ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار- يول قايان؟
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
5. يول قايان؟
يىللار مەيدىسىنى كېرىپ مەسخىرىلىك كۈلگەنچە ئۆتىۋەردى. ئانام دائىم «يىلدىن يىلغا بەتتەر» دەيتتى، بۇ ماڭا خۇددى قانۇنىيەتتەك تۇيۇلۇپ كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ئارىدا مېھرى ئىسسىق تۈركىيەنىمۇ چۆرگىلەپ كەلگەن بولدۇم. ۋەدەمدە تۇرغانلىقىمنىڭ ۋەدە ئالغۇچىلارنىڭ پەرۋايىدا يوقلىقىنى قايتقاندىن كېيىن بىلدىم. ئۇلارنىڭ پەرۋايى ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتمىغاچ ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلمىدى. قايتقىنىمدىن ئەڭ شاتلانغىنى كۆز نۇرۇم ئاتا-ئانام، كۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ۋە بەختلىك ئائىلەم بولدى. كۈنلەر مەنىسىز تەكرارلىقىنى داۋام قىلماقتا ئېدى، بېيجىڭدا ئېغىز ئالغان يارا يەنە شەلۋەرەشكە باشلىدى، ئەمەلگە باغلانغان شىنجاڭچە زىيالىلىق، مەنپەئەتكە باغلانغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، تىجارەتكە ئايلانغان جوڭگۇچە تەتقىقات يۈرەكتىكى يارىنى يىرىڭلاتتى. بىر كۈنى بىر دوستۇمغا تېلپوندا ”ئۆيلەندىم، ئۆي ئالدىم، بالىلىق بولدۇم، لېكىن يەنە خوش بولالمىدىم“ دەپ تاشلىدىم. ئارىدا ئۆيۈمگە كەلگەن بۇرادەرلىرىمدىن بىرى « كۆچۈپ كېتىدىغان قازاقتەكلا ئولتۇرۇپسەنغۇ؟» دېدى كۈلكە قىلىپ، سورۇنىمىزنىڭ ئەزىزى، ئۇستاز تەكلىماكانى « سەپەرگە ھازىرلانغان ئادەمگە جىق نەرسىنى يىغىۋېلىش ئاۋارىچىلىق» دېدى مەنىلىك قىلىپ. « سەپەر قايان؟» بۇ سۇئال باشقا ھىچ كىمنىڭ ئېسىگە كەلمىدى، چۈنكى بىر ئوبدان ئۆيى، ۋاپادار ئايالى، يوقنىڭ ئورنىدا بولسىمۇ ئەمىلى، ئۆزىدىن خېلىلا ئېگىزلەپ كەتكەن يېشى بار مەندەك ئادەمنىڭ يەنە نېمە سەپەرگە ئاتلىنىدىغانلىقى بۇرادەرلىرىمگە قاراڭغۇ ئېدى. ئىچىمدە خىتاب قىلدىم « سەپەر __ ئامېرىكا».
موھىت ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ۋە ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىكەن. بېيجىڭدا__ ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولىدىغان، تىرىشقانلىكى ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆز ئالدىدىن يىراق بولمايدىغان يەردە ئوقۇغانلىقىم مېنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمنى قۇۋۋەتلىگەنمۇ، ۋەياكى ئادەمنىڭ مىللەت تەۋەلىكىدىن بەكرەك ئىقتىدارى تەكىتلىنىدىغان ئىچىكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتەخىزمەت قىلغانلىقىم تۈرتكە بولغانمۇ، بۇلار ماڭا ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما مەن ئۈرۈمچىدە ۋە باشقا ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدىكى زىيالىلىرىمىزدا ئەۋج ئالغان « ھىچ ئىش قىلدۇرمايدۇ، سىڭگەن نېنىڭنى يە، مۇناسىۋەتسىز ئىش پۈتمەيدۇ..» دېگەندەك ئىددىيەلەرنىڭ تەسىرىدىن ئاساسەن خالى ئېدىم. ھىچ ئىش قىلدۇرمىسا سەۋەبىنى سوراش، شۈكرىگە زورلىسا شۈكرىگە لايىق نىمەتنى تەلەپ قىلىش، مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلىسا بەلگىلىمىنى شىپى كەلتۈرۈش مېنىڭ مىزانىم ئېدى.
ئۈرۈمچىدىكى مەن ئىشلەۋاتقان ئالى مەكتەپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستىتىغا ئىمتىھان بېرىشىمىگە قوشۇلمىدى. ئىشلىگەن يىلىم توشمايمىش. دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىغا ئىلتىماس سۇنساممۇ بولماسمىش، سەۋەبى ئۇنۋانىم توشمايمىش، قارىغاندا مۇكاپاتنى قېرىپ ماڭالماس بولغاندا بەرسە كېرەك. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا كۆز تىكتىم. نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتلار ھەققىدىكى خەنسۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇلارنى خىزمەتداش، تونۇش ۋە دوست بۇرادەرلەرگە تەۋسىيە قىلدىم. بۇلاردىن فورد مۇكاپاتى مېنى بەكرەك قىزىقتۇردى. بۇلارنىڭ نىشانىدىكى« نامراتلىق، نادانلىقنى تۈگىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت ۋە ئىجتىمائى ئادالەتنى تەكىتلەش، ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدا ساھەلەردە تەشكىللىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش» دېگەندەك مەزمۇنلار مېنى تولىمۇ شاتلاندۇردى. فوردنىڭ ئىلتىماس جەدىۋىلى مېنىڭ ھاياتىمنى بىر قۇر خۇلاسىلەپ چىققان بولدى. مەن فورد مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرنى بىر نائىنىق ئوبىكىت سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغىنىمنى بايقىدىم. مۇشۇ كۈنگىچە قاقشىغانلىرىم خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى، خەلق دۇچ كەلگەن كىرزىسنى ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى چۈشەنمەستىن غۇتۇلداشتىن باشقىسى ئەمەسكەن. مەن ئۇيغۇرنى ئۆزەمگىمۇ يورۇق بولمىغان بىر مەنزىلدە كۆرۈشكە ئىنتىلگىنىمنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن ئۇيغۇرنى چۈشىنشىتە ئۇلارنىڭ تۇيغۇسىدا، ئادىتىدە، ئىددىيىسىدە ياشاپ تۇرۇپ ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئۆزگەرتىش، ئىنكار قىلىش مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلغىنىمنى ھىس قىلىپ يەتتىم. فورد ماڭا ھەممە ئىشنى ئەتراپىمدىن، مەھەللەمدىن باشلاشنى ئۆگەتتى. چۈنكى ئۇلار دەل مۇشۇنداق ئېنىق ئىجتىمائى خىزمەت پىلانى ۋە ئەمەلىي تەتقىقات پىلانى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. مەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس سۇنۇش جەريانىدا ئىلگىرى ھىچ قانداق تەمەسىز قىلغان پائالىيەتلىرىمنىڭ بۇ قېتىم مېنىڭ ئىجتىمائى خىزمەت تەجرىبىلىرىم ھىسابلىنىپ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشۇمغا ئاساس بولغانلىقىنى كۆردۈم. تېرىمچىلىق مەدەنىيىتى ياراتقان ئاتا بوۋىلىرىمىز بۇ دۇنيانى ئۆزى شۇغۇللانغان دېھقانچىلىق بىلەن باغلاپ ئېتىزغا ئوخشىتىدۇ، ۋە بىزنى ئۇنىڭغا ياخشىلىق تېرىشقا بۇيرۇيدۇ. مەن دوستلۇرۇمنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنجۈمەن تەشكىللىگەن، ئىئانە توپلىغان، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغان، كۇرس ئاچقان، ئەمما بۇلارنى بىر قىزغىنلىق، بىر ئوتنىڭ تۈرتكىسىدە قىلغان، ئۇ چاغدا بىر چاغلاردا فوردقا ئوخشاش بىر مۇكاپاتنىڭ مۇشۇ ئىجتىمائى خىزمەتلىرىم بەدىلىگە ماڭا بېرىلىدىغانلىقى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئېدى. ئاتا بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك ياخشىلىق تېرىغان ئىكەنمەن، خۇداغا شۈكۈر، دۇنياغا ياخشىلىق تېرىش ئۈچۈن ياشايدىغان، باشقىلارنى يىسۇن دەپ يول بويىغا ئۈجمە تىكىدىغان، ئۇسسىغانلار ئىچسۇن دەپ بىكارغا كۆل چاپىدىغان، باشقىلار پۇتلاشمىسۇن دەپ يولدىن چالما، تىكەنلەرنى ئېلىۋېتىدىغان، نامرات قوشنىمىز سۇنمىسۇن دەپ دەرۋازىسىنى پۇلى تۇرۇپ ياسىمايدىغان ئۇلۇغ خەلقنىڭ پۇشتى قىلىپ ياراتقان بۈيۈك رەببىمگە مىڭ مەرتە تەشەككۈر.
داۋامى: 6. خەير دوستلار
بېشى: 4. نېمە قىلىش كىرەك؟
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق مۇندەرىجىسى: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەننىڭ بارلىق يازمىلىرى
[...] قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا 4. نېمە قىلىش كىرەك؟ 5. يول قايان؟ 6. خەير دوستلار 7. ”مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى 8. سالام، ھۆر [...]
[...] قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا 4. نېمە قىلىش كىرەك؟ 5. يول قايان؟ 6. خەير دوستلار 7. ”مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى 8. سالام، ھۆر [...]
[...] داۋامى: ”مايگۈلى“ نىڭ جەزبىسى بېشى: يول قايان؟ [...]
[...] يول قايان؟ بېشى: رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel