ئوباما دەۋرى باشلانغۇسى Now It is Obama’s Time
5 نويابىر 2008
556 قېتىم كۆرۈلدى
10 ئىنكاس
شۇنداق قىلىپ 15 مىنۇت ئىلگىرىكى ئەڭ يىڭى سايلام نەتىجىىىدە ئوبامانىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى 338 دىن ئېشىپ مەككەيننىڭ ئىرىشكەن 155 بىلىتىنى ئىككى قاتلاپ يىڭىپ ئامرىكىنىڭ پرېزىدىنتلىقىغا سايلانغانلىغىنى جاكالىدى. ئامرىكىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن بىلەت تاشلاش ياكى سىتاتىسكىلاش تېخى ئاخىرلاشمىدى. لېكىن كىيىنكى بىلەتنىڭ قانداق تاشلىنىشىدىن قەتئى نەزەر ئوباما يىڭىپ بولدى. ئامرىكا ئوباما دەۋرىگە كىردى. قارا تەنلىك ئامرىكىلىق ئادىل سايلام ئارقىلىق پرېزىدىنىتلىققا سايلىنىپ ئامرىكىدا بەلكىم دۇنيا تارىخىدىمۇ بىر يىڭى تارىخ يارىتىلدى.
ئوبامانىڭ ۋەدە قىلغان ئۈزگىرىشلىرى ئارقىسىدا ئامرىكا ۋە خەلقارا ۋەزىيەت ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلەنگۈسى. پېقىرمۇ شۇنىڭ بانىسىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققى قىلىش پۈرسىتىگە ئىرىشىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس.
ھەقىقەتەن، بۇ بۇ قارىۋاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى بۇلشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىلەر. ناۋادا، يۈز نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاق تەنلىك ئامېرىكا پۇخرالىرىنى دىمەي تۇرايلى، 50-60 يىلنىڭ ئالدىدىككىنى ھىساپلىساقمۇ، ئەگەر ئۇلار ھايات بولغان بولسا چۇقۇم بۇنى قۇبۇل قىلالماي قان قۇسۇپ ئۈلۈۋالىتى جۇما ! قارىغاندا بۇ ئامېرىكا دىگەن زادى ھەممە ئش مۈمكىن بۇلىدىغان يەر ئوخشايدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تىرىسى قارىلارنىڭ ھەممىسى ئچ -ئچىدىن خوشال بۇلۇپ يايراپ كەتتى. سىنىپىمدا بىرسى بارتى نىگىريەدىن كەلگەن. مەنمۇ بىرلا (خەنزۇلارغۇ نەچچىسى بار،لېكىن دىگەندەك ئارىلىشىپ كەتمەيمىز)،ئۇمۇ ئافرىقىدىن ئبىرلا(باشقا دۆلەتلەردىن ھە ھالدا 2-3دىن بۇلۇپ، يالغۇز ئەمەس)،شۇڭا ئككىمىز خېلىلا چىقىشىپ قالاتتۇق. سايلامنىڭ ئوتتۇرىدا بىر كۈنى ئۇ مەندىن ئوباما بىلەن مەككېئندىن قايسىسىنى قوللايدىغانلىغمىنى سورىدى. مەن ئۈچۈنغۇ بەرىبىر، لېكىن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەپ بولسىمۇ ئوبامانى دەپتىمەن. ئۇنىڭ بۇ خوشاللىغىنى دىمەڭلار،مىنى كۆرسىلا ئوبامانىڭ پارىڭنى قىلدىغان بۇلىۋالدى. مەنمۇ ھە-پە دەپ ۋاي ئۇنداق سۆزمەنكەن، ۋاي مۇنداق ئەقىللقكەن-دەپ ئۇچۇرۇپ بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئورتاق تىما چىختىى ، ھەر قېتىم ئۇچىرسا مەنمۇ چاخچاق قىلىپ، قانداق بېنسون (benson)ئوباما ئاكاڭ ھازىر نىمە ئېش قىلىۋاتىدۇ دىسەم، ئۇمۇ مىنڭ چېلىۋاتقانلىغىمغا دىققەت قىلماي، تۈنۆگۈن ئۇ پالانى يەرگە باردى، پۇكۇنى بىلەن كۈرۈشتى، مۇنداق دىدى دەپ سۆزلەپ بىرىدۇ. مەنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئاڭلاپ بىرىمەن. شۇنداق قىلپ ئاخىرقى سايلام كۈنىنىڭ ئەتىسى،دەرىسكە كەلسەم بۇ خوش خەۋەرنى بىرىنچى بۇلۇپ ماڭا يەتكۈزدى ۋە كەچتە بىرگە تەبرىكلەيلى دەپ تۇرۇۋالدى. ماقۇل دىدىم. كەچتە دەرسىدىن چۇشۇپ، مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بىر كافىخانىغا كىردۇق ، يەنە بىر ئاغىننسىنىمۇ چاقىرىۋاپتۇ(كىنىيەلىك)، پاراڭلىشپ ئولتۇرۇپ بىرەر پوتولكىدىن پىۋا ئىچىشتۇق. بۇ بىچارىلەرنىڭ شۇ كۈنى ئاغزىى يۇمۇلماي قالدى. كۈلۈپ ئولتۇرۇپ مەنمۇ ئاتام كۆرمىگەن ئۇ قوزىۋاشنى ماختىشپ بەردىم. گەپ ئارىلىغىدا تېخى كنىيە(ئوبامانىڭ يۇرتى )ئەمدى ئامېرىكىنىڭ 51-شىتاتى بولىدىغان بولدىى دىگەن گەپلەرمۇ بولۇپ ئۈتۈلدى. پاراڭ ئارىسىدا بېنسۇن ئۈزىنىڭ بۇ يەردىكى ئوقۇشىنى پۈتتتۈرۇپ ئامېىرىكىغا بارىدىىغانلىغىنى، ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭ بۇلۇشى ئۇنىڭغا زور ئلھام ئېىلىپ كەلگەنلىگىنى ،كىلەر يىلدىن باشلاپ قارا تەنلكلەرنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىش ئېھتىماللىغىنىڭ يۇقىرى بۇلىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى. قايتىپ كىلىپ ئويلۇنۇپ قالدىم، ئوبامانىڭ پرېزىدىنت بۇلۇشى بەلكىم ئافرىقىغا بىۋاستە ھالدا جىق پايدا ئېلىپ كەلمەسلىگى مۇمكىن ، لېىكىن ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن روھى ھوسۇل گەۋدىلىك . ئەلۋەتتە بۇنى توغرا چۇشۇنىشكە بولىدۇ. كىم بىلىدۇ نەچچە ئون يىللاردىن كىينى بىزنىڭ ئامېرىكدا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرەرسى پرىېزىدىنت بۇلۇپ قالامدۇ تېىخى؟ ھا ھا ھا! ئۇ چاغدا پۇتۇن ئۇيغۇرلىرىمىز خوشاللقتا ئاسمانغا چىقىپ كىتەر !!! لېكىن، بۇ قارىمۇ تازا چاتاق ۋاقىتتا ئولتۇردى بۇ ۋەزىپىگە. ناۋادا ئىككى ئۇرۇشىنى ، ئختىسادى مەسلىنى توغرا ھەل قىلالمىسا (ئەلۋەتتە ئاق تەنلىك بۇرادەرلىرىنىڭ ھەمكارلىغىغا باغلىق) مىڭ ئەۋلىيا نەسلىدىن بولسىمۇ بىكار!!!شۇڭا قاراپ باقايلى ، ئاخىرى بۇ >كىنو<قانداق داۋاملىشىدىكىن ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
meningchimu Obamaning yengip chiqqini yaxshi boldi, shuning bilen amerika tarixida jeek ependim eytqandek, bir yengi tarix bashlanghusi!
Obamaning banisi bilen uyghurlar mesilisimu yaxshi terepke qarap qedem basqusi!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنمۇ ئوبامانىڭ يېڭىشىگە بىر بىلەت تاشلىغان ھىھى … لىكىن بۇنىڭغا ئامىرىكىنى يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزۈش خىلى تەس كېلىدۇ قاراپ تۇرۇڭلار … قارشى پارتىيە بۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭنى جىقىراق تېپىشى ئېنىق …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Bizdimu umut bar. kim bilidu bir kunlerde amirika pirizinti biz uygurlardin qikamdu tihi ha ha ……..Yenila umut bilen yaxax kirekken.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
我始终认为真正的民主还是在中国!!!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
其实我不希望美国出现个黑人总统,因为那样的话,我觉得我们很可怜!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يامان قىزىق جۇما ما جىك.
ئوباما مىنىڭچە بوش نىڭ شالتىقىنى خېلى بىر مەزگىلگىچە تەستە يۇغۇشتۇرىدۇ. ئۇىڭغا تەس جۇمۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنمۇ ئوبامانىڭ يېڭىشىنى بەكمۇ خالايتتىم، ئاخىرى بۇمۇ ئەمەلگە ئېشىپتۇ. جېك ئەپەندىم سىز ھېلىمۇ ياخشى پۇرسەتتە. ئاللاھ خالىسا تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پەيزى!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
man adil , manga bir telfun kil!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel