بلوگ بېسىمى بۇلۇپ قالغان جېك Jeck Under Blog Pressure
ئۇنى بۇنى دەپ بلوگ يېزىپ يۈرگىلى ھەش پەش دىگۇچە 3 يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ. دوستلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، بلوگنى دەسلەپتە مۇنبەرلەردە يېزىپ قويغان ئوزۇنراق ئىنكاسلىرىمنى كۆچۈرۈپ قويۇشتىن باشلىغان، كىيىنچە تىمىلىرىمنى كۆچۈرۈم قويۇشتىن باشلىدىم، كەينىدىن ئىنكاس ئۆچۈرۋېتىپ تىمىلارنىلا ساقلاپ بارا رەسمى بلوگ شەكلىدە يېزىشقا باشلىدىم. دەسلەپ باشلىغان ۋاقىتلىرىم كۈڭلۇم خاتىرجەم، ئىشلىرىم ياخشى كىتىپ بارغان ۋاقىتلار بولسا كىرەك.بلوگ يېزىشقا ۋە ئۇيغۇرۋە مۇنبەرلەرنى ئويناشقا خېلى ۋاختىم چىقاتتى. ھازىر شۇ ۋاقىتلاردا يېزىۋەتكەن تىمىلارنى ئۆزۈم كۆرسەممۇ قانداقمۇ يېزىپ بولغاندىمەن دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئۇ ۋاقىتلاردا تورداشلار بلوگ ئىشلىتىپ كۆنمىگەن بولغاچقا مەنمۇ پەقەت مۇنبەرلەرگە يازغان تىمىلىرىمنى كۆچۈرۈپ قويغاندىن باشقا ئۈزەم تۇرمۇشتا ئۇچرىغان قىززىق ئىشلارنى، كۇندىلىك ھاياتىمنى جىقراق يېزىپ قوياتتىم. رەسىملەرنى چىقىرىپ قوياتتىم. چوڭقۇر تىمىلارمۇ بار لېكىن ئاز ئىدى ياكى بۇرۇن مۇنبەرلەرگە يېزىپ بولغان ئىدىم. دەسلەپتە بلوگنىڭ زىيارەتچىلىرىمۇ يىقىن تۇنۇشلىرىم ۋە دوستلىرىم ئىدى. كۈندە كىرىدىغان ئادەم سانى ئۇدا بىر ئاي مۇقىم 100 دىن ئاشقاندا يەر شارىدا كۈندە مىنى ئەسلەپ تۇرىدىغان كەم دىگەندە 100 ئادەم باركەن دەپ ئويلاپ كەتكەن ئىدىم. بىر كۈنلەردە كۈندىلىك ھاياتىمنى ئازراق يازاي، رەسىملەرنى جىقراق چىقىراي، بىكارغا تورداشلارنى ئاۋارە قىلماي دەپ ئويلاپ كۈندىلىك ھاياتتىكى نەرسىلەرنى يازماي سەل كەسپىراق يېزىشقا تىرىشتىم. كەسپىراق يازغاندىكىن كىيىن ئۆزەمگە خاس بولغان تىمىلار ئازلاشتى، تىمىلار سەل ئېغىرراق بولدى. لېكىن بۇنداق ئېغىر تىمىلارغا ۋاقىت چىقارماق ۋە يازماق تەسكەن، بۇنى ئىزجىل قىلىش تەسكەن. لېكىن ئارلىقتا ئامرىكا توغرىلىق ئۇچۇرلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئەڭ مۇھىمى بلوگنىڭ كۈندىلىك زىيارەتچىلىرى مۇقىم ئېشىپ باردى. زىيارەتچى ئاشقانسىرى مەنمۇ بلوگقا ئالدىراپ بىر نەرسە يازالمايدىغان بولدۇم. بۇرۇنقىدەك بۈگۈن لەغمەن يىگەنتىم پەقەت ئوخشىماپتۇ دەپ لەغمەننىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويۇشقا كۈڭلۇم ئۇنىمىدى. ياخشى، تورداشلارنى قايىل ۋە خوش قىلدىغان تىمىلارنى يېزىشقا مەن جىق ۋاقىت سەرىپ قىلسام، بىر مۇنچە تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارسام ئاندىن بىر تىما چىقىدىكەن. چۇنكى مەن تىما يازغاندا ئاساسنى مۇھىم ئورۇندا قويىمەن، شۇڭا ئاۋال ئاساس ۋە لوگىكا كاللامدا شەكىللىنىشى ئۈچۈنلا خېلى ۋاقىت كىتىدىكەن. بۇ جەرياندا بلوگ قۇرۇق قالىدىكەن. بلوگنى قۇرۇق قويماسلىق ئۈچۈن ئۈزەم ياخشى تۇنۇشۇدىغان ۋە ئىدىيە، كۆز قارىشىغا، تەپەككۇر ئۇسۇلىغان مەن بىر قەدەر قوشۇلىدىغان دوستلاردىن تەكلىپ قىلدىم. مەقسىتىم مەن بۇ بلوگنى قانداق كۆرگەن بولسام شۇلارمۇ ئۈزىنىڭكىدەك كۆرۈپ يىڭى كۆز قاراشلارنى يېزىپ تۇرسا، بىر تۈركۈم ئادەملەر بىرلىشىپ ئىدىيە كۆز قاراش جەھەتتە ئۆزگىچىلىكى بولغان ۋە جەميەتكە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلالايدىغان بىر بلوگنى قۇرۇپ چىقساق دىگەن ئۈمىتتە ئىدىم. لېكىن بومۇ بەك ياخشى مېڭىپ كەتمىدى. پەقەت كولتىگىن ئەپەندىلا ۋاقىت چىقىرىپ تىما يېزىپ تۇردى. بۇنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن خېلى ۋاقىت كىتىدىغاندەك قىلىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن ئويلىغاندا بلوگ يازغۇچى ياكى بەك كەسپى يېزىۋەتمەي خالىغاندا يېزىپ قويسا ياكى مۇقىم يازىمەن دىسە ئۈزى قىلىۋاتقان كەسپىگە بىرلەشتۈرۈپ يازسا ئۈزىنىڭ قىلدىغان ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك يازسا ئەڭ ياخشى ماڭىدىكەن. دۇنيادىكى داڭلىق بلوگلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن شۇنداق. ئۇيغۇرلاردىمۇ ئالدىدا مېڭىۋاتقان 80 خالتا بلوگى يازغۇچىسىنىڭ ئۈز كەسپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولغاچقا ياخشى كىتىۋاتىدۇ. گەرچە مۇنداق بلوگلار مەلۇم ساھەدە كىتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن مۇقىم، ئىزچىل بىر خىل تىمىدا يېزىلىۋاتقان بولغاچقا شۇ ساھەگە قىززىقىۋاتقان كىشىلەرنى مۇقىم ئۈزىگە تارتالايدىكەن. مەنمۇ بەزىدە شۇنداق قىلاي، فىزىكا توغرىلىقلا يازاي دەيمەن. لېكىن بۇ توغرىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزمۇنلىرىنى يېزىش خوشياقمايدۇ. بىۋاستە ھازىرقى ئوقۇۋاتقان سەۋىيەدە يازاي دىسەم بۇنى ئوقۇپ چۈشەنەلەيدىغانلار ئاز ، .ئۈزەمگە ئۈزەپ يېزىپ بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە يازسا خەقلەر جىق ئوقۇپ جىق ئىنكاس يازسا( ياخشى، يامان ھەر قانداق ئىنكاس بولسىمۇ) ئاندىن يازغۇسى كىلىدىكەن.
نىمىشقا ئۇنى يازايمۇ، بۇنى يازايمۇ دەپ ئويلىشىم كىرەك دەپ ئويلاپ قالىمەن ئاندىن. يا مەن سودىگەر بولمىسام خەقلەر نىمىنى ياخشى كۆرسە شۇنى يازىدىغان. يا مىنىڭ چوقۇم بلوگ يازىدىغان ۋەزىپەم بولمىسا دەپ ئويلاپ قالىمەن. لېكىن يېزىپ كۆنۇپ قاپتىمەن. يازغاندا ئۈزەمگە بېسىم قىلماي نىمىنى خالىسام شۇنى يېزىشنى خالايدىكەنمەن. خالىسام بىر ئايدا بىر مۇنچە تىما يېزىۋەتسەم خالىمىسام بىرەر ئىككى ئاي قورۇق تۇرسا.
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنە ئويلاپ قالدىم، مەن نىمىشقا بلوگ توغرىلىق ئويلايدىغاندىمەن. ئويلايدىغان ئىش جىق ئىدىغۇ. كىسەل بۇلاپ قالدىممۇ يا؟ بورۇن ھاۋا بېسىمى، قان بېسىمى، خان بېسىمى، ئۈي بېسىمى، ماشىنا بېسىمى، خوتۇن بېسىمى، توي بېسىمى، قاتارلىق ھەر خىل بېسىملارنى ئاڭلىغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن بلوگ بېسىمى بولۇپ قاپتىمەن. بلوگنىڭ بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىغىنى بەلكىم مەن تۇنجى قېتىم بايقىدىم. چۇنكى گوگىلدىن بلوگ بېسىمى بولغانلار بارمىدۇ دەپ ئىزلەپ باقسام باردەك ئەمەس. لېكىن مەن بېسىمغا كۆنۈپ كەتكەن. بەزىدە ئادەمگە بېسىم بولمىسا بۇ دۇنيا قانداق بۇلار دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئەقلىمگە كەلگەندىن تارتىپ بۇنداق بېسىملار بار ئىكەندۇق. كىچىگىمىزدە باشقىلاردەك ياخشى ئويناش ئۈچۈن بېسىم بۇلاتتى. مەكتەپتە ياخشى ئوقۇش ئۈچۈن بېسىم بۇلاتتى. ياخشى ئوقۇيالماي ئادەم ياراتماي قالسا بۇ ئەڭ چوڭ بېسىم ئىدى. چوڭراق بولغاندىن كىيىن ياخشى ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش بېسىمى، ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كىيىن ئىچكىردىكى مەكتەپكە ئۆتۈش بېسىمى، ئۇ يەرگە ئۆتكەندىن كىيىن سىنىپتىكى بالىلارغا يىتىشىپ ئوقۇش بېسىمى.ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئەمدى ئۇھ دەمدىمىزكى دىسەم بېسىملار ئەمدى باشلىنىپتۇ. ياخشى خىزمەت قىلىش بېسىمى، ياخشى دەرىس ئۆتۈش بېسىمى، خەقنىڭ تېپىۋالغان قۇرۇق گەپلىرىندىن قۇتۇلۇش ياكى ئاڭلىماسلىق بېسىمى، ئەمدى قانداق قىلىپ تەرەققى قىلىش بېسىمى، چەتكە چىقىش ئىمتاھانلىرىنى بىرىش بېسىمى، چەتكە چىققاندىن كىيىن يەنە ئوقۇش بېسىمى. بۇ جەرياندا تېخى ياخشى قىز بالا بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش بېسىمى، پۇل تېپىش بېسىمى. ئەگەر موشۇ بېسىملار بولمىغىنىدا بەلكىم ھازىرقى جېكمۇ بۇلمىغان بۇلاتتى. بېسىملار ئادەمنى تەربىيلەيدىكەن، شۇنداقلا ئادەمنى ھەم تۈگەشتۈرىدىكەن. جەمىيەتتە ھەر قانداق بېسىملار بۇلىدىكەن. بۇ بېسىملار خۇددى كەررىفوردەك تاللا بازارغا ئوخشايدىكەن. ھەممە ئادەم ئۈزى شۇ بازارغا كىرىپ ھەر خىل بېسىملارنى تاللىۋىلىپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پات پات كونىراپ قالغان بېسىملارنى تاشلىۋىتىپ، بازارغا كىرىپ يىڭى بېسىملارنى تاللىۋىلىپ چىقىدىكەن. قايسى بېسىمنى ئۈزىگە تاللىۋىلىش ئادەمنىڭ ئۈزىگە باغلىق ئىكەن. ئۈزىگە ماس كەلگەن، ھەم توغرا بولغان بېسىمنى تاللىۋالغانلار تەرەققى قىلىدىكەن، ماس كەلمىگەن بېسىمنى تاللىۋالغانلار ئۈزىگە ماس كەلمىگەن خاتا نەرسە ئۈچۈن تىرىشىپ ئۈزىنى بىكار ئاۋارە قىلىدىكەن. شۇڭا جەميەتتىكى بۇ بېسىملار توغرىلىق توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان مەسلەھەتچىلەر، يول كۆرسەتكۈچىلەر، داۋالىغۇچىلار، بېسىمنى ئالماشتۇرۇپ بەرگۈچىلەر، ئوكۇل سېلىپ خاتا چۈشۈپ قالغان بېسىمنى ئۆلتۈرۋىتىدىغان دوختۇرلار بۇلۇشى كىرەك ئىكەن. جەميەتتىكى ئادەملەر ئارا بولغان مۇناسىۋەت توختىماي شۇنداق بېسىملارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدىكەن. بۇ بېسىملار ھەرخىل تاراتقۇلار( تېلىۋىزىيە، ژورنال، گىزىت،ئىنتېرنىت)، ئۈز ئارا ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق تارقىلىدىكەن. ساغلام بولغان جەميەتتە ساغلام بولغان بېسىم ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ساغلام بولمىغان جەميەتتە ساغلام بولمىغان بېسىم كۆپ بۇلىدىكەن. ئۇيغۇر سورۇنلىرىدىكى ھاراق بېسىمى، توي تۆكۇن، چەكتىن ئاشقان ئادىمىگەرچىلىك بېسىمى مىنىڭچە شۇنداق ساغلام بولمىغان بېسىم بولسا كىرەك.
ئۇنداقتا سىز ئۈزىڭىز توغرىلىق ياخشى ئويلىنىپ بېقىڭ. سىزگە ھازىر قانداق بېسىملار بار، قانچىلىكى سىزگە بولغان توغرا بېسىم، قانچىلىكى توغرا بولمىغان بېسىم. توغرا بولغان بېسىمنى تاللىۋېلىپ، توغرا بولمىغان بېسىمنى دەرھال تاشلىۋىتىڭ.
تۈگەپتۇ.
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان ئاكا قاندا ئەكۋالىڭىز؟ سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن .
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بلوگنى ئىزچىل يېزىپ داۋاملاشتۇرۋاتقىنىڭىزدڭن بىز تولىمۇ خۇرسەن .
ئۇمۇدۇمىز بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملاشتۇرسىڭىز!
ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ، خىزمىتىڭىزگە نەتىجە تىلەيمەن!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسەلام تۇرسۇنجان!
مەن ئۇيغۇرچە تورلارنى 2011-يىلى باھاردىن باشلاپ ئارىلاپ كۆرۇپ كىلىۋاتىمەن(بۇ جەھەتتە بەك كەينىدە قاپتىمەن). كۆپ مەنپەت ئالدىم. سىزنىڭ زەر بېتىڭىزنى باشقىلاردىن سۇرۇشتۇرۇپ ساقلىۋالدىم. بۇ ماقالىڭىز ئارقىلىق سىز بىلەن سالاملاشقىنىمدىن خۇشالمەن.
كەسپى دائىرەمدە بولمىسىمۇ سىزنىڭ 2009-يىلىلا «تاراتقۇ» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكىنىڭىز ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. سىزگە تەشەككۇر! دىيارىمىزدا بەزى ئاخپارات ئورۇنلىرى ۋە ئايرىم زىيالىلار بۇ جەھەتتە يەنىلا خامپىغا سەكىرەش ھالىتىدە تۇرماقتا !
باشقىلار تىلىگەن تىلەكلەرنىڭ ياخشىسىنى تىلەيمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئالدى بىلەن سڭزنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ۋاقىت چىقىرىپ بىز ياشلارغا يول كۆرسىتىپ بىلىم بىرىپ كەلگىنىڭزە رەخەت! مىنىڭچە بىلوكىڭزنى چەتەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ھاياتى ۋە تەجىربىللىرى توپلىندىغان كۆزنەككە ئايلاندۇرساق، باشقىلارغا بۇ ھەقتە مەسلەھەت ۋە ئۇچۇر بىردىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرسھاق دوپ ئويلايمەن. ئۇنداق بولغاندا چۇقۇم سڭزلا يېزشىڭىز ھاقىتسىز، باشقىلارنڭنڭ ياخشى يازمىللىرنى ئۇلاپ قويسڭىزمۇ بۇلىدۇ. ياخشى ماقالە يازغانلار سىزگە ئەۋەتىپ بەرسە سىز ئۇلاپ قويسىڭز بۇلىدۇ. ياكى بولمىسا كىمدە ياخشى ئېلىكىتاپ بولسا شۇنى سىزگە ئەۋەتىپ بەرسە، ئۇلاپ قويسىڭز ياخشى كىتاپ توپلىندڭغا ئورۇنغا ئايلاندۇرساقمۇ بۇلىدۇ. رەخمەت سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭزغا !ھارمىغايسڭز!ئامان بولۇڭ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئۆكتەبىر 19th, 2011 at 19:08
@ماش, ئەلۋەتتە،مەنمۇ شۇنى خالايتتىم، لېكىن يېزىشىپ بىرىدىغانلار جىق ئەمەس.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىشقىلىپ جىك ئەپەندى ، يازمىللىرڭىز ئاجايىپ جۇمۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قارىغاندا مەندە سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى دائىم ئوقۇپ تۇرمىسام تۇرالمايدىغان بېسىم پەيدا بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ. سىزنىڭ مۇشۇنداق تىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئايىماي يېزىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد كىلىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەندىمۇ بېسىملار بەك ئىغىر بولۇپ كەتتى خۇددى بۇ يازمىدىكىدەك. قارىغاندا مەنمۇ مۇۋاپىق بولمىغان بىسىملارنى تاشلىۋىتىشنى ئويلاشسام بولغۇدەك، ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئاۋارە قىلماي…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
، لىكىن يازماي باشقىلارنىڭ خەنزۇچە ئېڭگىلىزچىدىكى بەزى يازمىلارنى قىسقىچە تەرجىمە قىلى يازىپ قويغۇم كىلىدۇ ،، نىمىقا بىلوگدىن قول ئۇزەلمەيدىغاندىمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن بىر نەرسە سوراپ باقسام بىلوگنى يازغانچە ئادەمدە بىرخىل بىلوگ يىزشقا نىسپەتەن مايىللىق يىتىلىپ قالامدۇ نىمە . مەن يازماي دەيمەن ،ھەم تۇزۇك تىمىلاردا يازالمايمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام جېك ئەپەندى:
مەنمۇ سىزنىڭ بىلوگىڭىز دائىم كۈرىمەن.سىز ھەرخىل مەزمۇندىكى ياخشى بىلوگلارنى يېزىپ كىلىۋاتىسىز،داۋاملاشتۇرپ كىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەم شۇنۇڭغا ئىشىنىمەن.
دەيدىغىنىم جېك ئەپەندىمنىڭ ۋاختى چەكلىك، ئارىمىزدا تالانتلىق،پىكرى ئۇچۇق قېرىنداشلىرىمز مۇ ئاز ئەمەس شۇڭا قابىليىتى ۋە تاقىتى بارلار جېك ئەپەندىگە ياردەملەشسە.
تىنىڭىزگە سالامەتچىلىك ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام جېك ئەپەندىم، ياخشىمۇ سىز؟ مەلۇم بىر بۇرادىرىم سىز بىلەن جىددىي ئالاقىلاشماقچى ئىكەن. تېلېفۇن نومۇرىڭىز لازىم بوپتۇ. دەپ بېرەرسىزمۇ؟
بلۇگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم، خالىسىڭىز سىزمۇ ھەم…
نامى: ئابدۇرېشىت ئېلى بلۇگى
خاراكتېرى: ئەدەبىيات
مەنزىلى: http://abdurxiteli.blogbus.com
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
لېكىن ئۇ يەردىكى يولداشلارنىڭ يامغۇرغا قىلچە پىسەنت قىلماي تۇرمۇشىنى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتمايدىغان روھىغا قول قويىمەن مەن. گىگ خاربوردا بىر ھەپتىدەك تۇرغان. Day 1 دىن Day 7 غىچە يامغۇر…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
long time no see, seattle hazirmu yamghurluqmu yaki?
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنمۇ داۋاملىق كۆرۈپ تۇرغۇچى ،ھەم قوللىغۇچى!!!!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنمۇ ئۆزەمدە ئىنكاس بېسىمى بارمىدۇ دەپ ئويلايتتىم. قارىغاندا نورمالكەنمەن. ھى ھى ~
باشقىلارنى بىلمىدىم. ماڭا شۇ لەڭمەننى يازغان تىمىلىرىڭىزمۇ بەك يارايدۇ. ئەركىن پىكىرنى يىزىشقا جۈرئەت قىلىشمۇ چوڭ گەپ.
بېسىمنى بانا قىلىپ قاچىدىغان بولسىڭىز ئۇۋالىمىزغا قالىسىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بېسىملار ئادەمنى تەربىيلەيدىكەن، شۇنداقلا ئادەمنى ھەم تۈگەشتۈرىدىكەن.
بۇ گەپنى بەك توغرا دەپسىز ،مىنىڭ بولسا شارائىت يار بەرسە ئۇيغۇر لار ئارىسدا blog weekly دەك ھەپتىلىك جورنالدىن بىرنى چىقارغۇم بار ئىدى ،مۇمكىن بۇلۇپ قالار بۇ ئىشلارمۇ -ھە …..خىزمەتكە كۆنىۋېلىپ ،بۇنىمۇ سىناپ باقسام بولغىدەك
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەممەيلەن راست دەيدۇ ، ھازىر ئىرادىسىز ئادەملەرگە كېلىدىغان بېىسم ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئالمىشىپ ماڭسىمۇ ، ئىرادىلىك كىشلەر گە كېلىدىغان بېىسىم ناھايتى تۇراقلىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جېك ئەپەندى دىگەندەك سانلىرى ، ۋەزنىمۇ ئېغىرلاپ بارىدىكەن .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام ، جېك ئەپەندى، مەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان ،ئەمما ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق يۈرىدىغانلارنىڭ بىرسى، بەزىدە ئوتتۇرا مەكتەپ چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن ، شۇ چاغلاردا ئوقۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان تىرىشچان بالا ئىكەندۇقمەن، شۇ چاغلاردىلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇسامكەن دەپ ئويلايتتىم، بىراق ئالىي مەكتەپكە چىقىپلا ئىشلار ئۆزگىرىپ كەتتى، ھازىر بۇرۇنقى تىرىشچانلىقلىرىم نەگە كەتكەندۇ، دەپ ئويلاپ قالىمەن. سىزنىڭ بلوگىڭىزدىن نۇرغۇن ئىلھاملارنى ئالدىميۇ ، يەنە بۇرۇنقى ھالىتىمگە قايتالمىدىم ، ئىرادەم ئاجىز كېلىپ قالدى. ھازىر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش دېگەنلەر مۇمكىن بولمايدىغاندەك ، بەكلا كېچىكىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمەن ، پۈتتۇرۈپ يۇرتقا قايتىپ خىزمەت ئىزدەشنىلا ئويلاي دەپ خىيال قىلىمەن،
لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، يازمىلىرىڭىز ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت ئاتاقىلدى .يازمىلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي، قەلىمىڭىز ھارمىغاي، سىزگە سالامەتلىك ، ئۇتۇق، بەخت-ئامەت تىلەيمەن!ئاللا ھەممىمىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغاي!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنمۇ يات-پات كىرىپ تۇرىمەن قانداق يىڭىلىقلار باركىندەپ ىەلجارا خەۋەرلەرنى كۆپرەك يوللىسىڭىز چەتئەلدە بولغاندىكىن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەي ~~~ بۇ ماقالىڭىز ماڭىمۇ ئىنكاس يىزىش بىسىمى ئىپ كەلدى -دە ~~ مەنمۇ بىلوگىڭىزنى يىرىم يىلنىڭياقى ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن ، بەك ياخشى ئۇچۇرلار بار ~~ مەنمۇ چەتكە چىقىمەن دەپ ئوقۇۋاتقانلارنىڭ بىرسى ~~ …بەزىدە مەنمۇ ئويلاپ قالىمەن ، جىك ئاكاشنىڭ شۇنچىلا جىق ۋاقتى بارمىدۇ دەپ ~~ … مۇشۇنچىلىك يازاي ~~ ئىشقىلىپ بىلوگ يىزىشنى تاشلاپ قويمىسىڭىز ~~~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بلوگنى ئىزچىل مۇقىم يېزىپ كىلىۋاتقانلارنىڭ مەن بىلىدىغىنى ساناقلىقلا، شۇنىڭ ئىچىدە بىرسى سىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
喜欢你的说话方式,思考方式,为人原则,相信你给维吾尔族青少年带来了巨大的精神动力!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
你好!每天看你的随笔,每天有新的收获,谢谢你的文章给我带来的快乐,祝你身体健康,生活幸福!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم………تۇنۇگۇن بىر ئىنكاس يولىسام بۇ يەرگە چىقماپتۇ….شۇنداق بولسىمۇ مەن قايتا يوللاي دەپ يوللىدىم..بەك ئەركىن پىكىر قىپسىز…..مۇشۇنداق پىكىر قىلغۇچىلارغا مەن بەك قايىل ……مەن كۆپ چاغلاردا مۇشۇ بىلوگدىن مەنپەت ئالغان..يەنە كۆپ كىشىلەر مەنپەت ئالغان بۇلۇشى مۇمكىن..مۇشۇ جەھەتتە سىزگە ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار..مۇمكىن بولسا توختاپ قالمىسا دەيدىغان ئۇمىدىم بار.لىكىن سىز زادى بەرداشلىق بېرەلمىسىڭىز،بوپتۇ ۋاز كىچىڭ.لىكىن بۇ سىزنىڭ تەبىتىڭىزگە يات دەپ ئويلايمەن.بىزنى بىر ئىشلارنى ئاخىرغىچە قىلىشقا ئوزىڭىز ئىلھاملاندۇرغان ئىدىڭىز.بەلكىم بۇ گىپىم چولتا بۇلۇپ قالغاندۇ، قاتتىق يەرلىرى بولسا كەچۇرۇڭ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنمۇ سىزنىڭ بىلۇگىڭىزنى دائىم كۆرىمەن ، سىز بىلۇگ يېزىش جەھەتتە ئۇسلۇپ ياراتتىڭىز ،مەسىلەن ھەريىللىق ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نەزەر ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بوشلۇقنى تۇلدۇردى ،ھەم زور تەسىر قوزغۇدى .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن سىزنى بلوگنى بېسىم قىلىۋالمىسىكەن دەپ ئەنسىرگەنتىم.قارىغاندا ئەنسىرگىنىم ئورۇنلۇقكەن.بۇ ئىشقا كۈنۈپ قالغان ئىكەنسىز،داۋاملاشتۇرۇۋىرىڭ.لىكىن چوقوم يازىمەن،نادىر يازىمەن دەپ بېسىم قىلىۋالماڭ.يېزىش ئىلھامىنى زورلاپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ،ئۇ كەلگەندە ئۆزىمىزنى قاچۇرساقمۇ بولمايدۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بلوگ يازسا ئىنكاسلار چۈشۈپ تۇرسا ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ. لىكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈتلىرىمۇ بلوگىرغا زور بېسىم ئىلىپ كىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ، ئۆزلۈك تەربىيسى ، ئۆزىنى تەربىيلەشتىكى موھىم سىرتقى ئامىللارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولسا كېرەك!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن نىمە دىسەم بولار؟مەن چەتئەلدە ئۇقۇش جەريانىدا ھەمىشە بىر خىل غېرىپلىق ئىسكەنجىسىدە قالغان ۋاقتىمدا سىزنىڭ كۆرگىلى كېلىمەن…..ھەم سىزدىن مەدەت ئالىمەن ھەم بۇ بىلوگدىن مەدەت ئالىمەن…..بولسا يوتقان كۆرپەمنى ئېلىپ كىلپ مۇشۇ بىلوگقا ئۇرۇنلىشىۋالغۇم كېلىدۇ….بەلكىم مەندە شۇنداق بىر ئىرادىسى ئاجىز كىلىپ قېلىپ مەدەت ئىزدىش ئۇچۇن كىرىدىغانلار يەنە بۇلۇشى مۇمكىن.سىز ھاردىڭىز،چارچىدىڭىز لىكىن بۇ ئىش تۇپەيلى سىز بىلوگنى توختىتىپ قويسىڭز ۋە ياكى يازمىسىڭىز بىزدەكلەر قانداق قىلارمىز دەپ ئويلايمەن……..؟؟؟؟؟؟؟؟
بەلكىم ئىز باسىدىغانلار بار دەيسىز،ئىز باسىدىغانلار بۇ يەرگە كىلىپ بولغۇچە بىز توزۇپ بولىمىز……..مۇشۇ تور دۇنياسىداھەرخىل ياخشى پىكىر ،مەسلھەتلەرنى بەرگەنلەر ۋە ماڭا ۋە مەندەكلەرگە يول كۆرسەتكەنلەر ياشىسۇن ….
لىكىن بۇ ماقالىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم،،بەك ئەركىن پىكىر قىلىدىكەنسىز……..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مىنىڭچە ئۆز كەسپىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەردىن ئاز-تولا بىر نەرسە يېزىپ قويسىڭىزمۇ بولغۇدەك، تاما-تاما كۆل تولار دىگەندەك بىر كۈنلەرگە بارغاندا كىيىنكىلەرگە مۇھىم بولغان پايدىلىنىش ماتىرىيالى بۇلۇپ قالىدۇ. سىز ئوقۇغان كەسىپتە كىيىنچە(بەلكىم ھازىرمۇ) باشقىلارمۇ ئوقۇشى مۇمكىن، تەجرىبە دىگەن مۇھىم نەرسە، كىيىنكىلەر سىز خۇلاسىلىگەن تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ بەزى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئىگەللەپ بۇلالىشى مۇمكىن. بەزى ۋاقىتلاردا بۇ خىل تەجرىبىلەرنى مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ يېزىشقا توغرا كىلىدۇ. ئۇ چاغدا تەس كىلىدۇ. بۇ خاتىرىگە ئاز-ئازدىن بولسىمۇ يېزىپ قويسىڭىز چۇقۇم پايدىسى بار.
بۇ تىمىنى ئوقۇپ ماڭىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ قۇيۇشقا بېسىم كەلدى..
ئامان بۇلۇڭ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بېسىم بولۇپ قالغان بولسا، دىققەت-نەزىرىڭىزنى بىر مەزگىل ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى شەيئىلەرگە بۇراڭ، ئەمما بۇرۇنقى پىكىرلىرىڭىزنى تاشلاپ قويماڭ، شۇنىڭدا سىزدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە ئىلھاملار قوزغىلىپ يېڭى ھەم مەزمۇنلۇق نەرسىلەر تېخىمۇ كۈتمىگەن ياخشى ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس، قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىغاي.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىلوگىڭىز مىنىڭ مەخسۇس بىتىمگە قوشۇغلۇق ، يىڭى تىما چىقسىلا ماڭا ئۇقتۇرىدۇ. بىر يىلدىن بۇيانقى تىمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن دىسەم بولىدۇ.
بىلوگ يىزىۋاتقانلار ئىچىدە پەقەت سىز رەسمى ئىچ- قارنىڭىزنى سۆكۈپ تۇرۇپ بىر نەرسە يازىسىز . شۇڭا كۆرگەنلەر بىرخىل تەبىيلىك، يىقىنلىق ھىس قىلىدۇ. ئوخشاش پىكىردىكىلەر تىخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىدۇ ، ئازتولا بىرنەرسە يۇقىدۇ .قارشى پىكىردىكىلەر ئۆزىدىن قايتا بىر سۇئال جاۋاب ئالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ تىمىلىرىڭىز ھەر تەرەپكە چىتىلىدۇ. كىچىكى قىززىق تىما بولغان چەتكە چىقىشتىن باشلاپ دۆلەت رايۇنلار ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي تەھلىللەرگىچە يىزىپ كەلدىڭىز ، شۇڭا كۆپ سانلىق بىلىمخۇمارلار ئوڭايلا بۇ بىلوگنى كۆرۈش ئوبىيكىتى قىلىپ تاللايدۇ. بۇ سەۋەبلەر بىلوگ كۆرۈلۈش قىتىم سانىنى ئاشۇرۇشتا بەك مۇھىم .
كۆرگۈچىلەر ئاشقاندىن كىيىن سىزگىمۇ بىسىم بولىشى ئىنىق. ئەڭ كۆپ ساندىكى ئوقۇرمەننىڭ قوبۇل قىلاللىشى ئۈچۈن ئەسەر ماۋزۇ، باش تىما ، ئىددىيە ، لوگىكىلىق باغلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوقۇم تىخىمۇ يۇقىرى تەلەپ تەلەپ قىلىدۇ(بۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئىڭىزدىكى بىسىم تۇيغۇسى). ھەربىر ئادەمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشىمىغاچ بىر ماقالىدىن 10 ئدەمنىڭ ئالغان تەسىرى 10 خىل بولىدۇ. شۇنداقلا ، ھەرخىل مەقسەت- نىيەت تۈپەيلى ئىنىقلا توغرا دەپ قارالغان ئىددىيە تەككۇر باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ ، بۇمۇ سىزدىكى شۇ بىسىمنىڭ بىر تەرىپى بولسا كىرەك.
يۇقارقى تىمىڭىزدىن سىزدىن بۇ بىسىمدىن زىرىكىش -ئۆكۈنۈش كەيپىياتىدا ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىپ سۆيۈندۈم.
باشتا دەپ ئۆتكەندەك ، ئۇيغۇرلار ئارسىدا سىزدىن بىلىملىك ، ھەر تەرەپلىمە ساپالىقلار بەلكىم كۆپتۇ. لىكىن باشقىلارغا ھەقىقى يۈرىكى بىلەن يۈزلىنىپ بىر نەرسە يازىدىغانلار پەقەت ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە سىز قاتارلىق بىر نەچچە .
ئادەم ئۆزىنىڭ ئىددىيسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قانچە كۈچچىسە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى شۇنچە بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئۈگىنىش ۋاستىسى بولغان بىسىم شەكىللىنىدۇ دە تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى ئۈگىتىشتىن ئۈگىنىش دەپ ئاتالسا كىرەك.
تەكلىپ ، بىسىمدىن قورقماڭ، بىسىمنى ھەر ۋاقىت كۈتۈۋىلىشقا تەييار تۇرۇڭ . كىچىككىنە ھالىمغا سىزگە بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشىم ھەقىقەتەن سەل ھالقىپ كەتكەنلىك بولۇپ قالدى. ئەمما مەنمۇ سىزدەكلا بىسىمغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى چوڭقۇر قىزىپ كۆرۈپ بىقىش مەقسىتىدە يىزىۋاتىمەن . بۇ جەرياندا مەنمۇ ئۆزۈمنى تىخىمۇ چۈشىنىمەن ، ئۈگىنىمەن دەپ قارايمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم jeck ئەپەندى قارغاندا مەن بۇ تېمىڭىزنى بىرنىجى بولۇپ كۆرگەن ياكى بىرنجى بولۇپ ئىنكاس قايتۇرغان ئوخشايمەن ،مەن ئىزچىل blog ڭىز قۇرۇلغاندىن بۇيان سىزنىڭ نادىر تېمىلىرڭىزنى كۆرۈپ كۆنۈپ قاپتىمەن . سىزنىڭ مۇشۇنداق نادىر تېملارنى يېزىشقا قانچىلىك ۋاقىت ھەم زىھنىڭىزنى ئاجىرتدىغىنىڭىز ماڭا ئايان ، چۈنكى مەنمۇ ئانچە-مۇنچە bilik قاتارلىق مۇنبەرلەردە ئويناپ قويمەن . بىر تېمىنى باشقىلارغا يارايدىغان قىلىپ يازماق ناھايىتى بىر مۈشكۈل ئىش ،لىكىن سىز مۇشۇ مۈشكۈل ئىشلارنى كۈچڭىزنىڭ بارىچە تىرشىپ-تىرمىشىپ قىلۋاتسىز ،سىزدەك بىر باشقا يەردە بىر مىللەتكە ۋەكىل بولۇپ ئوقۇۋېتىپ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقرىپ بىزدەك ئوقۇۋاتقان ھەم ئوقۇش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان ،بىلم ئېلىشقا تەشنا ياشلارغا ئىلھام مەدەت بولدىغان مۇشۇنداق ياخىشى تېمىلارنى يېزىپ كىلۋاتسىز ،راسىت گەپنى قىلسام سىزنىڭ blog ھەمكارلىشىپ تېما يازغۇچى تەكلىپ قىلندۇ دىگەن ئۇقتۇرشىڭىزنى كۆرگەن ۋاقىتتا ھەي مەنمۇ قاتىنىشايچۇ دەپ ئويلىغان لىكىن شۇ ئاشۇ بېسىملار تۈپەيلى ،ئاۋال مەن ئىشلىرمىنى بىر قىلپ تۈگتەي ئاندىن بىر گەپ بولا دەپ ……
لىكىن ھەر قېتىم كۈندە دىگۈدەك blogنى بېر قېتىم ئاچىمەن ھازىر كومپپيوتېرنى قوزغتىپلا سىزنىڭ مۇنۇ تېمىڭىزغا ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . راسىت گەپنى قىلسام بىرەر يېڭى تېما يوللانغان بولسا ناھايىتى خوش بولۇپ كىتمەن ،يەنە شۇ بۇرۇنقى تېمىلارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا كۆڭلۈم بىر قسىم بولۇپ ،ھەتتا سىزنى تىللغىم كىلىپ
بۇ jeck تېما يازماي نىمىش قىلۋاتقاندۇ دەپ ئىچمدە ئۆزۈمگە كوتۇلداپ قويمەن دە كونا تېمىلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ jeck ئەپەندى ئالدىراش بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ يەنە ساقلاپ باقاپ ۋاقتى چىققاندا تېما يوللا دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزدەپ چىقىپ كىتمەن . مۇشۇ ۋاقىتلاردا سىزگە ياردەم قىلالىسام ،ئاز- تولا ياردەم قىلپ يېڭى تېمىلارنى يوللىشىپ بەرسەم دەپ ئويلاپ قالمەن لىكىن شۇ بېسىملار …….. مىنىڭچە سىزنىڭ كىشلىك قارشىڭىز ئاساسەن شەكىللىنىپ بولغان ئادەم بۇنداق بېسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەيسىز ۋە توغرا ھەل قىلالايسىز ..ھەم بىزنىڭ بۇنداق بېسىملارنى قانداق ھەل قىلىش ئۈمۈدسىزلىك ئىچدىن قانداق ئۈمىد تېپىش توغرىسدا يول كۆرسىتىپ بىرەلەيسىز ،تىرشىڭ jeck ئەپەندى … سىزنى ئۈلگە قىلپ تۇرۇپ بىز تېخمۇ تىرشىمىز ،بىر چاغلاردا بىر كىتاپتىىن مۇنداق بىر جۈملىنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. what came to us as seed may go.
to the next generation as blossom,and what came to us blossom may go to them as fruit. دىمەكچى بولغۇنۇم سىز ھازىر مۇشۇنچىۋالا بېسىملار ئۈستىن غالىپ كىلپ بىزگە ئۈلگە بولۇپ كىلۋاتسىز كەلگۈسدە بىز ئۇچرايدىغان بېسىم بەلكىم سىزنىڭكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن شۇڭا blog داش دوسىتلار ۋە ھەممىىمىز jeck ئەپەندى دەپ ئۆتكەندەك ئۆزمىز توغرۇلۇق كۆپ ئويلىنايلى ،توغرا بولغان بېسىملارنى ئېلىپ قېلىپ توغرا بولمىغانلىرنى دەرھال تاشلىۋېتەيلى ،كەلگۈسى بىزنى كۈتۋاتدۇ،ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ !!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىز بىز گە يېڭى نەرسىلەرنى يەتكۇزىۋاتىسىز داۋاملىق يېزىڭ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel