ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار- ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇق
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
24. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇق
1. ئۇيغۇرلار ئامېرىكىلىقلاردىن نېمىلەرنى ئۆگەندى؟
ئۇيغۇردا «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە»، «يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال» دېگەندەك ماقالىلار بار. بۇلاردا ئىنساننىڭ مۇھىتقا ماسلىشىپ ياشىشى تەكىتلەنگەن. مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا مۇھىتىغا ماسلىشىپ نېمىلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئالدى بىلەن دىققەت قىلدىم. بىرىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۆزى يېقىن ئۆتىدىغان بىر پروفېسسورنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى «خەت يېزىپ ئۆزىدىن سوراڭ» دەپ ئېيتىپ بەرمەسلىكى بولدى. بۇنىڭغا ھەيران قېلىپ تۇراتتىم، بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز مېنىڭ تېلېفۇن نومۇرۇمنى مەن تونۇيدىغان بىرەيلەنگە دەپ بەرسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى سوراپ تېلېفۇن قىلىپتۇ. ئۇندىن كېيىن مەن باشقا ئۇيغۇر بۇرادەرلەرنىڭ بۇنداق ئىجازەت سورۇغانلىرىنى كۆپ كۆردۈم. شۇنچە ياشاپ كىشىنىڭ تېلېفۇن نومۇرى، ئېلخەت ئادرىسى، پوچتا ئادرىسى، تۇغۇلغان كۈنى، شەخسى پىلانى قاتارلىقلارنى بىلگەن بىرىنىڭ بۇلارنى يەنە بىرسىگە دەپ بەرگىنىنى ئۇچراتمىدىم. ھەتتا بىر ئۇيغۇر چوكاننىڭ شىتاتلىق كىملىكىنى كۆرۈپ باقاي دەپ تاشلىغىنىم ئۈچۈن بەك خىجىل بولدۇم ۋە ئەپۇ سورىدۇم. ئامېرىكىدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن باشقا كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ كىملىكلىرىنى كۆرمەيدىكەن. ۋەتەندە كىشنىڭ دەخلىسىز شەخسىيىتى، مۇقەددەس مەخپىيىتى، ھوقۇقى دېگەن گەپ يوق بولغاچقا ئۆزىمىزگىلا تەۋە ئۇچۇرلار قەشقەر ۋە خوتەننىڭ ئاسمىنىدىكى تۇماندەك دائىم ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈيدىكەن. ئامېرىكىدىكى كۈنلەردە بىر قانچە قېتىم ۋەتەندىكى مەن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ تېلېفۇنىنى قوبۇل قىلدىم. ئەلۋەتتە، پەقەت بىلىشمەيدىغان كىشىلەردىن كېلىدىغان ئېلخەتلەردىن سۆيۈندۈم – يۇ، مېنىڭ شەخسىي ئادرىسىمنى ۋە تېلېفۇن نومۇرۇمنى دەپ بەرگەنلەرنىڭ ماڭا خەۋەرمۇ قىلىپ قويمىغىنىدىن تەئەججۈپلەندىم. ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بىرەر كۈن پاراڭلاشسىڭىزمۇ تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى سورىمايدىكەن، بەزىلىرىدىن سورىسىڭىز دەپ بەرگەن بىلەن تېلېفۇن قىلسىڭىز جاۋاب بەرمەيدىكەن. مېنىڭ تېلېفۇن نومۇرۇمنى مۇسۇلمان بۇرادەرلەر كۆرۈشە-كۆرۈشمەيلا سوراشتى، ھەم ئۆزلىرىنىڭ ھەتتا يېقىن دوستلىرىنىڭكىنىمۇ قوشۇپ دەپ بېرىشتى. قارىغاندا ئامېرىكىدىكى مۇساپىر مۇسۇلمانلار بىز ئۇيغۇردىن جىق پەرقلەنمىسەك كېرەك.
ئىككىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇشقا غىزا كۆتۈرىشى بولدى. مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، بىرسى مېھمانغا چاقىرسا يا تاماق ئېتىپ بارىدىكەنمىز، ياكى تورت ئېتىپ (چۈنكى ئامېرىكىدا تاماقتىن كېيىن تاتلىق تۈرۈم ياكى تورت يىيىش ئادەتكەن)، پەقەت بولمىغاندا بىرەر سالات ئېتىپ بېرىش ياكى مۇزقايماق ئېلىپ بېرىش يوسۇنغا ئايلانغانىكەن. ئادەتتە ئامېرىكىلىقلار مېھمانغا چاقىرسا بىر نەرسە كۆتۈرۈپ كېلىش ياكى كەلمەسلىكنى ئالاھىدە تاپىلايدىكەن، بۇلار دېيىلمىگەن تەقدىردە ئۆزىمىز سورايدىكەنمىز ياكى سورىمايلا «داستىخان قىلىپ » بارىدىغان گەپكەن. ئامېرىكىلىقلاردىن ئۇيغۇرلار مېھمانغا تاماق كۆتۈرمەي بارماسلىقنى ئۆگەنگەن بىلەن ئامېرىكىلىقلار ئۇيغۇردىن مېھمانغا ئۆيدە بارىنى ئاتايدىغان مەردلىك، مىھماندوستلۇق ۋە سېخىيلىقنى ئۆگەنمەپتۇ. ھەتتا بىزنىڭ تۈرك ئاغىنىلەرمۇ داستىخاننى بىزدەك مول راسلىمايدىكەن. مەن ئامېرىكىدا ئۇيغۇرنىڭ داستىخىنىدەك مول داستىخاننى كۆرۈپ باقمىدىم. قىزىق يېرى يەيدىغان نەرسە قۇرۇغدىلىپ ئۇيان-بۇيان قاراپ قالسىڭىزمۇ، ئامېرىكىلىق ساھىبخان سىز سورىمىغۇچە ئالدىڭىزغا مەزە قوياي دېمەيدىكەن.
ئۈچىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايالىنى، بالىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى. ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئالىمنىڭ ئۆزىگە مۇھىم بولغان ھاياتىدىكى تەركىبلەرنى ساناپ ئايالى ۋە بالىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا تىزغىنىنى كۆرگەنتىم . يېقىندا بىر ئاغىنەمنىڭ ئايالى «ئامېرىكىدا ئايالى ۋە بالىسىغا مەسئۇل بولمىغان ئەرنى خەقلەر ياخشى كۆرمەيدۇ، ھەر قانداق قارار چىقارغاندا ئالدى بىلەن ئايال ۋە بالىسىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلىشىش مۇھىم» دەپ چۈشەنچە بەردى. بىر كۈنى بىر تۈرك دوستۇم ئەرلەرنىڭ يىغىلىشىغا چاقىرغانىدى. ئۆيدىن چىقاي دەپ تۇرسام بالام يىغلاپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئاتايىن ئالدىمغا ماشىنا ئېلىپ كەلگەن دوستۇم «ئامېرىكىدا ئائىلە مۇھىم، ئا:بى (ئاكا)، بىز دېگەن بىر كۈنى بولمىسا يەنە بىر كۈنى يەنە كۆرۈشىمىز بالاڭنى يىغلاتما» دەپ كېتىپ قالدى. شۇندىن كېيىن مەن ئۇيغۇر تونۇشلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئولتۇرۇشلارنى چىرايلىقچە رەت قىلغىنىنى كۆردۈم. بىر دوستىمىز يېڭى يىل ھارپىسى كۈنى قىزىغا كوچىدا ناخشا ئېيتىۋاتقانلارنىڭ گىتتارىنى چالغۇزىمەن دەپ بىر مۇنچە پۇل خەجلىدى. ئۈرۈمچىدە راۋاپ چېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ سازىغا قىزىم ھەرقانچە ھەۋەس قىلسىمۇ بەلكىم سىلاتقۇزىشتىنمۇ نومۇس قىلغان بولاتتىم. ئامېرىكىدىكى گىتتار بىلەن ناخشا ئېيتىپ جان باقىدىغان تىلەمچى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەتىۋارلىق بىر تاللا قىزى بىلەن ناخشا ئېيتتى ۋە بىرمۇنچە پۇل تاپتى. ئۇيغۇر قىزى كوچىدا تىلەمچى بىلەن ناخشا توۋلاشتىن، گېتتار چېلىپ پۇل تېپىشتىن كەمسىنمىدى. ئۇيغۇر ئانا قىزى خالىغانلىقى ئۈچۈنلا چاچلىرى قالايمىقان، كىيىملىرى كونىراپ كەتكەن سازەندىلەرنىڭ ئارىسىغا قىزى ئۈچۈن قىستىلىپ مەدەت بەردى.
تۆتىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم ھەممە ئىشنى ئالدىن پىلانلاش ۋە رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ بىرقانچە ئاغىنە ۋە تونۇش «ساڭا كېلەر ھەپتىنىڭ پۇستانى كۈنى تېلېفۇن قىلىمىز، ئىككى ئايدىن كېيىنكى ماۋۇ كۈندە بىزنىڭ ئۆيگە كېلەلەمسەن» دېگەندەك مەزمۇندا خەتلەرنى يېزىشتى. دەسلەپ بۇ گەپ سەل غەلىتە تۇيۇلدى، كېيىن بارا- بارا كۆنۈپ كەتتىم.
دىققەت قىلسام بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئادىتىكەن. ئوقۇتقۇچىڭىز سىزگە بىر ئىش تاپىلىماقچى ياكى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولسا «كالىندارىڭىغا قاراپ باق، جەدۋىلىڭگە قوشۇپ قوي پۇستانى كۈنى پالان ئىش بار» دەپ بىر قانچە ئاي بۇرۇن دەيدىكەن. بىر ئاغىنەمنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كومپىيوتىر ۋە تېلېفۇنغا كىرگۈزىۋېتىدىكەن، ھەتتا ۋاقت جەدىۋىلىگە كىمگە ياق، كىمگە ھەئە دەيدىغانلىقىدىن تارتىپ ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ ئاغىنەم بىر جۈمە كۈنى لېكسىيە بېرىۋاتقاندا كومپىيۇتىرى چېتىقلىق سىنىپتىكى چوڭ ئىكىرانغا «جۈمەگە بېرىشقا مانچىلىك ۋاقتىڭ بار» دېگەن خەت چىقىۋېلىپ ھەممە ئوقۇغۇچىنى كۈلدۈرىۋېتىپتۇ.
بەشىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم چېنىقىش ئادىتى. دەسلەپ كەلگەن كۈنلىرىمدە بىر دوستۇمنى كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم. يېشىمىزنىڭ تەڭ بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ شۇنچە ساغلام ۋە چاققان قەدەملەر بىلەن تېكىدەك يېنىك يۈرۈشلىرى مېنى تاڭ قالدۇرغان ئىدى. يېقىندا بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدىمۇ چېنىقىش ئۈسكۈنىسىنى كۆردۈم. ئۆزىنىڭ ئايرىم، ئايالىنىڭ ئايرىم سايمانلىرى باركەن. ئېنىق ۋاقت بەلگىلەپ ئۆيدە مېھمان بولسۇن بولمىسۇن چېنىقىشنى قولدىن بەرمەيدىكەن.
يوقارقىلار مېنىڭ بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك ئۇچراتقانلىرىم. بۇلارنىڭ ئالاھىدە كۆزۈمگە تاشلىنىشدىكى سەۋەپ، مەن 30 نەچچە يىل ياشىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇنداق ھادىسلەردىن بەزىلىرىنىڭ بىزدىكىدىن پەرقلىنىدىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئادەتكە ئايلانمىغانلىقى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىدىن بولغان. بۇلارنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆگىنىۋالايلى دەپ باش قوشۇپ ئۆزلەشتۈرگەن ئەمەس، ياكى مەلۇم بىر يازغۇچى كىتاب يېزىپ تەشەببۇس قىلغانمۇ ئەمەس. پەقەت مۇھىتتا شۇ ئادەت ھەممە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىدە ئىپادىلەنگەچكە شۇنىڭغا كۆنگەن گەپ. مۇشۇلارغا قاراپ بەزىلەرنىڭ «ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئۇنداق پەزىلەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈرەيلى، تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ بۇنداق ئادەتلىرىنى ئەينەك قىلىشىمىز كېرەك. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئەخلاقىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىشىمىز كېرەك…» دېگەندەك گەپلىرى تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلدى. ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، قائىدە-يوسۇنى مۇھىتنىڭ مەھسۇلى. ئاتالمىش ئالغا كەتكەن مىللەتلەر بىز تەلپۈنگەن «ئىلغارلىق، تەرەققىيلىق» لارنى ھەممىسى بىر يەرگە يىغىلىپ بېكىتىپ چىققان ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئىگىلىك شارائىتى، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەھۋالى، سىياسى تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە تەدرىجى شەكىللەنگەن. شۇڭا خەقنىڭ ئاتالمىش ئىلغارلىقىنى كېچە-كۈندۈز ناخشا قوشاق قوشۇپ مەدھىيلىسەكمۇ، بىكار تۇرماي يىغىن ئېچىپ ئاممىنى سەپەرۋەر قىلساقمۇ ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، تۈركىيە تۈركلىرىدىكى پاكىزلىقنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھېچبولمىغاندا ئەۋرەز ئەسلىھەسى (پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش يوللىرى) تۈركىيەدىكىدەك ئومۇملاشقان بولۇشى كېرەك. تۈركلەردىكى جەسۇرلۇقنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇلاردەك ئىنسانغا قۇل بولمىغان تارىخى رىئاللىققا، ئاچچىقى كەلسە كوچىغا توۋلىشىپ چىقىپ نامايىش قىلالايدىغان دېموكراتىك رىئاللىققا ئىگە بولۇش كېرەك. ئامېرىكىلىقلاردىن يوقارقىلارنى ئۆگەنگەن ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە قايتسا بىرەر ئايغا قالمايلا ئۇنداق خىسلەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى يوقاتماي قالمايدۇ. بۇ خۇددى ۋەتىنىدە ساختىلىققا نەپرەتلىنىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگودا قاچاق (ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۈلگەن) سىنتەخسىلەرنى باشقا جۇڭگولۇقلارغا ئوخشاشلا تالىشىپ سېتىۋالغاندەك گەپ.
2. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەنىسى
مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا مۇھتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلۇقنىڭ قايسى تەركىبلىرىدىن ۋاز كېچىپ، قايسى تەركىپلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلدىم. بولۇپمۇ سىنتەبىر ۋەقەسى سەۋەپلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلۇقنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن ئىبارەت بۇ مېغىزىغا قانداق يۈزلەنگەنلىكىگە بەكرەك قىزىقتىم. ئالدى بىلەن ئامېرىكىلققا تەگكەن ئىككى ئۇيغۇر ئايالنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى دىنىمزنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولۇپتۇ، ھەتتا بىرسى ئىسمىنى توي قىلغاندىن كېيىن ياقۇپجانغا ئۆزگەرتىپتۇ. دېمەك، بۇ ئۇيغۇر قىزلار ئۇيغۇر ئېرىدىن ئاجرىشىپ ئامېرىكىلىققا توي قىلغان بىلەن ئۇيغۇرلۇقنىڭ مېغىزىدىن ۋاز كەچمەپتۇ. مەن بۇلارنىڭ ھەرقانداق چىقىمغا قارىماي بالىلىرىنى ۋەتەنگە ئەۋەتىپ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. بىرەيلەننىڭ ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن بالىسى بىلەن پاراڭلىشىپمۇ باقتىم. بۇ قىزچاق ئۇيغۇرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرىدىن بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئامېرىكىدا تۇققانلار ئارا مۇنداق مۇھەببەتنىڭ يوقلۇقىنى ماڭا ئۇيغۇرچە دەپ بەردى.
يېققىندا 92-يىلىدىن بۇيان كۆرۈشۈپ باقمىغان بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە مىھمانغا باردىم. يۈز كۆرۈشمىگىلى 20 يىلغا تاقاپ قالغان بولسىمۇ يۈرەكلەردىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شىئېرلىرىنى يادلاپ يۈرگەن چاغلاردا باغلانغان رىشتە قايتا يېڭىلىنىپ بىزنى تەبىئىي يېقىنلاشتۇردى. بىر كۈنى ئەتتىگىنى ئاغىنىمىزنىڭ مالايسىيىلىك قوشنىسى تاماق كىرگۈزۈپتۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرنىڭ قوشنىلىرىغا تاماق سۇنىدىغان ئادىتىنىڭ دوستۇم ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرسۆيەر ئايالىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئامېرىكىدا داۋام قىلغانلىقىنى ھىس قىلىپ تەسىرلەندىم، ۋە ھېندىستانلىق قوشنامغا تاماق سۇنۇپ ئۇيغۇرلۇقۇمنى تونۇتمىغىنىمدىن ئۆكۈندۈم. ئاغىنەمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن خىزمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ زورلىشى سەۋەبلىك ھاراق ئىچەتتىكەن. ئامېرىكىدا ئۇنداق ھاراملاردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپتۇ. «ئۇيغۇرنى دۇنيا مۇسۇلمان دەپ بىلىدۇ. مەن ئۇيغۇرنىڭ بىر ئاڭلىق زىيالىيسى تۇرۇپ ئامېرىكىغا كېلىپ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پۇرسەتنى ھاراققا يەم قىلىۋەتسەم، مىللەت ھەققىدە خەقتە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلسام بولمايدۇ. ھازىر نەگە بارماي كەينىگە [ئۇيغۇر] دېگەن خەت يېزىلغان كۆينەك، مايكىلارنى كېيىپ بارىمەن. فرانسىيىگە يىغىنغا باردىم، خەق داڭلىغان ئۈزۈم ھاراقلىرىغا يېقىن كەلمىدىم. گېرمانىيىگە ئىلمىي سۆھبەت ئۈچۈن باردىم، ئۇلارنىڭ داڭلىق پىۋىسى خىيالىمدىن يىراق بولدى. ھازىر مېنىڭ خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ مۇسۇلمانلىقىمنى بىلىدۇ ۋە ھەرۋاقىت ھۆرمەت قىلىدۇ. مەن ۋەتەندە كۆپ پۇل تاپقان لېكىن بىر كۈنلۈك ئىشنى بىر ھەپتىلىك دەپ ھەق ئېلىشقا مەجبۇر ئىدىم. چۈنكى تاپىدىغىنىمىز ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بولغاچقا شۇنداق دەپ پۇلنى جىق يازدۇرمىساق بىزگە ئىش تاپشۇرغان باشلىققا «تۈزۈك» بىر نەرسە ئاشمايتتى. ھازىر ئۇنداق جىق پۇل تاپمايمەن ئەمما ھارامدىن كۆپ پۇل تېپىپ ۋىجدانىمنى ئازاپلىغىچە ھالال تېپىپ خەجلىسەم كۆڭلۈم توق بولىدىكەن، خەجلىگەننىڭمۇ بەرىكىتى بولىدىكەن. ھازىرغىچە ئامېرىكىغا كېلىمەن دېگەن ئۇيغۇر بالىلارغا يارىدەم قىلىپ كەلدىم. خېلى بالىلارغا چاقىرىق ئەۋەتكۈزۈپ بەردىم، لېكىن ئۇلارنىڭ 50 دوللار تىزىملىتىش ھەققىنى مەن تۆلىۋەتتىم. ئاتا بوۋىلىرىمىز «قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ» دېگەنىكەن. ئۇلار ئامېرىكىغا كېلەلمىگەن تەقدىردىمۇ ياخشىلىقىمدىن تەسىرلىنىپ مۆرىتى كەلگەندە يەنە بىر ئۇيغۇرغا ياخشىلىق قىلغۇدەك ئويغا كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ھازىرغىچە تۆت بالىنى يېتەكلەپ ئېلىپ چىقتىم. دوكتۇرلۇقنى تۈگىتىپ خىزمەتنى ئۇنۋېرىستىتلاردىن تاپاي دەپ بەك ئىزدەندىم. ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ مۇئاشى شىركەتلەرنىڭكىدەك يوقۇرى بولمىغان بىلەن ئۇيغۇر بالىلارنى ماگىستىرلىققا، دوكتۇرلۇققا قوبۇل قىلىپ يارىدەم قىلغىلى بولاتتى. ئۇمۇ بولۇپ قالار…» ئاغىنەم بىلەن شۇ كۈنى سائەت ئۈچكىچە مۇڭداشتۇق. ئامېرىكىغا كەلگىنىگە ئالتە يىلغا يېقىنلاشقان، ھاياتىنى ئوقۇش، ئوقۇتۇش ۋە يېتەكلەش بىلەن ئۆتكۈزگەن مەسلەكدىشىمنىڭ جاھانغا، ئىنسانغا، ھادىسىلەرگە بەرگەن باھالىرىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، كەڭ قۇرساقلىقى، مەردلىكى، پىداكارلىقى ۋە سەمىمىي ئىتىقادى بالقىپ تۇراتتى. ئۆيىدە ئىككى يېرىم كۈن تۇردۇق، دالا تامىقى يىدۇق، مۇزىيلارنى ئايلاندۇق. بۇ جەرياندا مەن ئۆزەمنى ئامېرىكىدا ئەمەس قەشقەردىكى، غۇلجىدىكى، خوتەندىكى، چۆچەكتىكى قايسى بىر ئۇيغۇر تۇغقىنىمنىڭ ياكى ئاكا-ئىنىلىرىمنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقاندەك شۇ قەدەر ئۆز، ئازادە ھېس قىلدىم. «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دەك ياراشقان بۇ بىر جۈپ ئۇيغۇر ئامېرىكىدا ياشىغانلىق سەۋەبلىك ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھېچقايسى تەركىبىدىن چەتنىمەپتۇ، ۋاز كەچمەپتۇ، بەلكى ئۇيغۇرلۇقنىڭ بارلىق تەركىبلىرىنى قوشنا-قولۇم ۋە باشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپتۇ . ئۆزىدە جۇغلىغان ئۇيغۇرلۇق خىسلەتلىرى بىلەن قوشنىلىرىنىڭ سۆيگۈسىگە نائىل بولۇپتۇ. بىز خوشلىشىدىغان چاغدا قىزى بىچارە قىزىمدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. قىزىنى بەزلەپ كۆتۈرىۋالغان ئاغىنەمنىڭ دۈمبىسىگە «ئۇيغۇر» دېگەن خەت يېزىقلىق مايكا كەيگەن تۇرىقى كۆز ئالدىمغا كەلسىلا ئۇنىڭ «دائىم مۇشۇنداق ئۇيغۇر دەپ خەت بېسىلغان مايكىلارنى كىيىپ يۈرىمەن. ھازىر دېگەن ھەممە ئادەم تېلېفۇن بىلەن تورغا كىرەلەيدۇ. مۇشۇ ئۇيغۇر دېگەن خەتنى بىر كۈندە ئون ئادەم كۆرسە كەم دېگەندە بىرى سىكۇنت ئىچىدە ئۇيغۇرغا ئائىت ئۇچۇرنى توردىن ئىزدىشى، ئۇيغۇرنى چۈشىنشكە تىرىشىشى مۇمكىن…» دېگەنلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرايدۇ. ئۇنىڭچە، ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەنىسى ئۇيغۇرلۇقنىڭ بارلىق تەركىبلىرى ئىچىدە مەجھۇل، پاسسىپ ياشاشلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلۇقنى ئۇيغۇرچە پىداكارلىق، خالىسلىق، خۇش پېئىللىق ۋە باشقا پەزىلەتلەر بىلەن نۇرلاندۇرۇشتۇر.
داۋامى: 25. ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم
بېشى: 23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق مۇندەرىجىسى: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەننىڭ بارلىق يازمىلىرى
-نېمىشقا يىغىلىپ قالدۇق؟
ئامېرىكىغا كەلمەستە يازغۇچى مالىك كېۋىرنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدە ۋاپات بولغان ئۇيغۇر قىزى ھەققىدە يازغان خاتىرىسىنى ئوقۇغان ئېدىم. بۇ قىز ئەسلى ئۆزبەكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ نىيويوركتىكى قوشماق بىنانىڭ ئەتراپىدا كىرخانا ئاچىدىكەندۇق. قىز پاجىيەگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئائىلىسىگە ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بېرىپتۇ. باغىرى قان ئاتا ئانا قىزىنىڭ جەسىدىنى نىيويوركتىكى تۈركلەر قەبرىستانلىقىغا دەپىن قىلىپتۇ. ۋەتەنسىزلىك، ئامالسىزلىق، غېرىپلىقنىڭ ئازاۋېنى بىر ئۆمۈر تارتقان ئوتتۇرا ئاسىيا كۆچمەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ سەرگەردان ئەۋلادى ئانا توپراقنى قۇچاقلاپ ياتالماي يات يەرلەردە قاپتۇ. رەببىمىزگە ھەمىدلەر بولسۇنكى، قانداقلا بولمىسۇن شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا يېتىپتۇ. ۋەتەندىكى چېغىمداماڭا بۇ گەپ بەك تەسىر قىلغان ئېدى. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئىگە بولغان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جەسىدىمىزگىمۇ ئارامجاي بېرىشى مېنى ھاياجانغا سالغان ئېدى. شۇ چاغلاردا مالايسىيەدىن بىرسى كېلىپ يېنىمدا بىرەر ھەپتە تۇردى. بىزنىڭ باشقا بىر ئاغىنە بالا ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىكى تۈركچە ئامىلغا دىققەت قىلىپتۇ. مەن قارىساممۇ بۇ بۇرادەرنىڭ گېپى بىر قارىسا تۈركىيە تۈركچىسىدەك تەسىر بېرەتتى. سەۋەبىنى سورۇسام مالايسىيەگە ئورۇنلۇشۇپ قالغان بىر تۈرك كىشىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن. تېخىمۇ قىزىق يېرى بۇ تۈرك كىشى بىلەن تۈركىيەدە بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ئۇچرۇشۇپ قالدىم. ئالدىغا كەلگەن ئۇيغۇر بالىلرىغا ياخشى مەسلەھەت ۋە مەدەتلەرنى بېرىپ تۇرۇۋېتىپتۇ. ھەتتا كورىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، مەسجىدىمىز، ھېيىت بايراملىرىمىز، مەدەنىيىتىمىزدىكى ئورتاقلىق دۇنيانىڭ قايەرىگە بارايلى بىزنى ماگىنىتتەك بىر بىرىمىزگە يېپىشتۇرۇپ تۇراتتى. ئەۋەتتە، سەۋەپ بۇلار ئەمەس. بۈگۈنكى دۇنيادا ھەر قانداق ئورتاقلىق ۋە بىرلىك مائارىپسىز، مەقسەدلىك تەربىيىسىز كۈچلىنەلمەيدۇ.
ۋەتەن سىرتىدىكى ئانا تىل ئوقۇتىشى ھەققىدە ئىزدەنگەن چېغىمدىمۇ ياۋۇرپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋستىرالىيەلەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ شۇ يەرلەردىكى تۈرك مەكتەپلىرى ۋە مەدەنىيەت (كۈلتۈر) مەركەزلىرىدە تەسىس قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش ئادىتىم بولۇپ قالغانمۇ قانداق تۈركىيەگە بارغاندا بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرۈشنى نىيەت قىلغان ئېدىم. 2005- يىلى تەلىيىمگە تۈرلۈك ئىمتىھان ۋە تاللاشلاردىن ئۆتۈپ زىيارەتچى تەتقىقاتچى سالاھىيىتىدە ئەنقەرە ئۇنۋېرىستىتىگە ئەۋەتىلدىم. تەكشۈرۈشۈمچە تۈركىيە ئاساس مائارىپىنىڭ تارىخ ۋە ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەلۇماتلار بېرىلىدىكەن. تارىخ دەرسىدىكى مەلۇمات بىر قەدەر تەپسىلى بولۇپ دىيارىمىزنىڭ تارىخى تاكى ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيە دەۋلىتى يېقىلغانغا قەدەر ئۆتىلىدىكەن. ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ”دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك“ تىن پارچىلار ئۆتۈلۈشكە باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ناۋايىغىچە ئۆتۈلىدىكەن. ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋە ھەرقانداق كەسپكە زۆرۈر دەرسلىك بولغان ”تۈركچە“ (بىزدىكى ئالى مەكتەپ تىل ئەدەبىياتىغا تەڭ كېلىدۇ) دەرسلىككە ”دىۋان“ دىن پارچىلار ۋە ”قۇتادغۇبىلىك“ تىن نەمۇنىلەر بېرىلىدىكەن. دېمەك بىر تۈرك ئوقۇغۇچى مەكتەپ يۈزى كۆرگەنلا بولسا ئۇيغۇرلار ۋە دىيارىمىز ھەققىدە مەلۇماتلىق بولماي قالمايدىكەن. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئوقۇغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئېسىمىزدە قالمىغاندەك ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى ھەممە كىشىنىڭ ئېسىدە قالماسلىقى تەبىئى ئىش. دېمەك، تۈركلەر بىلەن بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەممەلا يېرىدە ھىچ بىر مەنپەئەت ۋە سىياسىنىڭ مەجبۇرلىشى ياكى قىزىقتۇرشىسىز بىر ئاراغا يىغىلىپ قېلىشىمىز، تىرىكلىكىمىزدە بازارىمىزنىڭ، ئۆلسىەك مازارىمىزنىڭ بىر بولۇشى يۇقارقى ئامىللارغا باغلىق ئىكەن.
2. ئامېرىكىدا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن ئۇيغۇر قىزى
2009- يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا چەتئەلگە يۈزلىنىش تېخىمۇ تەخىرسىز تاللاش بولدىمۇ قانداق ياۋۇرۇپا، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كېلىدىغان ئادەم كۆپرەك بولدى. بۇ يەردە كۆپ بولدى، دېگىنىم بۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن يىلىغا بىرەر يۈزگىمۇ يەتمىگەن كىشى چەتئەلگە چىققان بولسا ھازىر بۇ سان بىراقلا 150 بولۇپ كەتتى دېگەنلىك. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە بەك جىق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇيغۇردەك جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىلا نوپۇسى ئون مىليۇندىن ئاشىدىغان مىللەتكە بۇ سان تولىمۇ ئاز. مۆرىتى كەلگەندە شۇنى دەپ قويۇش كېرەككى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن چەتئەلگە يەنى ياۋرۇ-ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇ يەرلەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن يەنىلا ئاز. بۇنى باشقا قوشنا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرساق پەۋقۇلاددە ئاز. مېنىڭ ئېنىق بىلىدىغىنىم، ئامېرىكىدا موڭغۇلىيەدىن كەلگەن موڭغۇللار 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن. موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇللارنىڭ نوپۇسى 2.9 مىليۇن. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا ”چەتئەل قىزغىنلىقى قوزغۇلۇپ كەتتى، چەتئەلگە تەلپۈنۈش ئەۋج ئالدى“ دېيىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ. گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، شۇ يۈز نەچچە ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولۇپ بىر ئۇيغۇر قىزى قوشنا شىتاتقا ئوقۇشقا كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي كۆرۈشتۇق. سىڭلىمىز بىزنى كۆرۈپ بەك ھاجانلاندىمۇ، يا شۇ چاغلار يىغا زارە دەۋرى بولغاچقىمۇ، يىغلىشىپ كەتتۇق. ئۇيغۇرچە تاماق، ئۇيغۇرچە چاخچاق مۇساپىرلىقىمىزنى ۋە غەم غۇسسىلىرىمزنى بىر پەس بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇردى. كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغان بىر ئىش ساھىپخانغا قاچا يۇيۇشۇپ بېرىۋاتقان سىڭىلىمىزنىڭ تولۇق خەنزۇچە سۆزلىشى بولدى. داستىخاندا بىللە بولغاندا ئەجەپ كەمسۆز قىزكەن دەپ ئويلىغانتىم. ئەسلى كەمسۆز-كەمزۇۋان ئەمەس خەنزۇۋان ئەمەستۇ؟ ساھىپخان بىلەن قىلىشۋاتقان گەپلەردىن ئۇنچىۋالا كەمسۆزلۈك ئەكىس ئەتمەيتتى. ئىچىمدە خەنزۇۋان قىزدىن ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ساھىپخاندىن ئەپسۇسلاندىم، ماڭا ئۇ كۈنلەردە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خەنچە سۆزلىشىشى ”ئۇيغۇر!، ئۇيغۇر!، ئۇيغۇر!“ دەپ بوغۇلغان ئۈنلەر، تۆكۈلگەن ياشلارغا قىلىنغان خىيانەت بولۇپ تۇيۇلماقتا ئېدى.
مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپ بىلدىمكى بۇ قىز راستىنلا خەنسۇچە ئوقۇغانىكەن. دادىسى دوختۇر، باي بولغاچقا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىشىگىلا ۋاستىچى شىركەتلەرگە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئامېرىكىغا يولغا ساپتۇ. مەكتەپكە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەپ ۋەتەن سېغىنچىنى بېسىپ يۈرۈپتۇ. ئۆزى تۇرۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىنى بولسا ئىزدەپمۇ قويماپتۇ. بىر تۈرك قىز جوڭگۇدىن بىر ئۇيغۇرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىزلەپ كىرگەن بولسىمۇ ئۇيغۇرچىسى راۋان بولمىغاچ ئالاقە قىلالماي قاپتۇ. ئەڭ قىزىق يېرى، تۈرك قىزنىڭ ئېنگىلىزچە “ تىلىمىز ئوخشايدۇ، مەدەنىيىتىمىز بىر“ دېگىنىگە، ”تۈركچە دېگەن تۈركچە، ئۇيغۇرچە دېگەن ئۇيغۇرچە ئىككىسى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ئوخشايدۇ دېسە ئۇيغۇرچە خەنسۇچىغا ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرچىدا نۇرغۇن خەنسۇچە سۆز بار. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار گەپ قىلسا 30% خەنسۇچە قوشۇپ سۆزلەيدۇ“ دەپ چۈشەنچە بېرىپتۇ. ماڭا بۇلارنى خەنسۇچىلاپ تەبىئى دەپ بېرىۋاتقان مۇنۇ ئۇيغۇر قىزىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم. تۇيۇقسىز ئېسىمگە مەن ئامېرىكىدىكى قايسى بىر شەھەردە ئۇچراتقان قازقاقىستانلىق بىر قازاق قىزىنىڭ ”ئۇيغۇرچە بىلەن قازاقچە ئوخشايدۇ“ دېگىنىمگە، ”ئوخشىمايدۇ، قازاقچە دېگەن قازاقىستاننىڭ دۆلەت تىلى، ئۇيغۇرچە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق“ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. بۇ ئىككى قىزنىڭ ئورتاقلىقى قازاق قىز رۇسچە ئوقۇغان، ئۇيغۇر قىز خەنسۇچە. قازاق قىز قازاقچە ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ سۆزلىيەلمەيدۇ، قازاقچە ناخشا ئوقۇمايدۇ ھەم ئاڭلىمايدۇ. مۇناسىۋەتى ئاساسەن روسلار ۋە رۇس تىللىقلار بىلەن. ئۇيغۇر قىزمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ، سۆزلىيەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقىدۇ. ئۇيغۇرچە مۇقام، ناخشا ئاڭلىمايدۇ. پەرقى ئانا تىلغا چولتا قازاقىستانلىق قازاق قىز گۆشلەرنىڭ ھەممىنى ئايرىماي يەيدۇ. ئۇيغۇر قىز ھېلىقى گۆشتىن باشقىنى ھالال دەپ بىلىدۇ. قازاق قىز ئىككىنچى ئەۋلات روسزۇۋان، ئۇيغۇر قىز بىرىنچى ئەۋلات خەنزۇۋان. قارىغاندا بۇنداق يات زۇۋاندا ئوقۇغان بىرىنچى ئەۋلات تىلدىن قېلىپ، ئىككىنچى ئەۋلات مۇسۇلمانلىقنىڭ شەكلەن بەلگىسى يىمەكلىك چەكلىمىسىدىنمۇ قالىدىغان گەپ ئوخشايدۇ.
ئارىدا ئۇ سىڭىلىمىز بىلەن ئانچە مۇنچە كۆرۈشۈپ تۇردۇق، پاراڭلاردا مەن جاھىللارچە ئۇيغۇرچە سۆزلىدىم، شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ماڭا بەك بىر ئېچىلىپ گەپ قىلىپ كەتمىدى. بىر مەزگىل ئۆتۈپ بۇ قىزنىڭ شەرقى ساھىلدىكى شەھەرلەرگە كەتكىنىدىن خەۋەر تاپتۇق. (بۇ رايۇنلاردا نوپۇس بىر قەدەر زىچ، ئىش تاپماقمۇ سەل ئاسان) ئارىدىن بىر يىل ئالتە ئايلار ئۆتۈپ بىر كۈنى تۇيۇقسىز تېلىفون قىلىپتۇ. ئۇيغۇرچىسى شۇنداق راۋان. ھەيرانلىقتا قانداق قىلىپ ئانا تىلدا بۇنچە تېز ئىلگىرلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورۇدۇم. دېيىشىچە قىزچاقنىڭ شەرقى ساھىلدا تونۇشلىرى باركەن. ئۇلارنىڭ يارىدىمىدە بىر تۈرك ئاشخانىسىدىن خىزمەت تېپىپتۇ. (ئامېرىكىدا ئاشخانىدا ئىشلەش ئەڭ مودا، پۇلنى جىق تاپقىلى بولىدۇ. سەل چاققانراق بولسا ئاشپەزلىكنىمۇ ئۆگىنىپ بىر ھۈنەرلىك بولۇپ قالىدىغان گەپ. ئامېرىكا ئىقتىسادى كىرزىستىن تولۇق قۇتۇلالمايۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئاشپەزلىك ئەڭ ئاسان ئىش تاپقىلى بولىدىغان كەسىپ بولۇپ قالدى). ئاشخانىدا ئىشلەش جەريانىدا تۈرك قىزلار بىلەن بىر يىل بىرگە تۇرۇپ تۈركچە ئۆگىنىپتۇ. تۈركچىسى تولۇق چىققاندىن كېيىن بىر ئۇيغۇر ئاچاش بىلەن بىللە تۇرۇپ ئۇيغۇرچىسىنى پۇختىلاپتۇ. ياتاقتا ئۇيغۇرچىغا كىم بىر ئېغىز خەنچە ئارىلاشتۇرسا ئون دوللار جەرىمانە ئالىدىغانغا كېلىشىپتۇ. ”تۈركچە بىلسە ئۇيغۇرچە شۇنداق ئاسانكەن، تۈركلەر بىزنى ئۆز مىللىتىدەكلا ياخشى كۆرىدىكەن. ئاشخانىدا شۇنداق كۆڭۈللۈك ئىشلەۋاتىمەن. بۇ يىل ئالى مەكتەپكە كىرەي دەپ ھازىرلىق قىلىۋاتىمەن. مەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئەڭ خوش بولغىنىم تۈركلەرگە يولۇققۇنۇم ۋە ئۇلاردىن تىل ۋە ئىتىقاد ئۆگەنگىنىم بولدى…“ دەپ ھاياجانلىق ھىكايىلىرىنى مەن بىلەن ئورتاقلاشتى.
3. ”يالغۇز دېيىلسەن“
ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن مەكتىپىمىزدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا خەت يېزىپ جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغان خەت يازدىم. بىر كۈنگە قالمايلا جاۋاپ خەت كەلدى. مەكتەپكە كەلسەم چوقۇم ئىزدىشىمنى ئېيتىپتۇ. مەن سورۇغان مەكتەپكە دائىر سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاپ قايتتۇرۇپتۇ. مەكتەپكە كېلىپ باشقا ئىشلار بىلەن ئىزدەپ بولالمىدىم. ئارىدا ئېلخەتلىشىپ كۆرۈشىدىغانغا كېلىشتۇق. دېيىشكەن كۈنى ئولتۇرسام ئىشىك ئالدىمدا تۈركچە پاراڭلاشقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ كەتتى قارىسام ئىككى تۈرك بالا. شۇ پاراڭلاشقانچە ھەپتە ئاخىرلىرىنى غېرىپلىقتىن خالى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. شۇ يىلى تومۇزدىن كېيىن كۈنلەر مۇسۇبەتتە تولىمۇ تەستە ئۆتتى. تېلىپون يوق، تور يوق، باشتا غەم بار، چىرايلاردا قان يوق. مېڭىپ يۈرگەن بىلەن پۇت-قولدا جان يوق. شۇنداق كۈنلەردە تۈرك دوستلۇرۇم تېخىمۇ بەكرەك ھالىمغا يەتتى. بىر كۈنى باشقا شىتاتتىكى بىر ئۇنۋېرىستىتقا بىر ئۇيغۇرنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئۆزگۈر (ئەركىن مەنىسىدە) ماڭا تېلىپون قىلىپتۇ. ئۈچ سائەت ماشىنا ھەيدەپ مېنى ئۇ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ كەلدى. يېڭى كەلگەن ئىككىلا ئۇيغۇر بۇ ياخشىلىقتىن تەسىرلەندۇق، يېڭى كەلگەن بولغاچ ئىككىلىمىزنىڭ ماشىنىسى يوق ئېدى. ئۇ قارا كۈنلەردە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تېپىشىپ قانغۇدەك يىغلىشىۋىلىشمۇ ئادەمنى باشقىچە يېنىكلىتەتتى. غەملەر تارالماي تۇرۇپ رامازان كەلدى. ھەپتىسىگە بىر قانچە قېتىم بىللە ئىپتارلاشتۇق. قۇربان ھېيتمۇ كەلدى. بىللە ناماز ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن قولۇمغا بىر خالتىنى تۇتقازدى. ئانىسى تۈركىيەدىن قۇربانلىق گۆشتىن ئەۋەتكەنىكەن. بىللە يەيلى دەپ يېرىمىنى ماڭا ئاتاپتۇ.
ئائىلەم كەلگەندىن كېيىن بېرىش كېلىشىمىز بارغانچە قويۇقلاشتى. بىر كۈنى بالام قەۋزىيىتى تۇتۇپ بىئارام بولۇپ كەتتى. ئەسلى ئۇ كۈنى يىغىلىپ پاراڭلىشىدىغان كۈنىمىز ئېدى. بالامنىڭ سالامەتلىكى يار بەمىگەچكە بارالمايدىغانلىقىمىز دەپ ئۆزرە قويدۇق. بىر قانچىسى بالامنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سوراشتى. ئەتىسى ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ تۆت دوستىمىزنىڭ بالىمىزغا ئالغان دورىسىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. تۈرك دوستلۇرۇمنىڭ ئۆيىدە سۆھبەت قىلىپ ئولتۇرۇپ بەزەن ئۆزەمنى قەشقەردىكى مەلۇم مەھەللىدە، خوتەن يا غۇلجىدىكى قايسى بىر كوچىدا مېھمان بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ماڭا ئەڭ ياققان بىر شەكىل تۈرك دوستلارنىڭ سۆھبەتلىرى. بۇ سۆھبەتلەر ھەپتىدە بىر ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بىللە يەمەك يەپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن ھەممىمىز ياقتۇرغان بىر قانچە كىتاپنى مۇلاھىزە قىلغاچ بىللە ئوقۇيمىز. سۆھبەتكە كىچىك بالىلارمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ سۇئاللىرى ۋە مۇلاھىزىلىرى يېشىغا ماس سەبىلەرچە بولسىمۇ دىققەت بىلەن ئاڭلايمىز، ۋە يېشىغا مۇناسىپ چۈشەنچە بېرىمىز. بۇنداق سۆھبەت ئاياللارنىڭ ئايرىم بولۇپ ئايالىم شۇ سۆھبەلەردە يۈرۈپ ئىككى ئايغا قالماي تۈركچە ئاڭلاپ چۈشەنگىدەك بولدى. ھازىر سۆھبەتلەردە پىكىر بايان قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىملىق سۆھبەتتىن بەھىر ئېلىپ دىلىم ئېرىگەندە ھېلىقى قارا كۈنلەردە ئۆزگۈرنىڭ دېگەن مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلەيمەن. “ قايغۇرما، ئاللاھ بىر ئىشىكنى تاقىسا مىڭ ئىشىكنى ساڭا ئوچۇق قويغان بولىدۇ. قايغۇدا يىغىمىز تاقىلىپ بولغان ھېلىقى ئىشىك ئۈچۈن بولمىسۇن، غەيرىتىمىز بىلەن ئاللاھ بىزگە ئاچقان ئوچۇق ئىشىكلەرگە يۈزلىنەيلى. بىز شۇ ئىشىكلەردە سېنى ساقلاۋاتىمىز. سەن يالغۇز دېيىلسەن (ئەمەسسەن)“
يېقىندا بىر دوستىمىزنىڭ ئايالى كۆزەيدى. ئايالى دوختۇرخانىدىكى بىر قانچە كۈندە قىزىمىز بىلەن بىر ياشلا پەرقلىنىدىغان چوڭ قىزىنى ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ قويدى. خۇددى ئانامنىڭ قەشقەردىكى قوشنىسى ئىشى چىقىپ قالسا نەۋرىسىنى بىزنىڭ ئۆيىگە قويۇپ پۈتۈن كۈن خاتىرىجەم سىرىتتىكى ئىشىنى تۈگۈتۈپ كەلگەندەك. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن بۇلار ئۇيغۇرمۇ يا مەن تۈركمۇ، نېمانچە ئوخشاشلىق بۇ!
4. تۈركلۈك پىداكارلىقتۇر
مەكتىپىمىزدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسنى قوشسا قىرىققا ئاران بارىدۇ يا بارمايدۇ. شۇ قىرىققا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بەدىلىگە مەكتىپىمىزدە ھەقسىز تۈركچە دەرس ۋە دىنلار ئارا دىيالوگ پائالىيىتى يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ھەقسىز تۈركچە دەرسنىڭ مەۋسۈمدە بىر ئېچىلىدىغان خۇلاسە يىغىنىغا قاتناشتىم. تۈركچە دەرس بەرگەن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار تۈركچىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئۆگەتكىلى بولىدۇ؟ دېگەن تېمىدا تەييارلاپ كەلگەن دوكىلاتلىرىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرى قىلىشتى. كۆپىنچىسى تەبىئى پەنلەردە ئوقۇيدىغان بۇ بالىلارنىڭ تىل ئۆگىتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە يۈرگۈزىۋاتقان مەنتىقىلىق مۇلاھىزىلىرىگە قاراپ ھۆر، دېمۇكراتىك ئەلدە، مەلۇم ھۆكۈمران ئىدولوگىيەگە بېقىنمىغان مائارىپتا ھەقىقى بىلىم ئالغان كىشىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىنى كۆرۈپ يەتكەندەك بولدۇم.
دىنلار ئارا دىيالوگ مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتۇقۇچىلىرنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن پائالىيەت. بۇ پائالىيەتكە كۆپىنچە ئىسلام ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ ھەرقايسى مەزھەپ ۋە سۈلۈكلىرىگە مەنسۇپ دىنىي ئۆلىمالار تەكلىپ قىلىنىدۇ. پائالىيەت شەكلى لېكسىيە، مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە شەكلىدە بولىدۇ. ئەسلى بۇددىستلارنىمۇ تەكلىپ قىلماقچى بولغان، ئەمما مەن كەلگەندە ھىچ بۇنداق بىر پۇرسەت بولمىدى. ھەر قېتىمقى پائالىيەتكە تۈرك قىزلار تۈركچە لەززەتلىك تاتلىقلارنى ۋە پىچىنە پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇپ تىزىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىملىق پائالىيەت تۈرك مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر كۆرگەزمىگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇنداق كۆرگەزمىلەر جەريانىدا تۈرك تاماقلىرىغا كۆنگەن خېرىدارلارنى ئاساس قىلىپ كانزاس شەھرىدە بىر تۈرك تاماق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى بولۇپ ئۆتتى. تۈرك دوستلىرىمىز ئەسلى ئايالىمنىمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇر تاماقلىرىنى قوشۇپ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە ئايالىم ئىشلەۋاتقان بولغاچ يېتىشەلمەي قالدۇق. شۇ قېتىمقى ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇدىغان بىر پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىپ قالغىنىغا ھېلىمۇ بەك ھېچىنىمەن.
بىر قېتىملىق دىنلار دىيالوگىدىن كېيىن مەن بەك ھاجانلىنىپ دوستلۇرۇمغا ”مەكتىپىمىزدە ئۈچ تۆت يۈز ئەرەب ئوقۇغۇچى، ئەللىك ئاتمىش ھېندىستان ۋە پاكىستانلىق مۇسۇلمان بار. مەكتەپتىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بىزنىڭ سانىمىز جىق ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ مۇسۇلمان مىللىتىمىز ۋە دىنىمىزنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىڭلار تېخى باشقا بىر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن يوق. مەن ئوزەمنىڭ بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولغانلقىمدىن ۋە سىلەرنىڭ پائالىيىتىڭلارغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. سىلەردىن پەخىرلىنىمەن“ دېدىم. ”ئەستەغپۇرۇللاھ ئابى، ئەسلى قولۇمىزدا جىق ئىمكانلار بار. قىلايلى دېسەك نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەر بار. شۇ بەزەن نەپسىمىزگە بېرىلىپ ياكى قىلغىنىمىزغا تەمەننا قىلىپ قالىدىكەنمىز. ئاللاھ كىبىردىن، قانائەتتىن ساقلىسۇن. بىز ئەسلى ھازىر قىلغان ئىشىمىزدىن نەچچە يۈز ھەسسە پايدىلىق خىزمەتلەردە بولساق بولاتتى. ھەپسىلەردە يېتىۋاتقان باغىرلىرىمىزغا ئۆزىمزنى سېلىشتۇرۇشتىن نومۇس قىلىمىز. ئاللاھ باغىشلارسا ئىنسانلىقنىڭ قىممىتى، مۇسۇلمانلىقنىڭ شاراپىتى، ئاللاھ قەلبلىرىمىزگە چاچقان سۆيگۈنىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئىنسانغا بىلدۈرەلىگەن بولساق ئۆزىمىزنى نەتىجىلىك ھېس قىلغان بولاتتۇق. ئابى مۇسۇلمانلىق پىداكارلىقتۇر. تۈركلۈك مۇسۇلمانلىقتۇر، شۇڭا تۈركلۈك پىداكارلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.“
[...] يۇقىدۇ 23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس 24. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇق 25. ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم 26. ئۇيغۇر كىمگە [...]
[...] يۇقىدۇ 23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس 24. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇق 25. ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم 26. ئۇيغۇر كىمگە [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر