باشبەت » جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر

خوتەنچە گەپلەر: كەم بۇلا Hotan Dialect: Too Less

6 ماي 2009 1,581 قېتىم كۆرۈلدى 15 ئىنكاس


بۇ تىمىنى شەبنەمدە كۆرۈپ بەك قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى. خوتەنچە گەپلەر سۈزلىگەندە باشقىچە تۇيۇلمىغان بىلەن يازغاندا قىززىق تۇيۇلىدىكەن. ئوقۇۋاتقاندا خۇددى ئۈزەمنى شۇ بازاردا كۆرۇپ تۇرغاندەك ھىس قىلدىم. شۇڭا بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم.

كــام بـــۇلا …( ھەقىقى خوتەن شىۋىسى )
(قوي بازىرىدىكى دىئالوگ )
ئاپتورى : مۇھەممەتئىمىن قۇربان

___ ساتاملا بۇ تازنى ؟
___ ساتىتمە دەپ ئەكىيدىم .
___ ئېتىنى قويسىلا ئەمىسى .
___ مال تونۇيالىيتكەنلا ، مىنى دىگۈزمەي ، ئۆزلىرى چاغلاپ …
___ ئىگىسى سىلىمۇ يا ؟
___ بۇ يانچاقنى مەن تۇتقاندىكىن ، ئىگىسى مەنتىمە .
___ دىسىلە ئەمىسى نەچچە پۇلغا بىرىتلا ؟
___ ئۆزلىرىنىڭ نەچچە پۇلغا ئاغىلىرى باكى ؟
___ ھە ، نەخ گەپنى دىسىلە .
___ باشقىلىغا دىگەننى سىلىگە دىسەم بومايتۇ ، ئۈچ يۈز ئەللىك كوي بەسىلە ئەمىسى .
___ ۋۇيجۇن ، مۇشۇ كىچىك باقىنى غۇنىجىننىڭ نەقىدە ساتاملا قالىسلا ؟
___ قاغىنىغا سىلىمۇ بىي نىمە دىمەملا ؟
___ ماندا ئاسماندا ئاتسىلا ئالاممىغىدەيمە .
___ رىسقى با خىيدا ئاتۇ .
___ باشقىدىن دىسىلە نەقىنى .
___ ھا – ماقۇل ، ھاجى سۈپەت ئەدەمكەنلا ،ئون كوينى تاشلىۋاتاي ، ئۈچ يۈز قىرىقنى بەسىلە ئەمىسى .
___ كام سوسام بەمىيتلا ، ئىككى يۈز كوي بىرىييا ؟
___ …
___ گەپ قىغۇلىرى كەمىي ئىڭغا قالاپ تۇرتلىيا ، بەك كام سوغان چېغىمبا .
___ مۇت بەسىلە دىمىي پۇلغا ئالاي دىللە ھەنىم بولسا .
___ بەسىلە بۇتتى .
___ پاقلان ئالدىلىردا تۇرتۇ ، مالغا قالاپ بىينىمە دىسىلە كام سوماي .
___ چىشىنى كۆمەپتىمە تېخى
___ كۆسىلە – كۆمىسىلە ئەممە تېخى .
___ ئەمىسى سىلىنى ئەممەي ئانىسىنى ئىمىپتىۋىلا ، بەدىم دىسىلە .
___ كام بۇلا
___ ھە بولاپتۇ ، ئەممىلىكىگە بەش كوي قاتتىم .ئەمدىغۇ بوغانتۇ .
___گەپ بەش كويدا بۇلا بوسا ئابايا بىرىۋىتىتتىم .
___ يىيىشى كام ئەمەستۇ – ھە ؟
___ يىمەس مالنىڭ قۇسقى ماندا تومپىيامتا . < خوتۇنۇڭ يىيىشلىك بوسا ئۇدى خۇدا ، مېلىڭ يىيىشلىك بوسا بەدى خۇدا > دىگەن گەپ با . بىي كالىنىڭ ئىشتىيى با بۇ پاقلاندا . ھە مۇشۇندا ھەممە يىرىنى كۆرەپ تۇتۇپ باققانلىرى ئابدان بولدى . بۇندا بىجىرىم مالنى باقسىلا ئەجرىلىرى يانىتۇ .
___ بايىقى دىگنىمگە ماقۇل دىسىلە ، سىلىدىن خوشۋۇلاي .
___ ماڭا يالۋۇرمىسىلىمۇ بۇتۇ ، مال ئونۇمايتۇ .
___ ھە ، بۇلاپتۇ ، يىيىشلىك بوغىنىغا بەش كوي قاتتىم .
___ كام بۇلا
___ كېمى يوق ئىككى يۈز ئون كوي دىدىميا ؟
___ كام بۇلا
___ بەگىلىرى كەمىدى ھاما .
___ مىنىڭ بەگىم كەلدى ، سىلىنىڭ ئاغىلىرى كەمىدى .
___ ماڭ قالىسلا ، يۈزلىرىگە قالىسام كۆز – قانى خېلى توق ئادەمكەنلا ، بەسىلە ما تازنى .
___ كام بۇلا
___ كېمىنى خۇدايىم بىرە .
___ …
___ بۇلاپتۇ ، سىلە چىدىمىسىلا مەن چىداي ، پۈتۈنلىۋىتىييا ، بولدىما ؟
___ ئىككى يۈز يىگىمىما ؟
___ ئىككى يۈز ئومبەش ، ما پۇلنى سانىسلا .
___ خېلىۋەك كام تېخى .
___ مالنىڭ نەقىگە يەتكىننى بىلەممىللە .
___ بازانى مەن قىيمەت قىپ بۇلاممايتمە ، سىلە ئەزان قىپ بۇلاممايتلا ، بازا نەقىدە ئاسلا .
___ بۇلاپتۇ ،قىيمەت ئېپسەن دەپ ئاچچىقلايتقان ئانام ، دادام يوق ، يەنە قاتاي بەش كوي ، ئاچسىلا ئالقانلىرىنى .
___ كام بۇلا
___ شەيتاننى ھەيدىۋېتىپ سانىسلا ما پۇلنى .
___ كام بۇلا
___ قانچىلىك كام ، دىسىلە ئەمىسى .
___ ئۆزلىرى بىلەلا .
___ ھەي بەندە ، ئەدەمنىڭ كېمى ئۆلگەندە تۈگىيتۇ .
___ ئۇغۇ شۇ .
___ بەدىم دىسىلە تاش چىشلەپ تۇرۇۋاماي ئەمدى .
___ مىنى قىستىمىسىلا ، ئۆيىمىزگە چىققان بوسىلىغۇ بۇنچىلىك بىينىمىنى پۇل ئالماي ئالدىلىرغا سېپ بىرتمە ، بازاغا ئەكىپ قېپتىمە ئەمدى .
___ مۇشۇ ئۇز گەپلىرىگە چىدىماي يەنە بەش كوي قاتتىم . ماۋۇ قالاپ تۇغانلار ئاڭلاپ قالدى ، گىپىمدىن يېنىۋامايتمە .
___ بەسىلە ئەمدى .(يېنىدا تۇرغان باشقا بىرسى سۆزلەيدۇ
___ بىرەمتىمە ، بەمەمتىمە ئۆزەم بىلىتمە ، دالتەك بوماي يولىڭىزغا مېڭىۋىرىڭە سىز .
___ خاپومىسلا ، خاپومىسلا ، سالاچى بومىسا سودا قىماق تەس . ئىبايا مەنما يەنە قوشسىلا دىگەن سالاچىلارغا ئاچچىقلاپ قامىدىم . سىلە بەدىم دىگەندە ، مەن ئالدىم دىگەندە بۇتۇ سودا دىگەن . يەنە كامما ؟
___ بەمىگەن يىرىم با .
___ نەچچە پۇلغا بەمەپلە ؟
___ ئىككى يۈز يەتمىشكە .
___ بازا دىگەندە ئاشۇندا ئالا چىپا ئەدەملە با ، ئامايتقان ھالىغا قالىماي ئاسماندا گەپ قىتۇ . بىرىي دىسە ئۆيدىن پۇل ئەكىلىي ، بىيكىمگە بىرىۋەتمىسلە دەپ قوياپ يوقاپ كىتىتۇ . ئاشۇندا ئاشۇندا ئالا – چىپادىن بىيسى ئۇچۇرۇپتۇ سىلنى .
___ ئۇچۇرمىغان ، چىن – پىششىغ تالاشقان .
___ ئەمىسى ئاشۇنىڭغا بەگۈلۈككەن .
___ بۇ پاقلاننى ئـــاتمە دەپ جېق لەۋزى قىللا ، لەۋزىلىرىگە رازى بوسىلا ماقىما .
___ لەۋزىمنى ئامىللا ئەينا .
___ لەۋزىلىرىنى مىڭ كويغا ئاساممۇ قىيمەت ئەمەس ، شۇندا بوسىمۇ ….
___ بەسىلە بومامتا ئەمىسى.
___ خاپومىسلا ، بازادا خى

يدا يالغۇر سىلى ئەمەس .
___ مال ساتقىلى كىيگەنلىمۇ يالغۇز سىلى ئەمەسكەن ئەينا .
___ نەچچە پۇلغا چىقلىكى ؟
___ ئىككى يۈز يىگىمبەشكە چىقتىم ، ماۋۇ پۇلنى سانىۋېلىپ ئەكەسلە بۇ يانچاقنى ماڭا بەسلە .
___ خاپوماي بازانى چۆگىلەپ كەسلە ، مەنمۇ بىيدەم بازانى دەڭسەپ باقاي . بەگىدەك يىرى بوسا ھېلى كەگەنلىرىدە بىرەمە .
___ ئەمىسى ساتقىلى ئالدىرمىسلا .
___ ئابدان

شۇنداق قىپ بۇ ئەدەم قۇزىىسىنى ساتاممىغان چېغىۋا. لېكىن سودا قىلىش جەريانى بەك مۇرەككەپكەن. مەن بۇندا بازاغا باسام ھېرىپ ئۈلەپ قاغىدەيمە.

15 ئىنكاس بار »

  • Eltekin :

    قانداقمۇ يىزىپ بولغاندۇ؟ نەق مەيداندا خاتىرلىگەنمىدۇ؟بۇنى بىر بولسا يا قويچى يازدى يا بولمىسا خېرىدار يازدى چۇقۇم ھى ھا ھى ھا ھا

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • يولۇچى :

    بۇ يىل يازدا مەنمۇ خوتەنگە بارغانىدىم ، شۇ ۋاقىتلار ئېسىمگە كىپ قالدى …

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇيغۇربەگ :

    خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىچىك ياركىنىسى بولغان بۇ دىئالوگلار يۇرتۇمنى ھەجەپ سېغىندۇردى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • turk_islam :

    سودا بۇلا مۇشۇ خوتەنلىكتەك بولا ئالامەت تاشتەك خەخكەن بۇ ؟؟
    لېكىن ئۇزۇممۇ خوتەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر مىللەت دىسە ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • abdusalamjan :

    ئەپەندىم مىنى ئىزدىسىڭىز بولاپتىكەن سىزگە ئىيتىدىغاب گەپ بار ئىدى.
    مىنىڭ توربىتىم http://www.konaostang.com/bbs/
    چ چ :2862140

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Arghu :

    خوتەن شېۋىسى ھەقىقەتەن ئادەمنى جەلپ قىتۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • سەۋەس :

    ئۆيگە كەتكەندەك بۇلاپ قالدىم . بىزنىڭ خوتەننىڭ گىپى ھېچچەنىڭكىگە ئوخشىمايتكەن

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مەتتوختى :

    جېك ئاخۇن ئاكا ، ئالدىراشچىلىقتا رەسىم ئادېرىسىنى خاتا يوللاپ قويۇپتىمەن، خا پوماڭ ماقما! ھاھاھا
    يېڭىسى:
    http://www.flickr.com/photos/tags/hotan
    بۇ رەسىملەر نەچچە كۈن كۆرۈشىڭىزگە يېتپ ئاشىدۇ، يۇرتنى سېغىنغاندا كۆرەرسىز، قانداق قىلارمىز ھەي يېقىندا بولغان بولسىڭىز گۆشگىردە بىلەن ماتاڭ ئەۋەتىپ بېرەتتىم، قۇرۇق بولسىمۇ بۇ سۈرەتلەرنى ئەۋەتتىم، پىسا قاتلىمىسى بىلەن شاكىلات يىگەچ كۆرەرسىز، گۆشگىردە بىلەن ماتاڭ بولمىغاندىكىن ،

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مەتتوختى :

    مەنمۇ ھىيلاڭ مۇشۇ شىۋىدە سۆزلىيتمە ، ھازىر رادىئو تېلىۋىزىيە، نەشىرىياتلارنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن بۇڭ شىۋىنى قوللىنىتقانلا ، بىقۇز ئاز قالدى ، لېكىن مەدەنىيەت ھەرقانچە تەرەققى قىلىپ كەتسىمۇ خوتەن شىۋىسى ھۆددەس يوقالمايتۇ
    http://www.flickr.com/photos/uninvolvedobserver/tags/hotan/

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • alamdar :

    ئەسسالام ياخشىمۇ سىز جىك ئەپەندى مەن يىڭى بلوگ قۇرغۇچى پايدىلىنىش قىممىتى بار تىمىلارنى تىخىمۇ كۇپرەك يوللاپ تۇرۇڭ ! سىز نى قىتىۋالدىم مىنىمۇ قىتىۋىلىڭ ھە

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • uiguria :

    يۇرتنى سېغىنىپتۇقتە؟؟؟؟ھەقىچان ئوقىۋېتىپ كۆزلىرىڭىزگە ياش كەپكەتكەندۇ . ئالامەت بىر تىل جۇمۇ بۇ ئۇيغۇرتىلى دېگەن……….

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مۇئەللىم :

    ھەقىقەتەن شىۋىسى ئېغىر كىشىىلەرنىڭ سۆزىكەن بۇ ، بولمىسا ھازىرغۇ بۇنداق شىۋىلەر بارغانسىرى سۇسلىشىۋاتىدۇ ، خۇددى مىللى ئەنئەنىمىز سۇسلاپ كەتكەندەك …….

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • PengiYar :

    مۇشۇنداق گەپلەرنى نىيەدە پەقەت قىلمايدۇ دېسە، خوتەننىڭ ھەممە ناھىيىسىدە قىلىپ نىيەدە بۇنداق ئېغىر ئەمەس مۇشۇ خوتەن شىۋىسى، ساپ ماۋۇ نىيە خوتەننىڭ ئەمەستەك.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • نۇرتاش :

    يازمىنى كۆرۈپ، ئىنكاس قايتۇرماي چىقىپ كەتسىلە كەم بۇلا.

    جىك ، كۈندە بولالمىسىمۇ، ھەپتىدە بىر تىما يازمىساق كەم بۇلا.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • TAWLAN :

    ماۋۇ دىئالوگلارنى كۆرۈپ خۇددى شۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاڭلىغاندەك بولدۇم . توۋۋا ، بىزنىڭ بۇ (بولۇپمۇ خوتەننىڭ ) يەرلىك شىۋىلەرنىڭ ئاجايىپ جەلپ قىلىش كۈچى بار جۇمۇ .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..