باشبەت » ئوقۇش ئوچۇرلىرى

ئامرىكىدا ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلىش: Apply Scholarships from American Universities

23 سېنتەبىر 2007 620 قېتىم كۆرۈلدى بىر پارچە ئىنكاس

ئامرىكىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى ھەل قىلىش ئەڭ ئاساسلىق ئىش. ئامرىكىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىگە نىسبەتەن بەك قىممەت بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزى ئوقۇش خىراجىتىنى چىقىرىپ ئوقۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى مىليۇنىرلىرىنىمۇ خېلى ئويلاندۇرىدۇ. ئادەتتىكى پۇقرالار بۇلسا ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇڭىمۇ ھەم چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئامرىكىغا كەلگىنى ئەڭ ئاز. ئۇنداقتا ئاشۇ بىر قىسىم ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار قانداق كەلگەن. (ئوقۇشقا كەلمەي باشقا يوللار بىلەن كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى باشقا). ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك ئادەم ئامرىكىغا پۈتۈن كۈنلۇك رەسمى مەكتەپكە ئۈنۋان ئوقۇش ئۈچۈن كىلىپ ئوقۇغان دىگەن سان ھازىرغىچە بىزگە نامەلۇم. مىنىڭ پەرىزىمدە 100 ئەتراپىدا بۇلۇشى مۇمكىن.


بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىملىرى بۇرۇن شىنجاڭدا ھۈكۈمەت ئورنىدا ئىشلىگەن. ۋە ھۈكۈمەت ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇللىرىنىمۇ ھۈكۈمەت تۈلىگەن. لېكىن بۇلار دەسلەپ كەلگەندە ئۇنۋان ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بىرەر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىلىدۇ. ئۇندىن كىيىن ئۇلار ئۈگىنىش جەريانىدا مەكتەپتىن ئوقۇش پولى ھەل قىلىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئامرىكىنىڭ ئوقۇش پۇلى بەك قىممەت بۇلغاچقا مەكتەپ تەرەپتىن ھەر خىل يوللار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قامدىشىغا ياكى تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ياردەم قىلىدۇ. باكلاۋۇردىن يۇقىرى ئۇنۋان ئۈچۈن بۇنداق پۈرسەتلەر بىر قەدەر كۈپ. نۇرغۇنلىغان تەبئى پەن كەسىپلىرىدە مەكتەپ سىزنى قۇبۇل قىلسا سىزگە ياردەم پۇلىنى بىللە بىرىدۇ. مەسىلەن بىزنىڭ ھازىرقى فاكولتىتا ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىدىن 80 دەك ئادەم بار. شۇلارنىڭ ھەممىىسگە پۇل بىرىدۇ. باشقا مەكتەپلەردىمۇ ئوخشاش. شۇڭا ئامرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەنلەرنىڭ بىر قىسمۇ مۇشۇ يول بىلەن كەلگەن. مەسىلەن مەن، قۇدرەت.

ئادەتتە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى دىسە ئۇيغۇرلار تولا گاڭگىراپ قالىدۇ. چۇنكى ۋەتەندە ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن ئوقۇيدۇ، بىر يىل ئوقۇپ يىل ئاخىرىدا مەكتەپ بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇكاپات بىرىدۇ. ئامرىكىدا ئۇنداق ئەمەس. ئۇنۋىېرسىتىتقا بالىلار ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىدۇ. ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىللە تەڭ مۇكاپات پۇلىغىمۇ بىللە ئىلتىماس قىلىدۇ. مەكتەپ شۇلارنىڭ ئىچىدىن ياخشىسىنى تاللاپ شۇلارنى قۇبۇل قىلىدۇ ۋە مۇكاپات پۇلى بىرىدىغانلىغىنى ئۇختۇرىدۇ. تولۇق ئوقۇش مۇكاپات بىرىلدى دىسە، ئۇنداقتا مەكتەپ ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كۈتىرىۋىتىدۇ. شۇنداقلا ھەر ئايدا ئۇنىڭغا تۇرمۇش پۇلى بىرىدۇ. مەسىلەن مىنىڭكىگە ئوخشاش. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ پۈتۈن زىھنىنى ئوقۇشقا قارىتىدۇ. بەزىدە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ لېكىن تۇرمۇش پۇلىنى بەرمەيدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئامرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇ يول بىلەن كەلگەن. ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە مەكتەپنىڭ شۇ مۇكاپاتىغا ئىرىشىش شارائىتىنى ھازىرلاش كىرەك. لېكىن پۇلى بۇلمىسىمۇ بۇلىدۇ. ئاتا ئانىسى باي بولمىسىمۇ بۇلىدۇ. ئاڭلىشىمچە بىر ئۇيغۇر بالا تىرىشىپ ئوقۇپ مۇشۇنداق مۇكاپاتقا ئىرىشىپ ئامرىكىغا يولغا چىققانداپويىز بىلتىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىن ماڭغاندا يانچۇقىدا 100 كويلا پۇل باركەن. (مەندىغۇ 10 -20 مىڭ كوي باتتى:). ئىشقىلىپ بۇنىڭغا جىق پۇل كەتمەيدۇ. جىق كەتسە 10-20 مىڭ كوي كىتەر.

ئۇندىن باشقا يەنە خەلقارالىق بەزى چوڭ ساخاۋەت ئورۇنلىرى ياكى ھۈكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنى ياردەم پۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۈۋەندىكىسى مۇشۇنداق مۇكاپات.

1. ئامرىكا فورد فۇندى ئوقۇش مۇكاپاتى. 
بۇ جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان ھەم تەستىقلانغان، بييجىڭدا قانۇنلۇن ئىشخانىسى بار فۇند جەميىتى. 
بۇ مۇكاپات چەتئەللەرگە بىرىلىدىغان مۇھىم ئوقۇش مۇكاپاتى. ھەر يىلى دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدىن يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلار مۇشۇلارنىڭ پۇلى بىلەن ئامرىكىغا كىلىدۇ. بۇ مۇكاپاتنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۈلچىمى مەكتەپنىڭ ئۈزىنىڭ ئۈلچىمىدىن خېلى تۈۋەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ماس كىلىدۇ. بۇلار ئاساسەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۈلەتلەردىكى چەت ياقا جايلاردىكى خەلىقنىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ياردەم بىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا بۇلار شەرتىدە ئىنىق قىلىپ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجىن دەك چوڭ شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرىغا بىرىلمەيدۇ دەپ بەلگىلىگەن. ئاياللار، قىزلار ۋە شۇ تىپتىكى جەميەتتىكى ئاجىز قارىلىدىغان كىشىلەر توپى ئاسانراق قۇبۇل قىلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئاسانراق ئالىدۇ.ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم باكلاۋور ئوقۇشى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۈز رايۇنىدا ئۈزى ئىلتىماس قىلماقچى بۇلغان ساھەدە كەم دىگەندە 3 يىل خىزمەت قىلىپ بۇلغان بۇلۇشى كىرەك. قۇبۇل قىلىنغۇچى چوقۇم ئۈز رايۇنىنىڭ ئىقتىسادى، سىياسى، جەميەت. قانۇن تۈزۈم قۇرلۇشى، پاراۋانلىق، مائارىپ، باشقۇرۇش دىگەندەك كەسىپلەرنى ئوقۇشى كىرەك ۋە ئوقۇغاندىن كىيىن چوقۇم ئۈز رايونىغا قايتىپ خىزمەت قىلىش كىرەك. يۇقارقىدەك كەسىپلەردە ئادەتتە ئامرىكا مەكتەپلىرىدىن پۇل ئېلىپ تەس. بۇ بوشلۇقنى دەل مۇشۇلار تولدۇرۋاتىدۇ. بۇ مۇكاپات ئوقۇش پۈتتۈرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا ماس كىلىدۇ. بۇلار تەبئى پەن، ئاساسى تەتقىقات پەنلىرى، سانائەت پەنلىرى، دوختۇرلۇق دىگەندەك كەسىپتە ئوقۇشقا چىقماقچى بۇلغان ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلمايدۇ.

ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم توفىل ياكى gre نەتىجىڭىز بۇلۇشى كىرەك ئەمەس. 4- ياكى 6-دەرىجىدىكى كىنىشكىسى ياكى ئىنگىلىس تىلىنى بىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپ ئىلىتىماس قىلسا بۇلىۋىرىدۇ. قۇبۇل قىلىنسىڭىز بۇلار سىزگە ئىنگىلىس تىلى ئۈگىنىپ ئىمتاھاندىن ئۈتۈش ئۈچۈن ۋاقىت بىرىدۇ تېخى يەنە مۇشۇ جەرياندىكى ئىنگىلىس تىلى ئۈگىنىش چىقىملىرىڭىزنىمۇ چىقىرىپ بىرىشى مۇمكىن. مەكتەپ ئىلتىماس قىلىش جەريانلىرىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ ياكى كۈرسەتمە بىرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى سىز مەكتەپ ئىلتىماس قىلغاندا مەكتەپتىن پۇل تەلەپ قىلمىغاچقا مەكتەپمۇ سىزنىڭ ئاسانراق قۇبۇل قىلىدۇ. فورد نىڭ ئامرىكىدىمۇ نۇپۇزى يۇقىرى، بۇلارنىڭ ئادەملىرىنى مەكتەپمۇ قۇبۇل قىلىشقا ئامراق. مەنمۇ مەكتەپ ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا بۇلار بىلەنمۇ ئالاقە قىلىپ باققان. شۇڭا ئامرىكىدا ئوقۇيمەن دەپ ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسىڭىز شەرتلىرىگە چۈشسىڭىز ئالدى بىلەن ئىلتىماس قىلىڭ. ئاندىن باشقا ئىشلارنى ئويلىشىڭ. 2008-يىللىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش ھازىر باشلىنىپ بۇلدى. 
تۈۋەندىسكى يىقىنقى بەش يىلدىن بۇيان فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىگى:

year – name – major – program
========================================== 
2002 – rayile mehmet – women studies – master’s 
2002 – mehmut juma – art – master’s


2003 – munire yasin – education – master’s

2004 – abliz mehsut – education – master’s 
2004 – almas anwer – environment – master’s 
2004 – dilber yasin – healthcare policy – master’s 
2004 – mehmet yasin – economics – master’s 
2004 – nuriye zunun – healthcare policy – master’s

2005 – kurban niyaz – central asia – master’s 
2005 – muhtar kasim – contagious disease – master’s 
2005 – tursun kadir – moral education – master’s

2006 – abdugheni ubul – public health policy – master’s 
2006 – abdujapar yusup – environment – master’s 
2006 – dolkun tursun – education – master’s 
2006 – hujiabdulla kasim – development – master’s 
2006 – mutelip ghupur – society and humanity – master’s 
2006 – zulpiker barat – society and humanity – master’s

بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنى مەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تۇنۇيمەن. ياكى ئاڭلىغان.

فورد فوندى جۇڭگۇ ئىشخانىسنىڭ تور بېتى:  http://www.china-ifp.org/ 
ھازىرلا كىرىپ كۈرۈڭ. شۇنداقلا تونۇش بىلىشلەرگە دەپ قويۇڭ. ئىلتىماسنى خەنزۇچە قىلسىز. شۇڭا ئىنگىلسچە سەۋىيەم يەتمەي قالارمۇ دەپ ئەنسىرىمەڭ. مىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئىلتىماس قىلغان ياكى قىلىۋاتقان، بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ياكى ئىرىشەلمىگەن دىگەندەك دوستلىرىمدىن بىلىشىمچە بۇ مۇكاپاتنى ئىېلىشنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق يىرى مەن نىمە ئوقۇيمەن، نىمىشقا بۇ كەسىپنى ئوقۇيمەن، ئوقۇپ بۇلغاندىن قايتىپ كىلىپ قانداق قىلىپ ئۈز رايونىمدا ئۈگەنگەنلىرىمنى رايۇنىمنىڭ ۋە خەلقىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ خەلىق ئۈچۈن قانداق ھەسسە قۇشىمەن دىگەن سۇئالغا ياخشى پىلان يېزىپ شۇلارنى قايىل قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭا بارلىق زىھنىڭىز شۇ سۇئالدا بۇلسۇن. شۇنىڭغا قايىل قىلارنىڭ جاۋاپ تاپالىسڭىزلا بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىسىز. يانچۇقىڭىزدا ياكى ئاتا ئانىڭىزدا 10مىڭ كوي پۇل بۇلمىسمۇ ئامرىكىغا كىلىپ ئوقۇيسىز. ئەگەر بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشسىڭىز ئامرىكىغا بېرىپ كىلش ئايرۇپىلان بىلىتىدىن تارتىپ، سىزنىڭ ئوقۇش پۇلىڭىزغىچە بۇلار بىرىدۇ. كەلگەندىن تارتىپ قايتقۇچە ھەر ئايدا سىزگە يىتەرلىك تۇرمۇش خىراجىتى بىرىدۇ. بۇ پۇلغا سىز ئايالىڭىز ۋە بالىڭىز بىلەن كەلسىڭىزمۇ يىتىدۇ. قالغىنى سىزنىڭ تىرىشىپ مۇشۇ مۇكاپاتقا ئىرشىشىڭىزدا.


بۇلار ئاساسەن ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى قوللايدۇ، دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى قوللىمايدۇ. شۇنداقلا چوقۇم ئوقۇش پۈتكەندە ئۈز رايونڭىزغا قايتىپ كىتىشىڭىز كىرەك. ئەلچىخانا سىزگە ۋىزا بەرگەندىمۇ شۇنداق ۋىزا بىرىدۇ.

2. يەنە بىرسى ئامرىكىنىڭ جۇڭگۇدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئۈزى تەمىنلىگەن ئوقۇش مۇكاپاتى. ھازىرغىچە بۇ مۇكاپاتنى ئالغانلار بارمۇ يوق ئاڭلىمىدىم. بۇنى جىق ئادەم بىلىپ كەتمىگەچكە بەلكىم ئۇيغۇرلارمۇ ئىلتىماس قىلمىغاندۇ. لېكىن چۈشەندۈرۈشىدىن، جۇڭگۇدا جىق يەردە ئايرىم ئىشخانىسى بارلىغىدىن بىلىشكە بۇلىدۇكى جۇڭگۇدىن نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ ۋە ئىرىشىۋاتىدۇ. يوللا بۇلىدىكەن ئادەم تىرىشىپ بېقىش كىرەك.

humphreys fellowships
http://beijing.usembassy-china.org.cn/humphrey_fellowships.html 
——————————————————————————–


humphreys fellowships qualifications 
candidates for 2008-09 must

* be mid-career professionals in leadership positions with a commitment to public service in the following fields: 
1. agricultural development/ agricultural economics 
2. communications/journalism 
3. substance abuse education, treatment and prevention 
(candidates need a research background in the field) 
4. economic development/finance and banking 
5. educational administration, planning and policy 
6. hiv/aids policy and prevention 
7. human resource management 
8. law and human rights 
9. natural resources and environmental management 
10. public health policy and management 
11. public policy analysis and public administration 
12. teaching of english as a foreign language 
(teacher training or curriculum development) 
13. technology policy and management 
14. trafficking in persons, policy and prevention 
15. urban and regional planning 
* hold positions involving policy, managerial or administrative responsibilities rather than research or technical responsibilities (except for the drug abuse category) 
* demonstrate leadership qualities 
* have been employed in china for at least five years at the management or policy level, with substantive professional experience and upward career mobilityhold at least an undergraduate degree (requiring at least four years of full-time study) 
* be between 30 and 50 years of age 
* hold at least an undergraduate degree (requiring at least four years of full-time study) 
* be fluent in english (a toefl score of 525 paper-based, or 195 computer-based or higher is required) 
* candidates who are women, members of ethnic minority groups, or from lesser developed regions of china are encouraged to apply

ineligible candidates

* individuals without a university degree; 
* individuals with less than five years of professional experience beyond attainment of an undergraduate degree prior to august 2008; 
* recent university graduates; 
* university teachers with no management or policy responsibilities, except for teachers of english as a foreign language and specialists in drug abuse prevention and treatment; 
* individuals who have attended a graduate school in the united states for one academic year or more during the seven years prior to august 2008; 
* individuals who have had more than six months of u.s. experience during the five years prior to august 2008; 
* individuals with dual u.s. citizenship or u.s. permanent resident status; 
* residents of hong kong.

humphreys fellowships application procedures (for 2008-09)

interested applicants who meet the application criteria should submit a completed application form (only pages of bio-sheet a, bio-sheet b, program plan, personal statements a, personal statements b, english language i a and b are required at this time) to the u.s. embassy or consulate at the address given below by june 8, 2007. based on an initial review of these applications, the u.s. embassy and consulates will invite those candidates deemed most highly qualified to submit a longer application and appear for a personal interview in beijing, chengdu, guangzhou, shanghai or shenyang in august 2007. applications for a limited number of candidates who are selected from the china interview process will be submitted to washington, d.c., where the final selections are made. announcements about the final selection will be made about february 2008. selection is very competitive.

for those applicants from beijing, tianjin, xinjiang, qinghai, gansu, ningxia, inner mongolia, shanxi, shaanxi, henan, hubei, hunan, jiangxi, shandong and hebei, please send applications by email to:

ms. zhou yue (周月) 
tel: 010-6532-1161 x 7702 
cell phone: 13910121174 
fax: 010-6532-2213 
email: zhouyu@state.gov and zhou.yue@hotmail.com

for those applicants from sichuan, chongqing, tibet, yunnan and guizhou, please send applications by email to:

ms. shen kai (沈 凯) 
tel (028) 8558-3792 
fax (028) 8557-7540 
email shenkx@state.gov

for those applicants from guangdong, hainan, fujian and guangxi, please send applications by email to:

ms. cindy cao (曹小君) 
tel (020) 8335-4269 x26 
fax (020) 8335-4764 
email caoxj@state.gov

for those applicants from shanghai, jiangsu, zhejiang and anhui, please send applications by email to:

ms. tracy wang (王 宇 琛) 
tel (021) 6279-7662 x4665 
fax (021) 6279-7603 
email wangyc@state.gov

for those applicants from heilongjiang, jilin and liaoning, please send applications by email to:

ms. yu li (于 力) 
tel (024) 2322-2976 x8124 
fax (024) 2322-1505 
email yul2@state.gov

يۇقارقىلار ئۈچۈن سۇئاللار بۇلسا مەندىن سورىماي تور بەتتە قالدۇرۇپ قويغان ئادىرىس بۇيىچە شۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ سوراڭلار. مەندىن سورىساڭلارمۇ مەن جاۋەپ بىرەلمەيمەن. شۇلار ئۈزى جاۋاپ بىرىدۇ. سۇئال سوراشتىن قۇرقماڭ. ئۇلار شۇ خەقنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىدۇ ۋە ئىش بىجىرىدۇ دەپ مەخسۇس ئادەملەرگە مائاش بىرىپ خەقنى ئولتۇرغۇزۇۋاتىدۇ. ئەگەر شۇلاردىن سوراپ بىلەلمەيدىغان سۇئال بۇلسا بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويۇڭلار. مەن قاراپ بېقىپ راستىنلا شۇنداق سۇئال بۇلسا ئۇ سۇئالنى ئامرىكىدا مۇشۇ مۇكاپاتقا ئىرىشپ ئوقۇۋاتقان بالىلارغا يوللاپ بىرىمەن ياكى ئارىڭلاردا ئالاقە ئورنىتىپ بىرىمەن.

بىر ئىنكاس بار »

  • دىلمۇرات :

    ئەسساللاممۇ ئەلەيكۇم !
    مەندە تېرىشىپ ئۈگۇنۇش قىزغىنلىقىم بار . شۇ تۇرمۇش قاينىمىغا چۇكۇپ كەتتۇق . قۇرساق غىمىنى بەك قىلىپ كەتتۇق ، ئاخىرەتتە بو ئۇزاق يۇل تۇگمىگىدەك ! شۇ قايتىدىن باشلاشنى قارار قىلدىم . مەن بۇ يىل 28 ياش .پۇرسەت بار دەپ ئويلايمەن .
    بارلىق ئوچۇرلاردىن خەۋەردار بولغان ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، ماڭا يول كورسەتكەن بولساڭلار ، قانداق مىڭىشىم كېرەك ! ئېنگىلىسچە نەتىجەم 4- دەرىجىگە ئۇلىشاي دەپ قالدى . نومۇرىم 391 ئالغان . ،مەكتەپتە ئۇچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ پۇتۇرگەن . كەسپىم :<< ماي بۇياق >> ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئەسەرلىرىم تاللانغان .ئوستازىم ، كېرەم نەسىردىن كىلەر يىلى مەن شۇ ئوستازىمغا ئاسپىرانلىققا بىرەيمىكىن دەپ ئويلىغان .لىكىن ياۋرۇپا دولەتلىرىدە ئوقۇغۇم بار . تەتقىقات تېمام < ئۇيغۇرلار قەدىمكى بۇددا رەسىملىرى ئۇسلۇبى >> مۇشۇ يولدا ئىزدەنمەكچى ھەم تىرىشىۋاتىمەن .
    مەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ..
    ئەزىزلە يۇل كورسەتكەيسىلە !
    ئېلىخەت :دىلمۇرات 1980@ياخوخو . كوم
    تېلىفون : 13199990414
    چچ : 80396180

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..