Jeck ھەقلىق تەمىنلەيدىغان چەتكە چىقىش مۇلازىمەتلىرى
مەن بۇرۇن بۇ تىمىدا دەپ ئۆتكەندەك، مەن بۇرۇندىن قىلىپ كەلگەن مەسلەھەت بىرىش، يول كۆرسىتىش ئىشلىرىدىن باشقا يەنە باشقىلار مەندىن مەلۇم ئىشلارنى قىلغۇزۇشنى خالىسا پېقىر ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇ ئىلان مەن مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە كۆچكە ئىگە. قىلىدىغان ئىشلار ئىھتىياجقا قاراپ بۇلىدۇ. ھىچكىمنى ئالدىمايمەن ۋە مۇلازىمەت ھەققى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈردىكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىن تۈۋەن بۇلىدۇ. مىنىڭ ئامرىكىدا ۋە دۈلەت ئىچىدە ھىچقانداق ئورۇن ۋە شەخىس بىلەن مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە باغلىنىشىم ياكى ھەمكارلىقىم يوق. پەقەت ماڭا ھاۋالە قىلغۇچى شەخىسكىلا بىۋاستە مۇلازىمەت قىلىمەن.
مۇلازىمەت تۈرلىرى:
1. ئامرىكىدا تىل مەكتەپتە ئوقۇش
ئامرىكىدا ئىنگىلىس تىلى تەربىيەلەش مەكتەپلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ھەممە شىتاتلاردا ئاساسەن بار، شۇنداقلا ھازىر بۇ ئارقىلىق ۋىزا ئىلىپ كەلمەكمۇ ئۇنچە تەس ئەمەس. ئادەتتىكى كۇرس خاراكتىرلىق مەكتەپلەرمۇ بار، مەخسۇسلاشقان تىل تەربىيەلەش مەكتەپلىرىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى چوڭ ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ تارمىقىدىكى مۇنتىزىم تىل مەكتىۋىمۇ بار. چەتئەلدىن كىلىپ ئوقۇغانلار كەم دىگەندە ھەپتىسىگە 20 سائەتتىن ئارتۇق دەرىس ئوقۇشى كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئوقۇغۇچى ۋىزىسى ئېلىپ ئامرىكىغا كەلسە بۇلىدۇ. ئوقۇش ۋاقتى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بولسا ۋىزا ئېلىشتا كۆپ توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ. ئوقۇش پۇلى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سۈپىتى، مەكتەپنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېچىلغانلىغى، مەكتەپنىڭ قايسى ئورۇنغا جايلاشقانلىغى دىگەندەك ئامىللارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. ئەرزان بولغاندا خەنزۇلار ئاچقان تىل مەكتەپلىرى بۇلىدۇ، ئوقۇش پۇلى ئايلىقى 500 دوللار ئەتراپىدا، لېكىن ئوقۇتقۇچىمۇ خەنزۇ بۇلۇشى مۇمكىن. بۇلار ئامرىكىغا كىلىۋىلىشنى مەقسەت قىلغانلارغا ماس كىلىدۇ. ئۇنۋېرسىتىتلار قارمىقىدىكى تىل مەكتەپلەر بىر قەدەر مۇنتىزىم، ئوقۇتقۇچىلىرى ياخشى، كىرگەندىن كىيىن پۈتۈن ئۇنۋېرسىتىتنىڭ مەنبەلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ، ئوقۇش پۇلى ئايلىقى 1000-1200 دوللار ئەتراپىدا. يەنە ياخشى يىرى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا شۇ مەكتەپنىڭ تىل سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن TOEFL دىگەندەك ئىمتاھانلارنى بەرمەي شۇمەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ ( مەسىلەن، مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ). بۇ ئامرىكىدا تولۇق كۇرس ئوقۇشنى مەقسەت قىلغانلارغا ماس كىلىدۇ. ئاسپرانتلىق ئوقۇيدىغانلار بولسا گەرچە TOEFL نى تەلەپ قىلمىسىمۇ GRE نى يەنەتەلەپ قىلىدۇ. ئىنگلىس تىلىنى ھىچنىمە بىلمەيدىغانلار بىر يىل ئوقۇسا مەكتەپكە كىرىپ راۋان دەرىس ئوقۇش سەۋىيەسىگە يىتىدۇ. تۇرمۇش پۇلى ئادەتتە چوڭ شەھەردىكى مەكتەپلەر بولسا ئايلىقىغا 1200 دوللار ئەتراپىدا،كىچىك يەرلەردىكى مەكتەپلەر بولسا 800 دوللار ئەتراپىدا كىتىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى 18 ياشتىن يۇقىرى بۇلۇشى كىرەك.
ئالتە ئاي ئوقۇش بويىچە ھىساپ قىلغاندا كىتىدېغان چىقىملار: ئوقۇش پۇلى 6000 دوللار ئەتراپىدا، تۇرمۇش پۇلى 6000 دوللار ئەتراپىدا، باشقا چىقىملار 2 مىڭ دوللار ئەتراپىدا، جەمئى 14 مىڭ دوللار. بۇلار ئەھۋالغا قاراپ ئازراق جىق بۇلۇشى ياكى كەم بۇلۇشى مۇمكىن.
مۇلازىمەت ھەققى: 500-800 دوللار.
قىلىپ بىرىدىغان ئىشلار:
1) ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى بىلىپ شۇنىڭ ماس كىلىدىغان ئۇچۇر ئىزدەش
2) تاپقان ئۇچۇرغا ئاساسەن كىڭىشىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن تىل مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش.
3) نەتىجە چىققاندا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ۋىزا ماتىرىياللىرىنى تەييارلىشىغا يول كۆرسىتىپ تەييارلىشىپ بىرىش
4) ئامرىكىغا كىلىش سەپىرىنى پىلانلاش.
5) باشقا زۈرۈش ئىشلار
بۇندىن باشقا بارلىق چىقىملىرىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى كۆتىرىدۇ.
كتىدىغان ۋاقىت: 1-3 ئاي.
2. ئامرىكىدا سودا، باشقۇرۇش، تېخنىكا، بوغالتېرلىق كەسىپلىرىدە ئوقۇش
بۇ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا ماس كىلىدۇ. TOEFL, GRE, GMAT بولمىسىمۇ بۇلىدۇ. ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى بولمايدۇ، مەكتەپنىڭ ئۆزىمۇ بەك داڭلىق مەكتەپلەر ئەمەس. TOEFL نەتىجىسى بولمىسا ئاۋال مەكتەپكە كىلىپ نەچچە ئاي تىل مەكتەپتە ئوقۇپ ئاندىن كەسىپ ئوقۇسا بۇلىدۇ. ئوقۇش پۇلى يىلىغا 10-20 مىڭ دوللار ئەتراپىدا،بولۇپ مەكتەپلەر ئارا ئوخشاش ئەمەس. تۇرمۇش پۇلى ئايلىقىغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 1000-1200 دوللار ئەتراپىدا كىتىشى مۇمكىن ئوقۇش ۋاختى بىر يىرىم يىلدىن -ئىككى يىلغىچە.
مۇلازىمەت ھەققى: 3000 دوللار ئەتراپىدا.
قىلىپ بىرىدىغان ئىشلار مەكتەپ ئىزدەپ ئىلتىماس قىلىشتىن تارتىپ ۋىزىغا كىرگۈچە ھەممە ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە يېزىلىدۇ. دىيىشكەن ۋاقىتتا تەلەپكە ئاساسەن توختامغا تەپسىلى يېزىلىدۇ.
3. ئامرىكىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇش:
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرگە ماس كىلىدۇ، ئاۋال ئامرىكىغا تىل مەكتەپكە كىلىپ تىل ئۈگىنىپ ئاندىن ئەھۋالغا ئاساسەن مەكتەپ ئىلتىماس قىلسىمۇ بۇلىدۇ. ياكى بىۋاستە مەكتەپكە كىلىپ ئاندىن شۇ يەردە ئاۋال تىل ئوقۇپ ئاندىن كەسىپكە چۈشسىمۇ بۇلىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ ئوقۇش يىللىق ئوقۇش پۇللىرى 10مىڭ دوللاردىن تارتىپ 30مىڭ دوللارغىچە ئوخشىمايدۇ. قانداق مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيالىشى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇش نەتىجىسى ۋە ئىپادىسى دىگەندەك ئەھۋاللارغا باغلىق.
مۇلازىمەت ھەققى: 3000مىڭ دوللار ئەتراپىدا.
4. ئامرىكىدا ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش:
بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلغۇچى تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن بۇلۇشى كىرەك ۋە 14 ياشتىن چوڭ بۇلۇشى كىرەك. بالىسىنى ئامرىكىدا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتۇشنى خالايدىغان بايلارغا ماس كىلىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ يىللىق خىراجىتى ( ئوقۇش، تاماق، ياتاق) 30 نەچچە مىڭ دوللاردىن باشلىنىدۇ.
مۇلازىمەت ھەققى: يۈز تۇرانە كىلىششىش.
5. ئامرىكىغا باشقا سەۋەپلەر بىلەن كىلىش. بۇلار ئەمەلى ئىھتىياجغا ئاساسەن بۇلىدۇ، مەسىلەن تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يازلىق لاگىر پالىيەتلىرى تېپىپ بىرىش، سودا ۋە تەكشۈرۈشكە كىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بىرىش، قاتنىشىدىغان يىغىن تېپىپ تېپىپ بىرىش، ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇش دىگەندەك.
6. ئامرىكىدىن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىش. بۇلار ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ھەممە مۇلازىمەتنىڭ تۇلۇق كاپالىتى بۇلىدۇ، تىل مەكتەپكە ئوقۇشتىن باشقىغا ئاۋال مۇلازىمەت ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ئالدىن تاپشۇرغاندىن كىيىن قالغىنىنى ئىش پۈتكەندە تاپشۇرىدۇ. ھەممە مۇلازىمەتنى ئاۋال تەپسىلى ديىشىپ، توختام تۈزۈشۈپ ئاندىن پۇل تاپشۇرىدۇ. پۇل تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مەن ئىشلەشنى باشلايمەن. ئەگەر دىيىشكەن ئىشلارنى قىلالمىسام پۇلنى ياندۇرۇپ بىرىمەن. ئەگەر ئىشىنەلمىسە ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىم ياكى دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشۇپ شۇلار ئارقىلىپ ئېلىپ بارسىمۇ بۇلىدۇ.
يۇقارقى مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر ئىقتىسادى بولغان، قانداق قىلىشنى ئۇخمايدىغان ياكى ئۇقسىمۇ ئالدىراش بولغاچقا بۇلارغا ۋاقىت چىقىرىشنى خالىمايدىغانلارغا ماس كىلىدۇ. ئىقتىسادى قىيىنچىلىغى بارلار ئۆزلىرى توردىن ئۇچۇر ئىزدەپ شۇلارغا ئاساسەن بىجىرىپ ماڭسا ھەممىنى ئۈزى پۈتۈنلەي قىلىپ كىتەلەيدۇ.
ئالاقە قىلىش: jeck217@gmail.com
بۇ تىما ئۇزۇن مەزگىل بۇ يەردە ئايرىم بەت قىلىپ ساقلىنىدۇ
ياخشىمۇ سىز جېك!
مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوتتۇرىچە نومۇرۇم 70-75 ئەتراپىدا، مەن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتقىلى 6يىل بولدى. ئەگەر توفېل ئىمتىھانىدا يۇقرى نومۇر ئالسام ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ مېنىڭ كەسپىم خىمىيە.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Reply:
ئىيۇن 6th, 2011 at 18:15
@ئىرادە, ئەگەر باشقا يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات ماقالىڭىز بولمىسا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىش مۇمكىنچىلىگى يوق دىيەرلىككەن، .ئەگەر ئالاقە قىلىپ ئىزدەپ يۈرۈپ تاپالىسڭىز تەلىيىڭىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مېنىڭ بۇ تور بەت تەمىنلىگەن تەپسىلىي ئەھۋاللارنى بەكلا بىلگۈم بار ئىدى. ئەما توربەتنى ئاچسام يېزىق نورمال ئەمەس. خەتلەرنى ئىنىق ئوقىيالمىدىم. تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاپرېل 11th, 2011 at 04:20
@گۈلبانۇم,
باشقا تور كۆرگۈدە ئېچىپ بېقىڭا.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يېڭى يىل مۇبارەك بولسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام جېك بۇرادەر، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن. مەن ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش شەكلى بىلەن ۋەتەندە تۇلۇق كۇرس ئۇقىغان، بۇ دىپلوم بىلەن ئامىرىكىدا ئوقۇشقا بولامدۇ ، سىزگە تەشەككۈرلەر يار بولغاي
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
يانۋار 2nd, 2011 at 03:29
@ئەركىن چۇش,
بۇلىدۇ، ئىتراپ قىلىدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز قېرىندىشىم، مەسلەھەت ئالىدىغانلارغا سىزنى تونۇشتۇرۇپ قويسام بولغىدەك. ئېلانىڭىزنى بىرنى چىكىۋەتتىم ئەمسە.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پۇل بولسھ ئاۋۇ تېل مەكتەپلىرىگە ۋېزا تەستىقلىتىپ ئويناپ كەلسە بولامدۇ نېمە؟!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن چەتئەلگە 5خېل ئۇسۇل ئارقلېك باراي دېگەن.مەن ئۇكمايمەن شۇڭا باشقا قانداق ئۇسۇل باردۇ؟چچ نۇمرېم623502092يۇزتۇرانا پاراڭ لېشايلې…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
623502092 مەنبېلەن ئالاكېلشڭ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel