باشبەت » پارچە-پۇرات گەپلەر

ئامرىكىلىقنىڭ ئۇيغۇرچە ئۈگىنىشى: مەن سىنى سۆيىمەن، سويمايمەن Do you love her or kill her, in Uyghur language

20 سېنتەبىر 2008 848 قېتىم كۆرۈلدى 15 ئىنكاس

ئامرىكىلىقنىڭ ئۇيغۇرچە ئۈگىنىشى: مەن سىنى سۆيىمەن، سويمايمەن
(شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە ئۈگىنىۋاتقان بىر ئامرىكىلىقنىڭ بلوگىدىن ئېلىنغان ئىككىنچى تىما )

بۈگۈن مەن تاسادىپى ھالدا ئۇيغۇر تىلىدىن بىر ئۇنتۇلمايدىغان دەرىس ئالدىم. بۇ دەرىس مەن دۇتتار دەرسى ئېلىۋاتقاندا يۈز بەردى.
ئۆتكەن يىلى مەن ئۇيغۇر تىلىدا Love دىگەن سۈزىنىڭ ”سۆيۈش“ دەيدىغانلىغىنى ئۈگەنگەن ئىدىم. ”I Love you“, دىگەننى ئۇيغۇرچىدا ”مەن سىزنى سۆيىمەن“ دەيتتى. بۈگۈن شۇنى ئۈگەندىمكى ئەگەر سىز بىرسىگە ”سۆيىمەن“ دىمەكچى بولسىڭىز ئۇنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشىڭىز، ھەرگىزمۇ خاتالىشىپ “ سويىمەن“ دەپ قويماسلىقىڭىز كىرەك ئىكەن. چۇنكى ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە، تېخىمۇ ئىنىقراق ئېيتقاندا ئەكسىچە مەنا بىرىدىكەن، ئەگەر سىز “ مەن سىزنى سويىمەن“ دىسڭىز ئۇ مەن سىزنى ئۆلتۈرىمەن دىگەن گەپ بۇلىدىكەن.
شۇڭا مەن ئايالىمغا بۇندىن كىيىن مەن سىنى سۆيىمەن دىگەندە ھەرگىزمۇ خاتالىشىپ قالماي. مەن ئۇنى سۆيىمەن، ھەرگىزمۇ سويغۇم يوق.  :-D

ئۇ يازغان، مەن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ قويغان ئامرىكىلىقنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر تويلىرى دىگەن بىر تىمىنى بىرەر ئايلار بۇرۇن يوللىغان ئىدىم. ۋاختىڭىز يەتسە ئىلان چىكىپ قويغاچ ئۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ.

15 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..