Jeck ساق سالامەت، بلوگ شىنجاڭدا تور ئېچىلىشىنى ساقلايدۇ. Jeck Returned to USA, Safe
تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر. پېقىر 6-ئايدا توي قىلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل شىنجاڭدا بولدۇم ۋە توينىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن بلوگقا قارىيالمىدىم. كىيىنچە 7-ئايدا چىققان ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن تور ئۈزۈلۈپ كەتتى. ۋەقەدىن كىيىن ئىچكىرگە كىلىپ بىر مەزگىل تۇردۇم، قايتىپ كىلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشمغا سەل توختاشقا توغرا كەلدى، بىرئايدىن ئارتۇق ۋىزا ساقلاپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرەر ھەپتىلەر بۇرۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا مەكتىۋىمگە يېنىپ كەلدىم. ھازىر مەكتەپتە.
توي قىلغاندىن كىيىن توردا بىرىنچى قېتىم توينىڭ رەسىملىرىدىن بىرقىسمى تارقىتىلغاندىن كىيىنلا تور تاقىلىپ قىلىپ تويغا بارالمىغان نۇرغۇنلىغان تورداشلار توينىڭ ئەھۋالىنى كۆرەلمەي قالغان ئىدى. پېقىر كىيىنراق شۇ رەسىملەرنى ۋە باشقا رەسىملەرنى تورداشلارغا سۇنىمەن.
شىنجاڭدا تور ئۈزۈلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرى تور دۇنياسىدىن يوقاپ كەتكەندىن بىرى تۇرمۇشۇمدا بىر نەرسە كەم يۈرۈۋاتىمەن. گەرچە ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى تېخنىكا يوق دىيەرلىك، تىما دائىرىسى تار دىگەندەك نۇرغۇنلىغان سەۋەپلەر بىلەن ئۈزلۇكسىز تەنقىد قىلىپ كىلىۋاتقان بىرسى بولساممۇ لېكىن شۇ توربەتلەرنىڭ تۇرۇمۇشۇمنىڭ بىرقىسمى بولۇپ قالغانلىغىنى ناھايتى كۈچلۈك ھىس قىلدىم. ئارلىقتا بىر مەزگىل ئىچكىردە تۇردۇم، تورغا چىقىش شارائىتىم بار ئىدى. لېكىن شىنجاڭدىكى تورداشلارنى ساقلاپ ئۈز قېرىنداشلىرىمىز تورغا چىقىش شارائىتىغا ئىرىشكەندە ئاندىن بلوگنى داۋاملاشتۇرسام بۇلامدىكىن دەپ ئويلاپ ساقلاپ ئولتۇردۇم. بۇندىن كىيىن ئۇچۇر خاراكتىرلىق نەرسىلەر بولسا يوللاپ تۇرىمەن. ئەگەر شىنجاڭدىكى تور كىلەر يىلى بېشىغىچە ئەسلىگە كەلمىسە شۇ ۋاقىتتا قاراپ باقارمىز.
چەتئەلدىكى ۋە ئىچكىردىكى دوستلار، سىلەرمۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر، قانداق يىڭىلىقلار بار.
توي قىلغانلىقىڭىزنىڭ بىر يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن!!!
مەنمۇ بلوگىڭىزنىڭ بىر ئوقۇرمىنى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھۆرمەتلىك تۇرسۇن(جېك) ئەپەندى، ئامان -ئېسەن تۇرغانلىقىڭىزدىن خۇرسەن مىز،توي قىلغىنىڭىزنى توردىن كۆرگەن ھەمدە بەخت تىلىگەن ئىدۇق، خەير، ئامان بولۇڭ، ئاللاھغا ئامانەت.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
شىنجاڭنىڭ تورى بۈگۈندىن باشلاپ ئېچىلدى، مانا مەن شىنجاڭدا تۇرۇپ بۇ خەتنى يىزىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ بلوگنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
شىنجاڭنىڭ تورى بۈگۈندىن باشلاپ ئېچىلدى، مانا مەن شىنجاڭدا تۇرۇپ بۇ خەتنى يىزىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ بلوگنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تا بۈگۈنگىچە تور ئېچىلغىنى يوق ، بۈگۈن ئىچكىرىدە تورغا چىقىپ قالدىم .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يازمىللىرىڭىز ئىچىكىردىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر باللىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ، ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە بىلوگنى يەنىلا يېڭىلاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. ھىچ بولمىسا ئۇيغۇر باللىرى ئۆز-ئارا سالاملىشىپ تۇرارمىز،مىنىڭ ئاڭلىشىمچە شىنجاڭ تورى شاڭخەي دۇنيا سودا كۆرگەزمىسى دىن كىيىن ئېچىلارمىش
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن بۇ بىلوگنى بۇرۇن بىلمەيتتىم ، كىيىن بىر دوستۇمدىن ئاڭلاپ زىيارەت قىلغان ئىدىم.لېكىن بەك ئۇزۇن بولۇپتۇ قايتا كەلمىگىلى.سىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
ھېلىھەم سىزدىن ئۈمۈت قىلىدىغىنىم گەرچە شىنجاڭدا تور توختاپ كەتكەن بولدسىمۇ ، سىزنىڭ يەنىلا بۇ بىلوگىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئىچكىردىكى بىزلەرمۇ سىزنىڭ مۇشۇنداق ئۇچۇرلىرىڭىزغا مۇھتاج!!!
بىز ھەم سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزدىن خەۋەردار بولالايمىز ھەم شىنجاڭدىكى بالىلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمىز!!!
بىز سىزنى بار كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز!!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك قارى بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىلىمۇ تويدىن كىين ئېلخەت يوللىسام تېخى جاۋاب يوق ساقلاپ ئولتۇرۋاتىمەن~~~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۈگۈن مەكتىپىمىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى مەركىزىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدىغان بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ شۇ ھامان بىزگە ئالاقىدار جايلىرىنى ئۈزۈندە قىلىپ ئېلان قىلدىم.بۇ خەۋەردىن كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەر قىلساق دىگەن نىيەتتە بۇ يەرگە خەت يىزىپ ئولتۇتۇپتىمەن،يازمام ئادرىسى
http://uyghurbeg.blogbus.com/logs/52530433.html
بولسا بۇ يازمىنى سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئېلان قىلساق،باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىلىپ قالسا!خەيىر،ئامان بولۇڭ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ بلوگى مەخفىي شىفىر تەلەپ قىلىدىغان بولۇۋاپتۇ….بىرەرسىڭلار يوللاپ قويغان بولساڭلار ياخشى بولاتتى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
شۇ ئەمەسمۇ،ئىچكىرىدىمۇ بىلوگىڭىزغا تەشنا بولۇپ كەتكەنلەرمۇ ناھايىتى كۆپقۇ،ئۇنداق دەپ باھانەكۆرسىتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام.
مەن بۇ بلوگنى ئاچقان ئىدىم. ئىنكاس كۆزنىكى ياخشى ئىشلىمەۋاتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تېخنىكلىق ياردەملەرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
سورايدىغانغا باشقا كىشى تاپالمىدىم.
