باشبەت » ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر

بلوگنىڭ قىممىتى قانچىلىك Valuation of a Blog

28 ئاپرېل 2009 1,727 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس

دۇنيادا بلوگ يېزىش باشلانغاندىن تارتىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بلوگ يازغۇچىلار دۇنيادىكى مۇھىم بولغان مېدىيا( تاراتقۇ) ۋاستىسىگە ئايلىنىپ جەميەتنىڭ مۇھىم بىر ئۇچۇر مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇرۇن جەميەتتە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەر مۇنتىزىملاشقان شىركەتلەر بولغان بولسا بلوگنىڭ بۇ قاتارغا قۇشۇلىشى بىلەن شەخىسلەرمۇ ئۈزىنىڭ كۈز قاراش، بىلىم ۋە ھىسياتلىرىنى ئۈزىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان بلوگى ئارقىلىق جەميەتكە تارقتىشقا باشلاپ بلوگچىلار جەميەتكە شىددەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.بولۇپمۇ ئامرىكىدا مۇقىم بلوگ يازىدىغان كۈچلۈك بىر قوشۇن يىتىشىپ چىقىپ ئۈزگىچە بولغان بىر مۇھىتنى بەرپا قىلدى. ئامرىكىدىكى بلوگلار ئاددى بولغان كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان شەكىلدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ ئۆتۈپ نۇرغۇنلىغان بلوگلار ئۈزىنىڭ ماركىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بلوگ ۋە ئۇنىڭ مۇلازىمىتىنى قىلىدىغان بازارنىڭ ئۈزىلا ھازىر مىليارد دوللارلىق بازار بولۇپ قالدى. 

سىتاتىسكىغا قارىغاندا ھازىر دۇنيادا 300 مىليۇندىن ئارتۇق بلوگ بار بولۇپ بلوگ ئىزدەش ۋە ستاتىسكىلاش  تور بېتىtechnorati 130 مىليۇن بلوگنى ئىندىكىسلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليۇن 500 مىڭ بلوگ كەم دىگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ. 900 مىڭ بلوگ كۈندە بىر قېتىم يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ئامرىكىدا ئاكتىپ بلوگلاردىن 20مىليۇنى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 450 مىڭ بلوگ يازغۇچىسىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى بلوگدىن كىرىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئامرىكا ئومۇمى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىدىن يۇقىرى. يەنە ئامرىكا ياشلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى بلوگ يازىدۇ.  ھازىر ئامرىكىدا ياخشى مېڭىۋاتقان بلوگ يازغۇچىلىرىنىڭ كىرىمى ئامرىكىدا يۇقىرى كىرىملىك كەسىپلەر بولغان ئادۇۋكاتلىق ۋە دوختۇرلۇق بىلەن تەڭلەشكەن بولۇپ يلللىق كىرىمى 200مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ. ئىلانغا تايىنىپ پۇل تېپىۋاتقان ئومۇمى بلوگلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 6000 دوللار بولۇپ ئايلىق IP مىقدارى 100مىڭدىن ئاشدىغان بلوگلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 75مىڭ دوللار. ئېقىم مىقدارى ئوتتۇرا سەۋىيەدىن تۈۋەن تۇرىدىغان بلوگلارنىڭ كىرىمى 100-200 دوللار. نۇرغۇنلىغان ياخشى مېڭىۋاتقان بلوگلارنىڭ يازغۇچىسى بلوگى ياخشى ماڭغاندىن كىيىن ئۈزىنىڭ خىزمىتىنى تاشلاپ مۇقىم ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ياكى شىركەت قۇرۇپ بلوگ يازىدۇ. مەن تۈۋەندە شۇلاردىن ۋەكىل خاراكتىرلىق بىر نەچچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتىمەن.

1. Gawker Media. بۇ 2006 يىلى قۇرۇلغان بلوگ بولۇپ ئۈزى بلوگ يېزىپلا قالماي يەنە ياخشى يېزىلغان بلوگلارنى سېتىۋېلىپ ئۈزىنىڭ بلوگ گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. ھازىر ئۇنىڭ قارمىقىدا مېڭىۋاتقان Valleywag، Defamer،Wonkette، Jezebel،Gizmodo قاتارلىق دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بلوگلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە Valleywag كىرىمنى جىلغىسىدىكى IT ئۇچۇرلىرى ۋە پاراڭلىرىنى، مەخپى پاراڭلارنى يازىدۇ. Defamer ھوللىۋودتىكى خەۋەر ۋە كوچا پاراڭلىرى، غەيۋەتلىرىنى يازىدۇ. ۋال كوچىسى گىزىتى بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا دۇنيادىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بىلوگنى باھالىغاندا Gawker Media نىڭ بازار قىممىتىنى 170 مىليۇن دوللار باھالاپ بىرىنچى ئورۇۇنغا تىزغان.

2. Huffington Post. دۇنيادىكى بلوگلار ئىچىدە ئېقىم مىقدارى، مۇشىتىرى سانى، باشقا بىلوگلاردا نەقىل ئېلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ بلوگ ئەسلى Arianna Huffington ئىسىملىك ئامرىكىدا نامى بولغان بىر ژورنالىست، مۇخبىر ۋە كۈزەتكۈچى سالاھىيەتكە ئىگە ئايال تەرىپىدىن يېزىلغان.بلوگدا ئاساسلىقى ئامرىكا سياسى ۋەزىيىتىگە بولغان خەۋەرلەر، كۆز قاراشلار، مۇستەقىل باھالار ۋە ئۈزىنىڭ ئارلىشىش دائىرىسى ئىچىدىكى مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە دوستلىرىنىڭ مىھمان يازمىسى بىرىلىدۇ. 2006-يىلى 5  تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىش شىركىتى يۇمشاق بانكا ( SoftBank) تەرىپىدىن 5 مىليۇن مەغلەغ سېلىنغان. ھازىر بلوگىنىڭ تېخنىكىسىنى قامدايدىغان تېخنىكلار بولۇپ، تەكلىپ قىلىنغان پۈتۈن كۈنلۈك،  ئىشتىن سىرتقى، دوستلىرى دىگەندەك  100 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ بلوگنى بىرلىكتە يازىدىكەن.

3. techcrunch.com . بۇ مەن كۈندە كەم دىگەندە بىر قېتىم زىيارەت قىلىدىغان ۋە مەزمۇنىنى ۋە يازغۇچىسىنى ئەڭ ياقتۇرىدىغان بلوگ. بۇ بلوگ web.20 بازىرىنى كۈزىتىش نىشانى بىلەن باشلانغان بولۇپ بلوگ يازغۇچىسى Michael Arrington
بولسا Forbes ژورنىلى(福布斯) تەرپىدىن ئىنتيېرنىتتا دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 25 ئادەم قاتارىدا تىزىلغان.2008-يىلى دەۋىر ژورنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 100 ئادەم قاتارىدا تىزىلغان. مەن كالىفورنىيە تۇرغان بىر نەچچە ئاي ۋاختىمدا ئۇنىڭ ئۈزى ۋە بلوگىنىڭ ناھايتى چوڭ تەسىرىنى ھىس قىلدىم. ئۇ يالغۇز بلوگ يېزىپلا قالماستىن كىرىمنى جىلغىسىدىكى ئىنتېرنىتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ كىچىك شىركەتلەرنى،شىركەت قۇرغۇچىلىرىنى، شىركەتلەرنىڭ يىڭىدىن چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سىناپ باھالايدۇ.  ئۇنىڭ بلوگى كىرىمنى جىلغىسىدىكى  ئاساسەن ھەممە ئىنتېرنت، ئۇچۇر شىركەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخىلەرنىڭ ماتىرىيالىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ بىرىچى قول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر ئۇ ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى كىرىمنى جىلغىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ياۋرۇپادىمۇ  زور تەسىرگە ۋە مۇناسىۋەتكە ئىگە. يىلدا بىرەر ئىككى قېتىم شۇ ياۋرۇپادا پائالىيەت تەشكللەيدۇ. كىرىمنى جىلغىسىدا ھەر قېتىم تەشكىللىگەن پائالىيتىگە بىلەت يىتىشمەي قالىدۇ. مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم پالىيتىگە قاتنىشىمەن دەپ بىلىتنى ئالالمىغان. ئۈزىنى بولسا تەشكىللىگەن پائالىيتىدە قاتناشقىنىمدا كۆردۈم ۋە قىسغىغا پاراڭلاشقانىدىم. ئۇ يىلدا بىر قېتىم ئۈزى تەشكىللەپ دۇنيادىكى يىڭى قۇرۇلغان ئىنتېرنېت شىركىتى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى باھالايدىغان techcrunch award بار. ھازىر بۇ شەرەپ يۇقىرى نۇپۇزغا ئىگە. ئۇندىن باشقا ھەر يىلى يەنە techcrunch 50 دەپ مۇسابىقە ئويۇشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بەرگەن خەۋەر مۇلاھىزىلىرىنى جۇڭگۇدىكى شىنلاڭ دىگەندەك تور بەتلەر 据国外媒体报道 دەپلا كۆچۈرۈپ بېسىۋىرىدۇ. كۈنىدە ئاساسەن بار. مەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەممىدىن زىرىكىپ مەخسۇس بلوگچى بولۇپ قالسام شۇنىڭدەك قىلىمە دەپ ئويلايمەن.  ۋال كوچىسى ئۇنىڭ بلوگىنى 25 مىليۇن دوللار باھالىغان. ئۇ ھازىر 8 ئادەمنى ياللاپ كىرىمنى جىلغىسىدا ئىشخانا ئېلىپ پۈتۈن كۈنلۈك بلوگ يازىدۇ.

4. MacRumors. ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە خەۋەرلىرىگە قارىتىلغان بلوگ بولۇپ ئالما شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى خەۋەرلەر، كوچا پاراڭلىرى، ئاشكارىلىنپ قالغان خەۋەرلەر، پەرەزلەر كۆپىنچىسى شۇلار ئارقىلىق تارقىلىدۇ. بۇلار ئالما شىركىتىنى ئالما شىركىتىنىڭ ئۈزىدىن بەكراق چۈشىدىنىغان بلوگ دەپ نام ئالغان. قىممىتى 21 مىليۇن دوللار.

5. GigaOm. بۇ تور تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىپ يېزىلىدىغان بلوگ بولۇپ دۇنيادىكى ئەڭ نوچى تېخنىكا بلوگى دەپ نامى بار. لېكىن ھازىر يالغۇز تېخنىكىدىن باشقا يەنە تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر، ئانالىز دىگەندەك مەزمۇنلارمۇ بار. يىڭى تېخنىكىلارغا ئەگەشمەكچى بولغانلار بۇ بلوگقا ئەگەشسە بۇلىدۇ. قىممىتى 950 مىليۇن دوللار.

6. Mashable. بۇ ئىنتېرنېت تورىغا مۇناسىۋەتلىك بلوگ بولۇپ ئايلىق زىيارەت مىقدارى 5 مىليۇن،MySpaceYouTubeFacebookGoogleTwitter قاتارلىق چوڭ تور بىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قىززىققۇچىلار بۇ يەرگە ئەگەششسە بۇلىدۇ. قىممىتى 2.50 مىليۇن.

7. silicon valley insider. بۇمۇ ئاساسلىقى ئىنتېرنىت تورى ۋە تېخنىكىسغا مۇناسىۋەتلىك. ئۇ techcrunch بىلەن Mashable نىڭ بىرلەشمىسىدەك ھىس قىلدىم. قىممىتى 2.25 مىليون دوللار.

8. The Superficial Network. بۇ ئامرىكىدىكى داڭلىق ئادەملەر توغرىلىق بولۇنغان كوچا گەپلىرى، غەيۋەتلەرنى يازىدۇ. ئوقۇرمەنلىرى كۆپ. قىممىتى 2.10 مىليۇن

9. slashfilm. بۇ كىنوغا مۇناسىۋەتلىك بلوگ. كىنو كۆرۈشنى قىززىقىدىغانلار ئەگەشسە بۇلىدۇ. قىممىتى
2.10 مىلىيۇن

10. Neatorama. بۇ دۇنيادىى ھەر خىل ھەر ياڭزا غەلىتە، قىززىقارلىق، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەسىلەن، پالانچى يەردە ئەر كىشى تۇغۇپتۇ دىگەندە ئىشلارنى بىر يەرلەردىن تېپىپ ئەكىلىپ يازىدىغان بلوگ بولۇپ بىكار قالغانلار قىززىق تۇيۇلۇپ ئوقۇيدۇ. سورۇنغا بارىدىغانلار بېرىشتىن بۇرۇن كۆرۈپ قويسا سورۇندا دىيىشىدىغان گەپ كەم بۇلاپ قالمايدۇ. قىممىتى 1.50 مىليۇن دوللار.

11. Wowowow. بۇ ئاياللارغا قارىتىلغان بلوگ بولۇپ مودا، كىيىم كىچەك، گىرىم بويۇملىرى، داڭلىق ماركا دىگەندەك مەزمۇنلارنى يازىدۇ. ئاياللار ۋە قىزلار كۆپ ئوقۇيدۇ. مەن توي قىلسام خوتۇنغا ئوقۇپ بىرەرمەن.

12. Perez Hilton. بۇ ھوللىۋودتىكى چولپانلارنىڭ كەينىدىن بولغان گەپ سۈزلەر، رەسىملەرنى تارقىتىدىغان بلوگ بولۇپ ئوقۇرمەنلىرى ئالاھىدە يۇقىرى. بولۇپمۇ بۇلار چولپانلارنىڭ ئەڭ سەت، قاملاشمىغان رەسىملىرىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا كىرىشتۈرمە سۈزلەرنى ياسايدۇ. بۇ بلوگ گەرچە بىر ئادەمنىڭ بولسىمۇ ھوللىۋودتىكى چولپانلار بىلەن ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئارقا سەپتە ئىشلەيدىغانلار، كوچا سۈپۇرىدىغانلار، ئاشخانا، كافىخانىدا ئىشلەيدىغانلار قاتارلىق مىڭلىغان ئادەملەر ئۆزلۈكىدىن رەسىم ۋە ئۈزى كۆرگەن ئىشلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. مەنمۇ بىكار قالغاندا كىرىپ قىززىق رەسىملەرنى كۆرۈپ قويىمەن.

ئىسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇلار. باشقىلىرى بولسا ئىنكاس شەكىلىدە تولۇقلاپ قويساڭلار بۇلىدۇ. جۇڭگۇدا دۇنيادىكى داڭلىق بلوگ قاتارىغا كىرگەنلەردىن پەقەت شۇجىڭلېي دىگەن ئارتىسنىڭ بلوگى بار بولۇپ ئېقىم مىقدارى جەھەتتە 10نىڭ ئىچىدە تۇرىدىكەن.

مەيلى ئېقىم مىقدارى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى قىممىتى جەھەتتىن، كەسىپلىشىش جەھەتتىن بولسۇن دۇنيادىكى داڭلىق بلوگلارنى كۆزىتىشىمچە ھەممىسى ئاساسەن ئامرىكىدا، ئامرىكىدا بولغاندىمۇ كىرىمنى جىلغىسىغا كۆپراق جايلاشقان. ئەگەر مۇشۇنداق ماڭسا يەنەكۆپ بولغاندا  5 يىلغىچە بلوگلاردىنمۇ Nasdaq تا پاي چېكى تارقىتىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن. ئومۇمەن ئېىيتقاندا جۇڭگۇدا بلوگچىلىق تېخى يەنىلا ئاساسەن كۆندىلىك خاتىرە يېزىش، تۇرمۇشىنى يېزىش سەۋىيسىدە توختاپ قالغان بولۇپ ئامرىكىغا يىتىشكىلى خېلى بار ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلاردىنمۇ بلوگ يېزىش ئۆتكەن يىللاردىن تارتىپ مودا بۇلۇۋاتقان بولسىمۇ ئۈز خاسلىقىنى يارىتىپ، باشقا يەردىن كۆچۈرمەي ئۈزى ئىزچىل يازىدىغان بلوگلار تېخى 10 غا بارمايدۇ. ياخشى باشلىغانلارمۇ  بىر مەزگىل يېزىپ توختاپ قالىدۇ. ئەگەر يېزىشنى خالايدىغانلار بولسا مەن بىر نەچچە تىما بىرەي.
1. ئۈرۈمچى پاراڭلىرى. ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان، تونۇشى كۆپ، جەميەتنى مەلۇم كۈزىتەلەيدىغانلار بولسا ئۈرۈمچىدە كۈندە بولۇۋاتقان ئىشلار، خەقلەرنىڭ پاراڭلىرى، جەميەت پاراڭلىرى، كۆرگەن بىلگەن ئىشلىرىنى يېزىپ قويسا بۇلىدۇ. باشقا ۋىلايەت، شەھەردىكىلەرمۇ ئۈزى ياشاۋاتقان يەرگە ماسلاشتۇرۇپ يازسا بۇلىدۇ.
2. ئۇيغۇر چولپان، داڭلىق شەخىسلەر توغرىلىق. چولپانلار، داڭلىق شەخىسلەر توغرىلىق پاراڭلار كۆپ بۇلىدۇ ھەم كۆپ ئادەم قىززىقىدۇ. لېكىن بىزدە بۇنداق پاراڭلار قولاقتىن قولاققا يېقىلىپ دىيلىدۇ،  بىز كىم دىگەننى ئۇخمىغاچقا بىزگە يىتىپ كەلگۈچە گەپنىڭ راس يىرى چۈشۈپ قېلىپ يالغىنىنى ئاڭلايمىز. شۇلارنى ئەسلى مۇقىم يېزىپ قويسا ياخشى.
3. ئۇيغۇر شىركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى توغرىلىق. ئۇيغۇر شىركەتلىرىمۇ كۆپ بۇلۇپ كەتتى. شۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەچ يېزىپ قويساق باشقىلار پايدىلىنىدۇ.
4. مائارىپتا بۇلۇۋاتقان ئىشلار توغرىلىق، بالا تەربىيلەش توغرىلىق.
5. تاماق توغرىلىق. يەنە قايسى تاماقنى قانداق ئىتىدۇ دىگەندەك.
7. رەقەملىك كامىرالىرى بارلار ھەپتىدە بىرەر قېتىم كوچىغا چىقىپ خالىغانچە رەسىمگە تارتىپ چىقىرىپ قويسا، مۇقىم قىلىپ ماڭسا زىيارەتچىلەر خىلى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
8. تېلىۋىزىيەدە قۇيۇلۇۋاتقان كىنو، فىلىملەر توغرىلىق.
9. مەكتەپتە بۇلۇۋاتقان ئىشلار توغرىلىق، مەسىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتدا كۈندە بۇلۇۋاتقان ئىشلار.
10. ئۇيغۇر تور دۇنياسى توغرىلىق.

ئاخرىدا قىززىقىدىغانلار بولسا ئۈزەمنىڭ بلوگى توغرىلىق قىسقىچە ستاتسكا بىرىپ ئۈتسەم، بلوگ 2006-يىلى يازدا باشلانغان. بەزىدە مۇقىم ھەپتىدە بىر تىمىدىن يېزىلغان، بەزىدە 2-3 ئاي تاشلىنىپ قالغان.بۇرۇنقى بلوگ Uighur.cn تورىدا ئېچىلغان بولۇپ   2008-يىلى 5 ئايدا ئۇ شىركەت مۇلازىمىتىنى توختىتىپ بلوگمۇ تاقىلىپ قالغان ئىدى. تاقىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 1000-5000 ئەتراپىدا، ئومۇمى زىيارەت مىقدارى 440مىڭدىن ئاشقان ئىدى. 2008-يىلى يەنى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا قايتىدىن ئېچىلدى. قايتىدىن ئاچقاندىن كىيىن بۇرۇنقىدەك مۇقىم يازالمىغان بولغاچقا زىيارەت مىقدارى بۇرۇنقىدەك يۇقىرى ئەمەس. ھازىر ئوتتۇرىچە 800-1200  ئەتراپىدا مېڭىۋاتىدۇ. يىڭى تىما يېزىلغاندا يۇقىرىراق بۇلىدۇ. ئۈتكەن يىلى 9-ئايدىن تارتىپ بلوگدا گۇگۇل ئىلانلىرى قويۇلغان بۇلۇپ بىلىكتە يېزىلغان تەكلىماكان ئەپەندىنىڭ بلوگ يېزىپ كۈندە 100 دوللار تېپىش دىگەن تىمىسىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئىلان قويغان ئىدىم. ئىلان قويغاندا مەقسىتىممۇ ئايدا ماشىنامغا كىتىدىغان 30 دوللار ئەتراپىدىكى ماي پۇلى چىقىپ قالارمۇ دىگەن ئۈمىتتە قويغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتە كىرگەن پۇل ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى. گەرچە ماڭا كىرگەن كىرىم كۆپ بولمىسىمۇ لېكىن بۇ پۇل مەن ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلىرىمدا جىددى چىقىمىمغا ئىشلىتىشكە بەك ئەسقاتتى. ئىلاندىن ھازىرغىچە بولغان كىرىم 557 ئامرىكا دوللىرى.  ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىم 69 دوللار.  ئايلىق ئەڭ تۈۋەن كىرىم 15 دوللار، ئەڭ يۇقىرى كىرىم 89 دوللار، ھازىرقى  كۈندىلىك ئىلاننىڭ چىكىلىش قېتىم سانى 30 ئەتراپىدا.  كىرىم جەھەتتىن ھىساپلىغاندا بلوگىم ئامرىكىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك بلوگلار قاتارىغا كىرىدۇ. ئامرىكىنىڭ كاپىتال بازىرىدىكى بلوگ ۋە تور بەتنىڭ قىممىتىنى ئۈلچەش مودىلى بويىچە پېقىرنىڭ بلوگىنىڭ بازار قىممىتى 10 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بۇلىدۇ.  ئەگەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئىزچىل تىما يېزىپ ماڭالىسام، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە زىيارەت مىقدارى 3000 ئەتراپىغا، ئايلىق ئىلان كىرىمى 200 دوللار ئەتراپىغا بارىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەگەر بۇ بلوگ ئامرىكىغا قارىتىلىپ يېزىلىپ كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى ھازىرغىچىلىك بولغان بولسا بۇ بلوگدىن يىلىغا كەم دىگەندە 12مىڭ دوللار ئەتراپىدا كىرىم بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن.
دوستلارنىڭ بلوگنى قوللاپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت.

باشقا يەرگە چاپلىغاندا  تىكىستتىكى ئۇلىنىشلارنى بىللە كۆچۈرگەيسىزلەر.

10 ئىنكاس بار »

  • Ack :

    جىك بۇرادەر، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. پىداگوگىكا ئۇنېرستىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپ بىلوگېڭىزنى كۆرەتتىم. ھەم ھەر كىرگەندە ئېلانلىرىڭىزنى بىر چېكىپ قويىمەن، ئىشلىىرڭىزغا ئۇتۇق يار بولغاي.
    (قايسى كۈنى بىر تور بەتكە كىرسەم، مەخسۇس ئېنكاس قايتۇرمىغانلارغا يۇقىدىغان ېرۇسمەن، دەيدۇ، شۇڭا ئەنسىرەپ ئېنكاس قايتۇرۇپ قويدۇم. ھا ھا ھاچاقچاق قىپ قويدۇم)

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • شاھ ئۇيغۇر :

    پېقىرمۇ بلوگچىلىق بىلەن ھەپىلەشكىلى بىر ئىككى يىل بولۇپتۇ، مەخسۇس خەتلىك فىلىم ئىشلەپ تىل سەۋەبىدىن يېڭى فىلىملەرنى چۈشۈنۈپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن دوستلارغا يېڭى فىلىم يەتكۈزۈش ۋە يېڭىچە تىل ئۈگىنىش مۇھىتى بەرپا قىلىش يولىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىمۇ ئۆزىگە خاس بىر ئورۇننى ياراتتى دەپ ئويلايمەن

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • بايلىق :

    مەن بۈگۈن راستىنلا ھەيران قالدىم بۇ تىمىنى ئوقۇپ بۇ بلوگ دىگەن نەرسىنىڭ بۇنچىلىك داڭلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى ھەم بۇ جىك ئەپەندىنىڭ بلوگىنىڭ زىيارەت سانىنى كۆرۈپ تىخىمۇ ھەيران قالدىم

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئامىنە :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسز؟ سزنىڭ بىلوگىڭىزنى ئىنتايىن بەك ياقتۇرىمەن .رەھمەت .سزنى قوللايمەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • koxuk :

    بىلوگىڭىزنى ياقتۇرىمەن، جېك. تېمىلىرىڭىزنى ئوقىسا كىشىگە سىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرىسىز. مۇشۇ بىلوگ بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى خېلى داڭلىق شەخس بوپ قالدىڭىز جۇمۇ! ھى ھى ھى…
    يېقىندىن ياقى بىلوگ قۇرۇۋاتقانلار خېلى كۆپىيىپ قالدى، قارىسام بىلوگ ئوينىمىغان مەنلا قالغاندەك قىلىمەن .شۇنىڭ بىلەن سوراپ-ئۆگىنىپ دىگەندەك شەبنەمگە يوللىغان تەرجىمە تېمىلىرىمنى يىغىپ بىلوگ قۇرۇپ باقتىم. ۋاقتىم چىقسىلا بىرنىمىلەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويىۋاتىمەن. مۇشۇ بىرنىمىلەرنى تەرجىمە قىلىپ يۇرۈپ،تەرجىمە سەۋىيەممۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى دىسە.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Iskender :

    بلوگىڭىزنىڭ كۈندىن – كۈنگە راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
    مەنمۇ يېقىندا بىر بلوگ قۇردۇم http://xizmet.blogbus.com/ ، ھېچكىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلمىگەن بىر خىمزەت بلوگى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا خىزمەت تونۇشتۇرىدىغان گەپ!
    توربەتنىڭ كۈندىلىك زىيارەت سانى 1000 دىن ئارتۇق، ئۈچۈرلار كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
    بۇ بلوگنىمۇ قوللاپ قويارسىز!!!!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • kawsar89 :

    مەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى وكۇسام ناھايىتى روھلىنىپ كېتىمەن .مەن كۈندە كىرىپ تۇرىمەن.مەيلى ۇنىڭدا يىڭى خەۋەر بولسۇن بولمىسۇن،نىمىشقىدۇر كۇندە يوقلاپ تۇرغۇم كىلىدۇ.مانا بۇ بلوگنىڭ سىھرى كۇچى.مىنىڭچە ياخشى بلوگ يازماق ھەقىقەتەن اسان ەمەس.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ardam :

    ياخشىمۇ سىز ، تۇرسۇنجان ئەپەندىم . يېقىندىن بېرى ھەپتىدە بىرەر قېتىم دىگۈدەك يازما يوللاپ تۇرۋاتىسىز ، بولسا داۋاملىق مۇشۇ سۈرئەتنى ساقلاپ قېلىڭ ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن تېز بولسا تېخىمۇ ياخشى . تاشلىنىپ قالسا بېزگە ئوخشاش بلوگىڭىزنى كۈندە بىر قېتىم يوقلايدىغانلارغا يېڭى نەرسە يوق بۇلۇپ قالدىكەن .
    تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپتىن بىرنى سوراپ باقسام : دوكتۇرلۇق ئوقۇشىڭىزنىڭ پۈتۈشىىگە ئاز قالدىمۇ ؟ قاچان پۈتىدۇ ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • فۇرقەت :

    پىسىخولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك داڭلىق بىلوگلار بارمىدۇ؟ئەگەر بولسا ئۇنىمۇ ئېلان قىلغان بولسىڭىز بولاتتى .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Dr.K :

    Blog bésimi hés qilmang, bügün hawa yaman emes, sirtqa chiqip bir aylinip kiring, obdan bolup qalisiz.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..