ئىنگىلىسچىدىكى i.e. ۋەe.g. قىسقارتىلما سۈزلىرىنى توغرا ئىشلىتىش
يىقىندا توردا ئىلمى ماقالە ئىزدەۋېتىپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار يازغان بىر نەچچە ماقالىگە كۆزۈم چۇشۇم قالدى ۋە ئۇلاردا i.e. ۋە e.g. قىسقارتىلما سۈزلىرىنىڭ خاتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ياكى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئىككى سۈز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، لېكىن ئىلمى ماقالىلاردا بەك جىق ئىشلىتىلىدۇ. بۇرۇن مەنمۇ دىققەت قىلماي خاتا ئىشلىتىپ قوياتتىم. كىيىن ئامرىكىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن دىسىرتاسىيە يېزىۋاتقان ۋاختىمدا ئاندىن بۇ ئىككى سۈزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بۇلغان ئىشلىتىش ئورنى بارلىقىنى بايقىدىم. ۋەتەندە ئاسپرانىت ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇپ قويۇشىنى ياكى توردىن ئاختۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن، ماقالە يازغان ۋاختىڭلاردا ئالدىڭلارغا كىلىدۇ.
i.e. ئەسلى لاتىنچىدىكى id est دىگەن سۈزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ قىسقارتىلغاندا i ۋە e ھەر ئىككى ھەرىپنىڭ كەينىدىن چىكىت قويۇلىدۇ، چىكىت قويۇلمىسا ياكى بىرسىگە چىكىت قويۇلۇپ يەنە بىرسىگە چىكىت قويۇلمىسا ئىملا خاتالىقى بۇلىدۇ.ئاندىن كىيىن بۇ قىسقارتىلما سۈزنىڭ كەينىدىن، يەنى e نىڭ كەينىدىكى چىكىتتىن كىيىن بىر پەش كىلىدۇ. بۇ سۈزنىڭ ئىنگىلىسچىدىكى مەنىسى ئۇيغۇرچىدىكى “ يەنى“ دىگەن سۈزگە يىقىنلىشىپ قالىدۇ. ئىنگىلىسچىدە بولسا that is, ياكى in other words دىگەنگە يىقىنلىشىدۇ. بۇ قىسقارتىلما سۈز ئادەتتە ئالدىدا دىيىلگەن جۇملىنىڭ مەنىسىنى تېخمۇ ئىنىقراق، تېخىمۇ كونكىرتراق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
I’m going to the place where I work best, i.e., the coffee shop.
مەن ئىشىمنى ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان يەرگە، يەنى كافىخانىغا بارىمەن.
I like root vegetables; i.e., the ones that grow underground.
مەن ئادەتتە يىلتىزى بار كۆكتاتلارنى، يەنى يەرنىڭ ئاستىدا ئۆسىدىغان كۆكتاتلارنى ياخشى كۆرىمەن.
I’ll listen to anything; i.e., I like any kind of music.
مەن ھەرقاندا مۇزىكىنى ئاڭلايمەن، يەنى ھەرقانداق تىپتىكى مۇزىكىنى ياخشى كۆرىمەن.
e.g., ئەسلى لاتىنچىدىكى exempli gratia دىگەن سۈزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ئۇيغۇرچىدىكى مەسىلەن دىگەن سۈزگە يىقىنلىشىدۇ. ئىنگىلىسچىدە for example دىگەننىڭ ئورنىغا كىلىدۇ. ئىملا جەھەتتىن يېزىلىش ئوسۇلى ئۈستىدىكى i.e. بىلەن ئوخشاش، شۇڭا قايتىلىمىدىم . بۇ سۈز ئادەتتە مىسىال كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
I like root vegetables, e.g., potatoes.
مەن يىلتىزى بار كۆكتاتلارنى ياخشى كۆرىمەن، مەسىلەن ياڭيۇنى.
I’ll listen to anything, e.g., country-western, rap, etc.
مەن ھەر قاندا مۇزىكىنى ئاڭلايمەن، مەسىلەن country-western, rap دىگەنلەرنى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جېك ئەپەندى سىزنى چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋېتى بىلەن چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 3 يىللىق مەرىكىسىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمەن. بۇ تېمىدا چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 3 يىللىق مۇساپىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. كەڭ تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى قوبۇل قىلىنماقچى. ئىشىنىمىزكى چەۋەندازلار تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلار بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتىۋالغۇسى! چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
-چەۋەنداز
چەۋەندازلار بلوگىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز!
http://qawandazlar.blogbus.com/logs/81206269.html
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنچە جىك ئەپەندىم، بلوگ نىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتسەك بۇلاتتى… بەك قالايمىقاندەك تۇيغۇ بىرىدىغۇ ماڭا. بۇ يەردە چىرايلىق ئۇسلۇبلار باركەن ئۇيغۇرچە.pristan.blogbus.com
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەخسۇم، بۇ ياخشى بىر دەرىس بوپتۇ. مۇشۇ OK بىلەن YES نىڭ ئىشىلتىشى ھەققىدە بىر تېما يوللىسىلا بوپتىكەن… ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلار كۆپكەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك ئۈكا ، يېڭى تېمىلار بەك ئازلاپ كەتتىمۇ – يا؟ ، مەندەك يېشى چوڭلارمۇ ئۆزلەرنىڭ ئادەمگە ئېلھام ئەپ كېلىدىغان يېڭى تېمىلارنى كۈتۈپ چاچ تېخىمۇ ئاقرىپ كىتىپ بارىدۇ – دىسە.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يېڭى تېمىلارغا تەشنامىز ! يوللاپ تۇرىلى مۇنداق !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئېنگىلىزچىنى مۇشۇ كەمگىچە ئۆگۈنۈپ e.g. نى كۆپ ئۇچراتقان بولساممۇ ، لىكىن i.e. نى ئۇچىرىتىپ باقماپتىكەنمەن ، بىر بىلمىگە ئىگە بولدۇم رەھمەت .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئوقۇۋاتقىنىڭز ماگىستىرلىق بىلەن دوكتۇرلۇقنى ئۇلاپ ئوقۇيدىغان پىروگرامما ئوخشىمامدۇ ؟ مەن تېخى سىزنى ماگىستىرلىقنى ئوقۇپ بولغان ، ئامېرىكىغا پەقەت دوكتۇرلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن بارغان دەپ ئويلىغانتىم .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، ...
رەخمەت ئاكا،شۇنداق جاپالارنى چېكېپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭېزنى بەرسۇن.
War of Independence is the best proof.銆侰arney unemployment rate is expected to achieve this goal takes 3 years銆侻eeting noted that ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىق ...
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئالاقىلىشىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن چ چ ياكى ئۈدىدار نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم، قېرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن. مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپىيۇتېر ...
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
@مەھمۇد, ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم سىز KAUST i want to know your email .please electrical engineeringۇقامسىز ھازىر ئوقۇشىڭىز پۈتكەندۇ ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel