قېقىنۇس، «ئېينىشتىينغا جەڭ ئىلان قىلىپ نوبىل مۇكاپاتىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان» قاسىم سىدىق قاتارلىقلار ئۇيغۇرلاردىكى 民科 نىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇر.
ئۇ خوتەنلىك ئادەم ماڭا ئۈز ئاغزى بىلەن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇن «بىلىم-كۈچ» ژورنىلىدىن «ھازىرقى دۇنيادىكى ئىلىم- پەندىكى ھەل قىلىنمىغان 10 چوڭ مەسىلە» دىگەن ماقالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قىززىقىپ قېلىپ جاپالىق تەتىقىقات ئېلىپ بارغانلىغىنى، ھازىر بۇنىڭ تۆتنى ھەل قىلغانلىغىنى، قالغانلىرىنى ھەل قىلىشقا قۇربىتى يىتىدىغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرچە قېرىپ قالغان بولغاچقا توختىتپ قويغانلىغىنى، شۇنداقتىمۇ مۇشۇ ھەل قىلغان تۆت مەسىلە خەلقاراغا سۇنۇلسا چوقۇم ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىپ نوبىل مۇكاپاتىدىن نەچچىسىى كىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپ ماڭا 20 بەتلەر ئەتراپىدىكى بىر يازما ماقالىسىنى بەرگەن ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ ماقالسى ھەتتا ھىچقانداق ژورنال ياكى مەتبۇئاتلاردىمۇ بېسىلمىغان بولۇپ بۇ ئادەمدە مەن ئۈستىدە ئېيتقان 民科 نىڭ بەش ئالاھىدىلىكى تولۇق تېپىلىدۇ.
يۈسۈپ ھۈسەيىن قېقىنۇس بىلەن مەن ئۇچرىشىپ باقمىدىم، لېكىن داۋرىڭىنى ئاڭلاپ نەزەر سېلىپ تۇردۇم. ئۇ ئادەمنى ھەتتا 2009-يىلى تور ئىتىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن بەرقى مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىپ تورداشلار بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشقان. شۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى بۇ ئادەم ئۆز دۇنياسىدا ياشايدۇ، ئۈزى ئىجاد قىلغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بەك چوڭ دەپ بىلىدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرىنى ئەمەس مۇنبەردە دەۋاتقان گەپلىرىنىمۇ ئەپەندىم ئۆزىنىڭ خېتىنى ئۆزى بېرىپ ئوقۇپ بەرمىسە بولمايدىغانغا ئوخشاش ئۆزىدىن سوراپ بىلمىسە چۈشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئادەم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. كۆزىتىشىمچە بۇ ئادەم ئۆزى ئۇتتۇرىغا قويغان پەلسەپەلىرىنى ئىنتايىن مۇھىم، ھازىرقى زاماندىكى ئادەملەر چۈشەنمەيدۇ، لېكىن كەلگۈسىدە بىر كۈنى دۇنيادىكى ئادەملەر ئۇنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنىپ ئۆزىنى ئۇلۇغلايدۇ دەپ ئويلايدۇ. تىپىك 民科 نىڭ ئۆزى.
قاسىم سىدىققا كەلسەك ئۇيغۇرلاردىكى 民科 لارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ داۋرىڭى ئەڭ چوڭ، ئاقساقىلى بۇلۇشقا مۇناسىپ. تەتقىقاتېنىڭ ئۆز قىممىتىدىن داۋرىڭىنىڭ تەسىرى چوڭ. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا كوچا گەپلىرىدىن ئۇنى نوبىل مۇكاپاتىغا نەچچە قېتىم نامزات بولغانلىغىنى، لېكىن باھالاش كومىتىتدىكىلەر ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى چۈشىنەلمەي ۋاختىنچە توختىتىپ قويغانلىغىنى ئاڭلاپ بىر كىچە ئۇخلىيالماي ھاياجانلىنىپ چىققان ئىدىم. مىنىڭ نەزىرىمدە نوبىل مۇكاپاتى ئالالمىسىمۇ نامزات بولسىمۇ بەك چوڭ ئىش ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نەزىرىيەسى يوقلۇق نەزىرىيەسى دەپ ئاتىلىدىكەندۇق. كىيىن ئۇ زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ «يوقلۇق نەزىرىيەسى» نى « شەكىل نەزىرىيەسى» دەپ ئاتاپتۇ، مەنمۇ زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ فىزىكىچى بولۇپ قالدىم ۋە ئازراق ئۇنى بۇنى چۈشەنگۈدەك بولدۇم.
