مارالبېشىغا ئىلگىرى نەچچە رەت بارغان بولساممۇ بۇ قېتىمدىكىدەك كۈزىتىپ باقماپتىكەنمەن. كوچا- كويلىرى رەتلىك، ئاسفالىتلىشىپ، قاتناش چىراقلىرى تولۇق ئورۇنلاشقاننىڭ ئۈستىگە بىر ناھايە بازىرى دەرىجىسىدىن ھالقىغان ھالدىكى ئىگىز ئىمارەتلەر، رەتلىك بازار رەستىلەر كىشىنى بۇ يەرنى بىر شەھەرمىكىن دېگەن ئويغا كەلتۈرەتتى. كىشىلەر ناھايىتى بىخارامان ھالدا ۋېلىسپىتلىك، موتوسىكىلىتلىك ۋە پىيادە يول يۈرۈشەتتى. شەھەردىكى كىرا ماشىنىلىرىمۇ چوڭ شەھەرلەرنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. بىر قانچە يېڭىدىن ئېچىلغان تاللا بازىرىنى ئارىلاپ بۇ يەرنىڭ ھەقىقەتەن بۇرۇنقى مارال بېشى ناھىيەسى ئىكەنلىگىدىن گۇمانلانغۇدەك كەيپىياتقا كەلدىم. مارالبېشىنىڭ داڭلىق نەرسىلىرى خېلى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە مارالبېشى توغراق موگوسى ۋە مارالبېشى تونۇر كاۋىپىنىڭ خېلىلا داڭقى بار. مارالبېشىنى خەنزۇچىدا نېمە دەپ «باچۇ» دەيدىكىن دېسەم يېقىندا ئۇيغۇرچىدا «بارچۇق» دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. باچۇ ئەسلى بارچۇقتىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولسا كېرەك. مارالبېشىنىڭ قىسقا مۇددەتتە بۇنچىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلىشىنى بۇ يەردە 2003-يىلى 24 –فېۋرال يۈز بەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. تەبىئىي ئاپەت بەزىدە ھايات قالغۇچىلار ئۈچۈن بەخت سائادەت ئېلىپ كېلىدىغاندەكمۇ قىلاتتى. ھازىر ئۇ چاغدىكىدەك ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان كېسەك تاملارنىڭ ئورنىغا يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىتونلۇق ئىمارەتلەر سېلىنىپ پۈتكۈل ناھىيە بازىرى پۈتۈنلەي يېڭىچە تۈسكە كىرگەن ئىدى.
سەنئەت ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىنى يېتىشتۇرىۋاتقان فرانسىيەدىكى ياش ناخشىچىمىز ژانىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەلى ئىسمائىل بولۇپ، ژانى ئۇنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى. 2004-يىلىنىڭ بېشىدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ژانى ھازىرغا قەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق لىئون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەر تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە ناخشىلارنى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى فرانسۇز سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇپ، ژانى بۇ سورۇنلاردا ئۇيغۇر ناخشىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فرانسۇزلارغا تونۇتۇشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇلاردىن سرت، ژانى يەنە بىر نەچچە قېتىم يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىئوندىكى فرانسۇزلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى-ئوغۇز ئورۇنلاشتۇرغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىدىمۇ، ژانى ئاساسلىق ناخشىچى سۈپىتىدە ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى. رانسىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ژانىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئاممىباپ ناخشىلىرى قۇلاققا يېقىپلا قالماستىن،
موڭغۇل ئىمپرىيسى دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ باي ۋە چوڭ بولغان ئىمپرىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭ تىرىتورىيەسى موڭغۇلىيەنىڭ يايلاقلىرىنى مەركەز قىلىپ ۋېيتنامدىن ۋىنگىرىيەگىچە سوزۇلغان. چىڭگىزخان ھەتتا غەربى ياۋرۇپاغىمۇ تەھدىت سالغان ئىدى. شۇڭلاشقا بۇرۇن موڭغۇل پايتەختى قاراقۇرۇم (Karakorum) نى قىزىپ چىققان بون ئۇنۋېرسىتى (University of Bonn ) ئارخىلوگى جەن بېممان (Jan Bemmann) يىقىندا يىراق ئورخۇن جىلغىسىدا چوڭ كۆلەمدىكى قەدىمقى ئولتۇراقلىشىشنى بايقىغاندا ئۇ ئولتۇراقلىششىنى 13-ئەسىردىكى موڭغۇلىيەنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە توغرا كىلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. لېكىن ئۇنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغىنى، ئۇ بۇ غايەت زور ئولتۇراق رايون ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن بۇرۇن بۇ جايدا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقانلىغى مەلۇم بولمىغان مىلادى 8-،9-ئەسىر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىمپيرىيسى دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغىنى بايقىغان. «بىز ئەسلى نۇرغۇنلىغان موڭغۇل توپا دۆۋىلىرىنى بايقايمىز دەپ ئويلىغان ئىدۇق، لېكىن پۈتۈنلەي خاتالىشىپتىمىز» دەيدۇ ئارخىلوگ جەن بېممان يىغىندىكى دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا. لېكىن ئىشلەتكەن يۇقىرى تېخنىكا ئەسۋاپلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ يەرگە تىك-تۆت بولۇڭ شەكلىدە تامدا قورشالغان، يەر مەيدانى 30 كۇۋادىرەت كىلومىتېر
بۇ مىھمان يازمىسى (Guest Post) شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇردى لېتىپ ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان. تۇردى لېتىپ ئەپەندى ئىزدىنىش تورىنىڭ كونا ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۇ ئۆز ۋاختىدىكى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتوتىنىڭ ئېلېكتىرىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، كىيىن شېنجېندا ۋە ياپۇندا ئىشلىگەن. 2006-يىلى شىنجاڭدا ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ ئۇنىڭ شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان كۆپ تىللىق ئاشخانا رېستوران ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىسېتمىسى شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. تۇردى لېتىپ ئەپەندى توغرىلىق يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز مىنىڭ كەسپىم …
مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھايات كەچۈرمىشى دىققىتىمنى تارتتى. ئۈچ جان بەختلىك بىر ئائىلە، بالىنىڭ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولىشى بىلەن يېڭىپ بولماس قىيىنچىلىققا دۇچار بولغان. يۇقىرى راسخوتتىكى داۋالىنىش چىقىمى ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەنگە بارمايدىغان دېھقان ئائىلىسىنى قەرز ئېلىشتىن باشقىغا ئامال يوق ھالغا ئاپارغان. بالىنىڭ كۈندىلىك داۋالاش چىقىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 2000 يۈەن بولغان. يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئاتا ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. ھەر تەرەپكە قاتراپ ھېچ ئامال قىلالمىغان. ئەسلىدىمۇ يېزا-بازار ئەڭ تۆۋەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىلىنىۋاتقان بۇ دېھقان ئائىلىسى، داۋالىنىش راسخوتى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئاتچوت قىلىشقا ئېرىشىلگەن بولسىمۇ ئومۇمىي چىقىمنىڭ 30 پىرسەنتىگە بارمىغان بۇ پۇل بالىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشقا تولىمۇ ئازلىق قىلغان. ئاتا ئاخىرى ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش قارارىغا كەلگەن. ئۇ بىر كۈنى قولىغا پىچاق ئېلىپ پۇل ئاتچۇت قىلىش ئورنىغا باستۇرۇپ كىرىپ بىر خىزمەتچىنىڭ گېلىغا پىچاقنى تەڭلەپ تۇرۇپ بىر سائەتكە يېقىن تىركەشكەن. ج خ خادىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تۇتقۇن بولغان خىزمەتچىنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇلغان. ئاتا ئادەم تۇتقۇن قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن. ئىش شۇ يەرگە بارغاندىلا شۇ يەرلىك بىر گېزىتخانا مۇخبىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ،
بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى گۇگۇلنىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن بىر نەرسە ئىزدىسەم xjass دەيدىغان بىر ئۇلىنىشتىن بىر قانچىسىنى چىقىرىپ بەردى، تور بەتنى ئېچىشتىن بۇرۇن بۇ ئۇلىنىشنى كۆرۈپلا قانداق قويۇۋالغان ماز تور ئادىرسىدۇ بۇ دەپ ئويلاپ كىرىپ قارىسام ئۇ تور بەت شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورگان تور بېتى «شىنجاڭ پەلسەپە -ئىجتىمائى پەنلەر تور بىكىتى» ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم. شۇنداقلا شۇنچە چوڭ، ھەر خىل تىلىنى بىلىدىغان تەتقىقاتچىلىرى بار تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئۆز تور بېتىنى ass دەپ ئاتىۋالغىنى بەكمۇ كۈلكىلىلىك تويۇلدى. مەن شۇنچە ئويلاپمۇ بۇ ئاكادىمىيەنىڭ تور نامىنى نىمە ئۈچۈن ass بىلەن باغلىۋالغىنىنى چۈشىنەلمىدىم. بۇ تور بەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى مەيلى ئۇيغۇرچە، مەيلى خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىسچە يازسۇن ھېچقايسىىدا باش سۈزلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى ass كە يىقىن كەلمەيدىكەن. مەسىلەن، ئۇلار تورىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى «شىنجاڭ پەلسەپە -ئىجتىمائى پەنلەر تور بىكىتى» دەپ يېزىپتۇ، بۇلارنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قىسقارتساق xjpip ياكى xjpiptb بۇلىدۇ؛ خەنزۇچىسىنى 新疆哲学社会科学网 دەپ ئاپتۇ، بۇلارنىڭ باش ھەرپىنى قىسقارتىپ باقساقمۇ xjass يىقىن كەلمەيدۇ. ئىنگىلىسىچىسىنى
ياپونىيە ئەزەلدىنلا پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ئەل، ياپونىيە زىمىنى ياكى ياپون مىللىتى تىلغا ئېلىنسا، تەبىئىيلا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، تېخنىكىسى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شۇنداق بىر «تەمتۇزى كۈچلۈك» مىللەت ئوبرازى نامايان بولىدۇ.
مەيلى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە قارشى ئېلىنىشىدىن بولسۇن ياكى ماشىنىسازلىق جەھەتتە ياپونىيە ئاپتوموبىللىرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە يېتىپ بارالىشىدا بولسۇن، ياپونىيە خەلقىنىڭ تىرىشچان، ئىجتىھات بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ۋە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەس مۆجىزىلەرنى يارىتالىشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپلا، ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى قەۋمنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا سازاۋەر بولغان. ياپونىيەلىكلەرنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشچانلىقى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ يۇز ئابرويىنى قوغداشىتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلى، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداشىتىكى تۇغما خاراكتېرى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتپەرۋەر كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ. يېقىنقى ئون نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە، ياپونىيە يەنە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلىنىپ قالدى. بىر ياقتىن ئوقۇپ، بىر ياقتىن خىزمەت قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى، پەقەت تىرىشىش ئىرادىسى بولسىلا ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ بولىدىغانلىقى نۇرغۇنلىغان ياش ئىزدەنگۈچىلەردە ياپون تىلى ئۆگىنىپ، ياپونىيەگە بېرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ، دۆلتىمىز ياشلىرى ئۈچۈن
1996 – يىلى گۈزەلنۇر تۇرمۇشنىڭ يېڭى بىر مىنۇتلىرىغا قەدەم قويدى .1998 – يىلى 5 – ئايدا ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگەن گۈزەلنۇر ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمدى . ئەمما گۈزەلنۇر بىر چوڭ تاللاشقا دۇچ كەلدى . بۇ بالىنى ئېلىش كېرەكمۇ ياكى ….؟؟ گۈزەلنۇر تېئىى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ بولالمىغان بولۇپ، يەنەتېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغۇسى بار ئىدى .(ئەينى چاغدا ئۇ غەربىي جۇڭگو تىببىي ئۇنېۋېرسىتىتىنىڭ چاقىرقىنى ئەمدى تاپشۇرۇپ ئالغان مەزگىللىرى ئىدى ) قانداق قىلىش كېرەك ؟ گۈزەلنۇر ئەگەر بۇ بالىنى ئالدۇرىۋەتسە يەنە بالىلىق بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى .28 ياش ھېلىمۇ بىر ئايال كىىشى ئۈچۈن خىلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ياش ھېسابلىنىدىغان تۇرسا! ئۇنىڭ نۇرغۇن دوست – يارەنلىرى ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۇنى يەنە ئوقۇش نىيتىدىن يېنىشقا ، ئەمدى كۆڭلىنى ئائىلىسىگە قارىتىشقا دەۋەت قىلدى. پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك جۈپ بولۇشقا ، ھاياتلىق مۇساپىسىنى بىرلىكتە بىسىپ تۈگىتىشكە ۋەدە بەرگەن يولدىشى گۈزەلنۇرنىڭ بۇ ئويىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى ھەم ئۇنىڭغا ئىلھام – مەدەت بەردى . يىنىدىكى كۈچلۈك تېرىكىنىڭ قوللىشى ئالدىدا ، گۈزەلنۇر قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئوپىراتسىيە كارىۋىتىغا چىقتى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ بەختلىك نىكاھىنىڭ تۇنجى مېۋىسى بولغان بۇ بالا مانا مۇشۇنداق بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى . 1998-يىلى گۈزەلنۇر مەملىكەتلىك دوكتۇر ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش ئىمتاھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ
2009-يىلى نويابىردا ئامرىكا CNN تېلىۋىزىيەسى ئىرسى كىسەللىك توغرىلىق بىر قىسقا مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ بۇ فىلىمدە ئىرسى كىسەللىكلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ بۇ خىلدىكى كىسەللەرنى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتى نەتىجىلىرى ئارقىلىق داۋالاش مۇمكىنچىلىگى بارلىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان. مەن يىقىندا بىر دەم ئېلىشتا شۆھرەتكامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كەلگەن ئىدىم ۋە بۇ فىلىمى كۆرۈپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تارقىتايلى دىسەم «ماقۇل» دىدى. شۇڭا تەرجىمانلار ۋە خەتلىك فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى قۇتيارغا ھاۋالە قىلىپ بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق. نورمال چىقسا بىۋاستە كۆرسەڭلارمۇ ياكى چۈشۈرۈپ كۆرسەڭلارمۇ بۇلىدۇ. قۇتيار گۇرۇپپىسى چۈشۈرۈش ئادېرسى بىلەن تەمىنلىدى. ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئامرىكا ئورېگون شىتاتى ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنۋېرسىتى غول ھۈجەيرە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ غول ھۈجەيرە، كۈپىيىش ۋە كىلون تەتقىقاتى ساھەسىدە خەلقارادا يۇقىرى نۇپۇزغا ئىگە.
يەر تەۋرەش بىز تېلىۋىزوردا كۆرگەندەك ھەقىقەتەن ئېغىر بولغان بولۇپ مەن ئەھۋاللاشقان قېرېندىشىمىز يەر تەۋرىگەندە دوخۇپكىدا نان سېلىۋاتقان ئىكەن. يەر تەۋرەپ بولغاندىن كىيىن شۇ رايۇندىكى ھەممە ئۇيغۇرلار ئاساسان دىگۈدەك شۇ يەردىكى بىر تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ پانالىنىپتۇ. يىغىلغانلار 18 ئۇيغۇر بولۇپ ئارىسىدا ئىككى كىچىك بوۋاق بار ئىكەن. ئۇ رايۇندا چوڭ كىچىك بولۇپ بالىلارنى قاتقاندا 23 ئۇيغۇر بار ئىكەن، قالغان ئىككى ئائىلە ئۆيى بۇلاردىن سەل يىراقراق بۇلۇپ ئۇلار يىغىلغان يەرلەرگە كىلەلمەي ئۆزلىرىگە يىقىن جايلاردا پانالىنىپتۇ. ئۇ يەردە ئىككى كىچە كۈندۈز تۇرۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا توك، سۇ، گاز دىگەندەك نەرسىلەر بولمىغاچقا بەك قېينىلىپتۇ. ئالاقە راۋان بولمىغاچقا سىرت بىلەنمۇ ئالاقە قىلىش ئىمكانىيتى بولماپتۇ. كىچىك تىپتىكى گاز ئۇچاق دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن بىر نەرسىلەرنى پۇشۇرۇپ يەپتۇ. كىچىك بالىلار بەك جاپا تارتىپتۇ ۋە قورقۇپ كىتىپتۇ. بەزىدە بىر نەچچە ئۇغۇللار بىرلىىشپ ئۆيىگە قايتىپ يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. تۈنۈگۈندىن تارتىپ سەل ئەسلىگە
يىڭىلاندى: رايون تىلى باسك تىلى ۋە ئىسپان تىلى بولۇپ، تىل باشقۇرۇش سېستىمىسى كاتالونىيەگە بەك ئوخشاپ كەتمەيدۇ. بۇ رايوندا بەزى مەكتەپلەر پۈتۈنلەي باسكچە ۋە بەزىلىرى تامامەن ئىسپانچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تاللاش ئەركىنلىگە ئىگە. ئالى مەكتەپلەرمۇ ئوخشاش شەكىلدە تىل پەرقى بويىچە ئايرىلىدۇ. ئىسپانچە مەكتەپلەردە باسك تىلى ۋە باسكچە مەكتەپلەردە ئىسپانچە قوشۇمچە ئۆتۈلىدۇ. يوللاردىكى بارلىق ۋىۋىسكىلار، بارلىق رەسمى ۋە غەيرى رەسمى ھۈججەتلەر، پىلاكاتلار باسكچە ۋە ئىسپانچە يېزىلىدۇ. يىغىندا سۆز ئالغان باسك ناتىقىمىزنىڭ بايانىچە، ھازىر بارغانسېرى باسك ئوقۇغۇچىلار ئالى مەكتەپ تاللىغىنىدا ئىسپان تىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتلارنى تاللاۋېتىپتۇ. بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىسپانچىنىڭ ۋە ئىسپانىيەنىڭ مۇھىم ئورنىدىنمۇ دەپ سورىغىنىمىزدا، پەقەت ئىسپان تىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتلاردا سرتتىن كېلىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كۆپ، ئۆز-ئارا تونۇشۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۇنيا قارىشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بېرىلدى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى باسك تىلىدا ئوقۇغاندىن كىيىن، ئالى مەكتەپنى بولسىمۇ باسك مۇھىتىدىن نېرىراق ئوقۇش باسك ياشلار ئۈچۈن مۇھىم ئىش ئىكەن. بولمىسا، تامامەن ئۆز مۇھىتى، ئۆز مىللىتى، ئۆز رايونى ۋە ئۆز كىشىلىرى دائىرىسىگە قاپلىنىپ
-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىرىدىن خوش-خەۋەرلەر توختىماي كىلىۋاتىدۇ. مىرەخمەتجان دۆلەت ئۇلىمپىك كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىدا يىڭى بىر نامايەندە ياراتقانغلىنى ئوقۇپ خوش بۇلۇپ ئولتۇرسام، ئۇ ياقتىن ئۇنى گوللاندىيەدىكى ئامىستېردام پۇتبۇل كۇلۇبى ئاجاكىس ( AFC Ajax)كىلىپ سىناق مەشىقىدىن ئۆتۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. يىڭىدىن يىتىشكەن نوتا ئۆتكۇر دۆلەت ياشلار كوماندىسىدا كاپىتان بولۇپ روسىيەدە مۇسابىقە ئويناپ ئىككىنچى بولۇپ كەپتۇ. بۇنىڭدىن خوش بولۇپ تېخى ھەزىم قىلىپ بۇلالماي ئولتۇرسام تۈنۈگۈن خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىدىكى بارى يىڭىدىن باشلانغان بۇ يىللىق ئاسىيا پۇتبۇل كۇلۇبلىرى چىمپيۇنلۇق ئايلانما مۇسابىقىسىدا( Asian Champions League) «بىر پاس، بىر توپ» بىلەن ياپۇننىڭ داڭلىق J مۇسابىقە چىمپيونى ناگويا( Nagoya Grampus) كۇلۇبىنى 2 دە 0 بىلەن تولۇق مەغلۇپ قىلىپ بىر كىچىدە جۇڭگۇدا تۇنۇلۇپتۇ. جۇڭگۇدا تەنتەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تېلىۋىزىيە،تور ۋە گىزىت ژورناللاردا ھەممىسىدە بارىنىڭ گەپلىرى
يىڭىلاندى: ھۆرمەتلىك سوتچى جاناپلىرى، دوكلاتنى ئوقۇدۇم، ساقچى ئۆزى ھىس قىلغان ئىشنى يېزىپتۇ. ساقچىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ مىنىڭ ئىشىمگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكلىرىگە كۆپ رەھمەت. بۇ دوكلاتقا بولغان مىنىڭ ھىس قىلىشىم ساقچىنىڭكىدىن پەرىقلىقراق. مەن ئۆز ۋاختىدا پالانچى يولدا كىتىۋاتقان، يولنىڭ ئازراق ئىگىز پەس يەرلىرى بار، ئۇ يەرگە قايتا بېرىپ يولنى رەسىم تارتىپ كىلەي دىسەم يىراق بولۇپ قالدى. مەن ئۆز ۋاختىدا يولدا 65-70 لىك سۈرئەت بىلەن كىتىۋاتقان، ماشىنامنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچىمۇ شۇنى كۆرسىتىپ تۇرغان. ئىگىز- پەس يەرلەردە تۈۋەنگە چۈشكەندە 1-2 سىكونت تۇيۇقسىز سۈرئەت تىزلىشىپ كىتىش خاتالىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا مەن ھىچقاچان 70 تىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ باقمىدىم، ساقچىنىڭ نىمىشقا مىنى 78 تە ھەيدىدى دەپ ھۆكۈم چىقارغىنىغا گۇمانىم بار. شۇنداقكەن، مەنمۇ ماتىرىيال ئىزدەپ كۆردۈم. مىنىڭ يەنە بىر گۇمانىم مىنىڭ ماشىنام. مەن بۇ ماشىنىنى ساقچى مىنى تۇتۇۋالغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئالغان ئىدىم. ئېلىپلا ئەتىسى جىددى ئىشىم بولغاچ ھەيدىگەنىدىم. ماشىنىنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچلىرىدە چاتاقلىرى بارمۇ قانداق ئۇقالماي قالدىم. مىنىڭ ماشىنام مەن ھەيدىگەندە راستىنلا 70تىن ئېشىپ سۈرئەت كۆرسىتىپ باقمىدى ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ باقمىدىم. لېكىن ساقچى مىنى 78 دە ھەيدىدىڭ دەپ تۇتۇۋالدى. مانا ماۋۇ مىنىڭ ماشىنامنىڭ رەسىمى (ماشىنىنىڭ سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن، ئەڭ كونا كۆرۈنىدىغان يىرىدىن رەسىمگە تارتىپ ئالغاچ كەلگەن ئىدىم)، ماۋۇ
1. قىسقا يېزىڭ، يەنى ئۇزۇن ئىلخەتلەرنى يازماڭ. چۇنكى پروفىسسورلار ئادەتتە ئالدىراش بۇلىدۇ، شۇڭا ناتۇنۇش ئادەمدىن كەلگەن ئۇزۇن خەتلەرنى ئۇلار ئوقۇماسلىقى مۇمكىن. ئوزۇن خەتلەرنى يازسىڭىز ئۇلار خېتىڭىزنى ئوقۇپمۇ قويماسلىقى مۇمكىن.
2. نەخ گەپنى دەڭ. ئاۋال ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇڭ، ئاندىن نەتىجىلىرىڭىزنى (qualifications) دەڭ، ئاندىن ئۈزىڭىزنىڭ ئۇ پروفىسسورنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە چوڭقۇر قىزىقىش بارلىقىنى بىلدۈرۈڭ. ئاخىرىدا ئۇ پروفىسسورنىڭ سىز ئۈچۈن ئاساسلىق يىتەكچى پروفسسور بۇلۇشنى خالايدىغانلىغىنى سوراڭ.
3. جىددىلىشىپ كەتمەڭ، لېكىن خېتىڭىزدىكى گىرامماتىكىلىق ۋە يېزىلىشتىكى خاتالىقنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرۇشكە تىرىشىڭ. باشقىلارنىڭ خېتىڭىزنى تەكشۇرۈپ ئوقۇپ بەرسىمۇ پايدىسى بار. لېكىن باشقىلارنىڭ ۋاختى بولمىسا ياكى سىز خېتىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئوقۇشىنى خالىمىسىڭىز
بۇلار جاھىل، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. ئۈزىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئۈزىنىڭ قۇرۇپ چىققان سىستىما ۋە رامكىسى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ، ياكى تەجرىبە ياكى ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىشى بولمايدۇ.پىكر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئۈزىنى ئېينىشتىيىندىن كىين چىققان دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ چاغلايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى باشقىلار «چۈشىنەلمىگەن» بولسا بۇ باشقىلارنىڭ دۆتلىكى. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى دۇنيادا ياشايدىغان بولۇپ مۇتەخەسسىلەرنىڭ، كەسپى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالمايدۇ ۋە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىغى، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن باسۇرۇپ قويۇلغانلىغى بىلەن ئۈزىنى كوپېرنىك، بىرونو، گالىلىيلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا جەميىتى. ئۇلار ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى «ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلار»، «نۇپۇزغا قارشى چىقىشنى قوللايدىغانلار» دەپ كۆرۈپ قارشى تۇرغۇچىلارنى بولسا « كىتاۋى بىلىملەر بىلەن كاللىسى يۇغۇرۇلغان»، «جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار» دەپ قارايدۇ.
Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.