باشبەت » Headline, ئىنگلىس تىلى, جەميەتكە نەزەر, خەۋەر

شىنجاڭدىكى تور نامى ئەڭ قىززىق تور بەت: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىميسى تور بېتى

24 ماي 2011 3,434 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس

ئەسكەرتىش: بۇ تىمىدىكى ass دىگەن سۆزگە ئەدىبى، يېزىقچە سۆز ئالاي دەپ شۇنچە قىلىپ باقساممۇ مۇۋاپىق سۆز تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ تۇرمۇش تىلىمىزدا بۇ سۆزنى چەينەكنىڭ قۇڭى، «قۇڭىغا بىرنى تىپىپ» دىگەندەك نورمال ھالەتتىمۇ ئىشلىتىدىكەنمىز. شۇڭا ئۆز پېتى ئالدىم. توغرا چۈشەنگەيسىز.

بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى گۇگۇلنىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن بىر نەرسە ئىزدىسەم xjass دەيدىغان بىر ئۇلىنىشتىن بىر قانچىسىنى چىقىرىپ بەردى، تور بەتنى ئېچىشتىن بۇرۇن بۇ ئۇلىنىشنى كۆرۈپلا قانداق قويۇۋالغان ماز تور ئادىرسىدۇ بۇ دەپ ئويلاپ كىرىپ قارىسام ئۇ تور بەت شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورگان تور بېتى «شىنجاڭ پەلسەپە -ئىجتىمائى پەنلەر تور بىكىتى» ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم. شۇنداقلا شۇنچە چوڭ، ھەر خىل تىلىنى بىلىدىغان تەتقىقاتچىلىرى بار تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئۆز تور بېتىنى ass دەپ ئاتىۋالغىنى بەكمۇ كۈلكىلىلىك تويۇلدى.
ئىنگىلىسچە سۆز ass دىگەننىڭ مەنىسى قوڭ دىگەن گەپ بۇلىدۇ، xj دىگەننى ئادەتتە شىنجاڭنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپ شۇنداق ئىشلىتىمىز. شۇڭا xjass.com دىگەن تور نامى شىنجاڭنىڭ قۇڭى، شىنجاڭ قوڭلىرى، 新疆屁股网  دىگەن گەپ بۇلىدۇ. ھا ھا، دىمەك شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ تور بېتىنىڭ نامى شىنجاڭنىڭ قوڭىكەن. بۇ تور نامىغا يەنە سۆزلىسەك،  X دىگەن ھەرىپ تور ناملىرىنىڭ بېشىدا كەلگەندە SEX دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى سۈپىتىدە قوللىنىپ سېرىق، شەھۋانى تور بەتلەرنىڭ نامى بولۇپ ئىشلىتىلىدۇ ياكى كىشىلەرگە شۇنداق تەسىر بىرىدۇ. x قا ass نى قېتىپ xjass دىسە بىر خىل ھەمجىنىسلارنىڭ تور بىتىدەك تەسىر بىرىدۇ. ئىنگىلىسچە بىلىدىغان ھەر قانداق بىرسى، بولۇپمۇ غەرىپتىكى بىرسى xjass.com دىگەن نامنى كۆرسىلا ھەرگىزمۇ بىر پەن تەتقىقات ئورگىنى ياكى ھۆكۈمەت ئورگىنىنى ئەمەس  بەلكى بىر سېرىق تور بەتنى ئويلايدۇ. بۇ ئاكادىمىيەدە ئىنگىلىسچە بىلىدىغان ئادەم يوقمۇ قانداق؟

مەن شۇنچە ئويلاپمۇ بۇ ئاكادىمىيەنىڭ تور نامىنى نىمە ئۈچۈن ass بىلەن باغلىۋالغىنىنى چۈشىنەلمىدىم. بۇ تور بەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى مەيلى ئۇيغۇرچە، مەيلى خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىسچە يازسۇن ھېچقايسىىدا باش سۈزلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى ass كە يىقىن كەلمەيدىكەن. مەسىلەن، ئۇلار تورىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى  «شىنجاڭ پەلسەپە -ئىجتىمائى پەنلەر تور بىكىتى» دەپ يېزىپتۇ، بۇلارنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قىسقارتساق xjpip ياكى xjpiptb بۇلىدۇ؛ خەنزۇچىسىنى 新疆哲学社会科学网 دەپ ئاپتۇ، بۇلارنىڭ باش ھەرپىنى قىسقارتىپ باقساقمۇ xjass يىقىن كەلمەيدۇ. ئىنگىلىسىچىسىنى xinjiang philosophy and social science network دەپ ئاپتۇ، بۇلارنى قىسقارتساق xjpss, xjpass، xjpassn دەپ بىرەرسىنى ئالسا بۇلىدۇ. ئادەتتە باش سۆزلەرنى قىسقارتقاندا and دىگەندەك سۆزلەر ئېلىنمايدۇ. xjass دىگەن سۆزگە قىسقارتىش ئۈچۈن ئەسلى ئىسىمنى  xinjiang and social science دەپ ئالسا بۇلىدۇ، لېكىن بۇ يەردە philosophy (پەلسەپە) دىگەن سۆز چۈشۈپ قالغان، ئەمما  philosophy دىگەن سۆز چۈشۈپ قالسا and دىگەن سۆزگىمۇ ھاجەت قالمايدۇ. شۇڭا 新疆社会科学网 دەپ ئېلىپ كۆنۇپ قالغان دىگەندىمۇ xjss دىسە بۇلىدۇ. دىمەك مەن شۇنچە زورلاپ بېقىپمۇ ass دەپ بۇ شىنجاڭنىڭ قوڭى بۇلىدىغان سۆزنى نەدىن ئەكىلىۋالغىنىنى بىلەلمىدىم.  تور نامىغا ass دىگەن قېتىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنى مەجبۇرى ئىشلەتمەيدىغان ياكى ئۆزگەرتىدىغان يەردە بۇ تەتقىقاتچىلار ئۇنى زورلاپ ئۆزىگە قېتىۋاپتۇ.

چوڭ ئورگانلارنىڭ تور نامى دىگەن  باسما ماتىرىيال، تەشۋىقات ئىشلىرى، تېلىۋىزور، كىيىم كىچەك دىگەندەك جىق يەرلەردە بېسىلىپ تارقىتىلىشى مۇمكىن. تۈۋەندىكىدەك سىنارىيەلەرنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار:
1. ئادەتتە ئۆز ئورگانلىرىنىڭ تور نامىنى شەپكە، مايكا، ئىشتان دىگەندەك  نەرسىلەرگە لاھىلەپ كىيىدىغان ئىشلار بۇلىدۇ.  بىرسى مايكىسىغا ياكى شەپكىسىگە XJASS.COM ياكى XJASS دەپ يېزىلغان نەرسىلەرنى كوچىدا كيىپ يۈرسە يەنى «شىنجاڭنڭ قۇڭى» دەپ مايكا كىيىۋېلىپ يۈرسە.
2. چەتئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىشسا ئىلخەت ئادېرسىڭىز نىمە دىسە  ablat@xjass.com  دىسە.
3. ئىنگىلىسچە send me email to ablat at xjass dot com دىسە.
4. …

ئۇندىن باشقا يەنە نورغۇنلىغان ئىلخەت تەمىنلىگەن ئورۇنلار ass دىگەننى سېرىق سۆز دەپ قاراپ خەت ئالاقىدە ئاپتۇماتىك سۆزۈۋىتىدىغان ئىشلار بۇلىدۇ. شۇڭا بۇ يەنە ئۇلارنىڭ نورمال خەت ئالاقىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بۇ ئورگاندا تۇنۇشلىرى بارلار ئۇلارغا خەۋەر قىلىپ تور ئادېرسىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتشكە تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭلار.

ئاسىتىدىكى رەسىملەر 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى xjass.com دىن تۇتۇلغان.

تۈگىدى.

ئۇنداقتا ئىلان چىكىپ قويۇڭ.

18 ئىنكاس بار »

  • ئۆرلە :

    خەلىقارالىق تىلدا باشقىچە مەننىنى بېرىپ قويىدىغان بولسا ئۇنىڭغا چۇقۇم دىققەت قىلىشى كېرەكتە. باشقىلار بىلەن كارىمىز يوق دىگەندىمۇ «شىنجاڭ پەلسەپە-ئىجدىمائى پەنلەر تورى» دېگەننى xjpip.com دېگەندەك ئېلىشى لازىم بولىدۇغۇ.
    Xinjiang Academy of Social Science بۇ ئاتىلىش ئۆلچەملىك بولمىسا ئۆلچەملىك ئاتىلىشىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى ئىشلىتىشى، ئاشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ئامال بار باشقىچە قىسقارتىلما نام ئىشلىتىش كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ مەنىسى ئىنگىلىسچىدە يۇقىرقىدەك مەنە بېرىدىغان تۇرسا.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • نۇرقۇت :

    ئۇيغۇرچە تور بەتنىڭ نامىنى نېمە دەپ ئىنگىلىزچە ئۆلچەمگە سالغۇدەكمىز؟ بۇنىڭ مازاق قىلغۇدەك يىرى بارمۇ؟ ناۋادا بىر گەپنى لاتىن ھەرىپى بۇيىچە يېزىپ بارچە يېزىقا ياخشى مەنىنى بىلدۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىشقۇ دەيمەن؟ ئەلۋەتتە، سىز تىلغا ئالغان ئالاقە ئىشلىرىدىكى سۈزۈلۈپ كېتىشتىن باشقا سەۋەبنى مەن ئارتۇقچە دەپ ئويلايمەن. خەق نېمە دەپ ئويلىسا ئۆزىنىڭ ئىشى. باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نەرسىدىن ۋاز كىچىش بەك ئاقىلانىلىق ئەمەس.

    پىكرىم چولتا بولۇپ قالغىنى ئېنىق. ئەمما مەن قارىشىمنى ساقلاپ قالىمەن. ئىنگىلىز تىلى چوڭ تىل، ئەمما بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىزنى ئۇنىڭغا چۈشۈرۈش مەجبۇرىيتىمىز يوق.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    Jeck Reply:

    @نۇرقۇت, دۇنيادىكى ھەممە تىلغا سېلىپ بېقىش كىرەك ئەمەس. لېكىن ئىنگىلىزچىنى ئويلاشماي بولمايدۇ. ئۇ ئۇيغۇرچە تور بەت بولغان بىلەن تور نامىنى ئوقۇغاندا ش، جې، ئا، سې سې دەپ ئوقۇمايدۇ بەلكى ئكىس، جې، ئەس دەپ ئوقۇلىدۇ. چۇنكى تور نامىغا ئىشلىتىۋاتقىنىمىز ئۇيغۇرچە ھەرىپ ئەمەس ئىنگىلىس تىلى ھەرپى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابلەت :

    ass بولسا academy of social scince نىڭ قىسقارتىلمىسى، ئالدىغا xinjiang قوشسا، شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى بولىدۇ، تور ئادرىسىدىكى xjass.com نى باشقىلار چوقۇم ass ياكى sex بىلەن باغلاپ چۈشۈنەمدۇ؟ شۇنداق چۈشەنسىمۇ كۆپۈنچىسى بەلكىم ئامىرىكىلىقلار شۇنداق چۈشىنەر، مېنىڭچە جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇنداق چۈشەنمەيدۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Apt :

    مەن ۇلارغا مۇشۇ بەتنىڭ ئادرېسىنى يوللاپ قويدۇم!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇيغۇر :

    مەنمۇ مۇشۇ بىر قىسىم ئىسىملارنى توردا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىگە ھاۋالە قىلىدىغان بولدۇم.
    بۇنىڭغا دىققەت قىلمىساق، تىل بىلىدىغانلارنىڭ يۇقارقىدەك تەھلىلىگە ئۇچراپ ئىزا تارتىپ قالىدىغان ئىش.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تۇران تېكىن :

    ئۆتكەندە مۇشۇ يازمىنى كۆرۈپ، ئەشۇ خەتنىڭ قانداق قىسقارتىپ يېزىلغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى بىر دوستۇمغا خەۋەر قىلغان ئىدىم. ئۇ دوستۇممۇ ئېنىق بىر جاۋاپقا ئىرىشەلمەپتۇ. مۈمكىن بولسا بۇ تۈگۈن يىشىلىپ كەتسە ئوبدان بۇلاتتى. مەن يەنە بىر ئالاقىلىشىپ باقاي. (بۇ زادى «شىنجاڭنىڭ قوڭى» مىدۇ؟)

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تەمىكىن :

    ،قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ بۇنداق مەنە بىلدۈرىشى ،ئىنتايىن نورمال ئىشقۇ،نىمىگە بۇنچۇۋال مازاق قىلىپ كەتتىڭلار~ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقارتىلما سۆز،ئۇنداق قۇشۇپ ئۇقۇلمىسا-يە، قانداقمۇ مەنا بىلدۈرسۇن،مەسىلەن« ش ئۇ ئا ر» دىگەننى سىلەرچە بولسا، «شۇئار»بۇلىدىكەندە

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    Jeck Reply:

    @تەمىكىن, ئۇيغۇرچىدە شۇئار دەپ ئوقۇمىغان بىلەن ئىنگىلىزچىدا شۇنداق ئوقۇيدۇ. توفىل(TOEFL)، لازىر (LASER) دىگەن سۆزلەرنىڭ ئەسلى گەپلىرىگە قاراپ بېقىپ ئاندىن بۇ گىپىڭىزنى دەڭ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • باھادىر :

    ئەسلىدىلا قارشى ئىلىنمايدىغان ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەنچىلىلىرىنىڭ يۈزىنى يەردىنمۇ تۆۋەن قىلغىنىنى ما خەقنىڭ!!!!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تورباجىن :

    مىنىڭچە ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلار بولمىسا كىرەك.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • 123 :

    ئىنگىلىسچە سۆز ass دىگەننىڭ مەنىسى قوڭ دىگەن گەپ بۇلىدۇ، xj دىگەننى ئادەتتە شىنجاڭنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپ شۇنداق ئىشلىتىمىز. شۇڭا xjass.com دىگەن تور نامى شىنجاڭنىڭ قۇڭى، شىنجاڭ قوڭلىرى، 新疆屁股网 دىگەن گەپ بۇلىدۇ.

    ھا ھا ھا نىمانداق قىزىق گەپ بۇ! ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ ساپتىمەن…………………..

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئەنئەنەبلوگى :

    راسلا قىززىق ئىش بوپتۇ! ئاكاددىمىيىدىكى كىشلەر ئەجەپ ئويلاشمايلا ئىش قىپتۇ دىسە؟ بىر پەن -تەتقىقات ئورنى بولغاندىكىن دىققەت قىلسا بولاتتى ئەسلى!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • يولۇچى :

    ئۈرۈمچىنىڭ ماشىنا نومۇرلىرى قىززىقتە:
    新ASS666

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۆتكۈر :

    ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئشكەن!جېك ئەپەندى سىزشۇنچە يىراقتا تۇرۇپ بۇنى بايقاپسىزئاپىرىن،يەنە قاخشىساق يەنە شۇ!پەقەت بۇلائەمەس،نۇرغۇن ئشلاردا ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىنى توغرا ئشلەتمەيۋاتىمىزياكى باشقا تىللارغا يۈزەكى تەرجىمە قىلىپ قۇيىۋاتىمىز.مەسلەن:دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسى،ئىسىم -فامىلە،تەشۋىقات دوسكىلاردانۇرغۇنلىغان خاتالىقلاربار،بۇنى تۈزىتىدىغان ئادەم يوق،بەزىبىرئېلان شىركەتلىرىدە ئۇيغۇريوق شارائىتتا تەشۋىقات ئىشلىرى ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ.بۇلغان تەغدىردىمۇخاتا بۇلىۋاتىدۇ.بۇنى مەن ئۆزبېشىمدىن ئۆتكۈزگەن.
    ئۆتكەن ئايدامەكتىۋىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى بارئوقۇغۇچىلارغا پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمىگە ئېلان شىركىتىگە لوزۇنكا بۇيرۇتقان ،ئۇيغۇرچە خەنزۇچە تەرجىمىسىنىمۇخاتا بۇلۇپ قالمۇسۇن دەپ ئۆزەم تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتكەن،مۇراسىغا يېرىم سائەت قالغاندا لوزىنكىنى بىرئوقۇتۇچىمىزماشىنا بىلەن ئەكەپتۇ،لوزىنكىنى ئېچىپ قارىسام خەنزۇچىسى نۇرمال،ئۇيغۇرچىسىنىڭ ئۈچ ھەرىپىنى قۇشۇپ ئۇلاپ يېزىۋىتىپتۇ،شۇچاغدا ۋاقىت ئازقالغاچقا ياندۇرۋەتكىلى بۇلماي شۇلوزىنكىنى ئامال يوق ئاستۇق ،شۇچاغدائىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى.كىيىن تېلىفۇن قىلىپ ئۇقسام ئۇشىركەتتە ئۇيغۇرچە بۈلىدىغان ئادەم يوقكەن،ئولارمەن يېزىپ بەرگەن خەتنىڭ شەكلىگە قاراپ ھەرىپلەرنى قوراشتۇرۇپ يىزىپتىكەن.بۇنداق مىساللارنۇرغۇن،تەكشۈرۈشنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن ئالتە-يەتتە مەكتەپ مۇدىرلىرى بىرلىشىپ تەشۋىقات تاختايلىرىنى بىرلا شىركەتكە بۇيرىتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تەكشۈرۈش (مۇتەخەسىسلىرى) تەكشۈرۈپ خاتا بۇلۇپ قاپتۇياكى مۇنداق يازغان بۇلساڭلاربۇپتىكەن دەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن ھەممە مەكتەپ قايتىدىن بۇيرۇتۇپ ياسىتىدۇ.ئەمەلىيەتتە مەكتەپ ئىچىدىكى تەشۋىقات تاختايلىرى ئىچىدىمۇخاتا خەت نۇرغۇن!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    ئۇيغۇرباي Reply:

    @ئۆتكۈر,
    ھىم ، توغرا دەيسىز .
    جوك ئەپەندىنىڭ پىكىرىنىمۇ قوللايمەن . يەنە نىمە سەۋەپتىن تور نامىنىڭ شۇنداق قۇيۇلۇپ قالغىنىنىمۇ بىلگىم كىلىۋاتىدۇ . دوسلىرىمىز يىراقتا تۇرۇپ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى بەزى ئىشلارنى بايقاۋېتىپتۇ . بىز ئەكسىچە ئاندا بولسا نىم بوپتۇ، ماندا بولسا نىم بوپتۇ ، كۈلگۈم كەلدى ، يىغلۇغۇم كەلدى … دەپ ئولتۇرساق كىيىن باشقىلارنىڭ مازاقلىرى ئاستىدا قالۇرمىزمىكىن دەپ ئويلايمەن ، دوستلۇرۇم .
    توۋا-ھە، ئۆزىمىز ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۆز ئانا تىلىمىزنى ،ئۆز ئاتا تىلىمىزنى( ھە ئاتا دەپمۇ قۇشۇپ قۇياي ) قوغدىيالمىساق،ئۇنى تۇلۇق چۈشىنەلمىسەك ، كىمدۇر بىرسى كىلىپ بىزگە قوغداپ بېرەمدۇ ؟!!! كىم قوغداپ بېرىدۇ ؟؟ … مەنچە بۇ جاھاندىكى ئەڭ چوڭ ھاماقەتلىك ۋە ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە . گەپلىرىمدە قىلچىمۇ مۇبالىغە يوق ، ئاز-تولا تەپەككۇر قىلسىڭىز بەلكىم ھېس قىلىپ يىتەلەرسىز .
    مەن قانداقتۇر مۇتەسسىپ كىشى ئەمەسمەن( بەزى دوسلىرىمىزنىڭ پىكرى بۇيىچە ‹ ئانا تىلىم › دەپ قالغانلار مۇتەسسىپ بۇلارمىش ). بىراق ، جاھان سەھنىسىدە يەنە بىرخىل گۈلنىڭ توزۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيمەن .
    خولاسە كالام ، ئانا تىلنىڭ پەرزەنتلىرىمىز . دۇنياۋى تىللار ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۆز قىممىتىنى تاپسۇن ، كىشىلەر مانا مۇشۇنداق بىر گۈزەل تىلنىڭ بارلىقىنى بىلسىكەن دىگەن ئۈمەدتىمەن . ئۇنى قوغداش ، گۈللەندۇرۇش ساۋاپ ئەمەس ، بەلكى مەجبۇرىيەت ! مەنچە بولسا بۇلار چۇش ئەمەس .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئوۋچى :

    Xinjiang Academy of Social Science=XJASS ئوخشايدۇ

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    mrjeck Reply:

    @ئوۋچى, ئىنگىلىسچىسى ئۇنداق ئەمەس ئىكەن لېكىن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..