Japan ياپۇندا ئوقۇش
ياپونىيىدە ئوقۇش
Study in Japan
بۇ ماقالىنى ياپونيىدە ئوقىۋاتقان ھىدايەت زەيدۇن ئەپەندىم تەييارلىغان.
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈرلىرى
ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى مۇنتىزىم ئۇنىۋېرسىتېتلار، قىسقا مۇددەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار، ياپون تىلى مەكتەپلىرى، كەسپىي تېخنىكوملار قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. مۇنتىزىم ئۇنىۋېرسىتېتلار دېگىنىمىز ئادەتتە تولۇق كۇرس سىنىپلىرى (فاكۇلتېتلار)، قىسقا مۇددەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇش مۇددىتى
تولۇق كۇرسنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 4 يىل، ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنىڭ 2 يىل (مېدىتسىنا كەسپلىرىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقى يوق، تولۇق كۇرستىن كېيىن بىۋاسىتە دوكتور ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھان بېرىشكە بولىدۇ)، دوكتور ئاسپىرانتلىقىنىڭ 3 يىلدىن 5 يىلغىچە (مېدىتسىنا كەسپلىرىنىڭ 4 يىل) ، قىسقا مۇددەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ 2 يىل، ياپون تىلى مەكتەپلىرىنىڭ 6 ئايدىن 2 يىلغىچە ، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئادەتتە 2 يىل بولىدۇ.
2. ئوقۇشقا چىقىشتىكى زۆرۈر شەرتلەر
1. ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى
1) 12 يىللىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ياكى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگىنىگە 5 يىل بولمىغانلاردىن ياپون تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ 4- دەرىجىسىدىن ئۆتكەنلەر (ياكى كەم دېگەندە 3 ئاي ئەتراپىدا ياپون تىلى ئۆگەنگەنلەر) ياپونىيىدىكى تولۇق كۇرس، قىسقا مۇددەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار، ياپون تىلى مەكتەپلىرى ۋە كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ياپون تىلى مەكتەپلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ئوقۇش مۇددىتى ئادەتتە بىر يىل بولىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم ياپون تىلى مەكتەپلىرى ئوقۇشقا كىرىش رەسمىيەت ھەققى ۋە ئوقۇش پۇلىنى دەسلەپ ئوقۇشقا كىرگەندە بىرلا قېتىمدا تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئۈچ ئاي ياكى ئالتە ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بىرەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاسپرانتلار ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرەلىسە، دەسلەپتە تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلىنىڭ ئاشقان قىسمى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
ياپون تىلى مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا كىرىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، تەپسىلىي ئىشلارنى سىراجىدىن كېرىم بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەكتەپ ئالاقىلىشىشتىن بۇرۇن مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز.
2) 16 يىللىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ھەم باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەردىن ياپون تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ 2- دەرىجىسىدىن ئۆتكەنلەر ياپونىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئاسپرانتلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تېپىش كېرەك. ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىمۇ رەسمىيەتلەر ئەڭ ئاۋال ئوقۇماقچى بولغان كەسپ تۈرىدىكى ئاسپرانتلارغا يېتەكچىلىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەشتىن باشلىنىدۇ. يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تېپىلسىلا، كېيىنكى رەسمىيەتلەرنى بىر قەدەر ئاسان ھەم تېز بېجىرىشكە بولىدۇ.
ئاسپرانتلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇش ئۈچۈن ياپون تىلىدىن باشقا يەنە ئىنگلىز تىلىدىمۇ بەلگىلىك ئاساس بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئادەتتە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىشتە ئىنگلىز تىلىدىنمۇ ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.
ئادەتتە ئالدى بىلەن ئاسپرانت( تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى) بولۇپ 6 ئايدىن 1 يىلغىچە تۇرغاندىن كېيىن ئوقۇشقا كىرىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولغانلار ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىنىڭ ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق پروگراممىسى بويىچە رەسمىي ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر ئاسپىرانتلىق ۋاقتىنى يەنە 1 يىلغىچە ئۇزارتالايدۇ.
2. ئىقتىسادىي شەرتلەر
رەسمىيەت بېجىرىش ھالقىسىدا، ياپونىيىنىڭ چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بارغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە مۇھىم ئىسپات بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ:
1) ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ يېقىنقى 3 يىللىق كىرىم- چىقىم ئىسپاتى. بۇنىڭغا ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ نامىدىكى بانكا ئامانەت دەپتىرىنىڭ كۆپەيتىلمىسى بولسا ئەڭ ياخشى. بۇ تەلەپ 2004- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېڭى سىياسەت بويىچە قوشۇلغان بولۇپ، باشقا ھەرقانداق تەلەپتىن قىيىنغا توختايدۇ. مۇمكىن بولسا، ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقانلار مۇشۇ ئىسپاتنىڭ تەييارلىقىنى بالدۇرراق قىلىپ قويغىنى ياخشى.
2) ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ بانكىغا قويغان ئامانەت پۇلى ئىسپاتى. بۇ، ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدىكى پۈتۈن چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، ئادەتتە 3- 2 يۈز تۈمەن ياپونىيە يېنى (خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 200- 150 مىڭ يۈەن. ياپونىيىدە ئادەتتە ئون مىڭ ياپونىيە يېنى بىر تۈمەن يېن دىيىلىدۇ، خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 650~620 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بازار ئەھۋالىغا قاراپ قىممىتى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.) پۇلنى جۇڭگو بانكىسى قاتارلىق بانكىلارنىڭ بىرىگە ئامېرىكا دوللىرى، ياپونىيە يېنى ياكى خەلق پۇلى شەكلىدە ئامانەت قويۇپ، پۇل چېكىنى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.
3) ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ خىزمەت ئىسپاتى. بۇ، ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىدۇ.
4) ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ يىللىق كىرىم ئىسپاتى. ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ بىر يىلدا قانچىلىك كىرىم قىلالايدىغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىنى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا ماتېرىياللار ھەققىدە بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمىدۇق.
3. باشقىلار
يۇقارقىلاردىن باشقا، ياپونىيىدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار يەنە تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
1) ھەر قانداق جاپا- مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قەيسەر روھقا ئىگە بولۇشى كېرەك. ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدا خىلمۇ- خىل جاپالار، ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدىغان گەپ. بۇلارنى يېڭەلىگۈدەك ئىرادە ۋە غەيرەت بولمايدىكەن، ئوقۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش مۇمكىن ئەمەس.
2) ياخشى ئەخلاقىي- پەزىلەت يېتىلدۈرگەن بولۇشى كېرەك. ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچى مەيلى كىم ياكى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ قانۇن ۋە ئەمىر- پەرمانلىرىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى، ئۆز قەدىر- قىممىتىنى ساقلىشى، ئۆز مىللىتى بىلەن ياپونىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دوستلۇق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك.
3) مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك. ياپونىيىدە ھەممەيلەن ئۆز ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىدۇ. تۇرمۇش رېتىمى تولىمۇ تېز بولغاچقا ھەممەيلەن ئالدىراشلىق ئىچىدە ياشايدۇ. باشقىلارنىڭ پۈتۈن ئىشىغا ياردەم قىلىپ، ئۇجۇر- بۇجۇرىغىچە يول كۆرسىتىپ ئۆگىتىپ ئولتۇرۇشقا ئاساسەن ۋاقتى چىقمايدۇ. شۇڭا ئوقۇشقا كەلگۈچىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغانلار تېخىمۇ شۇنداق.
4) ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر، كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ يېقىن ئۆتەلەيدىغان، مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ توغرا يەكۈن چىقىرالايدىغان، ۋاقىتنى، تەسلىكتە قولغا كەلگەن ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇيدىغان، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە، ئۆز مىللىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن تۆھپە يارىتىش نىيىتىدە بولغان بولۇشى كېرەك.
3.ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدىكى چىقىملار
1. ئوقۇشقا كىرىش پۇلى: مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە 25- 10 تۈمەن ياپونىيە يېنى ئەتراپىدا بولىدۇ.
2. يىللىق ئوقۇش پۇلى: ئادەتتە ئاسپىرانتلىق ئۈچۈن 25- 15 تۈمەن ياپونىيە يېنى، ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئۈچۈن 90- 40 تۈمەن ياپونىيە يېنى، ياپون تىلى مەكتەپلىرى ئۈچۈن 90- 50 تۈمەن ياپونىيە يېنى ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ.
3. تۇرالغۇ ئۆي: شەھەر مەركەزلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى قىممەترەك، شەھەر سىرتىدىكى ئۆيلەرنىڭ بولسا ئەرزانراق بولىدۇ. ئادەتتە تۇرالغۇ ئۆي ئۈچۈن 8- 3 تۈمەن ياپونىيە يېنى ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ.
4. تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى: گاز، سۇ، توك، ئىسسىنىش قاتارلىقلارغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيىغا 2- 1 تۈمەن ياپونىيە يېنى ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ.
5. يېمەك- ئىچمەك: ئادەتتە تاماقنى ئۆزى ئېتىپ يەيدىغانلارنىڭ ئېيىغا 2- 1 تۈمەن يېن ئەتراپىدا، سىرتتىن يەيدىغانلارنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ بولىدۇ.
مىسال ئۈچۈن ئالساق، ئادەتتىكى بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن تەخمىنەن 500 يېن ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ، شۇنداق بولغاندا، كۈندە ئىككى ۋاق تاماقنى سىرتتىن يېگەندە، بىر ئايلىق تاماق پۇلىلا 3 تۈمەن يېنغا بارىدۇ. بىر بوتۇلكا سوغۇق ئىچىملىك ئادەتتە 150 يېن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەتىگەنلىك ناشتىنىمۇ قوشۇپ ھېسابلىغاندا ، ئومۇمىي يېمەك- ئىچمەك چىقىمى 4 تۈمەندىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە شارائىت يار بەرسىلا تاماقنى ئۆزى ئېتىپ يەيدۇ.
6. قاتناش: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق بېلىتى ئادەتتە 5000 يېندىن 15000 يېن ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۆيى بىلەن مەكتىپى يېقىن بولغانلارمۇ ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر نەچچە مىڭ يېن ئەتراپىدا چىقىم قىلىدۇ.
7. ئالاقىلىشىش: ياپونىيىدە خەۋەرلىشىش ئىشلىرى تولىمۇ تەرەققىي قىلغان، يانفوننىڭ ئومۇملىشىشىمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يانفون شىركەتلىرىمۇ كۆپ. بۇ يەردە يانفون ياكى باشقا تېلېفون بولمىسا نۇرغۇن ئىشلاردا تولىمۇ ئاۋارىچىلىق. ئادەتتە ياپونىيىدە ئوقۇيدىغانلار يانفون ئالاقىسى ئۈچۈن ئېيىغا 10000 – 5000 يېن ئەتراپىدا چىقىم قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق خەۋەرلىشىش ئۈچۈنمۇ ئايدا بىر نەچچە مىڭ يېن ئەتراپىدا چىقىم بولىدۇ.
8. سۇغۇرتا: ياپونىيىدە داۋالىنىش ھەققىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى بولغاچقا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ قويۇش داۋالىنىشتىكى ئەڭ ئاقىلانە ئىش بولىدۇ. ئادەتتە ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى پۇقرالار ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ. بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنىڭ %70 ىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدۇ (ياشانغانلار ۋە 2 ياشقا توشمىغان بوۋاقلارنىڭ %80).
بۇ سۇغۇرتا ئۈچۈن ھەر ئايدا 2000- 4000 يېن ئەتراپىدا پۇل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. يىللىق كىرىمى تولىمۇ تۆۋەن بولغانلارغا ئازراق ئېتىبار قىلىنىدۇ.
9. باشقا چىقىملار: كونا يىلنى ئۇزىتىش ئولتۇرۇشى (ياپونىيىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولتۇرۇش، 4 خادىمى بار شىركەتتىن تارتىپ چوڭ شىركەتلەرگىچە، ھەرخىل كۇلۇبلاردىن تارتىپ مەكتەپ، ئىدارە- ئورگانلارغىچە ھەممەيلەن يىل ئاخىرىدا يىغىلىپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بىر يىللىق ئىشلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە قىلىدۇ)، دوستلار بىلەن يىغىلىش، ھەرخىل تەبرىكلەش ئولتۇرۇشلىرى، يىغىن- يىغىلىشلارغا قاتنىشىش قاتارلىقلار ئۈچۈنمۇ ھەر قېتىمدا 4000- 1500 يېن ئەتراپىدا چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. (ياپونىيىدە ھەممەيلەن چىقىمنى بۆلۈشۈپ تۆلەيدۇ، ھەتتا بىرەيلەن سىزنى مېھمان قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆز چىقىمىڭىزنى ئۆزىڭىز تۆلىشىڭىز كېرەك، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.)
ئۇندىن باشقا، كىيىم- كېچەك قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش، داۋالىنىش، خەت- چەك ئەۋەتىش، تاماكا قاتارلىقلارغىمۇ بەلگىلىك ئىقتىساد كېتىدۇ.
