Articles Archive for ماي 2011
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا
ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدىكى ئوقۇشۇم ھاياتنىڭ قىممتىدىن گۇمانلىنىش، ياشاش ئىقتىدارىمدىن خودۈكسىرەش، بېيجىدا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق مەكتەپ موھىتى، دۆڭكۆۋرۈكتىكى يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىچارە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇ بىچارىلەرنىڭ بوۋلىرى قالدۇرغان كونا كىتاب ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن تېپىندىلارنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرۈش بەدىلىگە گالىستۇك تاقاپ يۈرۈشكەن ئىلىمدارلار ئۈمىتلىرىمنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرەتتى. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن ياش ئوقۇتقۇچىمىز ئارقىلىق ئامېرىكلىق ئەرەب ئالىم ئېدۋارد سەئىد( 1935-2003 ) نىڭ ئىددىيىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرپ ئالىملىرى بەرپا قىلغان شەرقشۇناسلىق غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىك …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
2. ئىزدىنىش سەپىرى
ئامېرىكىدا ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ باشلىغان ئېنگىلىزچەم بىر مەزگىللىك قىزغىنلىقتىن كېيىن توختاپ قالدى. ماڭا تىل ئۆگىنىش تولىمۇ تەس كېلىۋاتاتتى. ئېنگىلىزچە بىر سۆز ئۆگەنسەم كاللامدا شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار بايرام قىلاتتى. تىل ئۆگىنىش ئادەتتە قۇرۇق يادىلاش ۋە دوراش جەريانى بولغاچقا مېنىڭ ئويچان تەبئىتىم بىلەن ھىچ سىغىشالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدەك يات شەھەردە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان « سەن كىم؟»،«ئۇيغۇر قانداق خەلق ئىدى، بۈگۈنى قانداق، ئەتىسىچۇ؟، ئۇيغۇرنىڭ توپراقلىرى قايەردە ئېدى، قايەردە بولار؟» دېگەندەك يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سۇئاللار، مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز قىزىقىشلار مېنى كىتابلار ۋە تەگسىز خياللارغا غەرق …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
1. خاتىرەمدىكى ئامېرىكا
-“ئەزگۈچى جاھانگىر“دىن ”ئەشەددىي دۈشمەن“ گىچە
ساۋادىم يېڭى چىققان چاغلاردا گېزىتلەردىن ”ئامېرىكا بىر قەغەز يولۋاس“ دېگەن قۇرلارنى ئۇقۇغۇنۇم ھېلىمۇ ئېسىمدە. بەلكىم ”قەغەز يولۋاس“ دېگەن ئوخشىتىش ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتكەچ ئۇنۇتالمىغاندىمەن. ئەمما ئۇ چاغدا گېزىتلەرنى ساۋادىم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشنىلەلمەي ئىچىم پۇشاتتى. چۈنكى يېزىق پىنيىگە تەقلىد قىلىنغان ”ئۇيغۇرچە“ بولسىمۇ، گەپلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خەنسۇچە بولغاچقا مەنىنى پەقەت ئۇققىلى بولمايتتى. (98-يىلى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىمدا دېھقانلارغا مۇقۇملۇق تەربىيەسى ئۈچۈن بىر ھەپتە گېزىت ئۇقۇپ بەرگەنتىم، ئاغزىمدىن كۆپۈك قاينىتىپ شۇنچە ئوقۇساممۇ بىچارە دىھقانلار ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدىكى گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەپتۇ. …
Headline, ئىنگلىس تىلى, جەميەتكە نەزەر, خەۋەر »

بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى گۇگۇلنىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن بىر نەرسە ئىزدىسەم xjass دەيدىغان بىر ئۇلىنىشتىن بىر قانچىسىنى چىقىرىپ بەردى، تور بەتنى ئېچىشتىن بۇرۇن بۇ ئۇلىنىشنى كۆرۈپلا قانداق قويۇۋالغان ماز تور ئادىرسىدۇ بۇ دەپ ئويلاپ كىرىپ قارىسام ئۇ تور بەت شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورگان تور بېتى «شىنجاڭ پەلسەپە -ئىجتىمائى پەنلەر تور بىكىتى» ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم. شۇنداقلا شۇنچە چوڭ، ھەر خىل تىلىنى بىلىدىغان تەتقىقاتچىلىرى بار تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئۆز تور بېتىنى ass دەپ ئاتىۋالغىنى بەكمۇ كۈلكىلىلىك تويۇلدى. مەن شۇنچە ئويلاپمۇ بۇ ئاكادىمىيەنىڭ تور نامىنى نىمە ئۈچۈن ass بىلەن باغلىۋالغىنىنى چۈشىنەلمىدىم. بۇ تور بەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى مەيلى ئۇيغۇرچە، مەيلى خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىسچە يازسۇن ھېچقايسىىدا باش سۈزلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى ass كە يىقىن كەلمەيدىكەن. مەسىلەن، ئۇلار تورىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى «شىنجاڭ پەلسەپە -ئىجتىمائى پەنلەر تور بىكىتى» دەپ يېزىپتۇ، بۇلارنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قىسقارتساق xjpip ياكى xjpiptb بۇلىدۇ؛ خەنزۇچىسىنى 新疆哲学社会科学网 دەپ ئاپتۇ، بۇلارنىڭ باش ھەرپىنى قىسقارتىپ باقساقمۇ xjass يىقىن كەلمەيدۇ. ئىنگىلىسىچىسىنى
توردىن تەمەچلەر »
توردىكى يېپىق ئىسىم
تۇردى لېتىپ
ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش
كورىيە ئېىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشىش دەرىجىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت. ئۆتكەن يىلى فېرالدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كورىيەدە 6 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ تورغا كىرىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 73%پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. ئىنتېرنېت تورى كورىيەلىكلەرنى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش، پۇل مۇئامىلە، كۆڭۈل ئېچىش ۋە زامانىۋىي ئالاقە ۋاستىسى قاتارلىق تەرەپلەردىن نۇرغۇن قولايلىقلارنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە، كورىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كورىيە جەمىئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى كۈنسېرى ئېشىپ بارغان. ئىنتېرنېت تورىنىڭ ساغلام ۋە بىخەتەر تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاممىنىڭ مەخپىيىتى، نام-ئاتاق ئابرويى ۋە …
توردىن تەمەچلەر »
بىر نەرسە يازسام…
تۇردى لېتىپ
جاھاندىكى ھەقىقەتلەر مەن بولغاچقا يارىتىلغان ئەمەس، مەن پەقەت ئەزەلدىنلا بار ھەقىقەتلەرنى بايقاپ كەلگەنمەن.
- تۇردى لېتىپ
يېقىندىن بۇيان بىر نەرسە يازسام «مەن» نى قوشقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەرقانچە ئۇلۇغۋار ئىشلار بولغان تەغدىردىمۇ، ئۇلارنى مېنىڭ يازغانلىقىم تۈپەيلى، ماڭا تەئەللۇق بولۇپ قالسا بولمايدىغاندەك تۇيۇلدى، ئامال بار، مەن ئۇنداق ياكى مەن بۇنداق، دەپ ئۆزەمنىڭ تارىخىنى ياكى كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمنى قوشۇشنى راۋا كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدىم.
تولىمۇ ئۇيۇشقاق كېلىدىغان ياپونىيە كارخانىلىرىدا ئەزەلدىنلا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مەلۇم بىر شەخسنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولدى دەپ قارالمايتتى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولغاچقىلا شۇنداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى دەپ قارالغاچقا، ئاسانلىقچە مەلۇم بىر …
توردىن تەمەچلەر »
كەلگۈسى قولىمىزدا
تۇردى لېتىپ
مەكتەپتە ھازىرمۇ ئوقۇغۇچىلارغا بۇرۇنقىدەك ئىنسانىيەت تارىخى ئىپتىدائىي جەمئىيەت، قۇللۇق جەمئىيەت ۋە فيۇداللىق جەمئىيەت قاتارلىقلار بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ دەپ ئۆگىتىپ يۈرەمدىغاندۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا بۇنداق دېيىشنىڭ زامانى ئۆتكەندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئەينى چاغدىكى ئۇنداق ئايرىش ئىجتىمائىي سىنىپلارنىڭ دەرىجىسى ۋە ئۆزئارا توقۇنۇشىغا قارىتا بېرىلگەن باھادىن كېلىپ چىققان. ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق تەرەققىيات جەريانىنى مەيلى دۆلەت تىرىتورىيىسىدىن بولامدۇ ياكى ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ئىقتىسادىي ئالاقە جەھەتلەردىن بولسۇن، ھازىر يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوشۇپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ھازىرچە بولسا، ئىنسانىيەت تارىخىنى يېزا ئىگىلىك- دېھقانچىلىق جەمئىيەت، سانائەتلىشىش جەمئىيىتى ۋە ئۇچۇرلىشىش جەمئىيىتى دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى بويىچە …
توردىن تەمەچلەر »
ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا
تۇردى لېتىپ
بىر نەرسە يېزىش، گەرچە ئەقلىي جەھەتتە ئادەمنى تولىمۇ چارچىتىدىغان ئەمگەك بولسىمۇ، لېكىن، دېھقاننىڭ كەتمەن چاپقىنىدىن كۆپ يېنىك بولسا كېرەك. ئەقىل، ئىشلەتكەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، تەن، ئىشلەتكەنسېرى خورايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىر نەرسە يازىدىغانلار دېھقاندىن كۆپ بەختلىك. بەلىكم دېھقانمۇ بالام مەندەك جاپالىق كۈنگە قالمىسۇن، دەپ ئويلاپ ئۆمۈر بويى يېمەي-ئىچمەي، يىققان تەرگىنى، ئۆي باقى- چارۋا مېلىنى سېتىپ يۈرۈپ پەرزەنتىنى ئوقۇتقان بولغىيتى. بالام بىزدەك بىلىمسىز، ئوقۇشسىز قالغانلارنىڭ دەردىگە دەۋا بولىدىغان ئادەم بولسۇن، دەپ ئوقۇتقان بولغىيتتى. دېھقاننىڭ كاللىسىدىمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك ھايات پەلسەپەلىرى بولغان، شۇلارنى ئىپادىلەشكە تىل، رەتلەشكە ئەقىل ئاجىزلىق قىلىپ پەرزەنتىدىن زور …
توردىن تەمەچلەر »
كەم-كۈتسىز ئادەم
تۇردى لېتىپ
دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇپ كېتىشى ناتايىن، لېكىن ئىشلىگەن خىزمىتىنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇشى تامامەن مۇمكىن. كەم-كۈتسىز مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان ئادەم ئۆزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ھېچقانداق قۇسۇرسىز دەپ تەرىپلىنىشىنى ئەمەس، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئىزدىشى كېرەك.
ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇشى ناتايىن، پەقەت ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كەم-كۈتسىز ئەمگەك نەتىجىلىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭلىق بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوبرازىلا مۇكەممەللىكتە ۋايىغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا باشقىلار بىراۋنى بېشىغا ئېلىپ تەرىپلىگەنسېرى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇشىنى شۇنچە ئىزدىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە كەم-كۈتسىز خىزمەت تامامەن مۇمكىن، پەقەت ھەر ئىشقا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئوخشىمىغان قاراشتىكى تەنقىتلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە …
توردىن تەمەچلەر »
سەۋەبىنى سورىماڭ
تۇردى لېتىپ
جاھاندا سەۋەپسىز ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ، لېكىن ھەممىلا ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى بىلىشكە ئىنتىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە شۇ ئىش يۈر بەرگەنلىكتىن كېلىپ چىققان نەتىجىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن ياخشى. بۇ خۇددى كىچىك بالىنىڭ «قۇياش نېمە دەپ غەرپتىن چىقماي شەرقتىن چىقىدۇ؟ نېمە دەپ كەچ بولغاندا قارڭغۇ چۈشىدۇ؟» دېگەندەك ساددا سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزدىگەندەك ئىش. يېتىلگەن ئادەمنىڭ بۇنچىلىك ئىشلارغا ئەقلىنى خورىتىپ يۈرىشى ئەخمىقانىلىك.
ھەر قانداق ئىشتا پەقەت ئەقىلگە ئۇيغۇن، ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق بولسىلا قول سېلىپ باشلاپ كېرەككى، باشلىنىش قىلىشقا سەۋەپ ئىزدەپ، ساقلاپ تۇرۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ھەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى مەلۇم …
توردىن تەمەچلەر »
كىتاپ ئوقۇش
پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ!
تۇردى لېتىپ
يېقىندىن بۇيان مەزكۈر توردا، كىتاپ ئوقۇش توغرىسىدا گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ قالدى. بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. كىتاپ ئوقۇش ئادەمنى تىنچلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئادەم تىنچلانغاندىلا كىتاپ ئوقىيالايدۇ. مېنىڭ كۆپرەك ۋاقتىم كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۆتىدۇ. كىتاپ بولامدۇ، گېزىت ژۇرنارللاردىن بىر قۇچاق ھەر دائىم ئۈستىلىمگە دۆۋىلەگلىك. كۈندىلىك گېزىتنى بىر قېتىم ۋاراقلاپ چىقمىسام، خۇددى بىر ۋاق تاماقنى ئاز يېگىندەك بىر نېمېم كەمدەك بىلىنىدۇ. گەرچە، كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈشكە تېگىشلىك نەرسىلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا ماڭا كىتاپ ۋاراقلاپ قويۇشقا ۋاقىت چىقىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىپ نورمال ھالغا كېلىشى ۋە ياكى بىرەر تور …
توردىن تەمەچلەر »
قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك
تۇردى لېتىپ
ئىچكىرى ئۆلكىدىكى چاغلىرىمدا، ئادىل مىجىت ۋە ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك ئىتوتچىلىرىمىزنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىتوتلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، خەنزۇچە ئىتوتلارنى خېلى ھوزۇر قىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. چاغانلىق كېچىلىكتە «جاۋبېنشەن» قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ھاسا سېتىش» دەيدىغان بىر ئىتوتى كۆز ئالدىمدا غىل پال كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ، كاللامدا بىر خىل تەپەككۈرنىڭ يېڭىچە ئۈندۈرمىسىنى باشلىغان ئىدى.
نېمە دەپ شۇنداق بىر ساپ-ساق ئادەم، باشقا بىرسىنىڭ ئازدۇرىشى، كولدۇرلىتىشى بىلەن ھاسىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ يەردە زادى نېمە دېيىلمەكچى؟ بۇ بىر خىل خۇراپىلىققا قىلىنغان ئېغىر مەسخىرە، نادانلىقتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش- ئازدۇرۇش، قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىسى.
ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش …
توردىن تەمەچلەر »
مېنىڭ كەسپىم
تۇردى لېتىپ
كۆپ ھاللاردا باشقىلارغا ئۆزەمنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرمىكىم ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇڭىمۇ بىرەر قېتىم سورۇندا ئولتۇرۇپ باقمىغان تونۇشلار بىلەن تازا چۈشىنىشىپ بولالمايدىغان مەن، دائىم ئۆزەمنى نېمە دەپ تونۇشتۇرۇش توغرىلىق ئويلىنىپ قالىمەن. تولا باشقىلار تازا چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى دەپ قارشى تەرەپنى گاڭگىرىتىپ قويغاندىن كۆرە، ھەممە بىلىدىغان كونا سۆزلەر بىلەن ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. بەزىدە شۇنداق دېگىممۇ كېلىدۇ؛
يېڭى زاماندىكى «ئالالمىغانغا ئېلىشىپ بېرىپ، ساتالمىغانغا سېتىشىپ بېرىپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى تەڭگە…..» بەلكىم ئۇنداق دېسەم مېنى «ئۇلاق بازىرىدىكى بېدىك»مىكى دەپ قېلىشى مۇمكىن. سودا توغرىلىق گەپلەرنى كۆپرەك قىلسام كېرەك، بەزى يېڭى تونۇشلار يانفونىغا مېنى «سودىگەر …
Headline, ئۇنىۋېرسال, خەۋەر, چەتئەلگە چىقىش »

ياپونىيە ئەزەلدىنلا پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ئەل، ياپونىيە زىمىنى ياكى ياپون مىللىتى تىلغا ئېلىنسا، تەبىئىيلا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، تېخنىكىسى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شۇنداق بىر «تەمتۇزى كۈچلۈك» مىللەت ئوبرازى نامايان بولىدۇ.
مەيلى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە قارشى ئېلىنىشىدىن بولسۇن ياكى ماشىنىسازلىق جەھەتتە ياپونىيە ئاپتوموبىللىرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە يېتىپ بارالىشىدا بولسۇن، ياپونىيە خەلقىنىڭ تىرىشچان، ئىجتىھات بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ۋە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەس مۆجىزىلەرنى يارىتالىشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپلا، ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى قەۋمنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا سازاۋەر بولغان. ياپونىيەلىكلەرنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشچانلىقى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ يۇز ئابرويىنى قوغداشىتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلى، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداشىتىكى تۇغما خاراكتېرى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتپەرۋەر كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ. يېقىنقى ئون نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە، ياپونىيە يەنە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلىنىپ قالدى. بىر ياقتىن ئوقۇپ، بىر ياقتىن خىزمەت قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى، پەقەت تىرىشىش ئىرادىسى بولسىلا ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ بولىدىغانلىقى نۇرغۇنلىغان ياش ئىزدەنگۈچىلەردە ياپون تىلى ئۆگىنىپ، ياپونىيەگە بېرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ، دۆلتىمىز ياشلىرى ئۈچۈن
توردىن تەمەچلەر »
رىقابەتتىن ھەمكارلىق ئەلا
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن
تۇردى لېتىپ
ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھەممىلا ئىشنىڭ قىممىتى بازار ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغان، ھەممىلا كىشىنىڭ تاپاۋىتى بازاردىكى ئۇتۇقلىرى ئارقىلىق دەلىللەشتۈرۈلىدىغان مۇشۇ كۈنلەردە، مەيلى شىركەت-كارخانىلار بولامدۇ ياكى شەخسىلەر، ھەممىلا يەردە پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن «سەندىن مەن قالارمەنمۇ» دەيدىغان ۋەسۋەسىلىك ھالەت ھۆكۈم سۈرگىلى خېلى يىللار بولۇپ قالدى.
بىر مەھەل ھۆكۈم سۈرگەن «رىقابەت بولمىسا تەرەققىيات بولماس» دەيدىغان سەپسەتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەممىلا كىشى ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ھېچكىمنىڭ گېپىنى كار قىلمايدىغان، «ئاغزىدا كۈلكە چاقچاق، قوينىغا پالتا پىچاق» لىق ھالەت دەۋر سۈردى. كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى كۆيۈنۈش، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىش، بىرلىكتە ئىلگىرىلەشتەك …