باشبەت » Headline, ئويلانمىلار, پارچە-پۇرات گەپلەر

تۇردى لېتىپ: ئاز سانلىقنىڭ قىسمىتى

30 ماي 2011 2,782 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس

بۇ مىھمان يازمىسى (Guest Post)  شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇردى لېتىپ ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان. تۇردى لېتىپ ئەپەندى ئىزدىنىش تورىنىڭ كونا ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۇ ئۆز ۋاختىدىكى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتوتىنىڭ ئېلېكتىرىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، كىيىن شېنجېندا ۋە ياپۇندا ئىشلىگەن.  2006-يىلى شىنجاڭدا ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ ئۇنىڭ شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان كۆپ تىللىق ئاشخانا رېستوران ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىسېتمىسى شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. تۇردى لېتىپ ئەپەندى توغرىلىق يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىزمەن ۋە مەن ئىشلىگەن سىستىما , مىنىڭ كەسپىم دىگەن تىمىنى، ئۇنىڭ بارلىق يازمىلىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز تۇردى لېتىپ يازمىلىرى توپلانمىسىنى ئوقۇڭ.

ئاز سانلىقنىڭ قىسمىتى

كەچقۇرۇن. دوڭكۆرۋۈك ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئانا بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، يول ياقىسىدا بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان بىر قىزنىڭ نالۇ-پەريادلىرى دىققىتىمنى تارتتى. بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تىزدىنىپ، ئۆزىگە پۇل تەڭلىگەنلەرنىڭ چىرايىغىمۇ قارىمىغان ھالدا ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى ئەزگۈدەك نالە پەرياد قىلىشى، پارچە پۇل تەڭلەنگەنسېرى ئاۋازى شۇنچە تىتتىرەپ چىقىشى، پۇل تەڭلىگەن كىشىنى يەنىمۇ كۆپرەك ياردەم قىلىشقا ئۈندىمەي قالمايتتى. زادى قانچىلىك ياردەم بولسا ئاشۇ نارىسىدە قىزنىڭ نالىسىنىدىكى تىتىرەش بېسىقار؟ ئەتراپتا ئۆتكەن كەچكەنلەر كۆپ، بۇ ئاۋازدىن دىققىتى بۇرالغانلا كىشى قولىنى يانچۇققا ئاپىرىپ قولغا چىققانلىكى پۇلنى ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا تاشلاپ ماڭماسلىققا ئىلاج يوق. چۈنكى بۇ ئاۋاز شۇ قەدەر كىشىنىڭ يۈرەك باغرىنى ئېزەتتى…

بۇ يەردىن ئون مېتىرچە ئۇزاپ، يول ياقىسىدا يۈكىنىۋالغان يەنە بىر مەزلۇمنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ قولىدا بېشىنى ئانىسىنىڭ قوينىغا تىقىۋالغان بىر زاكىلانغان بوۋاق تۇراتتى. ئانا بالىنىڭ دەردىگە يېتىش بەلكىم ئاشۇ تىكەندەك يالغۇز بىر قىزچاقنىڭ بېشىنى سىلىغاندىنمۇ مۇھىمدەك بىلىنەتتى. شۇغىنىسى بۇ ياش ئانىنىڭ نە كىشىنىڭ يۈرەك باغرىنى ئەزگۈدەك نالىسى يوق، پەقەت قولىدىكى بوۋاقلا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئاندا-ساندا پۇل- پىچەك تاشلاپ قويىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس، لېكىن ئالدىنقى نارۇ-زارلىق بوزلايدىغان قىزچاقنىڭكىدىن كۆپ ئاز ئىدى.

ئالدىنقى قىز زادى نېمە دەۋاتقان بولغىيتتى، تىترەك ئارىلاشقان ئاۋازدىن گەپ سۆزنى پەرق قىلىش تەس، ئېغىر تالاپەتكە يولۇققانلىقىنىلا ئىلغا قىلغىلى بولىدۇ. بەلكىم دادىسى ئاغرىپ قالغاندۇ، ياكى … مەيلى نېمىلا بولمىسۇن بىر نارىسىدە قىزچاقنىڭ جەمئىيەت بۇسۇغىسىغا قەدەم ئالا-ئالمايلا يۈكۈنۈپ باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشتەك ئېغىر قىسمەتكە مۇپتىلا بولۇشى ئىشنىڭ ئاددىي ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. شۇڭىمۇ دىققىتى بۇرالغانلىكى كىشىلەر ياردەم قولىنى سوزۇۋاتاتتى. بوۋاقلىق ئانىغا بولسا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتالمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتى.

دېمەك، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ياردەمگە ئېرىشىشتىن دېرەك بېرىدىغاندەكمۇ قىلاتتى.

مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھايات كەچۈرمىشى دىققىتىمنى تارتتى. ئۈچ جان بەختلىك بىر ئائىلە، بالىنىڭ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولىشى بىلەن يېڭىپ بولماس قىيىنچىلىققا دۇچار بولغان. يۇقىرى راسخوتتىكى داۋالىنىش چىقىمى ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەنگە بارمايدىغان دېھقان ئائىلىسىنى قەرز ئېلىشتىن باشقىغا ئامال يوق ھالغا ئاپارغان. بالىنىڭ كۈندىلىك داۋالاش چىقىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 2000 يۈەن بولغان. يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئاتا ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. ھەر تەرەپكە قاتراپ ھېچ ئامال قىلالمىغان. ئەسلىدىمۇ يېزا-بازار ئەڭ تۆۋەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىلىنىۋاتقان بۇ دېھقان ئائىلىسى، داۋالىنىش راسخوتى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئاتچوت قىلىشقا ئېرىشىلگەن بولسىمۇ ئومۇمىي چىقىمنىڭ 30 پىرسەنتىگە بارمىغان بۇ پۇل بالىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشقا تولىمۇ ئازلىق قىلغان. ئاتا ئاخىرى ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش قارارىغا كەلگەن. ئۇ بىر كۈنى قولىغا پىچاق ئېلىپ پۇل ئاتچۇت قىلىش ئورنىغا باستۇرۇپ كىرىپ بىر خىزمەتچىنىڭ گېلىغا پىچاقنى تەڭلەپ تۇرۇپ بىر سائەتكە يېقىن تىركەشكەن. ج خ خادىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تۇتقۇن بولغان خىزمەتچىنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇلغان. ئاتا ئادەم تۇتقۇن قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن. ئىش شۇ يەرگە بارغاندىلا شۇ يەرلىك بىر گېزىتخانا مۇخبىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئىشنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانى گېزىت يۈزىدە بىر-بىرلەپ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرغان. نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتچى كىشىلەر مەيدانغا كېلىپ، كېسەل كارۋىتىدىكى بالىنىڭ داۋالىنىش چىقىمى كاپالەتكە ئېرىشىلگەن. ئەمدىكى گەپ ئاتىنىڭ جىنايىتىنى قانداق بېكىتىش، تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن كېسىپ تۇرمىگە سۇلاشمۇ ياكى ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىشمۇ، سوت تېخى كېسىم چىقارغىنى يوق، ھازىر رېجىم ھالىتىدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە. مۇناسىۋەتلىك قانۇن تارماقلىرى بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى پىداكارلىق بىلەن ئادەم تۇتقۇن قىلىشنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئاتىنىڭ ئىشىنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكى، ھازىر پەقەت يۇقىرى جىددىلىشىش ھالىتىدە بولغاچقا روھىي جەھەتتە تىنچلىنىۋالغۇچە ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ھامىنى بىر كۈنى ئۆتكۈزگەن جىنايىتىگە جاۋاپكار بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىشتى.

بۇ ۋەقە بىلەن تەڭ بالىلارنىڭ چوڭ كېسەل داۋالىنىش كاپالىتىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگودىكى ئۈچ يۈز مىليون ئۆسمۈرنىڭ چوڭ كېسەل داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلىدىن 100 يۈئەندىن يىغىلسا 30 مىليارت يۈەن پۇل بولىدىغانلىقى، بۇ پۇل بىلەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ چوڭ كېسەل داۋالىنىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلغىنى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ھەممە ئورتاق بېيىش تەرغىب قىلىنىۋاتقان چوڭ ۋەزىيەتتە، گەرچە كۆپ قىسىم كىشىلەر ئورتاق ۋەزىيەتكە، سىياسەتتە بەلگىلەنگەن كۆڭۈل بۆلۈش قۇتقۇزۇش چارىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى بىلەن تېگىشلىك ياردەمگە ئېرىشىلىپ، ئىنسانىي قەدىر قىممىتى قوغداپ قېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم ئاز ساندىكى ئالاھىدە ئەھۋالدىكى كىشىلەرلا يا بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك سىياسەت تەرتىپلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك، يا بۇلاردىن خەۋەرسىز بولۇشى تۈپەيلى يەنىلا ياردەم قىلىنىدىغان كىشىلەر تىزىملىكىدىن سىرتتا قالدۇرۇلماقتا…

سىياسەتنىڭ كۆپسانلىقلارنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈزۈلىشى، كۆپ ھاللاردا ئاز سانلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. نەتىجىدە كۆپ سانلىقلار بەھرىمان بولۇۋاتقان ئىمتىيازلار ئاز سانلىقلارغا نىسىپ بولمايدىغان ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدۇ.

2011-يىلى 29-ماي ئۈرۈمچى.

بۇ تىمىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز يەنە تۈۋەندىكى تىمىلارنى ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن:
تۇردى لېتىپ يازمىلىرى

6 ئىنكاس بار »

  • JASON :

    JECK ئەپەندىم ، ئامرىكىدا دۇچ كەلگەن ئىشلىرىڭىزدىن يازسىڭىز بولىتى …….ئۆتكەندە ‹ئامرىكىدا سوتقا چىقتىم› دىگەن تېمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق ھوزۇرلاندىم …. گەپلىرىڭىز تەبئى ھەم سەمىمي چىقپتۇ ، خۇددى سىز ينىمدا تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەندەكلا ……..ئامرىكىنىڭ قاتناش ئەھۋالىنىمۇ بىلىۋالدىم ……… شۇ يازمىڭىزدا گۇگىل ئېلانىدىن كىرگەن نەچچە يۈز دوللارنى ئىشلەتتىم دىگەن بايانىڭىزنى كۆرگەننىڭ ياقى بلوگىڭىزغا كىرىپلا قالسام ئېلانلارنى چېكىپ قويىۋاتىمەن ، ئازىراق بولسىمۇ پايدىسى تىگىدىكەن ئەمەسمۇ .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    Jeck Reply:

    @JASON, رەھمەت، ھازىر بەك ئالدىراش بولۇپ قالدۇق، بلوگنى ئۆزەممۇ نەچچە كۈندە بىر ئېچىۋاتىمەن، ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن ياخشىلىنىدۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مەتۇ :

    تۇردىنىڭ يازمىلىرىنى قوغلاپ يۈرۈپ ككرۈمەن….
    ئېلان چېكىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار…

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ھونزادە :

    ئاز سانلىقلار دائىم كەمسىتىلدۇ ……………..بۇ دۇنيانىڭ ھەممە يىىرىدە شۇ …………لېكىن بەزى ئىشلار زادى بەكلا چېكىدىن ئاشقان ……..مەسلەن :
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرپىدىن 11 مىللىيۇن نۇپۇسى بار دەپ تىزىمغا ئېلىنغان خەلق قانداقمۇ ئاز سانلىق بولسۇن ؟ ئاز سانلىق دەپ ئىسىم قوياپ قويسىلا ئاز سانلىق بولامدىكەن ؟؟؟؟؟

    بەڭ ئادالەتسىزلىك جۇمۇ بۇ ، ياۋروپادا ئىرلاندىيە نۇپۇسى 4مىلليۇندىن ئاز ، ھونگىريە ، بىلگىيە ، گىرىتسىيە ، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نۇپۇسىمۇ 10 مىللىيۇن ، دۇنيا بۇيڭچە 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە 70 نەچچىنجى ئورۇندا تۇرۇدۇ . ئاۋىستىرىيە 8 مىللىيۇن شىۋىتسارىيە 7 مىللىيۇن ، ئىسرائىلىيە 6 مىللىيۇن ، لىۋىيە 5 مىللىيۇن ، نورۋىگىيە 5 مىللىيۇندىن ئاز ، ساناپ كەسەك ۋەتىنىمىزدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر نۇپۇسىدىن نۇپۇسى ئاز دۆلەتتىن ئاز دېگەندە 120 بار دېگەن گەپ .

    قاپاخ كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ ئويلاپ باقساق بۇلۇدۇ ، بىز قانداخمۇ ئاز سانلىق ؟؟؟؟؟؟؟؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    ھونزادە Reply:

    @ھونزادە,
    ھونزادە دىگەن ئىسىمنى قوللىنۋاتقان يالغۇز مەن ئەمەس ئىكەنمەن جۇمۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • FinalFantasy :

    ئاۋۇ ئىككىنچى ھېكايە Denzel Washington باش رول ئالغان نىڭ جۇڭگوچە نۇسخىسى ئىكەندە…

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..