مىسال ئۈچۈن ئالساق، ياپونىيىدە ئەڭ ئەرزان تاماكىنىڭ بىر قېپى 300 يېن (يېقىندا باھاسى ئۆستى)، خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 20 يۈەن. شۇنداقتا كۈندە بىر قاپ تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئايلىق چىقىمىغا يەنە 1 تۈمەن يېن قوشۇلىدۇ.
4.ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپ قوشۇمچە ئىشلەش
ياپونىيىدە گەرچە مال باھاسى قىممەت، ئوقۇش پۇلى يۇقىرى، ئايلىق چىقىممۇ كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەش پۇرسىتىمۇ ئوخشاشلا كۆپ. ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە «ئوقۇشتىن باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش رۇخسەتنامىسى» نى ئىلتىماس قىلىپ ئالغاندىن كېيىن قوشۇمچە ئىشلىسە بولىدۇ. ئادەتتە قوشۇمچە ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ھەقسىز ژورناللار تارقىتىلىدۇ. مەخسۇس ئىشقا تونۇشتۇرۇش شىركەتلىرىمۇ كۆپ. ئىنتېرنېت تورىدىمۇ نۇرغۇن ئىش ئۇچۇرلىرى بار. ئىشقا كىرىش ئۈچۈن ھەممىسىدىلا ئاۋال تېلېفوندا ياپونچە ئالاقىلىشىش، مۇۋاپىق دەپ قارىغان نامزاتلاردىن يۈز- تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ياپون تىلىنىمۇ بىلمەي بولمايدۇ.
ئادەتتە بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سائەت بويىچە ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. كۈندۈزدىكى ئىشلارنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى 800~ 1000 يېن ئەتراپىدا، كېچىنىڭ ئىشى (سىمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار، پوچتىخانىنىڭ خەت- چەك ئايرىش ئىشلىرى دېگەندەك) ئۈچۈن بولسا 1000~ 1200 يېن ئەتراپىدا ھەق بېرىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ھەر كۈنى 4 سائەت ئىشلىيەلەيدىغان ئادەم بىر ئايدا تەخمىنەن 10 تۈمەن يېنغا ئىشلىيەلەيدۇ. لېكىن ئادەتتە مەكتەپنىڭ دەرسلىرىگە قاتنىشىدىغان ئىش بولغاچقا، بىرلا ئورۇندا ھەر كۈنى ئىشلەشكە مۇمكىن بولمايدۇ. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ھەپتە ئارىلىقىدا مەكتەپكە بېرىپ، ھەپتە ئاخىرىدا ئەڭ كامىدا 2 ئورۇندا ئىشلەشكە ئادەتلەنگەن.
ئەمدى مۇنداق بىر ھېسابنى ئىشلەپ باقايلى. بىر كىشىنىڭ ئايلىق ئۆي ئىجارىسى ۋە گاز- سۇ- توك پۇللىرى 4 تۈمەن يېن بولسا، يېمەك- ئىچمەك ئۈچۈن 1.5 تۈمەن يېن كەتسە، قاتناش پۇلىغا 5 مىڭ يېن كەتسە، سۇغۇرتا، ئالاقىلىشىش قاتارلىق چىقىملار جەمئىي 1 تۈمەن يېن بولسا، يىللىق ئوقۇش پۇلى 72 تۈمەن يېن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق چىقىمى 13 تۈمەن يېن بولىدۇ. بۇ پۇلنى تېپىش ئۈچۈن بۇ كىشىنىڭ سائىتىگە 900 يېندىن ھەق بېرىدىغان ئىشتىن بىر ئايدا 145 سائەت ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەر كۈنىگە تەخمىنەن 5 سائەتتىن توغرا كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەيلى يامغۇر ياغسۇن، ياكى تەيفېڭ بورىنى كەلسۇن، ۋە ياكى سالامەتلىكى ناچار بولسۇن، نېمىلا قىلىپ بولمىسۇن ھەر كۈنى 5 سائەت ئىشلىمىسە، ئوقۇش پۇلى ۋە باشقا چىقىملارغا يېتەرلىك پۇلنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى جىسمانىي ئەمگەك بولىدۇ. شۇڭا ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققۇچىلارنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بىرەر يىلدىلا 15~ 20 كىلوگرام ئورۇقلاپ كېتىشىدىن ئەجەبلىنىش ھاجەتسىز.
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇشقا چىقىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئوقۇش جەريانىدىكى پۈتۈن چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي كاپالەتچىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان- ئالالمايدىغانلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ.
لېكىن ئوقۇشقا چىققاندىن كېيىن تەلىيىڭىز كېلىپ ئېيىغا 7~ 16 تۈمەن يېنغىچە بېرىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بىرەرسى چىقىپ قالسا بۇنچىۋالا جاپا تارتىپ ئىشلىشىڭىز ھاجەتسىز. پەقەت ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇسىڭىزلا بولىدۇ.
قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، قوشۇمچە ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلى ياكى كومپيۇتېردا پروگرامما تۈزۈشتىن نوپۇزلۇق بىرەر لاياقەتلىك كىنىشكىسى ياكى مول ئەمەلىي تەجرىبىسى بارلار بىر قەدەر ئاسان ھەم سائەتلىك ئىش ھەققى يۇقىرى ئىشلارنى تاپالايدۇ. ئادەتتە پروگراممېرلارنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى 1200~ 2000 يېنلارغىچە بولىدۇ. ئىنگلىز تىلى تەرجىمانلىرى، ئىنگلىز تىلى كاتىباتلىقى قاتارلىقلارنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققىمۇ باشقىلاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇشقا ئىنگلىز تىلى ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنىمۇ پۇختا ئۆگىنىپ كەلگەن ياخشى.
بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بەت ئادرېسلىرى
بۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ توربەت ئادېرسىنى ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈڭ!
مەنبە
ئالاقىلىشىش دىگەندەك ئۇسۇللارنى ئەسلى مەنبەدىكى ئادېرىستىن كۆرىۋالغايسىز!!
ئەسلى مەنبە
=================================================================>
مەزكۇر ئۇچۇر دىيارىمىزدىكى ياشلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇيەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاندى توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
بۇيەردە يەنە ULY ھالەتتە يېزىلغان بىرقىسىم ئۇچۇرمۇ بار ئىكەن بۇنىڭ بىرقىسمىنى كۇنا يېزىققا ئايلاندۇرۇپ
بۇيەرگە چاپلاپ قويدۇم.
تۇرمۇش
سىز ياپونىيىدە ئوقۇش ئۇچۇن(ياپون تىلى مەكتەپلىرىدە)بىر يىلدا ئوقۇش خىراجىتى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۇچۇن قانچىلىق ئىقتىساد كېتەر دەپ ئويلايسىز؟بەلكىم مەن تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق،ئوقۇش خىراجىگە قانچىلىك ئىقتىساد كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولسىڭىزمۇ،لېكىن تۇرمۇش خىراجىگە قانچىلىك ئىقتىساد كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن.
تۆۋەندە تۇرمۇش خىراجىتى ئۇچۇن قانچىلىك ئىقتىساد كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىتىلىمەن. ئۇنداقتا بىر ئېغىزلىق ئوينى ئىجارىگە ئېلىش ئۇچۇن قانچىلىك خىراجەت كېتەر؟ بۇ بىر ئېغىزلىق ئوينى قانداق يەردىن ئېلىشىڭىزغا ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋەتلىك. يەنى توكيونىڭ مەركىزىدىن ئالىمەن دېسىڭىز تەخمىنەن 7-8 مىڭ سوم خەلق پۇلى كەتىشى مۇمكىن ئەگەر سەل چەترەك يەردىن ئالىمەن دېسىڭىز،ھەم ئەڭ ئەرزان ئوينى ئالىمەن دېسىڭىز تەخمىنەن 2 مىڭ سوم ئەتراپىدا خەلق پۇلى كەتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا يېمەك ئىچمىكىڭىز ئۇچۇن قانچىلىك چىقىم كېتەر؟ ئەگەر داۋاملىق سىرتتىكى ئاشخانىلاردا ئوزۇقلىنىمەن دېسىڭىز سىز بۇنىڭغا چىقىنىپ بولالمايسىز.(سىز مىليونېر بولسىڭىز گەپ باشقا) چۈنكى ئادەتتە سىرتتىكى ئاشخانىلاردىن بىر ۋاقلىق ئانچە ئالىي بولمىغان تاماق ئۇچۇن 35-50 سومغىچە راسخوت كېتىدۇ. ئەگەر يېمەك ئىچمەك ئۇچۇن ئانچە ئاق – نانچىلىق قىلمىسىڭىز،ھەم تاماقنى ئاساسەن ئۆزىڭىز قىلىپ يېسىڭىز بىر ئايدا ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىگەندە 1500 دىن 2000 سومغىچە خەلق پۇلى كېتىدۇ.
داۋالىنىش
ياپونىيىنىڭ دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالاش ھەققى ناھايىتى قىممەت. لېكىن بۇنىڭ ئۇچۇن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز.چۈنكى ياپونىيە ھۆكۈمىتى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ئۇقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۇچۇن،چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش پۇلىنى ئاساسەن كۆتۈرىدىغان تۇزۇمنى تۈزۈپ چىققان. بۇ تۇزۇم داۋالىنىش ھەققىنى تولۇقلاش تۈزۈمى دېيىلىدۇ. داۋالىنىش ھەققىنى تولۇقلاش تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۇچۇن ئالدى بىلەن سىزنىڭ ياپونىيىدىكى سالاھىتىڭىز چوقۇم ئوقۇغۇچى بولۇشى ھەم سىز چوقۇم ياپوندا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىڭىز كېرەك.(ساياھەت بىلەن كەلگەن بولسىڭىز ياكى قىسقا مۇددەتلىك كەلگەن بولسىڭىز بۇ تۇزۇم ئىشلەنمەيدۇ) ئاندىن كېيىن سىز چوقۇم دۆلەت خەلقى سالامەتلىك ئىستىراخۇانىسىيگە كىرگەن بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولسىڭىز ئۆزىڭىز كۆتۈرىدىغان داۋالىنىش خىراجىتى ئومۇمى خىراجەتنىڭ 4-6% ئەتراپىدىلا بولىدۇ.
بېشىغا سەكرەشª
ئوقۇش
سىز ياپونىيىدە قانچىلىك چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بار دەپ ئويلايسىز؟2001-يىللىق مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ھازىر ياپونىيىدە 78،812 چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كوپ قىسمى ئوز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردۇر.ئاز بىر قىسمى بولسا ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇكاپاتى بىلەن ياكى ئوز دۆلىتىنىڭ مۇكاپاتى بىلەن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت. ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇكاپاتى بىلەن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە دۆلەت خىراجىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار دەپ ئاتىلىدۇ. ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىكنىڭ مۇكاپاتسىز كەلگەن ئوقۇغۇچىلار شەخسى خىراجىتى بىلەن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار دېيىلىدۇ.
ئۇنداقتا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالمىغان ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلىپ تۇرمۇش ۋە ئوقۇشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟
ئادەتتە ياپون تىلى مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن ياكى چۈشتىن كېيىن يېرىم كۈن بولىدۇ.شۇڭا كوپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشتىن كېيىن ئېشىپ قالغان ۋاقتىنى ئىشلەشكە ھەم دەرس تەييارلاشقا سەرپ قىلىدۇ.
ئىش ھەققى ئادەتتە سائەت بويىچە ھېسابلىنىدۇ.ئىشنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ سائەتلىك ئىش ھەققى ئوخشاش بولمايدۇ.ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا كانتو رايونى(توكيوغا يېقىن رايونلار)دا سائەتلىك ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەن چېكى 700 يىن ئەتراپىدا.سىزنىڭ مەلۇم ساھەدىن(مەسىلەن كومپيۇتېر) دىن ئالاھىدە ئىقتىدارىڭىز بولسا سائەتلىك ئىش ھەققىڭىز 2000يىن ھەتتا 3000 يىن ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك شەخسى خىراجەت بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ،ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
سىز ياپون تىلىنى مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەرگە (تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق كۇرسى) ياكى كەسپى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرسىڭىز ھەرخىل ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايسىز. ئەگەر تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلسە دۆلەت خىراجىتىدىكى ئوقۇغۇچىمۇ بولالايسىز.
ھازىرمۇ ۋەتىنىمىزدىن كەلگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ياپون تىلى مەكتەپلىرىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈپ،ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ خېلى كۈپلىرى ھەر خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ.
english we yapon tiliden bashqa toluq kurustiki netijighe qandaq telep bar? mushunimu dep bergen bosingiz.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياپونىيىدە ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ساكۇرا بلوگىغا مەرھەمەت قىلغايسىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك ئەپەندى، فورد ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدە ئازراق مەلۇمات بەرسىڭىز بۇپتىكەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel