Home » Archive

Articles tagged with: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[26 ماي 2011 | 2 Comments | 1,040 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدىكى ئوقۇشۇم ھاياتنىڭ قىممتىدىن گۇمانلىنىش، ياشاش ئىقتىدارىمدىن خودۈكسىرەش، بېيجىدا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق مەكتەپ موھىتى،  دۆڭكۆۋرۈكتىكى يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىچارە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇ بىچارىلەرنىڭ بوۋلىرى قالدۇرغان كونا كىتاب ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن تېپىندىلارنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرۈش بەدىلىگە گالىستۇك تاقاپ يۈرۈشكەن ئىلىمدارلار ئۈمىتلىرىمنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرەتتى. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن ياش ئوقۇتقۇچىمىز ئارقىلىق ئامېرىكلىق ئەرەب ئالىم ئېدۋارد سەئىد( 1935-2003 ) نىڭ ئىددىيىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرپ ئالىملىرى بەرپا قىلغان شەرقشۇناسلىق غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىك …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[26 ماي 2011 | 2 Comments | 1,266 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
2.   ئىزدىنىش سەپىرى
ئامېرىكىدا ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ باشلىغان ئېنگىلىزچەم بىر مەزگىللىك قىزغىنلىقتىن كېيىن توختاپ قالدى. ماڭا تىل ئۆگىنىش تولىمۇ تەس كېلىۋاتاتتى. ئېنگىلىزچە بىر سۆز ئۆگەنسەم كاللامدا شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار بايرام قىلاتتى. تىل ئۆگىنىش ئادەتتە قۇرۇق يادىلاش ۋە دوراش جەريانى بولغاچقا مېنىڭ ئويچان تەبئىتىم بىلەن ھىچ سىغىشالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدەك يات شەھەردە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان « سەن كىم؟»،«ئۇيغۇر قانداق خەلق ئىدى، بۈگۈنى قانداق، ئەتىسىچۇ؟، ئۇيغۇرنىڭ توپراقلىرى قايەردە ئېدى، قايەردە بولار؟» دېگەندەك يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سۇئاللار، مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز قىزىقىشلار مېنى كىتابلار ۋە تەگسىز خياللارغا غەرق …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[26 ماي 2011 | 3 Comments | 1,610 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا
-“ئەزگۈچى جاھانگىر“دىن ”ئەشەددىي دۈشمەن“ گىچە
ساۋادىم يېڭى چىققان چاغلاردا گېزىتلەردىن ”ئامېرىكا بىر قەغەز يولۋاس“ دېگەن قۇرلارنى ئۇقۇغۇنۇم ھېلىمۇ ئېسىمدە.  بەلكىم ”قەغەز يولۋاس“ دېگەن ئوخشىتىش ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتكەچ ئۇنۇتالمىغاندىمەن. ئەمما ئۇ چاغدا گېزىتلەرنى ساۋادىم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشنىلەلمەي ئىچىم پۇشاتتى. چۈنكى يېزىق پىنيىگە تەقلىد قىلىنغان ”ئۇيغۇرچە“ بولسىمۇ، گەپلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خەنسۇچە بولغاچقا مەنىنى پەقەت ئۇققىلى بولمايتتى. (98-يىلى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىمدا دېھقانلارغا مۇقۇملۇق تەربىيەسى ئۈچۈن بىر ھەپتە گېزىت ئۇقۇپ بەرگەنتىم، ئاغزىمدىن كۆپۈك قاينىتىپ شۇنچە ئوقۇساممۇ بىچارە دىھقانلار ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدىكى گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەپتۇ. …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[28 مارت 2011 | 2 Comments | 2,389 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
30. ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ
بۈگۈنكى جۈمە خۇتبىسىدە ئەرەبچە بەيتۇللاھ دېگەن سۆز كۆپ تەكرارلاندى. خاتىپ بۇنىڭ ئېنگىلىزچە مەنىسىنى يېشىپ “ ئاللاھنىڭ ئۆيى “ دەپ چۈشەندۈرۈپ، مەسجىدنىڭ خاسىيىتى، مەسجىدنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئورنى ھەققىدە تەبلىق قىلىۋاتقاندا ۋەتەندىكى بەيتۇللاغا ئۇچقان خىياللىرىمنى يىغالمىدىم. بەيتۇللاھ دېگەن سۆزنى ئاڭلىساملا يادىمغا قەھرىتاندىكى غۇلجام ۋە ”مەن ئۇيغۇرنىڭ!“ دېگىنىچە مەغرۇرانە سۈكۈتتە تۇرغان بەيتۇللا جامەسى كېلىدۇ. جامەنىڭ چىۋىننىڭ قانىتىدەك داغدىن خالى ئاق-سۈزۈكلىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىنى سېغىندۇرسا، مەغرۇر قەددى ئىلى پەرزەنتلىرىنىڭ قورقۇمسىز، جەسۇرلىقىنى نامايىش قىلىدۇ. خاتىپ تەسىرلىك دۇئانى باشلىىغاندىلا تۈگىمەس خىياللىرىمنىڭ نامىزىنى بەيتۇللادا چۈشىرىۋېتىپ جامائەت بىلەن ”ئامىن“ غا ئەگەشتىم. دۇئالاردىن ئېرىپ …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[8 يانۋار 2011 | 6 Comments | 6,555 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن

1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا
2.   ئىزدىنىش سەپىرى
3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا
4. نېمە قىلىش كىرەك؟
5. يول قايان؟
6. خەير دوستلار
7. ”مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى
8. سالام، ھۆر شىتات
9. ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە
10. ئامېرىكىدا ئەمەلگە ئاشقان ئاپتۇنومىيەم
11. ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى
12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام
13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟
14.ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟
15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا
16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى
17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى …