باشبەت » جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر

لەغمەن سېغىنمىغان جېك The Jeck Who Didn’t Miss Leghmen

3 ئىيۇن 2008 1,950 قېتىم كۆرۈلدى 39 ئىنكاس
بۈگۈن بىرسى لەغمەن سېغىنىپ كەتتىڭمۇ دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ لەغمەننى ئويلاپ قالدىم. بىر قارىسام سېغىنغاندەك، يەنە بىر قارىسام سېغىنمىغاندەك. يۈرىكىمنى ئۇبدان سىلاپ باقساق سېغىنماپتىمەن.

مىنىڭ بىر غەلىتە مىجەزىم بار. بىر نەرسىدىن يېنىپ قالمايمەن، ئۈچ بولۇپ قالمايمەن، چۇنكى ھازىرغىچە مەن ئۆچ بولۇپ قالغان نەرسىلەر بەك ئاز. لېكىن
ئوخشاش بىر نەرسە بەك كۈپ تەكرار بولۇپ كەتسە زىرىكىپ قالىمەن، ھەممە نەرسىدىن شۇنداق.  شۇڭا مەكتەپكە بارساممۇ بۈگۈن بىر يولدىن بارسام ئەتىسى باشقا بىر يولدىن بارىمەن . بۈگۈن كۈتۈپخانىدا ئۈگۈنۇش قىلسام، ئەتىسى ئىشخانامدا، يەنە بىر كۈنى ئۆيدە ئۈگىنىش قىلىمەن. ئامرىكىغا كەلگەن نەچچە يىلنىڭ ياقى ۋەتەننىڭ ھەممە نىمىسىنى سېغىندىم. لېكىن لەغمەننى سېغىنىپ باقمىدىم. يەنە 10 يىل يىمىسەممۇ سېغىنمايمەن دەپ ئويلايمەن. نىمىشقا دىگەندە، مىنىڭ دادام لەغمەنگە بەك ئامراقمۇ، ياكى بۇ تاماقنى ئىتىش ئاسانمۇ، يا باشقا سەۋەپ بارمۇ ئۇخمىدىم، كىچىگىمىزدە ئۈيدە خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى بىر ۋاخ لەغمەن بارلىقى بار ئىدى، ئوخشاش تاماقنى يەۋىرەتتۇق. ئۈيدىمۇ لەغمەن، سىرتقا چىقساقمۇ لەغمەن، ئۇرۇق تۇققاننىڭ ئۈيىدىمۇ لەغمەن. ئۇيغۇرچە ئاشخانىلاردىن ھىچقانداق تاماق تاپقىلى بولمىسىمۇ لەغمەننى تاپقىلى بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغانسىرى زىرىككىلى تۇردۇم. ئۇ تاماق يەيمىز، بۇ تاماق يەيمىز دەپ غەللى قىلىشنى ئۈگەنگەن بولدۇق. لېكىن مۇنداق تاماقنى يىمەيمىز دەپ غەللى قىلىپ باققىنىم ئىسىمدە يوق.( شۇ ۋاقىتتا ئەقىل شۇنچلىك) .لەغمەننىڭ ئورنىدا  بەزىدە مۇما بىلەن سەي يىيىشمۇ ماڭا خېلى خوشياقاتتى. بەزىدە لەغمەنگە جىق سۇ قۇيۇپ سۈيقاش قىلىپ يەيتتىم. بەزىدە پەقەت خوشياقمىسا پالانچى يەردە تاماق يەپ كەلدىم دەپ قوساق ئاچ يېتىپ قالسام قالاتتىمكى لەغمەننى يىگۈم كەلمەيتتى. داشۇگە ئۈتكەننىڭ ياقى مەكتەپنىڭ تامىقىغا كۈنۈپ كەتتۇق. مەكتەپنىڭ تامىقى ناچار دەپ پات پات تىللاپ قوياتتۇق. راس گەپنى دىسەم مەن تاماقنىڭ بەك ياخشى ئەتكەن ياكى ئەتمىگەنلىكىگە بەك دىققەت قىلىپمۇ كەتمەيمەن ھەم قانداق دىققەت قىلىشنىمۇ ئۇخمايمەن. مۇشۇ جەھەتتە قەشقەرنىڭ، غولجىنىڭ بالىلىرىنىڭ زىرىپلىقىغا قول قويىمەن. ئىشقىلىپ مەن شىندانىڭ ئاشخانىلىرىنى كۈپچىلىككە ئەگىشىپ تىللاپ باققان بولساممۇ لېكىن ئىچىمدىن چىقىرىپ تىللاپ باقمىدىم. چۇنكى تاماقلىرى مۇنداراق بولسىمۇ لېكىن تۈرى بەك كۆپ ئىدى. كىيىن ئىچكىرگە كىرگەندىن كىيىن شىندانىڭ ئاشخانىسى جەننەتكەن دىدۇق.ئادەتتە بازارغا چىقىپ قالساممۇ باشقىلار بىلەن كىرگەندە بەزىدە يەپ قويىمىسام، ھازىرغىچە ھەم ئۈزەم يالغۇز ئاشخانىغا كىرسەم لەغمەن بۇيرۇتقان ۋاقىتلىرىم يوق دىيەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر لەغمەننىڭ تۈرلىرى ئۈزگىرىپ باشقىچە ئىسىم قويۇپ ئادەم ئالدايدىغان بۇلۇۋاپتۇ. نەچچە قېتىم تاماقنىڭ ئىسمىغا قاراپ بۇيرۇتۇپ ئەكەلگىنى سېيى باشقىچىراق لەغمەن.(لەغمەنگە ئۈچ بالىلار دىققەت قىلىڭلار).

ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن باشقىلار ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ خەت يېزىپ كىتىدۇ“ ئامرىكىدا ئۇيغۇرچە تاماق يوق ، لەغمەن يوق، سېغىندىڭىزمۇ“ دەپ. “ بەك سېغىنىپ كەتتىم“دەپ يېزىپ قويىمەن. چۇنكى مۇشۇ ۋاقىتلاردا توردا ياكى جەميەتتەمەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدىن ئېىشىپ قالغان قالپاقچىلار بەك كۈپ بوپ كەتتى.  ئاشۇ قالپاقچىلارنىڭ دەستىدىن ئارامخۇدا بىر گەپ قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. مىنىغۇ ئانام مۇشۇ بالام بولسىمۇ ئىنقىلاپنى كۈرمىسۇن دەپ چىداپ ئىنبقىلاپ تۈگىگەندە تۇغۇپتىكەن. بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي. مۇشۇ 2008 يىلدىكى قالپاقچىلارغا قاراپلا 1970 -يىلدىكى قالپاقچىلارنىڭ قانداق ۋەھشىلىكىگە ھۈكۈم قىلغىلى بۇلىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى ھۈكۈمەت بار، قانۇن بار، بولمىسا ئاشۇ ۋاقىتتىكى مىجەزى بويىچە بىزنى تاتىپ ئاچىقىپ بېشىمىزغا جىڭ قالپاقتىن بىرنى كيدۈرمەي قالمايدۇ. بۇرۇن بۇلاردىن قورقمايتتىم. ھازىرمۇ قۇرقمايمەن. لېكىن ئۈزەمنى تۈگىمەس چۈشەندۈرۈش، مۇنازىرە، دە تالاشلاردىن تارتىپ ئارامخۇدا يۈرەي دەپ قالدىم. شۇڭا لەغمەن سېغىندىڭىزمۇ دىسە سېغىنمىساممۇ  “ بەك سېغىندىم“ دەپ يېزىپ قويدۇم. سېغىنمىدىم دىسەم يەنە بىر يەرلەرگە چاپلاپ قالسا قالپاقچىلار لەغمەن بىلەن ئۇيغۇرنى بىر يەرگە قويۇپ مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىسا، ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ بۇلۇشقا مىنىڭ ۋاختىم يوق. چۈشەندۈرۈپ قويمىسا تېخى بولمىغان. قايسىدۇر بىر تور بەتلەردە بىر كىچىك قىز بالا “ مىنىڭ ئەتلەس بىلەن خوشام يۇق، ئادەمنىڭ ئۇچچىسىدا تۇرمايدۇ، ئىشقىلىپ ئۇ كىيىمنى كييگۇم يوق “ دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن، بالاغا قاپتىغۈ، ئىچىم ئاغرىپ كەتتى،  ماۋۇ ئادەملەر نەچچىنچى ئەسىردە ياشاۋاتىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم خۇددى ئۈزەم ئۇلاردىن بىر -ئىككى ئەسىر كىيىن ياشاۋاتقاندەك. بىرسىنىڭ ئەتلەس كىيىملەرنى ياخشى كۈرمىسە ئەمدى نىمە بوپتۇ، ئۇيغۇرنىڭ دەپ چوقۇم ياخشى كۈرۈش كىرەكمۇ، باشقىلارغا ھىچ بولمىسا نىمىنى ياخشى كۈرۈش كۈرمەسلىك ئەركىنلىكى بولسىمۇ بىرىش كىرەكقۇ. ئۇلارنىڭ ئۈزلىرىنىڭ ئاياللىرى، ئاكا سىڭىللىرى، تىللاۋاتقان قىزچاقلار ئۈزلىرىنىڭ ئەتلەس كىيىمى بارمۇ  ئۈزىدىن سوراپ باقمايدۇ.

بىز نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى قىلساق بۇلىدۇ، يازساق بۇلمايدۇ. تاماكا چەكسەك بۇلىدۇ، تاماكا چەكتىم دەپ يېزىپ قويساق بۇلمايدۇ، ھاراق ئىچسەك بۇلىدۇ، لېكىن ھاراق ئىچكەنلىكىمىزنى تورلاردا، مەتبۇئاتلاردا دىسە بولمايدۇ. ئاندا مۇندا ھاراق ئىچتىم دەپ يېزىپ قالغانلىرىمۇ ھەرگىزمۇ ئۈزىنىڭ ئاشۇ سورۇنغا خالاپ بېرىپ خالاپ ئىىچپ قالغانلىغىنى يازماستىن مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلپ (خۇددى بىرسى قولىنى باغلاپ كۈتۈرۈپ ئېلىپ بارغاندەك ) مەجبۇرى ئىچۈرلۈپ (ئاغىزىغا مەجبۇرى قۇيۇپ قويغاندەك ) قالغانلىغىنى يېزىپ ئاشۇ سورۇندىكى ھاراقكەشلەرنى سۈكىدۇ. ھازىرغىچە ھاراق توغرىلىق تىمىلاردا ھاراقنى، ھاراق ئىچگەن ئادەمنى تىللىمىغان ئادەمنى كۈرۈپ باقمىدىم.  لېكىن جەنۇپ شىمالىنىڭ ھەممە شەھىرىدە كەچلىكى ئاشخانا، رىېستۇرانلاردا ھەممە يەردە ھاراقلار، ئىچىشىۋاتقانلار، سورۇنلار. ھىچيەردە رىستۇرانلارنىڭ ياخشى تەرىپى توغرىلىق تىمىلارنى كۈرۈپ باقمىدىم، ھەممە تىمىلاردا رىستۇرانلارنى “ داققا دۇققاڭ قىلدى، ھاراق ئىچتى، ئۇسۇلچى قىزلار ھاياسىز ئۇسۇل ئوينىدى، ئوتتۇرىدا قىستىلىشىپ ئوينىدى“ دەپ گەپلەر بار. لېكىن رىستۇرانلار ھازىر شەھەر، ناھىيە بازارلىرى ئەمەس يېزىلاردىمۇ باركەن.

بۇ قالپاقچىلار ئارىسىدا يەنە كاللىسى ئاجايىپ ئىشلەيدىغانلار بار، بىر ۋاقىتلاردا مەن ئامرىكىدا بىر تويغا قاتنىشىپ ”ۋاشىڭتوندا توي“ دىگەن تىمىدا ئۇلارنىڭ رەسىىمىنى چىقىرىپ قويدۇم.  مەن ئۈرۈمچىدە  بەك جىق تويغا بېرىپ كەتكەن. شۇ تويلارغا سېلىشتۇرۇپ ئامرىكىدىكى بىر توينىڭ ھاراق شاراپ تارتماي ( چۇنكى كىچىك بالا بار، كىچىك بالا بار يەردە قانۇن بويىچە ھاراق سورۇنى بۇلسا بولمايدۇ) ، شۇنداق چىرايلىق كىيىم، ئۇيغۇرچە، تۈركچە ئۇسۇل ناخشا مۇزىكىلار بىلەن ئۈتكۈزگىنىنى كۈرۈپ مەسىگىم كەلدى، رەسىملىرىنى روخسىتى بىلەن چىقىرىپ قويدۇم.  شۇنىڭ بىلەن ساراڭلار  يەنە باشلىدى گەپلىرىنى ، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بۇ توي ئىگىسى توي كۈينىكى كىيىپتۇ. توي كۈينىكى كىيىىش خىرىستىيانلار ئادىتىكەن، ئامرىكىدا غەيرى مەدىنىيەتنى يۇقتۇرۋاپتۇ، ئۇيغۇرلىغىنى ساقلىماپتۇ.  ھا ھا، نىمە دىگەن چىرايلىق گەپلەر.  شۇ ساراڭلار ئۈزلىرىنىڭ، ئاكىلىرىنىڭ، ئۇرۇن تۇققانلرىنىڭ، ھەتتا ئاتا ئانىلىرىنىڭمۇ توي كۈينىكى كىييىپ توي قىلىشقانلىغىنى ئۇنتۇپ قېلىشقانىدى. ئۈرۈمچىدە مەن 6 يىلدا 50 تويغا بارغاندىمەن، يەنە  بىرەر يۈز توينى يا كوچىدا، يا رسىتۇراندا، يا باشقا يەرلەردە كۈرگەندىمەن، بىرمۇ توي كۈينىكى كىيمىگەن توينى كۈرۈپ باقمىغان. ئۈتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە بىر جۇپ ياشنىڭ مىللىچە كىيىنىپ ، بىر باغدا ئۈتكۈزگەن تويىنى خەۋەر قىلغان فىلىمنى تورلاردا كۈردۇق. توي كىيىمى كەيمەي توي قىپتىكەن ھەيران قىلىپ ئاتايەن فىلىم ئىشلەپتۇ، بۇ ساراڭلار ئۈزلىرى ئەتراپىدا بۇلۇۋاتقان شۇنچە ئىشلارنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئامرىكىدىكى بىر توينى توي كىيىمى كىيىپتۇ دەپ زاڭلىق قىلىپ تىللاۋاتاتتى. ئاخىرى ئۇ قىزنىڭ ئۈيىدىكىلىرى ئىنكاسلارنى كۈرۈپ قاپتىكەن خوشال بولمىدى، مەنمۇ ئۈچۈرۋەتتىم.

مۇشۇلارنى كۈرۈپ بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئۇيغۇرلاردا يالغان گەپ قىلىپ باقمىغان، يالغان ئىش قىلىپ باقمىغان  ئادەم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يالغانچىلىق كىچىك بالىلارنى ئالداپ مۇنداقلا دەپ قويىدىغان يالغانچىلىق ئەمەس. تۈۋەن يۇقىرىنى ئالدايدۇ، ئۇقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى،  ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى، مەكتەپ مائارىپ ئىدارىسىنى، مائارىپ ئىدارىسىنى ھاكىمنى ئالدايدۇ. باشقىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. تورغا چىققانلار ئارىسدا ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چىكىدىغان، ناماز ئوقۇمايدىغان، دوپپا كەيمەيدىغان، ئەتلەس كۈينەك كىيمەيدىغان، قىزلار بىلەن يۆخۇي قىلمايدىغان (ئاغزىمىزدا يۈخۇي دەپ دەۋىرىمىز، لېكىن يازغاندا چوقۇم ئۇچرىشىش دەپ يېزىلىشى كىرەك )، كىتاپ ئوقۇمايدىغان، مۇقام ئاڭلىمايدىغان، رىستۇرانغا بارىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، ”شىنجاڭ مەدىنىيتى“ نىڭ يازغۇچىلىرى ئىچىدە يەنە يۇقارقىلاردىن باشقا شەھەرنى ياخشى كۈرىدىغان، زامانىۋى ناخشىلارنى ياخشى كۈرىدىغان، گەپلىرىدە  بىرەر ئېغىز خەنزۇچە سۈزنى ئارلاشتۇرۇپ قالىدىغان،   رىستۇراننى ياخشى كۈرىدىغان، رەڭلىك سۇرۇنغا بارمايدىغان، يولدا قىزلارنى كۈرسە كۈزىنىڭ قىرىنى سېلىپ قالىدىغان، ئاياللارنىڭ ئارىسدا  ھۇشۇقىنىڭ ئۈستىدا كۈينەك كىيىپ قالىدىغان، چېچى بىر مىتىردىن قىسقا بۇلۇپ قالغان بىرمۇ ئادەم يوق. شۇ ژورنالغا تولا ماقالە يازىدىغانلارنى بىزدىمۇ ئىچكىردىكىدەك مۇخبىرلار بولسا بىرەر كۈن كۈزىتىپ باقسا دەيمەن.

بىر كۈنى بىر دوستۇم تېلفۇن قىپتۇ، مەن پالانچى  بەتتە بىر قىز بالىغا سۈز قالدۇرۇپ قويسام باشقىلار كۈرۈپتىكەن، مىنى قىزلارغا سۈز قالدۇرۇپ قويىدىكەن دەپتۇ، ئەمدى مەن قاندا قىلاي، باشقىلار مىنى ئەسكى بالىكەن دەپ ئويلاپ قالارمۇ دەپ. ئۇنىڭ بۇ ئەندىشىسىنى كۈرۈپ تېخىمۇ جۇدۇنۇم تۇتتى. جاھاندا كىم قىزلارغا تېلفۇن قىلمايدۇ، كىم سۈز قالدۇرۇپ قويمايدۇ، سىنى شۇنداق دىگەنلەر قىز بالىنى كۈرۈپ باقماي، تېلفۇنلىشىپ باقماي، سۈز قالدۇرۇپ باقماي، بىللە ئايلىنىپ باقماي توي قىپتىكەنمۇ، بۇ ھىچقاندا بىر يامان ئىش ئەمەسقۇ، سەن  يا ئۇلارغا قالايمىقان گەپ قىلمىساڭ، ئۇلارنى ئالدىمىساڭ ، ئۇنداق ساراڭلارنىڭ گىپىگە قۇلاق سالما دىدىم. لېكىن يەنە تا ھازىرغىچە دەككە دۈككىدە ئۈزى ياقتۇرغان قىز بالىغا خەت قالدۇرۇپ ئالاقىلىىشپ باقساق دىيەلمەي ئىككىلىنىپ ئولتۇرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ باشقىلارغا چوڭ گەپ ئۈگەتكەن بىلەن مەنمۇ لەغمەننى ياخشى كۈرمىسەممۇ ”ياخشى كۈرمەيمەن“ دىيەلمەي كەلدىم. ئامرىكىدا ئاندا ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈيىگە بېرىپ قالىمەن، مىنى يالغۇز تاماق ئىىتپ بۇلالمايدۇ، لەغمەننى سېغىنىپ كەتتى دەپ لەغمەن ئىىتپ قويىدۇ. نىمىشقا لەغمەندىن باشقا تاماقنى سېغىنغانمىدۇ دەپ ئويلىمايدىغاندۇ دەپ ئويلايمەن ئىچىمدە. تاماقنى ئىتىپ بولغاندىكىن ياخشى كۈرمەيتتىم دەپ يۈرمەي يەۋىرىمەن. ئۈتكەن يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىمۇ كۈرۈشكەن بالىلار ئۇدۇللا  ئاشخانىغا باشلاپ  ئاپىرىپ ”لەغمەن سېغىنىپ كەتتىڭ ھەرقاچان، ئاۋال بىر قاچا لەغمەن يەۋىتىپ ئاندىن باشقىنى يەيلى“ دەپ ئىش باشلىدى. لەغمەننىڭ ئۇيغۇر مەدىنىيتى، ئىدولوگىيىسىگە شۇنچىۋالا سىڭىپ كەتكەنلىگىنى شۇ ۋاقىتتا ھىس قىلدىم.

شۇنداق قىلىپ لەغمەننى تەھلىل قىلغىلى تۇرسام بۇ تىما لەغمەندەك ئۇزىراپ كەتكۈدەك، ھىرىپ قالدىم، ئىشقىلىپ مەن ئويلاپ باقسام لەغمەننى سېغىنماپتىمەن.

39 ئىنكاس بار »

  • ئۇيغۇر :

    مەن يەنە ئازراق يېزىپ قوياي
    باشتا مەرىپەت تورى ماقالىلىرىنى كۈرۈپ چىقىپ، بىر كۈنى تۇيۇقسىز جىك بىلوگى دەپ ئۇچراپ قالدى. مەن ئۆزەمچە بۇنى بىرەر چەتئەللىك ناخشىچى ياكى ئۇسۇلچىنىڭ ئوخشايدۇ دەپ دىققەت قىلماپتىمەن. بىر مۇنبەردە ئۇلىنىشقا قۇيۇلغان ماقالە باركەن.
    شۇنىڭ بىلەن بىر كىرگەن پېتى ماقالىلارنى بىر بىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم.
    مۇشۇ بىر ئاينىڭ ئىچىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە تەسىراتلىرى ئەكس ئەتكەن ناھايتى ياخشى ماقالىلەر چىقىۋاتىدۇ.
    ئادەم ئوقۇغانچە، كاللىسى 1000 ۋاتلىق چىراق ئورناتقاندەك ۋاللىدە يۇرۇپ كېتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ ماقالىلەر بىزگە ئىلھام بېرىۋاتىدۇ.
    شۇڭا جىك ئۇكامدىن (مەن 36گە كىردىم) سورىمايلا، مەشئەل تورىغا بۇ بىلوگنى ئۇلىنىش قىلېۋېلىپ، بىلوگدىكى مەزمۇنلارنى كۈندە مارىلايدىغان بۇلۇپ قالدىم.
    خۇلاسە كالام: بىلوگىڭىز روناق تاپقاي….
    خەلقارادىكى ئىشلاردىن ، چەتئەللەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئەھۋاللىرىدىن، ئەڭ مۇھىمى (مەن ئوقۇتقۇچى) چەتئەللەرنىڭ ئىلغار مائارىپ تەجرىبىلىرىدىن كۆپرەك ئۇچۇر يەتكۈزۈپ تۇرارسىز….
    ناۋادا، لەغمەننى سېغىنمىسىڭىز. سىزگە پول ئەۋەتىپ بېرەيلى…..ئۈستىگە لەغمەن سېيىنى سالساق، ئاجايىپ يىيىشلىك پولو بوپ قالىدۇ….ھى.ھى..ھى….

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇيغۇر :

    توۋا دەيمەن،
    ئون نەچچىمىز مۇشۇ ئىچكىرى ئۆلكىگە 10 نەچچە كۈنلۈك ساياھەتكە بېرىپ، باشلىقىمىزنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا قارشى چىقىپ، 15 كۈنلۈك ساياھەتنى 11 كۈندە تۈگىتىپ يېنىپ كەلدۇق. نېمىشقا دەڭلار…
    ئۇ يەردە لەغمەن تۇرماق، بىر گىردىنى تاپماقمۇ بەك تەسكە چۈشتى….
    كەچ قايناق بازاردىكى ئۈچەي كاۋاپ، قېرىن كاۋاپ، جىگەر كاۋاپ، بۆرەك كاۋاپ…ئايھاي…
    نېمىسىنى دەي…
    پولو، لەغمەن دېگەنلەرنى سېغىنماي تۇرالايمىزمۇ؟
    جېك ئەپەندى سېغىنمىسا بەلكىم بۇمۇ بىر ئىشتۇ….
    لېكىن بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز ۋە تەپەككۈرىمىز بويىچە ئېيتقاندا، بىر ئۇيغۇرنىڭ لەغمەن، پولوسىنى قەتئى سېغىنمىغانلىقى بىر ئاز غەيرىلىكمۇ قانداق ھە…..
    توۋا، بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپ لەغمەن يىگۈم كېلىۋاتىدۇ… ئاغزىمغا سېرىق سۇ يىغىلىپ…..

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئەتتىرگۈل :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جېك ئەپەندى(مەن بۇ يەردە تور نامىڭىز بىلەن ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم) ياخشىمۇسىز؟ بۈگۈن تور ئارلاپ بىلوگىڭىزنى ئارلاش خىيالىمغا كېلىپ قالدى. چۈنكى مەن ئىككى كۈن ئىلگىرى ‹‹خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت›› توغۇرسىدىكى تېمىنى مەلۈم بىر مۇنبەردە كۆرۈپ ۋاقىت چىقىرىپ بلوگىڭىزنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغان ئىدىم ،خېلى بۇرۇن بۇ بلوگىڭىز بىلەن تونۇش بولساممۇ ، مەزمۇنلارنى تەپسىلى كۆرمىگەن ئىدىم .بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنۈم بولغانلىغى ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرتىپ كىردىم………………………. مانا ئىككى سائەتتىن بېرى بلوگىڭىزدىن نۇرغۇن ماتىرياللار نى كۆردۈم ،كۆرقاراشلىرىڭىزنى، يۇمۇرىستىك پىكىرلىرىڭىزنى، يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ بىردە كۈلسەم بىردە ئويلىنىپ ئاخىرى بۇ تېمىڭىز دېققىتىمنى ئالاھىدە تارتىپ قالدى. ئۇيغۇر جەمىيىتى توغۇرسىدىكى تەنقىدى پىكىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان. ،لېكىن بىزدە شۇنچە كۆپ يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ساقلىنىشى بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلىش خاھىشىنىڭ ناھايتى كەمچىل ئىكەنلىگىنى ئويلاپ يەتتىم ھەم بەزى كۆزقاراشلىرىمىزنىڭ ئاساسەم ئوخشاپ قالىدىغانلىغىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم ..مانا شۇ سەۋەپ بۇ ئىنكاسلارنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن …….ئويلىغانلىرىمنى يازسام ساقچىدىن مىنبىڭ يامان دېگەندەك تېمىدىن ئىنكاس يامان چىقىپ كەتمىسۇن ……. بۇندىن كېيىن يېڭى- يېڭى پىكىرلىرىڭىز بىلەن بۇ جايدا پات- پات ئۇچۇرشۇپ تۇرۇشنى خالايمەن ،ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەش بىلەن بىرگە ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ………ئاللاغا ئامانەت! ھەممىمىز ئامان بولايلى…….!!!!!!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • رومانتىك :

    سىزنى تەبرىكلەيمەن!
    چۈنكى سىز لەغمەننى سېغىنمىغانلىقىڭىزنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپسىز،دىيارىمىزدا سىز دىگەندەك ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ‹‹لەغمەن سېغىنمىسىمۇ سېغىندىم دەيدىغان ››ئىشلار ئومۇمى ھادىسە.
    مىسال ئالايلى،بىر مۇئەللىم ئولىمپىك يىغىنى توغرىلىق تاپشۇرۇق بەرسە ھىچكىممۇ تاپشۇرىقىغا مەن ئولىمپىكنى كۆرۈپ باقمىدىم دەپ يازمايدۇ…ئولىمپىكنى كۆرگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ ئۆزى ياقتۇرمىسىمۇ تاپشۇرىقىغا مەن ئولىمپىكنى ياقتۇرمىدىم دەپ يازمايدۇ….
    سىزنى تەبرىكلەيمەن!چۈنكى سىز لەغمەننى سېغىنمىغانلىقىڭىزنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.ئامىرىكىدا ئوقۇغاندە سىز…

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابلەت :

    تائاملارنىڭ ئىچىدە لەغمەننى بەك ياقتۇرىمەن، كېچىكىمدىمۇ شۇنداق، ھازىرمۇ شۇنداق، كۈندە يېسەممۇ زېرىكمەيمەن دەپ ئويلايمەن. نۇرغۇن دوسلىرىممۇ شۇنداق، لەغمەننى ياقتۇرمايمەن دېگەننى ئاڭلاپ باقمىدىم.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • 408980098 :

    يىگۈسى كەلمىگەن بولسا يىمىسۇن…………….. يىمىسە نىم بولاپتۇ؟ ئۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نەرى بار؟ قىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان خەقكەنسەن ھەممىڭ……………
    جىك، (نىمىشقا شۇنداق ئاتىۋاغانسەن دەيمە؟) خەق نىمە دىسە دەۋەرسۇن، سەن ئاۋال ئوقۇشىڭنى ياخشى ئوقىي

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • نۇرقۇت :

    تورغا چىققانلار ئارىسدا ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چىكىدىغان، ناماز ئوقۇمايدىغان، دوپپا كەيمەيدىغان، ئەتلەس كۈينەك كىيمەيدىغان، قىزلار بىلەن يۆخۇي قىلمايدىغان (ئاغزىمىزدا يۈخۇي دەپ دەۋىرىمىز، لېكىن يازغاندا چوقۇم ئۇچرىشىش دەپ يېزىلىشى كىرەك )، كىتاپ ئوقۇمايدىغان، مۇقام ئاڭلىمايدىغان، رىستۇرانغا بارىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، ”شىنجاڭ مەدىنىيتى“ نىڭ يازغۇچىلىرى ئىچىدە يەنە يۇقارقىلاردىن باشقا شەھەرنى ياخشى كۈرىدىغان، زامانىۋى ناخشىلارنى ياخشى كۈرىدىغان، گەپلىرىدە بىرەر ئېغىز خەنزۇچە سۈزنى ئارلاشتۇرۇپ قالىدىغان، رىستۇراننى ياخشى كۈرىدىغان، رەڭلىك سۇرۇنغا بارمايدىغان، يولدا قىزلارنى كۈرسە كۈزىنىڭ قىرىنى سېلىپ قالىدىغان، ئاياللارنىڭ ئارىسدا ھۇشۇقىنىڭ ئۈستىدا كۈينەك كىيىپ قالىدىغان، چېچى بىر مىتىردىن قىسقا بۇلۇپ قالغان بىرمۇ ئادەم يوق. شۇ ژورنالغا تولا ماقالە يازىدىغانلارنى بىزدىمۇ ئىچكىردىكىدەك مۇخبىرلار بولسا بىرەر كۈن كۈزىتىپ باقسا دەيمەن.

    بۇ گەپلەرنى بىر بولسا مەن چۈشەنمىدىم، بىر بولسا خاتا چۈشىنىپ قالدىم. ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەرگۈزەشتىسى بار، ھەر كىمنىڭ(ئادەملەر ئىچىدە) كۆپ بولسا ئىككىدىنلا كۆزى بار. كۆپچىلىك ھەققىدە يۇقارقىدەك جەزملەپ ھۆكۈم چىقىرىشىڭىز بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالامدۇ قانداق؟

    «لەغمەننى سېغىنىش ياكى سېغىنماسلىق» ھېچنەرسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. يۇقارقى ماقالىڭىزدا باشتىن-ئاخىر بىز نىڭ مىجەزىمىزدىكى «باشقىلار ئۈچۈن كۆپ ئويلاش» بەك جانلىق ئەكس ئىتىپتۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • lucas :

    بىلوگىڭىز ناھايىتى كۆركەمكەن !

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • كۇنۇپكا :

    مەن لەغمەنگە ئامراق، لەغمەن يىمىسەم پولو يەيمەن، پولو يىمىسەم لەغمەن يەيمەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئالىيە :

    ئەسسالام jeck ،سىزنىڭ تور بىتىڭىزغا بۈگۈن تۇنجى كىرىپ كۆرگەن تىمام مۇشۇ لەغمەن تىمسى بولدۇم. يازمىڭىز ناھايىتى چىن چىقىپتۇ. ئەمما سىزنىڭ لەغمەننى سېغىنمىغانلىقىڭىز مېنى ئازراق ھەيران قالدۇردى. چۈنكى مەنمۇ ۋەتەندىكى چىغىمدا بۇ تاماق بىلەن خوشۇم يوق ئىدى. ئەمما بۇ يەرگە كەلگەن 2 يىلدىن بۇيان ھەر بىر قورسىقىم ئاچقىنىدا ئۆيۇمدە ئىتىپ يىگەن شۇ لەغمەن كۆز ئالدىمغا كىلىپ كىتىدۇ. قسقىسى مەن شۇ تاماقنى ، شۇ تاماقنى ئەزىزلىدىغان ئانا دىيارىمى ، خەلقىمنى سېغىندم.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • كۈمۈش ئوق :

    مەن لەغمەننى بەك بەك بەك سېغىنىپ كەتتىم، كەسكەن چۆپتە ئەتكەن لەغمەن پەقەت لەغمەندەك بولمايدىكەن…55555555

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ۋورۇس :

    你怎么跟我一样不爱吃拉面?太奇怪了 ,我知道你喜欢吃抓饭。,。原来你是一个天才的作家。对了到现在为止我不会打维语。能不能教我几个好办法?谢谢。

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ھەبىبە :

    ياخشىمۇسىز ئەپەندىم،توربېكىتىڭىزنى تۇنجى كۆرۈشۇم ئىكەن،بەكلا ياقتۇردۇم،ئەمما بىرقىسىم يەرلىرىنى كۆرۈپ كۈلكە قىستاپ كەتتى. بۇ تېمىنى ئانچە پەردازلاپ كەتمەي قارا تىل بىلەنلا يېزىپسىزۇ،ئەمما ئىنتايىن يېقىشلىق چىقىپتۇ.بۇمۇ بەلكىم چىنلىقنىڭ سېھرى كۈچى بولسا كېرەك.
    تور بېتىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم،ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.بۇ توربىتىڭىز مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان تور بەت قاتارىغا تىزىلىپ قالدى ئەمدى،يېڭى خەۋەرلەردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشنى ئۇنتىمىغايسىز،ئامان بولۇڭ!!!!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابلەت :

    مەن جاۋاب يازسام نىمىشقا چىقمايدۇ

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابلەت :

    ھۇي مالىم !
    قانداق ئەھۋالىڭىز؟ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ئامېركىغا بېرىپلا ئىدىيىڭىز بىراقلا ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق. مەكتەپتە بىزگە كىتاپتىكى تەجىزبە باسقۇچلارنى يەنە بىر دوكلات دەپتەرگە ئۆز پېتىچە يازدۇرغىنىڭىز ئېسىڭىزدىن چىقىپ قالدىمۇ قانداق. مەن نەچچە قېتىملاپ سىزگە " بۇ تەجىربە بولغاندىكىن تەجىربىنى خۇلاسىلاپ يېزىپ بېرەي دىسەم" جاھىللىق قىلىپ ئۇنماي، تەجىربە دەرسىنى خەت كۆچۈرۈش دەرسىگە ئايلاندۇرىۋەتكىنىڭىز ئېسىڭىزدىنمۇ چىقىپ قالدىمۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • بوتا :

    ئاپلا تۇرسۇنجان! بۇ يازماڭنى كۆرۈپ ھەجەپ خىجىل بولدۇما.
    "ئۈتكەن يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىمۇ كۈرۈشكەن بالىلار ئۇدۇللا ئاشخانىغا باشلاپ ئاپىرىپ "لەغمەن سېغىنىپ كەتتىڭ ھەرقاچان، ئاۋال بىر قاچا لەغمەن يەۋىتىپ ئاندىن باشقىنى يەيلى" دەپ ئىش باشلىدى."
    بۇ يەرلەرنى ئوقۇپ، خۇددى ماڭىلا ئېيىتقاندەك بولۇپ بىئارام بولۇپ كەتتىم. ئەمدى كەلسەك ساڭا لەغمەن يوق، ما تەتەينىڭ تەنزىسىگە ئاپىرىپ ئوخشىغان سېرىق ئاش بىلەن مىھمان قىلمەن. ھى ھى ھى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Uyghuriye :

    لەغمەنگە ئۆچلەرلا كەلدىمۇ نىمە؟؟؟؟؟ لېكىنزە مەن لەغمەنگە بەك ئامراق. ياخشى تاماققۇ بۇ. جېك ئەپەندىم كۆپرەك ياخشى يەرلىرىنى ئويلاپ ياقتۇرۇپ قېلىڭە….

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • خې خې :

    مەن بۇ ئۈمرۇمدە .ئەڭ ئاز يىگەن تامىخىم لەغمەن.ئەڭ .ئوچ نەسەممۇ لەغمەن!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • غو را :

    ئامرىكغا كەلگنىىمگە تۆت كۇن بولدى …لەڭمەننى بەكلا يىگۇم كەلدى ………

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • پادىچى :

    جىك ئەپەندىم، لەغمەننى سېغىنمىغانلىقىڭىزدىن ھەيران قالمىدىم. چۈنكى دۇنيادا ھەر ئىقلىمدىكى ئادەملەر بار. لىكىن ئاخرىدىكى تورداشلار توغرىسىدىكى گەپلەرىڭىزگە قوشۇلالمايمەن. يەنى «تورغا چىققانلار ئارىسدا ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چىكىدىغان، ناماز ئوقۇمايدىغان، دوپپا كەيمەيدىغان، ئەتلەس كۈينەك كىيمەيدىغان، قىزلار بىلەن يۆخۇي قىلمايدىغان (ئاغزىمىزدا يۈخۇي دەپ دەۋىرىمىز، لېكىن يازغاندا چوقۇم ئۇچرىشىش دەپ يېزىلىشى كىرەك )، كىتاپ ئوقۇمايدىغان، مۇقام ئاڭلىمايدىغان، رىستۇرانغا بارىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، "شىنجاڭ مەدىنىيتى" نىڭ يازغۇچىلىرى ئىچىدە يەنە يۇقارقىلاردىن باشقا شەھەرنى ياخشى كۈرىدىغان، زامانىۋى ناخشىلارنى ياخشى كۈرىدىغان، گەپلىرىدە بىرەر ئېغىز خەنزۇچە سۈزنى ئارلاشتۇرۇپ قالىدىغان، رىستۇراننى ياخشى كۈرىدىغان، رەڭلىك سۇرۇنغا بارمايدىغان، يولدا قىزلارنى كۈرسە كۈزىنىڭ قىرىنى سېلىپ قالىدىغان، ئاياللارنىڭ ئارىسدا ھۇشۇقىنىڭ ئۈستىدا كۈينەك كىيىپ قالىدىغان، چېچى بىر مىتىردىن قىسقا بۇلۇپ قالغان بىرمۇ ئادەم يوق. شۇ ژورنالغا تولا ماقالە يازىدىغانلارنى بىزدىمۇ ئىچكىردىكىدەك مۇخبىرلار بولسا بىرەر كۈن كۈزىتىپ باقسا دەيمەن» بۇ گەپلىرىڭىزدىن قارىغاندا سىز ھەممە ئادەمنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى ئۆزىڭىزنىڭكىگە ئوخشاش دەپ ئويلايدىغان ئوخشايسىز. گەرچە قەتئىي يالغان گەپ قىلىپ باقمىغان ئادەم بار دىيەلمىسەممۇ، لىكىن ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى قىلمايدىغان تالاي ئادەملىرىمىز بار.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • گۈلرۇھ :

    مۇئەللىم ، ياخشىمۇسىز؟چەتئەلدىكى ئوقۇشىڭىز ياخشىمۇ ؟ بىلوگىڭىز بەكلا ياخشىكەن ، بولۇپمۇ بۇ ئەسىرىڭىزنى بەكلا ياخشى يېزىپسىز. ئۇيغۇر جەمئيىتىنىڭ بىر كارتىنىسى ئەكىس ئېتىپتۇ. راست، بۇرۇن ئوقۇغان چاغلاردا بۇلاق كۆلدە تولا ئۇچرىتاتتىم سىزنى ، لىكىن بىرمۇ قىتىم لەغمەن يىگىنىڭىزنى كۆرمەپتىكەنمەن، ئەسلى ئۆچكەنسىزدە!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • زۇركى :

    سىز ئەمدى ۋەتەنگە قايتسىڭىز لەغمەننى جېنىدىن ئەزىز ياخشى كۆرىدىغانلار تۇتىۋېلىپ تازا ساۋدايدىغان بولدى .
    ئەمدى ۋەتەنگە قايتماي ئامىرىكىدىلا ياشاڭ .زوڭتۇڭ بولۇپ قالامسىز تېخى .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئىشەنچ :

    مەن كىچىكىمدە لەغمەنگە ئۆچ ئىدىم چوڭ بولغانسىرى ئامراق بۇلۇپ قالدىم چۈنكى ئانامنىڭ ئەتكەن لەغمىنىنى سېغىنغىنىمدىن بولسا كېرەك .چۈنكى ئانام10يىل بولدى مىڭىسىگە قان چۈشۈپ بۇرۇنقىدەك ياخشى تاماقلارنى ئىتىپ بىرەلمەيدۇ ،ئۈزەمنىڭ ئەتكىنى ئانامنىڭ ئەتكىنىگە ئوخشىمايدۇ ….يەنە بىرى بىزنىڭ ئۆيدە دائىم يەيدىغان تاماق گاڭپەن ،،مەن شۇنداق زىرىكتىم بۇ تاماقتىن لىكىن سىڭلىم 360 يىسىمۇ زىرىكمەيدۇ ،لىكىن ئۇ ئەزەلدىن لەغمەن يىمەيدۇ ،ئىككىمىز ئىككى دۇنيادە .سىڭلىم ئىچكىرىدە كۈندە گاڭپەن يەپمۇ يەنە ئۆيگە كىلىپ نىمە يەيسەن نىمە يىگۈڭ كەلدى ئىچكىرىدە دىسە يەنە شۇ گاڭپەن ،،شۇڭا بىز لەغمەن ئەتكەن كۈنى ئۇنىڭغا گاڭپەن ئىتىپ بىرىمىز.ماڭا بۇ تېمىڭىز بەك ياقتى ،،
    دائىم مۇنبەر ئارىلاپ قالسام ئۆز -ئارا تىللاشقان گەپلەرنى ئاڭلايمەن …توۋا دەيمەن بەزىدە ..
    بەزىدە مۇنبەردە بىرەرسى بىرەر ئارتىس،ناخشىچىلارنى ياقتۇرىمەن دەپ قويسا بولدى ئۇ ئادەم يوق ھە ،،تىللاپ پۇركىۋىتىدۇ ،،،
    دىمىىسىمۇ يەنە قاچانغىچە بېكىنمىچىلىكتىلا ياشايدىغانمىز،،،،
    بىر قېتىم چاك چاك مۇنبىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ مۇنداق بىر تېمىنى كۈرۈپ قېلىپ غەزىۋىم تاشتى،بىرسى باشتا قىزلار ئالۋاستى دەپ بىر تېما يوللاپتىكەن ،بۇنى كۆرگەن بىر قىزنىڭ ئاچچىغى كىلىپ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپلا بىر تېمايوللاپتۇ ماۋزۇسى قىزلار ئالۋاستىغا رەددىيە ئوغۇللار ئالۋاستىكەن ،مەن دەل مۇشۇ تېمىنى كۈرۈپتىمەن ئالدىنقىسىنى كۆرمەپتىمەن ،،كۈرۈپ شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى ،تېخى ئاستىدىكى ئىنكاسلارچۇ ؟؟بۇلۇپمۇ شۇ مۇنبەردىكى بىرسىنىڭ ئىنكاسى مىنىڭ دىققىتىمنى تارتتى ،تېخى ئۇ شۇ مۇنبەرنىڭ باشلىغىكەن ،مەنمۇ ئۇ يازغان ئىككى كۇپلىت شىئىرىي ئىنكاسقا ئىككى كۇپلىت شىئىرىي ئىنكاس قايتۇرۇپ قويدۇم ،،دىمىسىمۇ بىرسىنى ئۇنداق مۇنداق دىگەنلەر ئاۋۋال نىمىشقا ئۈرۈم قانداق دىمەيدىغاندۇ دەپ شۇنداق قاخشايمەن مۇنبەرلەردە .لىكىن قاخشاپمۇ ھېرىپ قالدىم ھازىر ،،..
    ھازىر مۇنبەرلەردە ئۇنداق نەرسىلەرنى كۆرسەم كۆرگۈممۇ كەلمەيدۇ …
    بايا سىىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى كۈرۈپ راستىنلا خوشال بولدۇ م

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • بۇنيامىن :

    يەنىلا بۇرۇنقى بلوگىڭىز ياخشى ئىكەنتۇق …

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • زىيالى :

    لەغمەنما؟قېنى؟
    سېغىنمايدىغان ئىش بولامدىكىن…..سېغىنىمەن!ھەتتا لەغمەن يەۋېتىپمۇ!
    نۇرغۇن تاماقلاردىن ئۇدا ئىككى ئۈچ كۈن يەپ چىقىپ كەتكەن،ئەمما نىمىشقىكىن،بىرى نان،بىرى لەغمەندىن پەقەت زېرىكىپ باقمىدىم.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئىلى ئالمىسى :

    (بۇنچە قىينىلىپ يۈرگىچە بالدۇرراق يازماي بۇتېمىنى ،ئەمدى بۇ قېتىم ۋەتەنگە قايتقىنىڭىزدا ئاغىنىلەر ئۇرۇق تۇققانلار سىزنى باشقا تاماق بىلەن مېھمان قىلىدىغان بولدى-دە،ئامرىكىدىكى ئۇيغۇرلامۇ ئەمدى سىزنىڭ لەغمەنگە ئامراق ئەمەسلىكىكىڭىزنى بىلىۋالدى شۇڭا كىيىنكى قېتىم ئۆيىگە بارسىڭىز چوقۇم باشقا تاماق ئىتىدۇ.)

    كىيىنكى قېتىم لەغمەننى قورۇپ (سومىيەن) ئەكىلىپ بىرەمدىكىن…

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تۆمۈرچى :

    ئۇيغۇرلار ئەڭ ئامراق تاماق نىمە؟ دىيلىسە، سىز نىمە دەپ جاۋاپ بېرىسىز؟. ياپونيىلىكلەر، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ،ئائىلىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، كىشىلەردىن ، ئامراق تامىقىڭىز قايسىى ؟ سورىغاندا كۆپىنچىسى پولو دەپ جاۋاپ بەرگەن، بىراق تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشچە، ئاشخانىغا كىرگەن ئۇيغۇرنىڭ 70پىرسەنتى لەغمەن بۇيرۇتىدىكەن، ئائىىلەردىمۇ ئاساسلىق كۆپ ئېتىلىدىغان تاماق لەغمەن ئىكەن، پولونى ئانچە كۆپ يىمەيدىكەن. ياپونيىلىكلەر بۇنىڭدىن ھەيران قالغان.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    كۇنۇپكا Reply:

    @تۆمۈرچى, بىر قاچا پولو 12 يۈەن، بىر قاچا لەغمەن 7-8 يۈەن

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    رادىئو ھەۋەسكارى Reply:

    @كۇنۇپكا,
    بۇ ئنكاسنى ئوقۇپ كۇلمەي تۇرالمىدىم .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • زۆھرە :

    بۇنچە قىينىلىپ يۈرگىچە بالدۇرراق يازماي بۇتېمىنى ،ئەمدى بۇ قېتىم ۋەتەنگە قايتقىنىڭىزدا ئاغىنىلەر ئۇرۇق تۇققانلار سىزنى باشقا تاماق بىلەن مېھمان قىلىدىغان بولدى-دە،ئامرىكىدىكى ئۇيغۇرلامۇ ئەمدى سىزنىڭ لەغمەنگە ئامراق ئەمەسلىكىكىڭىزنى بىلىۋالدى شۇڭا كىيىنكى قېتىم ئۆيىگە بارسىڭىز چوقۇم باشقا تاماق ئىتىدۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Dolan :

    Hello, hello Jeck,
    Tehiqila lengmenni seghinmidingizmu? buda kelgingizde lengmen etip koymisam. Hep tohatp turung. 

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • سەبى :

    يازمىڭىزنى راس گەپنى قىلسام تازا ياقتۇرمۇدۇم. خاپا بولۇپ تىللاپ كەتسىڭىزمۇ مەيلى. راس گەپ قىلدىم دەپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلىپ ئادەم ئالدىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. بۇ پەقەت مەندىكى تۇيغۇ خالاس. ئەنسىرەيدىغىنىم لەغمەننى ياقتۇردىغانلارمۇ سىزگە ئەگىشىپ يىمەس بولۇپ قالمىغىدى دەپ قالدىم. مانا بۇ ئۇيغۇرنىڭ پىسخېكىسى!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۆتكۇر :

    مەنمۇ لەغمەنگە بەك ئامراق، ئىككى كۈندىن ئېشىپ كەتسە چىدىشىم تەس

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • سەرۋەر :

    مەنمۇ لەغمەننى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمەن ، مەنچە بولسا چۆچۈرە ئېتىش لەغمەن ئېتىشتىن كۆپ ئاسان دەپ قارايمەن، ئەمما ئۇيغۇر باللىلىرىغا ئوموميۈزلۈك لەغمەن جىنى چاپلاشقان زادى . بىر قېتىم مەن ئۈچىنچى ئەۋلاد سىرتتا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر بالا بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ "نىمە تاماقنى ئەڭ ياخشى كۆرسەن " دىسەم "لەغمەن" دىگەنتى . مەن تېخى ئۇيغۇر لا بولسا لەغمەن خۇمار بولامىكىن دىسەم ، ئادەم خوش قىلىپ بۇ يەردە يىڭى پىكىر باركەنغۇ……………..

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • سەرۋەر :

    مەنمۇ لەغمەننى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمەن ، مەنچە بولسا چۆچۈرە ئېتىش لەغمەن ئېتىشتىن كۆپ ئاسان دەپ قارايمەن، ئەمما ئۇيغۇر باللىلىرىغا ئوموميۈزلۈك لەغمەن جىنى چاپلاشقان زادى . بىر قېتىم مەن ئۈچىنچى ئەۋلاد سىرتتا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر بالا بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ "نىمە تاماقنى ئەڭ ياخشى كۆرسەن " دىسەم "لەغمەن" دىگەنتى . مەن تېخى ئۇيغۇر لا بولسا لەغمەن خۇمار بولامىكىن دىسەم ، ئادەم خوش قىلىپ بۇ يەردە يىڭى پىكىر باركەنغۇ……………..

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • كۆك :

    مەن لەغمەنگە بەكلا ئامراق، ئىككى كۈن يېمىسەم سېغىنىپ كېتىمەن. لېكىن ماۋۇ يازمىڭىز لەغمەندىنمۇ ياخشى چىقىپتۇ!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابلېلىم :

    بۇ يازمىڭىزنى راھەتلىنىپ ئوقۇدۇم. گەپنىڭ راستىنى ئېيتىپسىز، خۇددى لۇشۈندەك. يازمىڭىزنى لۇشۈننىڭ فىليەتونلىرىغا ئوخشاتتىم. ھەم دادىل، ھەم چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن ھالدا بىزدىكى ساختىلىقنى، ئەپتى-بەشىرىمىزنى ئۇنىڭ ئەكسىچە قىلىپ كۆرسىتىدىغان تونلارغا ئورىنىۋېلىشقا ھېرىسمەنلىكىمىزنى ئېچىپ بېرىپسىز.
    راست سۆزلۈكلىكىڭىزگە ئاپىرىن!
    قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابرال :

    بىز ۋەتەندە بولغاچ بۇنداق تەسىرات يوق ئەلۋەتتە. ئەمما ۋەتەن سىرتىغا چىقساق قانداق بولىغىنىنى پەرەز قىلالمىدىم. چۈنكى مەنمۇ لەغمەنگە بەك ۋاي دەپ كەتمەيمەن، ھەم بەك ياقتۇرمايمۇ كەتمەيمەن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى لەغمەن ھەقىقەتەن ئۇيغۇرنىڭ روھىغا بەك سىڭىپ كەتكەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تۇرغۇن :

    مىنىڭ كۆز قارىشىم،مائارىپىمىزدا شەخسنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكىگە ئىتىبار بىرىدىغان ۋە ئۇنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىش يوق.كىچىك ۋاقتىدا 1000 ئادەم مىڭ خىل تەپەككۇر قىلسا ،چوڭ بولغاندىن كىيىن مىڭ خىل ئادەم بىرلا خىل تەپەككۇر بولىدىغان بولۇپ چىقىدۇ.كۆپ قىسىم كىشىلەر بىر ئىشلارنى قىلغاندا ئۆز تەپەككۇرى ياكى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئەمەس ،جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق ئېقىمنى-ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.جەمئىيەت ۋە مائارىپىمىز ھەر بىرەيلەننىڭ كاللىسىدا "باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى " توغرىسىدىكى بىر قىلىپنى شەكىللەنگەندۈرگەن.شۇڭا رىستۇرندا ئۇخلايدىغانلار رىستۇراننى ،سورۇندىكى ساقىلار ھاراقنى تىللاپ يۇرۇيدىغان ئىش چىقىدۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..