باشبەت » Headline, پارچە-پۇرات گەپلەر

ۋورېن بافىنىڭ ( Warren Buffett) تۇنجى مۇھەببىتى

24 ئاۋغۇست 2010 2,557 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس

ۋورىن بافىۋورېن بافى( Warren Buffett) دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ باينىڭ بىرسى بولۇپ دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ. پاي-چېكى، فوند، مەبلەغ سېلىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلار ۋورىن بافىنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ قويمىسا كۈزى ئېچىلمايدۇ،
1949- يىلى يازلىق تەتىلدە ۋورىن يورتى ئوخاماغا يېنىپ كىلىدۇ. يېنىپ كەلگەندىن كىيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىشى ئىش تېپىپ ئىشلەپ پۇل تېپىش. ئۈز ۋاختىدىكى ئوماخا شەھىرىدە 200-300مىڭ نۇپۇس بار بولۇپ ۋەتەندىكى بىر ناھىيەگە توغرا كىلىدۇ. شەھەر ئىچىمۇ ئۇنچە چوڭ ئەمەس، ئىش بىرىدىغان ئورۇنلارمۇ ئاز بولۇپ ئۇ پىيادە شەھەر ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى بىرمۇ بىر چىكىپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئاخىرى JC Penny كىيىم كىچەك مەخسۇس سېتىش دوكىنىنىڭ ئەرلەر كىيىملىرى ساتىدىغان يىرىدە مال ساتقۇچى بولۇش خىزمىتىنى تاپىدۇ، دوكان باشلىقى ئۈزى يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئېلىپ قۇبۇل قىلىدۇ. قاراپ باقسا ئۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، تەتىلدە ئىشلەپ جان باقماقچى بولسا ئەلۋەتتە قوللاپ قويمىسا ئۈزىگىمۇ ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېخى پىنسىلۋانىيەدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىكەن،
ۋورېن مال ساتقۇچىلار كىيىدىغان فورمىنى كىيىىپ باشلىققا ئەگىشىپ دوكاننى چۈگىلەيدۇ. ئەرلەر كىيىمىنىڭ بۆلىكىگە كەلگەندە ۋورىنغا دەيدۇ:
- ھە، ۋورىن، ئەمىسە ماۋۇ بۆلەك ھەممىسى ساڭا كەتتى، ياخشى ئىشلە جۇما.

ۋورىن بۇ بۆلەكتە ئېسىپ قويۇلغان پاسۇنلىرى ۋە رەخلىرى ھەرخىل ياڭزىمۇ ياڭزا كىيىملەرنى كۆرۈپ بېشى قېيىپ كىتىدۇ.
- باشلىق، بۇ كىيىملەرنىڭ ھەممىىسىنىڭ پاسۇنى ھەرخىلكەن، رەخلىرىمۇ ئوخشىمايدىكەن، خىرىدارلار مەندىن سورىسا مەن نىمە دەپ چۈشەندۈرىمەن،
-ئۇنداق ئاۋارە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەرلەر ئۇنداق ئايال كىشىدەك زىۋەرلەپ يۈرمەيدۇ. پاسۇنىنى سورىسا بۇ تېخى پارىژدىن چىققان ئەڭ يىڭى مودا پاسۇن دە، رېخىنى سورىسا بۇ لوندوندىن كىرگۈزۈلگەن، ئىتالىيەدە ئىشلەنگەن ئالى دەرىجىلىك پاختا تالاسىدا توقۇلغان دە.
–پاختا تالاسى دىگەن قانداق گەپ ئۇ؟
– مەنمۇ ئۇخمايمەن، سەن ئۇقامسەن؟ شۇڭا خىرىدارلارمۇ ئۇخمايدۇ، ئۇخمىغاندىكىن ئالى دەرىجىلىك پاختا تالاسى دەپ دەۋەر، ئىشقىلىپ بىزنىڭ بۇ دوكانلارغا ناچار ماللار كىرمەيدۇ، مالنىڭ ياخشىلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ۋورىن ئىشقا كىرىشىپ كىتىدۇ، ئىككى ھەپتىدىن كىيىنلا ئۇنىڭ مال سېتىش مىقدارى ناھايتى ياخشى بولىدۇ. ھەر نىمە دىگەن بىلەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەسمۇ، ئۈزىمۇ چاققان، ئەقىللىق، گەپكىمۇ ئۇستا. ئاسانلا خىرىدارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا ياقىدىغان كىيىم كىچەكلەرنى ئاچىقىپ خىرىدارنىڭ ئالدىغا تىزىپ بۇلالايدۇ. ھەم چىقىشقاق بولغاچقا باشلىقتىن تارتىپ باشقا خىزمەتچىلەرگىچە ھەممىسى ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ.

ۋورېن مال ساتىدىغان بۆلەكنىڭ قېشىدىكى بۆلەككە مەسئۇل مال ساتقۇچىنىڭ ئىسمى بوب (Bob) بولۇپ بىر كۈنى بوبنىڭ سىڭلىسى ئاكىسىنى ئىزدەپ كىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بوب خىرىدارغا مال چۈشەندۈرۋاتقان بولۇپ ئۇ قىزچاق ئاڭغۇچە ۋورىن بىلەن بىردەم پاراڭ سېلىپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ قىزچاقنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرى،ئۇماق چىرايى ،تاتلىق ئاۋازى بىرنەچچە مىنۇتتىلا ۋورېنغا تەسىر قىلىپ بۇلىدۇ: ئاھ، مەن كىمگە ئۇچرىدىم، چۈشۈمدىكى پەرىشتە!

بوب ئىشىنى تۈگىتىپ سىىڭلىسىنى يولغا سېلىۋېتىپ يېنىپ كىلىپ قارىسا ۋورىننىڭ كۈزلىرىدىن باشقىچە ئوتلار چاقناۋاتقان. ئامرىكىلىقلار ئۇنچە خىجىلى بولۇشۇپمۇ كەتمەيدۇ.
- ھە ۋورىن، تۇرۇپ قاپسەنغۇ، سىڭلىم بولامدىكەن
- بەك ئوماقكەن.
- سەن گۇي نىيىتىڭنى يامان قىلما جۇمۇ، ئۇنى قوغلاۋاتقان باللا بەك جىق، ساڭا نۈۋەت تەگمەيدۇ.
- ئاداش كەچتە مەن سىنى مىھمان قىلاي، ئولتۇرۇپ كەلمەيلىمۇ
- ماڭا ئارقا ئىشىك قىلماقچىما، ھا ھا، لېكىن ئاۋال دەپ قوياي، سىڭلىم مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىمايدۇ جۇمۇ.
- ۋاي ئۇ باشقا ئىش، سەن بىلەن بىللە ئىشلەپ يۈرۈپمۇ بىر گۇڭ-مۇڭ ئولتۇرۇشۇپ باقماپتۇق، كەچتە بىر قۇلاق مىدىرلىغىچە ئىچىلى.
-مەيلى، ئىختىيارىڭ.

كەچتە قاۋاقخانىنىڭ باتەيگە يۈلىنىپ تۇرۇپ خام پىچىنى بىر مۇنچە ئىچىشىۋەتكەندىن كىيىن قۇرۇق پاراڭلارنى سوقۇپ بولغاندىن كىيىن گەپنىڭ تىمىسى يەنە شۇ ياققا بۇرۇلىدۇ.
–بوب ئاداش، بۈگۈن نىمە بولدى ئۇخمايمەن، سىڭلىڭ بىر كىلىپ كەتكەندىن بېرى خىيالىم شۇنىڭدا قالدى، مەن ئەزەلدىن ئۇنداق بولۇپ باقمىغان، بەلكىم بىر كۇرۇپ كۈيۈپ قىلىش دىگەن شۇ بولسا كىرەك. سەن بىلىسەن، مەن دۇرۇس ئادەم، ئادەم ئالدىمايمەن.
– ئاداش، مەن ساڭا دىسەم قىزلار دىگەن ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇنداق قىلمىساڭ بۇلىتتى، سېنىغۇ ياخشى چۈشىنىمەن، بىز ھەممىمىز ساڭا ئامراق. لېكىن شۇ سىڭلىم باشقىچىراق قىز بالا، سىنى ياخشى كۈرمەسمىكى دەيمەن. بۇ قىز بالا رومانتىك ئوغۇللارنى ياخشى كۆرىدۇ، بىر ئايدىن ئاشتى، بىر ئوغۇل بالا كۈندە كەچتە بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ گىتار چېلىپ ناخشى ئېيتىدۇ. ھازىر سىڭلىم شۇنىڭغا مايىلراق. سەن ناخشا ئېيتالامسەن؟
– ناخشىنىغۇ ئېيتىمەن، باشلانغۇچتىكى ۋاقىتتا مەكتەپ خور ئۆمىكىنىڭ ئاساسلىق ناخشىچىسى ئىدىم، لېكىن بۇ ئۆمەكتىكى 20 بالا ھەممىسى ئاساسلىق ناخشىچى، ھې ھې..
– ئۇنداقتا ساز چالالامسەن؟
– ساكسىفون چېلىشنى ئانچە مۇنچە .ئۈگەنگەن.
– ھەي گۇي، ساكسىفوننى چالساڭ قايسى ئېغىزىڭدا ناخشا ئوقۇيسەن، قىز بالا دىگەن ناخشا دىسە ئۆلەپ بىرىدۇ.
–قاپاق گىتارنىغۇ ئانچە مۇنچە ئۈگەنگەن، لېكىن..، ھەي ئىشقىلىپ سىڭلىڭغا مىنىڭ ياخشى گىپىمنى قىلىشىپ بەرسەڭ بۇلىتتى
– بۇلىدۇ،مەن قىلىشىىپ بىرىمەن، لېكىن سىڭلىم مەن دىگەندەك مىنىڭ گىپىمنى يىمەيدۇ، ئۈزەڭ قاراپ باقارسەن.

ئەتىسى ئەتىگەن ۋورىن مەسلىكتە بېشىى ئاغرىپ تۇرسىمۇ تۇرۇپ ئۇدۇل ساز دوكىنىغا بېرىپ قاپاق گىتاردىن بىرنى ئېلىپ ئادەم تېپىپ ئىككى ھەپتە بىكار بولسىلا مەشىق قىلىپ يامان ئەمەس چالغۇدەك بۇلىدۇ. ئىككىنچى ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۇ ئۈزى سېتىۋاتقان دوكاندىن چىداپ كىيىم ئېلىپ رومانتىك بولۇپ ياسىنىپ، گىتىرىنى قۇچاقلاپ بوبنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ، قارىسا راس دىگەندەك بىرسى ئۇ يەردە بوبنىڭ سىىڭلىسىغا بېغىشلاپ مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئوقۇۋاتقان. ۋورىنمۇ ئاستا ئۇ بالىنىڭ قېشىغا بېتىپ ناخشىسىنى ئاڭلاپ جىم تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ناخشىسى تۈگىگەن ھامان دەرھاللا گىتارىنى تىرىڭشىتىپ ئۈگەنگەن ناخشىسىنى ئېيتىدۇ. ئاۋازىنى بۇرۇن كەلگەن بالىدىن ياڭراق، ئۈنلۈك قىلىپ ئېيتىدۇ. ئۇ بالا دەسلەپتە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپ، ئۇندىن كىيىن بۇنى چۈشىنىپ ۋورىننىڭ ناخشىسى تۈگەش ھامانلا ئۇ دەرھال ناخشىسىنى باشلىۋالىدۇ، ھەم ئاۋازىنى تېخىمۇ ئۈنلۈك چىقىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇلار بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن ئۇلاپ ناخشى ئېيتىشىپ يېرىم كىچىدە قىز بالىنىڭ ئۈيىدە چىراق ئۆچكەندە ئاندىن ئاۋازى پۈتۈپ ماغدۇرسىزلىنىپ ئاران ئۈيىگە قايتىشىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇلار كۈندە كەچتە ئۇ قىز بالىنىڭ ئۈيىدە ناخشا مۇسابىقىسى قىلىپ ھەر ئىككىلىسى ھېرىپ كىتىدۇ. بىر كۈنى ۋورىن چىدىمايدۇ:
– ھەي، سىنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشىڭ يوقما كۈندە بۇ يەرگە مەندىن يەر تالىشىپ كىلىپ
– سىنى ئۈيۈڭدىن قوغلىۋەتكەنمىتى، يا ئېيتقان ناخشاڭنىڭ تايىتىنى يوق، سازنى ئوڭشاپ چالالمىغان. مەن سەندىن بۇرۇن كەلگەن بۇ يەرگە
– مەندىن بۇرۇن كىلىپ يا ئۇ قىز بالىنى كەلتۈرۈپ بۇلالماپسەن، كەلتۈرەلىگەن بولساڭ بۇ چاققىچە كىلىپ بۇلىتتى، ئۈزەڭنى ئاۋارە قىلماي ئەمدى بولدى قىلساڭ بۇلامدىكى
– سەن بولدى قىل، ئۇ سەندەك ئوغۇل بالىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇنى مەن بىلىمەن
– ئۇنى شۇ قىز كۆڭلىدە بىلىدۇ. مەن سەن بىلەن بۇ يەردە بىللە تۇرۇشتىن بەك تويدۇم، ئوغابالا بولساڭ ئەتە كەچتە بىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشەيلى، يەنى ئەتە بۇرۇن كىلىپ ئۆز پەدىمىزدە ناخشا ئېيتىپ تاكى شۇ قىز بالا چىقىپ ئىككىمىزدىن بىرىنى تاللمىغۇچە ئۇ يەردىن كەتمەيمىز، نەچچە كۈن،ئاي كەتسىمۇ نەتىجىسىنى چىقىرىپ بىرسىمىز ئۇ قىز بالىنى يىتىلەپ كەتكۈچە. قانداق؟
– چاتاق يوق، مەن تەييار.

ئەتىسى كەچتە بۇ ئىككسى قورساقنى راسا تويغۇزۇپ. پىۋىسىنى ئانچە مۇنچە ئىچىپ ئاۋازىنى سازلاپ بۇرۇن كىلىپ چاتما ناخشىسىنى باشلايدۇ، ئېيتا ئېيتا ئاخىرى تاڭ ئاتارغا يىقىن ئۇ قىز بالا ئۈيىدىن چىقىپ ھېلىقى بالىنىڭ قېشىغا كىلىپ نازلىنىپ تۇرۇپ ۋورىنغا دەيدۇ:
– قەدىرلىك ۋورىن، مەن ئۈچۈن ئېيتقان ناخشىلىرىڭىزغا كۆپ رەھمەت، مەن بۇلارنى مەڭگۇ ئۇنتالمايمەن، لېكىن مەن سىزنى قانچە قىلساممۇ ياخشى كۆرەلمەيدىغاندەك تۇرىمەن، بولسا سىز مىنىڭكى ئادەتتىكى دوستۇم بولسىڭىز، بۇ سۈيۈملۈك ھازىردىن تارتىپ مىنىڭ ئوغۇل دوستۇم بۇلىدۇ.

ۋورىن كەينىگە ئۇچۇپ كىتىدۇ،
– نىمىشقا، نىمىشقا؟
– سىز سازنى بەك ياخشى چالىدىكەنسىز، سۆيۈملۈكۇم سىزدەك چالالمايدىكەن. لېكىن ئادەمگە موھىم بولغىنى ساز چېلىش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى. مىنىڭ بۇ سۈيۈملۇكۈمنىڭ ئىستىقبالى سىزدىن ياخشى. ئۇ سىزدىن نەچچە ھەسسە جىق پۇل تاپىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ھىلىقى بالا بۇ ئۇماق قىزچاقنىڭ مابىتى بولۇپ قالىدۇ، ئۇ بالا گۈزەلنى باغرىغا بېسىپ، ۋورىن قاپاق گىتارنى يانپاشقا ئېسىپ بۇ يەردىن ئايرىلىدۇ. ۋورىن ئۈيىگە كىلىپ تامغا چوڭ قىلىپ « ئىستىقبال، ھەممىنىڭ ئانىسى پۇل» دەپ يېزىپ قويىدۇ.

ئەتىسىدىن تارتىپ قاتتىق بىرىلىپ ئىشلەيدۇ، چۇنكى زىھنىنى ۋە ۋاختىنى بۈلىدىغان گۈزەل قىز يوقتە. ئۇ شۇ ئىشلىگەنچە ئۈزى رېخىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيدىغان كىيىملەرنى سېتىپ شۇ ئايلىق مال سېتىش چىمپىيۇنى بۇلىدۇ. سائىتىگە ئالىدىغان 75سىنىت ئىش ھەققىدىن باشقا يەنە بىرمۇنچە مۇكاپات ئالىدۇ. ئۇ خاتىرىسىگە« مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ خىزمەتتە روناق تاپ» دەپ يازىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە بارلىق مال ساتقۇچىلار دوكاننىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ رەتلىك سەپ بولۇپ تىزىلىپ دوكان باشلىقى سۈز قىلىپ مالنى جىق سېتىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك قىلىدۇ، ئۇندىن كىيىن ھەممەيلەن خور ئوقۇيدۇ. ۋورىن ئۈگەنگەن قاپاق گىتارى بىلەن بىر تەرەپتىن ساز چېلىپ بىر تەرەپتىن ياڭراق ئاۋازدا خور ئوقۇشقا باشلامچىلىق قىلىدۇ.

13 ئىنكاس بار »

  • polkonic :

    ھى ھى … ھېلىقى قىز بالا ھازىر پۇشايمان قىلغاندىمۇ قانداق ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • nazary :

    جېك ئەپەندى ئۆزى تەرجىمە قىلغان ماقالىكەن بۇ .
    تەرجىمە پەچەت يىقىشلىق يۇمۇرۇستىك چىقىپتۇ.
    چاتما ناخشا،ناخشا مۇسابىقىسى،ھىلىقى بالا بۇ ئۇماق قىزچاقنىڭ مابىتى بولۇپ قالىدۇ، ئۇ بالا گۈزەلنى باغرىغا بېسىپ، ۋورىن قاپاق گىتارنى يانپاشقا ئېسىپ بۇ يەردىن ئايرىلىدۇ
    ماۋۇ گەپلەرنى دەيمۇ تىخى . ھاھاھا

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • kizikqi :

    مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • كۇنۇپكا :

    ئادەتتە خوتۇن خەقتىن ياخشىلىق كەلمىسە، شۇنىڭدىن باشلاپلا ئادەمنى ئۆمۈر بۇيى نەس باسىدىغان ئىدى. ماۋۇ قېرىغا ياش ۋاقتىدا ئاشقى ۋاپا قىلماپتىكەن، شۇنىڭدىن كىيىن ئىشلىرى ئوڭدىن كىلىپتۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئەركىن قۇش :

    ياخشى چىقىپتۇ.
    بىلىكتىكى ئەزىزلەر بۇ يەردىمۇ بار ئىىكەن ھە!
    بىلىك تالادا نۇرمالمۇ يا ؟ !

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • دوختۇر :

    ياخشى ئەسەركەن.داۋامى بھرمۇ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    mrjeck Reply:

    @دوختۇر, تۈگىدى. يوق.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ۋېرانى :

    مۇبارەك بولغاي …ئەمدى ئوينايدىغان يەر چىقتى….

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • قادىخان :

    بەزى قىزلار بار، يا كەسكىن رەت قىلمايدۇ، يا كەسكىن ماقۇل دېمەيۇ، خۇددى «خەق ئالسا خەققە تېگەي، بولمىسا سىزگە تېگەي» دېگەندەك ئادەمنى جىلى قىلىپ. :shock:

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    mrjeck Reply:

    @قادىخان,
    ھا ھا، بەك راس گەپ بولدى

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • رادىئو ھەۋەسكارى :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، بىتىڭىز خىلى يامان ئەمەس ئچىلدى ، سۇرئتى خىلى تىزكەن ، لىكىن ئنكاس يازسام ، خەتلىرى تازا توغېا ئۇلانمىدى ، خەتلەرنىڭ ئارىسىغا كاتەكچە چىقىۋالدى .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Eagle :

    ئاۋال بۇ يېڭى بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. مۇ ماقالىنىمۇ قىزىقىپ ئوقۇۋەتتىم.

    ۋورېننىڭ ئەھۋالى خارۋاردتىكى قۇدرەتجاننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ قالامدۇ نىمە؟ ناۋادا قۇدرەتجاننىڭ تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىزى ئۇنى رەت قىلمىغان بولسا، ئۇ يەنە خارۋاردقا كېلەلىشى مۇمكىنمىدى؟

    قارىغاندا، قىزلار رەت قىلسا، ئوغۇللار بەلنى تېخىمۇ چىڭ باغلايدىغان ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلاردىن تېخىمۇ كۆپ ياراملىق يىگىت-ئەرلەرنىڭ كۆپرەك چىقىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر قىزلىرى كۆپرەك رەت قىلسا بولامدۇ-نىمە؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • FinalFantasy :

    ماۋۇ ئىسىم ۋە ئىنكاس يازىدىغان رايوننىڭ فونتى تېخى تەڭشەلمەپتۇ.
    ئاندىن بولسا، تۆۋەندىكى خەتكۈچ كۆرسىتىدىغان يەردىكى كودلار.
    ئاندىن قالسا، ئىنكاس يوللاش كۇنۇپكىسىنىڭ فونتى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..