بىز ئۈرۈمچىدە دوستلار يىغىلىشىنى ئاشخانا، رېستۇرانلاردا ئۆتكۈزىمىز، چىقىمنى بىر ئادەم كۆتۈرىدۇ. لېكىن ئامېرىكىدا ئوخشىمايدىكەن. بۇلار چوڭ بىر مۇراسىم بولۇپ كەتمىسە ئاساسەن سىرتلاردا يىغىلىش قىلمايدىكەن، ئاسەسەن بىر – بىرىنىڭ ئۆيىدە قىلىدىكەن، ساھىپخان كۆپرەك نەرسە تەييارلايدىكەن ، لېكىن باشقىلارمۇ ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ نەرسە – كېرەكلەرنى تەڭ ئېلىپ كېلىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئۆي ئىگىسىگە ھەممىنى تاشلاپ قويمايدىكەن. بەزىدە نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر ئادەم ئالىدىكەن، يىغىلىش ئاياغلاشقاندا بارلىق چىقىمنى تەڭ بۆلۈشىدىكەن. بىريىلنىڭ ياقى بىزنىڭ فاكولتىت كەم دىگەندە 6 قېتىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار يىغىلىشى قىلدى. بۇلارنىڭ بىرسى شەھەر مەركىزىدىكى بىر زالدا بۇلدى، بىرسى شەھەر
باشقا چىقىملار: كونا يىلنى ئۇزىتىش ئولتۇرۇشى (ياپونىيىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولتۇرۇش، 4 خادىمى بار شىركەتتىن تارتىپ چوڭ شىركەتلەرگىچە، ھەرخىل كۇلۇبلاردىن تارتىپ مەكتەپ، ئىدارە- ئورگانلارغىچە ھەممەيلەن يىل ئاخىرىدا يىغىلىپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بىر يىللىق ئىشلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە قىلىدۇ)، دوستلار بىلەن يىغىلىش، ھەرخىل تەبرىكلەش ئولتۇرۇشلىرى، يىغىن- يىغىلىشلارغا قاتنىشىش قاتارلىقلار ئۈچۈنمۇ ھەر قېتىمدا 4000- 1500 يېن ئەتراپىدا چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. (ياپونىيىدە ھەممەيلەن چىقىمنى بۆلۈشۈپ تۆلەيدۇ، ھەتتا بىرەيلەن سىزنى مېھمان قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆز چىقىمىڭىزنى ئۆزىڭىز تۆلىشىڭىز كېرەك، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.)
Cows & Countries: Politics Explained
A CHRISTIAN DEMOCRAT: You have two cows. You keep one and give one
to your neighbor.
A SOCIALIST: You have two cows. The government takes one and gives
it to your neighbor.
AN AMERICAN REPUBLICAN: You have two cows. Your neighbor has none. So what?
AN AMERICAN DEMOCRAT: You have two cows. Your neighbor has none.
You feel guilty for being successful. You vote people into office who
tax your cows, forcing you to sell one to raise money to pay the tax.
The
people you voted for then take the tax money and buy …
ئامرىكا غايىسى American Dream توغرىسىدا كىرىش سۆز مەن بۇ توغرۇلۇق بىر نەرسە يېزىشنى ئويلاپ كەلگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى،ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىپ باققانلارنىڭ كۆپ قىسمى كىنو ياكى تىكسىتلەردە ئازدۇر كۆپتۇر بۇ ئامرىكا قۇرۇقلۇقىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇنى ئۇچرىتىپ باققانغۇ دەيمەن.بۇ قېتىم مىنىڭ يازماقچى بولغىنىم ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىدىلوگىيىسى ۋە ئامرىكا ئىدىلوگىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولغان ئامرىكا غايىسىAmerican Dream نى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش.بۇ خىل ئىدىلوگىيە ئامرىكىنىڭ سىياسى ،ئىقتىسادى تۈزۈلمىلىرىنىڭ ھەممە قىسمىغا سىڭىپ كەتكەن.بۇ بىزنىڭ ئامرىكىنى تېخىمۇ ياخىشى چۈشىنىشىمىزگە چوڭ ياردىمى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەت ئامرىكىدىكى مۇتلەق كۆپ …
ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﭽﻰ، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ، ﭘﻪﻳﻼﺳﯘﭖ.ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﯩﺮ، ﺭﺍﺩﯨﻜﺎﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﻪﻙ ئۇزۇن ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﭘﯩﻠﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻨﯩﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﺩﺍ “ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﯕﻪﻙ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﺩﯛﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ تەجرىبىسىگە ئىگە دىسە“ بەك كاللامدىن ئۈتۈپ كەتمەيتتى. كىيىن بارغانسىرى تارىخ، سىياسى ئوقۇغانسىرى بۇ گەپنىڭ تىگىگە چۈشىنىۋاتىمەن. ئوزۇن يىل دۈلەت، ھاكىمىيەت باشقۇرغان مىللەت ياكى جەمەت دىسە باشقىچە قارايدىغان بولدۇم. بۇنداقلار باشقۇرۇش جەھەتتىكى كىچىك خاتالىقلارنى ئۆتكۈزسىمۇ چوڭ سىياسى قاراردا خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمەيدىكەن.
لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دىگەن بۇكىنونىڭ داۋرىڭى بۇلۇۋاتقىلى خېلى بۇلغان ئىدى، بۇ كىنونىڭ بىزدە كۆپراق داۋرىڭى بولۇشىدىكى سەۋەپ بۇكىنونىڭ بەك بىر ياخشى كىنو بولۇپ كەتكەنلىگى ئەمەس بەلكى بۇ كىنونىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىگى ئىدى. شۇڭا مەنمۇ مۇشۇنداق بىر كىنو ئىشلىنىدىكەن دىگەن ۋاقىتتىن تارتىپ بۇ كنو توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدىم. كىنومۇ ئىككى ئايلار بۇرۇن ئامرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە قويۇلدى، لېكىن مەن بار قىشلاققا ئەكەلمىگەچكە كۈرەلمىگەن ئىدىم. بۈگۈن كەچتە قارىسام بۇ كىنونى كىنوخانىدا قويۇلىدۇ دەپ ئىلان بىرىپتۇ، مەنمۇ دەرھال ياتاقدىشىمنى ئېلىپ، يەنە ئىككى ئۈچەيلەنگە تىز كىلىڭلار كىنو كۈرىمىز دەپ جامائەت يىغىپ، قارلىق كىچىنى ساياھەت قىلغاچ پىيادە …
توختىماي قار ياغقىلى بىر ھەپتە بۇلدى، تازىلانمىغان يەرلەردىكى قارلار بىلىمدىن ئاشقىلى تۇردى. ئۈيۈمنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتىكى قارمۇ تىزىمدىن ئېشىپتۇ. بۈگۈن ئەتىگەندە مەكتەپ قاتناشتىكى بىخەتەرلىكنى كۈزدە تۇتۇپ مەكتەپكە كەلمەسلىكنى ئۇختۇرۇپتۇ. ئەتىگەندە ئۇخلاپ ياتسام جىددى خەۋەر دەپ تېلفۇن، ئىلخەت سانغۇقۇم توشۇپ كىتىپتۇ. سۇغاقتا خوش يېقىپ بىر كۈن ئۆيدىن چىقماي يېتىپ ئاراپ ئاپتىمەن، دەنشىنىڭ قاناللىرىنى قالدۇرماي ئاختۇرۇپ چىقىپتىمەن، بۇنداق ئازادىچىلىك ھىس قىلىپ باقمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن. كەچتە ئولتۇرۇپ بىر قۇر ئامرىكىنىڭ كىلەر قېتىمقى پرىزدىنت سايلىمىنىڭ دىموكراتلار پارتىيسى ئىچىدىكى ئىككى كۈچلۈك نامزاتنىڭ تېلىۋىزىيە مۇنازىرىسىنى كۈرۈپتىمەن. ئامرىكنىڭ سىياسى رەھبەرلىرىنى "ئۇنى دىدى، بۇنى دىدى" دەپ دەنشىدە يا …
ئۇتكەندە بىز ئۇيغۇر ئالىمى شۈھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۈھبەت ئۈتكۈزۈپ ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە تەتقىقاتى توغرىسىدا بىر مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەنلىكىمىز توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق. ۋاقىت ئالدىراشچىلىقى ۋە تېخنىكا سەۋىيمىز قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ فىلىمنىڭ تولۇق نۇسخسىنى ئىشلەشتە سەل كەينىگە سۈرۈۋېتىپ قالدۇق. ھازىر بۇ فىلىمنىڭ كىرىشتۈرۈلىشى ئاساسەن پۈتتى. تورغا يوللاشتىكى چەكلىمە تۈپەيلىدىن تولۇق فىلىم جەمئى ئالتە ھۈججەتكە بۈلۈپ تەييارلاندى. بۈگۈندىن تارتىپ كۈندە بىر قىسىمدىن ئىلان قىلىمىز. ھازىر بىرىنچى قىسمىدىن ھوزۇرلانغايسىزلەر.
ئامرىكىغا كىلىشتە ئوقۇش ئۈچۈنلا كىلىش ھاجەت ئەمەس ئامرىكىغا كۈچمەن بۇلۇپ كىلىشتە تېخىمۇ شۇنداق،قايسى كۈنى بىر قصز بالا بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئامرىكىغا كىلىمەن دەپ ھازىرغىچە خەجلىگەن پۇلى نەچچە يۈز مىڭ كوي بولۇپ بوپتۇ، ئىككى قېتىم ئەلچىخانىدىن ۋىزا ئالالماي قايتۇرۋىتىپتۇ. بېيجىڭدا يەنە يول ئىزدەپ يۈرۈۋىتىپتۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئاتا ئانىسى بايلارنىڭ ئامرىكىغا قانۇنلۇق كۈچمەن بۇلۇپ بىۋاستە ئامرىكنىڭ يېشىل كارتىسىنى ئالىدىغان يەنە بىر تۈرى بار. ئۇ بۇلسىمۇ ئامرىكىغا مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن ئۇدۇللا يېشىل كارتا ئېلىش. بۇ ھازىرغىچە ئامرىكىدىن يېشىل كارتا ئېلىش تۈرلىرىنىڭ ئەڭ تىز بىجىرلىدىغىنى ئىكەن. شۇنداق بۇلغاندا خەجلىگەن پۇلى تېخىمۇ بىكار كەتمەيدۇ، …
ئۈتكەن يىلى ئىچكىردىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كۈزدە كاناداغا ئوقۇشقا كەلگەن ئابدۈشۈكۈر كانادادا ئوقۇش ئىشلىرى توغرىلىق بىر ماتىرىيال تەييارلاۋاتقان بۇلۇپ تۈۋەندىكىلەر شۇلارنىڭ بىر قىسمى. ئابدۈشۈكۈرنىڭ ۋاختىنى تىجەپ يەنە ئۆزىگە ئوخشاش يولدىكى بالىلار ئۈچۈن قىلغان بۇ ئەمگىكى يەنە باشقا بورۇن چەتئەلگە يىڭى چىققان باشقا دوستلارغىمۇ ئۆرنەك بۇلغۇسى. ھەممەيلەن كەينىدىكى ئىز باسارلار ئۈچۈن مەلۇم تەجرىبە يېزىپ تۇرساق باشقىلار ئەگرى يولنى ئاز باسىدۇ. ماتىرىيال ئىنگىلىس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ مەن شۇ پېتى چاپلاپ قويدۇم.
2007 -يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر
بىز بۇ قىسىمدا، خەلقئارادىكى ۋە جۇڭگۇدىكى ئوخشاش تۈردىكى باھالاش شەرتلىرى ۋە ئوسۇلىدىن پايدىلىنىپ،سىناق تەرەقىسىدە ئىقدارىمىزنىڭ يىتىشىچە شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىنى كۈزەتتۇق . باھالاش باسقۇچىدا ئىمكان قەدەر ئادىل بۇلىشىغا كۈچەپ جامائەت پىكىرىنى گەۋىلەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. نامزاتلىققا كىرگەنلەر ئاساسەن تېلىۋىزور، ئىنتېرنىتتا بىر قەدەر كۈپ كۈرۈلگەن ئاممىۋى شەخىسلەر قاتارىدىن نامزات تاللىدۇق، مۇشۇ يوللار بىلەن ئىرىشكەن ماتىريالنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ باھالاپ، ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان نامزاتنى بېكىتتوق. باھالىشىمىزنىڭ نەتىجىسى كوپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا ۋەكىلىك قلسىكەن دىگەن پىرىنسىپ نىشان قىلىندى، نىشانغا يېتەلىدۇقمۇ يۇق يەنىلا كەڭ جامائەتنىڭ ئېتراپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم …
2007 – يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر
ئالدى بىلەن ھۈزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى بولغىنىمىز 2007 – يىل شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى 10 چوڭ خەۋەر(ئىش)
2007 -يىل شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى 10 چوڭ خەۋەر(ئىش)
بىز بۇ تۈردە 2007 -يىلى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا بىر قەدەر مۇھىم دەپ قارالغان سىياسى، ئىجتىمائى، پەن-تېخنىكا، تەتقىقات، مەدىنيىەت، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم ئىش ۋە ۋەقەلەرنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە تىزىپ چىقتۇق.
1. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى
جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى 2007 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 -كۈنىدىن …
2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر
ھەر يىلى ئۆزى تۇرۇۋاتقان رايون ۋە ياشاۋاتقان خەلق توپى دائىرىسىدە ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلنى ئەسلەپ ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق باھالارنى بېرىپ ئۆتۈش يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەۋج ئالغان بىر خىل پائالىيەت. ئادەتتە بۇ ئىشنى جەمئىيەتتىكى تەسىرى بار نوپۇزلۇق مەتبۇئات، تور بېكىتى ، ژۇرنال دىگەندەك ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن بىزدە تېخىچە بىرەر قېتىممۇ ئېلىپ بېرىلىپ باقمىدى. شۇڭلاشقا بىز بۇ يىل ئاخىرىدا تۈرداشلار ۋە دوستلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئادەم جۇڭگو ۋە خەلقئارادىكى ئوخشاش شەكىلدىكى باھالاش، رەتكە تىزىش ئۆلچىمىگە تەقلىد قىلىپ، 2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قايتىدىن …
ئۇيغۇر قىزى نىگار nokia يانفونىنىڭ فوتو مودېلى بولدى
نىگار 1987-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىغا چىققاندا ئائىلىسى بويىچە شىۋېتسىيەگە كۆچۈپ بارغان. نىگار شىۋېتسىيەگە بېرىپ ئىككى يىل تىل تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغاندىن كېيىن، ستوكھولم شەھىرىگە جايلاشقان سۆدرا لاتىن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ(بۇ مەكتەپ بۇ يىل 6-ئايدىكى ئىستاتىستىكىدا شىۋېتسىيە بويىچە 1-دەرىجىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ باھالانغان) تەبىئىي پەن تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىق سىنىپىغا يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغان.
فوتو مودېللىقى، بولۇپمۇ خەلقئارا كاتتا كارخانىلارنىڭ ئېلان فوتو مودېللىقى ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن بىر يېڭى ساھە دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان نىگار بۇ يىل 8-ئايدا مەركىزى …
شۇنداق قىلىپ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ پورتلەند ئايرۇدۇرۇمىدا قۇربانجان بىلەن ئۇچراشتۇق. ئالدىن دىيشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئالدىمىزغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قىزغىنلىق بىلەن كۈرۈشتۇق. كۈرۈشكەندىن باشلاپ ئەتىسى چۈشتىن كىيىن بىز قايتقىچە گىپىمىز ئۈزۈلمىدى. كىچىدىمۇ نەچچە سائەتلا ئۇخلىدۇق، كۈرۈشۈپ ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“ دىيىشىپ ئىككى مىنۇت پاراڭلىشىپلا كۈپ ئەنسىرەشلىرىمىزنىڭئارتۇقچە بۇلغانلىغىنى ھىس قىلدۇق. ئالىم ئۇيغۇرچىنى ناھايتى ياخشى سۈزلەيدىكەن. ناھايتى قىزغىن ئىكەن. پىكرى ناھايتى ئۈتكۈر ئىكەن. گەپنى ناھايتى ئىخچام لېكىن مېغىزلىق قىلىدىكەن. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئالىمنىڭ قازاقىستاننىڭ
Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.