چەتكە چىقىشتا پاسپورت بىجىرىشتىن باشقا ھالقىلار ھەممىسى ئۈزى قىلالايدىغان ئىش ھەم ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان چەتكە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلار ۋە ياكى باشقا سەۋەپ بىلەن چىققانلار ھەممىسى ئۈزى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا تور بولسا، توردىن ئىزدىيەلىسە ۋە شۇنداقلا ئازراق ئىنگىلىز تىلى ( ۋە ياكى ئۈزى چىقماقچى بولغان دۆلەتنىڭ تىلى) نى بىلسىلا ھەممە ئادەم ئۈزى قىلىپ كىتەلەيدۇ. ئوتتۇرىدا مەسىلىلەرگە ئۇچرىسا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بارلار مەسلەھەت بىرىپ يول كۈرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ. لېكىن مەسلەھەت بىرىپ كىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەم ئۈزىنىڭ خىزمەت، ئائىلە، ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغانلىغى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلارنىڭ ماتىرىيالىنى بىردىنبىر كۆرۈپ …
يىقىندا بىر تۇنۇشۇم تۈۋەندىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتىپتىكەن، قىزىقىدىغانلار بوپ قالسا ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭلار. بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمى WoodStock ئىكەن، ئىزدەپ كۆرگەن ئوچۇرلارغا قارىغاند بۇ مەكتەپ بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىللار بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇپ ياتاقلاشقان ۋە كۆلەملەشكەن خەلقارالىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەن، ھىندىستان ۋە جەنۇبى ئاسىيادا داڭلىق مەكتەپ ھىساپلىنىدىكەن. ئۇلار مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئېتنىڭ مەنبەسىنىڭ ھەرخىللىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرىق، جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئائىلىسىدىن كەلگەن ئىككى قىز ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرمەكچى بوپتۇ، 9- ياكى 10 سىنىپقا ئوقۇيدىغانلار بولسا بۇلىدىكەن، ئىنگىلىز تىلىدا راۋانراق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. قىززىقىدىغانلار ئۇچۇرنى تەپسىلى كۆرۇڭلار. ئىلتىماس قىلىش ۋاختىنىڭ …
ئامرىكىنىڭ چوڭ كىچىك قانۇنلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئادەم ئاران تۇرىدۇ قانۇن بىلەن ئوينىشىپ قالغىلى، مەسىلەن، ئادەم يا خوتۇننى ئۇرغىلى بولمىغان يا بالىسىنى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۈزەمنى دىمىدىم، مەنغۇ ئۈزەمنى دەڭسەپ باقسام ھىچ خوتۇننى ئۇرالايدىغاندەك ئەمەس، ھەم بۇ كەمنىڭ خوتۇنلىرىنى ئۇرۇپ قۇتۇلغىلى بۇلامدۇ دىسە، بۇلوپمۇ ئامرىكىدا. ئاندىن ئامرىكىنىڭ ئادەملىرىمۇ ئارتۇق ئىشقا ئارلاشقىلى ئامراق، كوچىدا ماڭسىمۇ، ماشىنا ھەيدىسىمۇ، ئۆيىدە ئولتۇرسىمۇ، خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپلا تۇرىدۇ. لېكىن بىزدەك ئارلىشىپ ئارىغا كىرىپ كىلىشتۇرۇپ قويمايدۇ، بەلكى ئىشىنى قىلغاچ ساقچى چاقىرىپ قويىدۇ. ئاندىن ساقچىلارمۇ بەزىدە رۇدىپايدەك كىرىشىپلا قالىدۇ، يوقلا بىر ئىشنى سوراپ كەپ قالسىمۇ ئالەمنىڭ نەرسىسىنى سوراپ باقىدۇ. تېخى …
بلوگ ئەسلىگە كەلدى.
ۋاقىت دىگەن ئەجەپ تىز ئۆتىدىكەن، ھەش پەش دىگۈچە مانا بلوگ يازمىغىلى بىر يىل بۇلاپ قاپتۇ. گەرچە بلوگ بىر يىل يىڭىلانمىغان بولسىمۇ بلوگنى يۇقلاپ تۇرىدىغانلار بىر كۈنمۇ ئۈزۈلمىدى، تور ئېچىلغاندىن كىيىنلا ئەمەس تور يوق ۋاقىتلاردىمۇ چەتئەلدىن كىرىپ، تام ئاتلاپ كىرىپ، يەنە بىر نىمىلەرنى قىلىپ كىرىپ زىيارەت مىقدارى ئاز بوپ كەتمىدى، ھەتتا كىرگەن تورداشلار ئىلاننى چىكىپ قويۇشنىمۇ ئۇنۇتمىدى. تور يوق ۋاقىتتىمۇ گۇگۇلدىن 100 دوللار ئېلىپ خوتۇنغا خەجلەپ بىرىپ خوتۇننى خوش قىپ بولدۇم،لېكىن شۇ تورداشلارنى خوش قىپ بۇلالمىدىم. تور ئېچىلسۇن دەپتىمەن، تور ئېچىلىپتى ئىمتاھانلار باشلىنىپ ئالدىراش بولۇپتىمەن، تەتىل بوپتۇ ئارام ئېلىپ …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، ئالدى بىلەن كىچىكىپ بولسىمۇ ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئەسلى بۇ مۇبارەكنى يىڭى يازما بىلەن يىڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدىلا بەرمەكچى ئىدىم، لېكىن يىڭى يىل ئالدى كەينىدە شەخسى ئىشلار بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ئىككى ئۈچ كۈننى ئۆتكۇزۇۋېتىپ قارىسام بۇ تور خاتىرىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۇچى چوڭ تور بەت بلوگباس تاقىلىپ قاپتۇ. جۇڭگۇدا زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنتېرنىتنى تازىلاش ھەركىتى گۇگۇل، BTchina دىگەندەك چوڭ تور بەتلەر بىلەن ئۆتەمدىكى دىسەم بىزدەك كىچىك تور بەتلەرگىمۇ تەسىرگە ئۇچراپتۇق. بۇ تور خاتىرىسىنىمۇ ئەمدى يۈتۈرگەن ئوخشايمەن دەپ كۆڭلۇم جىق يېرىم بولدى. قايتىدىن يىڭى بىر بىلوگ …
بۇ ئۇچۇرنى ئامرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز تەمىنلىگەن. كەسىپكە ماس كىلىدىغانلار بىۋاستە قالدۇرۇلغان ئالاقەئادېرسى ئارقىلىق ئالاقىلاشقايسىلەر.
Here is an important information about an open phd position in university for fall 2010. I hope you can post this imformation on your blog and any Uyghur websites. Thanks!
Ph.D. Position in Comparative Structural Genomics
A PhD student position in structural bioinformatics in the Siltberg-Liberles Research Group in the Department of Molecular Biology at University of Wyoming is available. The Siltberg-Liberles Group works in the field of comparative structural genomics, focusing on protein structure evolution. In many …
تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر. پېقىر 6-ئايدا توي قىلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل شىنجاڭدا بولدۇم ۋە توينىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن بلوگقا قارىيالمىدىم. كىيىنچە 7-ئايدا چىققان ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن تور ئۈزۈلۈپ كەتتى. ۋەقەدىن كىيىن ئىچكىرگە كىلىپ بىر مەزگىل تۇردۇم، قايتىپ كىلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشمغا سەل توختاشقا توغرا كەلدى، بىرئايدىن ئارتۇق ۋىزا ساقلاپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرەر ھەپتىلەر بۇرۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا مەكتىۋىمگە يېنىپ كەلدىم. ھازىر مەكتەپتە.
توي قىلغاندىن كىيىن توردا بىرىنچى قېتىم توينىڭ رەسىملىرىدىن بىرقىسمى تارقىتىلغاندىن كىيىنلا تور تاقىلىپ قىلىپ تويغا بارالمىغان نۇرغۇنلىغان تورداشلار توينىڭ ئەھۋالىنى كۆرەلمەي قالغان ئىدى. پېقىر كىيىنراق شۇ رەسىملەرنى ۋە باشقا رەسىملەرنى تورداشلارغا …
ئائالدى بىلەن مىنى ۋە بلوگىمنى قوللاپ كىلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا كۆپ رەھمەت.
ئۈتكەندە ئىزدىنىش تورىدا دىيىلگەندەك مەن مۇشۇ شەنبە يەنە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى خوتەن شەھىرىدىكى ئاۋام رىستورانىدا توي قىلماقچى. ۋاقىت قىسقا بولغاچقا سەل جىددىچىلىك بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇرۇن خەۋەر بىرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم. قۇربىتى يىتىدىغان يىراق يىقىندىكى تورداشلارنىڭ تويغا قاتنىشىپ بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ۋاقىتى يىتىدىغان تورداشلارنىڭ بۇرۇنراق كىلىپ تۇرۇپ بىرىشىنى قارشى ئالىمەن. يىراقتىن كىلىدىغان تورداشلار بولسا ياردەم لازىم بولسا، ئايرۇدۇرۇم، بىكەتتىن ئېلىۋالىدىغان، ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر. بىلمەي قالغان دوستلارغا يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر. ئالاقە نۇمۇرى: 13239809898
پېقىر توي ئىشى ۋە باشقا ئىشلار سەۋەپلىك بىر مەزگىل …
بۇ مىھمان يازمىسى( Guest Post) بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن پولشاغا كىلىپ ئوقۇشنى باشلىغان بىر توردىشىمىز تەرىپىدىن تەكلىپكە ئاساسەن يېزىلدى. توردىشىمىز تېخى پولشاغا بارغىنىغا ئوزۇن بولمىغاچقا بۇ تىمىدا پولشاغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلىرى يېزىلدى. مەن بۇ يازمىغا بىرلەشتۈرۈپ بىر نەچچە سۇئال سوراپ ئەۋەتتىم. يازمىنىڭ ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ. تورداشلارنىڭ سۇئالى بولسىمۇ ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويساڭلار بۇلىدۇ.
مەن 2000-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنىڭ قانون-ئقتىساد ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنىپ،بەش يللىق ئوقۇشنى ئەلانەتىجە بىلەن تاماملاپ،2005-يىلى7-ئايدائوقۇش پۈتتۈردۇم،شۇنىڭدىن كېيىن جەمىيەتكە قەدەم قويدۇم.مەكتەپ پۇتتۇردىغان يىلى ئاسپىراتلىق ئوقۇشقا ئىمتىھان بەرگەن ئىدىم،بىراق تەلىيىم كاج بولسا كېرەك ، 1 نۇمۇر كەملەپ قېلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم،قالداق …
ۇ تىمىنى شەبنەمدە كۆرۈپ بەك قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى. خوتەنچە گەپلەر سۈزلىگەندە باشقىچە تۇيۇلمىغان بىلەن يازغاندا قىززىق تۇيۇلىدىكەن. ئوقۇۋاتقاندا خۇددى ئۈزەمنى شۇ بازاردا كۆرۇپ تۇرغاندەك ھىس قىلدىم. شۇڭا بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم.
كــام بـــۇلا …( ھەقىقى خوتەن شىۋىسى )
(قوي بازىرىدىكى دىئالوگ )
ئاپتورى : مۇھەممەتئىمىن قۇربان
ئۆتكەندە بىر نەچچە ۋەتەندە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار ماڭا خەت يېزىپ 国家留学委员会 نىڭ تاللىشىدىن ئۆتكەنلىگىنى، ئامرىكىدىن ئوقۇتقۇچى ئىزدەشتە قىينىلىپ قالغانلىغىنى ئېيتىپ خەت يېزىپتىكەن، تۇنۇشلىرىم جىق بولمىغاچقا ئۇنچە بەك ياردەم قىلالمىغانتىم. بۈگۈن بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ قېلىپ كۈچۈرۈپ قويدۇم. پايدىسى بولسا ئالاقە قىلىپ كۆرگەيسىلەر. شۇنداق تۇنۇشلىرىڭلار بولسا يەتكۈزۈپ قويساڭلار بۇلىدۇ.
公派研究生(联合培养博士生)at Pennsylvania State University (USA)
دۇنيادا بلوگ يېزىش باشلانغاندىن تارتىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بلوگ يازغۇچىلار دۇنيادىكى مۇھىم بولغان مېدىيا( تاراتقۇ) ۋاستىسىگە ئايلىنىپ جەميەتنىڭ مۇھىم بىر ئۇچۇر مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇرۇن جەميەتتە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەر مۇنتىزىملاشقان شىركەتلەر بولغان بولسا بلوگنىڭ بۇ قاتارغا قۇشۇلىشى بىلەن شەخىسلەرمۇ ئۈزىنىڭ كۈز قاراش، بىلىم ۋە ھىسياتلىرىنى ئۈزىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان بلوگى ئارقىلىق جەميەتكە تارقتىشقا باشلاپ بلوگچىلار جەميەتكە شىددەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.بولۇپمۇ ئامرىكىدا مۇقىم بلوگ يازىدىغان كۈچلۈك بىر قوشۇن يىتىشىپ چىقىپ ئۈزگىچە بولغان بىر مۇھىتنى بەرپا قىلدى. ئامرىكىدىكى بلوگلار ئاددى بولغان كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان شەكىلدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ ئۆتۈپ نۇرغۇنلىغان بلوگلار ئۈزىنىڭ ماركىسىنى قۇرۇپ چىقتى. …
ئۇنى بۇنى دەپ بلوگ يېزىپ يۈرگىلى ھەش پەش دىگۇچە 3 يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ. دوستلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، بلوگنى دەسلەپتە مۇنبەرلەردە يېزىپ قويغان ئوزۇنراق ئىنكاسلىرىمنى كۆچۈرۈپ قويۇشتىن باشلىغان، كىيىنچە تىمىلىرىمنى كۆچۈرۈم قويۇشتىن باشلىدىم، كەينىدىن ئىنكاس ئۆچۈرۋېتىپ تىمىلارنىلا ساقلاپ بارا رەسمى بلوگ شەكلىدە يېزىشقا باشلىدىم. دەسلەپ باشلىغان ۋاقىتلىرىم كۈڭلۇم خاتىرجەم، ئىشلىرىم ياخشى كىتىپ بارغان ۋاقىتلار بولسا كىرەك.بلوگ يېزىشقا ۋە ئۇيغۇرۋە مۇنبەرلەرنى ئويناشقا خېلى ۋاختىم چىقاتتى. ھازىر شۇ ۋاقىتلاردا يېزىۋەتكەن تىمىلارنى ئۆزۈم كۆرسەممۇ قانداقمۇ يېزىپ بولغاندىمەن دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئۇ ۋاقىتلاردا تورداشلار بلوگ ئىشلىتىپ كۆنمىگەن بولغاچقا مەنمۇ پەقەت مۇنبەرلەرگە يازغان تىمىلىرىمنى كۆچۈرۈپ قويغاندىن …
ئالدىنقى تىمىدا دىيىلگەندەك، قوغدىلىش رايونلىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ئۇلار ئۈزىنى ئۈزى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ھەر قايسى قەبىلە رايونلىرىدا چوقۇم بىر ھۈكۈمەت بولۇشى كىرەك ئىكەن. بۇنى قەبىلە ھۈكۈمىتى ياكى قەبىلى كىڭىشى دەپ ئاتاپ بۇنى فىدىراتسىيە ھۈكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن ۋە ئۈز ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ھۈكۈمەتنىڭ چوڭلۇقى ئەزا ۋە زىمىنىغا قاراپ چوڭ كىچىك بولىدىكەن. بۇلار يەرنى قانداق تەقسىم قىلىش، قانداق تۈزۈم قوللىنىپ باشقۇرۇش دىگەندەك بىر قاتار ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى، سوت مەھكىمىسى، ساقچىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، مەكتەپ، پاراۋانلىق، داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار فونكىسىيەلىك …
ئامرىكىدا دۇنيانىڭ باشقا يىرىدە، بولۇپمۇ ياۋرۇپادا يوق بولغان بىر بايرام كۈنى بار. بۇ كۈن رەھمەت ئېيتىش بايرىمى (Thanksgiving day)كۈنىدۇر. 1620-يىلى 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى باسقان بىر كىمە ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۈتۈپ يىڭى دۇنياغا كەلگەن. بۇ بىر گۇرۇپپا دىنى ئادەملەر ئەنگىلىيە باش چىركاۋىنىڭ دىننى يولغا قويۇش ۋە چەكلىمىسىگە چىدىماي قېچىپ يىڭى چىقىش يولى ئىزدەپ كەلگەنلەر بولۇپ بۇلار ماسساچۇستىس شىتاتىدا قىرغاققا چىقىپ شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان. بۇلار كەلگەن ۋاقىت كۈز ئۆتۈپ كىتىپ قىش كەلگەن ۋاقىت بولۇپ بۇلار ئېلىپ كەلگەن يىمەكلىك تىزلا تۈگەپ قالغان. بىر نەرسە تېرىپ يەي دىسە قىش كىرىپ بولغان بولۇپ بۇ ئۇزاق …
Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.