http://kurkumguli.blogspot.com
كۆپ رەھمەت.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تور بېتىڭىز ئاخىرى يىڭىلىنىپتۇ دە. شىنجاڭ تورىنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي ،ئەڭ ياخشىسى ھازىردىن باشلاپ ، شىنجاڭدىكى قىرىنداشلارغا يىڭى يىڭى يازمىلارنى تەييارلىغاچ تۇرمايمىزمۇ؟
قانداق دىدىم؟…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىزلەرمۇ كىرىمىز جۇمۇ بېتىڭىزگە~ پات – پات يېڭىلاپ قويغايسىز~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام مەن ئەلى كىرورەن تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا مەن سىزدىن مەسىلە سورېا
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۈگۈن يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم ، تورداشلار توغرا دەيدۇ ، بولسا ياخشى ماتىرياللار بولسا يولاپ تۇرايلى .بىز بولساقمۇ كۆرگەچ تۇرمامدۇق
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بىلوگنى يىڭىلاپ تۇرۇڭ!ئىچكىرىدىكىلەر بولساقمۇ كۆرگەچ تۇرايلى!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
توغرا…قايتقاندا قايسى ئىشقا دىققەت قىلىش كىرەك ئىكەن؟بارساق قايسى ئىش بىلەن ئاۋارە قىلدىكەن؟ ھازىر قايتىشقىمۇ جۇرئەت قىلالمايدىغان بۇلۇپ كەتتۇق…قاچان يوق يەردىن پۇتاق چىقرىپ قايتا ئۇقۇغۇلى چىقالماسمىزمىكىن دەپ بولسا مۇشۇ توغرسدا ئازراق بىر نەرسە قالدۇرۇپ قويسىڭز ~~~~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھورمەتلىك جەك ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز.12-ئايلاردا يۇرتقا بىر بېرىپ كېلىدىغان پىلانىم بار ئىدى،يازمىڭىزدىن يۇرتقا يېقىندا بېرىپ كەلگىنىڭىزنى بىلدىم(ياكى تويغا بېرىپ ئەمدى كەلدىڭىزمۇ يە!؟) ھەم بەزى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلدىم .ئويلاپ قالدىم..قانداق بىز ئويلاپ باقمىغان ئاۋارىچىلىقلار باردۇ دەپ………بىزنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويمامسىز تەييارلىق بىلەن بارايلى، رەھمەت!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يووووووووووپانا تۇرسۇنجان،سىزمۇ يېڭلايدىكەنسىز بۇ بىلوگنى.سىزگە دەۋىرىپ ئاغىزىمنىڭ بىر قات تېرىسى چۇشۇپ كەتكەن ئىدى.ئاخىرى ئىنكاس چىقتى مانا…كورىيەگە يەنە كىلىشڭىزنى قارشى ئالىمىز…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام.
توردا بولسىمۇ ساق سالامەت كۆرۈشكىنىمىزدىن خوشالمەن.
ئامانلىق ۋە ساق سالامەتلىك تىلەيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بلوگىڭىزنى يىڭىلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد كىلىمىز…..ئامان بولۇڭ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھە ھۇ دەپ قويايلى جىك ،بولمىسا ئادەم ئەنسىرەپ قالىدىكەن .بولسا تور ئىچىلىشىنى ساقلاپ تۇرماي ئانچە مۇنچە يازغاچ تۇرساق بولارمىكىن ،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئوڭۇشلۇق قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى قارىشى ئالىمىز، ھاھاھا
سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۇزۇن زاماندىن بىرى يېڭىلانماي بىزلەرمۇ ئىچىمىز پۇشۇپ تۇرغان ئىدۇق. ئەمدىغۇ يېڭىلارسىز بۇ بلوگنى؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنمۇ بلوگىمغا شۇنداق نادىر(ھاھاھا ئۈزۈم شۇنداق ئات قۇيۇۋالدىم) يازمىلارنى تىزساممۇ مەندىن باشقىلىرى كۆرمەيۋاتىدۇ،ئامال يوق ماقالىلەرنى كومپىيۇتۇرۇمدا ساقلاپ قۇيۇپلا….
سالامەت تۇرغانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم.خەپ،سىزنىڭ قېشىڭىزغا كەلگەندە…
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سالام!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم : ھۆرمەتلىك ئەلى ھېسامىدىن ئاكا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ ئائېلىدىكىلەر سالامەتمۇ ؟ ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ھەم سىزنى تونىماي ...
مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، ...
رەخمەت ئاكا،شۇنداق جاپالارنى چېكېپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭېزنى بەرسۇن.
War of Independence is the best proof.銆侰arney unemployment rate is expected to achieve this goal takes 3 years銆侻eeting noted that ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىق ...
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئالاقىلىشىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن چ چ ياكى ئۈدىدار نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم، قېرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن. مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپىيۇتېر ...
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel