[Koltigen] بوۋاققا سالغان قارا قۇلۇڭنى تارت Save My Baby
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققى قىلىپ 21-ئەسىرگە كىرگەن،جۇڭخۇا ئېلىنىڭ بەش مىڭ يىلىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش،خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىۋاتقان، جۇڭگونىڭ يۈز-ئابرويىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەرمىللەت خەلقى تېرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈۋاتقان مەزگىلدە،ئىنسانلارنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ تۆۋەن ئەخلاق ئۆلچىمىنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجۇۋاجۇئاڭ شەھىرىدىكى بوۋاقلار ئۈچۈن سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاتالمىش ”داڭلىق كارخانا“ سەنلۇ باشچىلىقىدىكى 22كارخانا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىستىمال بۇيۇمغا ئارىلاشتۇرۇش چەكلەنگەن خىمىيىلىك تەركىپ قېتىپ،ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ تاشلاپ،پۈتۈن جوڭگۇ ۋە خەلقئارانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋېنچۇئەندىكى يەر تەۋرەشتە جوڭگۇ خەلقىنىڭ ئېتپاقلىقى،جاپادىن قورقمايدىغان روھى،بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسا ھەممە تەرەپ ياردەم قىلىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى دۇنيا خەلقىغە نامايان قىلىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان پۇلدىن باشقىغا چوقۇنمايدىغان بىر تۈركۈم مۇناپىقلار،ۋىجدانىنى،غۇرۇرىنى،ئىنسانپەرۋەرلىكىنى يوقىتىپ،زەھەرلىك قارا قۇلىنى دۇنيادىكى ئەڭ پاك،ئەڭ گۈزەل،ئەڭ تاتلىق بولغان ۋەتەننىڭ كەلگۈسى،ئىنسانىيەتنىڭ داۋامىغا تەپتارتماستىن سالدى.بۇ خىل رەھىمىسز،ئىنسان چىداپ تۇرغۇسىز قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەش ۋە جازالاش كېرەك.گەرچە ئۇلار ئۆز قىلمىشىنى قانداق ئاقلىسۇن ئۇلارنى مەڭگۈ كەچۈرمەسلىك كېرەك!!!
ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا سۆيۈملۈك پەرزەنتىدىن نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ،بارلىق سۆيگۈسىنى ئاتا قېلىپ،يەنە ئاتا قىلمىغان نېمە نەرسىسى بارلىقىنى ئىزدەپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە،سەنلەر ھەر خىل ۋاسىتە قوللىنىپ،ئاتا-ئانىنىڭ سۆيگۈسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ قۇلىغا زەھەر بېرىشتىڭ،ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ بارلىقى بولغان تىلسىز بوۋاققا ئۆز قۇلى بىلەن زەھەرنى ئۆچۈردى.دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە بولامدۇ؟! سەنلەرنىڭ ئۇستىلىق بىلەن قۇرغان ئالدام خالتاڭغا چۈشكەن ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ بارلىقىغا نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان زەھەر ئىچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بىلگەندە،يۈرەك-باغرىنىڭ قانغا مىلەنگىنى سەنلەر مەڭگۈ ھېس قىلالمايسەن!ئۇلار ھامان سەندەك پەسەندىلەردىن ئىنتىقامىنى ئالىدۇ ۋە ئالغۇسى!
دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلغان مەھسۇلات دېگەن نامنى ئېلىپ،مەھسۇلاتىڭنى ئابرويىنى دۆلەتنىڭ نوپۇزى بىلەن باغلاپ قىلغان پەسكەشلىكىڭنىڭ دۆلەتنىڭ نوپۇزىغا قانداق تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىشمەمتىڭ.ھەرمىللەت خەلقى 60 يىلدىن بۇيان جاپالىق كۆرەش ئارقىلىق تىكلىگەن دۆلەتنىڭ نوپۇزىنى، سەندەك ئەخلەتلەر تۆكىشسەڭ، بۇ دۇنياغا پاتقۇسىز ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟!
ساختا سۈت پاراشوكىنى ئىشلەپ بوۋاقلارنىڭ بېشى يوغىناپ كەتكەندە،قارا خىش زاۋۇتىدا ئىنساننىڭ ھوقۇقىنى مەھرۇم قىلىپ دەپسەندە قىلغاندا،جۇڭگودىكى ھەرمىللەت خەلقى سەنلەرنى قاتتىق ئەيىبلىگەندە،باشقا ئەل خەلقى بىزگە قانداق كۆزى بىلەن قارىدى.بىر دۆلەتنىڭ نوپۇزىنى، ئىناۋىتىنى نەچچە ئون يىلدا تىكلەپ بولغىلى بولامدۇ.بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئەمىلى ھەركەت كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟! جوڭگۇ خەلقى سەنلەرنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ….
ئىشلەپچېقارغىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە يېزىپ قويغاندەك مەھسۇلات ئەمەس،بەلكى بىر زەھەرلىك ئەخلەت ئىكەنلىكىنى بالدۇر بىلىشكەندە،بىرىڭ پۇلدىن يەنە بىرىڭ ھوقۇقتىن كېچەلمەي خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشتىڭ،ئىش پاش بولغاندا گەدىنىڭنى يەرگە تەگكۈچە ئېڭىشىپ كەچۈرۈم سورىسام ئىش تۈگەيدۇ دەپ ئويلامسەن.سەنلەر ئەڭ ياخشىسى يەرشارىدىن يوقۇلۇش…
سەھىيە تارماقلىرىدىكى سامان قۇرساق ئەپەندىلەر،خانىم-قىزلار تىنىچ-ئامان تۇرغاندۇق.ئىش چىقمىسا سىلەرنى تېلۋۇزۇردا كۆرگىلى بولمايدۇ.ئىش چىقسا زۇۋۇك تالىشىپ شالىڭلارنى چېچىرتىپ سۆزلەپ،80%مەھسۇلات يەنىلا ئىشەنچىلىك دېگەندە نىمىشقا يۈرۈڭلار قىزارمايدۇ.بوۋاقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىگىگە قۇيۇلغان تەلەپ 100%ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟قايسىڭ بېرىشتىڭ ئاۋۇ ”دۆۋلەت سۈپەت تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش“ دېگەن كىنىشكىنى؟
بۇۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىشنى دولەتمۇ تەشەبۇس قىلىۋاتىدۇ،بىراق خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەيرېلىپ تۇرۇش،ۆېسەلىك سەۋەبىدىن ئىمىتمەسلىك،سۈت چېقماسلىق دىگەندەك ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى يەنىلا سۈت پاراشوگى تايىنىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ.بۇنداق مەسىلىنى ئەخلاق تەربىيىسى،ئىنسانپەرۋەرلىك تەربىيىسى،نازارەتچېلىكنى كۆچەيتىش تەربىيىسى ۋە دېننى-ئاتقاد،ئۆرۈپ-ئادەت تەربىيىسىنى داۋاملىق ككچەيتىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
جۇڭگودىكى نەچچە ئون مىليون ئاتا-ئانىنىڭ ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكىنى،خەلقنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ قانچىلىق كۈچۈيۈپ كەتكەنلىكىنى مەن دېمىسەممۇ ھەمىمىز بىلىمىز.
دۆلەتنىڭ ئابرويىنى تۆكىدىغان،خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغا
ن،ئىنسان كەچۈرەلمەيدىغان بۇنداق قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەش كېرەك!بوۋاقلارغا زەھەرلىك قۇلىنى سالغان بەد-بەغلەرنى مەڭگۈ لەنەت مېقىغا مىخلاش كېرەك!!!
(Jeck بلوگىدىن كولتىگن يازمىسى )
شۇ ەمەسمۇ يەكەننڭ ۇزدمۇ 1 بوۋاق ۇلۇپتۇ 157 بوۋاق قۇتقۇزلۋاتدۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھېلىمۇ ۋاقتىدا بايقالدى تېخى ، بولمىسا يەنە قانچىلىك سەبىيلەر زىيانغا ئۇچرايتىكىن – تاڭ…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نارىسىدىلەرگە قارا قولىنى سۇنۇشقا قانداقمۇ قولى بارغاندۇ ناكەسلەرنىڭ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قان قىنىغا سىڭىپ كەتكەن ئىشلارغا ئامال يوق!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel