باشبەت » ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار-ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى

27 ماي 2011 1,565 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن

16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى

شەرق مىللەتلىرىدە شەخسنى ئومۇمنىڭ  كۆزى بىلەن باھالاش، كىشىلىك قىممەتنى ئاۋامنىڭ ئىتىراپىغا باغلاش بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە. مۇشۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۇلاردا يۈز ئابروي قارىشى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بولۇپمۇ مەدەنىيەتتە سىرىتنىڭ تەسىرىنى ئىزچىل يىمىرىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاسمىلاتسىيە قىلىپ كەلگەن خەنسۇلاردا بۇنداق قاراش بەك كۈچلۈك. خاسلىقنى، ئۆزگىچىلىكنى سىڭدۈرېتىشكە ماھىر خەنسۇ مەدەنىيىتى دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا كىملىكىنى يۇقاتمايدىغان  يەھۇدىلارنىمۇ مىللىي ئاشقازىنىدا يەم قىلىۋەتكەن. بىر قېتىم  دەرسىدىن كېيىن خەنسۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قانچە ئامېرىكىلىق پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگۇ ھەققدىكى سۇئاللىرىغان پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەنسۇ بالىلار جاۋاپ بەردى، مەن بۇنداق سورۇنلاردا كەمسۆز بولۇشقا تىرىشىدىغان بولغاچ سۈكۈتنى ساقلىدىم. ئارىدا بىر ئامېرىكىلىق « جۇڭگۇدا سىتۇدېنتلار مەكتەپتە ئىشلىمەكچى بولسا ئادەتتە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن بۇرۇن ئالى مەكتەپلەردە ئىشلىگەن تەجرىبەمگە ئىشىنىپ مۇشۇ بىخەتەر سۇئالغا بولسىمۇ جاۋاپ بېرىپ باقاي دەپ « ئادەتتە تازىلىق قىلىدۇ، بىنالاردا نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە قار كۆپ ياغىدۇ شۇڭا قىشتا قار تازىلايدۇ..» دەپ تېخى گېپىمنى ئەمدى تۈگىتىپ تۇرۇشۇمغا ئۈچ- تۆرت خەنسۇ ساۋاقداش گېپىمگە تۇشمۇ تۇشتىن قارشى چىقتى. ئۇلارچە جوڭگۇدا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكىدىكىدەك مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانا، تەنتەربىيە سارىيى، تەجرىبەخانا ۋە مۇزىي قاتارلىق ئورۇنلىرىدا ئىشلىيەلەيدىكەن. ئۇلارچە ئۇنداق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تازىلىق قاتارلىق ئەرزىمەس ئىشلارغا  سالىدىغان ئەھۋاللارپەقەت شىنجاڭدەك تەرەققى قىلمىغان رايۇنلاردىلا قالغانمىش. مەن ئۆزەمنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلىگىنىمنى ۋە بېيجىڭدىكى ئالى مەكتەبتە ئوقۇغانلىقىمنى ۋە شىمالى جوڭگۇدىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئاساسەن بارغانلىقىمنى دەپمۇ ئۇلارنى ئىشەندۈرەلمىدىم. مەن خۇددى سەۋەبسىز يالغان سۆزلەپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ئۇلارغا خەنسۇچە يەنە چۈشەندۈردۈم. ئۇلار « بىزمۇ بىلىمىز، لېكىن شۇنداق بولسۇنمۇ دەيلى، سەن نېمىشكە يۈزىمىزنى چۈشۈرۈپ بۇ گەپلەرنى چەتئەللىكنىڭ ئالدىدا دەيسەن. جوڭگۇدا يات بىلەن ئۆزنى ئېنىق ئايرىيىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن. بولۇپمۇ سەن شىنجاڭلىق بولغاندىكىن بۇنداق گەپنى دېمەسلىكىڭ كېرەك. بۇنداق دېسەڭ ئامېرىكىلىقلار شىنجاڭنى تېخىمۇ خاتا چۈشەنمەمدۇ؟ بولۇپمۇ مۇشۇنداق ۋەزىيەت كەسكىن چاغدا گەپ سۆزۈڭگە دىققەت قىلغىنىڭ تۈزۈك…» دېگەنلەرنى تەكىتلىۋىدى ھەيران قالدىم. قايتىپ كېلىپ بۇ گەپنى گۈيجۇلۇق ساۋاقداشقا دەپ بېرىۋېدىم ئۇمۇ « ياتلارنىڭ ئالدىدا ئۇنداق دەپ نېمە قىلاتتىڭ» دېۋىدى، توۋا، دەپ ئولتۇرۇپلا قالدىم. دېمەك، ئەمدى پاكىتنىڭمۇ جوڭگۇلۇق ئۈچۈن دېيىلىدىغان پاكىت ۋە ياتلار ئۈچۈن دېيىلىدىغان پاكىت دەپ ئايرىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىمگە توغرا كەلدى. ئىچى ئاداپ كەتسىمۇ تېشىغا پۇرىقىنى چىقارماسلىقتىن ئىبارەت بۇ تارىيخى ئەنئەنە يات ئەللەرەدە تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىكەندە!. شۇندىن كېيىن جۇڭگۇ توغرىدسىدىكى پاراڭغا خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەگىشىپ قويىدىغان بولدۇم. بىر كۈنى يۈكسەك بىرلىك يەنە بۇزۇلۇپ كېتىپ قالدى. مۇشۇ ئاغزىمنى زە… دەرستىن كېيىنكى ئارامدا مۇئەللىم «جۇڭگۇدا قانداق ئېلان جىق ؟» دېۋىدى مەن يەنە ئاقساقاللىق قىلىپ « ھاراق بىلەن دوختۇرخانا-دورىنىڭ ئېلانى دېگەن ساماندەك»  دەپ تاشلاپتىمەن. « نېمىشكە؟» دەپ سورىشىغا « ھاراق ئىچمىسەڭ مۇناسىۋەت قۇرالمايسەن، مۇناسىۋىتىڭ بولمىسا ئىشىڭ ئاقمايدۇ. ھاراقلارنى تەكشۈرىدىغانلارمۇ ھاراق ئىچىپ تەكشۈرىدىغان بولغاچ ساختا ھاراقلار ئادەمنىڭ روھىنى ۋە تېنىنى كېسەل قىلىدۇ، بۇنىڭ بەزىلىرىنى دورا،  يەنە بەزىلىرىنى ھاراق داۋالايدۇ» دەپ تاشلاپتىمەن. مۇئەللىم قاتتىق كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكىدا ھاراققا ئوخشاش ئادەمنى خۇمار ياكى مەست قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئېلانى تېلۋىزوردا بېرىلمەديكەن. ئەتراپىمغا ئالاق جالاق قارىۋەتتىم، خۇداغا شۈكۈر خەنسۇ سەپداشلار بەك ئېرەن قىلمىغاندەك. `
شۇندىن كېيىن پات-پات خيالىمغا مۇشۇ ئىشلار كېلىۋالىدىغان بولدى. نېمە ئۈچۈن پاكىتمۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىپ قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىچىمىزدىكىنى تېشىمىزغا چىقارماق باشقىلارنىڭ نازارىتىگە مەھكۇم بولىدۇ؟ ئەجەبا ماۋزىدوڭنىڭ ئاممىۋىي پىرىنسىپتا مېڭىش، دېڭشاۋپىڭنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش تەشەببۇسلىرى  ئىككى مىڭ يىللىق يالغانچىلىق، تۆۋەننى قەتلى قىلىپ يۇقۇرىغا خىزمەت كۆرسەتكەن بولۇۋېلىش، ئۆز قەۋمىدىن بولمىغاننى مەڭگۈ گۇمانلىق دەپ قاراش دېگەندەك كىسەللەرگە مەلھەم بولالمىدىمۇ؟ بۇلارنى ئويلىساملا لۇشۇننىڭ نەقەدەر ئۇلۇق زاتلىقى يادىمغا كېلىدۇ. ئۇ جوڭگۇ جەمئىيىتىنى ئادەم يەيدىغان جەمئىيەت دېگەنىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەتنى مەنپەئەتكە بويۇن ئەگدۈرىدىغان ئاكىيۇلار چوقۇم ئىسلاھ قىلىنىشى، ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەرلىكىنى مەڭگۈ ئىتىراپ قىلماي تىزلاندۇرۇش ياكى تىزلىنىشقىلا مايىل مىللىي پىسخىكا دېمۇكراتىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىشى كېرەك ئېدى. ئەپسۇس! لۇشۇن تەشەببۇس قىلغان ئىسلاھات يىگىلەپ قالدى. ماركىسىزىمدىن كېيىنكى ئىدولوگىيە  بوشلۇقىغا بەدەل قىلىنغان مىللەتچىلىك ئالدىدا لۇشۇننىڭ مىللەتنى كەسكىن تەنقىدلەيدىغان روھي بويۇن قىستى. پۈتۈن ئىنسانغا ئورتاق بولغان ھاياتنىڭ دەخلىسىزلكى، قانۇنننىڭ مۇقەددەسلىكى، ئاخباراتنىڭ تەرەپسىزلىكى، ئىددىيىنىڭ گۇناھسىزلىقى قاتالىق پىرىنسىپلار مىللەتچىلىككە بويۇن ئەگدى.  ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى پاكىتتىن، ھەقىقەتتىن ئۈستۈن قويىدىغان مىللەتچىلەر ئىنساننىڭ ياشاش ئىھتىياجى، قوغۇدۇنۇش ئىھتىياجى، ئىززەتلىنىش ئىھتىياجى،  قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان كىشىلىك تەلەپلەرىنىمۇ ھۆكۈمران مىللي مەنپەئەت ئۈچۈن رەت قىلاتتى. مىللەتچىلىكتە مىللي مەنپەئەت بارلىق قىممەتلەرنىڭ تارازىسى. نېمىنى دېيىش ۋە قىلىش ھەقىقەتنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن ئەمەس مىللىي ئابرۇيغا، مىللي مەنپەئەتكە قانچىلىك تەسىرى بولغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى.
يۇقارقى مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممدىن ئۈستۈن قويىدىغان ھادىسە بىزدە بەك ئاشكارە يامرىيالمىغان بولسىمۇ، بار. شۈبھىسىزكى بۇ مۇھەببەتتىن  مۇھەببەت تۇغۇلسا، نەپرەتتتىن نەپرەت ئۈنگەندەكلا ئىش. مىسالەن، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئەۋج ئالغان « بىكخام موھىممۇ ئىشەكمۇ» دېگەن ماقالىنىڭ خاھىشىنى مەملىكەتلىك مىللەتچىلىك تۇغقان يەرلىك مىللەتچىلىك دېيىش مۇمكىن.  يەرلىك مىللەتچىلىلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرغا مەنپەئەتسىز بولغان ھەممە پاكىت ۋە ھەقىقەت قۇرۇق گەپ. بۇندىن باشقا قۇددۇس ھاپىزنى ئىككىنچى مەھمۇد كاشغەرى دېيىش، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئمىننى ئىككىنچى پارابى دېيىش، قۇربانجاننى ئەۋلىيا دېيىش، ئالىمجاننى ھاۋادىن يېقىلغۇ ياسىدى دېيىشلەرنىڭ ھەممىسى دەل شۇ؛ يەنى  ئۇيغۇرلار بولسا، ئۇيغۇر ئۈچۈنلا بولسا پاكىت نېمە بولسا بولسۇن، پىرىنسىپ قانداق بولسا بولسۇن ھەق دەپ تۇرىۋېلىش يۇقارقىدەك مەجبۇرىي ئۈندۈرمىدۇر. تۈركىيەدە مۇنداق بىر ئىش بولغانىدىى ھەر ئويلىسام ئاچچىق كۈلۈپ كېتىمەن.

.2006 -يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرىگە مەلۇم ئۇيغۇرنىڭ ساختا دېپلۇم ۋە ساختا ئاجرىشىش خېتى ياساپ تۇتۇلۇپ قالغىنى خەۋەر قىلىندى. بۇ خەۋەر تېلۋىزوردىمۇ بېرىلگەندە بىز بەك بىئارام بولدۇق. تېلۋىزوردا بۇ خەۋەرنىڭ كېچە سائەت ئىككىدە تەپسىلى بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بىز بىر قانچە قېرىنداش بۇ خەۋەرنى يېرىم كېچىگىچە ساقلاپ ئوخلىمۇدۇق. خەۋەر ئەمدىلا بېرىىلىشكە باشلىېۋىدى مەزكۇر ئۆيدە دوستلىرىمىز بىلەن بىللە تۇرىدىغان بىر تۈرك بالا ئىشىكنى چەكتى، بىز ھەرقانچە دېسىمۇ ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىمىدۇق. ئۇ بالا بىر مۇنچە رەنجىپ كىرەلمەي بولدى قىلدى. ئۇ چاغدا مەن قىلغىنىمىزنى تامامەن يوللۇق دەپ ئويلىغانىكەنمەن. كېيىن ئويلاپ قالدىم، بىز شۇ قېتىم ئۇنىڭدىن پاكىتنى  يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا پاكىتنى ئاڭلىتىپ، سەۋەبىنى تەشتەببۇسكارلىق بىلەن چۈشەندۈرگەن بولساق، ئۇنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىنى ئۆزى بىلگەنچە ئىزاھلىشىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ خالىغانچە چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئەگىشىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەنمىز. ئەجەبا، بىز ئۆيدىكى بىر تېلۋىزوردىن ئۇ خەۋەرنى كۆرگۈزمىگەنگە ئۇ كۆرەلمەي قالارمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىرى بىزنىڭ شۇ بىر تۈرك (بىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئىپادىمىز بويىچە يات) بالىدىن يوشۇرغىنىمىز بىلەن بىز بىلمىگەن نۇرغۇن كىشىدىن يوشۇرۇپ قالايتتۇقمۇ؟ پاكىتنى ئىتىراپ قىلىپ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ئاقىللىقمۇ ياكى پاكىتنى يوشۇرۇپ خاتا چۈشىنىشكە پۇرسەت يارىتىش ئاقىللىقمۇ؟
مەنچە پاكىتنىڭ، ھەقىقەتنىڭ،  پىرىنسىپنىڭ، نەزەرىيەنىڭ مىللىيلىكى ۋە دۆلەتلىكى بولمايدۇ ھەم بولماسلىقى كېرەك. ھەممە نەرسىگە ماركىسىزىملىق ، ياكى …چە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېگەن ئىبارىنى قۇشۇپلاۋالسا چېقىلغىلى بولماس مازارغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. دۇنيادا ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نۇرغۇن ئورتاق مىزان ۋە قىممەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىمىز پاكىت. بۇ پاكىتلاردىن سۈزۈپ چىقىلغان ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىلىشى كېرەك. ئازچىللىقلارنىڭ خاسلىقىنى دائىم كۆپچىللىكلەرنىڭ ئومۇميلىقىغا مەجبۇرى سىڭدۈرىۋەتمەسلىك كېرەك.  بولمىسا ئىرغاينىڭ ئېگىلەر سۇنماسلىقى ھەقىقەتنىڭ تەسۋىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ھەقىقەت مىللەت ياكى دۆلەت مەنپەتىگە قاراپ ئېگىلمەيدۇ، ئەگەر ئېگىلسە ئۇ ھەقىقەت بولالمايدۇ.

داۋامى: 17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟
بېشى: 15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا

بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق مۇندەرىجىسى: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەننىڭ بارلىق يازمىلىرى

4 ئىنكاس بار »

  • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى » * ئىللەت تۈزەلمەي مىللەت تۈزەلمەس » ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار :

    [...] نېمە بار، نېمە يوق؟ 15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا 16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى 17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟ 18. ئامېرىكىدىكى [...]

  • ھونزادە :

    بەك ياخشى يېزىپسىز ، ئەكىلىڭە قولىڭىزنى بىر تۇتىۋالاي .
    ھەقىقەت ئىگىلىدۇ سىۇنمايدۇ . ………شۇڭا ھەققانى گەپ قىلىدىغان غەرىپ ئەللىرى دائىم بەزى تەتۇر سەنەمدىكى يالغانچى ، ئويدۇرمىچى ، تېشى پال پال ئىچى غال غال دۆلەتلەر بىلەن مەڭگۈ چىقىشالمايدۇ . مەسلەن : شىمالى كوريە بىلەن ۋەتىنىمىز جوڭگۇلا ياخشى سىغىشىدۇ . ھەققانىيەتنىڭ ساخچىسى ،( بەزىدە جاھانگىر بولسىمۇ ) ، ئەركىنلىكنىڭ قوغدۇغۇچىسى ئامېركا مەڭگۈ بۇ دۆلەتلەر بىلەن چىقىشمايدۇ . يەنە دەپ كەسەك مىساللار كۆپ .
    بىلىمەن يەنە بىر نەچچە ئاغىنىمىز چىقىپ ئامېركا ئىسلامغا قارشى ، ۋەتىنىمىزگە قارشى ، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز دەپ يازىدۇ تېخى.

    يالغان گەپ ئالتۇندەك ئەس قاتىدىغان دۆلەتتە ، پەقەت پۇل ، مال دۇنيالا باشقىلارنى قايىل قىلىدۇ ، ئەممە ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت پەقەت سۇلغان يۇرۇگىمىزنىىڭ ئىچىدىلا قالىدۇ . يالغانچىلىق ھەقىقىتەنمۇ شانلىق 5000 يىللىق تارىخى بار مىللەتنىڭ 5000 يىل قوللانغان ئەندىزىسى . شىۇڭا بۇ مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلغان كىشلەر غەرىپ ئەللىرىدە 50 يىل تۇرسا ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ . پەقەت 5000 يىل تۇرسىلا ئاندىن ئۆزگىرىش بۇلامدىكىن دەيمەن .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    مۇختەر Reply:

    @ھونزادە,
    ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم،خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ئەزىز تۇپرىقىمىزغا مۇنچىلىك سىڭىپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ بوغۇلۇپ قالاي دىدىم،سىزنىڭ ۋەتىنىڭىز جۇڭگومۇ؟ سىز ئەزىز يۇرتىمىزنىڭ،جۇڭگونىڭ،شىمالىي كورىيەنىڭ،سوتسىيال سوۋىتنىڭ قانلىق ئۆتمۇشىنى بۇگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە ئىچكى زىددىيەتلىرىنى،بۇلار ئارىسىدا قانداق ئورتاقلىق ۋە سىياسى ئويۇنلار بارلىقى توغرىسىدا كۆپرەك ماتىرىيال كۆرۈپ ئىزدىنىپ بېقىشىڭىزنى سەمىمى سورايمەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Jeck Blog » Blog Archive » ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار :

    [...] نېمە بار، نېمە يوق؟ 15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا 16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى 17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟ 18. ئامېرىكىدىكى [...]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..