باشبەت » Headline, ئىلىم-پەن, خەۋەر

ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسى: ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئىگىزلىكىدىمۇ شەھەرلەنى قۇرغان

28 ئىيۇن 2011 2,535 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس

بۇ ماقالا ئامرىكىدا چىقىدىغان ئىلىم -پەن(Science ) ئىلمى ژورنىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىنىڭ «يىڭى فوكۇس»(NEWS FOCUS) سەھىپىسىدە خەۋەر تەرىقىسىدە بىرىلگەن.تەتقىقات نەتىجىسى  بۇ يىل ئېچىلغان ئامرىكا ئارخىئولۇگىيە جەميىتىنىڭ 76-قېتىملىق يىللىق يىغىلىشىدا جامائەتكە سۇنۇلغان.  ماقالا شۇ پېتى تەرجىمە قىلىندى.
ئەسلى مەنبە:
Science 22 April 2011:
Vol. 332 no. 6028 pp. 416-417
DOI: 10.1126/science.332.6028.416-a


قاقاس يايلاق تەكتىدە، مۇڭغۇلدا قالدۇق ھەيراندا
Beneath a Barren Steppe, a Mongolian Surprise

بۇ يىل ئېچىلغان ئامرىكا ئارخىئولۇگىيە جەميىتىنىڭ يىللىق يىغىلىشىدا مەركىزى موڭغۇلىيەنىڭ ئورخۇن جىلغىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلاردا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقان ئورۇنلار بايقالغانلىغى ۋە ۋاقىت جەھەتتىن بۇ ئولتۇراق رايۇنلارنىڭ مىلادى  8-،9-ئەسىر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىمپيرىيسى (Uigher empire) دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ يىراق رايۇنلاردا  كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلىشىش بولغانلىغى مەلۇم ئەمەس ئىدى.

موڭغۇل ئىمپرىيسى دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ باي ۋە چوڭ بولغان ئىمپرىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭ تىرىتورىيەسى موڭغۇلىيەنىڭ يايلاقلىرىنى مەركەز قىلىپ ۋېيتنامدىن ۋىنگىرىيەگىچە سوزۇلغان. چىڭگىزخان ھەتتا غەربى ياۋرۇپاغىمۇ تەھدىت سالغان ئىدى. شۇڭلاشقا بۇرۇن موڭغۇل پايتەختى قاراقۇرۇم (Karakorum) نى قىزىپ چىققان بون ئۇنۋېرسىتى (University of Bonn ) ئارخىلوگى جەن بېممان (Jan Bemmann) يىقىندا يىراق ئورخۇن جىلغىسىدا چوڭ كۆلەمدىكى قەدىمقى ئولتۇراقلىشىشنى بايقىغاندا ئۇ ئولتۇراقلىششىنى 13-ئەسىردىكى موڭغۇلىيەنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە توغرا كىلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. لېكىن ئۇنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغىنى، ئۇ بۇ غايەت زور ئولتۇراق رايون ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ  ۋاقىت جەھەتتىن بۇرۇن بۇ جايدا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقانلىغى مەلۇم بولمىغان مىلادى  8-،9-ئەسىر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىمپيرىيسى دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغىنى بايقىغان. «بىز ئەسلى نۇرغۇنلىغان موڭغۇل توپا دۆۋىلىرىنى بايقايمىز دەپ ئويلىغان ئىدۇق، لېكىن پۈتۈنلەي خاتالىشىپتىمىز» دەيدۇ  ئارخىلوگ جەن بېممان يىغىندىكى دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا.

رادار نوقتىسىدىن بەك يىراقلىغى ۋە يەر يۈزى شەكلىنىڭ كەمتۈكلىگى تۈپەيلىدىن بۇ چاققىچە موڭغۇلىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان يەرلىرى رادارنىڭ تەكشۇرۇشىدىن چۈشۈپ قالاتتى. لېكىن ئارخىلوگ جەن بېممان ۋە يىڭى بىر ئەۋلاد تەكشۈرگۈچىلەر يىراق، ئادەملەر ئاز ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يىڭى ئىلغار تېخنىكا ئىشلەتكەن. بۇ گېرمان قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈمىكى بىر سەككىز قانات (octocopter) ، يەنى ئىچى نۇرغۇنلىغان ئەسۋاپلارغا لىق تولغان كىچىك تىپتىكى تىك ئۇچارنى قويۇپ بىرىپ ئۇ ئارقىلىپ يەر يۈزىنىڭ رەقەملىك مودىلىنى قۇرغان. تۈۋەندە بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچلۈك كۇۋانتۇم كاشىلا ئەسۋابى (superconducting quantum interference devices) ئارقىلىق يەر يۈزىنىڭ، تىز، يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ماگىنىت مەيدانىغا رەسىمىگە ئىرىشكەن. بۇ ئىرىشكەن مەلۇماتلار  بولسا يەر يۈزىنىڭ ئاستىدىكى قۇرۇلمىنىڭ تەپسىلى خەرىتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، چۇنكى چىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلمىلار ئاەتتىكى تۇپراققا نىسبەتەن مانا مەن دەپلا كۈرۈنۇپ تۇرىدۇ. «مۇڭغۇللار بىزنى مازاق قىلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى»، دەيدۇ  جەن بېممان ، « ئۇلار بۇ يەردە ھىچنىمە يوق دىيىشىتى».

لېكىن ئىشلەتكەن يۇقىرى تېخنىكا ئەسۋاپلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ يەرگە تىك-تۆت بولۇڭ شەكلىدە تامدا قورشالغان، يەر مەيدانى 30 كۇۋادىرەت كىلومىتېر دائىرىسىدا بولغان ئولتۇراق رايۇن جايلاشقان بولۇپ ئىسمى قارابالغاش( Kharbalgas)، بۇ ئورۇننىڭ يەر مەيدانى موڭغول پايتەختى قاراقۇرۇمدىن 10 ھەسسە چوڭ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇنلىغان توخۇمىسمان تاملار بولۇپ بۇ بەلكىم ئات-ئۇلاق قوتىنى بولىشى مۇمكىن. بۇ ئورۇننىڭ ئىنىق ۋاقىت دەۋرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ، لېكىن بەزى قىزىپ چىقىلغان چىنە ۋە باشقا ئاسارە ئەتىقىلەر بۇ ئولتۇراق رايۇننىڭ ئۇيغۇر ئىمپيرېيسى ( Uigher empire)دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار تۈركى خەلىقلەر بولۇپ ئۇلار شۇ دەۋىردە موڭغۇلىيەنى كونتىرول قىلغان ۋە جۇڭگۇغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ يېزىقى، تىلى ۋە مەدىنىيتى كىيىنكى دەۋىردىكى موڭغۇللارغا كۆچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن ھىچكىم ئۇلارنى بۇ رايۇندا شەھەرلەرنى قۇرغان دەپ ئويلاپ باقمىغان.

باشقا تەكشۈرۈشلەر يەنە شۇ جىلغىدا نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق رايۇن نوقتىلىرىنى كۆرسەتتى. «بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يىڭى ئۇچۇر ئىكەن » دەيدۇ  ئۇيغۇر ئېپرييسى دەۋرى تارىخى مۇتەخەسسىسى،  ۋاشىڭتوندىكى سىمىسونىيان ئىنستىتوتى تەبىئەت تارىخى دۆلەتلىك مۇزىيى (the Smithsonian Institution National Museum of Natural History in Washington, D.C) دىن  ئارخىلوگ دەن روجىرز ( Dan Rogers) « موڭغۇللارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان سىتىراتىگىيە بىلەن موڭغۇلىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنى قورۇپ چىقىپتىكەن. موڭغۇللار يايلاق تۇرمۇشىنىڭ تەلىۋى بىلەن شەھەرلەردىن يىراق ياشايدۇ ». موڭغۇلىيەدە جىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، كالىفورنىيەنىڭ پالو ئالتودىكى ستانفورد ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئارخلوگى جۇشۇۋا رايت ( Joshua Wright) يەنە بۇ يىڭى بايقاشلار يىراق يايلاقلاردا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئەسۋاپلىرىنى ئىشلىتىشىنىڭ قىممىتنى بىلدۈردى دىدى.

جەن بېممان يەنە بون ئۇنۋېرسىتىدىن  Hans-Georg Hüttel ۋە ئۆزىنىڭ موڭغۇل كەسىپدىشى  Ulambayar Erdeneba قاتارلىقلارنىڭ يەنە بۇ شەھەرنىڭ پىلان قىلىنىشى ۋە بىنالىرىنىڭ رولى توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تېپىش ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قىزىۋاتقانلىغىنى بىلدۈردى.

تۈگىدى.
باشقا يەرگە كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ.
ئوقۇپ بۇلۇپ بىكار قالسىڭىز بىر قېتىم ئىلان چىكىڭ.

7 ئىنكاس بار »

  • قاراخان :

    بۇ ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋىرىگە توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ… بۇ ئىمپېرىيە قېرىنداشلىرى كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىدىن قالغان زىمىنغا ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە ئىمپىرىيە تەۋەسىدە دېمۇكراتىيەنى يولغا قويۇپ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان…

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • بەگيار :

    «بورباژىن قەبرىستانلىقى»دەپ خەۋەرقىلىنغان قەدىمقى ئۇيغۇر قەلئەسى شۇمىدۇ ياكى بۇ باشقا گەپمىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدە شەھەرلەرنىلائەمەس، ئىمپىرىيە، خانلىقلارنى قۇرغانلىقى خېلى بۇرۇنلا ئىسپاتلانغان. ئەمىلىيەتتە بۇ ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت-ئاكسىئوما ئىدى. بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان تارىخلارمۇ خېلى بار.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • چەۋەندازلار :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، چەۋەندازلار يېڭى سېپىلغا كۆچتى! سىزنىڭ بلوگباستىن كۆچۈشتە كۆرسەتكەن يولىڭىزغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • خىيال :

    تۆۋە مانا بارا-بارا ئىنىقلانغىلى تۇرۇپتۇ. پىقىر يەنىلا خىيالىنى سۈرىۋەرسۇن.چوڭلارنىڭ ئىشى ئىكەن لىكىن بۇ

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ھونزادە :

    ئۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل يايلىقىنى ۋە ھازىرقى تەڭرى تېغىنى كونتىرول قىلغان .ھازىر مۇڭغۇل يايلىغى دەپ ئاتالغان زىمىننى بۇنڭدىن 7-8 ئەسىر ئەجداتلىرىمىز تارتقۇزۇپ قۇيۇپتىكەن. دېمەڭ يېرىم زىمىن ئاللىبۇرۇن مۇڭغۇللارنىڭ بولدى . يەنە ئەللىك يىلدىن كېيىن ياكى يۇز يىلدىن كېيىن نېمە ئىشلار يۇز بېرە ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئاجايىپ :

    شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى نېمە كۈندە… قوش تىل ئۆگۈنۈپ بولالماي كېكەچلىمەكتە

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • JASON :

    رەخمەت جەك . ياخشى ماقالىكەن …………..

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..