باشبەت » ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش

ھىندىستاندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىڭ، قىزلار ئۈچۈن، ئىككى سان. Apply For High School Scholarship in India

11 ئىيۇل 2010 1,019 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس

يىقىندا بىر تۇنۇشۇم تۈۋەندىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتىپتىكەن، قىزىقىدىغانلار بوپ قالسا ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭلار. بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمى WoodStock ئىكەن، ئىزدەپ كۆرگەن ئوچۇرلارغا قارىغاند بۇ مەكتەپ بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىللار بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇپ ياتاقلاشقان ۋە كۆلەملەشكەن خەلقارالىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەن، ھىندىستان ۋە جەنۇبى ئاسىيادا داڭلىق مەكتەپ ھىساپلىنىدىكەن. ئۇلار مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئېتنىڭ مەنبەسىنىڭ ھەرخىللىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرىق، جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئائىلىسىدىن كەلگەن ئىككى قىز ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرمەكچى بوپتۇ، 9- ياكى 10 سىنىپقا ئوقۇيدىغانلار بولسا بۇلىدىكەن، ئىنگىلىز تىلىدا راۋانراق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. قىززىقىدىغانلار ئۇچۇرنى تەپسىلى كۆرۇڭلار. ئىلتىماس قىلىش ۋاختىنىڭ ئاخىرقى چېكى 8-ئاي.  ئىلتىماس قىلىدىغانلار بىۋاستە ئىلتىماس قىلساڭلار بۇلىدۇ. ياردەم لازىم بولسا bluepigeon9@gmail.com گە ئىلخەت سالساڭلار بۇلىدۇ.

مەكتەپنىڭ تور ئادېرسى: http://www.woodstockschool.in/

Salam!

I am going to share the  information with you and ask you to help to share with more Uighurs about   the opportunity on the below:

Woodstock School located  in  the mountains of North India. It is an excellent high school with a diverse international student body.  They provide a very good college preparatory education for students headed for the best universities in US, UK or India.

Woodstock is committed to increasing greater diversity in its student body.  One of the goals is to attract more students from Muslim families in South Asia, Central Asia and the Middle East.    This year, if any student who are qualifies an  appropriate candidates, at least two students could receive as much as an 80% scholarship to Woodstock.  Ideally, they are looking for female students in grades 9 or 10.

Students who might be considered for these scholarships would need to have adequate English fluency and a successful academic record.  They would also have to demonstrate a financial need.  application deadline for the fall is August( you can see more about this from school website

Our problem is that we do not have a broad network of contacts who are qualify to apply and I was wondering if you would be able to put  them in touch with schools or other institutions and organizations that might help us promote this effort.  There is the  school website, :www.Woodstock.ac.in

I would be very grateful for any suggestions or leads that you could give in helping to make these scholarships available to deserving students.

With all best wishes,

Kamile .

9 ئىنكاس بار »

  • رىتا1028 :

    ئۈستىدىكى بىر قانچەيلەن ، سىلەر ساقمۇ يا ؟پەنگىيار بىلەن يۈكسەل يېزىپتۇ تېخى گەپنىڭ ناچىرىنى .
    ھېندىستاندا ئوقۇش دەپ يۈرسە شارۇلخانغا يۆتكەپ تېمىنى .
    نەزىرىڭلادا قىزلار شۇنچىلىك چاكىنىمىدۇ ؟ قىزلار كىرمەيدىكەن بۇ يەرگە دەپ ئىچىڭلاردىكى غۇمۇڭلارنى دېگىنىڭلارمۇ بۇ ؟
    قىزلارغا مۇناسىۋەتلىك بوپ قالغان تېمىنىڭ ھەممىدسىدىلا قىزلارنى سۆكىۋېلىش مودا بوپتۇ . جېك بلوگىدەك خېلى ساپالىق ئوغۇللار كىرىدىغان بلوگدىمۇ مۇشۇ گەپ .
    ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك . خۇدايا توۋە دەپ چىقاي ماۋۇ تېمىدىن . بولمىسىغۇ بىر ئوبدان پاراڭكەنتۇق.
    ھېندىستاننىڭ ئەنگىلىيەنى ئۈلگە قىلغان مائارىپىنىڭ خېلى خېلى دۆلەتلەردىن ئېشىپ چۈشىدىغىنىغا قاراپ تۇرۇپ كۆزۈڭلارنى يۇمۇۋاپسىلەر ….يا مۈشۈك يىللىق بوپ كەتتىڭلىمۇ ؟
    ئوغۇل بالا ئالىدۇ دىگەن بولسا مەن باراي ،قانداق قىلىمەن … دىگەن سوئاللارغا توشۇپ كېتەر بولغىيتى بۇ تېما .قىزبالا ئالىدىكەن دەپ قويسا ئوتتۇرىغا چىققان گەپنى كۆرۈڭ .قىزلار مەرىپەتلىك ، بىلىملىك بولسا ئىزدەنسە ئۇنىڭ نەرى خاتا ؟؟؟ ھېچبولمىسا خەلقئارا مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كىيىن بوغۇلمىغان ئاڭغا ، ياخىشى ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇپ قالار ئىدى . ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىتىنى ،مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغاندەك سۆزلەيدىكەنسىلەر.( يەنە قايناپ قالدىم ئۇھھھھ…..)
    قىزلار شارۇلخاننى كۆرسە ئۆلۈپ بېرىدۇ دېيىشتىن بۇرۇن شۇنىڭدەك چولپان بوپ كېلىڭلار ….(مېنى قىيما چىيما قىلىدىغان گەپتىن بىرنى قىپ سالدىم ،رىتاگۈلمۇ شەرىلخاننىڭ بىر نىمىسى دەپ ئاتاقمۇ ئېلىۋالىدىغان بولدۇم ) .ماۋۇلارنى قىپ بولالماي تۇرۇپ تولا ئاغزىڭلىغا كەلگەنچە جۆيلۈمەڭلا .
    يەنەبىر گەپ سىلەر مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتقىنىڭلىدا شۇ قىزلىرىڭلا جەك دەيدىغان بىرىنىڭ بلوگىدا ئۆزى ھەققىدە بولىنىۋاتقان پاراڭدىن خەۋەرسىز ھالدا تامىقىڭلانى ئىتىپ، كىرىڭلارنى يۇيىۋاتقان بولىشى مۇمكىن جۇما …..

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇيغۇر ئوغلى :

    ھىندىستاننى ئەتىۋارلىغىدەك نىمىسى بار؟ ئۇنىىڭدىن ئۈرۈمچىدە ئوقىغان ياخشى ئەمەسمۇ؟!بىزنىىڭ يۇرتىمىزمۇ خېلى يەرلەردىن قېلىشمايدۇ!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    ئۇيغۇر ئوغلى Reply:

    ئۇلىنىشىم خاتا بولۇپ قاپتۇ، بۇ توغرىسى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇيغۇربەگ :

    تۆۋەنرەك بولسىمۇ پەگاھدىن ئورۇن ئالدىم…

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ۋۇھاھا :

    شارولخاننى كۆرسە يېتىۋالارمۇ

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • پەنگىيار :

    شۇنى دېمەمسىز، بۇنداق ئۇچۇرنى كۆرگەن قىزلار ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالا ھە قاچان؟!!!!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • يۈكسەل :

    ۋاھ، قىزلارنىڭ ھىندىستان چۈشى رېئاللىققا ئايلىنىدىكەن دە؟!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • NazarY :

    خاقان بۇرادەر <تور>دىن ئورۇن ئاپتۇ. <تۆر> نى مەن ئىگەللەي. ھې ھې
    ئىلان ئورنى . سىتىلىدۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • خاقان :

    ھى ھى توردىن ئورۇن ئالاي

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..