جۇڭگۇدا تېببىي كەسىپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يوللىرى
جۇڭگۇدا تېببىي كەسىپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يوللىرى
يازغۇچى: مەمەت ئەمىن
ئامېرىكىدىكى تېببىي مەكتەپ تۈزۈمى
ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپ (مەدىكال سچوئول) دا ئوقۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن 4 يىللىق ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىشى كېرەك. ئادەتتە مەلۇم كەسپنى ئوقۇغان ئوقۇغۇچى ئاندىن تېببىي مەكتەپكە كىرەلەيدۇ دەيدىغان ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسىمۇ، بىراق، تېببىي مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلار كەم دېگەندە چوقۇم تەبىئى پەندە ئوقۇغان بولۇشى كېرەك، ئۇندىن باشقا مېدىتسىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەنلەردە يەنى بىئولوگىيە، خىمىيە، بىئوخىمىيە، مىكروبىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېببىي مەكتەپكە كىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇش كېرەك، مەكتىپى ياكى ئوقۇتقۇچىسى كۆرسىتىشى كېرەك.
ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپ (مەدىكال سچوئول) ئادەتتە 4 يىللىق بولۇپ، باشتا ئوقۇغان 4 يىلنى قوشقاندا، دوختۇرلۇق مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن جەمى 8 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققانلار بىۋاسىتە دوكتورلۇق يەنى مد (دوكتور ئوف مەدىكىنە، 医学博士) ئۇنۋانى ئالىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپنىڭ باكالاۋرلىق، ماگىستېرلىق ئۇنۋانى يوق. تېببىي مەكتەپتە ئوقۇپ چىقسىلا پھد بىلەن باراۋەر بولغان مد ئۇنۋانى ئالىدۇ. تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكىدا بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئۇسملە (ئۇنىتەد ستاتەس مەدىكال لىكەنسە ئەخامىناتىئون، 美国医生执照考试) دەپ ئاتىلىدىغان ئىمتىھاننى بېرىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بىرەر دوختۇرخانا تېپىپ، 3 يىلدىن 4 يىلغىچە رەسىدەنكي (زھۇ يۇئان يى شى، 住院医生) بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي دوختۇر بولۇپ، مۇستەقىل خىزمەت قىلالايدۇ.
ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرگە مەيلى قايسى كەسىپتە ئوقۇغان بولسۇن بىر تۇتاش خىزمەت تەقسىماتى قىلىنمايدۇ، خىزمەتنى پۈتۈنلەي ئوزى تاپىدۇ. دوختۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەرمۇ رەسىدەنكي بولۇش ئۈچۈن ئۇسملە دېگەن ئىمتىھاندىن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىپ، دوختۇرخانىنى ئۆزى تېپىشى كېرەك، بولمىسا دوختۇرلۇق مەكتىپىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن بىلەن دوختۇر بولالامايدۇ.
ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر يەنە ئوقۇماقچى بولسا، دوختۇرلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرەر كەسپنى تاللاپ يەنە 3~5 يىل ئوقۇسا پھد ئۇنۋانى ئالىدۇ. بۇ چاغا بۇ ئوقۇغۇچى قوش دوكتور ئۇنۋانلىق يەنى مد، پھد بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداقلار كۆپىنچە ھاللاردا كەلگۈسىدە دوختۇرلۇق قىلىشنى ئەمەس، بەلكى تەتقىقات بىلەن ياكى تېببىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەقسەت قىلغانلار ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە تىببىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان سىياسىتى
ئامېرىكا جۇڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تېببىي مەكتەپلىرىنى تولۇق ئېتىراپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئوخشاشلا دوكتور يەنى مد (دوكتور ئوف مەدىكىنە، 医学博士) دەپ تونۇيدۇ. چەت ئەلدە تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئەگەر ئامېرىكىغا كېلىپ دوختۇر بولماقچى بولسا تامامەن مۇمكىن. بىراق، شەرت يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغىچىلارغا ئوخشاش ئۇسملە دېگەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى ۋە دوختۇرخانا تېپىپ 3 يىلدىن 4 يىل رەسىدەنكي (住院医生) بولۇشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق قىلالىسا ئوخشاشلا دوختۇر بولالايدۇ.
جۇڭگودا، ھىندىستاندا، پاكىستاندا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردە تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار، ئامېرىكىدا قايتا تېببىي مەكتەپتە ئوقۇمايلا ئەسلى دۆلەتتىكى دىپلوم بىلەن دوختۇر بولۇپ ئىشلىمەكتە. ھەتتا بەزى ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھىندىستانلىق ۋە پاكىستانلىقلار ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپتە ئوقۇشنى تەس ۋە قىممەت كۆرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئەسلى دۆلىتىگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، 4 يىل ئوقۇپ، ئامېرىكىدا 1، 2 يىل ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپلا ئۇسملە دېگەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىلىقلار 8 يىل ئوقۇپ 300 مىڭ دوللارغا يېقىن پۇل خەجلەپ دوختۇر بولسا، ئۇلار 4 يىل ئوقۇپ بىر نەچچە مىڭ دوللار پۇل بىلەنلا دوختۇر بولماقتا.
جۇڭگودا تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تىل جەھەتتە سەل قىنالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇسملە دېگەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە كەتكەن ۋاقىت سەل ئۇزۇن بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئادەتتە ئامېرىكىغا كېلىپ ئالدى بىلەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 5 -10 يىل خىزمەت قىلىپ، تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇسملە گە ئىمتىھان بېرىپ دوختۇر بولىدۇ. بىراق، مەن بىلىدىغان بىر ئۇيغۇر قىز شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپنى قايتا ئوقۇمايلا ئۇسملە دېگەن ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە ئېلىپ، بىر چوڭ دوختۇرخانىدا رەسىدەنكي (住院医生) بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئاللا بۇيرىسا يەنە 3 يىلدىن كېيىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىپلومى بىلەن ئامېرىكىدا رەسمىي دوختۇر بولغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ.
بەزىلەر ئامېرىكىدا جۇڭگونىڭ دوختۇرلۇق ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن دېگەن قاراشتا. مېنىڭچە بۇ بىر مۇجىمەل قاراش. ئامېرىكىنىڭ دوختۇرلۇق تۈزۈمى ناھايىتى مۇكەممەل بولغاچقا، مەيلى جۇڭگودىن كەلگەن دوختۇر بولسۇن ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىن كەلگەن دوختۇر بولسۇن، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بىۋاسىتە دوختۇر بولالمايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىنىڭ دوكتورلۇك ئۇنۋانى يەنى مد ئۇنۋانىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىق ئەمەس. ئەگەر ئۇ كىشى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ئامېرىكىنىڭ ئۇسملە دېگەن ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، 3، 4 يىللىق رەسىدەنكي (住院医生) نى تۈگەتسە، يەنىلا دوختۇر بولالايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا چەت ئەلنىڭ دوختۇرلۇق ئوقۇشىنى ئېتىراپ قىلمىدى دېگەندە، باشقا دۆلەتتە دوختۇرلۇق ئوقۇغان كىشى ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇماي تۇرۇپ، دوختۇر بولۇشى مۇمكىن بولمايتتى.
چەت ئەلدە باشقا كەسپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، بۇرۇن قايسى ئۇنۋان ئالغان بولسا شۇ ئۇنۋان بويىچە ئېتىراپ قىلىنىدۇ. شۇڭا پەقەت باشقا دۆلەتتە تېببىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارلا ئامېرىكىدا ئۇنۋان جەھەتتە ئالاھىدە پايدىغا ئېرىشكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.
باشقا دۆلەتلەردە تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئامېرىكىغا كېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يوللىرى
ئەگەر جۇڭگودا دوختۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەر ئامېرىكىغا كېلىپ دوختۇرلۇق كەسپىنىڭ ماگىستېرلىق كەسپىدە ئوقۇماقچى بولسا قانداق قىلىشى كېرەك دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، دەسلەپتە دەپ ئۆتكەندەك ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق ساھەسىدە ماگىستېرلىق ئۇنۋانى يوق. دوختۇرلۇق مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەرقانداق ئادەم دوكتور يەنى مد ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق كەسپى، كىرىش ئەڭ قىيىن، ئوقۇش پۇلى ئەڭ قىممەت بولغان كەسپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ دوختۇرلۇق مەكتىپىگە كىرىشى ناھايتى قىيىن، بولۇپمۇ جۇڭگو پاسپورتى بىلەن دوختۇرلۇق مەكتەپكە كىرىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنداقتا جۇڭگودا دوختۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەر ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇماقچى بولسا قانداق قىلىش كېرەك دېگەندە، جۇڭگودا ئالغان باكالاۋرلۇق دىپلومىنى مد دەپ قاراپ، دوختۇرلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك (بىئوسكىئەنكە ئور ھەئالتھ سكىئەنكە، 生物科学) پەنلەر دائىرىسىدە بىۋاسىتە پھد گە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بەزىلەر بىلمەسلىكتىن ماگىستېرلىققا ئىلتىماس قىلىپ، ئامېرىكىغا كېلىپ ماگىستېرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق، كېيىنچە يەنە بۇرۇنقى مد ئۇنۋانىنى ئىشلىتىدۇ، بولمىسا كەينىگە چېكىڭەنلىك بولىدۇ. مەن بىلىدىغان بەزى جۇنڭولۇقلار جۇڭگودا دوختۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، گەرچە دورىگەرلىك ياكى ئىرسىيەت قاتارلىق پەنلەردە ماگىستېرلىق ئوقۇغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن يەنىلا مد دەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ماگىستېر مد دىن تۆۋەن تۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدا بېرىلىدىغان مائاش ئۆلچىمىمۇ مد دىن تۆۋەن بولىدۇ.
شۇڭا جۇڭگودا تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئەگەر ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇماقچى بولسا، ئەگەر شەرت-شارائىتى توشقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنى مد دەپ ھېسابلاپ بىۋاسىتە پھد غا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئامېرىكىدا خىزمەت تېپىش ئاسان بولغان دوختۇرلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسپلەر بىئوچەمىستري (生物化学)، بىئولوگي(生物学)، گەنەتىكس 遗传学، ھىستولوگي (组织学)، ئىممۇنولوگي (免疫学)، مىكروبىئولوگي (微生物学)، باكتەرىئولوگي ( 细菌学)، ۋىرولوگي ( 病毒学)، مولەكۇلار بىئولوگي (分子生物学)، مولەكۇلار بىئوپھيسىكس (分子生物物理学)، پاتھولوگي ( 病理学) ، پاتھوپھيسىئولوگي (病理生理学)، پھارماكولوگي (药理学)، پھيسىئولوگي (生理学).
ئەگەر سىز جۇڭگودا يۇقىرىقى كەسپلەردە ئوقۇپ پھد ئالغان بولسىڭىز، ئامېرىكىغا كېلىشىڭىز ئاسانغا توختايدۇ، ياكى ئامېرىكىغا كېلىپ يۇقىرىقى كەسپلەردە پھد ئوقۇسىڭىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىش، ئامېرىكىدا تۇرۇپ قېلىش يەنى گرەئەن كارد (لۈ كا) ئېلىشىڭىز قىيىن ئەمەس.
ئەگەر سىز جۇڭگودا دوختۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئامېرىكىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كەلمەكچى بولسىڭىز، بۇمۇ تامامەن مۇمكىن. بۇنىڭ ئىككى خىل يولى بار بولۇپ، بىرى ج1 ۋىزا بىلەن ۋىسىتىڭ سچولار (جىئائو ھۇئان خۇئە زھە، 交换学者) ياكى پوست-دوك (博士后) بولۇپ كېلىش، يەنە بىرى ھ-1ب ۋىزا يەنى خىزمەت ۋىزىسى بىلەن پوست-دوك بولۇپ كېلىش. بۇلاردىكى ئاساسلىق شەرتلەرنىڭ بىرى ئەنگلىزچىدە ياخشى بولۇش (بىراق توئەفل تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئېغىز تىلى ياخشى بولسا بولىدۇ)، ئىككىنچىسى جۇڭگودا دوختۇرلۇق تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان، شۇنداقلا ماقالە ئېلان قىلىپ باققان بولۇش كېرەك. بىرەر مۇكاپات ئېلىپ باققان بولسا تېخىمۇ ياخشى. بۇ ئىككى خىل ۋىزا ئىچىدە ج1 ۋىزىنى ئېلىش بىر ئاز ئاسان بولۇپ، بۇ ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغانلار سان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، بېرىدىغان مائاش تۆۋەن. ھ-1ب ۋىزا سەل تەس بولۇپ، سان چەكلىمىسى بار، بېرىدىغان مائاشى ئادەتتە ج1 غا نىسبەتەن سەل يۇقىرى. ئامېرىكىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن چەت ئەللىكلەرمۇ بىر مەزگىل مۇشۇ ۋىزا بىلەن ئامېرىكىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى نېمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەن مد ياكى پھد لارگا مۇھتاج؟
ئامېرىكىدا ئوخشىمىغان ئۇنۋان ۋە ئوخشىمىغان كەسپتىكىلەرگە بېرىلىدىغان مائاشتا بەلگىلىك ئۆلچەم بولۇپ، ئامېرىكىدا باكالاۋر ئۇنۋانى ئالغانلارنىڭ باشلىنىش مائاشى ئادەتتە 30 مىڭدىن 50 دوللار ئارىلىقىدا بولىدۇ. ماگىستېرلىق ئۇنۋانى ئالغانلارنىڭ باشلىنىش مائاشى ئادەتتە 50 مىڭ دوللاردىن 80 مىڭ دوللار ئارىلىقىدا بولىدۇ. پھد ئۇنۋانى ئالغانلارنىڭ باشلىنىش مائاشى ئادەتتە 70 مىڭدىن 120 مىڭ دوللار ئارىلىقىدا بولىدۇ. مد ئۇنۋانى ئالغانلار ئۇسملە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ 3، 4 يىللىق رەسىدەنكي (住院医生) بولۇش جەريانىدا يىلىغا 40 مىڭدىن 60 مىڭ دوللار مائاش ئالىدۇ. رەسمىي دوختۇر بولغاندىن كېيىن دەسلەپكى مائاشى ئادەتتە 120 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بەزى كەسپلەرنىڭ دوختۇرلىرى يىلىغا يېرىم مىليوندىن 1 مىليون ئارىلىقىدا مائاش ئالىدۇ. بىرنەچچە مىليون مائاش ئالىدىغان دوختۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان شىتات ۋە شەھەرلەر ئارىسىدا بەلگىلىك پەرقلەر بار.
ج1 ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن چەت ئەلدە مد ياكى پھد ئۇنۋانى ئالغانلارغا بېرىدىغان مائاش ئادەتتە يىلىغا 18 مىڭ دوللاردىن 24 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ. ھ-1ب ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن چەت ئەلدە مد ياكى پھد ئۇنۋانى ئالغانلارغا بېرىلىدىغان مائاش ئادەتتە يىلىغا 34 مىڭ دوللاردىن 55 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئامېرىكىدا ئادەم ئالىدىغان ئورگانلارغا ئادەم ئېلىشتا ئالدى بىلەن ئامېرىكىلىق ياكى ئامېرىكىدا مەڭۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقى بارلارنى يەنى «گرەئەن كارد»ئى بارلارنى ئېلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، چەت ئەللىكنى ياللاپ ئىشلىتىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت. (1) يۇقىرى سەۋىيەلىك تۆۋەن مائاشلىق كىشىلەر. يەنى بېرىدىغان مائاشى تۆۋەن بولغانچقا ئامېرىكىدىكى ئوخشاش مەلۇماتلىق كىشىلەر بۇ خىزمەتنى قىلىشنى خالىمىغان بولۇشى كېرەك. (2) ئامېرىكىدا كەم ئۇچرايدىغان قول ھۈنەرۋەن ياكى يوقاپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان كەسپ بىلەن شۇغاللانغۇچىلار. (3) ئامېرىكىلىقلار قىلىشنى خالىمايدىغان ئېغىر، جاپالىق، خەتەرلىك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار. (4) ئامېرىكىدا شۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم يېتىشمەيۋاتقان كەسپتىكىلەر، مەسىلەن سېستىرالار.
ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى مۇناسىۋەتلىك پەنلەر بويىچە پھد ئۇنۋانى ئالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن چەت ئەللىكلەرگە بېرىدىغان تۆۋەن مائاشقا ئىشلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى ھەر يىلى كۆپلەپ چەت ئەلدىن ئادەم ئېلىشقا مۇختاج. ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىختىسادىي كىرىم كەلتۈرمەيدىغان ھەم ئامېرىكىنىڭ دۆلەت غەزىنىسىدىن كەلگەن پۇل بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئورگان بولغانچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا ئالاھىدە سىياسىتى بار، يەنى ئۇلار تۆۋەن مائاشلىق چەت ئەل مۇتەخەسىسلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئالاھىدە بەھرىمەن بولىدىغان ئورۇنلار ھېساپلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئىختىسادىي كىرىم كەلتۈرىدىغان ئورگانلار ياكى بازارلىق كەسپلەرنىڭ مائاش ئۆلچىمى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ خىلدىكى خىزمەتلەرنى قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر كۆپ، رىقابەت كۈچلۈك، شۇڭا بۇ ئورگانلارنىڭ چەت ئەلدىن ئادەم ياللاپ ئىشلىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، يەنى ئۇلار بەرمەكچى بولغان مائاشقا ئامېرىكىدىن كۆپلەپ ئادەم تېپىلىدۇ.
ئامېرىكىغا كېلىشتە مۇھىم بولغان ۋىزا تۈرلىرى
ف-1 ۋىزا ئاساسلىقى ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغىچىلارغا بېرىلىدۇ. بۇ ۋىزىنى ئېلىش ئۈچۈن توئەفل، گرە لاردىن يۇقىرى نەتىجە بولۇشى، ئامېرىكا تەرەپتىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك. بۇ خىل ۋىزىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتىكى ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئادەتتە 6 ئايدىن 1 يىلغىچە بولۇپ، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئى-20 نىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئامېرىكىدا شۇنچە ئۇزۇن تۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەر، ھەپتىسىگە ئادەتتە 20 سائەت قانۇنلۇق ئىشلەش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ خىل ۋىزا بىلەن كەلگەنلەر، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئەگەر مەكتەپ ئالماشماقچى بولسا، بارماقچى بولغان مەكتەپ قوبۇل قىلسىلا، مەكتەپ ياكى كەسپ ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
ف-2 ۋىزا ف-1 ۋىزا ئالغۇچىنىڭ ئايالى ۋە بالىسىغا بېرىلىدىغان ۋىزا بولۇپ، بۇ خىل ۋىزا بىلەن كەلگەنلەرنىڭ، ئامېرىكىدا تۇرۇش ۋاقتى پۈتۈنلەي ف-1 ۋىزىغا باغلىق. ف-1 ۋىزىنىڭ ۋاقتى توشسا بۇ ۋىزىنىڭ ۋاقتىمۇ تەبىئى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ خىل ۋىزا بىلەن ئامېرىكىدا قانۇنلۇق ئىشلىگىلى بولمايدۇ.
ج-1 ۋىزا ئامېرىكىغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرماقچى بولغانلار يەنى ۋىسىتىڭ سچولار“ (交换学者) گە بېرىلىدۇ. بۇ خىل ۋىزىنىڭ ۋاقتىمۇ 6 ئايدىن 1 يىلغىچە بولۇپ، ئامېرىكىدا تۇرالايدىغان ۋاقتى ئى-66 دىكى ۋاقىتقا باغلىق. ئادەتتە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 3 يىل بولىدۇ. 3 يىلدىن كېيىن ئادەتتە چوقۇم ئەسلى دۆلەتكە قايتىپ كېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئامېرىكىدا داۋاملىق تۇرماقچى بولسا، ئەسلى دۆلىتى (ھومە كوئۇنتري) دىن ”كەچۈرۈم“ (ج-1 ۋائىۋەر) قىلىشى كېرەك. بۇ ۋىزا بىلەن خالىغانچە خىزمەت قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئى-66 نىڭ ئۈستىدىكى تەمىنلىگەن ئورۇندىلا خىزمەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەگەر باشقا ئورۇنغا ئالماشماقچى بولسا، قارشى تەرەپ بۇ كىشىگە قايتىدىن ج-1 ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەرباشقا ۋىزىغا ئالماشتۇرماقچى بولسا، ئالدى بىلەن كەچۈرۈم (ج-1 ۋائىۋەر) قىلىشى كېرەك.
ج-2 ۋىزا ج-1 ۋىزا ئالغۇچىنىڭ جۆرىسىگە ۋە بالىسىغا بېرىلىدىغان ۋىزا بولۇپ، بۇ ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇش ۋاقتى ج-1 ۋىزىغا باغلىق. ج-1 ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنسا بۇ ۋىزا بىلەن كەلگۈچىمۇ تەبىئى ھالدا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ خىل ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەر ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن خىزمەت قىلىخ كېنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن خالىغان ئورۇندا قانۇنلۇق خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ.
ھ-1ب ۋىزا خىزمەت ۋىزىسى بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقىرى پەن-تېخنىكا خادىملىرى، ئالاھىدە قول ھۈنەرۋەن ياكى ئامېرىكىدا كەم ئۇچرايدىغان كەسپتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە (قول ھۈنەرۋەنلەرگە، سېستىرالارغا)، مۇتەخەسسىسلەرگە شۇنداقلا بەزى دىنىي خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدۇ. بۇ ۋىزا بىلەن ئامېرىكىدا مەڭۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا (گرەئەن كارد) ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇش ۋاقتى ئادەتتە 3 يىل، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 6 يىل بولىدۇ. بۇ 6 يىل ئىچىدە چوقۇم «گرەئەن كارد»قا ئىلتىماس قىلىش كېرەك، بولمىسا ئامېرىكىدىن كېتىش كېرەك. 6 يىل توشقاندىن كېيىن بۇ ۋىزىغا قايتا ئىلتىماس قىلىغىلى بولمايدۇ.
ھ-4 ۋىزا ھ-1 ۋىزا ئالغۇچىنىڭ جۆرىسى ۋە بالىسىغا بېرىلىدىغان ۋىزا بولۇپ، بۇ ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگۈچىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇش ۋاقتى پۈتۈنلەي ھ-1 ۋىزا ئالغۇچىغا باغلىق بولىدۇ. بۇ خىل ۋىزا بىلەن ئامېرىكىدا قانۇنلۇق ئىشلىگىلى بولمايدۇ.
تېببىي پەنلەر ساھەسىدە ئامېرىكىغا كېلىپ پوست-دوك بولۇش يوللىرى
يازغۇچى: مەمەت ئەمىن
ئامېرىكىنىڭ پوست-دوك تۈزۈمى
ئامېرىكىدا تېببىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق (مد ياكى پھد) ئۇنۋانى ئالغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ كەلگۈسىدە تەتقىقات ۋە ياكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەقسەت قىلغان ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىگە ئاساس سېلىش ئۈچۈن، ئالدىن بىلەن بىرەر تېببىي تەتقىقات ئورنىدا پوست-دوك بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئادەتتە پوست-دوكنىڭ ۋاقتى ئوخشاش بىر تەتقىقات ئورنىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 يىل بولۇپ، بەزىدە ئورۇن ئالماشقاندىن كېيىن يەنە 3 يىل پوست-دوك بولغىلى بولىدۇ، بىراق پوست-دوكقا بېرىلىدىغان مائاش نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپىنچە پوست-دوك بولغانلار بىر قارار يەنى 3 يىل پوست-دوك بولغاندىن كېيىن رەسمىي خىزمەت تېپىشنىڭ يولىنى قىلىدۇ. پوست-دوك بولغانلار ئادەتتە بىرەر پروجەكىتنى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇس تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ ساھادە مۇنتىزىم تەربىيىلىنىدۇ (گەت ئا سپەكىئال ترائىنىڭ ئىن ئا سپەكىفىك فىئەلد).
ئامېرىكىدىكى تېببىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
تېببىي پەنلەر بويىچە پوست-دوك بولغانلار ئادەتتە تەتقىقات تەجرىبىخانلىرىدا (رەسەئارچ لاب) تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ تەجرىبىخانىلار 3 خىل ئوخشىمىغان تۈردىكى تەجرىبىخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچىسى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شىتات ۋە شەھەرلىرىگە تارقالغان شەخسىي ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرى بولۇپ، بۇ خىلدىكى تەجرىبىخانىلار ئامېرىكىدىكى تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئىككىنچىسى ئامېرىكا فەدىرال ھۆكۈمەتنىڭ تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرى بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ساقلىقنى ساقلاش ئىنستىتۇتى (ناتىئونال ئىنستىتۇتە ئوف ھەئالتھ ئور نىھ) قارىمىقىدىكى تەجرىبىخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچىسى ئامېرىكىدىكى خىمىيە، دورا ۋە تېببىي ئۈسكۈنىلەر شىركەتلىرى قارىمىقىدىكى تەتقىقات تەجرىبىخانىلاردىن ئىبارەت.
يۇقىرىقى ئۈچ خىل تەجرىبىخانا ئىچىدە، ئالدىنقى ئىككى خىلدىكى تەجرىبىخانا ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىك ساقلىقنى ساقلاش ئىنستىتۇتى (ناتىئونال ئىنستىتۇتە ئوف ھەئالتھ ئور نىھ) دىن ئالغان تەتقىقات خىراجىتىگە (رەسەئارچ گرانت) تايىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئىختىسادىي كىرىم كەلتۈرمەيدىغان ئورۇنلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن پۈتۈن جەمئىيەت ھەقسىز پايدىلىنىدۇ. بۇ تەجرىبىخانىلارنىڭ تەتقىقات خىراجىتى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، پوست-دوكلارغا ۋە باشقا خىزمەتچىلىرىگە بېرىدىغان مائاشى نىسبەتەن تۆۋەن، شۇڭا كىرىش نىسبەتەن ئاسان. بۇ خىلدىكى تەجرىبىخانىلاردا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيدا ئەڭ داڭلىق بولغان تېببىي تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملار بولۇپ، ئۆزلىرىنى تېببىي تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىۋەتكەنلەر. تارىختا تېببىي پەنلەر بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئامېرىكىلىق تېببىي ئالىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇشۇ خىلدىكى تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلاردا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى پۇل ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى ئۈچۈن بۇ خىل خىزمەتلەرنى تاللىغانلار.
شىركەت قارىمىقىدىكى تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىنىڭ تەتقىقات خىراجىتىنىڭ كۆپ قىسمى شىركەتتىن بىۋاسىتە كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار نىسبەتەن ئىختىسادى كىرىم كەلتۈرىدىغان ئورۇنلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى كۆپىنچە ھاللاردا سېلىنغان مەبلىغىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى پايدا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا خىزمەتچىلىرىگە بېرىدىغان مائاش ئۆلچىمى نىسبەتەن يۇقىرى، رىقابەت كۈچلۈك بولۇپ كىرىش نىسبەتەن سەل قىيىن.
ئامېرىكىدىكى تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى شۇ تەجرىبىخانىنىڭ باشلىقى بولغان پروفېسسورنىڭ نىھ دىن ئالغان تەتقىقات خىراجىتىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە ھەر بىر تەجرىبىخانىدا 3 تىن 20 گە قەدەر ئادەم ئىشلەيدۇ. كۆپىنچە تەجرىبەخانىلاردا 6، 7 ئادەم بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەتتە يېرىمى دېگۈدەك پوست-دوك بولۇپ، قالغانلىرى پروفېسسور، دوتسېنت، ياردەمچى پروفەسسور(لېكتور)، تەتقىقاتچى، كاندىدات تەتقىقاتچى، ياردەمچى تەتقىقاتچى، تېخنىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر تەجرىبىخانىدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بولۇشى شەرت ئەمەس، بىراق كەم دېگەندە بىر ياكى بىردىن يۇقىرى پروفېسسور ياكى دوتسېنت بولۇشى كېرەك.
ئامېرىكىدا تەتقىقات تەجرىبىخانىلار گەرچە مۇستەقىل ئورگان بولمىسىمۇ، بىراق، ئادەم ئېلىشتا، شۇ تەجرىبىخانا باشلىقى بولغان پروفېسسور تولۇق ھوقۇققا ئىگە. تەجرىبەخانىغا ئادەم ئېلىشتا يۇقىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ھاجەتسىز. ئۇلار ئۆزىگە يارىغان ھەرقانداق ئادەمنى ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق. بۇ پروفېسسورلار ئەگەر بىرەر سەۋەبتىن باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كەتمەكچى بولسا، ئۆزىگە تەۋە بولغان تەتقىقات خىراجىتىنى بىرگە ئېلىپ كېتەلەيدۇ.
تېببىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ پوست-دوك بولۇشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر
ئامېرىكىغا كېلىپ پوست-دوك (博士后) بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مېدىتسىنا ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى (مد، دوكتور ئوف مەدىكىنە، 医学博士) ئېلىش، ياكى بولمىسا بىئوچەمىستري (生物化学)، بىئولوگي(生物学)، گەنەتىكس (遗传学)، ھىستولوگي (组织学)، ئىممۇنولوگي (免疫学)، مىكروبىئولوگي (微生物学)، باكتەرىئولوگي ( 细菌学)، ۋىرولوگي ( 病毒学)، مولەكۇلار بىئولوگي (分子生物学)، مولەكۇلار بىئوپھيسىكس (分子生物物理学)، پاتھولوگي ( 病理学) ، پاتھوپھيسىئولوگي (病理生理学)، پھارماكولوگي (药理学)، پھيسىئولوگي (生理学) قاتارلىق پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق (پھد) ئۇنۋانى ئېلىش كېرەك.
ئامېرىكىغا كېلىپ پوست-دوك بولۇش ئۈچۈن ئىنگلىزچىدە بەلگىلىك سەۋىيەگە يېتىش كېرەك. پوست-دوك بولۇش ئۈچۈن گەرچە توئەفل ئىمتىھانى تەلەپ قىلىنمىسىمۇ، بىراق، ۋىزا ئېلىشتا ۋە كەلگۈسى خىزمەت جەريانىدا ئىنگلىز تىلى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، بەلگىلىك سەۋىيەگە يەتمىگەنلەرنىڭ ۋىزا ئالالىشى ۋە كەلگۈسى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى قىيىن.
ئامىركىغا كىلىپ پوست-دوك بولۇش ئۇچۇن توۋەندىكى تەخنىكىلارنىڭ كوپ قىسمى بىلەن، ھىچ بولمىغاندا بىر قىسمى بىلەن تونۇش بولۇش كىرەك.
1. Laboratory Routines: Such as making molar solution (buffer); pH, osmolarity measurement; cell culture including cell throw, cell subculture, and cell freeze; using different kind of microscopy; etc.
2. Working with animal: mostly mouse, rat and rabbit.
3. Electrophoresis: A process by which molecules (such as proteins, DNA, or RNA fragments) can be separated according to size and electrical charge by applying an electric current to them. Each kind of molecule travels through the medium at a different rate, depending on its electrical charge and molecular size.
4. Enzyme-Linked ImmunoSorbent Assay (ELISA): a sensitive method for serodiagnosis of specific infectious diseases; an in vitro competitive binding assay in which an enzyme and its substrate serve as the indicator system rather than a radioactive substance; in positive tests, the two yield a colored or other easily recognizable substance; tests are made in wells in polystyrene or other material to which immunoglobulins or antigenic (viral or other) preparations readily adsorb; the enzyme is linked to known immunoglobulin (or antigen) and in positive tests remains in the well as part of the antigen-antibody complex available to react with its substrate when added.
5. Flow Cytometry: A method of measuring fluorescence from stained cells that are in suspension and flowing through a narrow orifice, usually in combination with one or two lasers to activate the dyes; used to measure cell size, number, viability, and nucleic acid content with the aid of acridine orange, Kasten’s fluorescent Feulgen stain, ethidium bromide, trypan blue, and other selected staining reagents
6. Gene transfer — incorporation of new DNA into and organism’s cells, usually by a vector such as a modified virus.
7. Immunofluorescence Staining: Using specific primary antibody and secondary antibody conjugated fluorescence dye to label certain protein or receptor of the cells.
8. Immunohistochemistry (IHC): is the process of detection of antigens in tissue usingantibodies. The antibodies can be polyclonal or monoclonal in origin, the monoclonal ones being more specific in nature. Immunohistochemistry is widely used for diagnosis ofcancers.
9. Immunoprecipitation (IP) — the phenomenon of aggregation of sensitized antigen upon addition of specific antibody (precipitin) to antigen in solution.
10. Immunoelectrophoresis: A kind of precipitin test in which the components of one group of immunological reactants (usually a mixture of antigens) are first separated on the basis of electrophoretic mobility in agar or other medium, the separated components then being identified, by means of the technique of double diffusion, on the basis of precipitates formed by reaction with components of the other group of reactants (antibodies)
11. Northern blotting analysis — a technique for transferring electrophoretically resolved RNA segments from an agarose gel to a nitrocellulose filter paper sheet via capillary action.
12. Southern blotting analysis — a technique for transferring electrophoretically resolved DNA segments from an agarose gel to a nitrocellulose filter paper sheet via capillary action; the DNA segment of interest is probed with a radioactive, complementary nucleic acid and its position is determined by autoradiography.
13. Western blotting analysis — a technique used to identify a specific protein; the probe is a radioactively labeled antibody raised against the protein in question.
14. Polymerase chain reaction (PCR) — a technique for copying the complementary strands of a target DNA molecule simultaneously for a series of cycles until the desired amount is obtained.
15. Data Analysis: Using computerized data analysis system to analysis experimental data.
Yéngidin post-doc bolghanlar, birer tejribixanigha yéngidin kirgendin kéyin, adette kem dégende1, 2 ay bashqilargha egiship tejribe ishleydighan bolup, melum mezgillik yéngi muhit bilen tonushush we maslishish imkaniyitigha ige. Shunga bezi inchike tereplerde bek ensirep kétishning hajiti yoq.
Amérikigha Kélip Post-Doc Bolushqa Iltimas Qilishning Qedem Basquchliri
Doxturluq mektipide oqughan yaki munasiwetlik penler boyiche doktorluq unwani alghanlar, Amérikigha kélip tetqiqat bilen shughullanmaqchi yaki post-doc (博士后) bolmaqchi bolsa, töwendiki bir nechche qedem basquchlar arqiliq közligen meqsitige yételishi tamamen mumkin.
(1) Aldi bilen özining qisqiche ehwalini (CV) ölchemlik qilip yézip chiqing. Yazghan CV da eng yuqiri oqush tarixi (Highest Education), xizmet tejribisi (Working Experience including Clinical and Research Experience), tepsiliy téxnikisi (Detailed Techniques, what you can do), élan qilghan maqalisi (Publications including conference), érishken mukapat yaki tetqiqat fondi (Awards and or research grants), 3 körsetküchi (3 References) qatarliq mezmunlarni öz ichige élishi kérek. Undin bashqa özining néme meqsiti barliqi toghrisida bir parche xet (cover letter) yézip teyyarlang. “Cover Letter” sampillirinihttp://recruit.sciencemag.org/feature/advice/letters.shl din körüng.
(2) Andin kéyin özingiz qiziqidighan yaki kelgüsi shughullanmaqchi bolghan dairde birer proféssor we yaki tejribixana téping. Tapqan proféssor eng yaxshisi resmiy proféssor yaki eng kem dégende dotsént (Associate Professor) bolushi, hemde choqum tejribixana bashliqi bolushi yeni bu proféssorning özining tetqiqat tejribixanisi bolushi kérek.
(3) Shu tapqan proféssorgha éléktronluq xet (e-mail) ewetip özining meqsitini uqturush kérek. CV ni adette xetke chatma (attachment) qilip ewetidighan bolup, tunji qétimliq xetke qoshup ewetsimu bolidu, kéyin ewetsimu bolidu. Köpinche kishiler proféssorning adem alidighan almaydighanliqini bilmigechke, aldi bilen özining meqsitini ipadileydighan «Target Letter» ewetip körüp béqip, proféssordin jawab kelgendin kéyin andin CV ni chatma (attachment) qilip ewetidu. Qarshi terepning adem alidighan-almaydighanliqini bilmigen ehwal astida, bir-ikki proféssorgha xet yézip qoyupla toxtap qalsingiz, közligen meqsitingizge hergizmu yételmeysiz. Shunga érinmey köprek proféssor tépip, xet yézip turushingiz kérek.
(4) Eger birer proféssor sizni élishqa maqul bolup, siz bilen téléfon arqiliq körüshmekchi bolsa, puxta teyyarliq qilip, öz qabiliyitingizni toluq jariy qildurushingiz kérek. Bilidighan nersingizni choqum bilimen deng, yalghan gep qilip, po étishtin saqlining, biraq alahide kemter bolupmu ketmeng. Özingizge ishench qiling.
(5) Birer proféssorr sizni élishni qarar qilghandin kéyin, kéreklik resmiyetlerning köp qismini sizni almaqchi bolghan proféssor Amérikining Köchmenler Idarisi arqiliq Amérikida püttürüp, sizge yollap béridu.
(6) Siz qarshi terepning munasiwetlik resmiyetlirini tapshurup élishning aldi-keynide, wiza élishqa puxta teyyarliq qiling. Adette post-doc bolghuchilardin alahide imtihan élinmisimu, biraq til jehette belgilik sewiyege yétish telep qilinidu. Eger siz til jehette belgilik sewiyege yetmigen bolsingiz, wiza bergüchi teripidin ret qilinishingiz mumkin.
(7) Post-docqa bérilidighan wiza adette J-1 we H-1B dep ikki xil bolup, bezide sizni almaqchi bolghan proféssor sizdin qaysi wiza bilen Amérikigha kélisen dep soraydu. J-1 wiza bilen Amérikigha
Wow dude, this is extremely good information, much appreciated.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام!
我在新疆医科大学本科学的预防医学,硕士上了营养与食品卫生学,工作已经2年了,在CDC工作,美国这个方面怎么样?你们写的容易找工作的我这个专业没有,想了解我这个专业方面的,希望能给我一个信息!麻烦给我的邮箱写信!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر