باشبەت » ئويلانمىلار, كولتىگىن

[Koltigen] دىھقانلارنىڭ چىقىش يولى نەدە How to make our farmers rich?

19 سېنتەبىر 2008 486 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس

دىھقانلارنىڭ چىقىش يولى نەدە
Jeck بلوگىدىن كۆلتىگىن يازدى

يېزا-ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار توغرىسىدا، ئانچە پىشمىغان كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان،يېزا ۇتەخەسسىسلىرى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن، نۇرغۇن يازغۇچى،شائىرلار دېھقانلارنىڭ ئەجرىنى،چەككەن جەبرى- جاپاسىنى مەدىھلەپ ھېكايە،شېئىرلارنى يازغان،كادىرلار بولسا ئۇلارنىڭ جاپاسىنى مۇتلەق مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇنداقلا دېھقانلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن بولسىمۇ،يەنىلا نۇرغۇن دېھقانلار نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئالدى كەينىدە چۆرگىلەپ كېتەلمىدى.  شەھەردىكى كوچا-كويلاردا كېتىپ بارغان،نەرسە كېرەك سېتىۋالغان كىشىلەرنىڭ تەقى-تۇرقى،كىيىنىشىدىنلا ئۇنىڭ دېھقان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس،شۇنداقلا شەھەرلىكنىڭ ئۇلارغا مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە ياكى بولمىسا تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئىپادە بىلەن قارىشىدىن،ساتارمەننىڭ دېھقاننى كۆرگەندە تەلەپپۇزىنى قىسمەن ئۆزگەرتىپ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىدىن، كۆپۈنچە شەھەرلىكنىڭ رۇزى سايىتنىڭ“دېھقان بولماق تەس“دېگەن شېئىرنى ئوقۇمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالغىلى بولىدۇ.بۇلارنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ۋە ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان نەزەر بىلەن قاراشقا سەۋەپ بولىشىدا،ئۇلارنىڭ نامراتلىقى تۈپ سەۋەپ بولغان.
بۇرۇنقى زاماندىكى مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن ھېكايە،چۆچەكلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا كۆپۈنچىلىرىدە تەسۋىرلىنىشىچە ،ئەر پېرسۇناژ نامرات،ئايال پېرسۇناژ باي ئائىلىدىن ياكى خان ئەۋلادىدىن بولغان بۇلۇپ،ئۇلار مەقسەت-مۇرادلىرىغا يېتىش ئۈچۈن چەككەن ئازاب-ئوقىبەتلىرى تەسۋىرلىنىدۇ.دېمەك مۇشۇنداق ئەسەرنى يازغۇچىنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى مەيلى باي ياكى نامرات بولسۇن باراۋەرلىككە،ئادىللىققا ئېرىشىش.ناۋادا ئەر باي ياكى خان ئەۋلادى،ئايال كىشى نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئۇنچىلىك كۆپ جەبرى-جاپالارنى چېكىش نە- ھاجەت بولسۇن.بۇ خۇددى ئابدۇرېشىتخان ئوۋغا چېقىپ،چىرايلىق تالانتلىق ئامانىسىخاننى كۆرۈپ،ئۇنىڭغا ئاشىق بۇلۇپ، ناھايىتى تېزلا توي قىلىپ مۇرات-مەقسەتلىرىگە يەتكەندە، بۇ جەريان ناھايىتىمۇ ئاددىيلىشىپ قالىدۇ. ئادىللىق، باراۋەرلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولماي قالىدۇ-دە،ئامانىسىخانغا تەسەدىبى بەخت قۇشى قوندى.ئۇلار چوقۇم توي قىلىشى ھەق،چۈنكى ئابدۇرېشىتخان دېگەن پادىشا تۇرسا دېگەن يەكۈن يەكۈنلىنىپ قالىدۇ.
تۆۋەندە دېھقانلارنىڭ بېيىشى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى:
دېھقانلارنى بېيىتىشتا پەن-تېخنىكىغا تايىنىش،يېزا-ئىگىلىك سايمانلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش،دېھقانچىلىق ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش،دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە ئاندىن دېھقانلار بېيىيدۇ،دېيىلىپ كېلىۋاتقىلى نەچچە ئون يىل بولدى.بىراق تۈپكى ماھىيەت جەھەتتە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.سەۋەپ زادى نېمە؟
دېھقان دېگەن يەرگە تايىنىدۇ،دېمەك دېھقاننىڭ قول ئىلكىدىكى يەرنىڭ ئاز-كۆپلۈكى  دېھقاننى بېيىتىشتىكى ئاساسلىق ئامىل.سىز مەيلى زامانىۋى پەن-تېخنىكىغا،ئىلغار ئۈسكىنىگە،ئەڭ ياخشى دېھقانچىلىق ئۇرۇققا تايانغىنىڭىز بىلەن،سىزدە بارى نەچچە مو يەر بولسا ئالىدىغان مەھسۇلاتنىڭ سانى چەكلىك بولىدۇ،بۇ پەقەت ئۆزىنىلا قامداش ئىگىلىكى بۇلۇپ قالىدۇ-دە، زامانىۋى نەرسىلەرنىڭ رولى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.مەن كۆرگەن باي دېھقاننىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قولىدا،نەچچە يۈزمۈ نەچچە مىڭ مو تېرىلغۇ يېرى بار ئىكەن.مانا بۇ ماركس ئېيتقان ”سان ئۆزگىرىشىنىڭ، سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى“دۇر.ساندا ئۆزگىرىش بولماي ئەسلى ھالەتنى ساقلىغاندا، سۈپەتتىن ئۆزگىرىشىنى كۈتۈش ئەمەلىيەتكە  ئۇيغۇن ئەمەس.
خوتەن،قەشقەرنىڭ يېزىلىرىدا تېرىلغۇ يەر كۆپەيمەي،مەھسۇلات مىقدارى يىلمۇ-يىل ئېشىۋېتىپتۇ،بىراق دېھقانلاردا ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس.ئىلغار پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ،سۈپەتلىك ئۇرۇقنى ئىشلەتكەندە ئۈنۈمىنى تېز كۆرگىلى بولىدۇ،بىراق يىلمۇ-يىل مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.ئىلغار پەن-تېخنىكىنى ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇقنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدى كەينىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.داۋاملىق ئۆزگىرىشتىن ئۈمىد كۈتۈش ”قۇرۇق كۆتەك تۈۋىدە،توشقان ساقلىغاندەك“بىر ئىش بولىدۇ.
دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئامىللار بولسا:خىمىيىۋى ئوغۇت،سېلىيوۋ يۇپۇق،سۈپەتلىك ئۇرۇق قاتارلىق تېخنىكىغا ياتىدىغان مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى باھاسىنىڭ يۇقىرى بۇلىشى،دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى يۇقۇرلىتىۋەتكەن،يەرنىڭ جېنى بولغان سۇنىڭ قىس ھەم قىممەت بۇلىشى،زىرائەتنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سۇغۇرۇلماسلىقى تۈپەيلى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ كېمىيىشكە،تەننەرخنىڭ يۇقىرىلىشىغا سەۋەپ بولغان.
ئاغرىپ قالغاندا داۋالىنىش كاپالىتىنىڭ بولماسلىقى ياكى ئىنتايىن تۆۋەن بۇلىشى،دورا ۋە ماتىريالارنىڭ باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش خىراجىتىنىڭ يۇقىرىلىشى قاتارلىق ئامىللار قېتىلىپ،دېھقانلارنىڭ نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئالدى كەينىدە چۆرگىلەشكە مەجبۇرلانغان.خەلق-ئارادىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىنتايىن ئەرزان بۇلىشى،جۇڭگوغا ئوخشاش تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ بۇ بازاردا پۇت تېرەپ تۇرالىشى تېخىمۇ تەسلەشكەن.
ئۇنداقتا،خەلق-ئارا بازاردا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى نېمە ئۈچۈن شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ؟
1- ئامېرىكا،كانادا ۋە ياۋروپادىكى تەرەققى قىلغان ئەللەر دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرگە يۇقىرى تولۇقلىما بېرىدۇ.
2-ئۇلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتا يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ،بىر ۋە بىر قانچە ئادەم نەچچە ئونمىڭ مو يەرنى باشقۇرىدىغان بۇلۇپ،يەر كۆلىمى بىلەن ئىلغار پەن-تېخنىكا مۇۋاپىق بىرلىشىپ، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا تۈرتكە بولغان. دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى،دۆلەت ئومۇمى نوپۇسنىڭ 3-5%تەركىپ تاپقان.بىز بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
3-دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى،بولۇپمۇ ئاشلىق تۇرى دۆلەت سېتىراگىيىسىگە ياتىدىغان تاۋار بۇلۇپ،تەرەققى قىلغان ئەللەر ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، خەلق-ئارىدا ئاشلىقنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ،تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ يېزا-ئىگىلىكىنىڭ ۋەيران بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئاشلىق ئىمپورت قىلىشقا مەجبۇرلاپ،شۇ ئەل خەلقىنىڭ گېلىنى تۇتۇپ،مەلۇم مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە ئىمكان ئاساسى جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس،ئۇنداقتا دېھقانلارنى قانداق بېيىتىش كېرەك؟
بىردىن بىر ئامال،مەبلەغ جەلىپ قىلىپ،كۆپلەپ كارخانا،شىركەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.دىيارىمىزنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك، يەنى چېگرىنى سودىسىنى ئومۇمى يۈزلۈك ئېچىپ،چېگرا سودىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،مەمۇرىي ۋاسىتە قولۇنۇپ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى تۈگىتىپ،كەڭ كۆلەمدە ھەرخىل سۇغۇرتىلارغا قاتناشتۇرۇش،دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان تاۋارلارغا دۆلەت تولۇقلىما بېرىپ،دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.دۆلەت ئىچى ۋە خەلق-ئارادا بازار تېپىۋاتقان ئۆز رايونلىرىنىڭ ھاۋا كېلىماتىغا ماس كېلىدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ  كۆلىمىنى زورايتىپ،ئەن-ئەنىۋى دېھقانچىلىقتىن قۇتۇلۇشى كېرەك.بانكا ئورۇنلىرى قەرز بېرىش سالمىقىنى زورايتىش،مالىيە ئورۇنلىرى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئىلغارلىششىغا ھەقسىز مەبلەغ ئاجرىتىشى ۋە تېخنىك خادىملارنى ئۈزلۈكسىز بىلىم ئاشۇرۇشقا مەبلەغ بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك.يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە مەمۇرىي ۋاستىسىگە ئۆز ۋاقتىدا نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ،مەبلەغنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىپ كېتىش ۋە قارىغۇلارچە مەمۇرىي ۋاسىتە قوللىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.ئۈنۈملۈك تەدبىر قولۇنۇپ ئېقساسلىق خادىملارنىڭ سىرىتقا ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ چىقارغان سىياسەتلىرىنىڭ يەرلىكتە ئىجرا بۇلۇش ئەھۋالىنى، قەرەللىك ۋە قەرەلسىز تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.
يېزا،كەنت رەھبەرلىرىنىڭ تەرەققى قىلغان رايونلارغا بېرىپ ئۆكۈنۈش قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،مەمۇرىي ۋاستىنىڭ رولىنى جايىغا، مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك.نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان يولغا قۇيۇۋاتقان يەرلىكنىڭ مەمۇرىي ۋاستىلىرىغا قاراپ چېقىپ،يەرلىككە ماس كەلمەيدىغان،خەلقنىڭ نارازىلىق كەيپىياتى كۈچلۈك بولغان قىسىملىرىنى بېكار قىلىش كېرەك.ھەقسىز ئەمگەككە سېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ،ھەقلىق ئەمگەككە سېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.“ھاشار بېكار بۇلىشى  كېرەك.“نامرات رايونلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى مەكتەپلەرگە ئۆتكەن بولسا،بىردەك ئۇقۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرۈۋېتىش،ئېغر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى دۆلەت ھەقسىز داۋالاش كېرەك.
قالايمىقان يەر-ئېچىش،ئورمان ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكنىڭ ۋەيران قېلىۋېتىش قىلمىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ كىلىماتنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىش، يامانلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.شەھەر،ناھىيىلەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇشتا ،دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ھەرخىل سەۋەپ بىلەن تۆۋەن باھادا ئېلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە تۇلۇق ھەق بېرىش كېرەك. ناھىيە،يېزا دەرىجىلىك ئورۇنلار، مەلۇم بىر تۈرنى كېڭەيتمەكچى بولغاندا،ئالدى بىلەن ئۆزلىرى سىناق ئېلىپ بېرىپ، نەتىجە قازانغاندا،ئاندىن كىيىن ئومۇمى يۈزلۈك كېڭەيتىش كېرەك.قارىغۇلارچە مەمۇرە ۋاستىگە تايىنىپلا كېڭەيتمەسلىك كېرەك.
ئىلغار پەن-تېخنىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان دېھقانلار قۇشىنى بەرپا قىلىش،ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر جەريان.ئاخبارات ۋاستىلىرى قىزىقارلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۇلار ھەزىم قىلالايدىغان دەرىجىدە پېرگۇرامما ئىشلىشى ۋە دېھقانلارغا ئائىت كىنو،تېلېۋزىيە-تىياتىرىنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ، ماقالە يېزىپ،تېلېۋزىيە پېرگۇرامىلىرىدا ئىگىلىگەن مىقدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەمدە سەنئەت پېرگۇرامىلىرىنىڭ ھەجمى ۋە سېلىنمىسىنىڭ بىر قىسمىنى دېھقانچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرگە ئاجرىتىش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا،دېھقانلار،جوڭگۇ ئىقسادېنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىدىن تۇلۇق بەھرى ئېلىش كېرەك.بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلار قاتلىمىدىكى،بېيرۇكېراتلىق،قاتماللىق،شەكىلۋازلىق،پارخورلۇقنى تۈگىتىپ،يېزا-ئىگىلىككە بولغان سېلېنمىنى زورايتىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغاندا دېھقانلارنىڭ بېيىشىدا ئۈمىد چوڭ!
تۈگىدى.
ftp://mrjeck@..//wp-content/uploads/blog_post_pics/general/dihqan-chiqish-yol02.jpg

3 ئىنكاس بار »

  • كارۋان :

    شىمالى شىنجاڭغا سىز بىزدەكلەرنى ئەمەس، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يۆتكەپ ئېچىقىپ، بىڭتۈەنلەرنى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىگى ۋە تۈرلۈك ساھالىرىگە تۆھپە قوشىمىز……

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • كارۋان :

    ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز ، يۇقارقى ئىنكاسمۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.. لېكىن كاڭشى زامانىسىدىن باشلاپ قۇچقاچقا داننى ئاز بىرىش، بولمىسا قورسىقى تويسا قەپەزدىن ئۇچۇشقا ئۇرۇنۇش پىخسىكىسى قوزغىلىپ قالىدۇ…… بۇ ئىددىيە غەرىپ بىلەن ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ……

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ۋىليام :

    بۇ تىمىنى كۆرۇپ خېلى خۇش بوپ قالدىم .دىھقانلارنىڭ چىقىش يولى ئەمىللىيەتــتە كونا يىڭى تىما ، ھۆكىمىتىمىز 1978يىلدىن باش قاتۇر ۋاتىدۇيۇ ھېچ چوڭ نەتىجە كۈرۈلگىنى يوق . دىھقانلىرىمىزنىڭ كۈنى پاي چەك بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىدەك ھېلى چۇشۇپ ھېلى كۆتۈرلۈپ تۇر ۋاتىدۇ ، مەسىلىنىڭ نىگىزى دىھقانلارنىڭ باي بۇلۇش ئويى بارمۇيوق؟ دىھقانلارنى باي قىلىش ئويى بارمۇ يوق دىگەن مەسىلىگە بارسا كىرەك . ئۆزۈمنىڭ چولتا خىيالىم تۈۋەندىكى 2 تۈرلىك.
    بىرىنچى: دىھقانلارنى شۇ قىشلاقنى ئاساس قىلىپ ، شۇ يۇرتـتىىكى (مەھەللىدىكى) يىرى پۇلى كۆپلەر ئۈچۈن مۇئاشلىق خىزمەت قىلىش ئارقىلىق مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىش. يەرلەر مەركەزلىشىش كىرەك.
    ئككىنچى: خوتەن قەشقەر دەك كىشى بېشىفا 3 مو يەر كەلمەيدىفان يۇرتلاردىكى يۇرتداشلانى زىمىنى كەڭ شىمالى شىنجاڭفا مىليۇنلا يۆتۆكەش كىرەك ، چۈنكى يۇقۇرقى يۇرتلاردا بوز يەر ئېچىش ئىمكانىيىتى يوق ، بولمايدىكەن تەبىئەت بىزنى قۇبۇل قىلماي ئۆچ ئالىدۇ .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..