ئۇختۇرۇش

[24 ئاۋغۇست 2008][15 پارچە ئىنكاس بار][800 قېتىم كۆرۈلدى]
Blog يازغۇچىسى تەكلىپ قىلنىدۇ. Invitation to write Jeck Blog.

پېقىر بلوگ ئاچقاندىن بىرى كۈڭلۈمدە ئىلىم پەن توغرىلىق دائىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ تۇرسام دەپ ئويلاپ بىر نەچچىنى يازدىم، مەسىلەن نوبىل مۇكاپاتى،(1) (2) (3) ، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى توغرىلىق مۇھاكىمە (1) (2) قاتارلىق. لېكىن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دائىم يېزىپ بۇلالماي قالدىم. بلوگنى قايتا ئاچقاندىن كىيىن يەنە شۇلارنى داۋاملاشتۇراي دىسەممۇ ئۈزەم يالغۇز سىجىل داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك تۇرىمەن. شۇڭا مۇشۇ توغرىلىق ماتىرىيال قىلىپ يېزىپ بۇلالمىساقمۇ لېكىن بۇلۇۋاتقان ئەڭ يىڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بۇلسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزسەك دىگەن خىيال بىلەن شۇنى قىلالايدىغان بالىلار بولسا تەكلىپ قىلسام دىگەن ئۈمىتتىمەن. تەلەپ:1) ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىككى ھەپتىلەردە بىر قېتىم تىما يوللىيالايدىغان بۇلۇشى كىرەك.

ئويلانمىلار, كولتىگىن

[20 ئاۋغۇست 2008][4 پارچە ئىنكاس بار][822 قېتىم كۆرۈلدى]
«خەيىر خوش» مۇشەررەپكا! Good bye to Musharraf

مۇشەرەپ ھاكىمىيەت تارتىۋالغاندىن كىيىن،گەرچە پاكىستاننىڭ ئىقتسادىي تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولغان بىلەن،سىياسى سەھنىسى بىر كۈن تىنىچ بۇلۇپ باقمىدى.پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە ”خەلق پارتىيىسى“ بىلەن“ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى شىرىپ مەزھىپى“دىكى پارتىيە، تەشكىلاتلار ھاكىمىيەت سىرتىدا قالدۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ داھىيلىرى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان بولغاچقا،مۇشەررەپ رەھبەرلىك قىلغان پارتىيە، كۆپ قىسىم پاكىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۇرەلمىگەن ۋە پاكىستانغا تۇلۇق ۋەكىللىك قىلالمىغان . مۇشەررەپ ئىككى قېتىملىق پېرىزدىنىت سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ پېرىزدىنىت بولغان بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن بولغاچقا شۇنداقلا ھەر قېتىم

كولتىگىن

[13 ئاۋغۇست 2008][8 پارچە ئىنكاس بار][707 قېتىم كۆرۈلدى]
گرۇزىيە ۋە روسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلامدۇ؟

جەنۇبى ئوسىدى بولسا گروزىيىنىڭ بىر ئاپتونوم ئوبلاستى بۇلۇپ،نوپۇسى 200مىڭغا بارمايدۇ،ئاساسلىقى ئوسىدى،گروزىن ۋە روس قاتارلىق مىللەتتىن تەركىپ تاپقان.ئۇ سىۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن،جەنۇبى ئوسىدى رايۇنى ھۆكىمىتى گېروزىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان بولسىمۇ،گرۇزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئېغىر توقۇنۇش پەيدا بولغان ئىدى.بۇ توقۇنۇشقا روسىيە قول تىققاشقا گروزىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توقۇنۇش ئاخىرىدا روسىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالغان .-1992يىلى روسىيە،گرۇزىيە ۋە جەنۇبى ئوسىدى ئۈچ تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ،جەنۇبى ئوسىدى رايونىدا بىرلەشمە تىنچلىق ساقلاش قىسىمى تۇرغۇزۇپ شۇ ۋاقىتتىكى توقۇنۇشنى

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر

[8 ئاۋغۇست 2008][8 پارچە ئىنكاس بار][653 قېتىم كۆرۈلدى]
شەپقەتچىمىز ئىخلاس شىركىتىگە تەكلىپ

ئەمدى گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەم كەچلىك تاماق يەپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن تور «ماتىلاپ» ئولتۇرۇپ ئىخلاس شىركىتى توغرىلىق ئىككى خەۋەرگە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى ( خەۋەرنىڭ ئادىرىسى تۈۋەن تەرەپتە بىرىلدى) . خەۋەردە دىيلىشىچە ئىخلاس شىركىتى خوتەندە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇپ 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىدا لىنتا كىسش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت رەھبەرلىرى بېرىپ تەبرىكلەپتۇ. ئىتايىن خوش بولدۇم. يەنە قارىسام قەشقەردىمۇ بىرمەكتەپ قۇرۇپتۇ، ئۇ مەكتەپمۇ ئىش باشلاپتۇ. دىمەك بىرلا ۋاقىتتا ئككى مەكتەپ قۇرۇپتۇ ( يەنە باشقا يەردىمۇ قۇرغاندۇ بەلكىم، ئۇخماي قالغاندىمەن). ناھايتى خوش بولدۇم. مائارىپقا ياردەم قىلغانلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساخاۋەتچىلىك. خوتەندەك نامرات رايوندا بىر مەكتەپ ئارتۇق قۇرۇلسا

ئىنگلىس تىلى, پارچە-پۇرات گەپلەر

[7 ئاۋغۇست 2008][5 پارچە ئىنكاس بار][793 قېتىم كۆرۈلدى]
ئولىمپىك لوزۇنكىلىرى توغرا يېزىلسۇن

ئولىمپىكنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بېيجىڭغا ئاغدۇرۇلدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 10مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار جۇڭگۇغا بارىدىكەن ( بەلكىم بېرىپ بولدى).چەتئەلنىڭ مۇخبىرلىرى ئەزەلدىن ھەممە نەرسىدىن دىققەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇخبىرلار بېجىڭدىكى ۋىسىكا، تاختا، چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىتىلگەن ئىنگلىسچە سۈزلەرنىڭ خاتا، جايىغا بارمىغان يىرىگىمۇ دىققەت قىپتۇ. سەل خاتا، بەك جايىغا بارمىسىمۇ مەيلى. بولۇپمۇ خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغاندا شۇ پېتى تەرجىمە قىلسا دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بىرىلگەن رەسىمگە قاراڭ. ئۇ رەسىم بېيجىڭدىكى بىرەر رىستۇراننىڭ ئولىمپىكنى قوللاش ئۈچۈن چىقارغان لوزۇنكىسى ئوخشايدۇ. لېكىن ئىنگىلىسىچىسى تەرجىمىسى بەكلا خاتا

ئۇختۇرۇش

[6 ئاۋغۇست 2008][70 پارچە ئىنكاس بار][3,531 قېتىم كۆرۈلدى]
Jeck تور خاتىرىسىدىن ياردەم سوراش، ئىشلىتىش ۋە Jeck بىلەن ئالاقىلىشىش

1. تور خاتىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىرىلمىسە باشقا تورلارغا كۈچۈرۈپ چاپلىسا بۇلىدۇ. لېكىن چوقۇم مەنبەسى ۋە يازغۇچىسى ئەسكەرتىلىشى كىرەك. ئەگەر ئالاھىدە چەكلىمىلەر بولۇپ قالسا ( مەسىلەن مەلۇم ۋاقىتقىچە كۈچۈرۈپ چاپلىماسلىق ياكى رەسىملەرنى تارقاتماسلىق دىگەندەك) شۇ تىمىنىڭ ئاخىرىغا يېزىلغان بۇلىدۇ. تورداشلارنىڭ چوقۇم تور ئەخلاقى بويىچە رىئايە قىلىشنى سورايمەن. 2. تور خاتىرە كۈندە يىڭىلانمايدۇ، شۇڭا ۋاختىڭلارنى تىجەش ئۈچۈن كۈندە كىرىپ يۈرمىسەڭلارمۇ بۇلىدۇ، نورمال ھالەتتە ھەپتىدە بىر يىڭى تىما قوشۇلىدۇ.3. يىڭى بلوگنىڭ ئايرىم بلوگقا سۈز قالدۇرىدىغان يىرى يوقكەن. سۈزلەر ھەممىسى ئىنكاس سۈپىتىدە تىما ئاخىرىدا يېزىلىدىكەن. ئادەتتە بۇ بلوگدا ئىنكاس يازىدىغانلار كۆپ بۇلغاچ

ئۇختۇرۇش

[6 ئاۋغۇست 2008][8 پارچە ئىنكاس بار][891 قېتىم كۆرۈلدى]
تورداشلاردىن كىچىككىنە ياردەم سورايمەن.

. ئۇندىن باشقا يەنە سىلەر بايقىغان قانداق يىتەرسىزلىكلىرى بار ھىس قىلغاندا خەۋەر قىلىپ قويساڭلار.
4. بۇرۇنقى بىلوگ تاقىلىپ قالغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى، ئەڭ مۇھىمى يىڭى بلوگ ئادىرسىنى جىق دوستلار بىلمەيدۇ، چ چ، ئىلخەت، ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق يىڭى ئادىرىسنى بۇرۇنقى جېك تور خاتىرىسىنىڭ دوستلىرى بولسا ئەۋەتىپ بىرىپ ئۇختۇرۇپ قويساڭلار. يەنە باشقا چوڭ مۇنبەرلەرگە تىزىملاتقان دوستلار قىسقىلا بىر « Jeck تور خاتىرىسى» قايتا ئېچىلىپتۇ دىگەن ماۋزۇ بىلەن تىما يېزىپ مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىپ قويساڭلار، ئۇخماي قالغانلار بىلسە. بولۇپمۇ دىيارىم، شەبنەم، سەلكىن لەردە ئىلان قىلىپ قويساڭلار.

ئۇختۇرۇش

[6 ئاۋغۇست 2008][13 پارچە ئىنكاس بار][1,268 قېتىم كۆرۈلدى]
Jeck تور خاتىرىسى رەسمى ئېچىۋىتىلدى.

ەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدىڭ شىنجاڭ لىنىيسى تورى (Uighur.cn) بلوگ مۇلازىمىتىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇلازىمىتىنى نەچچە ئايلار بۇرۇن ئالدىن ئۇختۇرۇش بەرمەي تۇيۇقسىز توختىتىپ قويغانلىقتىن تور خاتىرىمۇ توختاپ قالغان ئىدى. قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق تور خاتىرىسىنى بۇ يەرگە يۈتكىدۇق. ئەسلى تور خاتىرىسدە 120 دىن ئارتۇق تىما يېزىلىپ ، ئىنكاسلار 1500 دىن ئارتۇق بولۇپ زىيارەت قېتىم سانى 440 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 1000-2000 ئەتراپىدا ئىدى. تور خاتىرىسىنى يىڭى يەرگە ئىچىش ئاسان بولسىمۇ، تىمىلارنى يۈتكەپ كىلىش ئاسان بولسىمۇ لېكىن ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى يۈتكەپ كىلىشكە ئىمكانىيەت بولمىدى. ئەسلى بۇ ئىنكاسلار بلوگنىڭ بەكمۇ مۇھىم بىر قىسىمى ئىدى، شۇ ئىنكاسلار بولغاچقىلا

ئىلھام

[29 ئىيۇل 2008][12 پارچە ئىنكاس بار][956 قېتىم كۆرۈلدى]
唐骏在大连理工的幽默演讲

我在洛杉矶开了一家第一移民律师事务所,我是计算机博士出身,对法律一点都不明白,光是有关的法律书就有一米这么高。我注意到别家事务所都是按小时收费, 有时移民采用打电话的方式,一个小时都问不明白,但钱却搭进去了,让人感觉移民咨询像个无底洞,不知到得花多少钱才能办成。我就采用和别家事务所不一样的 商业模式:我是按案例收费,如工作卡转签证收 1000美金,签证转绿卡600美金等,还有最重要的一句:不成功不收费,成功了再收费。这样就在洛杉矶一炮打响

جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر

[3 ئىيۇن 2008][39 پارچە ئىنكاس بار][2,555 قېتىم كۆرۈلدى]
لەغمەن سېغىنمىغان جېك The Jeck Who Didn’t Miss Leghmen

بۈگۈن بىرسى لەغمەن سېغىنىپ كەتتىڭمۇ دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ لەغمەننى ئويلاپ قالدىم. بىر قارىسام سېغىنغاندەك، يەنە بىر قارىسام سېغىنمىغاندەك. يۈرىكىمنى ئۇبدان سىلاپ باقساق سېغىنماپتىمەن.
مىنىڭ بىر غەلىتە مىجەزىم بار. بىر نەرسىدىن يېنىپ قالمايمەن، ئۈچ بولۇپ قالمايمەن، چۇنكى ھازىرغىچە مەن ئۆچ بولۇپ قالغان نەرسىلەر بەك ئاز. لېكىن
ئوخشاش بىر نەرسە بەك كۈپ تەكرار بولۇپ كەتسە زىرىكىپ قالىمەن، ھەممە نەرسىدىن شۇنداق.  شۇڭا مەكتەپكە بارساممۇ بۈگۈن بىر يولدىن بارسام ئەتىسى باشقا بىر يولدىن بارىمەن . بۈگۈن كۈتۈپخانىدا ئۈگۈنۇش قىلسام، ئەتىسى ئىشخانامدا، يەنە بىر كۈنى ئۆيدە ئۈگىنىش قىلىمەن. ئامرىكىغا كەلگەن نەچچە يىلنىڭ ياقى ۋەتەننىڭ ھەممە …

ئويلانمىلار

[22 ماي 2008][33 پارچە ئىنكاس بار][2,768 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىلىق نەزىرىدىكى ئۇيغۇر تويلىرى  : Weddings in  Uyghur Style on An American's Eye

ئۈتكەن ھەپتە مەن بىر ئۇيغۇرچە توي مۇراسىمىغا قاتناشتىم. توغرا، ھىچ بولمىغاندا توينىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كىيىنكى يېرىمىغا تولۇق قاتناشتىم. كۈرەلەيسىز، ئۇيغۇر تويلىرى تولۇق ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ، كۈندۈزدە ۋە ئاخشامدىمۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.ھازىرسىز غەرىپتىكى تويلارنى كۈز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەن بۇلسىڭىز ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ناھايتى قىزىقارلىق، بەكلا باشقىچە،ھاھا.

مەسىلەن، سىز غەرىپتە توي تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالسىڭىز ئۇنى كەم دىگەندە بىر ياكى بىر ئاي بۇرۇن تاپشۇرۋالىسىز. لېكىن مەن بۇ توينىڭ باغىقىنى توينىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى تاپشۇرۋالدىم، شۇنداقلا باشقىلار ئۈز قۇلى بىلەن بەردى تېخى.

ئۇختۇرۇش

[9 ماي 2008][12 پارچە ئىنكاس بار][683 قېتىم كۆرۈلدى]

 

 
7-8 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى ئىنگىلىس تىلىغا قىززىقىدىغان بىرنەچچە يىقىن دوستلار English club دەپ بىر ئىشتىن سىرتقى دوستلار كۇلۇبى قىلايلى دەپ خىيال قىلىپ ئانچە مۇنچە ئادەممۇ يىغىلغان. ئۇنىڭ تور بېتىنىمۇ ئۈزەم ئىشلىگەن. ( ئۇ چاغلاردا شۇ ۋاقىتنىڭ سەۋىيسىدە تور بەت ئىشلەشنى ئانچە مۇنچە بىلەتتىم) .  ھەم مۇشۇ بانىدا تۇنۇشۇپ قالغان  دوستلار بىلەن ھازىرمۇ ناھايتى يىقىن دوست. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۈپچىلىكى ھازىر چەتئەلدە .مەقسىتىمىز ئىنگىلىس تىلىغا قىززىقىدىغان دوستلار ئۈز ئارا تۇنۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئىنگىلىسچە تور بەت ئارقىلىق بىر يەرگە يىغىلىش، شۇ ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچىدىكى چەتئەللىكلەر بىلەن دوست بۇلۇش، ئۇيغۇرلار ئۈزىمىز تۈزگەن تور بەت ئارقىلىق ئانچە مۇنچە ئۇيغۇرلار …

ئىنگلىس تىلى

[8 ماي 2008][بىر ئىنكاس بار][1,172 قېتىم كۆرۈلدى]

بۈگۈن كىشى ئىسنملىرى توغرىلىق مۇنۇ سىتاتسكىنى كۈرۈپ قېلىپ قىززىقىپ قېلىپ كۈچۈرۈپ قويدۇم. ئىنگىلىزچە ئۈگىنىۋاتقانلارغا پايدىسى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
1. ئامرىكىدىكى ئەڭ كۈپ ئىشلىتىلگەن ئالدىنقى 100 كىشى ئىسىملىرى
Smith Johnson Williams Brown Jones Miller Davis Garcia Rodriguez Wilson Martinez Anderson Taylor Thomas Hernandez Moore Martin Jackson Thompson White Lopez  Lee Gonzalez Harris Clark Lewis Robinson Walker Perez Hall Young Allen Sanchez Wright King Scott Green Baker Adams Nelson Hill Ramirez Campbell Mitchell Roberts Carter Phillips Evans Turner Torres Parker Collins Edwards Stewart Flores Morris Nguyen Murphy Rivera Cook Rogers Morgan Peterson …

رەسىم

[17 ئاپرېل 2008][8 پارچە ئىنكاس بار][1,007 قېتىم كۆرۈلدى]

 

مەن سىئاتىلدىن ماشىنىدا 5 سائەتلىك يىراقتىكى بىر كىچىك ئۇنۋېرسىتىت شەھەرچىسىدە تۇرىمەن. لېكىن بۇ شەھەرنى ھېچكىم تۇنۇمايدۇ. مەن تۇرۇۋاتقان شىتاتنى ولسا ۋاشىنگتون شىتاتى دەيدۇ. لېكىن بۇ ۋاشنگتون ئادەتتە بىز جۇڭگۇدا دەپ كۈنگەن ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەمەس. ئامرىكىدا چوڭ كىچىك بولۇپ نۇرغۇنلىغان ۋاشنگتون بار، چوڭ جەھەتتە بىرسى ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى. بۇ جۇڭگۇنىڭ خەرىتىسىدە بېيجىڭنىڭ ئورنىغا توغرا كىلىدۇ. يەنە بىرى مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىگتون شىتاتى. بۇ جۇڭگۇنىڭ خەرىتىسىدا شىنجاڭنىڭ ئورنىغا توغرا كىلىدۇ. يەنى مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىڭگتون شىتاتى ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىگتون شەھىرىدىن 5000 كىلومىتىر يىراقلىقتا. شۇڭا ئامرىكىدا بۇ ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى يالغۇز …