Articles tagged with: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
18. ئامېرىكىدىكى مىھىرلىك رامازان كۈنلىرى
ئامېرىكىدا رامازان بىر كۈندە باشلانمىدى، تۈرك قارداشلىرىمىز جۈمە كۈنى باشلىدى، ئەرەب بۇرادەرلەر شەنبە كۈنى زوھۇرلۇق يەپتۇ. بىز شەنبە كۈنى كانزاس شىتاتلىق ئۇنۋېرىستىتقا كەلگەن ئىككى ئۇيغۇرۇمىزنى مىھمانغا تەكلىپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تۇنجى كۈنى تۇتالماي قالدۇق. مىھمانلارغا گەپ ئارىلىقىدا بۇنى تىلغا ئېلىۋىدۇق، ئۇلار كۈلۈپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇلارمۇ شەنبە ئەتىگەن مىھماندارلىققا بارىمىز دەپ روزا تۇتالماپتۇ. يېڭى كەلگەن ئېنىمىزنىڭ ئامېرىكىلىق ياتاقدېشى ئەرەبچە ئۆگەنگەنىكەن، ئۆزىنىڭمۇ بىللە روزى تۇتقىسى بارلىقىنى، روزىنىڭ خاسىيىتىنى ھىس قىلىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. شۇ كۈنى ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنى بىر يېرىم سائەت ماشىنا ھەيدەپ يېنىمىزغا ئېلىپ كەلگەن …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟
ئىيۇلدىن باشلاپ تۈرلۈك كۈتۈلمىگەن ئازاپلاردىن تاشقىرى، كۈتۈلمىگەن تەسەللىلەرمۇ مېنى يالغۇز قويمىدى. قاچانلاردىدۇر توردا تونۇشۇپ قالغان تۈركلەر، ئەزەربەيجانلار، تاتارلار، ھىندونۇزىيىلىكلەر تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىدى، بۇغداي ناندەك سۆزلىرى بىلەن كۆڭۈل يارامغا مەلھەم بەردى. مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياجانلىق ھىكايىسىنى پەقەت يازماي تۇرالمايمەن.
2003- يىللىرىغۇ دەيمەن توردىن مۇنداق بىر ھەيران قالارلىق خەۋەرنى كۆرگەن ئېدىم. خەۋەردە بىر ئامېرىكىلىق ئەر-ئايالنىڭ قازاقىستاندىن يېڭىلا بېىۋالغان ئىككى ياشلىق قىزى رازىيەگە ئۇيغۇرچىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىتىش ئۈچۈن يارىدەم سورايدىغانلىقى يېزىلغان ئېدى. مەن دەرھال خەت يېزىپ يارىدەمگە تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. بۇ ئىككەيلەن خېتىمدىن شۇنداق …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى
شەرق مىللەتلىرىدە شەخسنى ئومۇمنىڭ كۆزى بىلەن باھالاش، كىشىلىك قىممەتنى ئاۋامنىڭ ئىتىراپىغا باغلاش بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە. مۇشۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۇلاردا يۈز ئابروي قارىشى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بولۇپمۇ مەدەنىيەتتە سىرىتنىڭ تەسىرىنى ئىزچىل يىمىرىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاسمىلاتسىيە قىلىپ كەلگەن خەنسۇلاردا بۇنداق قاراش بەك كۈچلۈك. خاسلىقنى، ئۆزگىچىلىكنى سىڭدۈرېتىشكە ماھىر خەنسۇ مەدەنىيىتى دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا كىملىكىنى يۇقاتمايدىغان يەھۇدىلارنىمۇ مىللىي ئاشقازىنىدا يەم قىلىۋەتكەن. بىر قېتىم دەرسىدىن كېيىن خەنسۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قانچە ئامېرىكىلىق پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگۇ ھەققدىكى سۇئاللىرىغان پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەنسۇ بالىلار جاۋاپ بەردى، مەن بۇنداق سورۇنلاردا كەمسۆز بولۇشقا تىرىشىدىغان …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا
ئۇيغۇرلار ئاجايىپ مىللەتبىز، ئۆلۈمگىمۇ چاخچاق ئالغاچ بارىدىغان، يىغلىسىمۇ ئاھاڭغا سېلىپ، قوشاق قاتىدىغان. قېرىنداش تۈركىيە تۈركلىرى ئۇيغۇردىكى بۇ سەنئەت تالانتىنى ھازىرقى سىياسىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ، نامايىشنى قۇشاقتەك رېتىملىق، ئاھاڭدار شۇئارلىرى بىلەن ئەۋجىگە چىقىرىشىدۇ.. مەنچە قانچە قېتىملىق تارىخىي قىرغىنچىلىق، پىشكەللىك ۋە مەھرۇملۇقلاردىن ئامان قالغان مىللەتنىڭ خاراكتىرىدە بۇنچىلىك ئۆزگىچىلىكنىڭ بولۇشى تاساددىپىلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە. مەن بىلىدىغان تىللاردا ئوت ھەققىدىكى سۆزلەر ئۇيغۇرچىدىكىدىن ھەم ھەم ئاز ھەم رەڭسىز. ھاياتنى ئوتتەك قىزغىنلىقتا سۆيگەن بۇ مىللەت ئاشىقلىق، قەتئىيلىك، جاسارەت، پىداكارلىق، مەردانىلىك، ھالاللىق قاتارلىق خىسلەتلەرنى ئوتقا ئوخشۇتۇپ نۇرلاندۇرۇپ ئۆگەنگەن. ئوت ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىسا لاۋۇلداپ تۇرىدىغان …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
14.ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟
كىشى باشقا بىر دۆلەتكە بارغاندا دائىم ئۆزىدە بار بىلەن خەقتە يوقنى سېلىشتۇرۇپ قالىدۇ. دەسلەپتە ماڭا يوق بىلىنگىنى موزدۇز. ئامېرىكىدا موزدۇزنىڭ يوقلىقىنى ئايىقىمنىڭ پاشنىسى ئۇپىراپ كەتكەندە بىلدىم. بەلكىم ئامېرىكىلىقلار ماشىنا بىلەن يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولغاچ پاشنىسى ئۇپرىمىسا كېرەك. مەن ”چېنىقىشقا ۋاقتىم چىقمىدى“ دەپ چېنىقىمەن دېگەن باھانە بىلەن بىر يىلغا يېقىن دەرسكە مېڭىپ باردىم. بۇ يەردە مەندەك چېنىقىمەن دەپ رەسمىيي كىيىنىپ مېڭىپ يۈرۈيدىغان ئادەم يوقكەن. چېنىقماقچى بولغانلار مەخسۇس تەنھەركەت كىيىملىرىنى كېيىپ چىقىدىكەن. نېمىلا دەپ باققىنىم بىلەن موزدۇزسىز بۇ شەھەر مېنى مايماق پاشنىلىق ئاياقلاردا ئىككى يىل ماڭغۇزدى. …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟
ئەسلى مەن بۇ ھەقتە « ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقىمىز نەدە؟» دېگەن تېمىدا ھىكايەتلىك كەچۈرمىشلىرىمنى يازماقچىدىم. بىر ئوقۇرمەن بۇ ھەقتە سورىغانلىقى ئۈچۈن ھازىر يازماي ۋە تەھلىلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمەي بولمىدى. ئامېرىكىقلار باشىقىلارغا باھا بەرگەننى مەنچە يامان كۆرمەيدۇ، ئەمما ئاساسسىز گەپ تاپسىڭىز بالاغا قالىسىز. ئۇلاردا پاكىتسىز، لوگىكىسىز باھا بېرىدىغانلارنىڭ سانى بىزدىكىدىن سەل ئاز. ( غەيۋەت، مەسخىرە، باتناش دېگەنلەر ئىنسانلارغا ئورتاق، ئامېرىكىدىمۇ جىق، ئەلۋەتتە) . ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى سەمىمىيلىك. كىشىلەرنىڭ ئىزگۈ نىيەت ۋەئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىغاندا، كۆرگەندە زوقلىنىش ۋە زوقلانغانلىقىنى ئاجايىپ نەپىس تىللار بىلەن بايان قىلىش ئۇلاردا …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام
مەن تۈرك خاتىپتىن مۇشۇ مەكتەپتىكى مەسجىدتە بۇرۇن ئىماملىق قىلغان سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر دوكتۇر ھەققىدە سورۇماقچى ئېدىم، قارىسام مېنىڭ كەينىمدە ئۆچۈرەت كۈتۈپ تۇرغانلار ساقلاپ كەتكىدەك شۇڭا تونۇشقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتىم.
ئاڭلىشىمچە بۇ مەكتەپتە تۇرسۇنجان ئىسىملىك سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر ئىمام بولغانىكەن. ئۇ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مائارىپ فاكۇلتىتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەندۇق. بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى 1940-يىللىرىنىڭ ئاخرىدا خوتەندىن سەئۇدىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ بۇ كىشى شۇ يەردە تۇغۇلغانىكەن. ماڭا گېپىنى قىلىپ بەرگۈچى ھازىرقى كادىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىشىدە يۈرگەچكە تۇرسۇنجانغا ئانچە ياقمىغانمىش. تۇرسۇنجان ئائىلىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئوغلىنى مۇشۇ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
11. ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى
مەكتەپكە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا مەسجىدنىڭ نەدىلىكىنى بىلىۋالغان بولساممۇ ئىككى جۈمەنى قازا قىلىۋەتتىم. بۇ يەردىكى ئىش بېجىرىدىغانلارغا ئۆزەمنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مۇسۇلمانلىقىمنى ئېيتماي جۈمە كۆرۈشەيلى دېسە ماقۇل دەلىۋېرىپتىمەن. كېيىن بۇ ئىشلارنى ماڭا يارىدەملىشىپ چېپىشىپ بېرىۋاتقان جەرى خانىمغا ئېيتقانىمدا ئۇ تولىمۇ ئەپسۇسلاندى ۋە مەندىن كەچۈرۈم سورىدى. جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى ئوچۇق چۈشەندۈرمىگىنىم ئۇنى تەئەججۈپلەندۈردى. مەن ئوچۇق ئېيتالمايتتىم، چۈنكى جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى بىر باشقۇرغۇچى مەمۇرىي خادىمدىن ئەمەس خىزمەتدېشىمدىنمۇ يوشۇرۇپ ئىككى يىلغا يېقىن يۇرتىمىزدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلىگەن تۇرسام، قانداقمۇ تۇيۇقسىز بۇ جۈرئەتكە كېلەلەيتتىم؟ ئېىنسان ھەر قانداق موھىتقا كۆنۈپ كېتىدىكەن، مەن …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
10. ئامېرىكىدا ئەمەلگە ئاشقان ئاپتۇنومىيەم
زىيالىينىڭ جەمئىيەتتىكى روللىرىنىڭ بىرى دۇنيادىكى يېڭى ھادىسە ۋە شەيئىلەرنى نۇتۇق ۋە يازما ئارقىلىق ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ مەزكۇر جەمئىيەت ئەھلىنىڭ تەپەككۇرىغا ئاراچ يارىتىشتۇر. بىز بۇ يەردە ئاراچ دېگەندە تىلنىڭ تەپەككۇر جەريانىدىكى پىكىر قىلغۇچى بىلەن پىكىر ئوبىكتى ئوتتۇرىسىدكى ۋاستىچىلىق رولىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمىز. ئۇيغۇرچە مەيداندا تۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي يۈزلىنىش ۋە ئىددىيىۋىيي ئېقىملارنى چۈشەندۈرۈپ، خۇلاسىلەپ، تۇرىدىغان زىيالىلىرىمىز بولمىغاندا خەقلەرنىڭ ئاشقازىنى شاما قىلىۋەتكەن ئەبجەش قاراشلارنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق جاھاننىڭ ئىشلىرىنى چۈشىنىدىغان بېقىندى ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. دۇنيانى بىۋاستە ئۇيغۇرچە چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن دائىم يېڭى سۆز ئاتالغۇلارنى پەيدا قىلىشقا …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
9. ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە
ئاخشامى تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىمدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى، خاتا ئاڭلاپ قالغان چېغىم دەپ ئولتۇرسام ئىشىك بوش چېكىلدى. چىقىپ قارىسام، ئىككى ئۇيغۇر ئايال ۋە بىر ئون ئىككى ياشلار چامىسىدىكى قىز ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. دەقىقە ئىچىدە مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە دەرھال ئېسىمگە كېلىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئۇلار مېنى سىرىتتا پاراڭلىشىقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى مۇشۇ مەكتەبتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەن يەنە بىرى لاۋرېنستىن ئۈچ سائەت يىراقتىكى بىر شەھەردە ياشايدىكەن، قىزچاق ھېلىقى ئۈچ سائەتلىك شەھەردىن كەلگەن خانىمنىڭ قىزىكەن، ئانىسى ئۇ قىزنى ماڭا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە دەۋەت قىلىۋېدى، شۇنداق …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
8. سالام، ھۆر شىتات
كانزاس ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇللار كۆپ، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان شىتات بولۇشىغا قارىماي قۇللۇقنى بىكار قىلىش تەرەپتارى بولغانىكەن. ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ يولدىكى تاختىلاردىن ھۆر شىتات دېگەن ئىسىمنى كۆپ چېلىقتۇردۇم. ماڭا ”ھۆر شىتات“ دېگەن سۆز تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈندى ۋە ”ھەرنىمە بولسا ھۆرلۈك ئەنئەنىسى بار كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىپتىمەن“ دەپ ھاياجانلاندىم. مېنى ئالغىلى چىققان موڭغۇل بالىمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ھۆر پىكىرلىك دەپ تەرىپلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئىچكى ئۇرۇشتا كانزاس شىتاتىغا قوشنا بولغان مىززورى شىتاتى قۇللۇقنى ھىمايە قىلغانىكەن. مىززورىلىق قۇلدارلاركانزاسقا ھۇجۇم قىلىپ قىرغىنچىلىق قىلىپتۇ. شۇڭا ھازىرغىچە بۇ زىددىيەتنىڭ ئىپادىلىرى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
7. ”مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى
ئايرۇپىلانغا چىقىۋاتقاندا مېنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئوقۇغۇچۇمنىڭ ”ئەركىنلىك سەپىرىڭىز باشلاندى“ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. مەن ئۇنىڭغا “ بۇ مېنىڭ ئىزدىنىش سەپىرىمنىڭ داۋامى“ دېگەنىدىم. ئەقىللىق ئوقۇغۇچۇم بەلكىم مېنى ماي گۈلى ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئەركىنلىك، يېڭى دۇنيا ئىزدەپ سەپەرگە چىققان ئەنگىلىيىلىك يېڭى دىن مۇخلىسلىرى (پروتېستانتلار) غا ئوخشاتقان بولۇشى مۇمكىن. 1620 – يىللاردا ئەنگىلىيەدىكى خىرىستىيان ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتىدە يېڭى دىن تەرەپتارلىرى تەھدىتكە ئۇچراپ ئامېرىكىغا ئولتۇراقلاشقانىكەن. شۇلارنى ئويلاپ ئايرۇپىلانغا چىقىپ قارىسام مۇتلەق كۆپى جوڭگۇلۇق. شۇئان كۆزۈمگە ئايرۇپىلان ”ماي گۈلى“دەك، ئولتۇرغانلار ”قاچقۇن“ لاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. 2008-يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەر ئىچىدە جوڭگۇلۇقلار ئىككىنچى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
6. خەير دوستلار
رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. بېيجىڭ ئۆزگىرەپتۇ، بىنالار تېخىمۇ ئېگىزلەپتۇ. بىر يېرىم مىليارتقا يېقىن خەلق تۆلەۋاتقان باج، يەر ئاستى ۋە ئۈستىدىن قېزىلىپ، ئېچىلىۋاتقان بايلىقلار بۇ شەھەرنىڭ بىنالىرىنى پارقىرىتىپ، يوللىرىنى كەڭەرتىپتۇ. يول بويىلىرىنىڭ يېشىللىقىغا، قەدىمكى بىنالارنىڭ، چىركاۋ-بۇتخانىلارنىڭ ساقلاپ قېلىنىشىغا ۋە گەۋدىلىنىشىگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىنىپتۇ. مەن يول بويلىرىدا بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن پەقەت كۆرۈنمەيدىغان بىر قانچە چىركاۋنىڭ ئالاھىدە مەيدان بىلەن گەۋدىلەنگىنىگە بەكرەك دىققەت قىلدىم. قەشقەردىكى ئۇيغۇر بىناكارلىقنىڭ نەمۇنىلىرى بېيجىڭدىكى تارىختا خەلقنىڭ خۇنىغا پۈتكەن ئوردىلاردىنمۇ قەدىرسىزمىدى؟ خەلققە پوقىنى يىگۈزگەن قانخور پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئۆز جايىدا، ماۋزىدوڭنىڭ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
5. يول قايان؟
يىللار مەيدىسىنى كېرىپ مەسخىرىلىك كۈلگەنچە ئۆتىۋەردى. ئانام دائىم «يىلدىن يىلغا بەتتەر» دەيتتى، بۇ ماڭا خۇددى قانۇنىيەتتەك تۇيۇلۇپ كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ئارىدا مېھرى ئىسسىق تۈركىيەنىمۇ چۆرگىلەپ كەلگەن بولدۇم. ۋەدەمدە تۇرغانلىقىمنىڭ ۋەدە ئالغۇچىلارنىڭ پەرۋايىدا يوقلىقىنى قايتقاندىن كېيىن بىلدىم. ئۇلارنىڭ پەرۋايى ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتمىغاچ ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلمىدى. قايتقىنىمدىن ئەڭ شاتلانغىنى كۆز نۇرۇم ئاتا-ئانام، كۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ۋە بەختلىك ئائىلەم بولدى. كۈنلەر مەنىسىز تەكرارلىقىنى داۋام قىلماقتا ئېدى، بېيجىڭدا ئېغىز ئالغان يارا يەنە شەلۋەرەشكە باشلىدى، ئەمەلگە باغلانغان شىنجاڭچە زىيالىلىق، مەنپەئەتكە باغلانغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، تىجارەتكە ئايلانغان جوڭگۇچە تەتقىقات يۈرەكتىكى يارىنى يىرىڭلاتتى. بىر كۈنى بىر دوستۇمغا …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
4. نېمە قىلىش كىرەك؟
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ ئالغىنىم دېپلۇم بولۇپتۇ. ئوقۇش جەيانىدا يازغانلىرىم يا نەسىر ئەمەس يا ماقالە ئەمەس بىر نېمىگە ئوخشاپتۇ. ئەسلى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى بىر يىپقا تىزىپ ”سوڧىنىڭ دۇنياسى“ شەكلىدە كىتاب يازىمەن دېگەن خىيالىممۇ يوققا چىقتى. مەن ئۆگەنگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە بىزنىڭ ئۇ بۈيۈكلىرىمىز بىر بولسا مىللەتچى يەنە بىر بولسا ماركىسىزىمچى مىللەتچى قىلىپ تەھلىل قىلىناتتى. بۇنى قايتا تىزىپ كىتاب قىلىپ چىقىشنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق ئېدى. چۈنكى مەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇشۇ ئىككىلا ئىددىيە بار دەپ قارىمايتتىم. بۇ يەردە ئىككى مەسىلىگە دۇچ كەلدىم بىرى دۇنيادا ماركىسىزىمدىن …