قاسىم سىدىقتىمۇ ئەلپەنچىلەردە بار بولۇشقا تىگىشلىك ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق تېپىلىدۇ. ئۆزىنىڭ شەرھىيسى بويىچە ئىيتقاندا ئۇنى شەكىل نەزىرىيەسى بىر مۇستەقىل سىستىما. ئۇنىڭ باياناتچىىسى بىلىكيارنىڭ <<فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى>> تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەخىرسىزلىكى توغرىسىدا [17] دىگەن يازمىسىدا يازغانلىرى بويىچە « فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى يىپ-يېڭى مىتود بىلەن بارلىق تەبىئىي پەنلەرنى ،جۈملىدىن پەلسەپەنى ئۆزگىچە مىتود ۋە بىلىش نەزەرىيەسى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، ئۆزگىچە خاسلىققا ئېگە بولغان 12 تۈردە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىلغان. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ھەل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان فىزىكا، ئالەمشۇناسلىق ۋە پەلسەپىۋىي مەسىلىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئىچىدىكى خالىغان بىر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا كاتتا تۆھپە قوشقانلىق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.» بۇ گەپلەرنىڭ ئۆزى نيۇيۇرك ۋاقىت گزىتىدە دىيىلگەن ئەلپەنچىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىگە تامامەن ئۇيغۇن. ئەل ئىچى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگىمۇ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىسىدىن ھىچ بىرسى خەلقارا ئەمەس جۇڭگۇدىكى كەسپى ئىلمى ژورناللاردا بولسىمۇ قۇبۇل قىلىنىپ ئىلان قىلىنغان ئەمەس، ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغانلىرى ۋە ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەر شىنجاڭدا چىقىدىغان قۇرغاق رايۇنلار تەتقىقاتى، شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى، شىنجاڭ گىزىتى، شىنجاڭ پەن- تىخنىكا گىزىتى دىگەنگە ئوخشاش ژورنال ۋە گىزىتلەردە ئىلان قىلىنغان، توردا ئىلان قىلىنغان يازمىلىرى ۋە ماقالىلىرى پۈتۈنلەي تاڭسىڭنىڭ نوملىرىغا ئوخشاش يېزىلغان. 40 نەچچە قىياس ۋە تىئورمىلار بار. بۇلارنىڭ ئىسپاتى قېنى دەپ سورىساق «ئەمدى تېخى پەلسەپىۋى ۋە لوگىكىلىق رامكىسىنى قۇرۇپ چىقتىم، تەتقىقاتنى بۇندىن كىيىن قىلىمىز» دەيدۇ. تېخى رەسمى تەتقىقات باشلانمىغان نەرسىگە نىمانچە جىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ داۋرىڭى قىلىپ كىتىدىغانلىغىغا پېقىر ھەيران. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۇچىلىرى ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى «ھۆر قەلىبلىك»، « مەسئۇلىيەتچان» دەيدۇ، باشقىچە پىكىر قىلسا، قوللىمىسا « قۇرۇق گەپ ساتىدىغان»، «ھىسياتپەرەس» بولغان بۇلىدۇ. قاسىم سىدىق ماڭا يازغان ئوچۇق خېتى «جېككە يېزلغان خەتلەر-1» [18] دە مىنى يەنە « بىر تەرەپلىمە»،«ساۋاتسىز»، « يىتەرلىك دەرىجىدە ئىلمىي بولمىغان مەكتەپ مائارىپىنىڭ مەھسۇلى»، « قىلچىمۇ ئىلمىي گۇمانلىنىش روھى بولمىغان، نوپۇزلۇق تەلىماتلار ۋە نوپۇز ئىگىلىرىگە شەيىخلەرچە چوقونىدىغان، پەقەت نوقۇل ھالدا مۇتەخەسىسنىڭلا مېڭىسىگە ئىگە بولۇپ، قىلچىمۇ پەلسەپەۋى مېڭىگە ئىگە بولمىغان» دەيدۇ. قارشى پىكىر بىرىپ قاتتىقراق گەپ قىلسا ئۆزىنى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ «مەن سىزگە نىمە قىلغان» [19] دەيدۇ. قانداقلا بولسىمۇ تەتقىقات قىلىۋېتىپتۇ، روھىنى بولسىمۇ قوللاپ جىم تۇرايلى دىسە، بىر-ئىككى يىغىنغا قاتنىشىپ قويۇپ، ئانچە-مۇنچە مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئىلھام بىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ گىزىتلەردە، تور بەتلەردە، تېلىۋىزورلاردا داۋراڭ قىلىپ «پۇرسەت تۇتىۋىلىنسا يىقىنقى 10يىلدا فىزىكا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى جۇڭگو شىنجاڭدىن ۋۇجۇتقا كېلىشى مۈمكىن »[20] ، ” يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئېينىشتىيىنغا جەك ئىلان قىلدى“ [21]، قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتتى[22] ،《فىزىكىلىق شەكىل》ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى[23] «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» تەتقىقاتىنى تىزلىتىپ،نوبېل مۇكاپاىتىغا يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى جىددىي تەكلىپ [24] ، «قاسىم سىدىق ۋە نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى» [25] دىگەندەك داۋراڭلار بىلەن ھەممە يەرنى بىر ئېلىپ بىلمەيدىغانلارنى قايمۇقتۇرۇپ « پۇلى بارلار پۇل چىقىرىڭلار، كۈچى بارلار كۈچ» دەپ جەميەتتىن ئىئانە توپلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. مەن 10 نەچچە يىل بۇرۇن قۇددۇس ھاپىزنىڭ خەلقارالىق يىغىنغا قاتنىشىپ «ئۇيغۇر تىلىنى 21-ئەسردە دۇنيا تىلى بۇلىدىغانلىغى» ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ ئازراق بولسىمۇ پۇل توپلاشقا ئاكتىپ قاتناشقان ئىدىم. ئەمدى كىلىپ بۈگۈنكى كۆندە يەنە بۇ ھاماقەتلىكنىڭ قايتا يۈز بىرىشىنى خالىمايمەن. بۇ مىنىڭ قاسىم سىدىقنىڭ داۋراڭلىرىغا قەتئى قارشى تۇرۇشۇمدىكى تۈپكى سەۋەپ.
ئۇنداقتا ئەلپەنچىلەر ئۈچۈن يول قايسى دىگەندە بۇلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى تۇنۇپ يىتىشى، ھەقىقى تەتقىقاتچىغا خاس روھ يارىتىشى، ئەلپەنچىلەرگە خاس بولغان پىسخىك ھالەتتىن تەل تۈكۈس قۇتۇلۇپ چىقىشى كىرەك. فىزىكا قاتارلىق تەبىئى پەنلەردە تەتقىق قىلىشنى خالىغانلار ئالدى بىلەن ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ئىلاجى بولسا ئىلگىرلەپ ئوقۇپ زۈرۈر بولغان شارائىتلارنى ئۆزىدە ھازىرلىشى كىرەككى ھەرگىزمۇ ئايدا چىقىدىغان «بىلىم-كۈچ»، « پەن ۋە تۇرمۇش» دىگەندەك ژورناللار ۋە شۇ قاتاردىكى كىتاپلارنى ئوقۇغانلىغى بىلەن تەتقىقات قابىلىيتىم ئۆسىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىقى كىرەك. قاسىم سىدىققا ئوخشاش «مەن ئىنگلىس تىلىدا نۆل، خەنزۇ تىلىدا ئازراق بار، كومپيۇتېردا ياخشى مەشغۇلات قىلالمايمەن» دىگەندەك ھالەت بىلەن نۇبىل مۇكاپاتىغا قاراپ يۈرۈش قىلغىلى بولمايدۇ. قاسىم سىدىق گەرچە ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان 30 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭدەك تىرىشچان ئادەمگەئىلگىرلەپ ئوقۇش، چەتئەل تىللىرى ئۈگىنش پۈرسەتلىرى تامامەن بار ئىدى. ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلىرى ئىلگىرلەپ ئوقۇش، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەش، چوڭ ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش، دۆلەتنىڭ ۋە رايۇننىڭ تۈر مەبلىغى ئارقىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئويلىغانلىرىنى ۋە نەتىجىلىرىنى ئۇدۇللۇق تەتقىقاتچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ خاتا يەرلىرى بولسا دەرھال ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ توغرا يول ئىزدەش، نەتىجىلىرىنى كەسپى ژورناللاردا ئىلان قىلىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن تەتقىقاتقا كىرىشىش كىرەككى ھەرگىزمۇ قىياس قىلىپ، پەلسەپە ۋە لوگىكىلىك رامكىسىنى قۇرۇپلا تەتقىقات قىلماي «نوبىل مۇكاپاتىغا يۈرۈش قىلىش»، تەتقىقاتچىلارنىڭ قارشى پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلماي بىرسى رەت قىلسا يەنە بىرىنى ئىزدەپ ۋاختىنى باشقىلارنى ئىزدەپ باھالىتىشىقا سەرىپ قىلىۋەتمەسلىگى كىرەك. «نىمىشقا مىنىڭ تەتقىقاتىمنى كەسپى تەتقىقاتچىلار ياقتۇرمايدۇ، نىمىشقا مىنى رەت قىلىدۇ» دەپ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشى كىرەك. تەبئى پەنلەر تەتقىقاتى ئۈچۈن جىق كۈچ ۋە سەرمايە كىتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىنى دۆلەت ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۆزى مەبلەغ سېلىپ تەتقىقات ئىنستوتلىرى، ئۇنۋېرسىتىت، مەركەزلەرنى قۇرۇش ئارقىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە مۇۋاپىق بولغان مىخانىزىمنى ئورنىتىدۇ. تەتقىقات ئۈچۈن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىرقى زاماندىكى تەبئى پەنلەر تەتقىقاتى 2000 يىل بۇرۇنقى يۇنان دەۋرىدىكى تەتقىقات ئەمەس. كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۇپ تۇرىدىغان پاكىت شۇكى ئالدىنقى يۈز يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن تەبئى پەنلەردىكى چوڭ بۆسۈش، چىققان نوبىل مۇكاپاتلىرى قاتارلىقلار قانداقتۇ ئافرىقىدا، سەھرايى كەبىر ياكى تەكىلىماكان قۇملۇقلىرىنىڭ بۈرجەكلىرىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژورناللىرىنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئەمەس. ئابدۇسالامغا ئوخشاش ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئالىملارمۇ پاكستاندىكى كەپىلەردە ئولتۇرۇپ تەتقىق قىلغان ئەمەس بەلكى ئوكىسفوردقا ئوخشاش دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنۋېرسىتىتلاردا بىلىم ئېلىپ، ئۇستاز دەرىجىسىدىكى دۇنياۋى ئالىملاردىن ئۈگىنىپ، يەنە شۇنداق يەرلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئىرىشكەن نەتىجىلەردۇر. ئۇيغۇرلاردىن كەلگۈسىدە تەبىئى پەنلەردىن نوبىل مۇكاپاتى چىقتى دىگەندىمۇ بۇ ئىلىم-پەننىڭ تەرەققى قىلغان يەرلىرىدە ئوقۇغان، دۇنياۋى ئالىملار بىلەن بىر يەردە ئىشلەيدىغان ياقى قۇيۇق ئالاقىسى بار ( مەسىلەن ئوقۇغۇچىسى ياكى خىزمەتداش بولۇپ باققان) ، چوڭ تەجرىبىخانا ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىدە خىزمەت قىلغان ياكى قىلىۋاتقانلاردىن چىقىدۇكى ھەرگىزمۇ تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقلىرى ئارىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭدىن چىقىپ ئوقۇپ باقمىغان، تەتقىقاد بىلىمىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژورناللىرىدىن ئىگەللىگەن، ئىنگىلىس تىلىدا نۆل، كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلالمايدىغان بىرسىدىن چىقمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بىرسى چىقىپ قالسا مەن ئۈرۈمچىدىن غولجىغا ئۆمۇلەپ بېرىپ قاسىم سىدىقنىڭ پۇتىغا سۆيۈپ گۇناھىمنى تۇنۇيمەن.
ئەل ئارسىدىكى تەبئى پەنلەر بىلەن تەتقىقات قىلىشنى خالىغۇچىلار ھە دىسىلا نوبىل مۇكاپاتىدىن چۈشمەي ئالدى بىلەن شۇنىڭ ئاساسىنى سىلىېش ئۈچۈن كۈچەپ بېقىشى كىرەك، «نىسبىلىك نەزىرىيەىسىنى ئۆرۈيمەن» دەپ چوڭ تىمىلارغا ئېسىلىۋالماي كىچىك ئۆزىنىڭ كۈچى يىتىشىدىغان مەسىلىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ باقسىمۇ بۇلىدۇ، لېكىن يولى تەتقىقاتنىڭ پىرىنسىپلىرى بىلەن بولۇشى كىرەك. ئىلاجى بولسا ھاياتىنى نوبىل مۇكاپاتىغا ئاتىۋەتمەي ئۆزى ۋە شۇ جەميەت ئۈچۈن ئەمىلىيەتچىل ھالدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قىلسا، شۇ قاتاردىكى كىتاپلارنى يازسا، ژورناللارغا ماقالىلارنى يازسا بۇلىدۇ ۋە ئۇنى تامامەن ياخشى قىلىپ كىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا ھىچ بولمىسا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا 5-10 كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان كىتاپلارنى بولسىمۇ قالدۇرۇپ كىتەلەيدۇ. ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە ئەل ئىچىدىكىلەر تەبىئى پەنلەر بىلەن تەتقىقات قىلىشقا قارىغاندا تېخنىكا يۈنۈلۈشىگە قاراپ ماڭسىمۇ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. چۇنكى تېخنىكا يىڭىلاش، مەلۇم تېخنىك كەشپىياتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ئىلگىرلەپ دوكتۇرلۇققىچە ئۇقىمىسىمۇ، بەك جىق نەزىرىيەنى ئۇخمىسىمۇ ئۆزى شۇ تېخنىكىنى ياخشى چۈشەنسە، ئۇزۇن مەزگىللىك تەجرىبىسى بولسا ئۇنى ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق يىڭىلىغىلى، قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتكىلى، تېخنىكىنىڭ ئۈنىمىنى، ئىشلەش مىخانىزىمىنى ياخشىلاپ پاتېنىت ئالغىلى، ياخشى بولۇپ قالسا ئىقتىسادى ئۈنۈممۇ قولغا كەلتۈرگىلى يەنە ئانچە مۇنچە داۋراڭمۇ قىلغىلى بۇلىدۇ. بۇ جەھەتتە تۇرپاندىن ئايرۇپىلان ياسىغان ئوقۇتقۇچىنى ۋە قەشقەردىكى بىر نەچچە تېخنىكا چىقىرىپ پاتىنىت ئالغان دىھقان ئالىمجاننى، ئىفرا-قىزىل نۇرلۇق تونۇر ياسىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەلىجان رۇسۇلنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. گەرچە ئالىمجاننىڭ داۋراڭلىرىدىمۇ ئوخاشلا نوبىل مۇكاپاتى، «ئىنىرگىيە ئىشلەتمەيدىغان ماتۇر» دىگەندەك ئالا-جوقى گەپلەر بولۇنغان بولسىمۇ لېكىن توردىكى خەۋەرلەر راس بولسا ئۇنىڭ مەلۇم تېخنىكا يىڭىلىغانلىغى ۋە دۆلەت پاتنىتقا ئىرىشكەنلىكى راس. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتىنى ياخشى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ قىممىتى بولسا قوللاشقا تىگىشلىك.
بۇ يەردە يەنە ماقالىنىڭ تىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئىسىمگە كەلگەندە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، چەتئەل تىللىرى بىلمەسلىك، كومپيۇتېردا ياخشى مەشغۇلات قىلالماسلىق ھازىرقى ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش زىيالىلار ئۈچۈن پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان ئىش ئەمەس بەلكى ئۆزىنى ساۋاتسىز ھىساپلاپ يۈزىنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتتە نۇمۇس قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. بونداقلار بولسا چايغا، رېىستۇرانغا، دىباغا، ئولتۇرۇشقا كەتكەن پۇل ۋە ۋاختىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىپ چىقىپ دەرھال چەتئەل تىللىرى ۋە كوميۇتېردا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتمىسىمۇ ئادەتتىكى ئىشلاردا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بۇلۇشقا كىرىشىشى كىرەك. ھازىر بىر ئەقلى تېلفۇننىڭ پۇلىغا نورمال كومپيۇتېر ياكى يان كومپيۇتېر كىلىدۇ. ئۆيىدە كومپيۇتېر ۋە كىتاپ يوق، تورغا ئۇلاشقا كەتكەن پۇلىغا ئىچى ئاغىرىيدىغان، ئۆزى ئۈچۈن ئالمىسىمۇ بالىسىغا بولسىمۇ ئېلىپ بەرمەيدىغان زىيالىلار بىلەن كىشىلەر دوست بولماسلىقى، بېرىپ-كىلىش قىلماسلىقى بولۇپمۇ بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوينىشىغا يول قويماسلىقى كىرەك. ئۇلار «مەن كوميۇتېر بىلمەيمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈپ كىلىۋاتمامدىم»، « پۇل بەرسەم بىلىدىغان زىيالى دىگەن ئەرزان خەق» دىگەندەك گەپلەرنى قىلغاندا ئۇنىڭغا شۇ ھامان رەددىيە بەرگىلى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنداق ئادەملەر بىلەن ئارلاشماسلىق، بېرىپ-كىلىش قىلماسلىق، ئىشلاردا ياردەم قىلماسلىق، يىتىم قالدۇرۇش دىگەندەك يوللار بىلەن بېسىم قىلىش كىرەك. ئىلمى خۇراپاتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، جاھاننىڭ تەرەققىياتىغا بالدۇرراق يىتىشىۋىلىشتا ھەر بىر جەميەت ئەزاسىنىڭ بۇرچى بار.
ئاخىرىدا يىڭى يىلدا ئەل ئارىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋتقانلارنىڭ تەتقىقاتىنى توغرا يول بىلەن قىلىشىنى ئۈمىت قىلىپ ئۇلارغا يىڭى يىڭى نەتىجىلەرنى تىلەيمەن.
مەنبە ۋە ئادېرىسلار:
[1] بەيدۇ بەيكى: 民科 . تور ئادېرسى: http://baike.baidu.com/view/697089.htm
[2] خەنزۇچە ۋىكىپېدىيا: 民间科学爱好者 ، تور ئادېرسى: http://zh.wikipedia.org/zh/%E6%B0%91%E9%97%B4%E7%A7%91%E5%AD%A6%E7%88%B1%E5%A5%BD%E8%80%85
[3] ئىنگىلىسچە ۋىكىپېدىيا: Crank (person). تور ئادېرسى: http://en.wikipedia.org/wiki/Crank_(person)
[4] ڧاڭجوۋزى بلوگى. تور ئادېرسى: http://blog.sina.com.cn/fangzhouzi
[5] 民间科学爱好者的行为及心理، 北京科技大学学报(社会科学版)، 2004年3月第20卷第1期
[6] 我与“民科”面对面——兼谈欲废“伪科学”150人名单، تور ئادېرسى: http://tieba.baidu.com/f?kz=154431841
[7] 方舟子:民间科学家已成社会公害不值提倡، تور ئادېرسى: http://cul.bokee.com/hot_pl/2006-01-20/7085861.shtml
[8] 方舟子:民间科学家不值得提倡، تور ئادېرسى: http://tech.sina.com.cn/d/2006-01-18/1136823622.shtml
[9] 方舟子:从“民间科学家”到科学爱好者، تور ئادېرسى: http://www.xys.org/xys/netters/Fang-Zhouzi/evolution/minjian.txt
[10] 民间科学家们今天又否定了什么理论 ، تور ئادېرسى: http://www.sinovision.net/blog/zxg84928/details/41695.html
[11] 对中国的民科和官科现状号脉 ، تور ئادېرسى: http://www.tianya.cn/publicforum/content/free/1/793096.shtml
[12] 民科的深层次剖析 ، ، تور ئادېرسى: http://tieba.baidu.com/f?kz=790411510
[13] “民科”为何痴迷世界难题 执念的精神世界 ، ، تور ئادېرسى: http://www.bioon.com/popular/mingjian/230594.shtml
[14] How Everything Works، ، تور ئادېرسى:
http://www.time.com/time/magazine/article/0,9171,1002456,00.html
[15] نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار، Jeck بلوگى. تور ئادېرسى: ../nobil-mukapati-we-uyhurlar/
[16] زىيالى، قىلغان ئىشى خىيالى، Jeck بلوگى. تور ئادېرسى: ../ziyali-qilghan-ishi-xiyali/
[17] <<فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى>> تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەخىرسىزلىكى توغرىسىدا، غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار، تور ئادېرسى: http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=42
[18] جېكقا يېزىلغان خەتلەر-1، قاسىم سىدىق، . تور ئادېرسى: http://bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=23263
[19] مۇھىم بايقاش ۋە جىددى مۇراجەت، غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار، ، تور ئادېرسى: http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1467
[20] پۇرسەت تۇتىۋىلىنسا يىقىنقى 10يىلدا فىزىكا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى جۇڭگو شىنجاڭدىن ۋۇجۇتقا كېلىشى مۈمكىن، ، غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار، ، تور ئادېرسى: http://www.blogchina.com/20100824994271.html
[21] يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قاسىم سىدىق ئېينىشتىيىنغا جەڭ ئېلان قىلدى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى، ، تور ئادېرسى: http://www.xjkpwy.xjinfo.gov.cn/show.asp?id=5115
[22] قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ، شىنجاڭ گېزىتى 2009-يىللىق 9-ئاينىڭ 28-كۈنى (دۈشەنبە) سانىنىڭ 2-بېتى، ، تور ئادېرسى: http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=140
[23] 《فىزىكىلىق شەكىل》ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى، قاسىم سىدىق، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»نىڭ 2009-يىللىق 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى سانىنىڭ 4-بېتى، ، تور ئادېرسى: http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=66&TopicID=1262
[24] «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» تەتقىقاتىنى تىزلىتىپ،نوبېل مۇكاپاىتىغا يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى جىددىي تەكلىپ، غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار، ، تور ئادېرسى: http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=42
[25] قاسىم سىدىق ۋە نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى، تور ئادېرسى: http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=7630
( ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى باشقا يەرگە چاپلىغۇچىلار مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ چوقۇم بىرىلگەن ئۇلىنىشلار ۋە نەقىللەرنى تولۇق ۋە توغرا قېتىپ چاپلىشى كىرەك. بىرىلگەن ئۇلىنىشلار ئىچىدە خاتا بولۇپ قالغان ياكى ئېچىلمايدىغانلىرى بولۇپ قالسا ماڭا بىلدۈرۈپ قويغايسىلەر)
方舟子:民间科学家不值得提倡
@ئاماندار, مەكتىۋىڭىزنىڭ كۈتۈپخانىلىرى سېتىۋالغان سىسىتىمىلار بۇلىدۇ، شۇلار ئارقىلىق ئىزدەيسىز. گۇگۇلدىن google scholar دىگەن يەردىن ئىزدەيسىز، لېكىن ئۇنى چۈشۈرەلىشىڭىز ناتايىن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ، ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن، مىنىڭ سورايدىغىم، ئەگەر بىز مەلۇم كەسىپكە ياكى ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى تەتقىقات ماقالىسىنى ئىزدىمەكچى بولسا قايسى توربەتتىن ئىزدەيمىز ياكى گوگىل تورىدىن قانداق ئىزدەيمىز…….مەسىلەن:مەن ئورمانچىلىق كەسىپى ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر ھەققىدە ئىزدەنمەكچى ئىدىم، بىراق قانداق ئىزدەشنى بىلمىدىم، يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز………….رەخمەت………………..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن سىزگە ھەقىقەتەن قول قويىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ ئەل ئىچى تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى مەن خېلى ھورمەت قىلىدىغان بىر مۇئەللىمگە ئۆزىنىڭ بىر مەيدن قوللاپ قۇۋەتلەش پائالىيەن يىغىنى ئاچماقچى ئىكەنلىكىن، ئۇنىڭمۇ بېرىپ قاتنىشىپ بېرىشى كىرەكلىكىنى، ئەمما ئۇ تەتقىقاتچى ئوتتۇرغا چىقىپ ئۆز نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرغا قويغاندا ئاشۇ مالىمنىڭ جىم گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپتىكەن. نىمە سەۋەبىىنى بىلمىدىم بۇ مالىم ھە دەپ جاۋپ بېرىپتۇ ۋە ئاشۇ سۇرۇندا دىگەندەك گەپ قىلماي جىم ئولتۇررۇپ بېرىپتۇ. ئەسلىدىغۇ بۇ مالىم بۇ تەتقىقاتچىنىڭ نەزىيىسىگە باشتىن ئاخىر قارشى ئىكەنتۇق، ھەم ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق نەزىرىيە ئىكەنلىكىن ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن. ئەمما ئۇ كۈنى ھەقىقەتەن باشقا پىكىر بايان قىلماپتۇ، بەلكىم ئۇ تەتقىقاتچىنى ھورمەتلىگىنىدۇ، ئەممە مەن ئۇ مالىمنىڭ قىلغىننى پەقەت توغرا چۈشەنمىگەن ئىدىم. باشقا ئىشلاردا يۈز خاتىرە قىلغان بىلەن ئلىم پەندە يۈزخاتىرە قىلغىلى بولمايدۇ.
سىزنىڭ مۇشۇ ماقالىڭزى سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا باشچىلاپ كىرمەكچى بولغان نۇرغۇن ئۇنچىرسىتىىت ئوقۇغۇچىلىر بۇ ئىشتىن توختاپ قالدى، ئەگەر سىزمۇ بۇ ئىشقا ئاشۇ مالىمدەك سۈكۈت تۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز بۇرغۇنلىغان ياش بوغۇنلارنىڭ ۋاقتى مۇشۇ ئۈنۈمسىز ئەمگەك بىلەن زايا بولۇپ كىتىپ، ئۇيغۇر ئىلىم پەن جەمىيىتى تېخى يىتەرلىك تەرەققى قىلماي تۇرۇپ پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بولسا مۇشۇ ماقالىنى ئىزدىنىشتەك چوڭ مۇنبەرلەرگە يېزىپ قويسىڭزى، باشقا كۆرمىگەنلەر بۇنى كۆرسە، نىمىنىڭ ھەقىقى ئىلىم پەن ئىكەنلىكىن بىلىپ يەتسە بوپتىكەن.(بۇ مىنىڭ شەخسى پىركىم خالاس)
ئاخىرىدا سىزگە سالاملار بولسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
@قەھرىمان, سزگە رەھمەت . تەرجىمە قىلغىنڭىزنى مەن ئازراق تەھرىرلەپ قېتىپ قويدۇم. بولسا يەنە خالىسڭىز باشقا ماقالىلارنىمۇ تەرجىمە قىلىشىپ بىرەرسىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تۇرسۇن مۇئەللىم سىزگە ئالامچە تەشەككۇر . ماكالىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. سىزنىڭ ئىشلىرڭىزغا چۇكۇم ۇتۇك ۋە ئامەت تىلەيمەن. ھەمدە بۇندىن كىيىن كەسپى جەھەتتە سىزگە شىگىرىت بۇلۇشقا ئىنتىلىمەن. خەيرى ئامان بۇلۇڭ،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تۇرسۇن مۇئەللىم سىز تەۋسىيە قىلغان ھېلىقى بىكەتتە ماتىرياللانى تاپماق ئاسان ئەمەسكەن. ھەم ھەققىقىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلىەلمىدىم. سىز ماڭا كەسپى تەتىقات ماقالىسىدىن 1-2نى ئەۋەتەي دىگەنتىڭىز پەقەت يۇقاپ كەتتىڭىزغۇ؟ نىمە بولغىنىنى بىر ۇكسام
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ ماقالە ياخشى چىقىپتىكەن… ئەمما چالا بۇلىلا ئوقۇدۇم.قارىسام تازا نوپۇزلۇق ئادەملەر ئوقۇيدىغان ماقالىكەن بۇ. مەن قارىسام بىزدە نۇرغۇن نەتىجە قازانغانلار ئاساسەن بىرەر ئاكادىمىيەنىڭ ئەمەس بەلكى جاڭگالدىن ياكى ئۆيىدىن كۆتۈرۈلپ چىققانكەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇيغۇرچە پۈتۈن تەرجىمىسى
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر. مەن تۆۋەندىكى قىسقىچە يازما ئارقىلىق پەن-تەتقىقات بايقاشلىرنى قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا بەزەن مۇھىم ھالقىلارنى ئاددىي قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆتىمەكچىمەن.
مەن 2003-يىلدىن بۇيان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژورناللادىمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن.گەرچە مەن ئۆز كەسپىمدە يەنىلا تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمگەن بولساممۇ ، لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بىر فىزىكا ياكى ئېلىكترىك قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى يېڭى نەتىجىلەرنىڭ باھالىنىشى ۋە ئېتراپ قىلىنىشى جەريانىنى ئومۇمى جەھەتتىن يىغىنچاقلاش توغرىسىدا مەندە تولۇق تەجرىبە بار دەپ ئويلايمەن.
ئادەتتە پەن-تەتقىقاتتىكى يېڭى بايقاشنى(يېڭى نەتىجىلەرنى) ئېلان قىلىشتا كۆپىنچە قوللىنىلدىغان ئۇسۇل ئۇنى كەسپىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.( 1 ) كەسپى كېڭەشلەرگە قىسقىچە مۇھىم نۇقتىلارنى يېزىپ ئەۋەتىش.(2) بىر قانچە بەتلىك تولۇق بولغان ماقالىدىن بىرنى يېزىپ تاپشۇرۇش. بەزەن كېڭەشلەر قىسقىچە باياناتنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا سىز چوقۇم بىر پۈتۈن ماقالە يېزىپ چىقىشىڭىز كېرەك. كۆپنچە ۋاقىتلاردا قىسقىچە بايانات ۋە ماقالە ھەر ئىككىلىسى شۇ ساھەدىكى ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپدىن باھالىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئەشۇ مۇتەخخەسىسلەر سىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىڭىزنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنسىلا قوبۇل قىلىنىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن سىز مۇھاكىمە يىغىنىغا بېرىپ يېڭى نەتىجىڭىز توغرىسدا ئۆز پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن. مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدائەگەر سىز ماقالىڭىزنى ئوقۇسىڭىز 15مىنۇتچە ۋاقىت كېتىدۇ. دوكلاتىڭىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان مۇتەخخەسىسلەر سىزدىن تەتقىقات نەتىجىڭىزگە ئالاقىدار سوئاللارنى سورايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىشىڭىز(قوللانغان ئۇسۇلىڭىز، ئېرىشكەن نەتىجىڭىز قاتارلىقلار) ئالاھىدە ياخشى بولسا سىز ناھايىتى كۆپ ئاكتىپ باھالاشلارغا ئېرىشىسىز.ئەگەر سىز پەقەت قىسقىچە بايانات يازغان بولسىڭىز، گەرچە سىزنىڭ ئىشىڭىز قانچىلىك چوڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەر ئۇنى تىزلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ماقالىڭىز بەزەن ئىزدىنىشكە ئەرزىيدىغان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا(مەسىلەن IEEE XPLORA دىگەندەك)، ئۇنداقتا بەزى كىشىلەر كىيىن ماقالىلىرىدە سىزنىڭ ماقالىڭىزدىن نەقىل كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىش قىلغانلىقىڭىزنى ئسپاتلايدۇ.
ئادەتتە يىغىندىن كىيىن كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ماقالىلىرىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ۋە رەتلەپ چىققاندىن كىيىن كەسپى ژورناللاردا ئېلان قىلىدۇ. نوپۇزلۇق ژورناللار بولسا ئوخشاش ساھەدىكىلەر باھالايدىغان ژورناللارنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشاش ساھەدىكىلەر باھالايدىغان ژورناللار دىگىنىمىز ئاز دىگەندە 2دىن ئارتۇق مۇتەخخەسىس ماقالىڭىزنى باھالىشىنى ۋە ھەمدە ھەممىسى بىردەك بۇ ماقالىڭىزنىىڭ ئىلان قىلغىدەك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئاساستا ئاندىن مەتپۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. داڭلىق ژورناللاردا بىر ماقالە ئىلان قىلىش جەريانى ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ.كۆپىنچە ۋاقىتتا باھالىغۇچى مۇتەخخەسىسلەر سىزدىن نۇرغۇن يەرلەرنى تۈزۈتۈشىڭىزنى ۋە تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ماقالىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئالاھەزەل ئالتە ئايدىن ئىككى يىلغىچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ. ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ، ئەگەر ئۇ ناھايىتى ياخشى بولسا، باشقا كىشىلەر ئۆز ماقالىلىرىدە سىزنىڭ ماقالىڭىزنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىشىلتىدۇ، بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ.
شۇڭا ،يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بىر پەن-تەتقىقات كومۇتىتى تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز تەتقىقات نەتىجىڭىزنى كەسپى ژورناللاردا ۋە مۇھاكىمە يىغىنلاردا ئېلان قىلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا شۇ ساھەدىكى باشقا مۇتەخخەسىسلەر سىزنىڭ ماقالىڭىزنى ئوقۇش باھالاش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىشىڭىز ھەقىقەتەن قىممەتلىك بولسا، كىشىلەر سىزنىڭ ماقالىڭىزنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىشىلتىدۇدە، كىيىن نەشىرىياتچىلار سىزدىن كىتاپ يېزىشڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزەن كىشىلەر بەلكىم مۇنداق دىيىشى مۇمكىن: لېكىن شۇنى ئەسكەرتىش ئۆتۈش كېرەككى، گەرچە مۇتەخخەسىسلەر ئۇنچە تولۇق چۈشىنىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا سىزنىڭ ئىشىڭىزنى ئوبدان باھالىيالايدۇ ھەم سىزگە مۇۋاپىق تەكلىپ-پىكىر بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، ئېنىشتىيىن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندا ھەممىلا كىشى ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىسىنى چۈشىنەلمىگەن، گەرچە ئۇ شۇ چاغلاردا ئانچە داڭلىق بولمىسىمۇ لېكىن ئۇ يەنىلا ماقالىسىنى ئېلان قىلالىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمنكى، بىر ئادەم ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ يېڭى نەرسە بايقىغانلىقانلىقىغا ئىشەنسە، ئۇ ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئەمگەك نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ماقالىسىنى كېڭىەشلەرگە ياكى ژورناللارغا سۇنۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ ماقالىسى ئۇ يەردە رەت قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ئانچە قىممىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
Jeckئاكا، مەن سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى ناھايىتى ياختۇرۇپ كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. ھەم سىزنىڭ تېخىمۇ تىرىشىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.سىزگە ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلاي دەپ بۇ پارچىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم…خاتالىقلار بولسا تۈزۈتۈپ بىرلىكتە تۈزىتىپ ئوقۇساق…رەھمەت
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسلامۇئەلەيكۇم . تۇرسۇن سىزنىڭ مىنىڭ ئىنكاسىمغا جاۋاپ قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت . ماڭا ھازىرچە لازىمى ئېينىشتىيىننىڭ «ھەرىكەتتىكى جىسملارنىڭ ئېلىكتىر دىنامىكىسى » ۋە ماكسىۋىلنىڭ «ئىلىكتېر ماگىنىنىت مەيدان نەزىريىسى » دىن ئىبارەت ، ئىككى پارچە كەسپى تەتىقات ماقالىسى . ۋە خالىسىىڭىز ئابدۇسالامنىڭ مىكىرو زەرىچىلەرگە ئائىت يىڭى چىققان ماقالىسىدىنبىر پارچە ماقالىسىنى يوللاپ بىرىڭ.
ھەم سىزگە مۇنداق بىر كۈزىتىش ئەھۋالىمدىن سۇئال سورىماقچىمەن. ئادەتتە كەچ ۋاقتى مەن ئاپتۇمبىل ئىچىدە كىتىۋاتقاندا يەنى ئېلىكتىر چىرىقى يىنىقلىق ھالەتتە مىڭىپ قارشى تەرەپتىن كەلگەن يەنە بىر ئاپتۇمبىلغا يىقىنلىشىپ تەخمىنەن 70 مىتىغا يىقىنلاشقاندا ، دەل ئوتتۇردىن تۈپتۈز بىر سىزىق شەكىلدە ھالقىسىمان بىر تۈز سىزىق ھاسىل بۇلۇپ قارشى تەرەپ ئاپتۇمبىل چىرىقى بىلەن تۇتىشىدىكەن. بۇ سىزىق زادى نىمە سەۋەبتىن شەكىللىنىدۇ. ھەم ئۇ نىمە ؟ ئەگەر سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىزمۇ سىزمۇ كۈزىتىپ بىقىڭ . بولسا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام سىزگە تيۇرسۇن يەنى جېك ماڭا نىيوتۇن، ئېينىشتىين، پېلانېك ، ماكسىۋىل، ھېزىنبىرىگ، ئابدۇسالاملارنىڭ كەسپى تەتىقات ماقالىسى بار تور بەتلەرنى ياكى بىۋاستە بولسا ئۆز تىلىدىكى يەنى ېنگىلىز تىلىدىكى ماقالىلىرىنى تېپىپ بەرگەن بولسىڭىز بۇپتىكەن. سىزدە بولمىسا تور بىكەت بولسىمۇ بۇلىدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
يانۋار 11th, 2011 at 23:25
@پەرھات, بۇنداق ماقالىلارنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى دىگەندەك ئىلىمى ماقالە ساقلايدىغان كۈتۈپخانىلاردىن تاپالايسىز ياكى توردىكى 万方数据 دىگەندەك ئىلىم ماقالە ئامبارلىرىن تاپالايسىز. سىز دىگەن ئۇ ئالىملارنىڭ ماقالىلىرى جىق، ماڭاسىز ئىزدىمەكچى بولغان ماقالىنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرسىڭىز 2-3 نى تېپىپ بىرىمەن،ھەممىسىنىڭ ھەممە ماقالىسىنى تېپپ سىزگە ئەۋەتىپ بىرىپ بۇلالمايمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ ماقالىڭىز«ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار»نى پەرىق ئىتىشىمدىكى ياخشى بىر بىلىم بولدى. لىكىن قاسىم سىدىق ئەپەندىنى شۇدەرىجىگە كۆتۈرۋىتىش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى ئىسپاتلاش ۋە دەللىللەشلەر ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ تىخى نەتىجىسى چىقمىغان بولغاچقا بىر مەزگىل كۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ. داۋراڭ چوڭ بولغاچ ئادەمگە خاتا تۇيغۇ بىرىپ قويسىمۇ، نەتىجىسىنى بىلگەندىلا ئاندىن بىر ئىشقا باھا بەرگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. قوبول قىلالمىغان تەقدىردىمۇ نەتىجىسى چىققۇچە تىرىشچانلىقىغا سوغوق سۇ سەپمەسلىك كىرەك ئىدى.
يۇقاردىكىلىرى مىنىڭ كىچىككىنە تەكلىپىم. :-)
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز جېك ، ئوي-پىكرىڭىز ئۆتكۈر ، بلوكىڭىز ئۇيغۇر ياشلارغا بەك ماس كىلىدىكەن . ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ تىلىغا تېتىيدىغان مۇمكىن ئەمەس ، شۇڭا بەزى پىت ئۈچەيلەرنىڭ ۋە جوڭگوچە مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ كەتكەنلەرنىڭ چالۋاقاشلىرىغا پىسھنت ڭىلماڭ . ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىغىڭىز بىلەن داۋاملىق مۇشۇنداق يېزىڭ ، بىلوڭىڭىزنى ياختۇرىمەن ، يىراقتى كۆرەلەيدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز چۈشۈنۈدۇ !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەجەپمۇ ئالاقىلاشماق تەس بىر ئىنسانكەنلا..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
شەبنەمدە ئىلگىرى بىرسى بولىدىغان Kbv4 قانۇنى دەمدۇ ئىشقىلىپ،بىرنىمە قانۇنى دەپ قىسىملارغا بۆلۈپ ئېلان قىلىپ يۈرگەن،ساقلىۋېلىپ ياخشىاراق ئوقۇپ باقاي نىمە قانۇنكىن دىگىچە شەبنەملەرمۇ تاقىلىپ كەتتى.
ياخشى يېزىلغان تېما،يېڭى يازمىلىرىڭىزغا تەشنامىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
توردا يەنە ئۇرۇش پارتىلايدىغان بوپتۇدە ، ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن جىك
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىز ئالاقىلاشساق بولغۇدەك، گەپمۇ با، ئىشمۇ با 8-)
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام جەك
سىزگە بىر گەپ بار ئىدى، مۇمكىن بولسا خەت قايتتۇرسىڭىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز. مەن ئىككى يىلدىن بېرى مۇشۇنداق بىر ماقالىنىڭ يېزىلىشىنى كۈتىۋاتقانتىم. بۇ ماقالىنى شىنجاڭ مەدەنىيەتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىش ئىمكانىيىتى بولسا قالتىس ئىش بولاركەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ يازما ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان بىر يازما بوپتۇ. مەن «ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار — Cranks —- 民科» توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. جېك ئەپەندى، رەھمەت سىزگە. مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىزغا تەشنامىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەييۇ ۋودى مايا! يۇخۇا ۋىييۇ شوما! نىڭ كەندوڭ جىگى ۋىنجاڭدىخۇا!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام جېك بۇ ماقالىنى بەك ياخشى يىزىپسىز بولسا بىلىككە مۇ يوللاپ قويسىڭىز .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك،ماقالىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم،ئۇيغۇرلاردىكى ئالدىراڭغۇلۇق،تەنتەكلىكنى كۆرسىتىپ بېرىپسىز،ھىس قىلغىنىڭىز توغرا،تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزمۇ جايىدا،
بىزدەك ئاسان قىزىپ تېز سوۋۇيدىغان مىللەت ئۈچۈن بۇمۇ مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يول بولسا كېرەك.
خەلقارا سەۋىيىدە پىكىر قىلىدىغان ياشلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل ھالەتمۇ تەدرىجى ئوڭشىلىپ ماڭار.
مۇشۇنداق ساددىلانىڭ ئاجىزلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلغپ قالمىغاي.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
«خەلق تەتقىقاتچىسى» دەپ ئاتىساق بولغۇدەك.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن بلىكتىكى ئاتالمىش ‹شەكىل نەزەرىيىسى ›ھەققىدىكى مۇنازىرىنى كۆرگەندىن كىيىن مۇشۇ 民科لار توغرۇلۇق بىر ماقالە يىزىشقا تەييارلىنىپ ئازراق يزىپمۇ ئۈلگغرگەن بىراق سىز خلى مۈكەممەل يىزىپ چىقىپسىز .شۇڭا 校内غا بىۋاستە )ھەمبەھىر 分享قىلىۋەتتىم .ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
فىزىكىدا بەش يىل ئوقۇمىغان ،توغىرراقى ئالىي ماتىماتىكا ، فىزىماتلىق ئۇسۇللار يەنى بىر نامى مۇرەككەپ فونكىسىيە (数学物理方法 ,复变函数)، تۆت چوڭ مىخانىكىنى(四大力学:1،理论力学 2،电动力学 3،热力需统计物理 4,量子力学) چۇشىنىپ ئوقۇمىغان ئادەملەر ، فىزىكا توغۇرلۇق بىلجىرلىمىسا ،يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنسا دەيمەن .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
天哪,卡思木思地可是 我的老乡,今天才知道他是民科。我也是物理老师,在伊犁的一个农村。我很希望跟你联系。我有很多问题要问你,1542775664
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم : ھۆرمەتلىك ئەلى ھېسامىدىن ئاكا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ ئائېلىدىكىلەر سالامەتمۇ ؟ ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ھەم سىزنى تونىماي ...
مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، ...
رەخمەت ئاكا،شۇنداق جاپالارنى چېكېپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭېزنى بەرسۇن.
War of Independence is the best proof.銆侰arney unemployment rate is expected to achieve this goal takes 3 years銆侻eeting noted that ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىق ...
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئالاقىلىشىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن چ چ ياكى ئۈدىدار نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم، قېرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن. مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپىيۇتېر ...
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel