ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار-خاتىرەمدىكى ئامېرىكا
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا
-“ئەزگۈچى جاھانگىر“دىن ”ئەشەددىي دۈشمەن“ گىچە
ساۋادىم يېڭى چىققان چاغلاردا گېزىتلەردىن ”ئامېرىكا بىر قەغەز يولۋاس“ دېگەن قۇرلارنى ئۇقۇغۇنۇم ھېلىمۇ ئېسىمدە. بەلكىم ”قەغەز يولۋاس“ دېگەن ئوخشىتىش ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتكەچ ئۇنۇتالمىغاندىمەن. ئەمما ئۇ چاغدا گېزىتلەرنى ساۋادىم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشنىلەلمەي ئىچىم پۇشاتتى. چۈنكى يېزىق پىنيىگە تەقلىد قىلىنغان ”ئۇيغۇرچە“ بولسىمۇ، گەپلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خەنسۇچە بولغاچقا مەنىنى پەقەت ئۇققىلى بولمايتتى. (98-يىلى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىمدا دېھقانلارغا مۇقۇملۇق تەربىيەسى ئۈچۈن بىر ھەپتە گېزىت ئۇقۇپ بەرگەنتىم، ئاغزىمدىن كۆپۈك قاينىتىپ شۇنچە ئوقۇساممۇ بىچارە دىھقانلار ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدىكى گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەپتۇ. يېزىقمۇ تىلمۇ ئۇيغۇرچە تۇرسا نېمىشقا چۈشەنمەيدىغاندۇ؟ بەلكىم مېنىڭ ئەينى چاغدا چۈشەنمىگەنلىكىم بىلەن دېھقانلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئارىسىدا بىر باغلىنىش بولۇشى مۇمكىن.) شۇنداقتىمۇ شۇ گېزىتلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىدەكلا تۇيىلىدىغان رادىيولاردىن جاراڭلاپ تۇرىدىغان ”ئامېرىكا جاھانگىرلىگى“، ”رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم“، ”قۇل قىلىنغان پورلىتارىيات سىنىپى“ دېگەندەك گەپلەر ماڭا ئىنتايىن قەبىھ بىرسىنىڭ تىللنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىدۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى جاھانگىر دېگەننى چۈشەنمەيتتىم، بۇ گەپ قۇلۇقۇمغا لاخشىگىر دېگەندەك ئاڭلىناتتى-دە كۆز ئالدىمغا قىپقىزىل چوغ قىستۇرۇلغان كۆرۈمسىز بىر نەرسە كېلەتتى. رادىيو ۋە گېزىت ژورناللاردىن ئامېرىكا ھەققىدە سەبىي قەلبىمگ سىدۈرۈلگىنى ھەجىۋىي ”قەغەز يولۋاس“ ۋە ئىسكەتسىز ”لاخشىگىر“ . مەنچە بۇلار مېنىڭ قەلبىمدە شەكىللەنگەن ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئوبرازى بولۇشى مۇمكىن.
باشلانغۇچىنىڭ بەشىنچى يىللىقىغا چىققان چېغىمىزدا دانىيە يازغۇچىسى ئاندىرسىننىڭ ”سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق“ دېگەن چۆچىكىنى ئوقۇدۇق. مەن شۇ چۆچەكتىكى قىزچاقنىڭ ھەر بىر تال سەرەڭگىنى ياققاندا سۈرگەن تەسىرلىك خىيالىنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلەيمەن. ماڭا بۇ چۆچەكنىڭ تەسىرى ”نۇزۇگۇم“ داستانىنىڭ تەسىرىدىنمۇ بەكرەك رۇشەن بولغان دەپ جەزىم قىلىمەن. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىمىز قىزچاقنىڭ پاجىيەلىك تەقدىرىنى ”رەھىمسىز، رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم“ كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ چۈشەندۈرگەندەك قىلغان. دەرستىن كېيىن مۇئەللىم تەسىرات يېزىپ كېلىشكە تاپشۇرغان بولسا كېرەك. بىر قار ياغقان سوغۇق كۈنى چىرايلىققىنە بىر قىز ساۋاقدېشىم ”كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان سەبى بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ“ دەپ تەسىراتىنى ئوقىغاندى. ماڭا شۇ چاغدا سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق خۇددى ھېلىقى قىز ساۋاقدېشىمدەك، رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم شۇ قىزنىمۇ ئازاپلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ بۇ تۈزۈمگە راستىنلا نەپرەتلەنگەنىدىم. ساۋاقدېشىمنىڭ ”سەبىي“ دېگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلىۋاتقاندىكى ناتىۋان تۇرىقى ھازىرغىچە سۈرەتتەك كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇ چاغدا مەن ”سەبىي “ دېگەن سۆزنى چۈشەنمەيتتىم، لېكىن شۇندىن كېيىن ھەر قېتىم شۇ سۆزنى ئاڭلىسام ھېلىقى ساۋاقدېشىم سىياقىدىكى ”سەرەڭگە ساتقۇچى قىز“ كۆز ئالدىمغا كېلەتتى ۋە مېنى ”رەھىمسىز كاپىتالىستىك تۈزۈم“گە تېخىمۇ ئۆچ قىلاتتى. مەنچە بۇ ئامېرىكنىڭ قەلبىمدىكى سەلبىي ئوبرازىنى كونكىرىت مەزمۇن بىلەن ”بېيىتقان“ يەنە بىر ئامىل ھىسابلانسا كېرەك.
تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سەلبىي ئوبرازى جۇغراپىيە، تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات دەرسلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىپ باردى. مۇئەللىملەر بۇ دەرسلەردە پاجىيەلەرنىڭ مەنبەسىنى ”رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم“گە دۆڭگەپ ھارمىدى، ھېلىقى چىرايلىق ساۋاقدېشىم ۋە ماڭا ئوخشاش قۇلىقى يۇمشاق، كىتابخۇمار ئوقۇغۇچىلار تەسىرات ماقالىسىنى يۈز نومۇرغا لايىق يېزىش ئۈچۈن كاپىتالسىتىك تۈزۈمنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرىغا ھېسىداشلىق قىلىپ، كاپىتالىستلارنى تىللاۋەردۇق. ھەتتا بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ روس سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات بايراقدارى گوركىنىڭ كاپىتالىستىك تۈزۈمدە تارتقان ئازاپلىرى ھەققىدە بىر رەسىملىك ئوچۇق دەرس ئۆتكەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. رەسىمدە كاپىتالىستلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق سىزىلغان بولغاچقا خېلى بىر كۈنلەرگىچە چۈشەپ چىققانىدىم.
تولۇقسىز ئۈچنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كىتابلارغا چۆكۈپلا كەتكەنىدىم. شۇ چاغدا ئۇيغۇرچە چىققان كىتابلارنى تولۇق ئوقۇپ ئۈلگۈرەتتىم. ئەلۋەتتە، چەتئەل ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەرلەر ئېدى. كىتابلارغا قارىغاندا ماڭا ”دۇنيا ئەدەبىياتى“،“تارىم“، ”تەڭرىتاغ“، ”شىنجاڭ ياشلىرى“ دېگەن ژورناللار بەكرەك يارايتتى. ”دۇنيا ئەدەبىياتى“ غا سوۋېت-روس ۋە سوتسىيالىستىك شەرقى ياۋۇرپا يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ بېسىلاتتى. شۇ سەۋەپتىن مېنىڭ بەكمۇ روسچە ئۆگەنگۈم كەلگەن ئەمما ماتېرىيال تاپالمىغانىدىم. ژورناللاردا ئاندا ساندا ياپۇنىيە ۋە غەرپ ئەدىپلىرنىڭ ئەسەرلىرى بېرىلسىمۇ بەزىلىرىگە ”رەزىل كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى قامچىلانغان“ دېگەندەك تەھرىر ئىلاۋىلىرى قوشۇلۇپ تۇراتتى. شۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان بىر قىز ساۋاقدېشىم پاراڭ ئارىلىقىدا ”سىنىپىمىز ئامېرىكىغا ئوخشاپ قاپتۇ“ دېگەنىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئامېرىكىغا ئوخشاپ قالغان ”زۇلمەتلىك“ سىنىپىمىزنىڭ ”رەزىللىك“لەر بىلەن تولغان ”قاراڭغۇ“ رىياللىقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ”بىخ“ نامىدا بىر گېزىت چىقارغانىدۇق. ھازىر پەرەز قىلىپ باقسام، تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم كاپىتالىزىمنىڭ ”رەزىللىك“ مەنبەسىنى تونۇپ يېتىش باسقۇچىدىن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش باسقۇچىغا ھالقىغان دەۋرىم بولغانىكەن.
89-يىلى بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى بولدى، تەشۋىقاتتا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپنىڭ ”تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىش“ سۈيىقەستى راسا تەنقىدلەندى. بۇلار مېنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق رەزىللىك كۈچلىرىگە بولغان غەزىپىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئىنساندا بىر قۇتۇپقا نەپرەت قوزغالسا قارشى قۇتۇپقا مۇھەببەتنى ئويغىنىدىكەن. 91-يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلدى. شۇ چاغدا خاتىرەمگە ”ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا سوتسىيالىزىم ئۈچۈن ئۆلگەن ئالتە مىليۇن ئىنساننىڭ قانلىرى بىكارغا كەتتىمۇ“ دەپ يازغانىدىم. مەن گوركى ۋە نىكولاي ئوستۇرىۋېسكى قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىدىن ”ھەقىقىي ئىنسانلىق كومىنىستلىقتۇر“ دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەنىدىم. يەنە ”ئوغلۇمغا يېزىلغان خەتلەر“ دەپ بىر كىتاب بولىدىغان شۇ كىتابمۇ مېنىڭ كومىنىستلىق ھىسسىياتىمنى قۇۋۋەتلىگەن ئېدى. دېمەك مەندىكى كاپىتالىزىمغا قارشى ئويغانغان نەپرەت مېنى سوتسىيالىزىمنى سۆيىدىغان قىلىپ قويغانىدى. تولۇق ئوتتۇردىكى ھاياتىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن ”خۇدا يوق“ دەپ تالاش- تارتىش قىلىش بىلەن ئۆتتى. تولۇق ئوتتۇرا خېمىيىسى بىلەن بىئولوگىيىسىنىڭ ”خۇدا يوق“ نى ئىسپاتلاشقا يارايدىغان قىسمىنىڭ تىرىشىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكى مېنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى. ”خۇدا بار“ دەيدىغان ساۋاقداشلىرىم ماڭا مۇشت كۆتۈرۈپ ۋارقىرايتتى –يۇ ئىسپات كۆرسىتەلمەيتتى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەردىن بىخەۋەر ئىدى. (تۆۋە دەيمەن، شۇ چاغدا ”خۇدا يوق“ دېگىنىم ئۈچۈن ئۇرۇشقا تەمشەلگەن ساۋاقداشلىرىم مىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قەشقەردە ھاراققا چۆپقەت بولۇپ ياشاۋاتىدۇ، مەن نەچچە مىڭ يىللىق ھاراق ئەئەنىسىگە ئىگە ئىچكىرىدە شۇنداق ھاراملاردىن يىراق ياشىدىم.)
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسەت ۋە تارىخ دەرسلىكىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا. بىر رەسىمدە ئاغزىغا پاتمىغۇدەك بىر ئوچۇم تاماكىنى چېكىۋاتقان بىر ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقنىڭ ئوبرازى بېرىلىپ ”كاپىتالسىتىك تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈمىدسىزلىك“ دەپ چۈشەنچە بېرىلگەنىدى. باشقا بىر رەسىمدە ”كاپىتالىستىك ئىقىتىسادى كىرزىس تۈپەيلى ئامېرىكىدا سۈتلەر دېڭىزغا تۆكىۋېتىلمەكتە“ دەپ يېزىلغان، يەنە بىرسىىگە ”ئاق تەنلىك مۇستەملىكچىلەر تەرپىدىن يەرلىرى تاتىۋېلىنغان ئىندىيانلارنىڭ قان ياشلىق سەپىرى“ دەپ تېما قويۇلغانىدى. قىزىق يېرى تولۇقسىز ئوتتۇرىدا تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات قاتارلىق ئىدولوگىيە پەنلىرى مېنى ئامېرىكىغا ئۆچ قىلغان بولسا تولۇق ئوتتۇرىدا بۇلارغا تەبئىي پەنلەرمۇ دەستەك بولۇپ مېنى ئاتېئىزىمچىلىق ۋە كۆممۇنسىتلىق مۇھەببىتىگە موپتىلا قىلغانىدى. شۇ چاغدىكى ئويۇمدا سوتسىيالىزىم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى رەزىللىك ۋاباسىنى داۋالايدىغان دورا ئىدى.
92-يىلدىكى دىڭ شىياۋپىڭنىڭ جەنۇپ زىيارىتى نۇتىقى، كومپارتىيە يولغا قويغان بازار ئىگىلىكى تۈزىمى ۋە مەن بېيجىڭدا كۆرگەن خەنسۇلاردىكى ئامېرىكا مەستانىلىقى مېنى بىر مەزگىل گاڭگىرىتىپ قويدى. بىز قەشقەردە ئوقۇدۇق دەپ ئىدولوگىيە كۆرىشىنىڭ نامسىز قۇربانلرىغا ئايلىنىپتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە تۈرلۈك ماركىسىزىملىق قاراشلارنى بىزلا ئۆگىنىپتىمىز. جوڭگۇنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى بىزگە يادا بولۇپ كەتكەن بەن چاۋ، جاڭچىيەن، لىيۇجىنتاڭ دېگەندەك جوڭگۇنىڭ بىرلىكىگە توھپە قوشقان ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەن. شۇ چاغدا مەن بىزنىڭ تارىخ، سىياسەت، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىدىيە سىڭدۈرىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىكەنلىكىگە شەكلەنگەنىدىم. ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا (ئىمام بۇ خارى سەۋەبلىك بۇخارا مۇسۇلمانلار ئالىمىگە مەشھۇر، مەھمۇد كاشغەرى سەۋەبلىك قەشقەر تۈرك دۇنياسىدا شۆھرەتلىك) دەپ نام ئالغان قەشقەردە، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپتا مەن تولۇق كوممۇنىزىمچى بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدىم، ۋاھالەنكى، قىزىل پايتەخت بېجىڭدا ئالغان خەنسۇچە مائارىپ مېنى بۇ ئىددىيىدىن گۇمانلاندۇردى. تېخى ئۈچ يىل بۇرۇن شۇنچە قالايمىقانچىلىققا شاھىد بولغان بېيجىڭلىق تاكسىچىلار خۇددى ھىچ قانداق سىياسىي ئۆگىنىش قىلىپ ئىددىيىسىنى توغرىلىمىغاندەك سىزگە دېموكراتىيەدىن دەرس ئۆتەتتى. بىز قەشقەردە بىسرەمجان بولۇپ كەتكەن ”غەرپنىڭ سىڭىپ كىرىشى“ گە بېيجىڭلىقلار شۇنچە بىپەرۋا ئىدى. بېيجىڭدىكى بىرىنچى يىلىم قەشقەردە ئاڭلاشتىنمۇ قورقىدىغان ”ئەكسىيەتچى“ ئىددىيەرنى، كوچىدا ئاشكارە سېتىلىۋاتقان كىتابلاردىن ئوقۇش، دەرسخانىلاردا ئاڭلاش بىلەن ئۆتتى. ئۇيغۇر دىيارىدا ئىددىيەگە دائىر ماركىسىزىمدىن باشقا كىتابنىڭ بولماسلىقى، چەتئەل ئەدەبياتىغا ئائىت سوۋېت سوتىسيالىستىك رىيالىزىمىغا مەنسۇپ ئەسەردىن باشقىلارنىڭ ئازلىقى، بىزنى ئىددىيىدە بەكلا چۈشەپ قويغان ئېدى. بىز توغرىسىنى ئېيتقاندا شىڭشىسەي سوۋېت بىلەن دوست بولغان 1930- يىللاردىن بۇيان ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، كىيىم كېچەك، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردە رۇس كومىنىستلىرىغا ئەگىشىپ ياشاپ كەپتىمىز. 1930-يىللاردىن بۇيان ئەنگىلىيە كونسۇلى بىلەن شىۋىت كونسۇلى ئىدولوگىيە رىقابىتىدە رۇسلارغا ئىزچىل ئۇتتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ قەشقەردىن قوغلانغان. ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ ئايالى ماكارتىنى خانىم قەشقەرنى زامانىۋىي دۇنيادىكى مەھبۇسقا ئوخشاتقانىكەن. ئۇنىڭ يېزىشىچە قەشقەر روسچە كومۇنىستىك ئىدولوگىيەنىڭ تۇرمىسىگە قامالغان. بېيجىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ شەھەر ھەتتا 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر خىل ئىددىيەلەرگە قۇچاق ئاچقان. ئىسلاھاتتىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە بېيجىڭنىڭ ئىددىيىدە شۇنچە ئاسان ئازات بولالىشىدىكى ھالقىلىق سەۋەپ، قەشقەردەك ئىدولوگىيە تۇرمىسىغا مۇددەتسىز مەھكۇم بولمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇ ۋاقىتلاردا بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردە قاينىغان ”زامانىۋىيىلىشىش غەرپلىشىشمۇ“، ”دېموكراتىيە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلامدۇ، پاراۋانلىقنىمۇ؟“، “ پېدىراتسىيە تۈزىمى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىمۇ؟“ دېگەنگە ئوخشاش مۇنازىرىلەرنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇربولغانىدى. شۇ چاغدا دىنشۇناسلىق ڧاكۇلتىتىدىكى بىر پروڧېسسور لېكسىيەسىدە ”جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنيىتى دېموكراتىك تۈزۈمدىكى تەيۋەندە ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىنماقتا“ دېگەن ئېدى. مەن شۇ چاغدا “ مۇئەللىم، سىز جوڭگۇلۇقلار دېگەندە خەنسۇلارنىلا كۆزدە تۇتىۋاتامسىز؟“ دېسەم، قىلچە ئويلانماستىن ”ئەلۋەتتە“ دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن مەن دۇنياغا باشقىچە قارايدىغان بولدۇم، نەزىرىمدىكى دۇنيادا كاپىتالىزىممۇ، سوتسىيالىزىممۇ يوق، پەقەت ئىنسانلارلا بار ئىدى. مەزكۇر دۇنيادا تۈزۈمنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەققانىيەتنى، ئادىل رىقابەتنى قوغۇداش، ئىنساننىڭ ئىجادچانلىقىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىنساننىڭ ئويلاش، سۆزلەش، تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرش ئىدى. بۇ يەردە ئىنسان سۆزى، ئىددىيىسى سەۋەبلىك جازالانمايتتى. ئۇشبۇ يېڭى دۇنيانىڭ ئاساسى قانۇنى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق رازىلقى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ ئۇ ئىنساننىڭ ياراتقۇچى ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇقىنى شەرتسىز قوغۇدېشى كېرەك ئىدى. ئۇ يەردە بىلىم مەلۇم ئىدولوگىيەنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆگىتىلمەي ئىنسان ھاياتىدا لازىم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆگىتىلەتتى. ئۇ يەردە بىلىم مەلۇم تۈزۈمنى پەدەزلەش قۇرالى ئەمەس بەلكى ئىنساننىڭ دۇنيانى، كىشىلەرنى ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشىنىڭ قورالى ئىدى. كىشىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتى. شۇ چاغدا ئىككى ئىش ماڭا تەسىر قىلدى، بىرى ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان ئاكام ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشىمنى تەۋسىيە قىلىپ يارىدەمگە خېلى جىق پۇل ئەۋەتتى، يەنە بىرى مەكتىپىمىزنىڭ قېشىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا كۈل تارتىدىغان بىر خەنسۇ بالا تولۇق مۇكاپات بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەتتى. يىللاپ كۈل تارتىپ تاپقان پۇلىنى ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىپ تەلپۈنگىدەك ئامېرىكا قانداق يەر؟ نېمىشقا ئامېرىكا مەكتەپلىرى باشقىلارنى ئوقۇش پۇلى ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش پۇللىرىدىن تارتىپ بېرىپ قوبۇل قىلىدۇ؟ مۇشۇ نېمىشقىلارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن ئاكام ئەۋەتكەن پۇلنىڭ يارىدېمىدە ئېنگىلىزچە ئۆگنىشكە باشلىدىم.
شۇندىن كېيىن مېنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئىلىم ئىزدەش مۇساپەم باشلاندى، مەن ئۇچراتقان ساختا ئىلىمنىڭ زۇلىمى، زالىم ئىلىمپۇرۇچلارنىڭ دەرس دەپ ئاتالغان مۇستەملىكىچىلىكى، مېنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇشقا بولغان ئىرادەمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتتىكى توختاتمىدى. بەزىدە ئويلاپ قالاتتىم، بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ۋاقتى كەلگەندە بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق گەپلەر بىلەن تولدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ نىمىشقا مەن ئالغان ئون بىر يىللىق مائارىپ مېنى كوممۇنىست قىلىشقىلا يارىدى-يۇ جان بېقىشقا يارىمىدى؟ مېنى ئامېرىكىغا، ئۇنىڭ كاپىتالىزىم تۈزىمىگە ئۆچ قىلغان مائارىپ نېمىگە ئېرىشتى؟ مەن نېمە ئۈچۈن كۆرۈپمۇ باقمىغان دۆلەتكە، ياشاپمۇ باقمىغان تۈزۈمگە نەپرەتلەندىم؟
يېقىندا ئاڭلىشىمچە مېنىڭ تولۇقتىكى بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئانامغا ”ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى“ دەپتۇ. مەن ئامېرىكىدا بولغاچقا بۇ گەپ ئىخلاسمەن ئانامنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن بولغاي ماڭا، ”بالام سەن مەكتەپتە مەسجىد بار، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ۋە مۇئەللىملەر ئىماملىق قىلىدۇ دەيسەن، ئىسلام تەرغىباتچىلىرى، ئىسلام ئىنىستىتۇتلىرى بار دەيسەن، ئىسلام دىنى دەرس قىلىپ ئۆتىلىدۇ دەيسەن، ئوقۇغۇچىلار چۈمبەل ئارتسىمۇ، ساقال قويسىمۇ چەكلىمەيدۇ دەيسەن، خانىمىڭنىڭ نېمە دېگىنىدۇ بۇ؟“. بۇنىڭغا نېمە دەي؟ ئۇلارغا ئىراققا ئابغانىستانغا ئۇرۇش ئاچقان بوش ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلىتى ياكى خەلقى ئەمەس، بۇ يەردە ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ئىككى ئۇقۇم دەپ چۈشەندۈرەلەمدىم؟ ياق. ئۇچۇر مەنبەسى سۈنئىي قامال قىلىنغان جەمئىيەتتە كىشىلەر بىر بولسا دۇنيا يېڭىلىقلىرىغا قىزىقماي ياكى قىزىقىشتىن قورقۇپ بىخەۋەر قالىدۇ، يەنە بىر بولسا ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ئەسەبىي تۈس ئېلىپ كاللىسى تەرەپباز ئۇچۇرلارغا لىقلىنىدۇ، ئۈچىنچى بىر ئىھتىمالدا دۇنيانى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە، موھىتقا ئوخشۇتۇپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەيلى قانداق تەسەۋۋۇر قىلسۇن ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بۇرمىلانغان بولىدۇ. ئۆتكەندە بىر مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچى بەرقى مۇنبىرىدە دېموكراتىيەنى ئامېرىكىچە دېموكراتىيە، ئاپرىقىچە دېموكراتىيە، ئاسىياچە دېموكراتىيە دەپ ئايرىپ يۈرمىدىمۇ! جوڭگۇچە سوتسىيالىزىمدا ياشاۋاتقان ئادەمگە دېموكراتىيەمۇ شۇنداق تۇيۇلماي قالامدۇ؟ ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ھىچ قاچان ئايرىلىپ، ئالمىشىپ باقمىغان بىر ئەلدە كىشىلەر دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىپ بولالامدۇ؟ ئانامغا باشقا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ گەپنى يۆتكىۋەتتىم. ئەمما بۇ گەپ ماڭا ئۇزاققىچە تەسىر قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچۇم پاكىستان ياكى ئورتا ئاسىيا ئارقىلىق كەلگەن بۇرمىلانغان چۈشەنچىنى تارقىتىۋاتاتتى. مۇئەللىملەرنىڭ ھالى شۇ تۇرسا، جىيەنلىرىمنىڭ بىر-بىرىنى ”خۇدايىم بۇيرىسا دەپ دىنىي گەپ قىلما، خانىمغا دەپ قويسام جاجاڭنى يەيسەن “ دەپ تەھدىت سېلىشلىرىنى توغرا چۈشەنمەي قانداق قىلاي! ماڭا بۇرمىلانغان چۈشەنچە ۋە تەرەپباز ئىدولوگىيەلەرگە مەھكۇم بولغان، مېنى كوممۇنىست قىلىپ تەربىيەلىگەن قەشقەر بۇرۇنقىدىن ئۆزگەرمىگەندەك تۇيۇلدى. قەشقەردىكى بىردىنبىر ئالى مەكتەپ پەقەت ئىككىلا كەسپتىن ماگىستىر ئاسپىرانت (تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى) قوبۇل قىلىدىكەن. بىرى ئەدەبىيات يەنە بىرى ماركىسىزىم. ئەمەلىيەتتە ئىككىلىسى ئىدولوگىيە نوقتىسىدىن بىر مەركەزگە بېقىنىدۇ. مائارىپ يەنىلا ”ئاساسىي خەۋپ“، ”ئەشەددىي دۈشمەن“ دېگەندەك ئىدولوگىيىلىك تۈۋرۈككە باغلانغان. ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بۈگۈن ”ئامېرىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشىمىنى“ دېگىنى بىلەن باشقا ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ماڭا يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن ”ئامېرىكا ئىزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ دۈشمىنى“ دەپ ئۆگەتكەنلىرى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق يوق ئىدى. دېمەك بۈگۈنمۇ بىر خىيالىي دۈشمەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈلمەكتە، بىر مەۋھۇم قورقۇنچ رىياللىقنى پەدەزلىمەكتە ئېدى. ئامېرىكىنى سەۋەبسىز دۈشمەن دەۋاتقانلار قۇربانلىق بولماقتا، مەقسەتلىك دۈشمەن دېگۈزىۋاتقانلار يانچۇقلىرىنى توملاپ بالىلىرىنى، پۇللىرىنى يوشۇرۇنچە ئامېرىكىغا يولغا سالماقتا ئىدى. كىشىلەرنىڭ بوش مىڭىلىرىگە كۆرۈنمەس قەلەملەردە سىخمىلارنى سىزماقتا ئېدى. چۈنكى بېكىك جەمئىيەت، بۇرۇختۇم موھىت ھەرقاچان تەرەپباز ئۇچۇر، بۇرمىلانغان ئىددىيە ۋە ئاساسسىز چۈشەنچىلەرنىڭ ۋە ئۇنى تارقاتقۇچىلارنىڭ خېرىدارلىق بازىرى ئېدى.
مەن كۆرگەن مائارىپ خاتىرەمگە ”ئامېرىكا ئىزىلگۈچىلەرنىڭ دۈشمىنى“ دەپ يېزىپ قويغان ئېدى. بۈگۈنكى سەبىلەرنىڭ خاتىرىسىگە بۇنىڭ ”ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى“ دېگەن يېڭى بىر نۇسقىسى قوشۇپ يېزىلماقتا. مەنچە ئالدىنقىسى مەلۇم كىشىلەرنى مەلۇم مەزگىل دۈشمەنلىك كەيپىياتىغا گىرىپتار قىلسا، كېيىنكىسى بىر مىللەتنى ئۇزاققىچە دۈشمەنلىك تۇيغۇسىغا مەھكۇم قىلىدۇ. مەن بىلىم، سۆيگۈ ۋە قەيسەرلىككە تەشنا قەلبلەرگە دۈشمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى تېرىۋاتقانلارغا نەپرەتلىنىمەن.
داۋامى: 2. ئىزدىنىش سەپىرى
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق مۇندەرىجىسى: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەننىڭ بارلىق يازمىلىرى
[...] 1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا 2. ئىزدىنىش سەپىرى 3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا 4. نېمە قىلىش كىرەك؟ 5. يول قايان؟ 6. خەير دوستلار 7. ”مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى 8. سالام، ھۆر شىتات 9. ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە 10. ئامېرىكىدا ئەمەلگە ئاشقان ئاپتۇنومىيەم 11. ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى 12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام 13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟ 14.ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟ 15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا 16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى 17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟ 18. ئامېرىكىدىكى مىھىرلىك رامازان كۈنلىرى 19. چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى 20. مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر 21. ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ 22. كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ 23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس 24. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇق 25. ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم 26. ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ 27. «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا 28. قىينچىلىقنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىق 29. ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز 30. ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ 31. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار داۋامى يەنە يېزىلىۋاتىدۇ. [...]
[...] 1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا 2. ئىزدىنىش سەپىرى 3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا 4. نېمە قىلىش كىرەك؟ 5. يول قايان؟ 6. خەير دوستلار [...]
[...] . رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا بېشى: خاتىرەمدىكى ئامېرىكا تولۇق مۇندەرىجىسى: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel